مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 483 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : شەيتان ئازدۇرغان ئايال

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1225دانە
ئۆسۈش: 6.13%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1225
  ياخشى باھا: 242 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2096 سوم
  تۆھپىسى: 193 كىشى
  ياخشى باھا: 261 نۇمۇر
  ۋاقتى: 842(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-07-24

0

 شەيتان ئازدۇرغان ئايال



شەيتان ئازدۇرغان ئايال



راستىمنى ئېيتسام ، ئېرىم بىلەن ئۆي تۇتۇۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئىشنى يۇشۇرماي ، ئىككى بالام ۋە كىچىككىنە ئائىلەم ئۈچۈن ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتىمەن . ئېرىمنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ۋە باللىرىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشتىن باشقا قۇلىمىزدا قالدىغىنى چاغلىقلا بىر نەرسە .
بىر ئائىلىنىڭ ئايال خوجايىنى دەپ ئاتالغىنىم بىلەن بازار- ئۇچارلارغا ، توي- تۈكۈنلەرگە كىيىپ بارغۇدەك كىيمىمنىڭمۇ تاينى يوق .
بىچارە بۇلۇپ سولتىيىپ تۇرغان قۇلاق ، بۇيۇن  ،  قول بارماقلىرىمدا باشقا قېز -ئاياللارنىكىدەك نەپىس زىننەت بۇيۇملىرىممۇ يوق .  ئەمما تۇرمۇشۇم ئىنتايىن خاتىرجەم شۇغىنىسى ، ئۆز ۋاقتىدا مېنى قوغلۇشۇپ يۈرۈپ دېگۈدەك ئارلىشىپ ئۈتىدىغان دوسلىرىمنىڭ پالانچى خوجايىن ، پوستانچى ھاجىملار بىلەن توي قىلىپ ، بۇيۇن قۇلاقلىرىغا قوش - قوشلاپ زىببۇ زىننەتلەرنى ئېسىپ داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەكلەر ئىچىدە ئاياللىق سۆلىتىنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ ، ئۆزىچە ياراشمىغان ئىسىملىرىنىڭ ئارقىسىغا بىر ئەپلىك پالانچى خېنىم ، پۇستانچى خانىم دېگەندەك ھۆرمەت ئاتالغۇلىرىنى قېتىۋىلىپ مېنى ئەپسۇسلاندۇراتتى . بەزىدە مەندىمۇ پۇلدارراق بىرىگەتەككەن بولسام ، ئاشۇلاردەك راھەت ئىچىدە ياشاپ باققان بولسام ، دېگەندەك ئويلار پەيدا بۇلۇپ قالاتتى . لېكىن نېمە ئامال ؟ سايدا ئىچىلىپ قالغان يىگانە گۈلدەك تۇرمۇش غېمى ، يوقسۇزلۇق دەردىدە ئۈن - تىنسىز يۈرۈيمەن . تۇلۇق ئوتتۇرىنى تۈگۈتۈپلا ئاتا - ئانامنىڭ رازىلىقى بىلەن توي قىلدىم . شۇندىن ئېتىبارەن ھېچقاندەك ھالاۋەت كۆرمەي بالا تۇغۇش ، بېقىش ، ئېرىمنىڭ ئاش - تامىغىنى ئېتىپ ، كىر - قاتلىرىنى يۇيۇشتەك ئايىغى چېقماس ئائىلە ئىشلىرىغا بەنت بولدۇم . توۋا ، مېنىڭ باشقا ئاياللاردىن نەرىم كەم ؟ چىراي دېسە چىرايىم بار ، بوي - بەستىم يىتىپ ئاشقۇچە تۇرۇپتۇ . ئائىلەمگە سادىقلىغىمچۇ تېخى . شۇلارنى ئويلىساملا خۇرسىناتتىم . قېرىشقاندەك دوسلۇرۇم راھەت ئىچىدە يۈرگەننى ئاز دەپ كۆڭلۈمگە تەسەللى بېرىشنىڭ ئورنىغا ؛
_ يائاللا ئاداش ، قاچانلا قارىسام ئېرىم ، بالام دەپلا يۈرەمسەن ، - دەپ زاڭلىق قىلاتتى .
_ نېمىشقىمۇ مېنى چۈشەنمەيدىغانسىلە ،_دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنىڭ بىرىگە ئۆكۈنۈش بىلەن .
_ نېمىنى چۈشەنمەپتىمىز ؟ _ دېدى ئۇ ماڭا ئىستىھزا بىلەن قاراپ .
_ ئائىلە شارائىتىمنىچۇ ؟
_ ۋىيەي ، بۇ نېمە دېگىنىڭ ئەمدى ؟ ئائىلىدىكى قىيىنچىلىق دېگەن كېمدە يوق؟ ئەمما بىز سېنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك قىلدىم دەپ بەكلا ئاشۇرۋەتكىنىڭگە ، ھەتتا ئۆزۈڭنىمۇ تاشلىۋىتىپ مەتولىشىپ كەتكىنىڭگە ئىچىنىمىز شۇ .
_ ئۇنداقتا قانداق قىلىمەن ؟
_ ھەي ئاداش ، ئازراق يالغان سۆزلەشنى ، پۇل يىغىپ ئۆزۈڭنى تۈزەشتۈرۈشنى ئۆگەن . ئەر كىشى دېگەنىچۇ قارا ئىچ قارنىڭنى تۈكۈپ بەرسەڭمۇ بەرىبىر سېنى چۈشەنمەيدۇ . ۋاختى كەلگەندە سېنىڭ ساداقىتىڭنى ئۇنتۇپ قايسى گۈل چىرايلىق بولسا شۇنىڭغا قۇنۇپ باققۇسى كېلىدۇ .
_ بىراق ، ئېرىمنىڭ ئايدا تاپىدىغان بىرەر يېرىم مىڭ يۈەن پۇلنىڭ قايسىسىغا يالغان سۆزلەپ ، قايسىسىنى تىقىمەن ؟ قايسى بىر ئىشىپ كەتكەن ئىقتىسادىمغا ئۆزۈمنى تۈزەيمەن ؟ _ دوستۇم تۇمشىقىنى ئۇچلاپ سۆزلەپلا كەتتى ؛
_ ماڭا قارا ئاداش ، ھازىر بارغۇ ، قاپاقنى ئەمەس باراڭنى پۇلغا ئالىدىغان زامان بۇلۇپ كەتتى ، زامان ساڭا باقمىسا سەن زامانغا باق دېگەن گەپ بار . بىزدەك دوسلىرىڭغا ئارلاش ، قاتار چاي ئوينا ، ئاچە مۇنچە خالى سورۇنلارغا بار . زامانغا لايىق مودا خىنىم بۇلۇپ ياشا . شۇندىلا كاللاڭ ئېچىلىدۇ . ئېرىڭگە زېرىكىپ قالىدىكەنمەن ، قىزلار بىلەن ئانچە - مۇنچە چاي ئويناي دېدىم ، دېسەڭ گەپ يېمەي قالارمۇ ؟
<< قازانغا يولۇقساڭ قارىسى >> دېگەندەك ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق يول كۆرسىتىشى ، تەنبىھلىرى مېنى قانداقتۇر خىياللارغا سېلىپ قۇياتتى . بارا - بارا قۇلۇم ئىشقا بارمايدىغان ، غورۇگۈل ئائىلەمدىن زېرىكىدىغان ، ئۆزۈمنى بەكمۇ شور پىشانە ، بىتەلەي ھېس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . بىر كۈنى ھېلىقى دوسلۇرۇمنى دوراپ ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن گىرىم قىلدىم . ئۇلار ماڭا سوۋغا قىلغان كۆڭنەكلىرىمنى كىيىپ بەللىرىمنى تۇتۇپ ، ئېغىزلىرىمنى قورۇپ نازلىنىپ كۈلۈشنى مەشىق قىلىپ باقتىم . ئەمما ئەينەك ئىچىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان باشقىچە چىراي ، چاكىنا تەققى - تۇرۇق مېنى خېلىغىچە ئويغا سېلىپ قويدى . "ھەممىنى قېلغان ئېرىم دېگەن يارىماس . ئەگەر ئۇ مېنى ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۇرۇپ خاتىرجەم قىلغان بولسا ، مەنمۇ بۇنداق ئۆز خارەكتېرىمگەماس كەلمەيدىغان ئۇيۇنلارنى ئوينىماس بولغىيدىم ؟!" بارغانچە ئېرىمگە بولغان ساداقىتىم سۇسلىشىپ ئۇنىڭدىن يىرگىنىدىغان دەرىجىگە يەتتىم . ئۇنىڭ مىڭ جاپادا تېپىپ كەلگەن پۇللىرىغىمۇ قاشلىرىمنى سۈزۈپ مەنسىتمەسلىك بىلەن قارايتتىم . دوسلىرىمنىڭ قوش - قوش زىبۇ-زىننەتلىرىنى، بارماقلىرى ئارىسىدىن چىقىۋاتقان تىزىق - تىزىق پۇللارنى خىيال قىلاتتىم . مەن راستىنلا سېپى ئۆزىدىن بىر مەتو خۇتۇن ئىكەنمەن . ھايات دېگەن ئاخىرلاشمايدىغان نەرسە ئەمەسقۇ ؟ چەكلىك ھاياتىمنى خوشال ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگىنىمنىڭ نەرى يامان ؟
_ ئويلاپ باقسام دېگەنلىرىڭمۇ توغىرىكەن ،- دېدىم بىر كۈنى ھېلىقى دوستۇمغا ،_ لېكىن مەن ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىپ باقمىغان تۇرسام قانداق قىلارمەن ؟
_ ھېچقىسى يوق، _ دېدى ئۇ مېنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشىپ ، _ ئاستا - ئاستا كۈنۈپ قالىسەن . ئەگەر پۇلى جىقىراق بىر خوجايىن بىلەن تۇنۇشىۋالساڭ قۇلۇڭ پۇل كۆرۈپ كۈنلىرىڭ باياشاتچىلىقتا ئۈتىدۇ . گەپ سېنىڭ ئاشۇ رولنى قانداق ئوينىشىڭدا ، - ئۇ بىر دەم توختۇۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، _ ئالدى بىلەن بىرەر قۇر ئۈسىتباش ئال ، ئاندىن بىرەر ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا بېرىپ ھۆسۈن تۈزەت ، سەن چوقۇم ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن .
ئۇ مېنىڭ لېۋىمنى چىشلەپ چىشلىگىنىمچە تۇرۇپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ؛
_ كېلەر شەنبە كۈنى بىر يىغىلىشىمىز بار بارالامسەن ؟ - دېدى .
_ بارسامغۇ بۇلاتتى ئۆيدىن قانداق چىقارمەن ؟
_ ۋاي - ۋۇي ، يەنە ئىتائەتمەنلىكىڭ يول قويمايۋاتىدۇ ھە ؟ ! _ قاش - قاپاقلىرىنى سوزۇپ رەنجىش ئاھاڭىدا سۆزلەشكە باشلىدى ئۇ ، _ داۋاملىق ئېرىم نىمە دەركىن ، دەپلا تۇردىكەنسەن . نېمە دەيتى ، يامىنى كەلسە ئاجىرشىپ كېتەرسەن . << تۈشۈك مونچاق يەردە قالماپتۇ ، يەردە قالسىمۇ توپا باسماپتۇ >> دەپ ئوھۇش .... ئۇ قەلەندەر ئېرىڭدىن ياخشىراق ئەر چىقىدۇ ساڭا .
ئۇ ماڭا خېلىلا كۆپ سۆزلىدى ۋە خوشلىشىپ پۇتىنىڭ ئۇچىدا چىكىپ دەسسەپ كېتىپ قالدى . << يامىنى كەلسە ئاجرىشارسەن >> دەمدا ؟ بۇ نىمە دېگەن قورقۇنۇچلۇق ھە ! كۆز ئالدىمغا بىر - بىرىدىن ئۇماق ئىككى بالام كەلدى . ياق ... ياق ئۇلارنى يىتىم قىلىشقا ، بۇيۇن قىستۇرۇشقا كۆڭلۈم ھەرگىز ئۇنىمايدۇ . ئەمما دوستۇمنىڭ سۆزلىرىگە ئاچچىقلىنىشىمنىڭ ئاساسى يوق ئىدى . دېمىسىمۇ مىس - مىس ئېرىمنىڭ مەندەك چىرايلىق خۇتۇنىنى بۇيۇن قىستۇرۇپ كوچىغا چىقىرىپ قۇيۇۋاتقىنىمۇ ھەقىقەتقۇ . ۋاي - ۋۇي ! ئۇ غوجاممۇ يوق - يوق دەپ قۇيۇپ ، سىرىتتا باشقا ياۋايى قۇشقاچلارنى دانلىتىپ يۈرەمدۇ تېخى .
دېلىغۇللۇق ، ئىككىلىنىش ئىچىدە كۈتكەن شەنبە ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئەتتىگەندە ئىشقا ماڭغان ئېرىمگە ؛ << بۈگۈن كەچ بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن، بېرىپ قارىشىپ بېرەي >> دەپ يالغان ئېيتىپ قويدۇم .


شەھەرنىڭ داڭلىق رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئايرىمخانا ئەر - ئاياللارنىڭ كۈلكە - چاقچاقلىرى بىلەن تولغانىدى . ئەرلەرنىڭ شەھۋەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى نەچچە مىڭ خىل خۇلۇق ، ناز - كەرەشمە قىلىپ ئولتۇرغان ئاياللارغا تىكىلگەنىدى . سول تەرەپتىكى بۇلۇڭغا قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا دوستۇمغا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇرمەن . ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنىڭ شۇنچە يېڭىلىقىغا قارىماي مېنى تەر بېسىپ كىتىۋاتاتتى . يائاللا ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يالغاندىن ھىجىيىپ ئولتۇرۇشتىمۇ قىيىن ئىش بولمىسا كېرەك . ئۆزۈمنى شۇنچە ئەركىن تۇتۇپ ئولتۇراي دېسەممۇ خىجىللىقتىن ئوت ئىلىپ كىتىۋاتقان يۈزۈم ، توختىماي تىترەۋاتقان پۇت - قوللۇرىم ، چىگىشلىشىپ كېتىۋاتقان خىياللىرىم مېنى ئارامىغا قويمايتى .
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن . بىرىنىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە شىۋىرلىغىنى ئاڭلاندى . ئۆرۈلۈپ قارىسام ئاق يۈز ، بادام قاپاق ، بەستلىك بىر ئەر مېنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى . دوستۇمنى كۆز ئىشارىتى بىلەن ئككىنلەنمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم .
_ ئىسمىڭىزنى سورىسام بۇلامدىكىن ؟ _ دېدى ھېلىقى ئەر ياسالما سىپايىلىق بىلەن سىرلىق ھېجىيىپ .
_ رىسالەت .
_ رىسالەت ؟ پاھ ئىسمىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدەكلا چىرايلىق ئىكەن ئەمەسمۇ ؟
ئۇ بارغانچە ماڭا يېقىنلىشىپ بەللىرىمنى سىلاپ ، قوللىرىمنى سىقىشقا باشلىدى . بەدەنلىرىن تىكەنلىشىپ جىددىلىشىپ كەتتىم . ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا كالۋالاشقان پۇتلىرىم بىلەن ھېلىقى ئەرنىڭ مايلاپ پاقىتىۋەتكەن ئاياقلىرىغا نەچچە قېتىم دەسسىۋلدىم . موزىكىنىڭ تېزراق ئاخىرلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئۈمرۈمدە ئېرىمدىن باشقا ئەر كىشى بىلەن بۇنداق يېقىن تۇرۇشۇم مۇشۇ ئىدى . تەلىيىمگە موزىكا ئاخىرلىشىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇردۇم . كۆزۈمگە شىرە ئۈستىدىكى تۈرلۈك قورۇما ، ئىچىملىكلەر ئالا - بۇلىماچ بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . شۇ پەيتتە كىمدۇ بىرى قۇلۇمغا ئىچىملىك قۇيۇلغان رومكىنى تۇتقۇزدى .دوسلىرىمنىڭ ، ھېلىقى ئەپەندىلەرنىڭ ؛ << قېنى خوشە ، گۈپلا قىلىپ كۈتۈرۋېتىڭ >> دېگەن زورلاشلىرى بىلەن ئىلاجىسىز كەينى - كەينىدىن سۇنۇلغان بىر نەچچە رومكىنى قۇرۇقداپ قويدۇم . كانىيىمنى ئىچىشتۇرغىنچە كىرگەن سۈزۈك ئىچىملىك ئۆز كارامىتىنى كۆرسۈتۈشكە باشلىدى . ئىچىم قىزىپ كاللامدىكى گادىرماچ خىياللار نەلەرگىدۇر يوقالدى . بارغانچە تارتىنىش ، تەمتىرەشلەرنى ئۇنتۇدۇم . ئەتراپىمدىكى كىشىلەر خۇددى كونا تۇنۇشلىرىمدەك ئۇلارغا قاراپ كۈلەتتىم . سۇئاللىرىغا قىزغىنلىك بىلەن جاۋاپ بېرەتتىم . بىر چاغدا بىشىم قايغاندەك بولدى - دە ، ئۈستەل ئۈستىگە چاپلىشىپ قالدىم . ئۆزۈمنى چوڭقۇر ھاڭ ئىچىگە چۈشۈپ كىتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم .
_ خۇداغا شۈكرى ، ھەممىسى كېتىشتى ،_ خۇددى يېنىمدا بومبا پارتلىغاندەك ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن سەل ئىسىمگە كەلگەندەك بولدۇم _ دە ئېغىرلاشقان بىشىمنى ئاستا كۈتۈردۇم . ھېلىقى بادام قاپاق ئەر يېنىمغا كېلپلا ئولتۇردى. ئۇ خۇددى مېنى ھازىرلا يەۋىتىدىغاندەك كۆزۈمنى ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .
_ ئېيتقىنە جىنىم ، نەگە بارساق بۇلار ؟
شۇ چاغدىلا بۇ ئايرىمخانىدا ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم قالمىغانلىقىنى دېققەت قىلدىم .
_ ئۇلار قېنى ؟
_ ئۇلار جۈپ - جۈپ بۇلۇپ كېتىشتى جېنىم . شۇ تاپتا ئۇلار .....
_ ئۇنداقتا بىزمۇ قايتايلى .
_ نەگە ياتاققىما ؟
_ ياق ، ياق ، ئەلۋەتتە ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتىنمىز _ دە
_ نىمىلەرنى دەيدىغانسىز جېنىم ، _ دېدى ھېلىقى ئەر ماڭا مىقتەك قادىلىپ ، _ ئاران قولغا كەلگەن ئالتۇندەك پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋىتىمىزما ؟ ئازادە يورۇق مېھمانخانىدا بىر كېچە پەيزى قىلىپ كەلمەيمىزمۇ ؟
- نىمە ؟ مەن دېگەن ئېرى بار ، بالىلىرى بار ئايالمەن ، قايتىپ كەتمىسەم بولمايدۇ ، ھېلىمۇ ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپتۇ .
گېپىم تۈگۈمەيلا ئۇنىڭ كۆزلىرى دەھشەت بىلەن چەكچەيدى ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتىم . ئۇنىڭ بايىقى مۇلايىملىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى ؛
_ خېنىم ! _ دېدى ئۇ ماڭا مەنىستمەسلىك بىلەن باشتىن _ ئاخىرى سەپ سېلىپ ،_ ئېرى ، بالىلىرى بار ئايالغا نىمە بار بۇ يەردە ؟ بىكارغا يەپ ئىچىپ قاچىدىغان گەپ يوققۇ جاھاندا ؟
_ كەچۈرۈڭ ئەپەندىم ، مېنى توغرا چۈشۈنىڭ ،_ دېدىم دۇدۇقلاپ .
_ مېنى چۈشۈنىڭ ؟ نېمىنى چۈشۈنىمەن ؟ ، _ دېدى ئۇ ھوپىيىپ ،_ ساڭا دەپ قۇياي ، سىنىڭدەك كوچا خوتۇنلىرىنى كۆپ كۆرگەنمەن ، ئۆزۈڭچە يالغاندىن ھايالىق بۇلۇۋېلىپ مېنى ئالدىماقچىمىدىڭ ؟ قورىنىۋاتامسەن ؟ خاتىرجەم بول مەن ساڭا دېگىنىڭدەك پۇل بېرەلەيمەن . پۇلنى دەپ كەلگەن بولغىيتىڭ تايىنلىق ، _ ئۇنىڭ زەھەردەك ئاچچىق گەپلىرىدىن بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ يۈرۈگۈم ئىچىشىپ كەتتى . تۇرۇپلا ئەسلىمگە يېنىپ ئاچچىق بىر سېزىم ھېس قىلدىم . شۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايتىم ،. ئازراقلا كىچىككەن بولسام مەڭگۈلۈك ۋېجدان ئازابىغە دۇچار بۇلاتتىم . دوستلۇرۇمنىڭ قېلىقلىرى ئەمدى ماڭا يىرگىنىشلىك تۇيۇلۇشقا باشلىدى . بىھۇدە ئاۋارە بۇلۇپ يۈرگىنىمنى ھېس قىلىپ ئۆزۈمدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتىم . ھېلىمۇ ياخشى پۈتۈن كېچىدە بۇ شۆھرەت پەرەس ئەرلەر بىلەن ئاپپاق - چاپاق بۇلۇشۇپ ئولتۇرغىنىمنى بىرەر تۇنۇش بىلىشلەر كۆرۈپ قالمىدى . كۆرگەن بولسا نىمە دەپ ئويلاپ قالار ئىدى - ھە ؟ شۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . ئەتتىگەن ئېھتىيات ئۈچۈن يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان ئەللىك يۈەن پۇلنى شارتتىدە چىقىرىپ ھېلىقى ئەرنىڭ يۈزىگە قارىتىپ ئاتتىم ۋە ئۇ نېمە ئىش ئىكەنلىگىنى ئاڭقىراپ بولغىچە يۈگۈرگىنىمچە سىرتقا چىقىپ كەتتىم . شۇ ئىشتىن بىر نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بۇلۇپ يۈردۈم . ۋېجدانىمغا خىلاپ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمنىڭ بىر چۈش بۇلۇپ قىلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم . ئىچىمگە كىرۋالغان بۇ ۋەسۋەسە مېنى نەقەدەر ئەخمىق قىلغان ھە ؟
ئۆيدە كىر يۇيۇپ ئولتۇراتتىم ئىشىك تۇيۇقسىز ئىچىلىپ ئېرىم قايتىپ كەلدى ، ئۇ ئادەتتە ئىشتىن بۇنداق بالدۇر قايتمايتى .
_ رىسالەت ، بۇ ياققا كىرە ، _ دېدى ئۇ ، نىمىشقىدۇر بەدىنىمگە تىترەك ئولۇشۇپ كەتتى . نىمە ؟ ئۇ مېنىڭ بىرەر ئىشىمنى بىلىپ قالمىغاندۇ _ ھە ؟ قوللىرىمنى ئېرتقىنىمچە ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا قارىدىم .
_ زاۋۇتتىن ئىشچىلارغا ئىشتىن قېلىش سوممىسى تارقىتىپتىكەن ، قېنى ئالغىن ، _ ئۇ گىزىتكە ئورالغان بىر بولاقنى ماڭا سۇنغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ، _ سېنىڭ بىر ئۆي ئېلىش ئارزۇيۇڭ بار ئىدىغۇ ؟ ئاخىرى مىرادىڭغا يېتىدىغان بولدۇڭ . بۇنىڭ يېرىمىنى ئالدىن تۆلەپ قالغىنىغا قەرز ئالساق بۇلىدۇ . ئاندىن ئۆزۈڭگە كېيىم- كېچەك زىبۇزىننەت ئىلىۋالارسەن . ھېلىمۇ ساڭا مۇشۇ كەمگىچە تۈزۈكرەك بىر نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم .
_ يائاللا ، ئارزۇيىمىز ئاخىرى ئەمەلگە ئىشىپتۇ ، _ دە ؟ دېدىم مەن ھاياجان ھەم ھودۇقۇش ئىچىدە . ئېرىم ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرغان شۇ پەيتتە ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران - ئاران تۇتىۋالدىم . ئۈكۈنۈشتىن ئېزىلىپ كىتىۋاتقان يۈرۈگىمدىن : << مېنى كەچۈرۈڭ >> دېگەن نىدا كېلەتتى. خېلىدىن بېرى ئارزۇ قىۋاتقان بۇ ئىشتىن خوش بۇلۇپ ، ھاياجانلىنىپ كېتىشىم كېرەك ئىدى . لېكىن قانداقتۇ بىر ئازاپ مېنى بىئارام قىلاتتى . ئېرىمدىن بىھۇدە ئاغرىنىپ يۈرگىنىمگە ، بىھۇدە باسقان ئەرزىمەس قەدەملىرىمگە قاتتىق ئۈكۈندۈم . مەن راستىنلا شەيتان ئازدۇرغان ئايال .




مەنبە :شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى
-سىز كۆرۋاتقان تىما شەيتان ئازدۇرغان ئايال,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(suzuk-ay) ئەجرىڭىزگە....
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sultan تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-22, 01:03
    دۇنيا دا بىكارغا بىر ۋاخ تاماق يوق

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
    ئۆسۈش: 2.86%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 229
      ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1208 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
      ۋاقتى: 553(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-24

    ھارمىغايسىز ،ياخشى يىزلغان ھىكايىكەن .ئادەم دىگەن ئاجايىپ مەخلۇق ،تاس قاپتۇ بەخىتلىك ئاىلىسىدىن قۇرۇق قالغىلى . تەكرار ئىزىپ كىتىشتىن ئاللاھ ئىگەم ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن .
    ئەلۋەتتە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ  ھې ھې ھې...

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3944
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
    ئۆسۈش: 3.1%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 31
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 95 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 52(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-14
      كىرىشى: 2010-07-24

    يەنىلا ئاياللارنى ئىقتىزادىي قىيىنچىلىق ، مەنمەنچىلىك ۋە باشقىلارنىڭ ئېزىقتۇرىشى ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ . قىز ئاياللىرىمىزىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن .
    تور ئەخلقىغا رۇئايە قىلايلى
    ئىملا خۇددى كىيم - كېچەككە ئوخشاش سىزنىڭ مىجەز - خ ..

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3506
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
    ئۆسۈش: 0.57%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 17
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 54 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 61(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-07
      كىرىشى: 2010-07-24

    مۇشۇ شەيتان دىگەن لەنىتى ئاياللارغا بەك يىقىنمىكىن دەپ قالىمەن ، داۋاملىق ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئادەمگە ۋەس - ۋەسە قىلىدۇ  ، شۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىمان ئىتىقادىمىزدا مۇستەھكەم تۇرساق بۇدۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە پۇشايمان قىلمايمىز .
    ئەجىرىڭىزگە رەخمەت باشقىلارغا ئىبرەت بولغىدەك تېما ئىكەن .
    مۇڭ سىرداش

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 622
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە707دانە
    ئۆسۈش: 5.05%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 707
      ياخشى باھا: 124 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3543 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 737(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-24
      كىرىشى: 2010-07-24

    ئائىلىسىگە مۇستەھكەم ئايال بولسا ئۇلارنى شەيتان ھەرگۇز ئازدۇرالمايدۇ .
    qq  854588274         ئىسىل   ياشا
    ئىشىنسەڭ سۆيگىن . ئىشەنمىسەڭ سۆيمە.

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 262
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
    ئۆسۈش: 3.89%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 544
      ياخشى باھا: 90 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2897 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 231(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-21
      كىرىشى: 2010-07-24

    ھەممە ئادە بەزىدە ئېزىپ قالىدۇ ..

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 150
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
    ئۆسۈش: 2.32%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 116
      ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 911 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 434(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-22

    ئاللاھ ھەمىمىزگە ئىمان ، ئىنساپ ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن !
    لايلا
    爱我就不要伤害我

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 314
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە328دانە
    ئۆسۈش: 4.1%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 328
      ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1635 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 350(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-22
      كىرىشى: 2010-07-24

    شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .  تىما ئىگىسگە رەخمەت

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4363
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ئۆسۈش: 2.9%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 29
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 89 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 14(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-20
      كىرىشى: 2010-07-23

    ھلىمۇ شەيتان تىخى تولۇق ئازدۇرۇپ بولماپتىكەن ئۇ ئايالنى!!!!!
    غھلبھ ڭزدھنەۇچلھرەھ مھنسۇپ!!
    ...ئۆزۈمدىن باشلىدىم ...

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3619
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە354دانە
    ئۆسۈش: 4.43%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 354
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1141 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 191(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-09
      كىرىشى: 2010-07-24

     3(alparoh)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس



    ياخشى يۇللاپسىز   دەڭ  .....مەنبەسىگە  قاراپ  مۇنداق ..
    ئاياللارنىڭ ۋاقتى تۈگىسە مىللەتنىڭ ۋاقتى تۈگەيد ..

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 505
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە100دانە
    ئۆسۈش: 2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 100
      ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 887 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 574(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-24

    ظەجرىڭىزگە رەەمەت ،ظىبرەتلىك تىمىكەن.
    گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇرىقى بولمىسا،
    گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.
    ئىككى پۇتلاپ ماڭمىش، ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ،
    ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا .
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go