ياۋروپا ئىتتىپاقى غەززە رايونىنى 22 مىليون ياۋرو بىلەن تەمىنلەيدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18–ئىيۇل رامئاللاھدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پەلەستىن رايونىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى كىرىستىيان بېللېر 18 – ئىيۇل جاكارلىغان ئاخباراتىدا: پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنى تۈزگەن «غەززەدىكى خۇسۇسىي تارماقلارنى قايتا قۇرۇش پىلانى»بۈگۈن رەسمىي يولغا قويۇلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ پىلاننى 22 مىليون ياۋرو ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېدى.
بېللېر مۇنداق دېدى: بۇ پىلان ساياھەت تۈرلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق غەززە رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە مەدەت بېرىش ۋە تۈرتكە بولۇش، بۇ ئارقىلىق بىۋاسىتە يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ، غەززەدىكى ئىشسىزلارنى كىرىم مەنبەسىگە ئېرىشتۈرۈپ، غەززەلىكلەرنى ياردەمگە تايىنىپ ياشايدىغان قىيىن ئەھۋالدىن تەدرىجىي قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.
مەنبە: خەلق تورى :http://uyghur.people.com.cn/157170/12200256.html
 |