ئۆينىڭ كىچىكى بولغانلىقىم ئۈچۈن بەكلا ئەكە چوڭ بولۇپ قالغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ..... شۇ سەۋەبلىك تۈزۈك ئۆي ئىشىنىمۇ قىلالمايمەن ، قاچا يۇيساممۇ بىرەر چىنىنى چاقماي يۇياي دىسەممۇ چېقىپ قالىمەن .....مانا بۇ مەن . ئۆيدىكىلەر مېنى ئۆينىڭ كىچىكى دەپ نىمە دىسەم قىلىپ بېرىدۇ .... لىكىن مېنىڭ بۇ ھالىتىمگە ئاكام بەكلا نارازى ، شۇ سەۋەبلىك ئاكام بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىم ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
qTTn51 ئاكام تولۇقسىز ئوقۇپلا . تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇماي ، مەخسۇس كۇرۇس ئوقىغان . ئەسلى ئۇنىڭمۇ ئالىي ،مەكتەپ ئوقۇغۇسى بار ئىدى... ئۆگىنىشىمۇ مەكتەپ بويىچە ئالدىدا ......لىكىن ئۇ پەقەت مەن ۋە ئاچامنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇسۇن دەپ شۇنداق قىلغان ..ئەينى چاغدا ئائىلىمىزنىڭ ئىختىسادى يامان ئەمەس بولسىمۇ ، ئاكام ئاتا - ئانام بەكلا قىيلىنىپ كېتىدۇ دەپ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇشقا زادىلا ئۇنمىغان .....مانا بۇ مېنىڭ مېھرىبان ئاكام . بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولدىكى مەن ۋە ئاكام ئىككىمىز ئىككى خىل ئادەم .
6I&j
cHH ھەش- پەش دىگۈچە 3-4 يىل ئۆتۈپ كەتتى ... ئاكاممۇ ئوقۇش پۈتتۇرۈپ خىزمەتكە چىقتى ... مەن ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئاخىرقى يىلىغا قەدەم قويدۇم .... تولۇق 3-يىللىقنىڭ 2- مەۋسۈمىدە ئاپام - دادام مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى يۇرتقا كەتتى . ئاچام ئىچكىردە ئوقۇۋاتىدۇ ....ئۆيدە پەقەت مەن بىلەن ئاكام ئىككىمىز قالدۇق . يۇرۇتقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئاپام ئاكامغا مېنى ياخشى قاراشنى تاپىلاپ ماڭغان ئىدى.
x'2 ,s
E شۇ سەۋەبتىن ئاكام ماڭا شۇنچە نارازى بولسىمۇ ، يەنىلا ماڭا ئوبدان قارىدى . ئوغۇل بالا تۇرۇپ پەرتۇق تارتىپ تاماق ئەتتى ... مەن تېخى ئېتىپ بەرگەن تاماقلىرىنى ياراتماي قۇسۇر چىقىرىپ ئولتۇردۇم ... لىكىن ئاكام بىر نەرسە دەي دىسىمۇ مېنى ئاياپ گەپ قىلماي يۈرىۋەردى ..... مانا بۇ مېنىڭ ئاكام .
1]>$5 1Q تولۇڭ ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپ ، ئالىي مەكتەپكە ماڭدىم ...ئالىي مەكتەپكە ماڭا چېغىمدا ئۇ ماڭا شۇنداق جىق گەپلەرنى دېدى ....ئەڭ ئېسىمدە قالغىنى ئۆزۈمنىڭ ۋىجدان ، غۇرۇر ۋە شەرمى - ھايانى ئۆزۈمگە تۇمار قىلىشىمنى ئېيتقىنى ......ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا بىر ئاز بەتخەج بولۇپ قالغاچقا ، ئاپاملار ئەۋەتكەن پۇلنى خەجلەپ بولساملا ئاكامدىن ياردەم سورايتتىم.. ھەش- پەش دىگۈچە ئاكاممۇ ئۆي - ئوچاقلىق بولدى ، بىر يىلدىن كېيىن دادىمۇ بولدى. مەنمۇ ئوقۇش پۈتتۇرۈپ خىزمەتكە چىقتىم .....مۇئاشىمنى يەتكۈزەلمىسەم ، ئاپاملاردىن پۇل سوراشتىن خىجىل بولۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئۆيى بار ئاكامنى تۈۋرۈك قىلۋاتىمەن ..... ئاكام ئايالىغا بەكلا كۆيىنىدۇ ..... ئايالنىڭ گېپىنى يېرىمايدۇ .....بىركۈنى ئاكامغا "سەن ئايالىڭنىڭ ئالدىدا بەكلا يۇۋاش _ھە" دىگىنىمدە ، ئاكام تۇرۇپ كېتىپ ماڭا:( بىلەمسەن ، مەن يەڭگەڭگە نىمىشقا شۇندا كۆيىنىمەن ، بىرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ ئالغان ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈم . يەنە بىرسى مېنىڭ ئىككى سىڭلىم بار ، بۈگۈن يەڭگەڭگە مەلۇم سەۋەبلەردىن ۋاقىراپ قالغان بولسام . كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەنمۇ توي قىلىسەن ، ئاچاڭمۇ توي قىلىدۇ ...بۇ دىگەن ئۆتنە جاھان ....كېىن سىلەرنىڭ يولدىشىڭلارمۇ سىلەرگە مۇشۇنداق ۋاقىراپ قېلىشىنى خالىمايمەن .... مېنىڭ پەقەت سىلەرنىڭ بەخىتلىك كۈلۈمسىرىشىڭلارنى كۆرگۈم بار ... مەن ساڭا بەك نارازى بۇنىسى ئۆزۈڭگىمۇ ئېنىق ....مەن پەقەت بىر گەپ ئۇقسىكەن ، چوڭ بولسىكەن دەيمەن ...چوڭ بولدۇم دەيسەن بىرەر ئىشنى تۈزۈك قاملاشتۇرالمايسەن ...پەقەت كەلگۈسىدە زىيان تارتىپ قالمىسكەن دەيمەن ...)
Bzu(XQ مانا بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئاكام .....
?..i 4 نىمىشقا ئاكام توغۇرلۇق يازدىم ....بىلمەيمەن ...بىلدىغىنىم پەقەت ئاكامنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدۇ ......ئاخىردا ھەممە مېھرىبان ئاكىلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
niYz9YX ]{|fYt_- [ بۇ يازما sahraogli تەرپىدىن 2010-07-19 11:54 PM دە ]
 |