مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 488 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : دادا، تۇغۇلغان كۈنۈڭ قاچان؟
غەيرەت قىل ، ئاي!

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1729
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە379دانە
ئۆسۈش: 2.71%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 379
  ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4442 سوم
  تۆھپىسى: 7 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 562(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-07-23

0

 دادا، تۇغۇلغان كۈنۈڭ قاچان؟



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى sultan تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-23)
دادا، تۇغۇلغان كۈنۈڭ قاچان؟


(راست ئىشلار خاتىرىسى)




 


ئەسكەرتىش : مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئىشلىتىش ھۇقۇقى مىسرانىم مۇنبىرىگە تەۋە. كۈچۈرۈشكە ياكى يۆتكەشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئەسەر ھۇقۇقىغا دىققەت قىلىڭ!!!
ئاتا بىر تۈپ سۆيگۈ دەرىخى.
                  -ئىبراھىم ئالىپ تېكىن


كەچلىك مۇزاكىرە سىنىپ ئىچىدە يىىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلار بىر خىل رېتىمدا تەڭكەش قىلماقتا. بەزىلەر مۇزاكىرە بىلەن ئاۋارە بولسا، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۈگىمەس قۇرۇق پاراڭلىرىنى قىلماق بىلەن ئالدىراش ئىدى.ئالدىمدىكى تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن ماتىريال دۆۋىسىدىن ئەمدىلا بېشىنىمنى كۆتۈرۈپ، كۆزۈمنى باشقا نۇقتىلارغا يۈگۈرتىشىمگە پارتىدىشىم گۈلنار سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلدى.
-ئاداش، داداڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەمسەن ؟
ئۇنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان بۇ سۇئالىدىن گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالدىم-دە، تېزلا ئەسلىمگە قايتىپ ئۇنىڭغا سورىغان سۇئالىنى ياندۇرۇپ بەردىم.
-سەنچۇ؟
-بىلىمەن. بۈگۈنچۇ دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. دادام مۇشۇ كەمگىچە تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ باقماپتىكەن. ئائىلىدىكى ئۈچ بالا مەسلىھەتلىشىپ بۈگۈن كەچ  دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى. دادام تۇيۇقسىز خۇشال بولۇپ كېتىدىغان بولدى دېگىنە! ئىككى ئايدىن كېيىن ئاپامنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى، بىز شۇ چاغدا ئاپامنىڭكىنىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز،-دېدى. ئۇ بىر خىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە يۇقارقى گەپلەرنى دەپ ئۆتكىنىدە كاللامغا تۈمەنلىگەن سۇئال بەلگىللىرى بېلىقتەك ئۈزۈپ كىرىشكە باشلىدى. گۈلنارنىڭ سورىغان سۇئالىنى باشقا ياققا بۇراپ ئۇنتۇلدۇرۇپ قويۇپ، خوشياقمىغان ھالدا بىرنى كۈلۈپ قويدۇم-دە، ئالدىمدىكى ماتىريال دۆۋىسىگە بېشىمنى قويۇپ، چەكسىز خىيال دەرياسىغا چۆكۈپ كېتىپتىمەن.
"توۋا، مۇشۇ ياشقىچە دادام-ئاپاملارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن -ھە؟! بالىنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمىكى ئەقەللىي ساۋاتقۇ؟ ئۇلار ھەر قېتىم مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمنى ئۇنتۇلۇپ قالماي تەبرىكلەپ تۇرىدۇ. بىراق مەنچۇ؟  مۇشۇ ياشقىچە ئۇلانىڭ قايسى بىرسىگە "تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك!" دەپ باقتىم؟ بىلمىسەم سورىشىم كېرەكقۇ؟ كىملىكىگە قارىساممۇ بولىدىغۇ؟ ياق، بۇ ياخشى چارە ئەمەسكەن. بۇرۇنقىلار بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئانچە ئىرەن قىلمامدۇ قانداق ؟ "ئۆرۈك پىشىقىدا" "ئۆرەك چېچەكلىگەندە" "ئۈجمە
پىششىقىدا"  دېگەندەك مېۋە-چىۋىلەرنىڭ پىشىش، چېچەكلەش پەسلىنى بالىلىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ بېكىتىپ قۇيۇشىدىكەن. بىر چاغلاردا مومام دادامنىڭ "شاپتۇل چېچەكلىگەندە " تۇغۇلغان دېگەنىدى. ئەڭ ياخشىسى بۇنى دادام-ئاپامىڭ ئۆزلىرىدىن سوراي ... يۈرىكىمدە بىر خىل ئازاپ مېنى رەھىمسىزلەرچە قىينىماقتا. ھازىر قايسى بىر ئاتا ئانا بالىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلمەيدۇ؟ ھەممەيلەن بىلىدۇ. ھەتتا قايسى سائەتتە، قايسى مىنىۇتتا تۇغۇلغىنىممۇ ئېنىق بىلىدۇ.بىراق ، ئەشۇ ياش ئاتا-ئانىلار ياشانغان ئاتا -ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلەمدىغاندۇ؟ مەندەك ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ بىلمەيدىغانلار قانچىلىكتۇ؟  بىلىدىغانلاچۇ؟





ھازىرقى ئاتا -ئانىلار پەرزەنىتلىرىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلگەچكە تۇغۇلغان كۈنىلا تەبرىكلەش ئۈچۈن ئايرىم ۋاقىت ئاجىرتىپ، ئالاھىدە ئۆتكۈزىشىدۇ. بىراق ئەشۇ مېھىرى ئاپتاپ، بىزدىن ھېچنىمىنى ئايىمايدىغان ئاتا -ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئاياقتا تۇرسۇن، تەبرىكلەپ قۇيۇشقىمۇ رايى يوق... تەبرىكلىگەنلەر باردۇر. بىراق بەك ئاز...بەك ئاز...

مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى، تۈرلۈك "يامان بولىدۇ"لار ئىچىدە چوڭ بولغان مەندەك بىر قىزنىڭمۇ بىرەر قېتىم مۇشۇ كەمگىچە قاينام -تاشقىننلىققا تولغان تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ باقمىغان دېسەم ئىشىنەمسىز؟ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئائىلىدە ھېچكىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ باقمىغان. بۇنداق دېسەم تەبرىكلەپمۇ قويمايدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ دەپ قالماڭ. بەلكىم بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ قالىسىز...
تۇلۇقسىز 1-يىللىقتا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمغۇ دەيمەن. بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىدىن قايتىپ كېلىپلا دادامغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم. باشقىلار تۇغۇلغان كۈنىنى ئالاھىدە، كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدىكەن. يوغان تورتقا شاملارنى قاداپ تىلەكلىرىنى تىلىشىدىكەن. شۇنچە قىزغىن... بىراق، مەن بىر قېتىممۇ ساۋاقداشلىرىمنى چاقىرىپ  ئۆتكۈزۈپ باقماپتىمەن. ياق، دادا ... بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ شۇنداق تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزىمەن. شۇ گەپلەرنى دېگەچ ئسەدەشكە باشلىدىم.
دادام مۇلايىم قوللىرى بىلەن بېشىمنى سىيلىغاچ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن جىنتەك. ئەشۇنداق تۇغۇلغان كۈنگىمۇ ھەۋەس قىلغان بارمۇ؟  توۋا، ھەسرەتلىنىپ يىغلاپ كەتكىننى ... سەن تۇغۇلغان كۈننىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن بالام؟-دېدى ئۇ قەتئىيلىك چىقىپ تىدىغان سۇئال نەزىرى بىلەن ماڭا  تىكىلدى. مەن پەقەت ئۇنىڭ سۇئالىغا كۆزلىرىمدىكى ياش بىلەنلا جاۋاپ بەردىم.
-بالام، ھەقىقي "تۇغۇلغان كۈن" دېگەن پەقەت ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئاناڭ سېنى ئەشۇ يىللاردا ئاچچىق  تولغاق بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، سېنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا "ئانا، مېنى تۇققان كۈنىڭگە مۇبارەك !" دەپ باقتىڭمۇ ؟ ساڭا دېسەم بالام. بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىمىز تۇغۇلغان كۈننى خاتىرلىگەندە
ئاۋۋال ئانىسىنىڭكىنى خاتىرلەيدىكەن. تۇغۇلغان كۈندە چۇقۇم   تورت يىيىش، ھېلىقىدەك قىزغىن، قاينام -تاشقىنلىققا تولغان، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدىغان، ئۇيۇننى ئاساس قىلغان تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى  بىزنىڭ ئۆرپ-ئادىتىمىزدە يوق. ئۇ يەھۇدى -ناسارالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى. "كىمىكى قايسى قەۋمنى دورىسا  قىيامەت كۈنى  شۇ قەۋم قاتارىدىن قوپىدۇ." دەيدىغان ئۇلۇغ ھېكمەت بار. ئەجىبا، سېنىڭ قىيامەت كۈنى ئەشۇ ئاللاھنىڭ لەنىتىگە كەتكەن قەۋم بىلەن بىللە بولغۇڭ بارمۇ؟ ئۇنتۇپ قالما، بىز دېگەن مۇسۇلمان. تۇغۇلغان كۈننى ئەلۋەتتە خاتىرلەيمىز. بىراق، ھېلىقىدەك ئەمەس...ئەھمىيەلىك، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايدىغان ئىشلار بىلەن خاتىرلەشكە بولىدۇ. مەسىلەن : شۇ كۈنى ئۇزۇن ئۆمۈرنى ئارزۇ قىلىپ، ئىككى مىتىر لەغمەن يىشىش. ھى ھى... ئانىنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۈپ ئۇنىڭغا "ئانا، ئانا بولغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن"دېيىش. ياخشى سوۋغاتلارمۇ بار ئەلۋەتتە. سەن باشقىلارغا ھەۋەس قىلماي، ئۆزۈڭ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك ئادەم بول... ئۇنىڭ ئەشۇ نەسھەتلىرىدىن كېيىن، مەن شۇ كۈندىن باشلاپ باشقىلارغا ھەۋەس  قىلمايدىغان بولدۇم. ھەر يىلى تۇغۇلغان كۈنىدە دادام ماڭا يېڭى نەشىردىن چىققان كىتاپلارنى ئېلىپ بېرەتتى. تۇغۇلغان كۈنىممۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىلدىغان، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر جەم بولۇپ بىرگە ئاپام ئەتكەن ئۆمۈر لەغمىنى يەيدىغان بولدۇق. ئويلاپ باقسام، دادامنىڭ ئەشۇ كىتاپلارنى سوۋغا قىلىشى مەندە كىتاپخۇمارلىقنى، ھازىرقىدەك يېزىقچىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىمگە كۆپ پايدىسى بوپتۇ.
مەن ئەشۇ سۆيۈملۈك دادامدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن. ئۇ ماڭا ئادەم بولۇش ھېكمىتىنى، كىشلىك مۇناسىۋەت قائىدىللىرىنى، شەرمى-ھايانى، ئۇيغۇرغا خاس ياشاشنى ئۆگۈتۈپتۇ. نەگىلا بارماي ئۇنىڭ ماڭا ئېيىتقان مۇنۇ سۆزلىرى قۇلاق تۈۋىمدە:" ئادەم قانچىلىك تىرىشسا شۇنچىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. مېنىڭ پەخىرلىنىدىغان قىزىم بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز-ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىدغان ئادەم بول. يالغۇزلىقىڭدىن ھەرگىز غېرىپسىنىما، پەزىلەتلىك كىشى چۆلدىمۇ ئۆزىنىڭ يالغۇزلىقىنى ھېس قىلمايدۇ. پەزىلەتسىز كىشى مىك كىشى ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىدۇ."
مەن دادامدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇ ماڭا ئادىمىيلىك دەرسى بەرگەن تۇنجى ئۇستازىم. لېكىن، مەن تابۈگۈنگە قەدەر بۇ قەدىرلىك ئۇستازنىڭ ئۇنىڭ  دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان كۈنىنى بىلمەيمەن. خىجىلچىلىقتىن قىزارغان يۈزىمنى تۇتۇپ، دادامنىڭ قىرائەتخانىسىغا كىردىم. ئۇنىڭ چاچ-ساقالىرىغا كىرگەن ئاق بىلەن چىراغ نۇرىدىكى ئاقىلىق بىرلىشىپ ئۇنى ئاق پەرىشتىگە ئوخشىتىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان كۈنىنى سوراش ئۈچۈن يېنىغا باردىم. بىراق، ئۇ كىرگىنىمنى تۇيماي، ئالدىدىكى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەيۋاتاتتى.

2008-يىل  (ئۆكتەبىر)


قۇشۇمچە :
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن. ئاستىدىكى قۇشۇمچىنى بۇ ھىكايىگە باغلاپ ئانالىز قىلىپ باقسۇن دەپ بىرگە يوللاپ قويدۇم. ئەمىسە نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى راست ئىشلار خاتىرىسىدە بولسۇن.



ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەمسىز ؟



ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ گۈزەل. ئۇ ياشلىقنىڭ ئالتۇن پەسلى. مەنمۇ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن نۇرغۇن ئىشلار ماڭا زور تەسىز قىلدى. بىز ھەر يەر -ھەر جايلاردىن بىر سىنىپقا يىغىلىپ ئورتاق نىشان ئۈچۈن بىرلىكتە ئۆگەندۇق. بىراق بۇ ئورتاق نىشان ئۈچۈن تىرىشىدىغانلار، ئۆگىنىشكە باش قاتۇردىغانلار بەكمۇ ئاز ئىدى. مەنمۇ مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاشتىن ئاۋۋال ئۆزۈمدە قانچىلىك نىشان ۋە غايىنىڭ بارلىقىغا دەڭسەپ بوسۇغىدىن ئاتلىدىم. دەرسلەر ئاسان ئەمەس... ھەم كۆپ. لېكىن ۋاقتىنى بىكاردىن بىكارغا ھېچ ئىش بىلەن كارى يوق ئۆتكۈزىدىغان بىر قىسىم بىغەم ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ئاتا -ئانىسىغا پۈتۈنلەي يۆلىنۋېلىپ، بارغا شۈكرى قىلمايدىغان بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىم كۆزۈمگە سىغماي قېلىۋاتاتتى. ئېيىغا 2000 يۈەن ئەۋەتسە يەتمىدى دەپ، كۈنلىرىنى ئاتا-ئانىسىنى ئالداش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ياشاۋاتقانلامۇ، 400 يۈەن تۇرمۇش پۇلى ئەۋەتسە تىجەپ يەتمىسىمۇ، يەتتى دەپ يۈرۈپ بىر ئاينى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان ساۋاقداشلىرىمنىمۇ كۆردۈم. ئالدىنىقىسىدىن يىرگەنگەن بولسام كېينكى ساۋاقداشلىرىمنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلدىم. شۇ 2000 يۈەن قانچىلىك بەدەل تۆلەشلەر ئارقىلىق قولغا كەلگەن -ھە! ئەجىبا، شۇ بالىلار شۇنچىلىك ئىشنى ئويلىمامدىغاندۇ؟ ئاتا-ئانىسىغا ئىچى ئاغىرمامدىغاندۇ؟ ئالىي مەكتەپ ئوينايدىغان، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىدىغان جايمۇ؟ 2000 يۈەن دېگەن جەنۇپتىكى بىر ئادەتتىكى تۆت جان ئائىلىدىن ئۈچ ئائىلىنىڭ بىر ئاينى ئۆتكۈزىدىغان پۇلى ئەمەسمۇ؟ ئاتا -ئانىلىرىمىز سوغۇقنى سوغۇق، ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي، يېمەي -ئىچمەي  تاپقان پۇلىنى ئەشۇ يىراقتىكى جىگىرىم بالامغا دەپ قىيلىنىپ تۇرسىمۇ چىداپ پۇل ئەۋەتسە، بىز " تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى"، "ساۋاقداشلار ئۇچرۇشىشى" ، "بىر يۇرتلىقلار ئولتۇرشى" دەپ بۇزۇپ -چاچساق، بىزدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى كۈتۈۋاتقان ئاتا-ئانىللىرىمىزغا يۈز كېلەلەمدۇق؟ بىز ھەر قانچە باي ياكى ئاتا-ئانىمىز بىزنى بەك  ئەتىۋارلاپ ئەۋەتكەن تەقدىردىمۇ سىزنىڭ ئارتۇقچە بۇزۇپ -چېچىشىڭىز ھازىرقى ئىستىمالغا يېقىنلىشامدۇ؟ ھازىرقى ئىقسادىي كىرزىس تېخى ئۆتۈپ كەتكىنى يوق. ئاتا-ئانىللىرىمىزنىڭ بىر يۈەن تاپمىقى ئوڭايمۇ؟
بەزى قىز سىتۇدىتلىرىمىزنىڭ پەخىرلىنىپ تۇرۇپ، <چېچىمنى مانچىگە ياساتتىم. بۇ كىيىم داڭلىق ماركا ئىكەن مانچىگە ئالدىم. گىرىم -بۇيۇملىرىم تۈگەپتىكەن داڭلىق ماركىلىقىنى ئالايمىكىن > دېيىشلىرىنى پات-پاتلا ئاڭلاپ تۇرىمەن. بۇ ئەمدى مال- دۇنيانى كۆز-كۆز قىلىشمۇ ياكى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشمۇ؟ خانىم -قىزلار ئەلۋەتتە، گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ. بۇنىسى تەبىئي . بىراق ھەددىدىن ئارتۇق گىرىم، داڭلىق ماركىلىق كىيىم -كېچەك قارماققا ئېسىل كۆرۈنسىمۇ  بىر ئادەمنىڭ گۈزەللىكىنىڭ ئۆلچىمىمۇ؟ بۇ بىر قىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى، ئەخلاق -پەزىلىتىنى مەڭگۈ ئۆلچىيەلمەيدۇ. ئەكسىچە سەلبى ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ. گۈزەللىك ئىزدەڭ ئەي قىز ... بىراق بۇنى سۈنئىيلىكتىن ئىزدىمەڭ. ھەقىقي گۈزەللىك قىپقىزىل، ئەخلاق بىلەن تۇيۇنغان يۈرەكتە. چۈنكى، ئەخلاق ساپ ئەقىل، شەرمى- ھايا  -گۈزەللىكنىڭ يۈرىكى. كىمنىڭدۇر بىر رۇبائىيىسىنى قالدۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ.



قىزلارنىڭ ئەڭ ئېسىل دۇنياسى نېمە؟
چىرايلىق بولسىلا گۈزەلغۇ دېمە.
پاك ۋىجدان، ساپ ئەقىل، ئەخلاقى بولسا،
دولقۇنلۇق دېڭىزدا ئۇ چۆكمەس كېمە.



ئوقۇش جەريانىدا بىرەرسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بېرىپ باقماپتىمەن. چاقىرسا كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپ ئىشىم چىقىپ قالدنىى باھانە قىلىمەن. مېنىڭ ۋاقتىمنى، زېھنىمنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىپ، بىلىم ئېلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرگۈم يوق. شۇ ساۋاقداشلىرىم ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ، نۇرغۇن ئۆگىنىش قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش بەدىلىگە بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قاپتۇ. بىراق كىشلىك مۇناسىۋەتنى ياخشى ئورنىتىۋاپتۇ. بىراق مەن ئەشۇنداق سورۇنلاردىن ئۆزۈمنى تارتىش بەدىلىگە كىشلىك مۇناسىۋەتتىن مەھرۇم قالساممۇ . بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بوپتىمەن. مەن بۇنىڭدىن قىلچىمۇ ئۆكۈنمەيمەن.
بىر كۈنى تۇرۇپ، بىر كۈن ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇزۇندىن -ئۇزۇن مۇڭدىشىپ كېتىمەن. مەن ئېيىغا 50 يۈەن تېلفۇن ھەققى تاپشۇرىمەن. بەزىدە بۇمۇ ئېشىپ قالىدۇ. بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ 200-300 يۈەن يەتمىدى دەپ ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالىمەن. بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ياتاققا تېلفۇن قىلىپ ،<خاپا بولماي دەپ قويسىڭىز ئۆيگە تېلفۇن قىلسا... ھەپتە بولۇپ كەتتى كۈرىشمىگىلى ئەھۋالى ياخشىدۇ ؟> دېيىشلىرىنى ئاڭلاپ نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ تېلفۇننى قۇيىمەن. ئەشۇ بىر قىسىملاردىن <نەگە ئۇرىسەن، شۇنچىۋالا كۆپ سۆزلەشكەن بارمۇ ؟> دېسەم ھىجىيىپ، پەخىرلىنىپ خىجىل بولماي <مۇھەببەت بىلەن > دەپ قۇيىدۇ. توۋا دەپ ياقامنى چىشلەپ قۇيىمەن. مۇھەببەت ئاتا-ئانىدىنمۇ مۇھىممىدۇ ؟ مۇھەببىتى بىلەن سائەت-سائەتلەپ ھېكايە سۆزلەشكە رازى بولۇپ پۇلنى، ۋاقتىنى تېلفۇندا دۇمبالايدىغان بەزىلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىككى كۈندە بىر 15 مىنۇت ۋاقىت چاقىرىپ پاراڭلىشىشقا، مۇڭدىشىشقا رەغدى يوق. ئىككى كۈندە بىر بولسىمۇ يۈرەك پارىسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئەشۇ ئاتا-ئانىلار قانچە خۇشال بولار؟ قانچە خاتىرجەم بولا؟؟؟...

تۆۋەندىكى بىر ئابزاس دىئالوگقا دىققەت قىلىڭ. بۇنى مەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تېلفۇن پارىڭىدىن تۇيۇقسىز ئاڭلاپ قالغان.
-ۋەي، دادا ياتاققا ئوغرى كىرىپتىكەن . ياستۇقۇمنىڭ ئاستىدىكى 200 يۈەن پۇل يوق. چامدىنىمنىڭ قۇلۇپى بۇزۇق ئىچىدىكى پۇلمۇ يوق. ھازىر يېنىمدا ئالتە مۇ قالغان، كەچتە نېمە يەمەنكىن تاڭ. قوساق ئاچ ... تېز پۇل سالمىساڭ ئاچ قالىمەن.  ئۇ ئىنتايىن بىچارە ھالەتتە دادىسىغا يىلىنۋاتاتتى. سالام -سائەتمۇ يوق. تېلفۇننى ئېلىشىغىلا شۇ خەۋەردىن بىرنى ئالغان دادا شۇ تاپتا نېمە بولۇپ كەتكەندۇ؟ دادىنىڭ پارىڭى ماڭا نامەلۇم. ئۇ تېلفۇننى بىر ھازا تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن. چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ بىردەمدىلا قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. بايىلا سىرىتتىن سىنىپقا "داپەنجى" يەپ كىردۇق دېگەن بۇ ساۋاقدىشىم مېنى گاڭگىرتىپلا قويدى.
-ھەي ،دادىڭىزنى ئالدىۋەتتىڭىز -ھە! دېدىم ئېغىر ئۇھسىنىپ.
-ياندا پۇل تۈگىسەماڭىمۇ ئامال يوق. جۈمە كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم. پۇل بولمىسا قىزلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈم چۈشمەمدۇ؟ ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا، ھېچ ئىش بولمىغاندەك كېتىپ قالدى. قايتا-قايتا توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم -دە، ئۇنىڭغا قاراپ ئېچىندىم. دادا قانچە ئەنسىرگەندۇ-ھە؟ بىر مۇنچە يالغاننى توقۇپ دادىسىنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈردى. ياق ئۇ ئۆزىنى ئالدىدى. بۇ ئۆتنە ئالەم. ھازىر دادىسىنى ئالدىغان بىلەن كەلگۈسىدە بالىسى بۇنى ئالدايدۇ... قويىدۇ...ھەي...بىر تۇغۇلغان كۈنىنى دەپ 20 نەچچە يىل باققان دادىسىنى ئالداش نەقەدەر يىرگىنىشلىك -ھە !  يۈرىكىمدىكى ئېچىنىش ھېسلىرى مېنىڭ بۇ ساۋاقدىشىمغا نەپرەت ئوقلىرىنى قار -يامغۇرەەك ياغدۇرماقتا ئىدى.
سىز بىر ئوقۇغۇچى سۈيۈملۈك قېرىندىشىىم. ۋەتەننىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۈمىد يۇلتۇزى. سىزدىن سوراي ئۆزىڭىزگە، ئاتا -ئانىڭىزغا، ۋىجدانىڭىزغا يۈز كېلەلىدىڭىزمۇ؟؟؟

سىزمۇ قىلالايسىز...





مېنىڭ بىر دوستۇم بار. ئۇ ئىنتايىن تىرىشچان قىز. بولۇپمۇ ماتىماتىكا نەتىجىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىمۇ ماتىماتىكا نەتىجىسى ۋىلايەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغاچقا، ناھىيىنىڭ 1- دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت ، ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغۇ ئېرىشكەن.  ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا ئايلاندۇرالىغان بۇ دوستۇمنىڭ يۈرۈش- تۇرۇش، كىيىنىشلىرىدىن ئاددىي-ساددىيلىقىنى مانا مەن دەپلا كۆرۈۋالايسىز...20   ياشقا ئەمدىلا  كىرگەن كىرگەن بىر قىزنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى، تەتىلدە كۇرۇسلاردا ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇشى ئاسانمۇ؟ تۇرمۇش ئۇنىڭغا شۇ ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىدىمۇ دېسەك، كەسپىي ساپا بەلگىلىك دەرىجىدە ھازىرلانمىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ تۇرمۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس... مانا بۇ ھەممىسى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدەنگەنلىكى. دادامنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا "ئادەم قانچىلىك تىرىشسا شۇنچىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ."



تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇيدىغان چاغلاردا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بولىدىغان. دەرستە ھەمىنىڭ ئالدى ئىدى. دەرسلەرگە ئاكتىپ پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەپەككۇر قىلىپلا ئولتۇراتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭ ئۆتكۈرلىكىگە، ئەقىللىقلىقىگە ھەۋەس قىلىشاتتۇق. كىيىم -كېچەكلىرى شۇنداق ئاددىي بولۇپ مەكتەپ فورمىسى ھەدىسىلا ئۇچىسىدىن چۈشمەيتى. بەزىلەر زاڭلىق قىلىپ < ئاداش، شەنبە -يەكشەنبىدىمۇ كىيۋالدىكەنسىلەر؟ بەك ئاكتىپ جۇمۇ سىلە... مۇشنىڭدىن باشقا كىيمىڭ يوقمىدى -يا؟> دەپ زاڭلىق قىلىپ قۇياتتى. ئۇ بۇ چاغلاردا زاڭلىق قىلغۇچىلارغا ئانچە ئىرەن قىلمايتى. ئۇيۇنغا بېرىلمەي ،ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ھەممىنى قايىل قىلىپ ئوقۇۋاتقان بۇ ساۋاقدىشىمنىڭ تا تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتۈرگىچە پۈتۈن ئوقۇش راسخوتىنى ئۆزى تاپقان دېسەم ئىشىنەمسىز ؟
بۇنى مەنمۇ تۇلۇق 3- يىللىققا چىققاندا مۇنداق بىر ئىشتىن كېيىن ئاندىن بىلدىم.
تۇلۇق 3- يىللىققا چىققاندا ئۇ شەنبىلىك دەرسكە كەلمەيدىغان بولىۋالدى. مۇئەللىم قيتا -قايتا سورىغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ياخشى جاۋاپ ئالالماي، سىنىپ يىغىنىدا ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ قەتئىي دەيسەن دەپ تۇرۋالدى. ئۇ ئېغىر تىنىۋېلىپ:
-دېمىسەم بۇلامدۇ؟  مېنى زورلىمىسڭىز ...-دېدى. بىزنىڭ ھېلىقى جائىل مۇئەللىمىز قەتئىي چىڭ تۇرۇپ قەئىي دە چىڭ  دەپ تۇرۋالدى. ئۇ كۆزلىرىدە ماراپ تۇرغان ياشلىرىنى زورلاپ كۆز چاناقلىرىدىن ئەپقاچاتتى. ئۇ ئاخىرى سىرىنى ئاشكارلىدى.
-مۇئەللىم . قىستاپ تۇرۋالدىڭىز بوپتۇ دەي. مېنىڭ دادام بەش يىل ئىلگىرى مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن. بىچارە ئاپام كوچا تازلاپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەدەمنى ئوقۇتتى. ئوقۇش ياردەم پۇلى بەردى دېگەندىمۇ ھەر ئايدا ئەۋەتىدىغان تۇرمۇش پۇلى ئانامنى خېلى ھاسىراتتى. مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرنى پۈتتۇرۈپلا ئوقۇماي دېسەم، ئانام يىغلاپ:
-بالام، مەن بىر قارا تۈرۈك ئايال. پايتىمام سۆرۈلۈپ قالسىمۇ سېنى ئوقۇتىمەن. بۇ مېنىڭ ھەم داداڭنىڭ ئارزۇسى-دەپ تۇرۋالغاچقا مەن ئاپامغا. تۈرمىدىكى شۇ غېرىپ دادامغا يۈز كېلىش ئۈچۈنتۇلۇق ئوتتۇردا ئوقۇدۇم. مېنىڭ ئوقۇش ھەققىممۇ بىر غەم بولدى. بىچارە ئانامنىڭ يۈكى كۈندىن -كۈنگە  ئېغىرلاپ كېسەلچان بولۇپ قالدى. شۇڭا مەن ھەر شەنبە -يەكشەنبە  كۈنى قۇرلۇشلاردا ، ماشنا يۇيۇش ، يۈك تۇشۇش ئورۇنلىرىدا ئىشقىلىپ كۈچۈم يەتكىدەكلا ئىش بولسا، جاپا تارتساممۇ قىلدىم. ئاپام ھەر قېتىم قاپارغان قوللىرىمنى كۆرۈپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ:
-بالام، مېنى كەچۈر سېنى جاپادا قويدۇم، دەپ قوللىرىمنى سىلاپ كېتەتتى.مەن ئوغۇل بالا يىغلىسام بولمايدۇ دەپ ئويلايتىم. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە ماڭا ئىىسسق ئۆتۈپ قېلىپ، ئىشلىگىلى بارالمىغاچقا بۇ مەۋسۇمدىكى ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قىستاۋەردىڭىز. شۇڭا ئىشلەپ پۇل تاپاي دەپ ئامالسىز شەنبىلىك دەرسىنى قالدۇردۇم، سەۋەبى مۇشۇ.... ئۇ ھېكايىسىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا 40 نەچچە قارا كۆزدىن تەسىرلىنىش ياشلىرى سىرغىشقا باشلاپتۇ. مېنىڭمۇ كىرپىكلىرىم نەمدىلىپ، سۈزۈك ياشلار مەڭزىمنى بويلاپ ئىتەكلىرىمگە تۆكۈلۈپتۇ. سىنىپ بولسا بىر خىل تىمتاسچىلىققا چۆمۈلگەن ئىدى. بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ شۇنداق قىلالىشى ئاسانمۇ ؟ جەنۇپتا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش ، كىتاب-ماتىريال پۇلى 1000 يۈەندىن كەم ئەمەس. شۇندىن كېيىن ئۇ ساۋاقدىشىمغا ھۆرمۈتۈم قايتىدىن قوزغالدى. بىر تەرەپتىن ئىشلەش، بىر تەرەپتىن ياخشى ئوقۇش ئەمدىلا 18 نىڭ قارىسىنى ئالغان بالىنى تۇرمۇش شۇ بېسىملارغا كۆندۈرگەنىدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىدەك ھەقسىز ئوقۇيدىغان، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكىمۇ ئۆتتى. ھازىرمۇ ئۇنىڭ تەتىل كۈنلىرى ماشىنا يۇيۇش ئورۇنلىرىدا، تاللا بازارلىرىدا  ئىشلەپ يۈرگىنىنى پات-پات كۆرۈپ قالىمەن.
ئەشۇ ئىككى ساۋاقدىشىمنى ئۆزۈمگە سېلىشتۇرۇدۇم. مۇشۇ كەمگىچە بىر يۈەن تېپىپ باقماپتىمەن. پۇلۇم تۈگىسە ئىزا تارتىپمۇ، ئىزا تارتمايمۇ ئاتا-ئانامدىن پۇل ئالىمەن. ھەي...يا ئادەم ئەشۇنداق جاپالىق تۇرمۇشتا ئىرادىسىنى تاۋلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەمدىغاندۇ؟ ياخشى تۇرمۇش ئادەمنى تەييارتاپ، ھۇرۇن قىلىپ قۇيامدۇغاندۇ؟ قىيىنچىلىق ھەقىقەتەن بىر ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلىسىمۇ، بىراق ياخشى تۇرمۇشمۇ بەزىدە ئادەمگە ئىرادىسنى چېنىقتۇرۇش، تاۋلاش پۇرسىتى ئاتا قىلىدىغۇ؟ بىز نېمە ئۈچۈن شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايمىز؟ ئادەم ھەرگىز كىچىك ئىشلاردىن نۇمۇس قىلماسلىق. پەقەت، ھۇرۇنلىقتىن، تەييارتاپلىقتىن، بىكاچىلىقتىن نۇمۇس قىلىشى كېرەك.
قەدىرلىك دوستۇم، ھەممىمىز ئەقىل كۆزلىرىمىزنى يوغان ئېچىپ يۈكسۈلۋاتقان بۈگۈنكى دۇنياغا نەزەر سالايلى. بۈگۈنكى دۇنيا قانداق! قانداق كىشىلەرگە مۇھتاج؟ ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟؟؟...
تىرىشىڭ. نەزىرىينى ئەمىليەتكە باغلىيالىغۇدەك ساپانى ھازىرلاڭ! بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى "بىر توخۇنىمۇ ئوڭلاپ سۇيالمايدۇ" غا خاتىمە بېرىڭ.
ئۆگىنىڭ، يالغاندىن ئەمەس. بەلكى ھەقىقي بىلىپ ئۆگىنىڭ.
ياشاڭ، ئۆزىڭىزگە، كۆز نۇرلىرىدا ئۈمىدنى سىزگە شام يېقىپ ئولتۇرغان ئاتا-ئانىڭىزغا، مىللەتكە، ۋەتەنگە يۈز كېلىپ ياشاڭ.
ئويلىنىڭ، ئۆزىڭىز ھەققىدە، بۈگۈن، ئەتە ھەققىدە داۋاملىق ئويلىنىڭ.
قەدىرلەڭ، ياشلىقىڭىزنى بىھۇدە ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن، زېھنىڭىزنىڭ قوراپ، ئەقلىڭىزنىڭ خۇنۇكلىشىشىدن ھەزەر ئەيلەڭ! ۋاقىتنى بىلىم ئىگەللەشكە سەرپ قىلىڭ! تۈنۈگۈن ئاللا قاچان ئۆتۈپ كەتتى. بۈگۈننى قەدىرلەپ، ئەتە ئۈچۈن ئۇل سېلىڭ...
سىز كەلگۈسىدىكى پەرزەنتىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسى. شۇ پەرزەنتىڭىزگە يۆلىنۋېلىش، تەييارتاپلىق، ھۇرۇنلۇق، كەيىپ -ساپاغا بېرىلىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتەك روھىيەتتىكى خۇنۇكلىكنى مىراس قالدۇرماڭ! بۇنى ئەتىگە سۆرەپ كىرمەڭ! سىز ياراملىق ئاتا-ئانا بولۇش ساپاسىنى ھازىرلىدىڭىزمۇ ؟ تەييارلىقىڭىز قانداقراق ؟؟؟...
تىرىشىڭ، كەلگۈسىگە ساپاسىز، مەدەنىيەتسىز  ئاتا -ئانىلار ئەمەس.بەلكى، ياراملىق بىلىم ئىگىللىرى كېرەك.

ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىزگە تىكىلمەكتە. ئۇلارنى ھەرگىزمۇ نائۈمىد قويمايلى. قېنى قېرىندىشىم پارلاق، نۇرانە ئەتە ئۈچۈن ئالغا!!!
قۇياش ئالقانلىرنى بىزگە كەڭ ئېچىپ، ئۇپۇق لىۋىدىن جەسۇر قەدىمىنى زىمىنغا ئالماقتا... بىز ئەشۇ جەسۇر قەدەملەردىن روھىيىتىمىزدىكى ئەڭ يۈكسەك سىمانى تاپايلى...!
2010-يىل ( ئىيۇل )
مەنبە: قەلىمىم
[ بۇ يازما sultan تەرپىدىن 2010-07-23 09:42 AM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما دادا، تۇغۇلغان كۈنۈڭ قاچان؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(mahliya) ياخشى تىما
  • مۇنبەر پۇلى:+200(kun^kiz) ئەجىر.
  • مۇنبەر پۇلى:+1(hokumran) ناھايىتى ياخ ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى kun^kiz تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-21, 02:15
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    دۇنيا پەقەت مېھر - مۇھەببەت بىلەنلا گۈزەلدۇر .

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2003
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
    ئۆسۈش: 2.16%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 173
      ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1337 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 272(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-02
      كىرىشى: 2010-07-25

    تېمىلارنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز . دىمىسىمۇ ئاتا - ئانىمىز بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزنى تەبرىكلەشنى قەتئى ئۇنتۇمايدۇ . لېكىن بىزچۇ ئۇلارغا بىرەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردۇقمۇ؟ ياق . پەقەت ئانىلار بايرىمىدا  <<ئاپا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن >> لا دىيەلىدۇق .ئەمما ئاتىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىگىنى ھازىرغىچە ئويلاپ باقماپتىمەن .
    ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسە ئەركىنلىك !
    غەيرەت قىل ، ئاي!

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە379دانە
    ئۆسۈش: 2.71%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 379
      ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4442 سوم
      تۆھپىسى: 7 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 562(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-23

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  hokumran كە 2010-07-21 10:54 AMئەۋەتىلدى  :
    تېمىلارنى ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز . دىمىسىمۇ ئاتا - ئانىمىز بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزنى تەبرىكلەشنى قەتئى ئۇنتۇمايدۇ . لېكىن بىزچۇ ئۇلارغا بىرەر قېتىم تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردۇقمۇ؟ ياق . پەقەت ئانىلار بايرىمىدا  <<ئاپا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن >> لا دىيەلىدۇق .ئەمما ئاتىلار بايرىمىنىڭ قايسى كۈنى ئىكەنلىگىنى ھازىرغىچە ئويلاپ باقماپتىمەن .


    رەھمەت ياقتۇرغىنىڭىزغا ...توغرا نۇرغۇن ئىشلارنى بىز تېخى ئويلاپ يىتەلمىدۇق... بۇنىڭدىن بىز مەڭگۈ ئەپسۇسلىنىمىز...مەڭگۈ...
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 150
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ئۆسۈش: 2.4%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 120
      ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 923 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 435(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    تېمىڭىز ناھايىتتى ياخشى چىقىپتۇ ، ھازىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى   ئاتا -  ئانلىرىنى ئاشۇنداق ئالداپ كېلىۋاتقان بىلەن كېيىن ئۇ ئالەمگە بارغاندا قانداق كۈن كۆرىدىغىنى ئويلىمامدىغاندۇ ؟  
    ئىسلام دىنىدا پەقەت روزا ھېيىت بىلەن قۇربان ھېيتتىن باشقا بايرام يوق .
    ئاللاھ ھەمىمىگە ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن !
    لايلا
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە651دانە
    ئۆسۈش: 4.65%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 651
      ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2322 سوم
      تۆھپىسى: 99 كىشى
      ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
      ۋاقتى: 168(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-24

    ئەزىزىم تېمىڭىزنى شۇنچىلىك ئوقۇغۇم باتتى  تولىمۇ ئەپسۇس مېنىڭ  ئاتام -ئانام يوق  شۇڭا مۇشۇ  توغۇرلۇق تېملارنى ئوقساملا نەچچە كۈن  ئاغرىپ قالمەن ، قويغان -تۇتقىنىمنى بىلەلمەي قالمەن كەچۈرۈڭ تاتلىق مېنى ئەپۇ قىلىڭ . مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىڭىزنى نەچچە رەت ئىچىپ بولدۇم لىكىن ..............كەچۈرۈڭ مەن بەكمۇ ئاجىز بولسام كىرەك .
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(suzuk-ay) سالام گۈلۈم ..
  • پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!
    سەرگەردان

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
    ئۆسۈش: 3.06%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 245
      ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1598 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 86(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-07-25

    ئادەمدە ،  ئىتىقاد ،  غايە ، تىرىشچانلىق بولمايدىكەن ، نىىمىنىڭ  بەخىت ،  خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى بىر ئۆمۈر ھىس  قىلالمايدۇ .
    كىچىككىنە كۆڭۈلنىڭ ، قۇرۇق ھەۋەسنىڭ كەينىگە  كىرىپ  قىلغانلىرىمىز  كۈنلەرنىڭ  بىرىدە  پۇشايمان  ياشلىرىنى ئاقتۇرىدۇ .

    مۇشۇ كۈنلەردە  غەرىبلىشىپ  ،  تۇغۇلغان  كۈن ، ئاشىق - مەشۇق ، ئالداش ، ۋە قانداقتۇر  بايراملارنى ئۆتكۈزىدىغان  بۇلۇپ  كىتىۋاتمىز ،  بىز شۇنچە بايمۇ ؟
    ۋاقتىمىزنى ئىسراپ  قىلغانغا  چۇشلۇق  كۆڭلىمىزنى قانچىلىك خوش قىلالىدۇق ؟
    غەرىبلىشىش  بىزنى  غېرىبلاشتۇرماقتا !
    مەنمۇ  بۈگۈنگىچە  تۇغۇلغان  كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ باقمىدىم ، يېقىندا  بىر دوستۇمنىڭ  تۇنۇشى  تۇغۇلغان  كۈننى  ئۆتكۈزىدىغان  بۇلۇپ دوستۇمنى تۇغۇلغان كۈنىگە چاقىرىپتۇ .  بارغۇم  يوق  ئىدى ،  دوستۇم  ،  بىللە بارغىن !  سىنىمۇ  ئېلىپ  بارىمەن دەپ  قويغان  ئىدىم . ھەممىسى  دوسىتلىرى  بىلەن  بىللە بېرىشىدۇ . مەن يالغۇز  بارسام  ...  دەپ  زورلاپ  يالۋۇرېشى  بىلەن باردىم .  رېستۇراندىكى  ئىسراپچىلىق ،  ئالا ـ  يىشىل  چىراغلار  ئاستىدا ئوينىلىۋاتقان ،  قايسى مىللەتنىڭ  ئۇسۇلى  ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، غەلىتە قىلىقلارنى چىقرىپ ئوينىلىۋاتقان << تولغىما >> ئۇسۇللار ، ئەبجەش ناخشىلار ، ئوغۇللارنىڭ  بىلىگە  سۇيقاش  بارمىغاندەك  تولغاپ  ئويناشلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم  بىر قىسما بولۇپ  قالدى .
    تۆت ـ  بەش  ياشلار چامىسىدىكى  سەبىي  قىزنىڭ بەل  ـ كاسىللىرىنى تولغاپ ئوينىغان << دىسكو >> سىنى ھەممەيلەن  ماختاپ  كىتىشتى. ئىچىم  ئاچچىق  بۇلۇپ  ئىسراپخانىدىن  قايتىپ  چىقتىم.
    ئوينايلى !  كۈلەيلى يايرايلى  ،  دوسىتلار  دەپ  توۋلىغانلارنىڭ  ئاغزىغا  ئۇرغۇم كىلىدۇ ،  ئوينايلى !  قاچانغۇچە ئوينايمىز...



    نىمىشقا  ھايات  ۋاقتىدا  ،  ئاتا ـ  ئانامنىڭ  مىنى  تۇغقان  كۈننى  تەبرىكلەپ  باقمىغاندىمەن ...؟

    تۇلىمۇ  ئەھمىيەتلىك  تىما  يوللاپسىز .  قەلمىڭىزگە  بەرىكەت  تىلەيمەن...
    [ بۇ يازما sargarda تەرپىدىن 2010-07-21 12:17 PM دە ]
    بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+10(suzuk-ay) ئادەمنى تولى ..
  • دۇنيادا ئەسكى ئادەم  يوق ، ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ!
    سۈبھىدىكى ياپراق

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4373
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
    ئۆسۈش: 0.7%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 21
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 77 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 44(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-20
      كىرىشى: 2010-07-22

    ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك ، ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ... ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
    بۇنىڭدىن كېيىنىكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن...
    ئومماق كۆزەم

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 755
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە549دانە
    ئۆسۈش: 4.99%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 549
      ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2389 سوم
      تۆھپىسى: 14 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 206(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-23

    ئەجەپ  ياخشى يىزىپسىز
    قىلغان ئېشىمغا پۇشايمان قىلمايمان!!

    دەرىجىسى: يىـــڭى ئــــــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4378
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
    ئۆسۈش: 0.33%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 10
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 49 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 13(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-20
      كىرىشى: 2010-07-22

      تىمىڭىزغا كۆپ ئەجىر قىپسىز ، ياخشى چىقىپتۇ .

    ھازىر ئۇ بايرام بۇ كۈن دەپ ھەممىسى ئويۇن ئويناشنىڭ باناسى ،  شۇ تۇغۇلغان كۈنلىرىمىزنى ئۆيىمىزدە ئانىمىزنى تەبرىكلەپ، ئانىمىزنىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىپ شۇلارنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزىدىغىنىمىزدىن قانچىمىز باردۇ .

    دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3895
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ئۆسۈش: 2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 6
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 0(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-13
      كىرىشى: 2010-07-22

    ئەزىز ساۋاقدېشىم ، تۇلۇق ئوتتۇردا ھەممىزنىڭ كۆزىنى ياشلىغان ئەشۇ ئىشنى ناھايتى جانلىق سۆرەتلەپ چىقىپسىز...قەلىمىزگە بارىكاللا
    كۆزلىرىم يەنە نەمدەلدى.
    ھەي ...نادىر تېما ئىكەن بۇ جۇما..بىزدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يېڭى ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆرنەك بولغۇدەك...
    نادىر تېمىڭىزغا تەشنا مەن ....ئوماق.
    تەتىل بولدى بىزنىڭ ئۆيلەرگىمۇ كىرىپ تۇرۇڭ ھە..
    غەيرەت قىل ، ئاي!

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە379دانە
    ئۆسۈش: 2.71%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 379
      ياخشى باھا: 95 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 4442 سوم
      تۆھپىسى: 7 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 562(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-23

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  kun^kiz كە 2010-07-21 11:15 AMئەۋەتىلدى  :
    ئەزىزىم تېمىڭىزنى شۇنچىلىك ئوقۇغۇم باتتى  تولىمۇ ئەپسۇس مېنىڭ  ئاتام -ئانام يوق  شۇڭا مۇشۇ  توغۇرلۇق تېملارنى ئوقساملا نەچچە كۈن  ئاغرىپ قالمەن ، قويغان -تۇتقىنىمنى بىلەلمەي قالمەن كەچۈرۈڭ تاتلىق مېنى ئەپۇ قىلىڭ . مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىڭىزنى نەچچە رەت ئىچىپ بولدۇم لىكىن ..............كەچۈرۈڭ مەن بەكمۇ ئاجىز بولسام كىرەك .


    قەدىرلىك گۈلۈم ... مېنىڭمۇ ئىچىم ئاچچىق بولدى جېنىم ... كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ. سىز يالغۇز ئەمەس ئاللاھ سىزگە مەڭگۈ مەدەتكار ھەم ھەمراھ...
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go