دۆت
(مىكرو ھېكايە)
بۈگۈن يېزىدا ئويناۋېتىپ كىچىككىنە ئىنىمدىن قاتتىق رەنجىپ قالدىم .
ئىنىم سەھراغا كىلىپلا 12_ 13ياشلار چاممىسىدىكى بىر قىزنى ئۆزىگە << ئاچا >> تۇتىۋاپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق بۇلۇپ قاپتۇ .
سەۋەبى ، بۇ سەھرالىق قىز ئىنىم نىمە دىسە ماقۇل دەيدىكەن ، نىمە ئوينايمەن دىسە رايىغا باقىدىكەن . بۇنىڭغا قاراپ مېنىڭ كۈندەشلىكىم قوزغالدى ۋە ئىنىمنى كۆتۈرۈپ دالدىغا ئاپىرىپ :
__ ئۇكام ، سېنىڭ ئاچاڭ دىگەن مەن ، ئاۋۇ قىز سېنىڭ ئاچاڭ ئەمەس ، ئۇ قىز ئەسكى ئىكەن ،__ دېدىم كۆڭلى قارىلىق بىلەن .
كۈتۈلمىگەندە يۈزلىرىمگە تىگىۋاتقان تاياقتىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم . ئىنىم يۈزلىرىمگە ئۇرۇپ ، چاچلىرىمنى يۇلغاندىن كېيىن مېنى << دۆت ! >> دەپ تىللاپ قۇيۇپ ، قۇچىقىمدىن چۈشۈپ ھېلىقى << ئاچا >> سىنىڭ قېشىغا كەتتى.
مەن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۇنىڭدىن بەكلا خاپا بولدۇم ھەمدە ئىككىنجى باقماسلىق نىيتىگە كەلدىم .
ئۆزۈم يالغۇز دەريا بۇيىغا بېرىپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئويلاپ قاپتىمەن :
توۋا ، ئۈچ ياشلىق بالىنىڭ قىلىقى ماڭا بەزى ھەقىقەتلەرنى تۇنۇتۇپتۇ . ئۇنىڭ مۇھەببەت _ نەپرىتى نىمە دىگەن ئېنىق __ ھە ! گەرچە مەن ئۇنى ھەر كۈنى باقىدىغان ئامراق ئاچىسى بولساممۇ ، خاتا ھالدا ئۇنىڭ ياقتۇرىدىغان ئادىمىنى قارلىغانلىقىم ئۈچۈن شۇ مەيداندىدا ئەدىپىمنى يېدىم . بۇ _ ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان << ئىككى يۈزلىمىلىك >> ئىدىيىسى نەقەدەرئېنىق سېلىشتۇرما __ ھە !
شۇغىنىسى ، ئۇنىڭ ئاشۇ چىنلىقى ، ئادىللىقى قانچىلىك داۋاملىشا لار ......
مەنبە : خاتىرەمدىن
 |