مىكروفون ئالدىدا ئۆتكەن كۈنلەر
ھېكايە
مېھرىگۈل مەخمۇت (مېھرىزات)
_ ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، ئاڭلاۋاتقىنىڭلار *** ئۇنىۋېرستىتى مەكتەپ رادىئو ئۇزېلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىمىزدىن ھەر يەكشەنبە كەچ بىۋاستە ئاڭلىتىلىدىغان "گۈلدەستە" پروگراممىسى. مەن رىياسەتچى دوستۇڭلار مۇنىرە مەخمۇت. بۈگۈنكى پروگراممىمىز ئارقىلىق سىلەر بىلەن سىردىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. بىزنىڭ بۈگۈنكى پروگراممىمىز "ياشلار چايخانىسى"،"كۆڭۈل سوۋغىسى"،"ئۈزۈلمەس كۈيلەر"،"يەكشەنبىلىك سۆھبەت" قاتارلىق سەھىپىلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن...
بىۋاستە ئاڭلىتىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، ئاڭلىتىش بۆلۈمىدىكى بالىلار بىلەن خوشلىشىپ ياتاققا قايتتىم. ياتاققا كىرىشىمگىلا قىزلار چورۇقلاپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-رادىئو پروگراممىلىرى بارغانسىرى سەرخىللىشىپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ، كۆز تەگمىسۇن...
-ھازىرقى ئەڭ مودا بولىۋاتقان مۇھەببەت ناخشىلىرىنى قويۇشى بەك يارايدۇ ماڭا. بايا مۆمىنجاننىڭ يېڭى ناخشىسىنى قويۇۋىدى، كېتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جايىدا توختاپ قېلىشىچۇ تېخى...
-بۈگۈن ئوقۇلغان نەسىرلەر ئادەمنىڭ نەق يۈرىكىگىلا تىگىدىكەن ، بولۇپمۇ "سۆيگۈ قەسىدىسى" دىگەن لىرىك نەسىر...
-بىزنىڭ مۇنىرە ئوقۇغاندىكىن ئەلۋەتتە يۈرەككە تەگكۈدەك ئاڭلىنىدۇ_دە.
-باشقا مەكتەپلەرنىڭ رادىئو ئۇزىللىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلىدۇق ،يەنىلا بىزنىڭكىگە يەتمەيدىكەن...
قىزلارنىڭ سۆزىگە جاۋابەن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ، مىجەزىم يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ، كارىۋىتىمغا چىقىپ بالدۇرلا يېتىۋالدىم. كۆزۈمنى يۇمۇپ بۈگۈن ئاڭلىتىش بۆلۈمىدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىماسلىققا تىرىشساممۇ، يەنىلا كۆز ئالدىمدا ئەلەڭلەپ مېنى بىئارام قىلاتتى...
دەرستىن چۈشۈپلا بۈگۈنكى بىۋاستە ئاڭلىتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغىلى ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە بالدۇرلا كىردىم. ئىشخانىدا ماڭا ماتىرىيال تەييارلاپ بېرىدىغان مۇخبىر قىز ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، ھەر ئىككىمىز ئاڭلىتىش تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدۇق. بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان مەزمۇنلار بىر ئاز كۆپ بولۇپ ، ھەممىسى ئوقۇغۇچىلار ۋە رادىئو ئۇزىلىمىزدىكى مۇخبىرلار تەمىنلىگەن شېئىر - نەسىرلەر ئىدى. مەن بىردەم ئوقۇشنى مەشق قىلغاندىن كېيىن ، يەنە بىر ئاز ۋاقىت بولغىنى ئۈچۈن،ماتىرىياللارنى رەتلىگەچ مۇخبىر قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيدىغان، ئىلگىرى مەن ئاڭلىتىدىغان پروگراممىغا رىياسەتچىلىپ قىلىپ، بىر تۈركۈم يېڭى رىياسەتچىلەر كىرگەندىن كېيىن بىزنى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەقىدە ۋە راھىلە كىرىپ كەلدى. ئەقىدە مېنى بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەنىدى. مېنىڭ تاۋۇشلارنى تولۇق ھەم راۋان چىقىرىشىم ئۈچۈن جاپالىق مەشىققە سېلىپ ئاۋازىمنىڭ بۈگۈنكىدەك ياڭراق، زىل ۋە تىلىمنىڭ راۋان بولۇشىغا تۈرتكە بولغانىدى. راھىلەنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، ئۇنىڭ كىشىگە مەسخىرە ئارىلاش قاراشلىرى، چېكىدىن ئاشقان ياسىنىشى ، تەكەببۇر ھالىتى دىتىمغا ياقمايتتى. بىراق ، نىمىلا دىگەنبىلەن ئۇمۇ ھامان ئۇستازدە...
-ھە، مۇنىرە ، تەييارلىق قانداقراق؟-دېدى ئەقىدە كۈلۈمسىرەپ.
-ھەر ھالدا ياخشى، كىرىشتۈرىدىغان مۇزىكا ۋە ئەسەرلەرنى رەتلىۋەتسەكلا ئىش تۈگەيدۇ_دېدىم جاۋابەن.
-مۇشۇ كەمگىچە رەتلىمەي گەپ سېتىپ ئولتۇردۇڭلارما؟ ۋاقىتقا قاراپراق ئىش قىلساڭلار بولمامدۇ؟ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلماڭلار، دەپ شۇنچە ئەسكەرتتۇققۇ؟- راھىلە ئۆزىچە چىڭقىلىپ سۆزلەپلا كەتتى.
-ھەربىر ئەسەرگە كىرىشتۈرىدىغان مۇزىكىنىڭ تەرتىپى سەل قالايمىقانلىشىپ كېتىپتۇ، شۇلارنى رەتلەپ بولغىچە ۋاقىت كېتىدىكەن، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغىنىمىز ئەمەس-دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ ئەستايىدىل ئاھاڭدا.
-ئاڭلىتىش ۋاقتى كېچىكسە بولمايدىغىنىنى بىلمەيدىغاندەك سۆزلەيسىزغۇ؟ نىمىشقا بالدۇر قىلمىدىڭلار زادى؟ بىز گەپ قىلساق تەسىر قىلماس بولۇپ كەتتىمۇ؟ ھە، راست، سىز ھازىر مۇستەقىل رىياسەتچى بوپكەتتىڭىز ئەمەسمۇ، باللا يامان...-ئۇنىڭ سۆزلىرى بارغانسىرى چەكتىن ئاشقىلى تۇردى. يۈزلىرىم قىزىپ، ئاچچىقتىن ئۆزۈمنى ئارانلا بېسىپ تۇردۇم. بۇ چاغدا ئەقىدە ئۇنىڭغا نارازى بولغاندەك:
-ئاداش ، بۇ بالىلار تېخى يېڭى ، بىز باشتىن - ئاياق پىششىق بىلىپ كەتكەن قائىدىلەرگە پۈتۈنلەي كۆنۈپ بولغىنى يوق. ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ كېتىدۇ، توغرا چۈشىنەيلى،-دېدى. ئەمما راھىلە تېخىمۇ ئەزۋەيلەشكە باشلىدى:
-ۋاي قاچانغىچە كۆنۈپ بولالمايدىكەن؟ كۆنۈپ بولالمىغىدەكمۇ ئىشلار ئەمەسقۇ؟ قىلالايمەن، دەپ مەيدىسىگە مۇشلاپ چىققاندىكىن ئېپىنى جېپىغا كەلتۈرۈپ قىلالىسا ھېساب ئاداش، بىز تۇرساق ...
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئەمدى دەي دىيىشىگە، نازارەتچىمىز ئابدۇۋەلى ئاكاش كىرىپ كەلدى:
-راھىلەگۈل ، كىمگە شۇنچە خاپىلاپ كەتتىڭىز؟ چىرايىڭىزمۇ تۇتۇلۇپ كېتىپتىغۇ؟ -دىدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش. راھىلە بىزنىڭ "مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز" نى مۇلايىملىق بىلەن دوكلات قىلىشقا باشلىدى. ئابدۇۋەلى ئاكاش كۈلۈپ تۇرۇپ:
-يېڭىياچى بولغاندىكىن تەمتىرەپ قالىدۇ، ئەسلى بۈگۈن مەن بالدۇرراق كىرىپ يىتەكچىلىك قىلىپ تۇرسام بولاتتى، مەن بولمىغاچ بۇ بالىلار تەمتىرەپ قالغان گەپ، سىز بىلەن مەنمۇ يېڭى كىرگەندە شۇنداق بولغانغۇ؟ بۇ بالىلار بىزدىن جانلىقكەن -دىدى ۋە ماڭا مەنىلىك قاراپ :
-ھە ، مۇنىرەگۈل ، ئەمىسە ئاڭلىتىشنى باشلايمىز ، ئاۋازىڭىزنى سازلاپ تۇرۇڭ ھە _ دەپ بىر كۆزىنى قىسىپ قويدى. بۇنى كۆرگەن راھىلە ماڭا قاراپ يوغان بىرنى ئالىيىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. يېقىملىق مۇزىكا باياتىن راھىلەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چېچىلغان نېرۋامغا ئاراملىق بەرگەنىدى...
راھىلە بىلەن ئەقىدە ئىلگىرىكى يىللاردا مەن رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ پروگراممىغا نۆۋەتلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، يېڭى رىياسەتچىلەر يۈز تۇرانە ۋە يېزىقچە قاتلاممۇقاتلام ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ھەپتە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەربىيلەش كۇرسىدا قاتتىق مەشىققە سېلىنىپ ئاۋاز ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق پىشقەدەم رىياسەتچىلەر بىلەن تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغانىدى. باشقا كۈنلەردىكى رادىئو پروگراممىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن خەۋەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، مېنىڭ ئاۋاز ۋە ھېسسىياتنى ئىپادىلەشتىكى ئالاھىدىلىكىمگە ئاساسەن رادىئو ئۇزىلىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئاڭلىتىش ۋەزىپىسى بېرىلگەنىدى. ھېس قىلىشىمچە، راھىلە شۇ سەۋەبلىك ماڭا غۇم ساقلاپ يۈرگەنىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر پروگراممىنى ئىگىلىۋېلىپ ئۇنى "ئىشسىز" قويغانىدىم... تازىمۇ بىمەنىلىكتە بۇ؟! ئۇنىڭ مەن تۇنجى قېتىم لېنتىغا ئېلىپ تەييارلىغان پىروگراممىدىن پۇتاق تېپىشىدىنلا ھەممىنى چۈشەندىم:
ئۇ كۈنى مەن ئابدۇۋەلى ئاكاشنىڭ ياردىمىدە تۇنجى قېتىملىق ئاۋاز ئېلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ياتاققا قايتىپ تۇرىشىمغا تېلىفون كېلىپ قالدى."ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دەپ تېلىفۇننى ئېلىشىمغىلا ،ئۇ:" مەن راھىلە ، ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە تېز كىرىڭ، بايا ئاۋازغا ئالغان پروگراممىڭىزدا نەچچە يەردە خېلى ئېغىر مەسىلە باركەن. تېخى يەرلىك شىۋىڭىزنىمۇ ئارىلاشتۇرىۋاپسىز" دېدى مەسخىرە ئارىلاش. مەن ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە كىرىپ لېنتىنى قايتا - قايتا ئاڭلاپ، ئۇ دىگەن مەسىلىلەرنىڭ ئانچە چوڭ ئەمەسلىكىنى ، "سىلەر" دىگەن بىر سۆزنى "تۇرپان شىۋىمىزدە "سىزلەر" دەپ ئوقۇپ سالغان بولساممۇ ئۇنىڭ بىلىنمەيلا قالماستىن ، شۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدىغىنىنى ھېس قىلدىم. ئەمما شۇ كۈنى، ئۇنىڭ تاپا-تەنىلىرى ئاستىدا پروگراممىنى قايتا ئاۋازغا ئالدىم..... خىياللار بىلەن قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ تۇيماپتىمەن. سەھەردە ئورنۇمدىن بالدۇر تۇرۇپ ، ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ ، مەكتەپ مەيدانىغا ئاۋاز مەشقى قىلغىلى چىقتىم. قەتئىي ئىرادىگە كەلگەنىدىم ، "مەن ئۆزۈمنىڭ ئەمىلىي قابىلىيتىم ، ئاۋازىمدىكى ئەۋزەللىك ۋە ئىقتىدارىمدىن پايدىلىنىپ،ئۈزۈپ چىقىشىم كېرەك..." دىدىم ئۆز ئۆزۈمگە پىچىرلاپ...
ئادەم دىگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، كونىلار" ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە" دەپ تولىمۇ دانا بىر ھېكمەتنى قالدۇرغانىكەن. مەن بۇنىڭغا چەكسىز ئىشىنىپ بارماقتىمەن. راھىلەنىڭ ماڭا بولغان سوغوق مۇئامىلىسى تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ شۇ قېتىملىق "مەسئۇلىيەتسىزلىكىم" نى ،" بويۇنتاۋلىق قىلىپ، مەسىلە سادىر" قىلغىنىمنى رادىئو ئۇزىلىمىزدىكى باشلىقلار ، كونا - يېڭى رىياسەتچى مۇخبىر ، تەھرىر ۋە نازارەتچىلەر ئالدىدا پات - پات "پىپەن" قىلىپ تۇراتتى. ئۇ مەندىن چوڭ ھەم ماڭا ئۇستاز يوللۇق بولغىنى ئۈچۈن ، ئامالسىز دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ، "قىلدىن قېيىق كەتكۈزۈپ قويماي" دەپ تولىمۇ ئېھتىياتچان ۋە سەزگۈر بولۇپ كېتىۋاتاتتىم. راھىلەنىڭ ماڭا نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىغىنىغا كاللام ئۆتمەي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىر يەكشەنبە كۈنى كەچ، ئادىتىم ۋە "خىزمىتىم" بولغان بىۋاستە ئاڭلىتىشنى تاماملاپ ، مۇخبىر قىز بىلەن بىللە نازارەتچى ئابدۇەلى ئاكاش بىلەن خوشلىشىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتۇق ،تېز قەدەملەر بىلەن مېڭىپ كەلگەن راھىلە بىز بىلەن سۇسقىنە سالاملىشىپ ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى. "ئىشخانىدا ئابدۇۋەلى ئاكاش يالغۇز ئىدى" دەپ ئويلىدىم ھېچ مەقسەتسىزلا. مەكتەپ مەيدانىدا كېتىۋېتىپ، بىردىنلا مەكتەپ رادىئوسىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈرىكىم "جىغ" قىلىپ قالدى. دىققەت قىلىپ ئاڭلىسام راھىلە بىلەن ئابدۇۋەلى ئاكاش سۆزلىشىۋاتاتتى. "ئاپلا، بايام مىكروفوننى ئىتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟!" دەپ ئويلىدىمدە ، ئاڭلىتىش بۆلۈمىگە قاراپ چاپتىم. يۈگۈرۈپ كېتىۋېتىپ ، راھىلەنىڭ رادىئو كارنىيىدىن ئاڭلىنىۋاتقان سۆزى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
-مەن شۇنى بىلمەكچى ، سىز نىمە ئۈچۈن مۇنىرە دىگەن ئۇ جىنتەككە شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟ بىز بىللە ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى. ئەمما سىز ئۇنىڭ بىلەن چاقچاقلاشقاندەك بىرەر قېتىم مەن بىلەن ئەركىن - ئازادە پاراڭلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدىمۇ شۇنداق ئېچىلىپ كۈلۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بۆلۈمىمىزدىكى كونىلار بىر يەرگە كەلسىلا دائىم "مۇنىرە ئۇنداق ئىشلەۋاتىدۇ، بۇنداق جاپا تارتىۋاتىدۇ" دەپ ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ كېتىسىز، سىزنىڭچە مەن نىمىگە ھېساب؟ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز ، شۇنداقمۇ؟ - راھىلەنىڭ ئاۋازى يۇقىرى چىقىپ كەتكەچكە يولدا كېتىپ بارغان ئوقۇغۇچىلار "ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلىتىلىۋاتامدۇ نىمە" دىيىشىپ قەدەملىرىنى ئاستىلىتىشتى. مېنىڭمۇ ئىختىيارسىزلا قەدەملىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنماي ، يۈگۈرۈشتىن توختاپ جايىمدا قاققان قوزۇقتەك داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدىم.
-راھىلە ، ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىڭ ، بوشراق سۆزلەڭ ، ھېلى باشقىلار كىرىپ قالسا بىزنى سوقۇشىۋېتىپتۇ، دەپ قالمىسۇن،- بۇ ئابدۇۋەلى ئاكاشنىڭ ئاۋازى ئىدى.
-سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە جىن بولمىسا نىمىدىن قورقاتتىڭىز؟ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن راست گىپىڭىزنى قىلسىڭىز بولمامدۇ؟ ئىككىمىز زادىلا بۇرۇنقا ۋاقىتلىرىمىزغا قايتالمامدۇق؟ -راھىلە ھاياجانلىنىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.
-بولدى قىلىڭ راھىلە ، ئۆتكەن ئىش ئۆتۈپ كەتتى. مەن سىزگە ئېيتقانغۇ، ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى پەقەت ئۆتكۈنچى مۇھەببەت. ئەمدى قايتىلانمايدۇ... مىنىڭ ئۆتكەن ئىشلارنى قايتا تىلغا ئالغۇم يوق. بىر ئوبدان كېتىپ بارىمىز دوستلاردەك ، ئۆتكەن ئىشنى تەگەشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ - ئابدۇۋەلى ئاكاش ئۆزىنى تۇتىۋالغاندەك سۆزلەيتتى.
-مەن بىلىمەن ، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز... بولمىسا سىز ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلمايتتىڭىز. سىزنى نىمىدەپ ياخشى كۆرۈپ قالغان بولغىيتتىم! ئىسىت، سىزدەك ئۈجمە كۆڭۈل، ۋىجدانسىز سۇيۇققا كۆڭۈل بەرگىنىم...-راھىلەنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ نەدە ، نىمە ئىش قىلىۋاتقىنىمنى ئاڭقىرالماي خامۇشلا بولۇپ قالدىم...
-شۇنداق، مەن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم... بىراق ئۇنى ئۆزۈمگە كۆڭۈل بەرگۈزگىلى ئامالسىزمەن. مەن ئوقۇش پۈتتۈرسەملا يۇرتۇمغا كىتىمەن. ئۇ داۋاملىق ئوقۇيدۇ... ئۇنىڭ بىلەن پەقەت كىسىشمە سىزىق بولۇپ قالىمىز، خالاس. شۇڭا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالساممۇ ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتىۋېلىپ، ئاكىلارچە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىم. سىڭلىمدەك ساددا، ئاقكۆڭۈل قىزغا مۇھەببەت تەلىپى قويۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ. ساراڭ كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ يەنە بىر قېتىم ۋىجدان ئازابى تارتىپ قالغۇم يوق- ئابدۇۋەلى ئاكاش ... ئۇ ئاكاش مېنى ... ئاكامدىنمۇ چوڭ بىر ئاكاش ... كاللام ئىشلىمەيۋاتاتتى... ئەتراپىمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ "نىمانداق باش ئاخىرى يوق ئەسەر بۇ؟" دەپ غۇلغۇلا قىلىشىدىن چۆچۈپ ، ئەقلىمگە كەلدىم - دە، ئاڭلىتىش ئىشخانىسىغا قاراپ يۈگۈردۈم. ئىشخانا ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ كىرسەم ، ئابدۇۋەلى ئاكاش ئۆزى يالغۇز ئورۇندۇقتا بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇراتتى. مەن ئاستا مىكروفوننىڭ يېنىغا بېرىپ ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى بېسىۋەتتىم. ئابدۇۋەلى ئاكاش بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ:
-مۇ... مۇنىرە، بۇ... بۇ... سىز... - ئۇ دۇدۇقلاپ قىزىرىپ كەتتى.
-مەن... مەن ئاڭلىدىم - سۆزۈمنى تۈگىتىپلا چىگىش خىياللار بىلەن ئاستا مېڭىپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. ئەنە شۇ كۈندىن بۇيان مەكتەپ رادىئو ئۇزېلىدا ئۇ ئىككىسىنى قايتا ئۇچراتمىدىم. ئابدۇۋەلى ئاكاشنى مەكتەپتە بىر قانچە قېتىم ئۇچراتساممۇ ، ئۇ مېنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتتى. كېيىن بالىلاردىن ئاڭلىشىمچە ئۇ ئۆزى رادىئو ئۇزىلىدىن چىكىنىپ چىقىپتۇ. راھىلەمۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى كۆزۈم كۆرمىسۇن،دىدىمۇ ئۇمۇ چېكىنىپ چىققانىدى. مەكتەپتە ئۇچرىشىپ قالساق غەلىتىلا جىلمىيىپ ئۆتۈپ كېتەتتى...
كۈنلەر ، ئايلار ، يىللار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ مەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويدۇم. كۈنلەر نىمىدىگەن تېز ئۆتكەن ھە، تېخى تۈنۈگۈنلا ئالىي مەكتەپكە كېلىپ، رادىئو ئۇزىلىغا قاتمۇقات سىناقلاردىن ئۆتۈپ كىرىپ، ئاددى رىياسەتچىلىكتىن تەكلىپلىك رىياسەتچىلىككە تاللىنىپ ، ئۆز تىرىشچانلىقىم ۋە بۇ جەھەتتىكى ئوتتەك قىزىقىشىم بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ بۈگۈنگە كەلدىم. ئەمدى بۇ جايدىنمۇ خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. خوشلىشىش ئالدىدا يەنە خۇش ئاۋازلارنى تەربىيلىسەم ، ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرسەم...
ئۈچ يىللىق ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى تولىمۇ گۈزەل ، رادىئو ئۇزىلىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىم تولىمۇ ئاددى بولسىمۇ ، مەن مۇشۇ ئاددى ئورنۇمدا بەلگىلىك نەتىجىلەرنى ياراتتىم... ھاياتىمنىڭ ئۈچ ۋارىقىنى رەڭگارەڭ بېزەكلەر بىلەن بېزىگەن سۆيۈملۈك مىكروفۇن ئالدىمدا مەن بىلەن خوشلىشىۋاتقاندەك ئېگىلىپ تۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭغا قاراپ ئاستا پىچىرلىدىم:
خەيرى - خوش ، مىكروفون ئالدىدا ئۆتكەن كۈنلەر...
2010-يىل ، فېۋرال،( كورلا)