بىر يىگىت قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىپ كەيپىياتى بەكلا ناچارلىشىپ كېتىپتۇ ۋە دەرت-ئەلىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن شەھەرگە پوپنى ئىزدەپ بېرىپتۇ.پوپ ئۇنىڭ بايانىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنى كوناھەم كىچىك بىر ئۆيگە باشلاپ كىرىپ،ئۇستەل ئۇستىدە تۇرغان بىر ئىستاكان سۇنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا:
S EY -قارا،بۇ ئىستاكان سۇ بۇ يەردە تۇرغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى،ئۇنىڭغا كۈندە دېگۇدەك توپا-چاڭ قونۇپ تۇرىدۇ،بىراق سۇ يەنىلا سۈزۈك،بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەمسەن؟-دەپ سوراپتۇ.يىگىت ناھايتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز سەكرەپ كېتىپتۇ-دە،-چۈشەندىم،بارلىق چاڭ-توزاڭلار ئىستاكاننىڭ تېگىگە چۈشۈپ كەتكەن،-دەپتۇ.
z`uqK!v(K -يىگىت تۇرمۇشتا كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىشلار كۆپ،بەزى ئىشلارنى سەن ئۇنتۇپ كېتەي دەپلا ئۇنتۇپ كېتەلمەيسەن،ئۇنداقتا ئۇنى ئېسىڭدە چىڭ ساقلا،خۇددى بۇ ئىستاكان سۇدەك،ناۋادا سەن توختىماي تەۋرەنسەڭ ئىستاكاندىكى سۇنىمۇ دۇغلاشتۇرۋېتىسەن،بۇ تولىمۇ ئەخمىقانىلىق،-دەپتۇ پوپ ئاخىرىدا يىگىتكە.
+j 5u[X كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارمۇ بەزىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.ئادەم ئوڭۇشسۇزلۇققا،پېشكەللىككە ئۈچىرىغاندا چوقۇم ئۆزىنى سالماق،تەمكىن تۇتۇشى،بېھۇدە پەرياد چەكمەسلىكى،ئۆتۇپ كەتكەن كۆڭۇلسىز ئىشلارنى تولا ئويلىماسلىقى،ئەكسىچە ھاياتقا ئۇمۇدۋار نەزىرى بىلەن كۈلۈپ بېقىشى لازىم. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىر ئوڭۇشسىزلىق ئارقىسىدا سىز كۆزىڭىز بىلەن كۆرەلمەيدىغان بىر مۇۋەپپىقىيەت يولى بولغان بولىدۇ .
+P6#7.p`Z amf=uysr مەنبە : خاتىرەمگە كۈچۈرۈپ ساقلىغان ئەسەرتى بۇ ( كىمنىڭ يازمىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمەپتىكەنمەن ) ، بۈگۈن مۇنبەرگە يوللۇغۇم كەپ قالدى
[ بۇ يازما ئەلشىر تەرپىدىن 2010-07-22 12:10 AM دە قا ]
 |