مىسرانىم ئەھلى، مېنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئېلىب بېقىش ئويىدا بولۇۋاتقان ئۆزۈم يولۇققان ئىككى ئىش بار ئىدى، بەلكىم سىلەرمۇ شۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنسىلەر ،قېنى ئەزىزلىرىم،سىلەر قانداق ئويدا ،قانداق پىكىردە،بىر ئەركىن ئازادە ئولتۇرۇپ مۇنازىرە قىلىپ باقساق دەيمەن. 7[ ovEE54 mxlh\'b بۇنىڭ بىرسى مۇنداق ئىش، يېقىندا ئاۋام تورىدا (人人网)بىر ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان قېرىندىشىم بىلەن گەپلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ماڭا دىگەن گەپلىرى ھەقىقەتەنمۇ مېنى ئويغا سالدى ،ئۇ بالىنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ دادىسى يوق ئىكەن،ئانىسى ئۇنى تولۇق ئوتتۇردىن چېكىنگىن بالام،مەن بەك جاپا تارتىپ كەتتىم دىگەن ، بالا مەكتەپكە بارمىغان شۇ كۈنى كېچىچە دۈم يېتىپ يىغلاپ چىققان،چۈنكى ئۇنىڭ بەكلا ئوقۇغۇسى بار ئىكەن،ئانىسى ئوغلىنىڭ بۇنچىلىك ئوقۇشقا ئىشتىياقى بارلىقىنى بىلىپ ،ئەتىسىلا مەكتەپكە يولغا سالغان، كىيىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئىچكىردىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قېلىنىپتۇ، ئانىسى خۇشال بولۇپ ئوغلىنى قەرز ئېلىپ مەكتەپكە يولغا ساپتۇ، بالا تەييارلىق ئوقۇشقا كەلگەندىن كىيىن سەل بوشاپ كېتىپتۇ، 2 يىل تەييارلىق ئاخىرلىشىپتۇ، تۇلۇق كۇرۇس ئوقۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەكتىپىگە كەپتۇ، شۇ ئارىدا تەتىلدە قەرز ئېگىلىرىنىڭ بىچارە ئانىنى سەنلەپ يۈرۈپ قەرز سۈيلەشلىرى،مۆرىسىدىن ئىتتىرىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئوغۇل بەك پۇشايمان قىپتۇ،ئانىسىغا بەك ئىچى ئاغرىپتۇ،چوقۇم ياخشى ئوقۇپ،ئانامنى ياخشى باقىمەن دەپ نىيەت قىلىپ تولۇق كۇرسنى بەك ياخشى ئوقۇپتۇ، ئىنگىلىز تىلى 4-6-دەرىجە ھەممىدىن ئۆتۈپتۇ،ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ ئانىسىغا ئېغىرچىلىقىنى سالماپتۇ، "ئانامنى پۇل ئېۋەتسىڭىز دىمىگىلى خېلى بولدى" دىدى ئۇ بالا . " مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇشۇم كېرەك، ئانامغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئوقۇشۇم كېرەك ،مەندە شۇنداق ئىرادە بار، چوقۇم چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئېلىپ ئانامنى رازى قىلىمەن.شۇڭا بەكرەك تىرىشمىسام بولمايدۇ، كۆپرەك كىتاب كۆرىشىم كېرەك، ۋاقىت مەن ئۈچۈن بەكلا قىممەتلىك، شۇڭا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلارغا بەك ئارلىشىپ كېتەلمىدىم، كۈنلىرىم كۈتۈپخانىدىلا ئۆتىدۇ، ئاشخانىغا بارساممۇ تاماقنىڭ ياخشىسى قاچان چىقار دىمەيمەن ،نىمە چىققان بولسا شۇ تاماقنى يەپ كۈتۈپخانىغا كېتىمەن، ئادەتتە تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشلىرى،ئۇ بۇ يىغىلىشقا بارمايمەن، بىر كۈنى باشقا ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنى "ساراڭ ، سەل ساق ئەمەس" دىگىنىنى ئاڭلاپ قالدىم، يەنە مېنى يېتەكچى مۇئەللىم دەپمۇ قويىدۇ، بىر كۈنى ھېيتلىق يىغىلىشقا كەلسەم" ۋوي،سەنمۇ بىلەمسەن يىغىلىشنى؟ قانداق ۋاقتىڭ چىقتى مۇئەللىم ؟" دېدى، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم . ئەمما مېنىڭ كۆڭلۈمگە بەك كەلدى. مەن ساراڭ ئەمەس، مېنىڭمۇ شۇنداق بالىلارغا ئارلىشىپ ئۆتكۈم بار، ئەمما مېنىڭ بۇ دۇنيادا ئانام ۋە يەنە ئىككى قېرىندىشىمدىن باشقا ھېچنىمەم يوق!! ئانام بولسا تۇل، يەر ئاز،ئۇنىڭ بۇنىڭغا ئىشلەپ ئۇكامنى ئوقۇتۇۋاتىدۇ، سىڭلىم تۇلۇقسىزنى تۈگىتىپلا ئىشلىگەن،كۆچمە خەۋەرلىشىتە ھازىر، نىمىشقا بالىلار مېنىڭ ئۆگىنىشىمنى قوللاپ بەرمەيدۇ؟ مەن ياخشى نەتىجە ئالسام، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇپ دوكتۇر بولسام، ئاشۇ ئۇيغۇر بالىلار ئەينى ۋاقىتتا بىز بىلەن ئوقۇغانتى، بىزنىڭ مەكتەپتىن دەپ مەندىن پەخىرلەنمەسمۇ؟".................
;dIk$_FN خۇلاسە كالام، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بۇ بالىنىڭ ئەڭ ئاخىردا ئېيتقانلىرى، ئويلىدىم،بىز قاچاندىن بېرى ئۆگىنىدىغانلارنى مازاق قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق؟ بىز مەرىپەتپەرۋەر،ئىلىمخۇمار كىشىلەرنىڭ باللىرى ئەمەسمىدۇق؟ نىمىشقا ئارىمىزدىكى شۇنداق ئىرادىلىك، تىرىشچان قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرمەيمىز؟ ئۇلار بىلەن بىرگە ياخشى ئوقۇمايمىز؟ يەنە قانچىلىك تېرىشچان بالىلار شۇ سەۋەپتىن ئوقۇش ئىرادىسىدىن يېنىپ كەتتى؟ بىزگە بولغان زىيىنىچۇ؟ بىزگە ئىلىم كېرەكمۇ ياكى يىغىلىش،گەپلىشىپ يۈرۈشمۇ؟
0R?1|YnB شۇنداق،كىشلىك مۇناسىۋەتكىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، بىراق مۇشۇ ساۋاقداشقا ئوخشاش بالىلارنى ھەممەيلەن چوقۇم قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرسەك دىگەن ئۈمىدتە مەن، ئىشىنىمەنكى، ئۆگەنگەنلەرنىڭ كاللىسىدا چاتاق بار ،بىنۇرمال دىيىشكە ھەققىڭىز يوق ! ئۇلارنىڭ ئوينىغۇسى، كۈلۈپ يايرىغۇسى كەلمەمدۇ ؟ ئەلۋەتتە كېلىدۇ،ئەمما
e!u]l كۆڭلىدىكى يۈكسەك ئارزۇ ئارمانلىرى ئۇلارنى قۇربان بېرىشكە مەجبۇر قىلغان. شۇڭا مۇشۇنداق مىللەت ئەزالىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ قويساق.
\/Y(m4
.................................... O8;/oL4 U
يەنە بىر ئىش چەتئەل تىلى ئۆگىنىش مەسلىسى، نۇرغۇن بالىلار چەتئەل تىلى ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ ، ئىنگىلىزتىلى، ياپۇن تىلى،روس تىلى،فىرانسۇزتىلى .گىرمان تىلى ....قاتارلىق تىللار ئۇنۋىرسىتلاردا كەسپى تىللار بولۇپ شەكىللەندى، شۇنداق پەيتلەردە نۇرغۇن بالىلار بوش ۋاقىتلىرىدا بىزگە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى مەسلەن،ئۆزبىك.قازاق،تاتار،تۇرك تىللىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئەمما يەنە مەسخىرىگە ئۇچرىدى، " ۋاي تۈرك پەرەس، نىمە قىلىسەن تۇرك تىلى ئۆگىنىپ . تۈرككە تىگەي دىگەنمۇ يا؟ ئۆزبىكچىنى ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى نىمە ؟ ئۇيغۇرچىنى ئۆگەنسۇن ئۇلار، قازاقچە نىمىگە ئەسقاتىدۇ، يەنە شۇ خەقنىڭ بوپكەتمەڭلار ،،،،،،،" بۇ نىمە ئىش دەيمەن؟ قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆگەنگەننىڭ نەرى يامان؟ بىركىم شۇ مىللەتكە تېگىۋالسام ،ياكى بىرەر پايدا چىقىپ قالارمىكىن دەپ ئۆگىنەمدۇ تىل دىگەننى؟ شۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى .مەدەنىي مىراسلىرىنى ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرسە،ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرساق بۇنىڭ نىمە زىيىنى بار؟ ئۆزبىكچىدىكى نۇرغۇن كىلاسسىك ئەسەرلەر تېخىچە ئۇيغۇرچىدە يېزىلمىدى، بىز مۇشۇنداق ياشامدۇق؟ بىز لىكسىيە ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە . لىكسىيە سۆزلىگەن خانىم " بىز ئۇيغۇرلار خانلىق تۇيغۇسى شۇنداق كۈچلۈك مىللەت، ئۆزىمىزنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايمىز، ئۈگىنىشكە ئىنتىلمەيمىز ،..." دىگەن سۆزلىرى ئىسپاتلىنىپ قالدىمۇ ؟ ئەمدى مۇسۇلمان،قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئەرگە تېگىۋىلىپ ئاندىن ئۆگەنسەك بولامدۇ؟ مۇشۇ قېرىنداش مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىشتە زەربىگە قاتتىق ئۇچراۋاتقىنى دەل ئىلىمخۇمار ئۇيغۇر قىزلىرى بولىۋاتىدۇ. ئەجدادلىرىمىز نەچچە خىل تىلنى بىلەر ئىكەن ،ئانىلىرىمىز شۇنداق ساپالىق، ئەمدى بىز نىمىشقا بۇ قىسمەتكە دۇچ كەلدۇق؟؟ ئۆزگە مىللەتتىن ئۆز قىزلىرىنى قىزغانغان يېگىتلىرىمدىن،قىزلىرىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئەمما چەكتىن ئېشىپ كەتسە بۇ قىزغىنىشمۇ ئادەمنى ھېچ ئىش خوشياقمايدىغان ھەممىدىن بەسىنىپ يۈرۈيدىغان قىلىپ قويىدىكەن. مەن كۆپ قىزلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم، ھەممىسى :"بىر نەچچە تىلنى ئارتۇق بىلسەك،كىيىن بالىمىزنىمۇ ھەرتەرەپتىن يېتىشكەن قىلىپ تەربىيلىسەك،بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل ئىش بولامدۇ ؟ ھەممىسى مىللىتىمىز ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؟ ئەمما خەقنىڭ مەسخىرىسىدىن تاشلىۋەتتىم ئۆگىنىشنى " دىگەنىدى ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولۇپ كەتتى. بىز مۇشۇنداق ياشامدۇق؟ قەلبىمىز چىن مىھىر-مۇھەببەتتىن .قېرىنداشلارچە قوللاش ، تەڭ ئىلگىرلەشتەك ياخشى پەزىلەتلەردىن سۇ ئىچسۇن!!! ئۆگەنگەنلەرنى توسمايلى، قىزلىرىمىز بىلىم ئالسۇن.قولىدىن كېلىشىچە،قۇربىنىڭ يېتىشىچە بىلمىگەننى بىلىۋالسۇن!!! ئىلىمنىڭ مىلللەت چىگرىسى ،چەكلىمىسى بولمايدۇ، بىكار يۈرگەندىن باشقا مىللەت تىللىرىنى ئۆگىنىپ شۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلسا يامان ئىش ئەمەس، بۇ ھەرگىز شۇ مىللەتنىڭ ھەممە نىمىسىنى ئۆگىنىڭ دىگەنلىك ئەمەس، بىزگە پايدىلىق تەرەپلىرىنى ئۆگەنسەك بولىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىسىنى باشقا مىللەتكە بىلدۈرۈش ھەم يامان ئىش ئەمەس، شۇڭا بىر بىرىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بەرسەك، بىلىملىك ،دانا ئاتىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز تېخىمۇ كۆپەيسۇن!!! J(1Tl
 |