شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18–ئىيۇل ۋېنادىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 18 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى 18 – ئىيۇل كەچتە ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بىر ھەپتە داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا، يىغىن ئەھلى ئەيدىزنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم يېڭى دورا تەتقىقاتى ۋە داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلىشىدۇ، بۇ ساھەدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنىنىڭ شوئارى «ھوقۇق – مەنپەئەت دەل شۇ پەيتتە، شۇ جايدا مەۋجۇت» بولۇپ، بۇ ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا ئەيدىزنىڭ تەھدىتىگە ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ھەم ئەيدىز ئاغرىقلىرى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش مۇراجىئەت قىلىنغان.
ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2008 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر 33 مىليون 400 مىڭ كىشىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن 30 يىلدا ئەيدىز 25 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئافرىقىدىكى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئەيدىز يۇقۇمى ھازىرمۇ ئېغىر ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى(
http://uyghur.people.com.cn/157170/12200266.html )
 |