مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 439 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن <ھىكايە>
parwin

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 848
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0.74%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 37
  ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1177 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 2(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-07-25

0

 ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن <ھىكايە>



ئەرنى ئەر قىلغان خۇتۇن
 
پەرۋىن



 كىچىككىنە كەپەمدە ئىراق-ئىران ئۇرۇشى يەنە پارتلىدى.
-بىر پوتۇلكا ئىشەك سۈيدىگىنى يۈز يۇەنگە ئالغان بارمۇ؟
- ئامىن دىسەم بولامتى،ئىشىڭنى قىلە!
-ساراڭ !
-مەنما ؟
- ھە،سەن!
- ساراڭنىڭ خوتۇنى مەن دە،ھا...ھا...
ئائىلىمىزدە ئىراق-ئىران ئۇرۇشى «ساراڭ» سۆزى بىلەن پارتلايدۇ.«ئەزىزەم»،«ئېرىم» دەپ ماختاپ يۈرگەن خوتۇنۇمنىڭ ئويماقتەك چىرايلىق لېۋىدىن ساراڭ بىلەن سۆيۈملۈگۈم دائىم ئالمىشىپ تۇرى.خوتۇن بىلدىغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولغاننىڭ سازايىغۇ بۇ،كىم مىنى مەرتلەشسۇن دەپتۇ... تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ئالدىرماي شوراشقا باشلايمەن.
- بۇ كىمنىڭ ئۆيى؟
- ساراڭنىڭ
- ئۆز يۈزۈڭگە ئۆزەڭ يۈندا چاچقاندەك،ئۆينى بەڭگىنىڭ ئۆيىگە ئايلاندۇرۇپ بولدۇڭ،بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى،داڭلىق خەتتات دىسە كىممۇ ئىشىنەر ساڭا.
- سەن،مەن...
تىزگىنەكنى قولغا ئېلىپ پۇتۇمنى ئالماپ،تېلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى ئۈنلۈك قۇيۇپ،خوتۇنۇمنىڭ دىققىتىنى بۇرايمەن.

- قارا پايپىقىڭغا،
خوتۇنۇم بىر ئالىيىپ ھوجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.نان دۈشمىنى بەش مەرەك پۇتۇم ئاپپاق پايپاقتىن بېشىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ تۇراتتى.كېچىدە قانداق ئۆيگە كەلگىنىم ئېسىمدە يوق.تۇڭگۇز بازىرىدا ئىچكەن ھاراقنىڭ دەردى چوققامدىن تېغى كەتمىگەن ئىدى.ئۆشكىدەك سەكرەپ بار ئۇسۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆينىغاننىڭ سازايىغۇ بۇ...بىر تۇتام سېرىق چېچى بار قىزنىڭ دىسكوسىدىن تەسىرلىنىپ،تال چىۋىقتەك بەدىنىنى قامانلاپ،ھاراق تەسىرىدىن تېغىمۇ كۈلگەك بۇلۇپ كەتكەن يوغان كوز قىزنىڭ لىپتىگىگە زورلاپ دىگەندەك ئىككى يۈز يۇەننى تىقىپ قويغىنىم كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيدۇ.« بىر كېچىلىك بەزمىگە بىر ئاي ئىشلەپ بولدۇق قۇل»دىگەندەك خوتۇن بىلمەيدىغان پۇل بىلەن خوتۇن بىلىدىغان پۇلنىڭ ھەممىىسىنى ...
دەللال يانفۇن مىنى تاڭ سەھەردە يەنە ئاۋارە قىلدى:
ـ سەردار ،بۇ مەن.لەيلى...
يانفۇننى تىزدىن ئېتىۋەتتىم.توۋۋا ،سېرىق چاچلىق يوغان كۆزگە قاچان نومۇرۇمنى دەپ بەرگەن بولغۇيتۇم... دەللال يانفۇن يەنە چىقىردى:
ـ كىم،ھە...ئاڭلىمىدىم،كىم دىدىڭىز...ياسىن...خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز ھاجىم...
خوتۇنۇم خۇددى مىنى سوراققا تارتىدىغاندەك ئالدىمدا سىركولدەك تۇراتتى.ئوغرىنىڭ يۈرۈگى پوك-پوك دىگەندەك كۆزۈمنى خوتۇنۇمدىن ئېلىپ قېچىپ يانفۇننى تازا تىللىدىم:
خاتا ئۇرۇپ قۇيۇپسىز دىسەم قارىمامسەن،سەندەك بودۇشقاق نىمىكەن ئۇ،يەنە ئۇرغىنىنى.خەپ ئەمدى يەنە سىز ياسىن قارىمما دەپ سالسا ئانىمانىسىنى كورسەتمىسەم...
- ئايال ھاجىممىكەن؟
- ھاجىىخان قۇشناچنىڭ ھاجىسىكەن!
بىچارە خوتۇن مىنى قاغاپ ئۆيدە قالدى.مەن ئۆزەمنى سىرتقا ئاتتىم.


خۇشخەت دىگەننى يېزىپلا قوياتتىم.ئىېرسىيەتمۇ ؟تۇغما قابىلىيەتمۇ؟قاچاندىن بىرى ئۆگەندىم.قاچان مۇكاپاتلىنىپ نامدار بۇلۇپ قالدىم بۇ ماڭا مۇھىم ئەمەس ئىدى.ئەڭ مۇھىمى بىر ۋاراق قەغەزگە ئۇنى بۇنى يېزىپ قويسام نەچچە خانلىق پۇل سانايدىغان  شۇ ئادەملەردە ئىدى.باشقۇرمەن دەپلا تۇرۇۋالدىغان تىلى ئاچچاق لېۋى تاتلىق خوتۇنۇممۇ مىنىڭ ئاشۇ خېتىمگە كۆيۈپ قالغان.تۇڭڭۇز بازىرىدىكى ھىلىقى يوغان كۆز بولسا مىنىڭ پۇلۇمغا كۆيۈپ قالغان...خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان ھىلىقى خۇشخەتكە، ئەللەك مىڭ  سانىغان نوچى  خەتنىڭ نەرىگە كۈيۈپ قالغاندۇر-ھە؟
ئىنسان دىگەن ئاجايىپ مەخلۇق-ھە.ئۇماچ پاتتاڭ،لاي پۇت چاغلىرىمىزدا قاملاشقان چىرايىمىز بىلەن سەت جۇۋانغىمۇ تىكىلىپ قاراپ قويساق،يۈزۈمىزگە تۈكۈرىگى چاچرايدۇ.تۆت تەڭگىنىڭ ئېگىسى بۇلۇپ گىدايغاندا تونۇرغا كۈسەي بولىدىغان چىرايىمىز بىلەن ئاققۇدەك ئاپئاك قىزلار شۆلگىيىنى ئېقىتىپ ئارام بەرمىگەن.مەن بۇزۇلدۇممۇ؟ ياكى يانچۇغۇمدىكى پۇل ھىچ چۈشىنەلمەي لەيلەپ يۈرگۈنۈم يۈرگەن.ھاجىكا دىسە قەۋەتلا تىرىلىپ كېتىمەن،بۇ مۇبارەك نامغا تېغىچە ئېرىشەلمىسەممۇ؟.مىھرىۋان ئاتا-ئانامغا ئايدا بىر زىق كاۋاپ ئېلىپ بېرىشقا پۇل يوق ،ئاتام كۆرمىگەن،ئانام كۆرمىگەن قىزلارغا پۇل دىگەننى غازاڭدەك خەجلەيمەن،خۇددى خوتۇن بىلمىگەن تۇچ يانچۇقۇم ھايا دىگەننى بىلمىگەن قىزلارنىڭ ئىشتان بېغى بىلەن تولۇپ كەتكەندەك... سېرىق چاچلىق،پاتتىڭىنىڭ تورمۇزى يوق يوغان كۆزدىن يەنە تېلىفۇن كەلدى
-سەردار .مەن لەيلى،ئۆزىڭىز ئەتە سەھەردىلا يانفۇن قىلىڭ دىگەن...بەك ئەسكىكەنسىز جۇمۇڭ...قىزىل مەست قىلمايدۇ دەپ شۇنچىلىك ئىچكۈزەمسىز ماڭا...ياتاق ئېلىپ قويدۇم تىز كېلىڭا...
-مەن بۈگۈن..
-كەلمىسىڭىزشىركىتىڭىزگە بارىمەن جۇمۇڭ،ۋىييەي،سەردار. تىز بۇلۇڭ دەيمەن...كېلەلمەيمەن؟ئۇنداقتا سىزنى ئاۋارە قىلماي،ئەتە مىنىڭ بىر دوستتۇم سىزنى ئىزدەپ شىركىتىڭىزگە بارىدۇ .ياخشىراق كۈتۈپ قويارسىز- ھە،ئۇ بەك چىرايلىق قىز.ئۆزىڭىزنى يوقۇتۇپ قويسىڭىز مەن ئىگە ئەمەس –ھە...
ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھىلىگەرلىگى چىقىپ تۇراتتى.«قىزىل ھاراق ئىچەمسىز ئاقنىمۇ دەپ بولغىچە، دوزاققا كىرسەكمۇ ئىچىپ كىرەيلى ،مەستلىكنىڭ ئۇرۇغىنى چېچىپ كىرەيلى.كۆز بوياپ جەننەتكە كىرگىچە دوستلار،مەست بۇلۇپ دوزاققا قېچىپ كىرەيلى» دەپ بېلىق كۆزى مەينى لاي سۇ ئىچكەندەك ئىچىۋەتكەن پاتتىڭىدا تورمۇزى يوق قىزنىڭ بىردەمدە بار گۇناھنى ماڭا چاپلاپ قويغىنى«سەت» قىزىق.
ئەتىسى لەيلى دىگەندەك ئۆتتۇز بەش ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان  تولغان بىر چوكان مىنى ئىزدەپ كەلدى.قاش-كۆزى ئۆزىنىڭ چىرايلىقلىغىنى ئىپادىلەپ تۇرسىمۇ،يېشىغا ياراشمىغان سىمىزلىگى بۇ چوكاننى كېلەڭسىز كۆرسىتىپ تۇراتتى.چوكان تامغا چاپلاپ قۇيۇلغان ھۆسنىخەتلەرنى باققالچىنىڭ ئالمىسىغا سەپ سالغاندەك بىر كۆز يۈگۈرتۈپلا مىنىڭ ئالدىمغا تىزلاكەلدى.ئۈستى- بېشىمغا بىر سەپ-سېلىپ ھەيران بولغان ھالدا مىنى ماختاشقا چۈشتى:
- سەردار دىگەن سىز بولامسىز؟بۇ شىركەت سىزنىڭما؟ ئاللا... نىمانداق يامان بالا سىز،كىچىك تۇرۇپ....مۇبارەك بولسۇن.مۇبارەك بولسۇن
ـ ئاشۇرۋەتتىڭىز،خانىم.خەت يازدۇرامسىز ياكى بىرەر ھۆسنىخەت لازىممۇ؟
ياق،ياق، لەيلى سىزگە دىمىگەنما؟ مەن لەيلىنىڭ دوستى،
ـ ھە،مۇنداق دەڭ.لەيلى ئۆزى كەلمەپتىغۇ؟
ـ مەن كەلسەممۇ ئوخشاشقۇ.
تولغان چوكان كۆزىنى ئۆينۇتۇپ ئالدىمدا كونا تونۇشلاردەك تۇراتتى.ئۈستى-بېشىغا چېچىۋالغان كۈچلۈك ئەتىرنىڭ ھىدى دىمىغىمغا ئۇرۇلاتتى.«خوتۇنۇمنىڭ قېشىمدا بوپ قالمىغى تەلىيىمنىڭ بارلىغىدىن» دىدىم مەن ئىچىمدە.ئەگەر مۇشۇ مۇنىتلاردا خوتۇنۇم يېنىمدا بۇلۇپ قالسا نىمە بوپ كېتەر ئىدى-ھە.
تولغان چوكان  سومكىسىدىن بىر ۋاراق قەغەز بىلەن ئىككى پارچە سۈرەتنى سۇغۇرۇپ ئالدى ھەم ئەتراپىغا بىر قاراپ باشقا كىشىنىڭ يوقلىغىنى بىلگەندىن كىيىن سومكىسىغا يەنە قول ئۇزارتىپ بىر تال تاماكىنى قىپ-قىزىل لىۋىگە چىشلەپ ئوت تۇتاشتۇردى-دە ،تاماكىسىنى قاتتىق بىر شورىۋېتىپ ،بىر ۋاراق قەغەزنى ماڭا سۇندى:
مەن خەتكە تىزدىن كۆز يۈگۈرتۈم،خەت مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
مەن سەردار بىلەن لەيلى قىز شۇ توغرىسىدا كېلىشىم تۈزدۇقكى  ،لەيلى قىز بىر يىلدىن بىرى مىنىڭ مەخپى نىكاھىمدا بۇلۇپ كەلدى.لېكىن ئايالىم بىلەن نىكاھدىن ئاجرىشىش قىيىن بولغانلىغى ئۈچۈن مەن بۈگۈن لەيلى قىزنى تالاق قىلماقچى ھەم بىر يىلدىن بىرى مىنى كۈيۈنۈپ كۈتكەن مىھنىتىگە رەخمەت ئېيتىپ ئەللەك مىڭ يۇەن نىكاھدىن ئاجرىشىش پۇلى بەرمەكچى.بۇ كېلىشىم لەيلى بىلەن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلگەن كېلىشىم . 
سەردار        لەيلى
-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى



خەتنىڭ ئاستىغا يوغان قىلىپ يېزىلغان ،مەن ئۈچۈن ئەڭ يېقىملىق كۈرۈنىدىغان ئىمزايىم يىغلامسىراپ تۇراتتى.بۇ ئىمزا ھەقىقەتەن مىنىڭكى ئىدى.باشقا بىرەرسىنىڭ ؟ئوخشۇتۇپ يېزىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغان ئىدىم.ئاددىسى ئۆزەمنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدىم...قۇلىغىمغا تولغان چوكاننىڭ سۆزلىرى غۇۋا ئاڭلىناتتى:
- ئۈچ كۈندىن كىيىن مەن يەنە كېلىمەن،ئەگەر بۇ ئىشنى چىرايلىق تۈگۈتىۋەتەي دىسىڭىز پۇلنى تەييار قىلىڭ،خوتۇنىڭىز بىلەن بالىڭىزنى  ھەم ئىناۋىتىڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇڭ،بۇ ئىككى پارچە رەسىمنىمۇ كۈرۈپ بېقىڭ،خەتنىڭ ئەسلى نۇسقىسى مەندە قالدى،خوش  يىگىت....
پاكىز سۈرتۈلگەن پولنىڭ ئۈستىدە بىر پارچە قەغەز بىلەن ئىككى پارچە رەسىم مىنى مازاق قىلغاندەك تۇراتتى.مەن ئۆزەمنى پولغا تاشلاپ  تۇڭگۇز بازىرىدىكى ئىشلارنى ئەسكە ئالدىم.مەستلىك دىگەن پەسلىك دىگەن شۇدە،پوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ بولغىچە بىر-بىرسىدىن چىرايلىق ئۈچ قىزنىڭ كىرىپ كەلگىنى ،ئاغزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن لەيلىنىڭ ،مىنىڭ دىلىمدىكىنى تاپقاندەك قېشىمغا كېلىپ ئۇلتۇرغىنى...سۇرۇن تازا قىزىغاندا «خەتنى بەك چىرايلىق يازىدۇ دەپ ئاڭلىدۇق،ماڭا ئىمزايىڭىزنى قۇيۇپ بېرىڭ »دەپ ماڭا ئەركىلەپ سۈركىلىپ لىپتىگىگە ئالدىن-ئالا تىقىپ قويغان قەلىمى بىلەن ئىمزا قويدۇرغانلىغى،«ئۇيۇن ئويناپ ئىچەيلى ،كىم تاپالمىسا كىم،ئۆز يېنىدا ئولتۇرغان قىزنى ياكى يىگىتنى قۇلاقتىن تۇتۇپ سۆيىدۇ...».ھەي،قانداق قىلسام بولار...
<<ئاسمان گۇۋاھ يەر گۇۋاھ  ،مەن گۇناھسىنى>> دىسەم كىممۇ ئىشىنەر. ئالدى بىلەن خوتۇنۇم ئىشەنمەيدۇ. ئۆينى بېشىغا كېيىدۇ،چىنە-قاچىنى چاقىدۇ.چۈشەندۈرۈش كارغا كەلمىگەندە تايىغىنى يەيدۇ،بىچارە قىزىم يىتىم بولىدۇ. دوستلارغىچۇ؟ئامالىنى بىز قىلىلى دەپ،كۆتىدە كۈلۈپ سىرتقا يېيىۋەتسىچۇ؟...ساقچىغا ھەرگىز دىگىلى بولمايدۇ.چۈنكى رەسىمدە لەيلى دىگەن جادىنىڭ مىنىڭ ئىككى قۇلىغىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۆيۈشكەن سۈرەتنى كۆرسىتىپ،بۇنىڭغا نىمە دەيسەن دىسە ،نىمە دىگۈلۈك؟يەنە كېلىپ ئىمزامۇ مىنىڭ تۇرسا...ئەللىك مىڭنى بەر دەيدۇ،مەندە ئۇنچىلىك خوتۇن بىلمىگەن پۇل بولمىسا،ماشىنا...ساتسامغۇ كۆزى قارغۇمۇ ئەللىك مىڭنى سانايدۇ،لېكىن خوتۇن...يوقاپ كەتتى دەپ تۈگەتمەيمەنمۇ،ماشىنا قېنى دەپ سوراۋەرسە ئىشىڭنى قىل،ئەر كىشىنىڭ ئىشىغا ئارلاشما دەپ ... »
ئۈچۈنچى كۈنى ئەتىگەندىلا، تولغان چوكان ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر چوكان بىلەن مىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.ئۈستى بېشىغا چاچقان ئەتىرنىڭ ھىدى ئىشخانەمنى بىر ئالدى.ئىككى چوكان ئالدىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى.كۆزۈمگە ئۇلار ھازىرلا ھايۋانات باغچىسىدىن قېچىپ چىققان مايمۇندەك كۈرۈنۈپ كەتتى.تولغان چوكان قاش-كۆزىنى ئۆينۇتۇپ؛
ـ قانداق سەردارجان.تەييار قىلدىڭىزمۇ؟،-دىدى ماڭا تىكىلىپ.
ـ شۇنداق،-دىدىممەن ئۇلارغا تىكىلىپ،-سىلەر نىمىشقا ماڭا يامانلىق قىلىسىلەر.مەن سىلەرگە ھىچ قانداق يامانلىق قىلمىسام....
- بولدى قىلىڭ،سەردار.ـ دىدى تولغان ئايال سۆزۇمنى بۈلۈپ،-ماڭا سىزنىڭ پەلسەپەرىڭىز كېرەك ئەمەس.پۇلنى چىقىرىڭ ،يا بولمىسا خوتۇنىڭىزنىڭ ئالدىغا بارىمىزمۇ يا؟
ـ ئۇنداق قىلماڭلار،ئىشنى چىرايلىق ھەل قىلىلى.
مەن ئىشنىڭ يەنە مۇرەككەپلىشىپ بۇزۇلۇپ كېتىشدىن ئەنسىرەپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم.
ـ يەنىلا سىز ئەقىللىق جۇمۇڭ سەردار،-دىدى،تولغان ئايال قاقاقلاپ كۇلۇپ.بىرگە كەلگەن چوكانمۇ مىنىڭ قىياپىتىمنى مازاق قىلدىمۇ تەڭ كۈلۈپ قويدى.
تولغان چوكان بىر قولىدا مەن ئىمزا قويغان ساقتا كېلىشىمنامىنى كۆتۈرۋېلىپ مىنىڭ پۇل سانىشىمغا مىقتەك قادىلىپ تۇراتتى.ئىشخانا ئىچىنى جىم-جىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتى ئىدى.«پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتى،بىر ئۇچى يۈرەكتە » دىگەندەك قۇلۇم كالۋالىشىپ پۇلنىمۇ تۈزۈك سانىيالماي پۈتۈن ھۈجەيرەم تىترەيتى.
ئۈلۈكنى قار بىلەن يوشۇرۇپ قالغىلى بولماس دىگەندەك ئاشۇ دەقىقىدە ئىشخانەمدە بىر مۆجىزە يۈز بەردى.خوتۇنۇم يەردىن ئۈنگەندەك ئۈچەيلەننىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.پۇل ساناۋاتقان قوللىرىم تىترەپ،ھاپىلا-شاپىلا پۇلنى ئىشكاپنىڭ سىرتمىسىغا پۇرلاپ تىقتىم ھەم خوتۇنۇمغا ۋاقىردىم:
-  بۇ يەردە نىمە بار سىزگە،مەكتەپكە بېرىپ بالىلىرىڭىزنى ئۇقۇتماي!
-  دادام دوختۇرخانىدىكەن،ئاپامنىڭ تېلىفنىنى ئېلىپلا سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېلىشىم.. .
بەزگە تەلمۈرگەن مۈشۈكتەك قۇلۇمدىكى پۇلغا چەكچىيىپ،شىرىن چۈش كۈرۈۋاتقان بۇ ئىككى چوكانمۇ بۇ تۇيۇقسىز ئىشتىن خۇدۇكسىراپ لام-جىم دىمەستىن بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشىپ تۇراتتى.مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.چىقىپ كېتەي دىسەم بۇ ئىككى چوكان چىققىلى ئۇنمايدۇ،چىقماي دىسەم ئىش ئاشكارلىنىپ قالىدۇ...
- تىز بۇلۇڭ،سودا دىگەننى ئەتە قىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ...مەن بەك ئەنسىرەپ قالدىم،ئاخشام تېغى ساپ-ساق ئىدى.
خوتۇنۇم بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن ئالدىراتقىلى قۇلۇمغا ئېسىلدى.
- بۇ...بۇ ...ئارقىڭىزدىن يېتىشەي...
خوتۇنۇم شۇ ئەسنادا ئىش ئۈستىلى ئۈستىدىكى مىنىڭ لەيلى بىلەن قۇلاق تۇتۇشۇپ چۈشكەن سەت رەسىمىمىزنى كۈرۈپ قالدى.مەن قۇلۇمنى ئۇزۇتۇپ بولغىچە ئۇ رەسىمنى قۇلىغا ئېلىپ بولغان ئىدى.خوتۇنۇم رەسىمگە بىر ھازا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى.نىمە دىيىشىم كېرەك.ئىش ئاشكارلانغان ئىدى.ئىككى چوكانمۇ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي ماڭا قاراپ تۇرۇپ قالدى.
-بۇ نىمە ئىش سەردار؟
مەن خوتۇنۇمغا ئارقىمنى قىلىۋالدىم.
ـ گەپ قىلمامسىز؟
مەن نىمىمۇ دىيەلەيمەن.ئۈندىمەي جىم-جىت تۇرۋالدىم.ئىشخانىنىڭ ئىچىنى جىم-جىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى
-بۇ خەتنىۇم كۆرۈپ بېقىڭ
جىم-جىتلىقنى تولغان چوكان بۇزدى.ئۇ خوتۇنۇمغا ئۆزەمنىڭ ئىمزاسى چۈشكەن ساقتا كېلىشىمنامىنى سۇندى.خوتۇنۇم خەتكە ئەستايىدىل قاراپ چىققاندىن كىيىن ماڭا بۇرۇلدى:
-ماڭا جاۋاپ بېرىڭ سەردار، بۇ نىمە ئىش.
-سەن ئۆيگە بېرىپ تۇر،كەچتە دىيىشەيلى
-ياق!خوتۇنۇمنىڭ كۆزىگە قان تولغان ئىدى. مىنىڭ كۆزۈمگىچۇ؟نومۇس،خىجالەتنىڭ نىمىلىگى ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.ئايالىم تولغان چوكانغا بۇرۇلدى:
-خانىم، سىلىگە ھىسداشلىق قىلىمەن.-دىدى ئاۋازىنى پەسەيتىپ،-ئەر كىشى دىگەن مۈشۈكنىڭ ئۆزىكەن،بەز پۇراپلا يۈرگىنى يۈرگەن.بۈگۈن جاجىسىنى يەپ ئوبدان بولدى،مەنمۇ شۇنداق بۇلۇشنى تىلەپلا يۈرگەن.قارىماملا،تۆت تەڭگە تېپىپتىكەن،ئەسلىنى ئۇنتۇپ،تۇڭگۇز تېرىسىنى كىيىۋالىدۇ.سىلىنىڭ سىڭىللىرىغا بەك ئۇۋال بوپتۇ.
- شۇنى دىمەملا،-دىدى تولغان چوكان خوتۇنۇمنىڭ سۆزىدىن قايتدىن تىرىلىپ،ـ سىڭلىم ،ئارلاشماڭ دىسەم ،شەيتاننىڭ ئارقىغا چۈشۈپ گېپىمنى ئاڭلىمىدى.دادام نەچچە قېتىم تاياققىمۇ بېسىپ باقتى،لېكىن تۈزەلمىدى.ھەي...كۆڭۈل دىگەن يامان نەرسىكەن،خوتۇنىنى قويۇپ بېرىپ مىنى ئالىمەن دەيدۇ.بوپتۇ دىسەك،بىر كۈنى قورسىغىم ئاغرىپ تۇرۇدۇ دىمەسمۇ....
توۋۋا،تولغان چوكاننىڭ قىپ-قىزىل ئاغزىدىن بۇ يالغان سۆزلەر قىينالماي قانداق چىققاندۇر-ھە .ئۇنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى ...بازغاندەك مۇشتۇم بىلەن مايمۇننىڭ قىپ-قىزىل كۆتىدەك ئاغزىغا كەلتۈرۈپ نەچچىنى سېلىۋەتكۈم كەلدى.خوتۇنۇم قۇلاق موللىسىدەك زەڭ قۇيۇپ ئاڭلاشلىرىچۇ؟ ھەي...گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن دىگىنى بىكار ئەمەسكەندە...
- خانىم بۇ كېلىشىمنامىنى تۈزگەندە سەردارمۇ بارمىتى؟
- سوراپ قاللا،سىڭلىم.بولمايچۇ؟قاراپ باقسىلا ،ئۆز قۇلى بىلەن يازغان ئىمزامۇ بار دىسىلە.
- لېكىن،6-ئاينىڭ 25-كۈنى بازارلىق ساقچىخانىدا ئىشلەيدىغان ئاكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۇرسا،ئەجەپ ماس كېلىپ قاپتۇ-يا،-دىدى خوتۇنۇم ھەيران بولغان قىياپەتتە،-ئۇ كۈنى سەردار چوڭلارنى بىر ئامال بىلەن كەتكۈزىۋېتىپ ،ئاكام بىلەن مەست بولغىدەك ئىچىشكەن،ئاندىن ئاكام سەردارنى ساقچى ماشىنىسىدا ئۆيۈمىزگە ئاپىرىپ قويغان تۇرسا.ھە،ئېسىمگە كەلدى.مەن ئاكامغا بىر تېلىفۇن قىلاي.ماشىنىسى بولغاندىن كىيىن بىردەمدىلا كېلىپ بولىدۇ.
نىمە ئىش بولغانلىغىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالغان ئىدىم،«ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان ئاكام بار.25-چىسلا ئاكامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى... »خوتۇنۇمنىڭ نەدىمۇ ساقچى ئاكىسى بولسۇن،ئۇ ئۆينىڭ چوڭى تۇرسا.ساقچى چاقىرىپ چاۋامنى چىتقا يايمىسىلا بولاتتىغۇ؟ خوتۇن كىشىغۇ ،خوتۇن خەق.بىر ۋاراق قەغەزدە نېرى –بېرى بولىدىغان.خەپ سىنى.خېتىڭنى بەرسەممۇ ئاسما ئوكۇلغا ئەزا قىلىپ قۇيۇپ بەرمىسەم....
خوتۇنۇم قۇلىنى سومكىسىغا ئۇزاتتى.شۇ ئەسنادا مەنمۇ ،تولغان چوكانمۇ ھودۇقۇپ كەتكەن ئىدۇق.تولغان چوكان خوتۇنۇم سومكىسىدىن قولىنى چىقىرىپ بولغىچە قۇلىغا ئېسىلدى.چىرايىدا يالغان كۈلكە پارلىدى.مىنىڭمۇ كۈنكىنىم شۇ ئىدى.
ـ دادىلىرى دوختۇرخانىدىكەن،سىلىنى ئاۋارە قىلمايلى.باشقا كۈنى كېلەيلى...
تولغان چوكان بىر قۇلىدا دوستتىنى تارتىپ ئايالىمغا سەت بىرنى ئالىيىپ قۇيۇپ،كېلەڭسىز دەسسەپ چىقىپ كەتتى.كۆز ئالدىمدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىشلار بىر قاباھەتلىك چۈشتەك بولسا ،ھازىرقى دەقىقە بولسا قارا بۇلۇتنى يېرىپ چىققان نۇرلۇق قۇياشتەك ،مىنى ھەيران قالدۇراتتى.ھىلىگەر ئايال، ئۆيدۇرۇپ چىقارغان ساقتا كېلىشىمنامىنى ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ بەدەر تىكىۋەتكەن ئىدى.خوتۇنۇم ماڭا تىكىلىپ تۇرۇپ نەس باسقۇر خەتنى يىرتىپ-يىرتىپ تاشلىۋەتتى. مەن خۇددى تىرمىغىنى تاتلاپ سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن ئۇقۇغۇچىدەك ھەتتا ئۇنىڭدىن بەتتەر ھالەتتە ئىدىم.چۈنكى قۇيرۇغۇمنى خوتۇنۇم تۇتۇۋالغان ئىدى.كۆزىگە قاراپ كۆچۈرۈم ساراي دەيمەن،لېكىن كۆزىگە قاراشقا جۇرئەت قىلالمايمەن.مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرغاندا ئارلىغىمىزدىكى جىم-جىتلىقنى خوتۇنۇم بۇزدى:
-ئېشەك چېغىدا پۇتى كىرىپ كەتكەن كوۋرۈكتىن ئىككىنچى ئۆتمەيدۇ.مەن سىزنىڭ كەمچىلىگىڭىزنى ئۆزگەرتالايدىغانلىغىڭىزغا ئىشىنىمەن.
- خوتۇن،مىنى...مىنى...
ـ سىزنىڭمۇ كىكەچلەيدىغان چېغىڭىز بولدىكەن-ھە،بۇ ئىشنى ئەمدى دىيىشمەيلى.ھە-راست مەردانغا ساتقان ماشىنا سىزنى ساقلاپ سىرتتا تۇرىدۇ.ئىشكاپقا تىقىپ قويغان پۇلنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
-بۇ...سىز قانداق بىلدىڭىز؟
-ئاپلا ،ئىككىنچى سائەتلىك دەرسكە كىچىكىپ قالماي.تىز بۇلۇڭ! شىركەتنى تاقاڭ...
خوتۇنۇمنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنى كۈرۈپ ئۆزەمنى بەكمۇ يىنىكلەپ قالغاندەك  ھىس  قىلدىم.مەيىن شامال ماشىنىنىڭ دەرىزىسىدىن يۈزۈمگە ئۇرۇلاتتى.خوتۇنۇم سائەتىگە قاراپ-قاراپ قوياتتى.چۈنكى مەكتەپكە ۋاقتىدا بارمىسا بولمايدۇ...يولدا ماڭغىچە مەردان ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى.ئايالىمغا خەۋەرنىمۇ شۇ قىلغان ئىكەن.مەردانغا مەن ماشىنىنى ساتقاندىن كىيىن ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە مەندىن گۇمانلانغان ئىكەن،مەن ئۇنىڭغا «ھىچكىمگە دىمە» دىگەن بىر ئېغىز سۆزۇم ئايالىمنى ئىزدەشكە سەۋەپ بولغان ئىكەن... ئوغرىلىقچە خوتۇنىمنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم.«نىمانداق ئەقىللىق خوتۇنسەن-ھە»دىدىم ئىچىمدە.
شۇندىن بىرى تۇڭگۇز بازىرىغا ئىككىنچى قەدەم باسمىدىم.بۇ سەتچىلىكنى خوتۇنۇم ئىككىنچى ئېغىزغا ئالمىسىمۇ ۋىژدان ئازاۋى مىنى دائىم ئازاپلايدۇ.....

 باشقىلارنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىڭ.
[ بۇ يازما parwin تەرپىدىن 2010-07-19 07:55 PM دە قا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن <ھىكايە>,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(تارىم)
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-19, 11:41
    چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...
    ئويلان

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 819
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
    ئۆسۈش: 2.04%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 163
      ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1464 سوم
      تۆھپىسى: -3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 220(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-26

    مەن ئالدىرماي ئوقاي
    ئويلان

    دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4190
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 0.67%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 2
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 8 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 0(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-17
      كىرىشى: 2010-07-23

    ئەرنى ئەر قىلىش دېمەك شۇ ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ رەپىقىسى بولغان شۇ ئايال ئۆزنىڭ تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ۋەزىپسىدە مۇستەقىل پىكىردە بولسا شۇ ئەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ شۇ ئەرنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ كۈندىلىك تۇرمۇشتا رازى قىلىپ ئۆتمەك بىر ئەرنى ئەر قىلىش دېمەكتۇر.

          
    失败乃是成功之母

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2006
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
    ئۆسۈش: 0.96%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 48
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 649 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 14(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-02
      كىرىشى: 2010-07-23

    قالتس بەلەن ئەسەركەن .  خۇتۇن بولسا مۇشۇنداق بولسا .

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە426دانە
    ئۆسۈش: 2.51%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 426
      ياخشى باھا: 185 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 7175 سوم
      تۆھپىسى: 9 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 330(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    نېمە دېگەن ئەقىللىق ئايال ئۇ ،بىر قىسىم ئەركىشى دېگەنغۇ  ، شۇنداق ئېسىل خوتۇنىنىڭ قەدرىنى بىلمەي،نەدىكى مەينەت بېسىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەيدۇ....
    ئەمىلىيەتچانلىقى كۈچلۈك چىقىپتۇ ھېكايىڭىزنىڭ......
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە651دانە
    ئۆسۈش: 4.65%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 651
      ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2322 سوم
      تۆھپىسى: 99 كىشى
      ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
      ۋاقتى: 168(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-24

    لىكىن بەزى ئەرلەر ئىشىگىنى كۆرۈكتىن ئۆتكۈزۋىلىپلا يەنىلام ئۆزلىرنىڭ بىلگىنىنى قىلىۋىردۇ ئەمەسمۇ ............مانا  بۇ كىشىلىك ھايات .
    پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!
    قەدىرلە،قەدرىڭنى بىلگەنلەرنى!

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3093
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
    ئۆسۈش: 3.64%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 400
      ياخشى باھا: 72 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2459 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 145(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-01
      كىرىشى: 2010-07-22

    ھازىرقى بەزى ئەرلەر ياندىكىنىڭ قەدرىنى بىلمەي،يىراققا كۆز تاشلايدىغان بولۇپ كەتتى..
    بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.
    تارىحنى  عەلبە قىلعۇچىلار  مەعلۇپ بول ..

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 723
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
    ئۆسۈش: 2.34%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 117
      ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1006 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 268(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-26

    تۇرقۇڭغا قارىسا  خۇتۇندىن قورقىدىغاندەك  قىلمايسەن ،   بۇ ھىكايەڭ ياخشى چىقىپتۇ ، تۇڭگۇز بازىرىدىكى ھىكايە پەيزى  ئىدى ، تاماق يىمەي ئۇقۇغان مەن ئۇ  ھىكايىنى .ئىنكاس  مۇسەللەس پۇرىمىغاندۇ   ھە ......     
    失败乃是成功之母

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2006
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
    ئۆسۈش: 0.96%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 48
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 649 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 14(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-02
      كىرىشى: 2010-07-23

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت aysiz~keqa كە 2010-07-19 11:21 PMئەۋەتىلدى :
    ھازىرقى بەزى ئەرلەر ياندىكىنىڭ قەدرىنى بىلمەي،يىراققا كۆز تاشلايدىغان بولۇپ كەتتى..

    ھەممىسنى بىر تاياققا ھەيدىگىلى بولماس جۇما . ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى . ھەممە نەرسىنىڭ ئىجابى ھەم سەلبىي ئىككى تەرىپى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن . ماۋۇ بەزىبىر قىزلىرىمىزنىڭ پۇلغا بولغان مۇھەببىتىدىن توي قىلىشتىن ئادەم قورقىۋاتىدۇ ھازىر . قىزلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق پۇل بولمىسا بولمايدۇ دەپ دىسە بەزى ۋىجدانلىق قىزلىرىمىزنىڭ دىىتىغا تىگىدۇ بۇ گەپ .
    خىيالىم سەندە !

    دەرىجىسى: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 424
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە443دانە
    ئۆسۈش: 4.03%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 443
      ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1877 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 338(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-26

    نىمانداق ئەقىللىق  ئايال ئۇ ،ھازىرقى ئاياللار شۇئانلا ياقىغا ئېسىلىپ نەرىم ئوخشىمايدىكەن دەپلا قۇپىدۇ ھازىر ...
    ئەپسۇسكى  يىگىتلىك  مەۋسۈمى   پۈتتى ،
    كۆكلەم ئۈتۈپ كەتتى - كۈز كىلىپ يەتتى.
    ياشلىق  دەپ ئاتالغان  سىۋنىچ  بۇلبۇلى ،
    بىلمىدىم  قاچانلا ردا  كەلدىيۇ ـ  كەتتى .
    HALKIM UQUN   JENM   PIDA

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 716
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە159دانە
    ئۆسۈش: 3.18%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 159
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1000 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 283(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-25
      كىرىشى: 2010-07-25

    ئەقلق خۇتۇن ئكەن   
    خەلقم ئۇچۇن ياشايمەن
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «12»Pages: 1/2     Go