فېۋرالدىكى چۈش
( ھېكايە )
ئەزىزان
( كەمىنىنىڭ شۇ ناملىق پوۋېستىدىن ئېلىندى . بۇ ئەسەر پۈتۈنلەي ئەدەبىي توقۇلما بولۇپ ، پېرسوناژ ئىسىملىرى ۋە خاراكتېرى رىئاللىقتىكى ھەرقانداق كىشىگە ئوخشىشىپ قالسا تاساددىپىيلىق . بارلىق ھوقۇقى كەمىنە بلوگىغا مەنسۇپ . )
1
-- ھە ، ساڭا كەلدى ، ساڭا كەلدى !
-- چىداڭلا جۇما ئۆمەر ئاخۇن . ھەر قېتىم يانغاقلىق قىلماي ...
-- ھە بېرىڭلا ئىتتىك ، ئاۋۇ تەرەپتە چىرايلىق قىز بالىدىن ئىككىسى ئولتۇرغىلى نەۋاخ .
-- ئۆمەر ئېدىـــــــش ، ماۋۇنى بىرنى ئىچىۋېتىپ بارىسەن ، يۈرىكىڭنى توملاپ ... ھە ...
دېسكوخانىنىڭ ئىچىدە ، بۇلۇڭدىكى ئورۇندا بىر نەچچە ئوغۇل بىر نەچچە قىز ئويۇن ئويناۋاتاتتى ، ئويۇننىڭ قائىدىسى بولسا ، يېڭىلىپ قالغان قىزبالا بىر رۇمكا ئىچەتتى . يېڭىلىپ قالغان ئوغۇل بالا بولسا ، ياندىكى ئورۇنلاردىن جۈپسىز قىزدىن بىرنى تېپىپ باشلاپ كېلەتتى .
مانا ، ئۆمەر يېڭىلىپ قالدى . ئەڭ بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ يۈز-كۆزلىرى قىپقىزىل بولغۇچە ئىچىپ قىيىپ كەتكەن ، قاش-كۆزلىرى قىزلارنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكۈدەك كېلىشكەن ، ئاقراق كەلگەن بۇ يېگىتنىڭ ئىسىمى ئۆمەر . ئۇنىڭ قولتۇقىغا مەھكەم ئېسىلىپ گىرە سېلىپ ئولتۇرغان ، دېسكوخانىنىڭ گۇڭگا يورۇقىدىمۇ ئاينى خىجىل قىلغۇدەك گۈزەل ھۆسنىنى ئىلغا قىلغىلى بولىدىغان قىز بولسا نادىرە ، ئۆمەرنىڭ مۇھەببىتى .
ئۆمەر قولىدىكى رۇمكىنى كۆتۈرگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېلىقى ئىككى قىز ئولتۇرغان ئورۇنغا قاراپ ماڭدى . ئۆمەرنىڭ كۆزى ئۆتكۈر ئىدى . ئىككى قىزنىڭ ئارىسىدىكى بەكرەك چىرايلىق ۋە كىشىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقارغۇدەك ياسىنىۋالغان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى ۋە رۇمكىنى تەڭلەپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدى .
قىز بىر دەقىقە ھەيرانلىقتىن كېيىن ، ئۆمەرنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە تىكىلدى . بۇ ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى دېسكوخانىنىڭ يالت-يۇلت قىلىپ گاھ يورۇپ گاھ زۇلمەتكە چۆككەن رەڭگارەڭ نۇرلىرى ئارىسىدىن بىر -بىرىگە باغلىشىپ تىكىلىشىپ تۇراتتى . ئۆمەرنىڭ بۇرادەرلىرى ۋە قىزلار بولسا كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە بۇ ھادىسىگە قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇ قىزچاقنىڭ يۈزلىرىنىڭ بارا-بارا قىزىرىپ چىراغ نۇرىدا تېخىمۇ رەڭدار تۈسكە كىرىۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتاتتى .
-- ھەي ئۆمەر ! نېمە قىلىۋاتىسەن ؟ _ نادىرە چىدىماي بىرىنچى بولۇپ بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلىدى .
-- ئۈش ... _ ئۆمەرنىڭ يېقىن بۇرادىرى جۈرئەت نادىرەگە قاراپ قانداقتۇر مەنىدە ئىشارە قىلدى .
ھېچقانداق گەپ-سۆزسىز بۇ ئوتلۇق تىكىلىش ئالا-ھەزەل بىر مىنۇتداۋاملاشقاندىن كېيىن ، قىزچاق ئاخىرى ئاستا ئورنىدىن تۇردى ۋە ئۆمەرنىڭ قولىدىن رۇمكىنى ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ، ئۆمەرنىڭ بوينىغا چىڭ ئېسىلىپ چوغدەك لەۋلىرى بىلەن چوڭقۇر قىلىپ بىرنى سۆيۈپ قويدى .
پۈتۈن دېسكوخانىدا شۇئان قىقاس-سۈرەن كۆتۈرۈلدى . چاۋاك ئاۋازلىرى ، باشقا ئورۇنلاردا ئولتۇرغان يېگىتلەرنىڭ ھەۋەس بىلەن ئۆمەرگە مەدەت بەرگەن ئاۋازى ، ئۆمەرنىڭ بۇرادەرلىرىنىڭ « ياشاپ كەت ! » دەپ ئۈنلۈك توۋلىغان ئاۋازلىرى ، نادىرەنىڭ « ئۆلگۈر پاسكىنا » دەپ ئاچچىق بىلەن ئۇ قىزنى تىللىغان ئاۋازى ...
ئۆمەر ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، پۈتۈن سورۇندىكىلەر ئۇنىڭ بۇ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ھەر بىرەيلەن يەنە بىر رۇمكىدىن ۋىسكىي لىقلىدى . جۈرئەت ئۆمەرگە رۇمكىسىنى تەڭلەپ بىرنى سوقۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن :
-- ئاغىينەم شۇەي دە لېكىن ، كۆزى بىلەنلا ئەدەم ئۆتتۈرىدۇ !
-- قېنى قېنى ئۆمەر ، كېلە بىرنى سوقۇشتۇرۇپ ، _ دېدى ئەكرەممۇ ھەم ئورنىدىن تۇرۇپ ، _ ۋەھشىي قاملاشتۇرىۋەتتىڭ ئاداش !
جۈرئەتنىڭ مۇھەببىتى پەرىدە رۇمكىسىنى كۆتۈرگىنىچە كەينىدىن ئايلىنىپ ئۆمەرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ :
-- ۋاي ئۆمەر ۋاي ئۆمەر ، قانداق ساراڭ قىز بالىلار ساڭا مۇشۇنداق كۆيىدىغاندۇ ؟ نەرىڭگە كۆيىدىغاندۇ ؟ _ دېگىنىچە قولىدىكى رۇمكىنى كۆتۈردى .
پەرىدەنىڭ بۇ سۆزى نادىرەنىڭ بىر يەرلىرىگە تېگىپ كەتتى بولغاي :
-- ھۇيت خېنىم ، ئۆمەرنى سەت دەۋاتاملا مېنى ساراڭ دەۋاتاملا ؟
سورۇندا يەنە پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
-- قېنى بالىلار ، بىر مەيدان چاپلىشىپ تانسا ھە ...
-- قوپۇڭلار بالىلار ھە ، ھەممەيلەن چىقىپ بىر مەيدان تانسا !
شۇنداق قىلىپ دېسكوخانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرلىرىدىن بىرى بولغان لىرىك تانسا مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ بۇ بىرنەچچە ياش ئوغۇل-قىز سەھنىنىڭ ئىچىدە ، قىسىلىپ كېتىشكەن كىشىلەر ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى ...
يېرىم كېچە ، غۇۋا يول چېرىغى ئاستىدىكى مۇزلاپ كەتكەن ئاسفالىت يول ئۈستىدە ، قاتتىق مەستلىكتىن يولنى ئوڭىدا دەسسەپ ماڭالمايۋاتقان ئۆمەرنى نادىرە قولتۇقىدىن يۆلەشتۈرۈپ ، بىر ئوڭغا بىر سولغا قىيىپ مېڭىپ كېلىۋاتاتتى . ئۆمەر بولسا باياتىندىن بېرىقى خۇشلۇقىدىن قىرغىل-تاغىل توۋلاپ پۈتۈن يولنى بېشىغا كىيىپ كېتىۋاتاتتى .
-- ماڭا قايلا نادىرە ، جېنىم ئاپپاق نادىرە ، مەن مەس ئەمەس ...
-- يەر ئېگىز-پەس شۇنداقمۇ ؟
ئۆمەر كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە نادىرەگە قاراپ :
-- ۋۇي ئىككى نادىرە كۆرۈنىدىيا ؟ قايسىسى سەن ؟ تېز گەپ قىلە ، بولمىسا چەمبىرەك ئەپسۇنىنى باشلايمەن .
-- ھۇيـــت غوجام ، ئەپ قويغان خوتۇنلىرى ئەمەس سىلىنىڭ ئەپسۇنلىرىغا ماڭىدىغان .
نادىرە شۇنداق دېگىنىچە ئۆمەرنى سىلكىپ قويىۋېتىپ ئۆزىنى چەتكە ئالدى .
-- ۋەي قايسىڭ ئۇ سۆزلەۋاتقان ، راسلا ئۇقالمىدىم . قولۇڭنى كۆتۈرە نادىرە .
نادىرەنىڭ كۈلگىسى كېلىپ قولىنى كۆتۈردى .
-- ھەي مەن ئىككىلىڭنى قولۇڭنى كۆتۈر دېمىدىم . ۋاي - ۋۇي ... ئاي ... كارىم نېمە ، ئىشقىلىپ ئوپمۇ-ئوخشاشكەن ، بىرسىگىلا ئېسىلاي !
ئۆمەر شۇنداق دەپلا نادىرەگە قاراپ ئۆزىنى ئاتتى . نادىرە چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى چەتكە ئېلىۋالغان ئىدى ، ئۆمەر ئۆزىنى توختىتىۋالالماي يولنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە سەنتۈرۈلۈپ پالاققىدە مۇزنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى . نادىرە قاقاھلىغىنىچە كۈلۈپ يولنىڭ قىرىغا دەسسەپ ئۆمەرنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ تۇراتتى .
-- ھۇ پاسكىنا ، ئەجەپ تاشلىدىڭ . كارىۋاتقا چۈشتۈممىكىن دېسەم ئەجەپ قاتتىق يىقىلدىميا ؟ ۋاي بېشىم ... كاللام يېرىلىپ كەتتىمۇ نېمە ؟
نادىرە كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىۋالالماي :
-- ئاچىڭىزغا چاقچاق قىلماڭ ئۆمەرجان ، ئاشۇنداق داق يەرگە تىك موللاق چۈشىسىز .
-- چاشقان يىللىقمۇ نېمە سەن ؟ ئەجەپ چاققان قاچتىڭ كاساپەت ، تاختىمۈشۈكتىن قاچقان ئاخمىخاندەكلا ... خەپ ، تۇتۇۋالىدىغان بولسام لېكىن نادىرە ...
-- تۇتۇپ باقە قېنى ، تۇتۇپ باقە . ئاۋۋال بىر بېشىڭنى كۆتۈرۈپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ باقە .
تۇيۇقسىز نادىرەنىڭ يۈزىدىكى كۈلكە مۇزلاپ قېتىشتى ، يۈرىكى جىغغىدە قىلدى . بىر چوڭ يۈك ماشىنىسى ئۇدۇل تەرەپتىكى تارچۇق يولدىن تېز سۈرئەتتە قايرىلىپ چىقىپ كېلىۋاتاتتى . ئۇ « ئۆمەر » دەپ ۋارقىرىغىنىچە ئۇدۇل ئۆمەرگە ئېتىلدى . ئۆمەر بولسا مەستلىكتە يەرگە چاپلىشىپ ئىلىشىپ ياتاتتى .
ماشىنا شوپۇرى چىراغ نۇرىدا ئۆمەرنى بايقاپ قاتتىق تورمۇز بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن يول مۇزلاپ سىلىق بولۇپ كەتكەچكە ، ماشىنا توختىماستىن يول ئۈستىدە كونتروللۇقنى يوقىتىپ تېز سۈرئەتتە سىرىلىپ كېلىۋاتاتتى . دەل شۇ پەيتتە نادىرە جان-جەھلى بىلەن ئېتىلىپ كەلدى ۋە پۈتۈن ئەزايى-جىسمىدىكى كۈچىنى ئىشلىتىپ ئۆمەرنى بېلىدىن تارتقىنىچە يول ياقىسىغا قاراپ ئىتتىرىۋەتتى . ماشىنا سىرىلىپ ئۆتكەن شۇ دەقىقە ، ماشىنا يان تەرىپىدىن چىقىپ قالغان بىر تال ئۇزۇن تۆمۈر يول سىرتىغا قېچىۋاتقان نادىرەنىڭ كىيىمىنى شارت قىلىپ ئوڭدىن سولغا بىر تۈز سىزىق بويىچە كېسىپ ئۆتۈپ كەتتى . دېمەككە ئۇزۇن ، ئەمما ناھايىتى قىسقا بولغان بۇ بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىكى يۈرەكنى تىترەتكۈدەك قورقۇنچتىن كېيىن ، نادىرە يول ياقىسىغا ئۆزىنى ئاتقىنىچە ئۆمەرنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى .
بىر نەچچە قېتىملىق تۇيۇقسىز قاتتىق سىلكىنىپ ئازراق يېشىلگەن ئۆمەر دەلدەڭشىپ ئورنىدىن تۇردى . يۈك ماشىنىسىنىڭ كوزۇپىنىڭ دەرىزىسىدىن بىر پور كۆتەك بېشىنى چىقىرىپ ئۇلارنى تىللاۋاتاتتى .
-- ئىتنىڭ بالىلىرى ، يېرىم كېچىدە يولدا يېتىۋېلىپ پوق بارما ھەرقايسىڭغا ؟ كۆتۈرەلىگۈدەك ئىچىشسەڭچۇ ! تۈفى ... ئۆلىكىنى ساتىدىغانلار ...
ماشىنا قايتا ئوت ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى . ئۆمەر ئايىغىنى سېلىپلا پور كۆتەكنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئاتتى . ئويلىمىغان يەردىن بۇ « سىنارەت » ئامېرىكىنىڭ كوسۇۋوغا قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىدەك نىشاندىن قېيىپ كېتىپ ماشىنىنىڭ يۈك ساندۇقىغا چۈشۈپ كەتتى .
-- ئاپلا ! ئىسىت ئالتە يۈز كوي ! ھەي ماشىنىنى توختات ! _ ئۆمەر ۋارقىرىغىنىچە ئون مېتىرچە قوغلاپ بېقىپ توختاپ قالدى ، بىر سول پۇتىدىكى يىگانە قالغان ئادىداس ئايىغىغا ، بىر پايپاق بىلەنلا قالغان ئوڭ پۇتىغا قاراپ گاڭگىراپ تۇراتتى .
قورقۇپ كەتكەن نادىرە ئۆمەرنىڭ كەينىدىن كېلىپ تىترىگەن بەدىنىنى ئۆمەرگە بېسىپ تۇرۇپ ئېسەدەشكە باشلىدى . ئۆمەر بۇرۇلۇپ ئۇنى قۇچاقلىدى . نادىرە ئۇنىڭ پىشانىسىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قاراپ ئىچى سىرىلىپ يانچۇقىدىن قەغەز ئېلىپ سۈرتكەچ :
-- تاس قالدىڭ ئۆلگىلى .
ئۆمەر ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىدى ، لېكىن ئۆمەرنىڭ ئالقىنىغا بىر نەملىك ئۇرۇلۇۋاتاتتى . ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ئالقىنىدىكى قىپقىزىل قاننى كۆرۈپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى .
-- كەينىڭگە بۇرۇلە ؟
ئەسلىدە ، بايىقى يۈك ماشىنىسىنىڭ يان تەرىپىدىكى ھېلىقى تۆمۈر نادىرەنىڭ كىيىمىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئاپئاق بەدىنى كۆرۈنۈپ قالغان ، ئۇ تۆمۈر بەك ئۇچلۇق بولغاچقا نادىرەنىڭ بېلى توغرىسىغا بىر تۈز سىزىق بولۇپ كېسىلىپ كەتكەن ئىدى . يارا ئېغىزىدىن توختىماي قان چەپچىپ ئېقىپ تۇرغان بولۇپ ، نادىرەنىڭ يىرتىلىپ كەتكەن ئاپئاق ئىچ كىيىمىنى قىزىل رەڭگە بويىغان ئىدى . بايىدىن بېرى نادىرە ئۆمەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىيلىشىپ ھەم ھەددىدىن زىيادە سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە بۇ ئاغرىقنى ئانچە ھېس قىلمىغان ئىدى . مانا ئەمدى بولسا پۈتۈن ئەزايى سىرقىراپ ئاغرىپ تىترەشكە باشلىغان ئىدى .
-- ھەممىسى سېنىڭ كاساپىتىڭ ! دۆت ، لەقۋا ! ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن .
دوختۇرنىڭ بۇ يارىنى چوقۇم تىكمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى بىلەن ، نادىرە ئۆمەرگە قاراپ ئاچچىقلىغىلى تۇردى .
-- كىم سېنى مەن بىلەن چېلىشىش ئوينىسۇن دەپتىكەن ؟! خوپ بولدى ، تويە !
-- خوپ بولدى ؟ _ بۇ گەپنى ئاڭلىغان نادىرە كۆزىگە ياش ئېلىپ ، _ ھۇ ۋىجدانسىز ئەبلەخ ، سېنى دېمىگەن بولسام بۇ چاغقىچە سەن بۇ جاھاندا بارمۇ يوقمۇ كىم بىلەتتى ؟
-- ھە ، بۇ گەپچە مەن ساڭا رەھمەت ئېيتسام بولغۇدەكتە ؟ ئۆلۈپ قالغان بولسام بۈگـۈن پولۇرىمنى يېيىشەر ئىدىڭ ؟
-- ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە ،_ دېدى نادىرە ئاپئاق يۇمران قولى بىلەن ئۆمەرنىڭ ئاغزىنى توسىۋېلىپ .
-- لېكىن بېلىمدە 20 سانتىمېتىر تارتۇق قالسا قانداقمۇ قىلارمەن ؟
نادىرە ئويلىغانچە كۆزىگە ياش كېلىۋاتاتتى .
-- خاتىرجەم بول ، ئۇ يېرىڭنى مەندىن باشقا ئادەم كۆرمەيدۇ .
-- سەندىن باشقا ئادەم كۆرسە مېنىڭ نېمە چاتىقىم ؟ شۇ سەن كۆرسەڭ ، كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنۈپ ...
ئۆمەرنىڭ يۈرىكى تاتلىق بىر سېزىم بىلەن كۈچلەندى ۋە نادىرەنى مەھكەم قۇچاقلىدى .
-- ھەي ساراڭ مېنى قويۇۋەت ، بەك ئاغرىپ كەتتى ، ۋايجان ! قويۇۋەت دېدىم .
-- سەت كۆرۈنمەيدۇ جېنىم ، بەلكى دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن گۈزەل بولۇپ كۆرۈنىدۇ ...
دەل شۇ ۋاقىتتا ھودۇقۇپ كەتكەن سىستېرا قىزچاق خانىنىڭ ئىشىكىدىن يۈگۈرۈپ كىرگىنىچە :
-- ھەي نېمە ئىش بۇ ؟ خېنىم ساقايغۇلىرى بارمۇ يوقمۇ سىلىنىڭ ؟ دوختۇر ئى ياماقلىرىنى ياماپ بولغۇچە بەك چاپلاشقۇلىرى كېلىپ قىستاپ كەتكەن بولسىمۇ چىداپ قىسىپ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا جۇما ، بىزگە تولا گەپ تېپىپ بەرمەي !
ئۆمەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئورنىدىن تۇردى -دە ، قارىماققا يېڭى خىزمەتكە چىققانلىقى بىلىنىپ تۇرىدىغان سىستېرا قىزچاققا قاراپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يېقىنلاشتى ، چىرايىدىن قانداقتۇر بىر خىل ئالامەت چىقىپ تۇراتتى .
-- سەن ... سەن نېمە قىلماقچى ؟ _ سىستېرا قىز قورققىنىدىن قولىدىكى تىترەپ تۇرغان دورا-ئوكۇل تەخسىسىنى ياندىكى شىرەگە قويۇپ كەينىگە داجىدى .
-- يېقىن كەلمە لۈكچەك .
-- لۈكچەك ؟ مېنى لۈكچەك دېدىڭما ؟ مەن ساڭا لۈكچەكنى بىر كۆرسىتىپ قوياي ئەمىسە !
ئۆمەر شۇنداق دېگىنىچە قورقۇپ كەتكەن سىستېرانىڭ قولىدىن كاپپىدە تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ يۇلقىنىشىغا قارىماي كۈچلۈك بىلەكلىرى بىلەن ئۇنى تىزگىنلىدى . سىستېرا ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ۋارقىراشقا باشلىدى .
-- ئادەم بارمۇ ؟! ھەي خۇسىجاڭ ، ماۋۇ بولمىدى ! قۇتقۇزۇڭلار ... لۈكچەك ... لۈكچەك مېنى قويۇپ بەر ...
ئۆمەر ئۇنى تامغا قاتتىق بىر ئۇرۇپ مەھكەم يۆلىدى ، سىستېرا قورققىنىدىن توۋلاشتىن توختىغان بولۇپ ، ئۆمەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ جىددىي تىنىقلىرى ئۆمەرنىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بوينىغا ئۇرۇلۇۋاتاتتى . ئۆمەر ئاغزىنى سىستېرانىڭ لېۋىگە تەڭلەپ بىر سانتىمېتىردىن يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى . سىستېرانىڭ لەۋلىرى چىڭ يۇمۇلغان بولۇپ ، كۆزىنى مەھكەم ئېتىۋالغان ئىدى . دەل ئەشۇ ئۆمەرنىڭ لېۋى سىستېرانىڭ لېۋىگە تەگمىگەن ، لېكىن تېگەي دېگەن دەقىقىدە ، ئۆمەر ئۇنىڭ قويىۋەتتى .
-- چىشىڭنى چوتكىلىماپسەن .
ئۆمەر بۇرۇلۇپ قەدەم ئېلىپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى . سىستېرا قىزچاق بولسا كۆزىنى ئېچىپ داڭقېتىپ جايىدا تۇرۇپ قالغان ئىدى . نادىرە كارىۋاتنىڭ يېنىدىكى ساپما كەشتىن بىر پاي ئېلىپ زەرب بىلەن ئۆمەرگە قارىتىپ ئاتقان ئىدى . لېكىن ئۆمەر تېزلا بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتكەچكە ، ساپما كەش ئۆمەرگە تەگمەستىن ، سىرتتىن ئىز بېسىپ يۈگۈرۈپ كىرگەن سىستېرالار باشلىقىنىڭ يۈزىگە پاققىدە تەگدى .
-- ۋاي شوۋىچى ! _ توۋلىدى سىستېرالار باشلىقى بۇ تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن چۆچۈپ . _ خېنىم كېسەللىرى بارمۇ يا سىلىنىڭ ؟!
نادىرە بىر ئاز ئوڭايسىزلىقتىن كېيىن سىستېرالار باشلىقىنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقى ئاستىدىكى غەزەبلىك كۆزىگە قادىلىپ تۇرۇپ :
-- كېسىلىم بولمىسا دوختۇرخانىغا كۆڭۈل ئاچقىلى كېلەمتىم ؟
دوختۇرخانا ھويلىسىدا ، ئۆمەر نادىرەنىڭ يارىلانغىنىنى ئاڭلاپ ئەتىگەندىلا يىغىلىپ دوختۇرخانىغا چېپىپ كەلگەن جۈرئەت ، ئەكرەم ۋە پەرىدەلەر بىلەن كۆرۈشتى .
-- ئاخشام نېمە بولۇشۇپ كەتتىڭلار ھەي ؟
-- ئاخشام بىر قىزبالىنى سۆيۈپ قويغىنىڭغا نادىرەنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ ئىچكى ئۇرۇش پارتىلاپتۇ-دە !
-- زاڭدولىشىپ كەتمىگەنسىلە ئۆمەرجان ؟
ئۆمەر تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ :
-- ئەكرەم ، نادىرە ساڭا قالدى ، تىكىپ بولغاندىن كېيىنلا دوختۇرخانىدىن چىقسۇن . ئاڭغىچە مەن قايتىپ كېلىمەن .
شۇنداق دەپ بولۇپلا دوختۇرخانا دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ كېتىپ قالدى . كۆپچىلىك بولسا ئۆمەرنىڭ بىر پۇتىدا ئاياغ يوق پايپاق بىلەن دەسسەپ يۈرگىنىنى ئەمدىلەتىن بايقاپ ، قورساقلىرىنى تۇتۇپ كۈلۈشكىنىچە ئامبولاتورىيە بېناسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
جۈرئەت قاتارلىقلار نادىرەنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدا دوختۇر ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ يارىسىنى تىكىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىپ بولغان ئىدى . ئۇلار ياتاقتىكى كارىۋات ئۈستىدە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى .
-- جۈرئەت ئاڭلىدىڭمۇ ؟ _ دېدى پەرىدە ، _ دىلبەر قايتىپ كەپتۇ .
-- نېمە ؟
جۈرئەت ۋە ئەكرەم تەڭلا ئەندىكىپ كەتكەندەك ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى .
-- سەن نەدىن ئۇقتۇڭ ؟
-- ئاخشام ...
-- ئاخشام سەن بىز بىلەن بىللە تۇرساڭ ؟
-- ياق ياق ، ئاخشام مەن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تېلېفونۇمغا قارىسام بىر تال قىسقا ئۇچۇر تۇرىدۇ ، دىلبەر ئىكەن ، مەن قايتىپ كەلدىم دەپ ئۇچۇر قىپتۇ .
-- ئەكىلە قېنى ! _ جۈرئەت پەرىدەنىڭ قولىدىن تېلېفوننى ئېلىپ ئۇچۇرنى كۆردى ۋە تېلېفونىنى چىقىرىپ شۇ نومۇرغا تېلېفون ئۇردى .
-- ۋەي ، دىلبەرمۇ سەن ؟ مەن جۈرئەت ، قاچان قايتىپ كەلدىڭ جېنىم ؟
جۈرئەتنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دىلبەرنىڭ چوقۇم قايتىپ كەلگەنلىكىنى جەزم قىلغان ئەكرەم بىلەن پەرىدەنىڭ چىرايى ئۆڭۈشكە باشلىدى .
-- بىز دوختۇرخانىدا ، _ جۈرئەت داۋام قىلىۋاتاتتى ، _ مۇنداق بولسۇن ، ئەتە كەچتە كۆرۈشەيلى ، باشقا يەرگە كەتمەي تۇر . ئەتە كەچتە تېلېفون قىلاي ... شۇنداق بولسۇن ئەمىسە .
جۈرئەت تېلېفوننى قويغاندىن كېيىن كارىۋاتتىكى ياستۇقنى قولىغا ئېلىپ كۈچەپ مىجىغاچ چىرايىدىن ئۈمىدسىزلىك ئىپادىلەپ :
-- ئەمدى قانداق قىلار بىچارە ئۆمەر ؟
-- قانداق قىلاتتى ؟ ئۆزى شۇنداق سۈيۇق بولغاندىكىن ئەمدى ئۆزى بىر جاۋاب بەرسۇن !
-- ۋوي ئەكرەم نېمە دېگىنىڭ بۇ ئاداش ، ئۆمەر بىزنىڭ ئاغىينىمىز ، يەنە كېلىپ نادىرە بىلەن ئۆمەرنىڭ ئىشى ھەممەيلەننىڭ قوللىشى بىلەن ئاندىن بولغان ئىشلار . ئەينى چاغدا ھەرقايسىمىز ئۆمەرنى « ۋاي يۈرگىن ئاداش ، نادىرە ئانداق ياخشى ، مۇنداق ياخشى » دەپ كۈچىمىگەن بولساق ، ئۆمەر بىلەن نادىرە يۈرەمتى ؟
-- ۋاي بولدى قىلىڭلار ! _ دېدى پەرىدە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، _ ھازىرقى مەسىلە ، بۇ خەۋەرنى تېزراق ئۆمەرگە يەتكۈزەيلى . ئاندىن بىز دوختۇرخانىدا نادىرەنى كۈتەيلى .
-- شۇنداق قىلمايمۇ نە ئامال ، _ دېگىنىچە ئەكرەم تېلېفوننى ئېلىپ ئۆمەرگە تېلېفون قىلىشقا باشلىدى ، لېكىن تېلېفون ئۇلانمايۋاتاتتى .
دىلبەر بولسا ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بىر دوستى بولۇپ ، كىچىكىدىن ئۆمەر بىلەن بەك يېقىن ئىدى . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆمەر بىلەن مۇھەببەتلىشىپ ، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىلانى بويىچە ياۋروپاغا ئوقۇشقا كەتكەن ئىدى . مانا ، دىلبەر كەتكىلى بىر يىل بولدى . بۇ ئارىدا نادىرە بۇ بىر نەچچە دوستنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولدى .
نادىرە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ، ئۆزى تولىمۇ چىرايلىق ھەم ئەقىللىق ، پاكىزە قىز ئىدى . دىلبەرگە قارىغاندا كۆپ شوخ بولۇپ ، خېلى ئوغۇل بالىلارنى قورقۇتقۇدەك مېجەزى بار ئىدى . جۈرئەت قاتارلىق بالىلارنىڭ ئۆمەرگە مۇشۇ قىزنى تونۇشتۇرۇپ قويۇش نىيىتى بولسىمۇ ، لېكىن ئۆمەر قىلچىمۇ تەۋرەنمەستىن ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى .
لېكىن بىر قېتىملىق ئولتۇرۇشتا ، ئۆمەرنىڭ كۆزى بۇ ئادەتتىكىچە بولمىغان قىزنىڭ باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدىغان تەكەببۇر قىياپىتىدىن غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ ، بالىلار بىلەن « مۇشۇ قىزنى ئىككى كۈن ئىچىدە بىر ياققا ئەچىقىمەن » دەپ دو تىكىشىپ ، نادىرەنىڭ ئادەتتىكى قىزلارغا ئوخشىمايدىغان خاراكتېرى تۈپەيلىدىن ، ھەر خىل ئۆزى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن قىز بالا قوغلاشتا كارامەت ئۈنۈملۈك ھۈنەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ قوغلاشقان بولسىمۇ ، ئىككى كۈنگىچە ھەتتا تېلېفون نومۇرىنىمۇ ئالالماي ، ئاخىرى ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرگەن ئىدى .
لېكىن شۇ قېتىملىق ئۇتتۇرۇشتىن كېيىن ، ئۆمەرنىڭ قەلبىدە « بۇ قىزنى چوقۇم ئۆزۈمگە بويسۇندۇرىمەن » دېگەن بىر ئەركەكنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ھەۋەس ئوتى يېنىپ ، نادىرەنى قوغلاشقا بېشىچىلاپلا كىرىشىپ كەتكەن ئىدى . شۇ مەزگىللەردە ، ئۆمەر ئۆزىنىڭ مەكتىپىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغىچە ھەر كۈنى نەچچە يول قاتناپ ، نادىرەنى يوقلاپ تۇردى . ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ، « كۆيگەندىن كۆنگەن يامان » دېگەندەك ، نادىرەدىن ئىبارەت ھېچقانداق ئوغۇل بالا بىلەن مۇھەببەت مەسىلىسىدە ئالاقە قىلىپ باقمىغان بۇ قىز ، بارا-بارا ئۆمەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ، شۇنداقلا ئۆمەرنىڭ ناھايىتى رومانتىك بولغان ئۇسۇل بىلەن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشى بىلەن ، ئۇلارنىڭ ئوغۇل-قىز مۇھەببەت مۇناسىۋېتى ئاشكارا باشلىنىپ كەتكەن ئىدى .
بۇ بىر يىل جەريانىدا ، دىلبەر ئۆمەر بىلەن ئالاقىسىنى پۈتۈنلا ئۈزۈپ قويدى . نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمىگەن ئىدى . نادىرە پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆمەر ناھايىتى روھسىز ، خىيالچان يۈرەتتى . دوستلىرى ئۆمەرنىڭ بۇنداق نورمالسىزلىقىغا قەتئىي چىدىيالمايتتى . دىلبەر پەقەت بىر قېتىملا ئۆمەرگە تېلېفون قىلغان ، يەنە كېلىپ ئاممىۋىي تېلېفوندا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان ئىدى .
دىلبەر ئۆمەرگە تۇنجى مۇھەببەتنى ئاتا قىلغان بولسا ، دەل شۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ ئازابلىرىنىمۇ ھەم ئۆمەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى . ئۆمەر ئۇنى مەڭگۈ ئايرىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدى . لېكىن دىلبەرسىز ھەر بىر كۈن ئۇنىڭغا بىر يىلدەك ، زۇلمەتلىك بىر يىلدەك بىلىندى . ئىچىدە دىلبەرگە نۇرغۇن ئەلەملىك ، ئاچچىققا تولغان سۆزلىرى يىغىلدى . شۇ سۆزلىرىنى ھاراق بىلەن ئىچىگە يۇتۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە ، ئۇنىڭ رەڭسىز دۇنياسىغا نادىرە قايتىدىن تەم ئاتا قىلغان ئىدى . قارىماققا ، نادىرە بىلەن بولغان بۇ يېرىم يىل جەريانىدا ، ئۆمەر دىلبەرنىڭ مەۋجۇدلۇغىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدى .
مانا ئەمدى ، دىلبەر فرانسىيەدىن قايتىپ كەلدى . دىلبەرنىڭ قايتىپ كېلىشى نېمىلەردىن دېرەك بېرىدۇ ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى . دىلبەر نادىرە بىلەن ئۆمەرنىڭ تۇرمۇشىغا نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ ؟ بۇنىمۇ ھېچكىم پەرەز قىلىپ بولالمايتتى .
ئەكرەم توختىماي تېلېفون ئۇرۇۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۆمەرنىڭ تېلېفونى زادىلا ئېچىلمىدى . بۇ دوختۇرخانىدىكى كۆڭۈلچان دوستلارنى تېخىمۇ تىت-تىت قىلىۋاتاتتى . كۆپچىلىك خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان دوستىنىڭ جازا پەيتىنى كۈتۈپ ، ئامالسىز تىت-تىت بولۇپ تۇرغاندەك ، بۇ جازا پەيتى بولسا ، جۈرئەت دىلبەرگە ۋەدە قىلغان ئەتە كەچتىكى كۆرۈشۈش ئىدى .
-- ھەي بالىلار ، _ دېدى پەرىدە گويا مەلۇم پىلان ئويلاپ چىققاندەك ، _ مۇنداق قىلايلى بولمىسا ، دىلبەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۆمەرگە دېمەي تۇرۇپ ، ئەتە كەچ بىر يىغىلايلى . قالغان ئىش ئۆز بويىچە بولسۇن . بەرىبىر بىز نادىرە ياكى ئۆمەر بولمىغاندىكىن ، بىز ھەرقانچە ئارىلاشساقمۇ ، ئۇلارغا پەقەت تېخىمۇ كۆپ ئاۋارىچىلىق تېپىپ قويۇشىمىز مۇمكىن . كىم بىلىدۇ تېخى ، شۇنداق چىرايلىق ئۆتۈشۈپ كېتەمدۇ !
ئەتىسى كەچقۇرۇن ، ئۆمەر جۈرئەتنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن ، نادىرەنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نادىرەنى چاقىرىپ ئاندىن دېيىشىپ قويغان جايغا قاراپ ماڭدى .
-- ئاپاڭ بىلىپ قالمىغاندۇ ؟ _ سورىدى جۈرئەت تاكسىنىڭ ئىچىدە نادىرەگە قاراپ .
-- ياقەي ، بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئاپام ئۆيدە ئەمەس ، ناھىيەدىكى تۇغقانلارنىڭكىگە چىقىپ كەتكەن . كەلگۈچە ساقىيىپ كېتەرمەن .
-- شۇنداق بولسىغۇ تېخى ياخشى . بولمىسا سۈرۈشتە قىلىپ بىلىپ قالسا ، كېيىن سېنى ماڭا بەرگىلى ئۇنىماسمىكىن ...
-- ھۇيـــــــت ئۆمىراخــــۇن ، مەن تېخى ئۆزلىرىگە تېگىمەن دېمىگەندىمەن ؟ بەك ئۇزاقنى ئويلاپ كېتىپلا !
-- سەن دېمىسەڭمۇ ھامان بولىدىغان ئىشلار ئۇ .
-- قېنى كۆرەرمىز ، ئاڭغىچە تېخى نەچچە ئەدەمنىڭ قولىدىن ئۆتىلا مۇشۇ مېجەزلىرى بىلەن .
-- سەنمۇ مېنى شۇنداق ئادەم دەپ ئويلامسەن ؟
-- ئەمىسە ئۆزلىرى قانداق ئادەم ئىدىلە ؟
-- مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلمەمسەن ؟ _ دېدى ئۆمەر نادىرەگە قاراپ مەنىلىك ھىجىيىپ .
-- ئاغزىدا دەپ قويسىلا ھېساب ئەمەس .
-- قانداق ؟ ئىسپاتلامدۇق كەچتە ؟
-- قورقىدۇ دەمسەن ؟ _ دېدى نادىرەمۇ ئۆمەرگە قاراپ مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ .
-- بېلىڭ مىدىرىيالامدۇ ؟ چىدىماسسەنمىكىن ؟ ھا ھ ھا ھ ... _ جۈرئەت قاھقاھلاپ كۈلدى .
-- يوقىلە كۆزۈمدىن پىت يەيدىغان !
بىردەمدىن كېيىن ئۇلار دېيىشىپ قويغان يەرنىڭ يول بويىدا ، جۈرئەتلەرنىڭ ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ۋە ماشىنىدىن چۈشتى . ئۇلار بىر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن « شەرقىي يېرىم شار » مەيخانىسىدىكى جۈرئەت ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئورۇنغا كىرىپ ئورۇنلاشتى .
2
« شەرقىي يېرىم شار » ياكى بىر مەيدان مۇھەببەت جېڭىدىن كېيىن قانغا بويىلىدۇ ، ياكى بىر مەيدان رومانتىك مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ باشلىنىشى ۋە ياكى ئاخىرلىشىشىغا شاھىد بولىدۇ ، دەپ ئويلىشىۋاتاتتى ھەركىم ئۆز خىيالىدا . پەقەت بۇ ئىشنىڭ بىۋاسىتە قاتناشقۇچىلىرى بولغان ئۆمەر بىلەن نادىرەلا بۈگۈن كەچ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەرقانداق ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ، تېخىچە لاۋزىلىقتا كىشىنىڭ ئىچىنى ئېلەشتۈرگۈدەك پاراڭلار بىلەن ئۆزى سۆزلەپ ئۆزلىرى كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇشاتتى .
-- قېنى باللا ماۋۇ تېپىشماق تېپىڭلار ھە ، _ ئويۇن باشلىدى ئۆمەر .
-- تاپالىساق نادىرەنى بىر سۆيۈۋالامدۇق ؟ _ دېدى ئەكرەم ھىجىيىپ .
-- ئۆتەپ بارەۋە ماز ! _ ئالايدى نادىرە .
-- چاتاق يوق ! _ دېدى ئۆمەر ئىشەنچ بىلەن ، _ لېكىن تاپالمىساڭلار مۇھەببىتىڭلارنى مەن سۆيىۋالىمەن !
-- ھە ، بۇ بولىدىكەن ، ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى بەش ئادەم ئىككى جۈپ ، مەنلا بويتاق ، زىيان يوقكەن . _ دېدى ئەكرەم تاماكىنى پۈۋلەپ تۇرۇپ .
-- بەك لاۋزىكەنسەن جۇما ئەكرەم ، _ دېدى پەرىدە ئۇنىڭ ئاغزىدىكى تاماكىنى ئېلىۋېلىپ كۈلدانغا بېسىۋەتكەچ .
-- ۋاي -ۋۇي ، نېمە پاراڭ جىق دەيمەن ، ماۋۇ تېپىشماق ئاڭلاڭلار ئاۋۋال ، _ دەپ تېپىشماقنى باشلىدى ئۆمەر ، _ پاقا نېمىشقا دەرەختىن ئېگىز سەكرەيدۇ ؟
-- مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ، ئامازون دەرياسى بويىدا بىرخىل پاقا بار ئىكەن ، شۇ پاقا ھەتتا ئۇچالايدىكەن ، شۇ پاقا دەرەختىن ئېگىز سەكرەرمىكىن ... _ ئەكرەم بۇ تېپىشماقتا ھامان زىيان تارتمىغاچقا بىرىنچى بولۇپ جاۋاب بەردى . ئەمما جاۋابى خاتا بولغاچقا ئۆمەر ئۇنىڭغا يېنىك بۇرنىنى قېقىپ قويۇپ جۈرئەتكە قارىدى .
-- ۋوي ، پاقىنىڭ دەرەختىن ئېگىز سەكرىگىنىنى نەدە كۆرگەن ئۆمىراخۇن ؟ _ دېدى جۈرئەت بۇ تېتىقسىز تېپىشماقتىن ئەندىكىپ ، _ بولسا سىلى بى شۇنداق سەكلىتىپ بەسىلە كۆرىلى .
-- جاۋاب بېرەلمىدىڭمۇ ؟! ئەكىلە خوتۇننى ، _ دېدى ئۆمەر كۆرەڭلەپ پەرىدەگە ئېسىلغاچ .
-- ھاي ھاي ! نېمە چىدىماسلىق بۇ ؟ قېنى توغرا جاۋابىنى ئۆزەڭلا بىر دەپ بېقىڭلا ، ئاندىن نېمە قىلساڭلا مەيلى .
-- توغرا جاۋابى ؟ ھەرقايسىڭ دەرەخنىڭ سەكرىگىنىنى نەدە كۆرگەن ، سەكرەشكە كەلگەندە دەرەخ ئەلۋەتتە پاقىدەك ئېگىز سەكرىيەلمەيدۇ دە !
-- ئۇف ... _ كۆپچىلىكنىڭ يېلى چىقتى .
ئۆمەر نادىرەنىڭ كۈچەپ ئېسىلىشلىرىغا قارىماي پەرىدەگە مەھكەم ئېسىلىۋېلىپ ، يۈزىگە « چوك » كىدە بىرنى سۆيىۋالدى . نەخ شۇ دەقىقىدە ئايرىم خانە ئىشىكى تاراققىدە ئېچىلىپ بىرەيلەن كىرىپ كەلدى .
ئۆمەرنىڭ بىر جۈپ قولى تېخى پەرىدەنىڭ قولىدا ، نادىرەنىڭ قوللىرى بولسا ئۆمەرنىڭ بېلىدىن كۈچەپ تارتىۋاتقان مۇشۇ غەيرىي ھالەتتە ، ئۆمەر بۇرۇلۇپ قاراپ كىرىپ كەلگەن كىشىنىڭ كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى . قوللىرى ئىختىيارسىز پەرىدەنى قويىۋەتتى .
سورۇندىكى بەش ئادەمنىڭ ئىچىدە ، نادىرەدىن باشقا ھەممىسى دىلبەر بىلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار ئىدى . پەقەت نادىرەلا ئۇنى تونۇمايتتى .
-- خاتا كىرىپ قالغان ئوخشىمامسىز ؟ _ دېدى نادىرە بۇ كۈتۈلمىگەن چاغدا كىرىپ قالغان «مېھمان»غا قاراپ ئالىيىپ .
-- بۇ كىم بولىدۇ ؟ _ دىلبەر نادىرەگە كۆزىنىڭ قىرىنىمۇ سالماستىن جۈرئەتكە قاراپ سورىدى .
جۈرئەت بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالماي ئالدىدىكى شىرەنىڭ قىرىنى تىرناقلىرىدا قىرىپ ئولتۇراتتى .
بۇ ئېغىر سۈكۈتنى يەنىلا پەرىدە ئۆمەرنىڭ بەدىنى ئاستىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ بۇزدى .
-- ئاداش دىلبەر ، قانداق تىنچ كەلدىڭمۇ ؟ ئەجەب سېغىندىم سېنى ! _ دېگىنىچە دىلبەرگە ئۆزىنى ئاتتى پەرىدە .
ئارقىدىنلا ئەكرەم ، جۈرئەتلەرمۇ ئەمدى ھۇشىغا كەلگەن ئادەملەردەك ئورنىدىن تۇرۇشۇپ دىلبەر بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ئۇنى ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى .
نادىرە بۇ توساتتىن كىرگەن «مېھمان»نىڭ ئۆزىنى نەزىرىگە ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىنى ، ھەتتا بىر ئېغىز سالام-سائەتمۇ قىلمىغانلىقىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، بۇرنىنى قېقىپ قويۇپ جايىغا كېلىپ جىم ئولتۇردى .
پەقەت ئۆمەرلا بۇ بۇرۇقتۇملۇقنىڭ ئىچىدىن تېخى قۇتۇلۇپ بولالمىغاندەك ، جايىدا بۇتتەكلا باياتىنقى بەدەن شەكلىدە قېتىپ قالغان ئىدى . ئۆمەر بۈگۈنكى بۇ نام-ئاتاقسىز يىغىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتكەندەك بولۇپ ، دىلبەرگە يەرنىڭ تېگىدىن كۆز يۈگۈرتتى ، دىلبەرمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆزى يەنە ئۇچراشتى .
مانا ، مۇشۇ بىر جۈپ شەھلا كۆزلەر ، ئۆمەرنىڭ روھىنى سۇغۇرغان بىر جۈپ شەھلا كۆز ، بۈگـۈن قەھرىتان سوغدىكى ناتونۇش بىر چۈشتەك ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىللىق ئېقىم ئۇرماقتا ئىدى . ئۆمەر ئۆزىنى قاچۇرالمايتتى ، بەلكى بىپايان دېڭىزدا چۆككەن پاناھسىز قولۋاقتەك ، بۇ تەگسىز سۈزۈك كۆزلەرنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كېتەتتى .
دىلبەرنىڭ سۈزۈك كۆزلىرىدە سۈزۈك ياش لىغىلداپ تۇراتتى . ئۆمەر ئاخىرى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى . لېكىن بايىقىدەك نادىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇرماستىن ، ئەكرەم بىلەن پەرىدەنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ ئولتۇردى .
دىلبەر ئۆمەرگە ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئېغىز ئاچتى :
-- ئۆمەر ماڭا سالام قىلاي دېمەيسەنغۇ ؟ ساڭا خەۋەر قىلمايلا كەلگىنىمدىن خاپا بولمىغانسەن ؟
-- ياق ...
-- ئەمىسە ، مېنى قارشى ئالىدىغان چىرايىڭ يوققۇ ؟ مېنى تونۇغانسەن ؟ مەن دىلبەر .
-- تونۇدۇم . ھېلىغۇ بىر يىل يوق بولۇپ كېتىپسەن ، كۆيۈپ كۈلگە ئايلىنىپ كەتسەڭمۇ سېنى بىر قايلاپلا تونۇۋالىمەن .
دىلبەرنىڭ كۆز ياشلىرى ئاخىرى چانىقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ئۆزۈلمەي ئېقىشقا باشلىدى . پەرىدە بولسا ئۇنى بەزلەۋاتاتتى .
-- بولدى قىلە ئاداش ، كۆڭلۈڭنى بۇزمىغىنە . ھەممەيلەن يىغىلدۇققۇ مانا .
-- كۆڭلۈمنى ... كۆڭ... كۆڭلۈمنى بۇزمىدىم ... لېكىن ... لېكىن خۇش بولۇپ ... خۇش بولۇپ شۇ ..._ دېدى دىلبەر ئېسەدەپ .
-- خۇش بولۇپ ؟ نېمىگە خۇش بولدۇڭ ؟ مېنىڭ سېنى ئۇنتۇپ كەتمىگىنىمگە خۇش بولۇپ كەتكەن ئوخشىمامسەن ؟ _ دېدى ئۆمەر دىلبەرگە قاراپ .
-- ۋاي بولدى قىلىڭلا ئېدىــش سىلىمۇ قىچىشمىغان يەرنى قاشلىماي ، پەس قىلالمايۋاتقاندا ، _ غۇدۇڭشىدى ئەكرەم .
-- ئاغزىڭنى يۇمغىنەۋە لاتا ! _ ئۆمەر ئەكرەمگە قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدى . ئۇنىڭ بۇنداق ۋارقىرىشىدىن ئەكرەملا ئەمەس ، سورۇندىكى ھەر بىركىشى ئىنتايىن ھەيران بولماقتا ئىدى . چۈنكى ئۆمەر ئەزەلدىن بۇنداق بىر ئىشنى راستىغا ئېلىپ قاتتىق ئاچچىقلىمايتتى ، ئاچچىقلىسىمۇ ئۆزىنىڭ جان-جېگەر ئاغىينىلىرىنى تىللىمايتتى .
ئەكرەم بوينىنى تولغاپ ئاستا تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى ۋە قولىدىكى بىر رۇمكا ھاراقنى گۈپپىدە كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى .
پەقەت نادىرەلا بۇ مەيداندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى قىلچىمۇ ئاڭقىرالمايۋاتاتتى ، ئۆمەرنىڭ بۇنچىلىك چېچىلغىنىنى ھەم ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى . ئۇ ئۆمەرگە قاراپ ئىڭىكى بىلەن دىلبەرنى « ئۇ كىم ؟ » دېگەندەك ئىما قىلدى ، لېكىن ئۆمەر بولسا نادىرەگە چىرايىنى بۇزۇپ بىرنى قارىغان ئىدى ، نادىرە شۇئان پەسكويغا چۈشۈپ قولىدىكى تېلېفوننى ئوينىغان بولۇپ جىم ئولتۇردى .
-- نېمە ؟ ھېچقايسىنى گەپ قىلغىلى قويمايدىغان ئوخشىمامسەن ؟ _ دېدى دىلبەر بىر ھازادىن كېيىن ئېسەدەشتىن ئاران توختاپ .
-- ئېغىز ئۆزىدە ئىكەن ، گەپ قىلامدۇ ئوسۇرامدۇ مەن باشقۇرۇپ بولالمايمەن ،_ دېدى ئۆمەر تاماكىنى كۈچەپ تارتىپ .
-- بىزگە زادى نېمە بولدى ؟ _ دېدى ئۆمەرنى بارغانچە چۈشىنىپ بولالمىغان دىلبەر ، چۈنكى دىلبەر مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان قىزنىڭ ئۆمەرنىڭ قىز دوستى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى .
-- بۇنى ئۆزۈڭدىن سورا . فرانسىيەدە ئوقۇسا قانداق بولىدىكەن ؟ فرانسىيەدە تېلېفون يوقمىكەن ؟ تور يوقمىكەن ؟ يا فرانسىيەنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنىڭ يوغانراقمىكەن ؟ ھە راست ، فرانسىيەدە ئۇنداق ئىشلار بەك ئاشكارا دەۋاتاتتى ، كۈندە ۋايجان-ۋاييەي بولۇپ بىز ئېسىڭدە يوق ھەقىچان ؟
-- ئازراق نومۇس قىلە ھەي ! _ ئۆمەرنىڭ بۇ ھاقارەتلىك سۆزلىرىگە پەرىدە ئاخىرى چىدىيالمىدى .
-- مەن نومۇس قىلغۇدەك ئىش قىلمىدىم . ئىشقىلىپ ھېچنېمە قىلالمىساممۇ ، بەزىلەردەك ياۋروپاغا بېرىپ ئوقۇيالمىساممۇ ، ئادەمنىڭ نېمىگە مۇھتاج ، نېمىگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ! سەن بۇ دۇنيادىن نېمىنى ئېلىپ كېتەلەيسەن ؟ ساڭا نېمە قالىدۇ ؟! مەن مۇھتاج بولغىنى بەزىلەرنىڭ مېنىڭ يېنىمدا 365 كۈن ئايرىلماي تۇرۇشى ئەمەس ! بەلكى مەن ھاراق ئىچىپ تالادا ، بۇزۇق خوتۇنلارنىڭ قوينىدا ياتقان كەچلەردە ، سوغۇقتا ئۆپكەم شامالداپ ئاسما ئوكۇل چۈشىۋاتسىمۇ ، ئىچ پۇشۇقۇمدىن تاماكىنى ئۇلاپ - ئۇلاپ چېكىپ ، قېقىلىپ يۆتىلىپ ياتقان ۋاقىتلىرىمدا ، خەقنىڭ ئېغىزىدىن « دىلبەر فرانسىيەدە بىر كىشى بىلەن يۈرىۋېتىپتۇ » دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئىشەنمىسەممۇ يۈرىكىم يىغلاۋاتقان چاغلاردا ، بەزىلەرنىڭ بىر تال تېلېفونى ماڭا بەلكىم ئۆزۈمنى داۋاملىق بەختلىك ھېسابلىشىمغا دەسمايە بولغۇچى ئېنېرگىيە بولاتتىغۇ ؟! قېنى سەن ؟! نېمە بولدى بىزگە دېمەمسەن ؟!
ئۆمەرنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلىدىغان سورۇندىكىلەر ، يۇقارقى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۆمەرگە تىكىلدى .
-- مېنى كەچۈرىۋەت ئۆمەر ! _ دىلبەر ئېسەدەپ تۇرۇپ شۇنداق دېگىنىچە ئۆمەرنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى . ئۆمەر بولسا سەزگۈسىز كۆزلىرىدە نەلەرگىدۇر تىكىلىپ قالغان ئىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگە بىر خىل قىزىللىق ئۇيۇشقان ئىدى .
ئىشىك تاراققىدە قاتتىق يېپىلىپ بىرەيلەن يۈگۈرگىنىچە كارىدوردىن سىرتقا قاراپ چىقىپ كەتتى .
-- نادىرە ! _ ئەكرەم نادىرەنى چاقىرغىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ چىقىپ كەتتى . جۈرئەت بىلەن پەرىدە بىر-بىرىگە بىر كۆز ئىشارىسى قىلغاندىن كېيىن ، سىرتقا چىقىشىپ كېتىشتى .
خانىدە ئەمدى پەقەت ئۆمەر بىلەن دىلبەرنىڭ قۇچاقلاشقان گەۋدىسىلا قالغان ئىدى .
-- سېنى سۆيىمەن جېنىم ، _ ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلايتتى دىلبەر ، _ مېنى سېغىندىڭمۇ ؟
-- مەن ساڭا ئوخشىمايمەن ، سېنىڭ يۈرىكىڭ بۇشيۇگاڭ بولغان بىلەن ، مېنىڭ يۈرىكىم گۆش . سېنى بەك سېغىندىم . _ دېدى ئۆمەر ۋە دىلبەرنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى .
ئەكرەم نادىرەنىڭ كەينىدىن قوغلاپ خېلى ھازاغىچە يۈگۈرگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا ئاخىرى يېتىشتى ۋە ئۇنى مەھكەم تۇتىۋالدى .
-- نادىرە ، گېپىمنى ئاڭلاڭ ، بەلكىم سىز بەزى ئىشلارنى تېخى بىلمىگەچكە خاتا چۈشىنىپ قالغان ئوخشايسىز .
-- مېنى قويۇۋەت ئەبلەخ ، مېنى ... مېنى ... قويۇۋەت ! _ نادىرە يۇلقۇنۇپ ئەكرەمنىڭ قولىدىن ئاجرىدى ۋە مۇزلۇق يەرنىڭ ئۈستىگە قاتتىق يىقىلدى .
« ئاپا ! » دېگەن چىرقىراش ئاۋازى بىلەن نادىرە قاتتىق سىلكىنىپ ئاغرىقتىن تولغىنىپ كەتتى . ئەكرەم نادىرەنى يۆلەپ تۇرغۇزغۇچە ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ كەينىدىن قان تەپچىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى .
-- ئاپلا ، يارا تىككەن يېرىدىن يېرىلغان ئوخشىمامدۇ ؟! ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ _ ئەكرەم دەرھال يولدىكى تاكسىدىن بىرنى توسۇپ نادىرەنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى .
جۈرئەت بىلەن پەرىدە بولسا ، ئايرىم خانىدىن چىقىپ كارىدوردا پاراڭلىشىۋاتاتتى .
-- سېنىڭچە نادىرە ئەمدى قانداق قىلار ؟ _ سورىدى جۈرئەت پەرىدەدىن .
-- مەن قانداق بىلىمەن ؟ مەنمۇ بۇنداق بولار دەپ ئويلىماپتىكەنمەن .
-- ئەمىسە سەن قانداق ئويلىغان ؟! ھەممىسى سېنىڭ كۆرسەتكەن ئوسۇرۇق پىكىرىڭ ! ئەسلى تۈنۈگۈنلا ئۆمەرگە دېگەن بولساق ، ئۆمەردىمۇ ئىددىيە جەھەتتىن بۇ ئىشلارغا ئازراق تەييارلىق بولاتتى . نادىرەمۇ تۇيۇقسىز بۇنچىلىك زەربىگە ئۇچرىمايتتى .
-- ھە ؟ بۇ گەپچە مەن گۇناھكار بوپتىمەن -دە ؟! ئويلاپ قوي ! دىلبەرمۇ بىزنىڭ يېقىن دوستىمىز ! دىلبەر بىزگە نېمە يامانلىق قىلغان ؟ يەنە كېلىپ دىلبەر تېخى ئۆمەردىن رەسمىي ئايرىلىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا نادىرە ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋالدى ، ئاغرىنساڭمۇ ئۆمەردىن ئاغرىن ! چىم ئۇنى باشتىلا نادىرەگە « ئىچىم شوۋىگۈرۈچتى » دەپ بار گەپنى ئېنىق قىلمىسۇن دەپتىكەن ! _ دېدى پەرىدە ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ .
-- ھەي بولدى قىلە ، ھازىر بۇ گەپلەرنى دېيىشكەننىڭمۇ پايدىسى يوق . قېنى ، قانداق ئىشلار بولىدۇ ۋاقتى كەلگەندە كۆرىلى ._ دېدى جۈرئەت تاقىتى تاق بولۇپ .
3
كەچ سائەت ئىككى يېرىم . كۆزىگە ياش ئالغان نادىرە دوختۇرخانىنىڭ ياتىقىدا ، دەرىزە سىرتىدىكى كېچىدىكى رەڭمۇرەڭ چىراغلار لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان شەھەر ئاسمىنىغا قاراپ خىيال بىلەن ياتاتتى . كېچىلىك ئىسمىنىدىكى سىستېرا قىز بولسا پات-پات كىرىپ ، نادىرەنى ئۇيان -بۇيان ئۆرۈپ قويۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن پاراشماقچى بولۇپ ئولتۇراتتى . لېكىن نادىرەنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ چىقمىغاچقا ، يەنە ئۈمىدسىزلىنىپ باشقا ياتاقلارغا چىقىپ كېتەتتى .
دەرىزىنىڭ پولكىسىدا ئەكرەم پۇتلىرىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ تاماكىنى ئۇلاپ چېكىپ ئولتۇراتتى . ئەكرەم ئاق پىشماق ، ئوتتۇرا بوي ، كېلىشكەن بالا ئىدى . ئۈچ ئاغىينىنىڭ ئىچىدە ئەكرەمنىڭ مېجەزى بەكرەك كىچىك بالىغا ئوخشىغاچقا ، ئادەتتە ئۇنىڭ « ھەرىكەت پىلانلىرى » قوبۇل قىلىنىپ كەتمەيتتى . ئەكرەم ئاستا غىڭشىپ ناخشىغا چۈشتى .
« كېچە سائەت ئىككى يېرىمدە ،
كىردى نادىرە چۈشۈمگە ... »
ئۇنىڭ بۇ ناخشىسىدىن نادىرەمۇ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى .
-- بەك مازكەنسەن ئەكرەم .
ئەكرەم بولسا ئۇ ناخشىدىن بۇ ناخشىغا ، ئۇ ئاھاڭدىن بۇ ئاھاڭغا ئالمىشىپ توختىماي غىڭشىۋاتاتتى . بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ناخشىدىن توختاپ تۇيۇقسىز نادىرەگە تىكىلدى . نادىرەنىڭ يۈزلىرى ياش يۇقى ، كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرغان ھالىتى ئۇنىڭ كۆزىگە بەكمۇ گۈزەل ھەم ئوماق كۆرۈنىۋاتاتتى .
-- نېمىگە قارايسەن ؟ بەك چىرايلىقمىكەنمەن ؟ _ دېدى نادىرە ئەكرەمگە قاراپ .
-- شۇنداق ، سىزدەك چىرايلىق قىز بالىنى ئۆمەر نېمە دەپ ... _ ئەكرەم گەپنىڭ ئايىغىنى يۇتىۋېتىپ .
ئۇ يەنە نادىرەگە سىنچىلاپ قاراپ تۇراتتى ، قارىغانچە خۇددى بۇ قىزنى قايتا تونۇغاندەك ، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك يېنىش-يېنىشلاپ كۆز ئۈزمەي قارايتتى .
-- ۋاي بولدى قىلە ، نېمانداق قاراۋېرىسەن ؟ ئىزا تارتىپ كەتتىم ،_ دەپ يۈزىنى تۇتىۋالدى نادىرە ،_ يەپ قويىدىغاندەك قاراۋېرىدىكەن ئادەمگە .
-- شۇنداق ، سىزنى يېگۈم كېلىۋاتىدۇ .
-- يوقىلە پىت يەيدىغان .
-- ھاھا ، مەن سىزنى يېگۈم كەلدى دېسەم ، سىز مېنى « پىت يەيدىغان » دەيسىزغۇ ؟ ئۇنداقتا سىز پىتكەنسىزدە ؟ _ دېدى ئەكرەم كىچىك بالىلاردەك كۈلۈپ ۋە دەرىزىدىن چۈشۈپ نادىرەنىڭ يېنىغا كەلدى .
-- يېقىن كەلمە ! _ دېدى نادىرە بەدىنىنى ئۆرىمەكچى بولۇپ ، لېكىن يارا ئېغىزى بەك ئاغرىۋاتقاچقا ئۆرۈلەلمەستىن ۋايجانلاپ تىترەپ كەتتى .
-- خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن سىز ئويلىغاندەك ئادەم ئەمەس .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نادىرەنىڭ كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىپ كەتتى .
-- دەل مۇشۇ جۈملە ، ئۆمەرمۇ داۋاملىق مۇشۇنداق دەيتتى . لېكىن مەن ھېچقانداق ئوغۇل بالىغا ئىشەنمەيمەن . ماڭا يېقىن كەلمە !
-- خاتىرجەم بولۇڭ ، مەن گەرچە ئاللىقانداق ئاقكۆڭۈل ئادەم بولمىساممۇ ، ئاغىينەم ياخشى كۆرگەن قىز بالىغا نىيىتىمنى بۇزمايمەن .
-- ئاغىينەم ياخشى كۆرگەن ؟ _ دېدى نادىرە ئېسەدىگەن پېتى ،_ ئۇنىڭ گېپىنى قىلما !
دەل شۇ چاغدا ئەكرەم تېزلا بىر قەدەم ئېلىپ كارىۋاتقا ئېتىلدى ، نادىرە بولسا « ئاپا ! » دەپ چىرقىرىغىنىچە يوتقانغا مەھكەم ئورىنىۋالدى . بىر دەمدىن كېيىنلا نادىرەنىڭ ئۈستى يېنىكلەپ ئەكرەم كارىۋاتتىن ئايرىلدى . نادىرە بېشىنى ئاستا يوتقاندىن چىقىرىپ ئەكرەمگە قاراپ چۆچۈپ كەتتى .
-- ئاپا !!!
ئەسلىدە ئەكرەمنىڭ قولىدا بىر تال ناھايىتى يوغان ئۆمۈچۈك بولۇپ ، باياتىن ئۇ دەرىزىدە ئولتۇرۇپ ناخشا ئېيتقان ۋاقىتتىلا بۇ ئۆمۈچۈكنى بايقىغان ئىدى . بۇ ئۆمۈچۈك يامىشىپ كېلىپ نادىرەنىڭ كارىۋېتىنىڭ بېشىغا كېلىپ توختىغاندا ، ئەكرەم گەرچە بۇ ئۆمۈچۈكنىڭ ئادەم چاقمايدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، لېكىن نادىرەنىڭ قورقۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، چاندۇرماي كېلىپ ئۇنى تۇتۇۋالغان ئىدى .
-- بەك ئەسكىكەنسەن ، _ دېدى نادىرە ئەكرەمگە قاراپ .
-- سىز مېنى نېمە قىلار دەپ ئويلىدىڭىز ؟
نادىرەنىڭ يۈزى شۇئان شىپپىدە قىزاردى-دە ، يوتقاننىڭ ئىچىگە بېشىنى تىقىۋالدى . بىر دەمدىن كېيىن ئەكرەمنىڭ غىڭشىغان ئاۋازى يەنە ئاڭلىنىشقا باشلىدى .
« يۈرۈگۈم يىغلار ، يامغۇرلۇق كېچىدە ،
يار كەتكەن يولۇڭغا قاراپ ... »
بىر ئازدىن كېيىن نادىرەمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ غىڭشىپ بىللە ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى .
« يۈرۈگۈم يىغلار ، يامغۇرلۇق كېچىدە ،
يار كەتكەن يولۇڭغا قاراپ .
بىلمىدىم يۈزۈمدە ئاققان ،
يامغۇر يا ياشمۇ ؟
بىلمىدىم يىغلىغان ،
زېمىنمۇ يا مەنمۇ ؟!
...
ئېيتىپ - ئېيتىپ ناخشىنىڭ بىر يەرلىرىگە كەلگەندە ، نادىرەنىڭ ئاۋازى بارغانچە تىترەپ ، بۇ خىل تىترەش بارغانچە ئېسەدەشكە ، ئاندىن ئۈنىنى قويىۋېتىپ قاتتىق ھۆڭرەپ يىغلاشقا ئايلاندى . نادىرە يوتقاندا يۈزىنى مەھكەم ئورىۋالسىمۇ ، يىغلىغان ئاۋازى شۇنداق ئۈنلۈك چىقاتتى ، كىشىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزەتتى . ئەكرەم بولسا تاماكىدىن بىرنى قايتا تۇتاشتۇرۇپ تاماكا چەككەچ سىرتتىكى كېچە ئاسمىنىغا نەزەر سېلىپ دەرىزىدە ئولتۇراتتى .
« شەرقىي يېرىم شار » نىڭ ئايرىم خانىسىدا جۈرئەت ، پەرىدە ، ئۆمەر ۋە دىلبەرلەر رۇمكىنى لىقلاپ قويۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى . جۈرئەت بىلەن پەرىدە توختىماستىن دىلبەرنىڭ ياۋروپادا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى سوراپ قىزىقىپ ئاڭلىماقتا ئىدى . ئۆمەر بولسا توختىماستىن ھاراق ئىچەتتى .
-- مەن بىر تېپىشماق ئېيتاي -ھە ! _ دەپ ئويۇن باشلىدى جۈرئەت .
-- قائىدىسى ؟ _ دېدى دىلبەر كۈلۈپ تۇرۇپ .
-- يېڭىلگەن كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى ... _ ئايىغىنى دېيەلمەستىن جۈرئەتنىڭ ئۈنى ئۆچتى .
پەرىدەمۇ ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلگەچكە ، يەرگە قاراپ ئۈنسىز ئولتۇرۇپ كەتتى . چۈنكى باياتىنلا تېخى ئۆمەرنىڭ مۇھەببىتى ، ئۇنىڭ مۇھەببىتى نادىرە ئىدى . لېكىن ھازىر بۇ ئەھۋال ھەممەيلەننى بىر ئاز گاڭگىرىتىپ قويغان ئىدى .
-- مۇھەببىتىنى نېمە قىلىدۇ ؟ _ دەپ سورىدى دىلبەر قىزىقىپ .
-- يەڭگۈچى بىرنى سۆيۈپ قويىدۇ . _ دېدى ئۆمەر تۇيۇقسىز ئۈنچىقىپ .
جۈرئەت تېپىشماقنى باشلىدى :
-- ئەمىسە دېدىم ھە ، دىققەت قىلىڭلار . ئۆمەر ئوۋغا چىقىپ ، ئون قۇشنى كۆرۈپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر قۇشنى ئېتىۋېتىپتۇ ، قالغان توققۇز قۇش ئۇچۇپ كەتمەپتۇ . بۇ نېمە ئۈچۈن ؟
پەرىدە بىلەن دىلبەر بىر-بىرىگە قاراپ بۇ غەيرىي تېپىشماقنى تاپالماي گاڭگىراپ قېلىشقان ئىدى .
-- ئۆلۈك قۇشنى ئاتقانمىدۇ يا ؟
-- ياق ، قۇش تىرىك ._ دەپ تولۇقلىدى جۈرئەت .
-- ئۇنداق بولسا ...
-- تۆگىقۇشنى ئاتقاندۇ . _ دېدى ئۆمەر ھېچقانداق چىراي ئىپادىسىسىزلا . ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئىنتايىن سوغۇق بولۇپ خۇددى تالادىكى قەھرىتان سوغۇق بىلەن شېۋىرغاننى بۇ ئايرىم خانىنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرگەندەك ، ھەممەيلەننىڭ تېنى بۇ جۇتتىن سۈركىنىۋاتاتتى .
-- بۇ جاۋاب توغرىمۇ ؟ _ دېدى دىلبەر قىزىقىپ .
-- توغرا ... _ دېدى جۈرئەت ئوڭايسىز ھالدا .
-- ئۇنداقتا پەرىدەنى بىرنى سۆيۈپ قويە ئۆمەر ! _ دېدى دىلبەر ئۆمەرگە قاراپ .
-- بولدى قىلە ئاداش ، _ دېدى پەرىدە قىزىرىپ ، _ كىچىك بالىدەك ، يا ئويۇننى ئويۇن قىلمىغان ...
ئۆمەر بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر رۇمكا ھاراق ئىچىۋەتكەندىن كېيىن :
-- ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسام ، جۈرئەت سېنى سۆيسە چىدامتىڭ ؟
-- ئويۇن دېگەننى چىدىغانغا چىقارغان ، _ دېدى دىلبەر غۇدۇڭشىپ ، _ مەيلى بولمىسا باشقا ئويۇننى ئوينايلى .
ئۆمەر ئورنىدىن تۇردى ۋە چاپىنىنى كىيىپ ، پەردىنى قايرىپ سىرتقا قارىۋەتكەندىن كېيىن :
-- مەن بەك ھېرىپ كەتتىم . مەن ئۆيگە كېتەي . سىلەرمۇ بالدۇرراق قايتىپ ئارام ئېلىڭلار ._ دېگىنىچە ئىشىكتىن چىقىپ كېتىپ قالدى .
ئىچىدىكى ئۈچەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ ، نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي ، قولىدىكى ۋىسكىينى كۆتۈرىۋەتتى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى .
يول ئۈستىدە قەھرىتان قىش كېچىسىدىكى شېۋىرغان ئۆمەرنىڭ يۈزلىرىگە سانچىلاتتى . يولدا ماشىنىمۇ كۆرۈنمەيتتى . ئۆمەر پىيادە يولىنى داۋام قىلماقتا ئىدى .
-- ئۆمەر ! ئۆمەر ، توختاپ تۇر !
ئۆمەر دىلبەرنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاستا توختىدى .
-- مېنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويمامسەن ؟
-- ئۆيۈڭنى بىلمەمسەن ؟
-- سەن ! ...
-- مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، ئۆزۈڭ كېتىۋەر . _ دېدى ئۆمەر بۇرۇلۇپ يولىغا راۋان بولماقچى بولۇپ .
تۇيۇقسىز دىلبەر ئۆمەرگە ئۆزىنى ئاتتى ۋە كەينىدىن ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ :
-- ياق جېنىم ، مەن سەندىن ئايرىلالمايمەن .
ئۆمەر ئۈن-تىنسىز جايىدا تۇراتتى ، دىلبەر بولسا ئۇنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە يۈزلىرىنى سۈركەيتتى . دىلبەرنىڭ بەدىنى تىترەيتتى . ئۆمەرنىڭ بۇرۇلۇپ ئۇنى باغرىغا بېسىشىنى كۈتەتتىيۇ ، لېكىن ئۆمەر جايىدا مىت قىلماي جىم تۇراتتى .
بىر ھازادىن كېيىن ، دىلبەر ئۆمەرنى قويىۋەتتى .
-- ئالە ، شارپاڭنى ئۇنتۇپ قاپسەن .
ئۆمەرنىڭ شارپىسىنى بەرگەندىن كېيىن ، دىلبەر كەينىگە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى . ئۇنىڭ گەۋدىسى بارا-بارا يىراقلاپ ، ئاخىرى كېچىدىكى غۇۋا يول چېرىغنىڭ نۇرلىرى ئىچىدە غايىب بولدى .
ئۆمەر يولىنى راۋان قىلماقتا ، ئۇ ھازىر قەيەرگە قايتىشىنى بىلمەيتتى . قەيەرگە قايتىشىنى ئەمەس ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا كىمنىڭ يېنىغا قايتىشنى بىلمەيتتى . ئۇنىڭ تېخى ئۇيقۇسى كېلىپ كەتمىگەن ئىدى . پەقەت بىرسىنى تېپىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلاشقۇسى بار ئىدى . ئۆزىنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى چۈشىنىدىغان بىرسىنى تېپىپ ، ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈسى بار ئىدى . ئۆمەردە بۇنداق سەزگۈ بولۇپ باقمىغان ئىدى . مانا ئەمدى بولسا ، بۇ خىل سەزگۈ شۇنچىلىك ئېنىق ، شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدى .
يولدىكى شېۋىرغان ئۆمەرنىڭ يۈزلىرىگە يىڭنىدەك سانچىلىۋاتاتتى . ئۇ شارپىنى بوينىغا يۆگىدى . شارپىدىن ئىللىق ، بىر خىل تونۇش پۇراق كېلىۋاتاتتى . بۇ پۇراق شۇنچىلىك تونۇش ئىدىكى ، تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدا چېچىلغان ئەتىردەك ، بىراق « شەرقىي يېرىم شار » دىن چىققاندىن كېيىن ، ئۆمەر قانچىلىك ئەسلىسىمۇ ، كۈچەپ ئەسلىسىمۇ بۇ پۇراقنى ئېسىگە ئالالمايتتى .
ئۆمەرنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ، بۇ بىر تامچە ياش خۇددى يۈزىدە مۇزلاپ قالغاندەك ، شۇنچە سوغۇق ئىدى . شېۋىرغاننىڭ سانچىشىدىنمۇ ياكى نە سەۋەبتىن ، بۇ بىر تامچە ياش ، شۇنچىلىك ئىختىيارسىزكى ، ھەتتا ئۆمەرمۇ بۇنى سەزمەي قالغان ئىدى .
4
شۇ كۈنى سەھەردە ، دوختۇرنىڭ ئىجازىتى بىلەن ، ئەكرەم نادىرەنى ئېلىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى ۋە ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدى . دەل شۇ كۈنى نادىرەنىڭ ئاپىسى قايتىپ كەلگەن بولۇپ ، نادىرەنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن قاتتىق كايىشقا باشلىدى .
-- چوپچوڭلا قىز بالا تۇرۇپ ھەدېسىلا ماڭا ئىش چىقىرىپ بېرىسەن ، سەن بىر ئوغۇل بالا بولساڭ كاشكى ، تالادا مۇشلىشىپتۇ چانىشىپتۇ دېسەم ، بۇ قىز بالىغا نېمە ئىش ئەمدى ، پۈتۈن يېرىنى يارا قىلىپ ؟
-- ئاپا ، شۇ ... شۇ بىر يۈك ماشىنىسىغا سۈرۈلۈپ كەتتىم ... مەنمۇ قەستەن قىلمىغان تۇرسام ...
-- يۈك ماشىنىسى كەلگۈچە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمە بارتى ساڭا ؟ ماڭە ئۆيگە كىرىپ ساقايغۇچە جىمراق يات .
نادىرەنىڭ ئاپىسى ئەكرەمگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن :
-- ئەكرەمجان بالام ، ھەر قايسىڭلارمۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ، نەگە بارساڭلار قىز بالىنى تەڭ سۆرەپ بارماڭلار ئەمدى ، سىلەرمۇ كىچىك ئەمەس ، چوڭ بولدۇڭلار ، ماۋۇ ئەھلى-يۇرتنىڭ ئالدىدا گەپ بولىدۇ .
ئەكرەم نادىرەنىڭ ئاپىسىنىڭ بىر سۆز باشلىسىلا ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان مېجەزىنى ئۇققاچقا ، ئىتتىكلا كەينىگە بۇرۇلۇپ لىفىتكە قاراپ ماڭدى .
-- نادىرە ، مەن كەتتىم ئەمىسە ، ياخشى ئارام ئېلىڭ . _ دېگىنىچە يۈگرەپ يۈگرەپ لىفىتنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ئەكرەم .
« زەربىدارلار ئەترىتى » بىر تور بېكەت بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان ياش ئوغۇل-قىزلارنىڭ توردا يىغىلىشىدىغان سورۇنى ئىدى . بۇ يەرنىڭ ئۆز ئىسىمىغا خاس بولمىغان يېرى ، بۇ يەر قانداقتۇر باشقا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىگە ئوخشاش مۇنازىرىنى ئاساس قىلغان مۇنبەر بولماستىن ، بەلكى « مۇھەببەت زەربىدارلىرى » نىڭ جايلاشقان يېرى ئىدى .
كۆز يۈگۈرتىدىغان بولساق ، جەمئىيەتتە ، ئەتراپىمىزدا ، قانچىكى ھېسسىياتى كۈچلۈك ۋە رومانتىك كۆرۈنگەن كىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىچىدە شۇنچە دەردى ئېغىر . مەسىلەن يېڭى مۇھەببەتلەشكەن قىز-يېگىتلەرنى ئېلىپ ئېيتساق ، تۇنجى مۇھەببەت گەرچە كۆرۈنۈشكە شۇنچە ئاددىي ۋە ئىللىق ، ئۇنتۇلغۇسىز تۇيۇلسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلە ئاساسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان ، پەقەت كىشى روھىيىتىنىلا ئاساس قىلغان ئىپلاس خاراكتېرى نۇرغۇنلىغان مۇھەببەتنى تېخى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن كىشىلەرنىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قان قىلاتتى . ھەتتا ئوغۇل بالىلارمۇ يەنە مۇشۇ ساددا مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا كېچىلەپ ياستۇقتا ئاغزى-بۇرنىنى چىڭ يۆگەپ يېتىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى .
ھاراق سورۇنلىرىغا قارايدىغان بولساق ، ھاراقنى ئالدى-كەينىنى ئويلاشماي ھەممىدىن بەك نوچىلىق بىلەن ئىچىۋاتقان ، ھەممىدىن بۇرۇن قۇسۇپ شىرەگە بېشىنى قويۇپ يېتىپ ، كۆزىدىن ياش بۇرنىدىن پوتلا ياندۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئوبرازىنى نۆل قىلىۋاتقان ياشلار ، شۇ تۇنجى مۇھەببەتنىڭ دىلىدا قالدۇرغان جاراھىتىدە ، چەكسىز بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە ، ھايات يولىدا گاڭگىرىشىپ قالغان ئىدى .
مەكتەپتە مۇھەببەتلىشىۋاتقان ياشلارنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ ، ئۇلار بىر-بىرىگە مەڭگۈلۈك ۋەدىلىرىنى بەرگەن چاغلىرىدا ، كۈلكىلىك يېرى ئۇلار ئۆزىنى مەڭگۈ مەكتەپ قوينىدا ياشايمىز دەپ قالغان ئىدى .
شۇڭىمۇ ، بۇ « زەربىدارلار ئەترىتى » نىڭ ئەزالىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ مۇھەببەت يولىغا قەدەم قويغان ھەم قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇرۇپ دانىخورىكى تېخى تولۇق چۈشۈپ كەتمىگەن ياش بالىلاردىن تەركىب تاپقان ئىدى .
ئۆمەر ئېكرانغا قاراپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى . مۇشۇ ۋاقىتتا ، كىملەر ، يەنە مۇشۇ تور بېكىتىگە قاراپ ئولتۇرغاندۇ ؟ كىملەر ئۆزى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان خىياللار ئىلكىدە ، ئىچىدىن سىرتىغا چىقىرالمىغان قىيىن ئويلىرىنى كىملەرگە بىلدۈرمەكچى بولۇشىۋاتقاندۇ ؟
ئۆمەر ئاستا-ئاستا كۇنۇپكا تاختىسىنى چېكىشكە باشلىدى :
« بىزنىڭ دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئەڭ زور خاتالىقى ھېسسىياتقا بەك باي بولۇشتىن ئىبارەت ، خالاس . لېكىن مۇشۇ ھېسسىياتقا بەك باي بولۇپ كېتىشنىڭ ئۆزى ، بىزنى بىر ئاممىۋىي ھاجەتخانىدەك ، كىملا ئولتۇرسا بولىۋېرىدىغان سېسىقى پۇر كەتكەن بۇزۇقلاردىن قىلىپ تەربىيەلىدى .
بەلكىم ، بىز ھازىرقىدىن ياخشى كىشىلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقالايتتۇق . بىز بۇنى مۇھەببەتنىڭ قوينىدا ياكى ئازغىنە سەزدۇق ، لېكىن تېزلا يەنە ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولغا ماڭدۇق .
سۆيگۈنىڭ خەنجىرى بىلەن مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر رەزىللىككە تولغان تەرىپىنى ئېچىپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلغان پەيتتە ، كۆزلىرىمىزدىن ئېقىشقا تەمشىلىۋاتقان ئاچچىق ياشلىرىمىزنى چانىقىمىز ئىچىگە كۈچەپ بېسىپ ، كۆز يېشىنىڭ ئاچچىقىغا چىدىمىغان بۇرنىمىزنى كۈچەپ تارتىپ ، شېۋىرغانلار ئىچىدە يەنىلا بىر قۇر ھېچكىمگە سىر بەرمەيدىغان كىشىدەك قەددىمىزنى زورىغا رۇسلاپ ، كىنولاردىكى كىشىلەردەك ئۆزىمىزنى مەۋھۇملۇقنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ تارتىپ ، ئېيتماققا كىچىككىنە بولغان ئازابلىرىمىزنى يوشۇرۇپ كۈنلەرنى تۈنلەردىن ئاشۇرۇپ ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمىزدە ، بەلكىم بىز ۋاز كېچىشنى ئويلىشىپ باقمىغان ئىدۇق .
ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇلاردەك ، ئاشۇ بىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ئېيتقاندەك كىچىكلىك دەپ ئويلىغان بولساق ئىدۇق ، بىز چوڭ بولۇشقا ئىنتىلەتتۇق . لېكىن بىز ھازىر ۋاقىتنى توختىتىشقا ئامالسىز پىترىماقتىمىز . چۈنكى چوڭ بولغانلىقىمىزنى بىز پەقەت بۇرۇنقىدىن ئېغىر بولغان دەردنىڭ ئىچىدە ئاندىن ھېس قىلاتتۇق ... »
ئۆمەر ھەتتا ئۆزىمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ، لېكىن دەل شۇ پەيتتە ئۆزىنىڭ بارلىق ئوي-پىكىرلىرىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر نەچچە ئابزاسنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن ، بەش مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر قىزيازغان بىر پارچە ئىنكاسنى كۆردى :
« ھەتتا ئۆزىڭىزمۇ ئىشىنىشكە جۈرئەت قىلالمىغان مۇھەببەتكە نېمىشقا مېنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىسىز ؟ بارلىق مۇھەببەت زەربىدارلىرى ، بىلىپ-بىلمەي بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە بەك جىق زىيانكەشلىكلەرنى قىلدۇق . »
نادىرە ئېكرانغا تىكىلىپ ئولتۇراتتى . لېكىن ئۆمەردىن ئۈنچىقمىدى .
ئۇ تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ ئۆمەرگە مۇنداق بىر پارچە ئۇچۇر يازدى :
« ئۇ كىم ؟ »
خېلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كېيىن ، ئۆمەر ئۇچۇر قايتۇردى :
« ئۇ دىلبەر . »
نادىرە بىردەم ئويلىنىۋېلىپ يەنە ئۇچۇر يازدى :
« دىلبەر كىم ؟ »
بۇ قېتىمقى ئۇچۇر كەتكەندىن كېيىن ، ئۆمەر ئۇچۇر قايتۇرمىدى . نادىرە شۇنچە ساقلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۆمەردىن سادا يانمىدى .
-- نادىرە ! ھـــۇي نادىرە ، مەيەرگە چىقە قىزىم ، ماۋۇ كىيىمنى كىيىپ باقە . _ نادىرەنىڭ ئاپىسى ئۇنى چاقىرىۋاتاتتى .
-- مانا ھازىر .
تۇيۇقسىز كيۇكيۇغا ئۇچۇر كەلدى . ئۆمەرنىڭ تونۇش باش سۈرىتى ، نادىرەگە قاراپ سەكرەۋاتاتتى . نادىرە تىترىگەن قوللىرىدا مائۇسنى باش سۈرەتنىڭ ئۈستىگە سۈرۈپ ئاپىرىپ چەكتى .
« دىلبەر مېنىڭ مۇھەببىتىم . دىلبەر بىلەن بىر يىلدىن كېيىن قايتا ئۇچراشقان ئاشۇ دەقىقىدىلا ، مەن ئۆزۈمنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىمنى ، سەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزۈمنىڭ خاتا چۈشىنىۋالغىنىمنى سەزدىم . بەلكىم ، بىزنىڭ ئارىمىزدە مۇھەببەت بولۇپ باقمىغاندۇ ، لېكىن مەن كەم ئەقىللىق بىلەن يەنىلا خاتا ھالدا ئۆزۈمنىڭ دىلبەرگە بولغان بارلىق سېغىنىشلىرىمنى ساڭا ئىپادىلەپتىمەن . مېنى كەچۈر نادىرە . بەلكىم سەن مېنى كەچۈرەرسەن ، ياكى كەچۈرۈپ بولالماسسەن . لېكىن يەنىلا ساڭا شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ ، مېنى كەچۈر نادىرە . »
-- نادىرە ! ھەي ! مەن سېنى چاقىرىۋاتىمەن ، چىقە ماۋۇ يەرگە ئولتۇرىۋەرمەي ! _ نادىرەنىڭ ئاپىسى سىرتتىكى ئۆيدىن توختىماي چاقىراتتى .
نادىرە بولسا ئاپىسىنىڭ يېنىغا چىقماستىن ھۇجرىسىنىڭ ئىچىدە ئىشىككە يۆلىنىپ يەردىلا ئولتۇرۇپ قالدى . يىغلىغان ئاۋازىنىڭ ئاپىسىغا ئاڭلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، قولىدىكى لۆڭگىنى چىڭ چىشلىگىنىچە ، كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلىرى تارام-تارام بولۇپ چۈشىۋاتاتتى . تىنىقلىرى يېتىشمەي ، لۆڭگىدە توسۇۋالغان ئېغىزىدىن خىرقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى ، لەۋلىرى جانسىز تىترەيتتى . ئۆپكىسى قادىلىپ ئاغرىۋاتاتتى . كۆز ياشلىرى نادىرەنىڭ يۈز-كۆزلىرىنى پۈتۈن نەم قىلىپ ، يەنە پول ئۈستىگە چىپ-چىپ قىلىپ ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى .
-- ھەي نادىرە ! نېمانداق قىلىدۇ ماۋۇ ؟! چىق دەيمەن ! _ ئاپىسى ئاخىرى تاقەت قىلالماي ئىشىكنى ئىتتىرىپ ھۇجرىغا كىرمەكچى بولدىيۇ ، ئىشىك ئېچىلمايتتى .
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتتى . قىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قار ، فېۋرالنىڭ سوغ شېۋىرغىنىدا ھەريان ئۇچۇپ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلاتتى .
-- جۈرئەت ، دىلبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزسەك بولار ؟ ئۆيىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزىمەن دەپ تۇرۇۋالارمۇ يا ؟ _ سورىدى پەرىدە .
-- ئۇنداق قىلماس . ئۇ دېگەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى تۇرسا ، ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرىۋالماس ، يەنە كېلىپ تۇغۇلغان كۈنىنى ئويلىمىسىمۇ ، بۇ كۈننى ئۆمەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدىغاندۇ ؟
-- ئۇغۇ شۇ . ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟
-- قانداق قىلىتۇق ؟ ئۈچ ئوغۇل ئۈچ قىز ، گاڭخو ئالتە بولىدىكەنمىز ، « شەرقىي يېرىم شار » دا ئولتۇرىلى .
-- ئەمىسە نادىرەچۇ ؟ نادىرە چىدىيالارما ئاشۇ ئىككىسىنىڭ كۆز ئالدىدا چاپلىشىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرسە ؟
-- ھەي ... بۇ راستلا بىر كاللا يەيدىغان مەسىلە بولدى ، _ دېدى جۈرئەت ئۇھسىنىپ ، _ مۇھەببەتلىشىپ قويغانمۇ گۇناھمۇ نېمە بۇ ھازىرقى دۇنيادا ؟
-- مۇھەببەتلىشىپ قويغان گۇناھ ئەمەس ، ئىككى قىيىققا تەڭ دەسسەپ قويسا ئوتتۇرىدىن تەڭ ئىككى پارچە بولۇپ كېتىدىغان گەپ شۇ ! جۈرئىتاخۇن سىلىمۇ دىققەت قىلىۋالسىلا !
-- ئوغۇل بالا دېگەن ئوتتۇرىدىن تەڭ ئىككى پارچە بولمايدۇ . ئۇنداق پارچىلانمايدۇ . _ دېدى جۈرئەت پەرىدەگە قاراپ سەت ھىجىيىپ .
-- بەك قېلىنكەنسەن لېكىن جۈرئەت ، _ دېدى پەرىدە ۋە « تاس » قىلىپ يېنىككىدە جۈرئەتنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك ئۇردى .
5
-- تۇغۇلغان كۈنۈڭدە بالىلار يىغىلايلى دەيدۇ ، _ دېدى ئۆمەر تېلېفوندا .
-- مەيلى .
-- مەيلى ؟ مەيلى دېگەن قانداق گەپ ؟
-- ئاشۇنداق قىلايلى دېدىمغۇ ، لېكىن ... نادىرە ... _ تېلېفوندا دىلبەر دۇدۇقلاۋاتاتتى .
-- ئۇنىمۇ چاقىرايلى .
-- سېنىڭچە نادىرە ئاشۇنداق ئولتۇرالارما ؟
-- ئولتۇرالماي قانداق قىلىتى ، بىز يانتاق قىستۇرمىساق يا ؟ ئولتۇرالمىسا كەلمىسىمۇ بولىدۇ . _ دېدى ئۆمەر .
-- ...
-- كەچتە كۆرۈشەيلى ، سېنى بەك كۆرگۈم كېلىپ كەتتى .
-- كونا جايدا .
شۇ كۈنى كەچتە ، دىلبەر ئۆمەرنىڭ قولتۇقىغا ئېسىلىپ رەڭگارەڭ چىراغلارنىڭ نۇرىدا كۈندۈزدەك بولۇپ كەتكەن رەستىنىڭ ئىچىدە ئايلىنىۋاتاتتى . ئۇلار ئايلىنىپ -ئايلىنىپ ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى . دىلبەرنىڭ « كىرىپ چىقايلى » دەپ زورلىشى بىلەن ئىككىسى ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق شەھەرچىسى ئىچىدىكى خىلمۇخىل ئۆزلىرى كىچىكىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان قىزىقارلىق ئويۇنچۇقلارنى كۆردى .
-- مەن تەڭگە سېتىۋېلىپ كېلەي ، مۇشۇنى ئوينايلى ، بەك قىزىقارلىقكەن . _ دېدى ئۆمەر ۋە پۇكەيگە قاراپ ماڭدى .
ئۆمەر سېتىۋالغان تەڭگىلىرىنى يانچۇقىغا سېلىپ شۇنداق ئۆرۈلىشىگە ، بىر قىزىقارلىق ئويۇنچۇق ماشىنىسىغا كۆزى چۈشتى . بۇ ئويۇن ماشىنىسىنى ئىككى ئادەم تەڭ كونترول قىلىدىغان بولۇپ ، ئوينىغۇچى ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى كىچىك «سەھنە»نىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ مۇزىكىنىڭ رېتىمغا ئەگىشىپ پۇت-قوللىرىنى ئۇسسۇل ئوينىغاندەك ھەرىكەتلەندۈرەتتى ، ماشىنىدىكى لازىر نۇر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىپ نومۇر بېرەتتى . ھازىر بۇ ئويۇنچۇقنى بىر جۈپ قىز-ئوغۇل ئويناۋاتقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنداق چاققان ۋە ماسلاشقان ، قاراشقىلا ناھايىتى ئۇستا كۆرۈنەتتى .
« سەل تۇرۇپ دىلبەر بىلەن مۇشۇ ئويۇنچۇقنى بىر ئوينىساق بولغۇدەك . » دەپ ئويلىدى ئۆمەر ئىچىدە .
لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە قارىغاندىن كېيىنلا ئۆمەر ھەيران قالدى . چۈنكى بۇ قىز بالا نادىرە ، ئوغۇل بالا بولسا ئۆزىنىڭ يېقىن ئاغىينىسى ئەكرەم ئىدى .
ئۆمەر جايىدا تۇرۇپ بۇلارنىڭ ئوينىشىنى كۆرۈپ تۇردى . نادىرە پەي چاپىنىنى سېلىپ ماشىنىنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ قويغان بولۇپ ، ئاپئاق مايكا كىيىۋالغان ئىدى . نادىرەنىڭ بەدىنى ناھايىتى كېلىشكەن بولۇپ ، ئۆمەر تۈزۈك كەينىدىن ئۇنىڭغا قاراپ بولمىغاچقا ، بۈگۈن بۇ قىزنى قايتا تونۇغاندەك ، ئۇنىڭ مۇزىكىغا چۈشكەن رېتىملىق ، شوخ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئىختىيارسىز مەستلىكى كېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتى . ئەكرەمنىڭمۇ ئۆگىنىۋاتقان كەسپى خەلقئارالىق ئۇسسۇل بولغاچقا ، بۇنداق ئويۇن دېگەندىن چاڭ چىقىرىۋېتەتتى . شۇڭا بۇ ئويۇنچۇقنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بىر جۈپ كېلىشكەن قىز-ئوغۇلنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولغان ماھارىتى كۆرگىلى يىغىلىشىۋالغان ئىدى .
مۇزىكا ئاخىرى تۈگىدى ، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئاللىبۇرۇن ماشىنىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويۇلغان رېكورتتىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن ئىدى . نادىرە نومۇرنى كۆرۈپلا خۇشاللىقىدىن « يې ! » دەپ توۋلىغىنىچە ئەكرەمنىڭ بوينىغا ئېسىلدى . پۈتۈن مەيدان گۈلدۈراس ئالقىش ساداسىغا چۆكتى ، ھەتتا ئارقا تەرەپتە « ئەجدىھا-يولۋاس » قا دو تىكىۋاتقان كىچىك قىمارۋازلارمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ يۇقىرى نومۇرىغا قاراپ بارىكاللا ئېيتىۋاتاتتى .
-- بەك ماس كەپسىلەرغۇ ، _ دېدى ئۆمەر سوغۇقلا .
نادىرە بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ، كىشىلەر ئارىسىغا بىر كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆمەرنى كۆردى ۋە ناھايىتى قىسقا بىر دەقىقىلىك ئوڭايسىزلىقتىن كېيىنلا تەكەببۇر ھالىتىگە قايتتى ، ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ئۆمەر ئۇنى يېڭى ئۇچراتقان ئاشۇ كۈندىكى ھالىتىگە بەك ئوخشايتتى . ناھايىتى تەكەببۇر ، كۆزىدە ھېچكىم يوق بىر قىزنىڭ ھالىتى ئۆمەرنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا پەيدا بولدى .
-- شۇنداق ، ماس كەلگەچكە نەچچە كۈن بولدى ، ھەر قېتىم ئوينىساق رېكورت بۇزۇۋاتىمىز . خەق قوغلاپمۇ يېتىشەلمەيۋاتىدۇ ،_ دېدى نادىرە بۇرنىنى يېنىك قېقىپ .
-- ۋوي ئۆمەر كەپ قاپسەنغۇ ئاداش ، _ دېدى ئەكرەم ۋە دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆمەرنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-- قانداق كەلسەم بولمامتى ؟ _ دېدى ئۆمەر كۆزىدىكى ئوتنى بېسىۋېلالماي .
-- ئۆزۈڭ يالغۇز كەلمىگەنسەن ؟
-- دىلبەر بار .
نادىرە ئالدىغا ئۆتۈپ ئۆمەرگىمۇ قارىماستىن :
-- قانداق ئەكرەم ، ئۆمەر بىلەن دىلبەرنى بىر مەيدان ئوينىتىپ باقمامدۇق ؟
دەل شۇ چاغدا دىلبەرمۇ ئۆمەرنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ نېمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى . كېلىپلا نادىرە بىلەن ئەكرەمنى كۆرۈپ ، ئەكرەمگە بىلىنە -بىلىنمەس سالام قىلغاندىن كېيىن ئۆمەرگە قارىدى .
-- ئۇلار بىزنى جەڭگە چاقىرىۋاتىدۇ ، ئويناپ باقامدۇق ؟
دىلبەر بۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلەلمەستىنلا ئۆمەر تەرىپىدىن « سەھنە »گە سۆرىگەندەك تارتىپ چىقىلدى .
-- بۇنى ئويناپ باققان بولغىيتىڭ ؟ _ سورىدى ئۆمەر .
-- ئويناشنىغۇ ئوينىغان ، لېكىن تازا ئۇستا ئەمەس ، چېنىپ قالارمەنمىكىن ، _ دېدى دىلبەر تارتىنىپ .
ئۆمەر دىلبەرگە بۇ ئويۇننى قانداق ئوينايدىغانلىقىنى ، قانداق قىلغاندا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىر قۇر چۈشەندۈرىۋەتكەندىن كېيىن ، ئەكرەم بىلەن نادىرەگە قاراپ بۇرنىنى قېقىپ قويدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئويۇنى ، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسى باشلاندى . دىلبەر « بىلمەيمەن » دېگىنى بىلەن سەۋىيەسىمۇ خېلى بار ئىدى . ئۆمەرمۇ ئويۇنچۇق ئېتى بار نەرسىگە تەبىئىي تالانتى بولغاچقا ، ھەرىكەتلىرى ئەكرەمدەك ئۆلچەملىك ۋە تېز بولمىسىمۇ ، ئىشقىلىپ رېتىمدىن قالماي ، خاتالىق چىقارماي ئويناپ كېلىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇلارنىڭ نومۇرىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى چىقتى .
بىر قول ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، نادىرەنىڭ ئوڭ قول ھەرىكىتىدىكى كىچىككىنە خاتالىقى بىلەن ، ئەكرەم بىلەن نادىرەنىڭ ئومۇمىي نومۇرى ئازراق كېسىلىپ كېتىپ ، ئۆمەرلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالدى .
-- بۇ بەك ئاستا بولۇپ قالدىمۇ يا ؟ _ دېدى نادىرە ئۆمەرگە قاراپ .
-- مەيلى ئۇنداق بولسا ئىتتىكرەكىنى ئوينايلى . _ دېدى ئۆمەر ئىشەنچ بىلەن .
شۇنداق قىلىپ مۇزىكىنىڭ رېتىمى 135لىك قىلىپ تەڭشەلدى . بۇ گەرچە ئەڭ تېز رېتىم بولمىسىمۇ ، لېكىن بۇ ئويۇنچۇقتا ئويناش ۋە نومۇر ئېلىش خېلىلا تەس بولغان مۇزىكا رېتىمى ئىدى .
-- دىققەت قىل جۇمۇ ، بۇ قول چوقۇم يېڭىۋېتىشىمىز كېرەك ، _ دېدى ئۆمەر تەييارلىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن دىلبەرگە .
-- چاتاق يوق .
ئەكرەم تۆۋەندە ئىزچىل ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى . نادىرە بولسا دىلبەرنىڭ بەدىنىگە قاراۋاتاتتى . ئىچىدە دىلبەرنىڭ بەدەن قۇرۇلۇش شەكلىنى ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇۋاتاتتى . ئۆمەر بىلەن دىلبەر بولسا ئىزچىل خاتالىقسىز ھەربىر ھەرىكەتنى تاماملىماقتا ئىدى . ئەتراپتىكى كۆرۈرمەنلەر بارغانسېرى كۆپ يىغىلغىلى تۇرغان ئىدى .
تۇيۇقسىز بىر كەينىگە يېرىم چەمبەر ئايلىنىپ ئۆرۈلىدىغان ھەرىكەتكە كەلگەندە ، دىلبەر خاتا يۆنىلىشتە ئايلىنىپ ئۆمەرنىڭ پۇتىغا پۇتلىشىپ «سەھنە»نىڭ ئۈستىگە يىقىلدى . ئۆمەر ئاچچىقتىن ئۇنى يۆلىمەيلا ئويۇنچۇقتىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلمايلا كېتىپ قالدى .
پۈتۈن مەيداندىكى كۆرۈرمەنلەر گەرچە باياتىندىن بېرى بۇ بىر جۈپ ئوغۇل-قىزنىڭ ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، لېكىن تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ ، ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي تاقەتسىزلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئويۇنلىرىغا مېڭىشتى . بەزى جۈپتى بىلەن كەلگەن قىزلار بولسا يېگىتلىرىگە قاراپ « بەك ئۇششۇق بالىمۇ نېمە ؟ » دېيىشىپ بېشىنى تولغىشىپ كېتىپ قېلىشتى .
ئەكرەم بىلەن نادىرەمۇ بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشتىن سەل ھەيرانلىقتا قالدى . ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۆمەرنى توسىۋالمىدى . ئىشقىلىپ يېقىندىن بېرى ئۆمەرنى ھېچكىم چۈشىنەلمەي قېلىۋاتاتتى . ئۇنىڭغا يېقىنلاشقان ئادەم سانجىق يەۋاتاتتى .
ئەكرەم دەرھال ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان دىلبەرنى تېزلا يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ :
-- بىر يېرىڭ ئاغرىمىغاندۇ دىلبەر ؟
-- چىدىماس ! ... _ دېدى دىلبەر چانىقىدا لىغىلدىغان ياشلىرىنى زورىغا بېسىپ تۇرۇپ .
ئەكرەم ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىۋاتاتتى .
-- ھېچقىسى يوق . ئۆمەرنىڭ يېقىندىن بۇيان كەيپى تازا ياخشى ئەمەس . ئوڭشىلىپ قالىدۇ . توغرا چۈشەن ...
شۇنداق قىلىپ بۇ ئايىغى چىقمىغان كۆڭۈلسىز ئويۇندىن ھەممەيلەن بىر-بىرلەپ تارقاپ ئويۇنچۇقخانىدىن چېكىندى . ئويۇنچۇقخانىنىڭ سىرتىدا ئۆمەر ئوڭايسىزلانغان ھالدا دىلبەرنى ساقلاپ تۇراتتى .
-- خاپا بولما ، بايا ئويۇننىڭ ئىچىگە بەك كىرىپ كېتىپتىمەن .
دىلبەر ئاغزىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ قىيىدىغاندەك ، كىچىك يۇمران قوللىرىنى چىڭ تۈگۈپ ئۇنىڭ مۈرىسىگە توختىماي مۇشلاۋاتاتتى . ئۆمەر بۇرۇلۇپلا ئۇنى قۇچاقلىۋالدى .
ئەكرەم بىلەن نادىرە ئىز بېسىپلا ئويۇنچۇق شەھەرچىسىنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپ كەلدى . نادىرە ئالدىدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ ، جايىدا تۇرۇپ قالدى . گەرچە سەۋەبىنى ئۆزى ئاللىبۇرۇن ئېتىراپ قىلالمىسىمۇ ، لېكىن ھەر ئويلىسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇنچە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەندەك ئىدى .
ئۆمەر دىلبەرنىڭ مۈرىسىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا نەچچە قەدەم نېرىدا تۇرغان ئەكرەملەرنى كۆردى ۋە دىلبەرنى قويىۋېتىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-- ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى ، دىلبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزمەكچى ، « شەرقىي يېرىم شار » دا . ۋاقتىڭلار يەتسە بارارسىلەر . _ دەپ بولۇپلا كەينىگىمۇ بۇرۇلماي كېتىپ قالدى ...
6
-- ئۆمەرجان ! بالام ئۆمەرجان بۇ ياققا چىقە ، جۈرئەت سېنى ئىزدەپ كەپتۇ .
ئۆمەر يوتقاندىن بېشىنى چىقىرىپلا بىزارلىق بىلەن :
-- ۋاي-ۋۇي ، بۇ ئاداشنىڭمۇ قاق سەھەردە ئۇيقۇنى ھارام قىلىپ ...
-- قاق سەھەر ؟ ئىۋۇ سائەتكە قايلاپ بېقىپ گەپ قىلسىلا . ئاخشام بەك ھېرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويغاتمىدىم . ھېلىمۇ كۈن چۈش بولدى ، _ دېدى ئۆمەرنىڭ ئاپىسى نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ .
ئۆمەر كارىۋات بېشىدىكى قوڭغۇراق سائەتكە قاراپ ئۆزىمۇ ھەيران قالدى . ئۆمەر ئەزەلدىن بۇنداق ئېغىر ئۇخلاپ كەتمەيتتى ، ئادەتتە سەھەر تۇراتتى . يېقىندىن بۇيان ئۆمەرنىڭ ئاپىسىمۇ ئۇنىڭدىكى روشەن ئۆزگىرىشلەرنى سېزىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك دەپ ئۇنى ئويغاتمىغان ئىدى .
-- كېلە ئاداش ، ئولتۇرە .
جۈرئەت كىرىپ كارىۋاتتا ئولتۇرغاندىن كېيىن :
-- ئۇخلاپلا كېتىپسىلىغۇ ئېدىـش ؟ كۆكىرىپ قالماڭلا يوتقاننىڭ ئىچىدە .
-- ئۆزۈممۇ بىلمىدىم ، يېقىندىن بېرى سەل ئۇيقۇم يامان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ .
جۈرئەت بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن ئۆمەرگە قاراپ :
-- ئۇيقۇڭ يامان ئەمەس ئاداش ، كېچىچە خىيال بىلەن ياخشى ئۇخلىيالمىدىڭ ، شۇنداقمۇ ؟
-- ھاھ ... يەنىلا سەن چۈشىنىسەندە مېنى .
جۈرئەت تاماكىسىنى قولىغا ئېلىپ بولۇپ يەنە يانچۇقىغا سالدى .
-- تاماكا چەكسەم ئاپاڭ خاپا بولمايدىغاندۇ ؟
-- خاپىغۇ بولۇپ كەتمەس . لېكىن چەكمىگىنىڭ ياخشى ، مەنمۇ ئادەتتە ئۆيدە تاماكا چەكمەيمەن . قانداق ؟ بۈگۈن تۇيۇقسىز بۇنداق ۋاقىتتا ئىزدىگۈڭ كېلىپ قاپتىغۇ ؟
-- مەن ئەمەس ، ئەكرەممۇ بار ، پەستە ساقلاۋاتىدۇ . سېنىڭ ھازىرغىچە ياتقىنىڭنى چىم بىلدى ؟ چىرىپلا چاقىرىپ چىقارمەنمىكىن دەپ ئۆزۈم چىققان .
ئۆمەر بېلىنى كۆتۈرۈپ يوتقاننى كارىۋاتنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ئىتتىرىۋېتىپ ، مايكىسىنى كىيگەچ :
-- ۋوي مانداق دېمەمسەن ئۇنداق بولسا ، تېخى تاماكىدىن بىرنى چېكىپ ئولتۇرىشىڭ بارمىتى ئەكرەمنى ساقلىتىپ قويۇپ ؟
جۈرئەت قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
-- تېز بولە ئەمىسە ، يۈز-كۆزلىرىڭنى ئىتتىك يۇي .
-- سەنچۇ ؟ سەنمۇ قوپمامسەن ؟
-- مەن دېگەنغۇ توقۇغلۇق ئات ، سەن ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماڭىمىز دېسەڭلا ماڭىمىز .
ئۆمەر بۇرۇلۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن جۈرئەتكە بىر سەپسېلىۋەتكەندىن كېيىن :
-- بۈگۈن زادى نېمە ئىش بار ؟ چۈشلۈك تاماقنىمۇ يېمەي چىققۇدەك ؟
-- ئاداش مەن راست گەپنى دەي . ئەكرەمنىڭ كۆڭلى باركەن ، قۇياي دەيدۇ . ھەممەيلەن ئەل-ئاغىينە ، مەيدىسىدە تۈكى بار ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ، يېقىندىن بېرى ئازراق گېپىمىز يىغىلىپ قالدى ، ئۆزىمىز بىر كىچىككىنە ئولتۇرۇۋالايلى ، دەيدىغان گەپلەر بولسا دەۋالالايلى دەپ ...
-- ۋاي دېگۈدەك نېمە گەپ بارتى ئەمدى ، ھېلىمۇ كۈندە ئۇچرىشىۋاتساق ، _ دېدى ئۆمەر خۇشياقمىغاندەك .
جۈرئەت دەرىزىنىڭ پەردىسىنى چوڭ قايرىۋەتكەندىن كېيىن پەستە ساقلاپ قاردا توڭلاپ پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقان ئەكرەمگە قاراپ :
-- سېنىڭ مېنىڭ گېپىمىز بولمىغان بىلەن ئەكرەمنىڭ گېپى بار ئىكەن .
ئۆمەر ھەيران بولدى .
دىلبەر بىلەن پەرىدە بازار ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز پەرىدە ئالدى تەرەپنى كۆرسىتىپ :
-- قارا ئاداش ، ئاۋۇ نادىرە ئەمەسمۇ ؟
ئۇدۇل تەرەپتىن نادىرە خىيال سۈرۈپ قولىدا ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى كۆتۈرگەچ كېلىۋاتاتتى . دىلبەر ئىتتىك مېڭىپ نادىرەنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى توستى .
-- ھە ؟ سىزمىتىڭىز ؟ ئىشىڭىز بارمۇ يا ؟ _ دېدى نادىرە توساتتىن پەيدا بولغان دىلبەرگە ھەيرانلىق بىلەن .
-- ئىشىم يوقتەك تۇرامدىمەن ؟ _ دېدى دىلبەر چىرايىنى ئۆڭدۈرۈپ .
-- ھە سىزنىڭغۇ ئىشىڭىز جىقراق قىز بالىكەنسىز ، ئىشىڭىز بولسا ئىگىسىنى بېرىپ ئىزدەڭ مېنىڭ ئالدىمنى توسماي .
-- ئىشىم جىقمىكەن ؟ جىق بولسىمۇچۇ ، ئۆزۈمنىڭ ئىشىغا ئۆزۈم ئىگە . سىلىنىڭكىدەك خەقنىڭكىگە چات كەرىۋالمايمەن . _ دىلبەر قىزىرىۋاتاتتى .
-- ھە ، بۇ گەپچىزە مەن سىلىنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىۋاپتىمەن دە ؟ خاتىرىلىرىنى جەم قىلسىلا ، _ دېدى نادىرە بىزار بولغىنىدىن .
-- مەن تولا خاتىرەمنى جەم قىلىپ كەتكەچكە ، تۈلكە جىنلار مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كەتتى !
نادىرە قاقاھلاپ كۈلگىنىچە دىلبەرگە قاراپ :
-- تۈلكە جىن ؟ ھاھ ھاھ ... كىم سىلىنى كالا دېۋە بىلەن يۈر دەپتىكەن . شۇنداق بولىدۇ تازا .
دىلبەر نادىرەنىڭ بۇ ئاچچىق مەسخىرىسىگە چىدىماي :
-- ھۇ پىتلىق ، بۇندىن كېيىن ئۆمەرنى بۇزغۇچى بولما ! _ دەپ ۋارقىرىدى .
ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان نادىرەمۇ بوش كەلمەستىن ئۇنىڭ ۋارقىرىدى :
-- بۇزىمەن قانداق ؟ بىڭسىڭ بولسا سەنمۇ قىل ! قانداق ؟ چىرايىڭدىن شەكلىنىپ قالغان ئوخشىمامسەن شېقىقى ؟
دىلبەر پوكاندەك قىزىرىپ :
-- ناھايىتى شۇ كىچىككىنە چىرايىڭ بارغۇ سېنىڭ ؟ چىرايىڭغا ئىشەندىڭما ؟ سەندە بار چىراي كوچىدىكى جـالاپلاردىمۇ بار ! ناھايىتى ئەركەكلەرنى كارىۋاتقا ئەچىقىشقا يارايدۇ خالاس !
نادىرە بۇ قاتتىق ھاقارەتكە چىدىمىسىمۇ يەنىلا سىرتىدا شۇنچە مەزمۇت تۇرۇپ دىلبەر بىلەن ۋارقىراشماقتا ئىدى :
-- ھە ، سەندە شۇنچىلىك بولسىمۇ بارمۇ ؟ ئوغۇل بالىنى كارىۋاتقا ئەچىققۇدەك بولسىمۇ بارمۇ سەندە ؟ چىرايىڭغا خالتا كىيگۈزۈپ ئاندىن چىقار كارىۋاتقا ...
پۈتۈن كوچىدىكى كىشىلەر بۇ مەنزىرىدىن قاتتىق ھەيران قېلىشىۋاتاتتى . شۇنچە پاكىز ، چىرايلىق ئىككى قىز بالىنىڭ بۇنچىلىك ئېغىزغا ئالغۇسىز سېسىق گەپلەر بىلەن يېنىدا ئادەم يوقتەكلا بىر-بىرىگە ۋارقىرىشىۋاتقىنىنى كۆرگەن يولۇچى كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئىچىدە « توۋا » دەپ قويۇشۇپ ئۆتۈپ كېتەتتى . بەزىلىرى بولسا نەچچە قەدەم يىراقتا توختاپ تاماشا كۆرگەندەك قاراپ تۇرىشاتتى .
-- بولدى قىلىشىڭلار ئەمدى !! _ قاتتىق ۋارقىرىدى پەرىدە ، ئۇ باياتىندىن بېرى بۇلارنىڭ بېزەپ گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىشىۋاتقىنىغا چىداپ تۇرالماي ئاخىرى ئوتتۇرىغا چۈشكەن ئىدى . _ سىلەر مۇشۇنداق تىللىشىش بىلەن بىرەر ئىش ئوڭشىلىدۇ دەپ قارامسىلەر ؟
دىلبەر بىلەن نادىرە بىر ئاز پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن ، پەرىدە نادىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ :
-- نادىرە ئاداش ، ئۆيۈڭگە قايتىۋاتامتىڭ ؟ مېڭىۋەر ئەمىسە . بۇنداق جېدەللەشسەڭ ئايىغى ھامان چىقمايدۇ ئاداش . _ دەپ بۇرۇلۇپ دىلبەرنىڭ قولتۇقىدىن يۆتىلىدى .
-- ماڭە دىلبەر سەنمۇ ، بىز ئۆيگە قايتايلى .
نادىرە بۇ ئىككىسىنىڭ بارا-بارا يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ ، باياتىندىن بېرى ئاڭلىغان تىل-ئاھانەتلەر ئەمدى تەسىر قىلىۋاتقاندەك ، كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياشلىرى سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى . ئۇ تۇيۇقسىز پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى . جايىدا ئولتۇرۇپ بېشىنى بىلەكلىرى بىلەن يۆگەپ توسۇپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتى . قولىدىكى ئۆيگە سېتىۋالغان سەي-كۆكتات ۋە يۇيغۇچ دېگەندەك نەرسىلەر يەرگە چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ ، يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر بۇ قىزغا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆتۈشۈپ كېتىشەتتى . نادىرە بولسا ئۆپكىسى قاتتىق قادىلىپ ئاغرىپ تۇرسىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېمەكتە ئىدى :
-- خەپ ... خەپ ... ئۆمەر ... ئىتنىڭ بالىسى ... خەپ ...
-- ھە ، بۇنداق ئايرىم ئولتۇرمىغىلىمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن ، _ دەپ سورۇن باشلىدى جۈرئەت ، _ ئەكرەم قۇيە ھارىقىڭنى . بۈگۈن ئاشقازان يېرىلغۇچە ئىچىپ قايتىمىز .
-- دېمىسىمۇ شۇ ! قاچانغىچە قىز بالا قىز بالا دەپلا ئۆتىمىز ؟ مۇشۇ قىزبالا دېگەن خەقنىمۇ ئۆزىمىز بەك ئۆگىتىۋەتتۇق لېكىن ، _ دېدى ئۆمەر جۈرئەتنى قوللاپ ، _ مۇشۇ خەق بولمىسا بىر ئىش ئاقمايدىغاندەك .
-- ھە ، مانا ھاراق ، _ ئەكرەم رۇمكىنى لىقلاپ ئۆمەرگە سۇندى ، _ لېكىن قۇرۇق ئىچىشكە بولمايدۇ ، چوقۇم سۆزلەيمىز .
ئۆمەر رۇمكىنى قولىغا ئېلىپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى . دېمىسىمۇ تالاي ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ ئۈچ ئاغىينە بۇنداق ئايرىم ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدى . شۇڭا ھازىر بىر خىل غەيرىي قولاشمىغاندەك سېزىلىپ ، قانداق باشلاشنى بىلەلمەيۋاتاتتى .
-- ۋاي-ۋۇي ، بۇنداق قائىدە-يوسۇننىمۇ بىزدەك ئاغىينىگە ئىشلىتەمدۇ ! قويە بولدى ، سىڭسۇن !
-- ياق ياق ، _ دەپ ئۆمەرنىڭ قولىغا ئېسىلدى جۈرئەت ، _ چوقۇم سۆزلەيسەن ، سۆزلىمىسەڭ بولمايدۇ .
-- شۇنداق ، نېمىدىن تارتىنىسەن ؟ خەتنەڭنى قىلغانمۇ يا ؟
ئۆمەرنىڭ كاللىسىغا بىرگەپ كەلگەندەك بولۇپ ، گەپ باشلىدى :
-- ئۇنداق بولسا مەن بىر يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي . بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ، بىر بالا بولغانىكەن ، خەتنىسىنى قىلىدىغان ۋاقىتتا ، بوۋىسىدىن سوراپتۇ ، « بوۋا ، شۆكەشنى نېمىشكە كېشىدۇ ؟ » . بوۋاي كۈلۈپ كېتىپ ، « كەسمىسە كېيىن خوتۇن ئالغاندا چوكانچاق گەپ ئاڭلىمايدۇ » ، دېگۈدەك . بالا بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي « نېمىشكە » دەپ سوراپتىكەن ، تاقەتسىزلەنگەن بوۋاي بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن « مەسىلەن قاراڭ بالام ، سىز چوكانچاقنى ئۇرغاندا ، قولىڭىزنى يېڭىڭىزنىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئۇرسىڭىز بەكرەك ئاغرامدۇ ياكى يېڭىڭىزنى تۈرىۋېتىپ قولىڭىزنى چىقىرىپ مۇشتلىسىڭىز بەكرەك ئۆتەمدۇ ؟ » دېگۈدەك ...
-- پۈۋۋۋۋ ... _ جۈرئەت ئاغزىدىكى مېۋە سۈيىنى پۈتۈن پۈركۈپ چىقىرىۋەتتى ۋە بىر ھازا ئۆپكىسىنى قېقىپ يۆتىلىپ كەتكەندىن كېيىن قاھقاھلاپ تىلىقىپ كۈلۈشكە باشلىدى ، _ مۇشۇ جاھاندىكى ئەڭ تېتىقسىز يۇمۇرنى ئۆمەر تاپىدۇ جۇمۇ !
ئەكرەم بولسا تېخىچە ئاڭقىرالمىغان ئىدى :
-- نېمە ؟ قايتا بىر دېگىنە ؟
-- چۈشىنەلمىدىڭما ؟ _ سورىدى ئۆمەر ئەكرەمنىڭ ئىنكاس سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىقىدىن ئازراق نارازى بولۇپ .
-- بۇنىڭمۇ قولى يېڭىنىڭ ئىچىدىن تېخى چىقمىغان چېغىۋا !
ئەكرەم ۋىسكىينى رۇمكىغا لىقلاپ قۇيغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئالدىغا قويۇپ :
-- ئۆمەر ئاداش ، ساڭا بىر سوئالىم بار ئىدى ...
ئۆمەر « قۇلىقىم سەندە » دېگەندەك چىراي ئىپادىسى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى .
-- سەن دىلبەرنى راستتىنلا چىن كۆڭلۈڭدىن سۆيەمسەن ؟ نادىرەگە قىلغىنىڭغا پۇشايمان قىلمامسەن ؟
ئۆمەر سەل چۆچۈگەندەك بولۇپ قولىنى سوزۇپ ئالقىنىنى ئەكرەمنىڭ پىشانىسىگە قويدى :
-- قىزىپ قالمىغانسىلە ئېدىــش ؟
ئەكرەم ئۆمەرنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ :
-- مەن چاقچاق قىلمىدىم ، سەن نادىرەنى بەك قىينىۋەتتىڭ ئاداش ، بۇنداق قىينىمىساڭ بولاتتى .
-- نېمە ؟ مەن ئۇنى قىينىدىمما ؟ مەن ئۇنى قىيناپ رېلىسنىڭ ئۈستىگە باغلاپ قويمىسام يا ؟ _ دېدى ئۆمەر نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ .
-- سەن تولا گەپنى ئېلىپ قاچمىغىن ئاداش ، سەن تېخى تاللاپ بولالمىدىڭ شۇنداقمۇ ؟ _ دېدى ئەكرەم ئىزچىل ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا .
ئۆمەرنىڭ چىرايى ئۆڭدى ۋە چاپىنىنى ئېلىپلا ئورنىدىن تۇرۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى .
-- ئولتۇرە ! _ دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى جۈرئەت ئۇنىڭ بېغىشىدىن تۇتىۋېلىپ ، _ سەن ھەممە ئىشتىن ئۆزۈڭنى ئېلىپ قېچىپلا يۈرمەكچىمۇ ؟ باشقا ئىشلاردىن قاچساڭمۇ قاچ ، ھەتتا بىز ئاغىينىلەردىنمۇ قاچامسەن ؟
ئۆمەر شىرەدىكى تاماكا قېپىنى ئېلىپ بىرتال سۇغۇرۇپ تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن شىرەگە پاققىدە ئېتىپ جايىغا كېلىپ ئولتۇردى .
-- ھە ، مانا قاچماي ئولتۇردۇم . سۆزلىيە ئەكرەم ، _ دېدى ئۆمەر ئەكرەمنى قىستىغاندەك ، _ ھەي بۇ ئۇقالمىغىنىم ، مېنىڭ مۇھەببەت ئىشلىرىم قاچانلاتىن قانداق بولۇپ ئەكرەمجان ئەپەندىنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە بولۇپ قالغاندۇ ؟
جۈرئەت ئۆمەرنىڭ بۇ سوغۇق تەلەپپۇزىدىن سەل رەنجىگەندەك بولۇپ :
-- بولدى ھە ئۆمەر ، ئەكرەمنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلاپ باقايلى . _ دەپ ئەكرەمگە قارىدى .
ئەكرەم ئالدىدىكى بىر رۇمكا ھاراقنى بىر يۇتۇپلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ، يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي بىر ھازا ئۈنچىقمىغاندىن كېيىن بوشقىنە ئاۋازدا :
-- مەن نادىرەنى قوغلىماقچى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆمەرلا ئەمەس ، جۈرئەتمۇ خېلىلا ھەيرانلىق ھېس قىلدى .
-- قايمىغانسەن ئاداش ؟ _ سورىدى جۈرئەت ھەيرانلىق ئىچىدە .
ئەكرەم ئاستا بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ، چاناقلىرى قىزارغان كۆزلىرى بىلەن ئۆمەرگە تىكىلىپ :
-- مەن نادىرەنى ياخشى كۆرىمەن .
سورۇننى يەنە بىر مەيدان سۈكۈت قاپلىدى . پەقەت زالدىن يېنىك تارقاۋاتقان چەتئەلنىڭ لىرىك مۇزىكىسىلا ئاڭلىناتتى . ئۆمەر قولىدىكى تاماكىنى كۈچەپ-كۈچەپ ئىككى تارتىپ كۈلدانغا بېسىۋەتكەندىن كېيىن :
-- بوپتىغۇ . قوغلا ، مېنىڭ پىكىرىم يوق .
شۇنداق قىلىپ ئۈن-تىنسىز ئىچىشىش باشلاندى ، جۈرئەتلا ئانچە-مۇنچە تېتىقسىز چاقچاقلار بىلەن كەيپىياتنى كۆتۈرمەكچى بولاتتىيۇ ، لېكىن سورۇننىڭ كەيپىياتى يەنىلا بارغانچە ئېغىر سۈكۈتتىكى تېز سۈرئەتتە ئىچىشىشكە مايىل بولۇپ كېتىۋاتاتتى ...
7
شېۋىرغان قار گۈللىرىنى سوغۇق نەشتەرگە ئايلاندۇرۇپ كىشىلەرنىڭ يۈزىگە ئاچچىق زەرب بىلەن سانچىماقتا ئىدى . قىش كېچىسىدىكى سوغۇق ئاي نۇرى گاھ بۇلۇتلار ئارىسىدىن سىرغىپ چىقىپ كۆرۈنەتتىيۇ ، تېزلا يەنە زۇلمەت بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇناتتى . مۇزلىغان ئاسفالىت يوللىرى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۇدۇنى بىلەن كىشىلەرگە زېمىننىڭ ، ھاياتنىڭ سوغىنى تېخىمۇ كۆپرەك تونۇتاتتى . ئۈچ ئاغىينە غىرق مەست بولغان ھالەتتە ، ئۇياندىن بۇيانغا سەنتۈرۈلۈپ ، سىيرىلىپ يىقىلىپ دېگەندەك قىرغىل-تاغىل ناخشا توۋلىشىپ مېڭىشاتتى .
« بىز زەربىدارلار ئەترىتى ،
ئورەك كولايمىز .
كەچتە قايتمىغان قىزلارنى ،
قاپاققا سولايمىز .
بىز زەربىدارلار ئەترىتى ،
ئورەك كولايمىز ...
... »
ئۇلارنىڭ « زەربىدارلار مارشى » تۈگىمەستىنلا ئۆمەر ئاھاڭ ئالماشتۇرۇپ يەنە بىر ناخشىنى توۋلاشقا چۈشتى :
« بۇ قىزلاردا ھېسسىيات قالمىدى ، ئوۋ ...
بۇ قىزلاردا ھېچنېمە قالمىدى ... ئوۋ ...
مەرت يېگىتلەر بولدى سەرسانە زاباي ...
ساقلىنىشقا ئىمكان قالمىدى ... »
-- كەلدى كەلدى ! _ جۈرئەت بىلەن ئەكرەم چاۋاك چېلىشىپ كەتتى . _ مۆمىنجاندىن ئېشىپ كەتتىڭ ئاداش !
-- مۆمىنجان دېگەن نېمىتى ئاداش ؟ _ دېدى ئۆمەر مەستلىكتىن قىيىپ كەتكەن ئاۋازدا ، _ مۆمىنجاننىڭ ئېمتىۋىلىرىغا مانا بىزنى چىقىرىپ قويسا بولىدۇ ، ئۆزى چىقىۋالماي !
پاراققىدە كۈلكە باشلاندى .
ئۆمەر ناخشىدىن توختاپ يۇقىرى ئاۋازدا ئەڭ گۈزەل ، سەبىي ۋاقىتلىرىغا شاھىد بولغان ئېلىپبە كىتابتىكى تېكىستلەرنى ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىشقا باشلىدى :
-- غۇنچـــەم مەكتەپتىـــن ناھايىتى خۇشال ھالدا قايتىــــپ كـــــــــەلدى ۋە دادىسىغا « دا.... دا ... مەن ئېلىپبەنى تۈگەتتىم » دېــــدى ...
ئەكرەم بىلەن جۈرئەتمۇ تەڭلا دېكلاماتسىيەگە قېتىلدى :
-- بارىكاللا قىزىـــــم ، ياخشى ئۆگىنىپسىـــز ، بۇندىـــن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئوغۇللارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېـــتىڭ ! مەن سىزگە نۇرغۇن چىرايلىق كىيىملەرنى ئېلىـــپ بېرىمەن ...
-- ھەي ھەي ، بۇنداق ئەمەس ، _ دېدى ئۆمەر ، _ بىرەر قېتىم بۇزماي ... بۇزماي يادلاپ باقساق قانداق ؟
-- ھاھاھ ... ئۆمەر ... ئۆمەر سەن غۇنچەمنىڭ دادىسىمۇ نېمە ؟ _ دېدى جۈرئەت ئەكرەمنىڭ بوينىغا ئېسىلغىنىچە ، ئىلەش كۆزلىرى بىلەن ئۆمەرگە قاراپ .
-- غۇنچەمنىڭ دادىسى دېگەن ئەكرەم !
ئەكرەم جۈرئەتنى قويىۋېتىپ يولنىڭ قىرىغا چىقتى ۋە قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ :
-- غۇنچەمنىڭ دادىسى دېگەن ... غۇنچەمنىڭ دادىسى مېنىڭ قىيناتام ، _ دەپ توۋلىدى .
جۈرئەت بىلەن ئۆمەر ئۆزىنى توختىتالماي كۈلىشىۋاتاتتى .
-- بولدى ، غۇنچەم ساڭا قالدى ، ئالە غۇنچەمنىڭ شارپىسىنى ! _ دەپ بوينىدىكى شارپىنى ئېلىپ ئەكرەمگە ئاتتى ئۆمەر قاھقاھلاپ كۈلۈپ .
ئەكرەم شارپىنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق بوينىغا ئارتاي دەپ تۇرىشىغا ئۆمەر شارپىنىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تۇتىۋېلىپ تارتىشقا باشلىدى ، شۇنداق قىلىپ ئىككىسى شارپىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تۇتىۋېلىپ تارتىشماق ئوينىغىلى تۇردى . مۇزلۇق يەرنىڭ ئۈستىدە ھېلى ئۇيان ھېلى بۇيان سىيرىلىپ شارپىنى كۈچەپ تارتاتتى . نەخ شۇ ۋاقىتتا جۈرئەت شارپىنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالماقچى بولۇپ سەكرەپلا كەلگەن ئىدى ، ئۆمەر بىلەن ئەكرەم شارپىنى تەڭلا قويۇپ بەردى . جۈرئەت كاسىسىچىلاپلا تۆمۈردەك قېتىپ كەتكەن ئاسفالىت يولنىڭ ئۈستىگە پالاققىدە يىقىلدى .
-- ۋايجان ، بەك مازكەنسىلە ئېدىـــش ، ماۋۇ چاقچىقىڭلا ئېشىپ كەتتى . ۋاي كاسسام ، يېرىلىپ كېتەي دېدى ...
-- يېرىلىپ كەتسە پەرىدە پۇچۇق تاۋاقنى قادىغاندەك قاداپ قويىدۇ .
ئەكرەم بىلەن ئۆمەر جۈرئەتنىڭ كۈلكىلىك ھالىتىگە قاراپ توختىماي كۈلۈشمەكتە ئىدى .
-- ئۆمەر ، « غۇنچەم » سوۋغا قىلغان شارپىنى بوينۇڭدىن ئايرىمايتتىڭ ، ئەكرەمنىڭ بوينىغا سېلىپ قويدۇڭغۇ ئەمدى ؟ _ دېدى جۈرئەت سەت ھىجىيىپ .
ئۆمەر دەلدەڭشىگىنىچە جۈرئەتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى :
-- بىر قىز بالىغۇ شۇ ؟ بىز دېگەن كىمتۇق ؟ بىر يوتقاندا تەڭ يېتىپ چوڭ بولغان ئاغىينىلەر ... قانداق ؟ بولمىسا دىلبەرنى ساڭا بېرەي قانداق لازىممۇ ؟
جۈرئەت بىزارلىق بىلەن ئۇنىڭ قولىنى بوينىدىن ئېلىپ سىلكىۋېتىپ :
-- ئاداش كەسىپ ئۆزگەرتمىگەنسەن ؟ ماڭا لازىم ئەمەس ، پەرىدەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايۋاتسام ...
-- پەرىدەنىڭ گۇمپىسى يامان ئوخشىمامدۇ جۈرئەت ؟ _ دېدى ئەكرەم ئۇلارنىڭ يېنىدىلا كاسىچىلاپ ئولتۇرۇپ ، _ راست گەپنى قىلە ، گۇمپىسى قانداقراقكەن ؟
جۈرئەت قىزىرىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ :
-- ۋاي مېڭىشەۋە ... سىلەر ... سىلەر مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭلار ؟ ... بىز ... بىز تېخى ئۇ دەرىجىگە يەتمىدۇق . بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز دېگەن شۇنداق ... شۇنداق پاك !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەكرەم بىلەن ئۆمەر تەڭلا « ھۆ » دەپ ئىككى تەرەپكە ئېڭىشىپ قۇسقان ھالەتنى دورىدى .
-- ئۇنداق بولسا ، _ دېدى جۈرئەت ئۆمەرگە قاراپ ، _ نادىرە قانداق ئىكەن ؟ سەن دېسەڭ ئاندىن مەن راست گەپ قىلىمەن .
ئۆمەرمۇ كۈلكىدىن توختاپ ئورنىدىن تۇردى ۋە كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ :
-- مەنمۇ پەقەت ئەمدىلا نادىرەنىڭ قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ باققان . بىزنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋېتىمىزمۇ شۇنداق پاك ...
جۈرئەت بىلەن ئەكرەم ئۆمەرنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ تەڭلا ئىككى تەرەپكە ئېڭىشتى ۋە قىينىلىپ قۇسقان ھالەتنى دوراپ « ھۆ » قىلىشىپ كەتتى .
-- سوئال !
-- جاۋاب ، _ ئۆمەر بىلەن جۈرئەت تەڭلا ئەكرەمگە تىكىلدى .
-- « دورا » نىڭ ئىچىدە ، ھېلىقى خۇا لاۋشۇەن ئوغلىغا نېمە يېگۈزدى ، _ دېدى ئەكرەم ئۇ ئىككىسىگە قاراپ سەت ھىجىيىپ .
-- مانتا !!! _ دەپ تەڭلا توۋلىدى ئۆمەر بىلەن جۈرئەت .
-- قانداق مانتا ؟
-- قانغا بويالغان ... قانغا بويالغان قىپقىزىل مانتا ، _ دېدى ئۆمەر بىلەن جۈرئەت قاھقاھلاپ كۈلۈشۈپ .
جۈرئەت ئۆمەرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ بىرنى كېكىرىۋەتكەندىن كېيىن :
-- بىز بەك نومۇسسىزكەنمىز جۇمۇ ئۆمەر ، ھاھاھ ...
ئۆمەر بۇرنىنى يېنىك بىر قېقىپ قويۇپ :
-- بىز ئەڭ نومۇسچان كىشىلەر ، جۈرئەت ، دۇنيادىكى ئەڭ نومۇسسىز كىشى يىراق دېسەڭ بەش قەدەم ، يېقىن دېسەڭ بىر قەدەم نېرىدا تۇرىدۇ . _ دېدى ئېڭىكىدە ئەكرەمنى ئىما قىلىپ .
جۈرئەتمۇ ئۆمەرنىڭ پىكىرنى قوللىغاندەك بېشىنى لىڭىشتتى ۋە يېنىك بىرنى ئىڭراپ قويۇپ :
-- ۋاي ماۋۇ كاسسام ھەجەپ ئاغرىدى ، يېرىلىپ كەتمىگەندۇ ھە ؟
-- كاسساڭ يېرىلىپ كەتكەن بولسا ئىشتىنىڭ ھەجەپ يىرتىلماي ساق تۇرۇپتۇ يا ؟ _ دېدى ئۆمەر ئۇنىڭ كاسىسىغا قاراپ .
ئەكرەم ھىجىيىپ :
-- ئۇنىڭ كالتە ئىشتىنى مەڭگۈ يىرتىلمايدۇ ، بەك پىششىق ، پەرىدە تىكىپ بەرگەن ئەمەسمۇ !
ئۆمەر بىلەن ئەكرەم پاراققىدە كۈلكىگە چۈشتى . جۈرئەت باياتىنقى ھاراقنىڭ سېسىقىدىن سەل سەسكەندەك بىرنى كېكىرىۋېتىپ :
-- بازاردا ساتىدىغان نەرسىنى ئاۋارە بولۇپ پەرىدەگە تىككۈزمەيمىز ، _ دېدى تەكەببۇر ھالدا .
ئۆمەر :
-- بازاردا ساتىدىغىنى ئەرەنچە كۇسارلار ساپلا خەنسۇلارنىڭ بىر نېمىسىگە ئۆلچەپ تىكىلگەچكە ، سېنى كىيسە قىستاپ كەتمىسۇن دەپ كۆيۈنۈپ ئۆزى قول سېلىپ خوتەننىڭ ئەتلىسىدىن تىكىپ بەرگەندۇ ؟
بۇ گەپتىن كېيىن ئۈچ ئادەم تەڭلا تەڭلا قورساقنى تۇتۇشۇپ قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتى .
ئەكرەم تېزلا كۈلكىدىن ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ :
-- ھەي ياقەي ، ئۇ خەقنىڭمۇ بەزىلىرىنىڭ خېلى كېلىدىكەن .
جۈرئەت :
-- يېڭىنىڭ ئىچىدىن چىقارغانلىرى شۇنداقتۇ ...
...
جىمجىت كەچتىكى ئاسفالىت يولىدا پەقەت مۇشۇ ئۈچ ئاغىينىنىڭ بارا-بارا يىراقلىشىپ كېتىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى ۋە ئاھاڭدىن كەتكەن ناخشا ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى .
« بىز زەربىدارلار ئەترىتى ،
ئورەك كولايمىز .
گەپكە چىمىگەن قىز بالىلارنى
قاپاققا سولايمىز .
ئالتۇن قاپاق - كۈمۈش قاپاق ،
قايلاپ باقسام كۆزۈڭ چاپاق .
ئالدىمىزغا ئۇچراپ قالما
تەييار تۇرىدۇ مىسران توقماق ...
ئاھا ...ئاھا ... يې يې ئو يې ... »
8
دىلبەر قولىغا تېلېفوننى ئالدى ۋە بىر نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئۇلاش كۇنۇپكىسىنى باستى ، قارشى تەرەپتىن مارىيە.كەرىينىڭ « سەنسىز » دېگەن ناخشىسىنىڭ رەڭلىك قوڭغۇرىقى ئاڭلىنىۋاتاتتى . دىلبەرنىڭ يۈرىكى جىددىي سوقۇشقا باشلىدى ۋە تېزلا يەنە قويۇۋېتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتتى .
بىر ھازادىن كېيىن دىلبەر شۇ نومۇرغا قايتا ئۇلىدى ، قارشى تەرەپ خۇددى قەستەن بۇ ئۆمەرنىڭ رەڭلىك قوڭغۇرىقىغا ئوخشاش بولغان ناخشىنى دىلبەرگە ئاڭلىتىپ قويۇۋاتقاندەك ، تاكى ناخشىنىڭ مارىيەھ.كەرىي ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە توۋلايدىغان كۇلمىناتسىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن تېلېفوننى ئالدى .
-- ۋەي ياخشىمۇسىز ؟
-- ۋەي ...
دىلبەر نېمە دېيىشىنى بىلەلمەيۋاتاتتى . قارشى تەرەپتىن يەنىلا ئاۋاز كەلمەكتە ئىدى .
-- ۋەي ؟ سىز كىم ؟ كىمنى ئىزدەيسىز ؟
دىلبەر ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئۈندىدى :
-- ياخشىمۇسىز ، نادىرەما ؟
قارشى تەرەپ دىلبەرنىڭ ئاۋازىنى تونۇغاندەك بىردەم جىم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن :
-- مەن شۇ ؟ كىم بولىسىز ؟
-- مەن دىلبەر .
-- قانداق ؟ يولدا تىللىشىپ پۇخادىن چىقماي قالغان ئوخشىمامسەن داۋخور پاسكىنا ؟
دىلبەر ئازراق تەمتىرىگەندىن كېيىن :
-- خاتا چۈشەنمەڭ نادىرە ، مېنىڭچە بىز بۇنداق قىلىشىپ كەتمىسەك بولاتتى . مەن بىلەن بىر ئايرىم كۆرۈشەلەمسىز ؟
قارشى تەرەپمۇ دىلبەرنىڭ بۇنداق سۆزلىشىدىن بىخەۋەر بولغاچقا ، ئازراق تەمتىرىگەندىن كېيىنلا يەنە ئاۋۋالقى قەتئىي تەلەپپۇزدا :
-- ياق ! ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا سۆزلەشكۈدەك تېما قالمىدى .
-- ياق ، تېلېفوننى قويۇۋەتمەي تۇرۇڭ نادىرە ! _ دېدى دىلبەر جىددىيلىشىپ ، _ سۆزلىشىدىغان تېما قالمىدى ئەمەس ، بىز پەقەت سوغۇققانلىق بىلەن سۆزلەشسەك بولىدىغۇ ؟
-- سوغۇققانلىق ؟ قانداق مەسىلىلەردە سوغۇققان بولۇش قانداق مەسىلىلەردە بولماسلىق ماڭا ئېنىق ئەمەس ، لېكىن ماۋۇ ياۋروپا ئەمەس ، بىزنىڭ شىنجاڭ .
-- شۇنداق نادىرە ، _ دېدى دىلبەر ئاۋازى تىترەپ ، _ لېكىن بىز راستتىنلا بىر كۆرۈشسەك بولاتتى .
-- بىزدە كۆرۈشۈپ تەڭ ئورۇن تەڭ سالاھىيەتتە تۇرۇپ سۆزلەشكۈدەك ئىززەت - ھايا قالمىدى ، _ نادىرەنىڭ تىترىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى ، _ ھەم سىز سۆھبەتلەشمەكچى بولغان مەسىلىمۇ ئەمدى مەۋجۇد ئەمەس ، خاتىرجەم بولۇڭ ! تۈلكە جىن ئەمدى كالا دېۋىڭىزنى ئېزىقتۇرمايدۇ ... خوش !
-- ياق نادىرە ! تېلېفوننى قويۇۋەتمەي تۇرۇڭ ، ئۆمەر ... ئۆمەر ئۇ ... چوقۇم سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ... _ دىلبەر ئەمدى ئېسەدەۋاتاتتى ، لېكىن قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئاللىبۇرۇن قويۇۋەتكەن بولۇپ ، تېلېفوندا پەقەت « دۇت-دۇت » قىلغان ئاۋازلا ئاڭلىناتتى .
-- ياق ئاچا ، مەن بارالمايمەن ، مەن تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن تۇرسام ؟
-- ئوقۇش دېگەن ئەشۇ يەردىمۇ بار ئۇكام ، يەنە كېلىپ سېنىڭ بۇ كەسپىڭمۇ ئۆزۈڭگە تازا ماس كەلمىگەن كەسىپ . ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن دادام سېنى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ياخشى كەسىپلەردە ئوقۇتىدۇ .
ئەكرەمنىڭ كۆز جىيەكلىرى قىزارغان ، دادىسىنىڭ بۇ قارارىغا ناھايىتى نارازى بولغان ھالدا ھەدىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدىكى ئۈستەلدە تاشلىنىپ تۇرغان visa غا قاراپ ئاچچىق بىلەن بىرنى كۈلدى .
-- ئۇكام ، ئوغۇلبالا دېگەن جاھان كۆرىدىغان گەپ . يەنە كېلىپ سەن ھامان بىر ئائىلىنىڭ ، جەمەتىمىزنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئېغىر يۈك كۆتۈرىدىغان ئادەم ...
-- ۋاي بولدى قىلە ، _ دېدى ئەكرەم بىزارلىق بىلەن ، بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇرغاچ ، _ كىچىكىمدىن كىتاب سومكىسىنىڭ ئېغىرنى كۆتۈرەلمەي ئاران چوڭ بولغاندا ، نېمە ئېغىر يۈك ئۇ .
ھەدىسى ئەكرەمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئازراق ئاچچىقى كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىكى تاماكىنى شارتلا تارتىۋېلىپ قولىدا مىجىپ ئېزىۋەتكەندىن كېيىن :
-- ماڭا قىلىپ بەرمە بۇ گېپىڭنى ! مەنمۇ مۇشۇ دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن دەپ ، ھەتتا خىزمىتىمدىنمۇ ئىستىپا بېرىۋەتتىم . سەن قالساڭ ئۆزۈڭ قال ! مەن دادامنىڭ گېپىنى يىرالمايمەن .
ئەكرەم يانچۇقىدىن تاماكا قۇتىسىنى ئېلىپ يەنە بىر تال تاماكىنى ئالدى ۋە تۇتاشتۇرۇپ بولۇپ :
-- مەن بۇ يەرگە ، دوستلىرىمغا قىيالمايمەن ، ئاچا ...
-- دوست ؟ _ دېدى ھەدىسى مەسخىرە ئارىلاش دىمىقىنى قېقىپ ، _ مەڭگۈلۈك دوست بولسا قانچىلىك يىراق كەتسەڭمۇ يەنە شۇ دوست ، يەپ قاچار دوستلىرىڭ بولسا كۈندە يېنىدا بولساڭمۇ كۆزى باشقىدا ! مېنىڭچە سېنىڭ دوستلىرىڭمۇ كېينكى خىلدىكىغۇ دەيمەن .
-- جۆيلۈمە . ئاقىل ئادەم ناداندىن دوست تۇتمايدۇ .
-- ئاقىل ؟ ۋاي-ۋۇي ، ئۆزۈڭگە بەرگەن باھايىڭ تېخى خېلى يۇقىرىكەنغۇ ، _ دېدى ھەدىسى كۈلۈپ كېتىپ ، _ راست گەپنى قىلە ، نادىرەگە قىيالمايۋاتىسەنغۇ شۇ ؟
ئەكرەم چۆچۈگەندەك تۇرۇپ كېتىپ :
-- نېمە ؟ سەن ... سەن قانداق بىلىسەن ؟
ھەدىسى مەنىلىك بىرنى كۈلۈپ قويۇپ ئالقىنىنى كۆتۈردى ، ئەكرەمنىڭ يانفۇنى ھەدىسىنىڭ قولىدا تۇراتتى .
-- ئەكەل ! _ ۋارقىرىدى ئەكرەم چىدىيالماي ، _ سەن ... سەن قانداق ئادەم ئەمدى ؟ باشقىلارنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرىدىغان ...
ھەدىسى ئورنىدىن تۇرۇپ قاچتى ۋە ئۈستەلنى بىر چۆرگىلىۋەتكەندىن كېيىن بالكونغا چىقىپ ئىتتىرمە ئەينەكنى چىڭ ئېتىۋالدى .
-- ئەكەل دەيمەن ! ئەكەل ...
ھەدىسىنىڭ كۈچى يەتمەي ئاخىرى ئىشىكنى قويۇپ بەردى ، ئەكرەم ئۇنىڭ قولىنى كۈچەپ قايرىپ يانفۇننى ئېلىۋالدى . ھەدىسى تۇيۇقسىز شىپ-شىپ قىلىپ ئېسەدىگىلى تۇردى .
ئەكرەم ھەيران بولۇپ :
-- ئاغرىپ كەتمىگەندۇ ؟ خاپا بولما جېنىم ئاچا ، قەستەن قىلمىدىم .
ھەدىسى بېشىنى كۆتۈرگەندە كۆزىدىكى ياشلار ئاللىبۇرۇن سىرغىپ چۈشكىلى تۇرغان ئىدى .
-- مەنمۇ بۇ شەھەرگە ، دوستلىرىمغا قىيالمايمەن ئۇكام ، لېكىن ... لېكىن ، دادامنىڭ كېسىلى ... ئۇنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ خېلى بىر يەرگە بارغان ئوخشايدۇ . ئەمدى بارمىساق ... بەلكىم مەڭگۈ ...
ئەكرەم سۆزنىڭ ئايىغىنى ئاڭلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى بولغاي ، ئۈن-تىنسىز كەينىگە بۇرۇلۇپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى . ھەدىسى بولسا بالكوندا ئولتۇرغىنىچە ئېسەدەۋاتاتتى .
ئەكرەمنىڭ دادىسى ياش ۋاقىتلىرىدا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىدە باشلىق بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ ، كېيىن بىر جىنايى ئىشلار ۋەقەسىگە چېتىلىپ قېلىپ ، نازارەتتىن چىققاندىن بۇ ھەق -ناھەق ئاستىن-ئۈستۈن قىلىنغان دۇنيادىن ئايرىلىپ ، باشقا دۆلەت باشقا قىتئەلەردىن تىنچلىق ئىزدەپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىنلا دۆلەتتىن چىقىپ كەتكەن ئىدى . شۇندىن بېرى ئۇ كىشى بىر قېتىممۇ دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ باقمىدى . ئەكرەم بولسا ئۇچاغلاردا ناھايىتى كىچىك بولۇپ ، ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى .
ئەكرەمنىڭ ئاپىسى يىگانە قالغان يىللاردا تۇرمۇشنىڭ قىينچىلىقى ۋە ئۆپكە توبېركۇليوز كېسىلىنىڭ قىستاپ قىينىشى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىپ ، زادىلا ساقىيىپ قايتا تۇرالماي تېخى كىچىكلا قالغان بىر قىزى ۋە ئەكرەمگە قارىغىنىچە كۆز يۇمغان ئىدى .
كېيىنكى يىللاردا ، ئەكرەمنىڭ دادىسى زور تىرىشچانلىق بىلەن بارلىق خەتەرلەرنىڭ ھەممىسىگە تەۋەككۇل قىلىپ ، ئاخىرى مىسىردىكى بىر كۈچلۈك سودىگەرگە ئايلاندى . شۇندىن كېيىن ، ئۇ ئەكرەم بىلەن ھەدىسىنى نەچچە قېتىم بىۋاسىتە چاقىرىق ئېۋەرتىش ۋاسىتىسى بىلەن مىسىرغا ئېلىپ چىقىپ كۆرۈشتى . ئۇلارغا ئەينى چاغدا بىلدۈرەلمىگەن ئاتىلىق مېھرىنى ئازراق بولسىمۇ بىلدۈردى .
ئەكرەم گەرچە دادىسىغا بەك مېھرى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئۆچ كۆرمەيتتى . ئۇنىڭ نەزەرىدە دادىسى بىر ئىقتىدارلىق ، كىچىك پېئىل ، خۇشخۇي ، ھەر مىللەت كىشىلىرى ھۆرمەت قىلىدىغان ئىستىدات ئىگىسى ئىدى . شۇڭا كېيىنچە دادىسى مىسىردا بىر چىرايلىق ئەرەب قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەكرەم دادىسىنىڭ تاللىشىنى پۈتۈنلەي قوللىغان ئىدى .
لېكىن ئەكرەم ئىزچىل تۈردە دادىسىنى مەڭگۈلۈك ، ساق-سالامەت بىر كىشى دەپ ئويلايتتى . بۇنداق ھالەتنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي خىيالىغا كىرگۈزۈپ باقمىغان ئىدى . دادىسى نەچچە رەت ئۇنىڭ ھازىر ئۆگىنىۋاتقان ئۇسسۇل كەسپىنى ياقتۇرماي ، ئۇنى قاھىرەگە ئەكېلىپ ياخشى كەسىپلەردە تەربىيەلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، ئەكرەم ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتاتتى .
شۇ تاپتا ، ئەكرەمنى بىرخىل ئازاب چىرمىۋالغان ئىدى . « ھەي ، چوڭ بولمىسام بوپتىكەن ، مەن چوڭ بولمىغان بولسام داداممۇ قېرىمايتتى » دەيتتى ئەكرەم خىيالىدا ئۆز -ئۆزىگە ...
-- ۋەي ، نادىرەما ؟ بۈگۈن دىلبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن ...
-- بارمايمەن ! _ قارشى تەرەپتىن نادىرەنىڭ تاقەتسىزلىنىپ قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى .
-- ئۇنداق قىلماڭ نادىرە ، نېمىشقا بارمايسىز ؟ _ دېدى ئەكرەم .
-- بارمايمەن دېدىم بارمايمەن ، مەن ئۆمەرگە بەك ئۆچ ، ئۇنى كۆرەر كۆزۈم قالمىدى !
-- ئۆچ ؟ نېمىشقا ئۆچ ؟
-- ئەكرەم ، مېنى زورلىمىغىن ، مەن ئۇ يەردە بەك بۇرۇقتۇرمىلىق ھېس قىلىدىكەنمەن .
-- مېنىڭ سىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپىم بار ئىدى ._ دېدى ئەكرەم جىمجىتقىنە .
نادىرە بىردەم جىم تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن :
-- گېپىڭ بولسا ھەجەپ تۈنۈگۈن دېمىدىڭغۇ ؟ چوقۇم بۈگۈن ، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا دېيىشىڭ كېرەكما ؟ _ نادىرەنىڭ ئاۋازى جىددىيلەشكەندەك سەل تىترەۋاتاتتى .
ئەكرەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ۋە :
-- ئۇنداق ئەمەس نادىرە ، بۇ گەپنى سىزگە دېمىسەم قەتئىي بولمايدۇ ، بۇ ئىشنى تۈنۈگۈن مەنمۇ بىلمەيتتىم .
نادىرە سەل ھەيران بولغاندەك تۇرۇپ قالدى .
-- تۈنۈگۈن ئۇقمايتتىم ؟ بۈگۈن تۇرۇپلا ھېس قىلىپ قالدىڭ شۇنداقمۇ ؟ لېكىن ... لېكىن ئەكرەم سەن مۇشۇنى مۇۋاپىق دەپ قارامسەن ؟
-- ھەي ساراڭ ، سىز بۇنى نەلەرگە ئويلاپ كەتتىڭىز ؟ ۋاي ئاللا ...
-- ھە ؟ ئۇنداقتا ... _ نادىرە سەل ئوڭايسىزلانغاندەك ئىدى .
-- زادى چىقامسىز چىقمامسىز ؟ بىر ئېغىز گەپ .
-- ھە ، ئۇنداقتا ئازراق ساقلاڭ ھە ، لېكىن مەن دەپ قوياي ، «شەرقىي يېرىم شار»غا بارمايمەن .
...
جۈرئەت ۋە پەرىدەلەر شەرقىي يېرىم شاردىكى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويغان ئايرىم خانىنى شۇنداق ياسىداق بېزىۋەتكەن ئىدى . دىلبەر ئىشىكتىن قەدەم ئېلىپ كىرىشىگىلا جۈرئەت ئورۇنلاشتۇرغان شار «مىنا»لار پاڭ-پۇڭ قىلىپ ئېتىلىپ پۈتۈن ئايرىم خانىنىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى .
-- قېنى خانىم ، بۇ ياققا مەرھەمەت ، _ دېدى جۈرئەت ئەنگلىيە كىنولىرىدىكى مۆتىۋەرلەرنى دوراپ ، دىلبەرنىڭ قولىنى زورلاپ تارتىپ بىرنى سۆيۈپ .
-- قېنى ئۆمەر ؟ _ دېدى پەرىدە سائەتكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ، _ تازىمۇ ۋاقىت قارىشى يوق بىر ئاداش بۇ .
جۈرئەت :
-- خوتۇن ، دىلبەر ئالدىرىمىسا سەن نېمىگە ئالدىراپ كەتتىڭ ؟ ئۆمەر بۈگۈن ئالاھىدە تەييارلىقلار بىلەن كەلمىسە بولمايدۇ ! بۈگۈن دېگەن بوش كۈن ئەمەس ، ھەم ئاشىق-مەشۇقلار كۈنى ، ھەم دىلبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى !
پەرىدەمۇ ئۇنى قوللىغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ :
-- توغرا ، دىلبەر سەن نېمىدېگەن ياخشى كۈندە تۇغۇلۇۋالغان -ھە ؟ شۇنداق رومانتىك .
جۈرئەت سەت ھىجىيىپ :
-- لېكىن ئۆمەرگە جاپا بولىدۇ-دە . ياخشى سەن بۇ كۈندە تۇغۇلۇۋالماپتىكەنسەن پەرىدە .
-- ئۆتەپ بارە پىت ئۈچەي ! _ دېدى پەرىدە بىزارلىقتىن جۈرئەتنىڭ قۇلىقىنى قاتتىق بىر تولغاپ .
جۈرئەت ئاغرىققا چىدىماي :
-- ۋاي دىلبەر مېنى قۇتقۇز ! تېز ، _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ۋە تېزلا پەرىدەگە قاراپ ھىجىيىپ ، سافانىڭ كەينىگە تىقىپ قويغان بىر دەستە گۈلنى ئاۋايلاپ ئېلىپ _ قويۇپ بەر ئامرىقىم ، مانا ، مانا ئەتىرگۈل كەلدى !
پەرىدە گۈلنى جۈرئەتنىڭ قولىدىن ئېلىپ خۇشاللىقىدىن تېزلا كۈلۈپ كەتتى ۋە جۈرئەتنىڭ يۈزىگە بىرنى سۆيۈپ قويدى .
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئۆمەر كىرىپ كەلدى ، ئۆمەر بۈگۈن راستتىنلا بەكلا ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان بولۇپ ، بۇنداق ئەستايىدىللىق ئۇنىڭدا ئادەتتە بەك ئاز كۆرۈلەتتى . ئۇ تۇن قارا چاپاننىڭ ئىچىگە ئاپئاق مايكا كىيگەن بولۇپ ، بوينىدىكى دىلبەر يېڭىدىن سوۋغا قىلغان ئاپئاق شارپا بىلەن قوشۇلۇپ ، ئەسلىدىنلا كېلىشكەن چىرايى تېخىمۇ جەلبكار بولۇپ كەتكەن ئىدى .
-- پاھ -پاھ ! مانا دېمىدىممۇ ، _ دېدى جۈرئەت ئۈستەلدىكى سېفىرلىق ئاپپاراتنى ئېلىپ «چاس» قىلىپ بىر پارچە سۈرەت تارتىۋالغاچ ، _ ئۆمەرنىڭ مۇشۇنداق ياسىنىۋېلىشىدىن بەك قورقىمەن ، مانا بۈگۈن بىزنى رەسمىي چاندۇرىدۇ !
شۇ ئەسنادا ئۆمەر پەرىدەنىڭ قولىدىكى قىپقىزىل ئەتىرگۈلنى كۆرۈپ تۇيۇقسىز بىر نېمىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كەينىگە بۇرۇلدى ۋە ئۇچقاندەك چىقىپ كېتىپ قالدى .
-- ۋاي نېمە بولغاندۇ بۇ ساراڭغا ؟ _ دېدى پەرىدە ھەيرانلىق بىلەن .
دىلبەر مېۋە سۈيىدىن بىر ئوتلىۋېتىپ قولىدىكى ئەينەككە قاراپ ئالدىغا چۈشىۋالغان چېچىنى ئوڭشىغاچ :
-- ئۇنىڭ بىر نېمە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلمىدىڭمۇ ئاداش ؟
ئۆمەر ئالدىراشچىلىقتا ھەممە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن گۈل سېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى . شۇڭا خىجىل بولۇپ يۈگۈرگىنىچە كوچىغا چىقىپ گۈلچى قىزچاقلارنى ئىزدەپ يۈرۈپ كەتتى .
-- بۇ گەپلىرىڭ راستمۇ ئەكرەم ؟
-- شۇنداق ، بەك تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى ، مەنمۇ بۈگۈن ئەتىگەن خەۋەر تاپتىم .
-- ئۇنداقتا ... _ ئەكرەمنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى نادىرە ، _ ئۇنداقتا سەن راستتىنلا چىقىپ كەتمەكچىما ؟
ئەكرەم بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىۋېتىپ :
-- ئامالسىزمەن ، بەلكىم ... بەلكىم بالىلىق قەرزىمنى ئادا قىلىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالغاندۇ ...
نادىرە ئازاب بىلەن ئەكرەمنى يېنىك قۇچاقلىدى ۋە ئۇنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ تۇرۇپ :
-- ساڭا رەھمەت ئەكرەم ، سەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئوغۇل بالا ، سەن مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم .
ئەكرەم گەرچە نۇرغۇن قېتىملاپ نادىرەنى مۇشۇنداق قۇچاقلاپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، ئايرىلىش ئالدىدا يۈز بېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدى . شۇ تاپتا يۈرىكىنى بىر پىچاق تىلغاۋاتقاندەك ئاغرىپ ، بىر قولىنى ئاستا كۆتۈرۈپ كۆزىنىڭ جىيىكىدىن بىلىنە-بىلىنمەس نەملىشىپ قالغان يېشىنى سۈرتىۋېتىپ :
-- سىزنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن ، بەلكىم ... بەلكىم بىر نەچچە يىلدا قايتىپ كېلەرمەن . لېكىن ، مەن بېرىپلا سىزگە تېلېفون قىلىمەن .
نادىرە ئەكرەمنى قويۇپ بېرىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىغىنىدا كۆزىدە ئاللىبۇرۇن لىقمۇلىق ياش تۇراتتى .
-- چوقۇم شۇنداق قىل جۇمۇ ! ئى-مەيل ياز پەقەت بولمىسا ...
-- پاھ-پاھ ، بۈگۈن 14-فېۋرال ، ياخشى كۈن . ئاشىق -مەشۇقلار يوشۇرۇن پائالىيەتتىن ئاشكارا ئىنقىلابقا ئۆتىدىغان ھالقىلىق نۇقتا .
ئەكرەم بىلەن نادىرە تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ يان تەرەپكە قارىدى .
ئۆمەر قولىدا بىر دەستە قىپقىزىل ئەتىرگۈلىنى كۆتۈرگىنىچە يول ئۈستىدىكى كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قاراپ كېلىۋاتاتتى .
-- قانداق ؟ «شەرقىي يېرىم شار»غا بېرىپ بولغۇچە چىدىيالماي قالغان ئوخشىمامسىلەر ؟ _ دېدى ئۆمەر نادىرەگە قاراپ سەت ھىجىيىپ ، _ مېڭىڭلار مەن ئالغاچ كېتەي ، ئۇ يەردە بىز رومانتىك تۈس ھازىرلاپ بېرىمىز !
« پاس » قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆمەرنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر تەستەك تەگدى ، نادىرە غەزەبلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا قادىلىپ تۇراتتى . ئۆمەر نادىرەنىڭ بۇنداق قىلارىنى قەتئىي ئويلاپ باقمىغاچقا بۇ تەستەكنى راۋۇرۇس يېدى ، شۇئانلا بۇرنىنىڭ ئوڭ تەرەپ تۆشۈكىدىن ئوقتەك قان ئېقىشقا باشلىدى . نادىرەنىڭ قولىدىكى ئۈزۈكمۇ بەك قاتتىق ئۇرۇۋەتكەچكە چاچراپ چىقىپ كېتىپ ھاۋادا يالت-يۇلت قىلىپ نۇر چاچقاندىن كېيىن ، ناھايىتى سۈزۈك بىر ئاۋاز بىلەن يەرگە تېگىپ ، ئاندىن چىملىقنىڭ ئارىسىدىكى نەلەرگىدۇر غايىب بولدى .
-- يۈرە ئەكرەم ، _ دېدى نادىرە ئەكرەمنىڭ قولىدىن تارتىپ .
ئۆمەر بېشىنى سىڭايان قىلىپ يەرنىڭ تېگىدىن ئۇ ئىككىسىنىڭ يىراقلاپ كېتىۋاتقان سىماسىغا قاراپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى ، كاللىسىدا ھېچنېمە يوق ئىدى . بۇرنىدىن ئاققان قان توختىماستىن ، بوينىدىكى ئاپئاق شارپىنى ئوتقاشتەك قىزىل رەڭگە بويىماقتا ئىدى .
خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۆمەر كەينىگە بۇرۇلدى ۋە ئۈزۈكنىڭ يەرگە تەگكەن ئاۋازى چىققان تەرەپلەرنى مۆلچەرى بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى . پىيادىلەر يولى بويىدىكى چىملىقنىڭ يېنىغىلا بىر ئاۋدى ماشىنا توختىتىلغان بولۇپ ، ماشىنىنىڭ تېگىدە بىر نەرسە پارقىرىغاندەك قىلاتتى . ئۆمەر ھېچنېمىگە قارىماستىن ، ئېسىل كىيىملىرى بىلەنلا يەردە ئۆمىلەپ ماشىنىنىڭ تېگىگە قول ئۇزاتتى ، قولى يەتمەيۋاتاتتى . ئۆمەر يەرگە چاپلىشىپ تۇرۇپ دېگەندەك ئۇ نەرسىگە قولىنى ئاران يەتكۈزۈپ قولىغا ئالدى ، بۇ پارقىرىغىنى ئۈزۈك بولماستىن ئەسلىدە بىر تال ئەسكى بۇرما مىخ ئىدى .
ئۆمەر ئۈمىدسىزلەنگىنىچە ماشىنىنىڭ تېگىدىن چىقىش ئۈچۈن بېشىنى كۆتۈرىشىگە ئارقا مېڭىسى ماشىنا گەۋدىسىنىڭ يان تەرەپ گىۋىنىگە قاتتىق ئۇرۇلدى . ئۆمەر ئاچچىقىدا ئورنىدىن تەسلىكتە ئۆمىلەپ تۇرۇپ ، ماشىنىنىڭ كەينى ئىشىكىگە قاتتىق بىرنى تېپىۋېدى ، ئالدى دەرىزىدىن بىر خەنزۇ ئەرنىڭ بېشى چىقىپ ئۇنى تىللاپ كەتتى .
-- ھۇ ئاناڭنى ! نېمە قىلىۋاتىسەن ؟
ئۆمەر ۋەھشىيلەرچە بۇ خەنزۇنىڭ بوينىدىنلا ئالدى ۋە ئۇنى ماشىنا دەرىزىسىدىن سىرتقا كۈچەپ سۆرىدى . بۇ نەرسىمۇ يامان سېمىز بولۇپ ، ماشىنىنىڭ دەرىزىگە قاپلىشىپ تىنىق ئالالماي يالۋۇرۇشقا باشلىدى :
-- ئاكا ، ئاكا ، ئۆتۈنۈپ قالاي ، گەپ بولسا چىرايلىق قىلىشايلى ، مېنى قويۇۋەت .
ئۆمەر بىر سىلكىپلا ئۇنى قويىۋېتىپ ، ئۈن-تىنسىز كەلگەن يولىدىن قايتىپ يۈرۈپ كەتتى . پۈتۈن ئۈستىۋېشى قان بىلەن توپىغا مىلەنگەن ، قولىدىكى بىر دەستە گۈلنىڭمۇ پورەكلىرى تۆكۈلگەن ئىدى .
9
« شەرقىي يېرىم شار » نىڭ ئايرىم خانىسىدا ، دىلبەر قاتارلىقلار ئۆمەرنى ساقلاپ سورۇننى تېخى باشلىماستىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى .
-- ئۆمەر نېمانداق كەلمەيدىغاندۇ ؟ _ دېدى پەرىدە بىزارلىقتىن ، _ گۈل ئىزدەپ گۈل بولۇپ كەتمىگەندۇ -ھە ؟
-- نېمىگە ئالدىرايسەن ، ھازىرلا كېلىدۇ . _ دېدى جۈرئەت قولىدىكى ئاپپاراتنى تەڭشىگەچ ، _ تاڭ ھامان ئاتىدۇ ، بىزنىڭ يورۇق قۇياشىمىز ھامان چىقىدۇ !
« داھىي ماۋزېدۇڭ قىلغاندا جاكار ،
جۇڭخۇا ئېلىگە ياغدى شەرەپ-شان .
جۇڭخۇا ئېلىگە ... »
پەرىدە جۈرئەتنىڭ ئاغزىنى توسۇۋېلىپ ئۇنى جىم قىلدى .
دىلبەرنىڭ چىرايىدىن بىرخىل خىيالچانلىق چىقىپ تۇراتتى .
-- سىلەرچە ئۆمەر قانداق ئادەم ؟
پەرىدە :
-- ئۇ بىر رېزىنكە ، ئادەم ئەمەس . سوزساڭ ئۈزۈلمەيدۇ ، پىچاق تېخى كېسەلمەيدۇ . راۋۇرۇس رېزىنكە .
دىلبەر گويا بىر نېمىلەرنى ئويلىغاندەك :
-- ياق پەرىدە ، ئۇنداق ئەمەس . ئۆمەر بىر ياخشى بالا ، ئۇ بىر ھەقىقىي ئەركەك .
جۈرئەت بىلەن پەرىدە ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە بىر قارىشىۋەتكەندىن كېيىن ، دىلبەرنىڭ ئاغزىغا قاراشتى .
-- گەرچە ئۆمەر ئادەتتە ھېچكىمگە سىر بەرمىسىمۇ ، لېكىن ئۇ ھەممە ئىشتا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن دوستلىرى ئۈچۈن ئويلىشىدۇ ، ئۆزى ئۈچۈن ئويلاشمايدۇ . _ دىلبەر داۋام قىلىۋاتاتتى ، _ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ، مەكتەپتىن يازلىق سەيلىگە ئېلىپ چىققاندا ، ئۇ مېنىڭ شىلەپەمنى ئۆستەڭدىن سۈزۈپ ئېلىپ بېرىمەن دەپ ، ئۆزى ئېقىپ كېتىپ تاس قالغان تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغىلى ...
-- ئۇ دېگەن سېنى كەلتۈرىۋېلىش ئۈچۈن ئوينىغان ھىيلىسى ، _ دېدى جۈرئەت ھىجىيىپ ، _ ئۆمەر ئۇنچىلىكنى قىلىدۇ .
پەرىدە جۈرئەتكە قاراپ قاپىقىنى تۈرۈپ :
-- ھەي ساراڭ ئۇ چاغدا كىچىككىنە تۇرساق نەدىكى كەلتۈرىۋېلىش نەدىكى ھىيلە دەيسەن ؟
-- سىلەر بىلمەيسىلەر ، ئۆمەر دېگەن تۇغما ئاشۇنداق ، ئۇنىڭ قىزلارغا بولغان چۈشەنچىسى مەندىن ئاز دېگەندە ئون يىل بالدۇر !
-- ئۆتەپ بارە !
-- تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ، مېنى ئىتتىرىۋەتكەن بىر بالىدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىمەن دەپ ، ئۇ بالىنى قاتتىق ئۇرۇۋەتكەن ، _ دېدى دىلبەر تاتلىق ئەسلىمىلەرنى داۋاملىق ئەسلەپ ، _ شۇ چاغدا مەكتەپتىن ئۇنىڭغا قوغلاش چارىسىنى كۆرىمىز دەپ ، ئاخىرى ئۆمەرنىڭ ئاپىسى مەكتەپكە ئۆزى كېلىپ بۇ ئىشنى بىرتەرەپ قىلغان .
جۈرئەت دىلبەرگە بىر ئىستاكان مېۋە سۈيىنى سۇنغاچ :
-- بولدى قىلە ، بۇنداق سۆزلەۋەرسەڭ قانداق تۈگەيدۇ ؟ خۇددى « يولداش لېي فېڭنى ئەسلەيمىز » نامىدا يىغىن ئاچقاندەك ، ھەممە ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ كەلسەك ئاغزىمىز كاردىن چىقىپ كېتىدۇ .
-- شۇنداق ، _ دەپ ئاۋاز قوشتى پەرىدە .
-- ئۇنداقتا ، نادىرە قانداق قىز ؟
بۇ سوئالدىن جۈرئەت بىلەن پەرىدە ئىككىسىلا ئۆزىنى قاچۇردى بولغاي ، تەڭلا قولىغا ئىستاكاننى ئېلىپ ئىچىملىك ئىچىپ باشقا يەرلەرگە قاراپ تۇرىۋېلىشتى .
-- پەرىدە ئاداش ، سەندىن سوراۋاتىمەن ؟
پەرىدە سەل ئوڭايسىزلانغاندەك :
-- نادىرە قانداق قىز ؟ مەنمۇ ... مەنمۇ تازا ئېنىق بىلىپ كەتمەيمەن ئاداش .
-- يالغان !
-- راست دەۋاتىمەن ، _ دېدى پەرىدە ئۆزىنى ئاقلاپ ، _ نادىرە قانداق قىز ئىكەنلىكىنى ... ئۆمەر ... ئۆمەرلا ئېنىق بىلىدىغۇ دەيمەن .
پەرىدە بۇنداق دەپ بولۇپ ئۆزىنىڭ تازا توغرا سۆزلىمىگىنىنى بىلىپ ئوڭايسىزلانغانچە زورىغا بىرنى كۈلۈپ جۈرئەتكە قارىدى ، جۈرئەت ئۇنىڭغا ھومىيىپ قاراپ تۇراتتى .
دەل شۇ چاغدا جۈرئەتنىڭ يانفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى ، جۈرئەت تېلېفوننى ئېلىپ ئايرىم خانىدىن چىقتى ۋە جىددىيلەشكىنىچە ئاللىنېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ كەتتى . ئۇ تېلېفوننى قويۇپ ئارقىغا بۇرۇلۇشىغا ئۈستى-بېشى توپا ۋە قانغا مىلەنگەن ھالدا كىرىپ كېلىۋاتقان ئۆمەرنى كۆردى . گەرچە ئۆمەرنىڭ بۇ ھالىتىدىن قاتتىق ھەيران بولغان بولسىمۇ ، لېكىن سەۋەبىنى سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا جىددىيلەشكىنىچە ئۇنىڭغا ئېسىلدى .
-- چاتاق چىقتى ئۆمەر ، چاتاق !
-- نېمە ؟ _ ئۆمەرنىڭ كۆزلىرىدە ھېچقانداق ئىپادە يوق ئىدى ، خۇددى بىر ياغاچ ئادەمدەك .
-- ئەكرەم ئەتە قاق سەھەردە ئايروپىلان بىلەن ... ماڭىدىكەن .
ئۆمەر ھېچنېمىنى چۈشىنەلمىگەندەك :
-- ئەكرەم ... ئۇ نېمە قىلىدىكەن ؟ ... ئۇ نەگە ماڭىدىكەن ؟
بۇ چاغدا ئۇ گويا پۈتۈن ئەس-يادى باشقا يەردە قالغان ئادەمدەك زېھنىنى يىغالمايۋاتاتتى .
-- ئاداش ، ماڭا قارىغىن ، _ دېدى جۈرئەت ئۇنىڭ بىلەكلىرىدىن سىقىمداپ ، _ ئەكرەمنىڭ دادىسى ، كېسىلى ئېغىرلاپ قالغان ئوخشايدۇ ، ئۇ ئوقۇشتىن توختاپ ، مىسىرغا چىقىپ كېتىدىكەن .
ئۆمەر يەنىلا ھېچقانداق ئىپادىسىز ئىدى ، خۇددى ھېچقانداق گەپ ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرمىگەندەك . بايانتىندىن بېرىقى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىغان پەرىدە بىلەن دىلبەر ئاللىبۇرۇن جۈرئەتنىڭ كەينىدە ئۆمەرگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى . ئۈچ ئادەمنىڭ تەڭلا تىكىلىپ قارىشىمۇ ئۆمەرگە ھېچقانداق تەسىر قىلمىغاندەك ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاستاغىنە :
-- ھە ، ئەكرەم ماڭىدىكەن-دە . _ دېدى ۋە خانە ئىچىگە قاراپ ماڭدى .
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بايىلا شۇنداق سالاپەتلىك ، ساپساق چىقىپ كەتكەن ئۆمەرنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق بولۇپ قالغانلىقىدىن قاتتىق ھەيرانلىقتا ئىدى .
ئۆمەر خانىنىڭ ئوتتۇرىغا كېلىپ توختىدى ۋە شۇئان كەينىگە بۇرۇلۇپ ئوقتەك ئېتىلغىنىچە كارېدوردىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى .
كۆپچىلىك ھېچنېمىنى چۈشىنەلمەي بىر-بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى .
نادىرە باياتىن ئۆمەرنى بىر تەستەك سالغان جايغا قايتىپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە ئۈزۈكنىڭ يەرگە ئۇرۇلغان ئاۋازى ئەشۇ چىملىق تەرەپتە يوقىغان ئىدى . ئەكرەم ئۇنىڭ ئارقىدا ساقلاپ تۇراتتى . نادىرەنىڭ كۆزلىرىدىمۇ ھېچقانداق ئىپادە بىلىنمەيتتى ، خۇددى ئۆمەرنىڭ باياتىنقى ھالىتىدەك .
-- نادىرە ، سىز ... سىز نېمىشقا ئۆزىڭىزنى بۇنچە قىينايسىز ؟ _ دېدى ئەكرەم نادىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ، چىملىقنىڭ ئىچىگە سىنچىلاپ قارىغاچ .
نادىرەدىن ئۈنچىقمايتتى .
-- سىز ئۆمەرنى ھەقىقەتەن بەكلا ياخشى كۆرىدىكەنسىز . مەن دىلبەر كەلگەندىن بۇيان بۇنى تېخىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىم .
نادىرە ئاستا بېشىنى كۆتۈردى ، لېكىن ھېچقانداق گەپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەندەك ، ھېچنېمىنى ئاڭقىرالمايۋاتقاندەك ، چۈشەنگۈسىز بىر ئىپادىدە ئەكرەمگە قاراپ قويدى ۋە داۋاملىق ئىزدەشكە كىرىشتى .
-- مۇشۇ شۇمۇ ؟ _ دېدى ئەكرەم قولىغا ئىلناشقان بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ ، ئۇنىڭ قولىدا بىر تال ئاددىيلا نۇسخىدىكى ئاق ئالتۇن ئۈزۈك تۇراتتى .
نادىرە خۇددى بالىسىنى يولۋاس ئېلىپ قاچقان چىشى شىر يولۋاسقا خىرىس قىلغاندەك ، ئەكرەمگە ھۈرپىيىپ تىكىلگىنىچە ئۈزۈكنى ئۇنىڭ قولىدىن كۈچەپ تارتتى . قولىغا ئېلىپ ئۇيان- بۇيان ئۆرۈپ تەپسىلىي بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، خۇددى قايتىدىن روھ كىرگەندەك ، باياتىندىن بېرى يىغىلىپ قالغان ھېسسىياتلىرىنىڭ ھەممىسى بىراقلا يوپۇرۇلۇپ چىقىپ ، بىردە قاھقاھلاپ كۈلۈپ ، بىردە يىغلامسىراپ ئولتۇرۇپ قالدى .
-- ئەكرەم ! جېنىم ئادىشىم !
ئۆمەر تاكسىدىن چۈشۈپلا ئەكرەمگە ئۆزىنى ئاتتى . بۇ ئىككى قەدىناس بۇرادەر خۇددى نەچچە يىلدىن كېيىن قايتا كۆرۈشكەن كىشىلەردەك ، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا قۇچاقلىشىپ پىيادىلەر يولىنىڭ ئوتتۇرىدا تۇراتتى .
-- ئاداش ، ماڭا نېمىشقا بالدۇرراق ئېيتمايسەن ؟ _ دېدى ئۆمەر ئەكرەمدىن ئاغرىنغاندەك .
-- بايا سەن ماڭا سۆزلەشكە پۇرسەتمۇ بەرمىسەڭ . _ ئەكرەم كۈلۈپ كەتتى .
-- مېنى كەچۈر ئاغىينەم ، مەندىن كەتتى .
-- ياقەي ، نەدىكى گەپنى قىلىدىغانسەن . _ دېدى ئەكرەم ۋە ئۆمەرنىڭ قۇلىقىغا ئاغزىنى يېقىن ئەكېلىپ بىر نېمىلەرنى دېدى .
شۇئان ئۆمەر كەينىگە بۇرۇلۇپ نادىرەگە قارىغىنىچە ، ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلگىنىچە قاراپ قالدى . ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا نادىرەگە قارايتتى . ئۇنىڭ كۆزىدىكى مەنىلەر گاھ مېھىر بىلەن شۇنچە ئوتلۇق ، گاھ ئۈمىدسىزلىك بىلەن شۇنچە جانسىز ، گاھ خىجىللىق بىلەن شۇنچە تىت-تىت ئىپادىلىنەتتى . نادىرەمۇ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى .
تىمتاسلىقتىن باشقا ھېچنېمە يۈز بەرمەيتتى . بۇ خىل تىمتاسلىق خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقاندىن كېيىن ئۆمەر ئالدىغا بىر نەچچە قەدەم ماڭدى ۋە نادىرەنى كۈچەپ باغرىغا باستى .
لېكىن نادىرەدىن ھېچقانداق ئىپادە كەلمەيتتى ، يا قارشىلىق يا قىزغىنلىق ، ھېچنېمە يوق ئىدى . ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ھەممە ئۇچۇر خۇددى يۇيۇپ تاشلانغاندەك ، ئۆمەرنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئۇنى قانچە مەھكەم قۇچاقلىسىمۇ ، ھېچقانداق سەزگۈسىز جايىدا قاتقىنىچە تۇراتتى .
ئۆمەر ئۇنى قويۇپ بەردى ۋە ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە باقتى .
-- نادىرە ؟ نادىرە ؟ سەن ...
نادىرە ئالقىنىنى ئاچتى ، ئۇنىڭ ئالقىنىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ سېمۋولى بولغان ئۈزۈك قىشتىكى سوغۇق قۇياش نۇرىدا قار گۈلىدەك چاقناۋاتاتتى . ئۇ ئۈن-تىنسىز ئۈزۈكنى ئۆمەرگە تەڭلىدى . ئۆمەر ئۇنىڭ قولىدىن ئاستاغىنە ئۈزۈكنى ئالدى ۋە بېشىنى تۆۋەن سالدى . بۇرنىنىڭ ئىچى نېمىلەردىندۇر ئاچچىق بولۇۋاتاتتى .
نادىرە يەنە ئۈن-تىنسىز كەينىگە بۇرۇلدى ۋە ماشىنىدىن بىرنى توسۇپ كېتىپ قالدى .
10
« شەرقىي يېرىم شار»دا ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا يات بولغان غېرىبلىق ، تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى . باشقا ئايرىم خانىلەرنىڭ ئىچىدىن تارقىغان ۋارقىراش-چىرقىراشلار ، قاتتىق كۈلكە ئاۋازلىرى بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قۇلىقىغا كىرمىگەندەك ، جۈرئەت تاماكىنى ئۇلاپ-ئۇلاپ چېكىپ رۇمكىنى لىقلاپ-لىقلاپ ئىچىش بىلەن ، پەرىدە دىلبەرگە تەسەللىي بېرىش بىلەن ، دىلبەر بولسا ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان لېكىن قەلبىنى چىرمىۋالغان ناتونۇش ئازابتا ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاش بىلەن ، مىنۇت-مىنۇتلار سائەت-سائەتلەرگە ئايلىنىپ يېرىم كېچە بولغان ئىدى .
-- مانا ، سائەت نۆل بوپتۇ ، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمۇ تۈگىدى ، _ دېدى پەرىدە سولىشىپ ئۇھ تارتىپ .
-- تۇغۇلغان كۈنمۇ تۈگىدى ، _ دېدى دىلبەر يۈزىدە قاتقان ياش ئىزلىرىنى تاتىلاپ ، _ جۈرئەت ، ماڭىمۇ قۇيە .
جۈرئەت بېشىنى تەستە كۆتۈرۈپ ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىنى دىلبەرگە تىكىپ :
-- سەنمۇ ھاراق ئىچەمسەن ؟ ماقۇل ، مانا ئالە .
جۈرئەت ئۇنىڭغا براندىنى لىقلاپ قۇيۇپ بەردى . دىلبەر تىترىگەن قوللىرىدا رۇمكىنى قولىغا ئالدى-دە ، بىر كۆتۈرۈپلا ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ، كۆيدۈرۈپ ئۆتكەن ھاراقنىڭ ئاچچىقىدىن ئېقىپ چۈشكەن بىر تامچە يېشىنى سۈرتىۋېتىپ :
-- يەنە قۇي ، قۇيە . بىز سوقۇشتۇرۇپ ئىچىمىز .
...
شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ كىشى گويا ئېغىر ئازابلارغا دۇچ كەلگەن سەرسانە ئەدىبلەردەك ، ئۆزىنىڭ ئېسىدە قالغان ھەربىر مىسرا شېئىر ، ھەربىر ئابزاس تېكىستلەرنى يادلاپ بولغاندىن كېيىن لىقلانغان رۇمكىنى بىر كۆتۈرۈپلا ئاچچىق ھاراقنى يۇتىۋېتىپ يەنە رۇمكىنى لىقلايتتى .
« كۈندە بولماس كۈنىدە بولۇر ھەر كىشىنىڭ كۈلكىسى ،
ئازابلاردىن گاھ كېلەركەن يەرشارىدىن يۈتكىسى .
خوشە ! »
جۈرئەت چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇپ ھاراقنى كۆتۈرىۋەتكەندىن كېيىن ، دىلبەر رۇمكىسىنى قولىغا ئالدى .
« قىز بالىنىڭ كۈلكىسىدىن يېشى ئارتۇق پەسلى بار ،
كۆپ ياش تۆككەن قىزلارنىڭ مۇھەببىتى ۋەسلى بار !
خوشە ! »
پەرىدەمۇ يېرىم ھاراق قۇيۇلغان رۇمكىنى قولىغا ئالدى .
« تەنلىرىم بولدى ياپراق كۈنۈم ئۆتتى يولۇڭدا ،
كەلمىدى سەندىن خەبەر ئازابى-مەي قولۇمدا .
خوشە ! »
جۈرئەت بايىلا لىقلاپ قويغان رۇمكىسىنى كۆتۈرۈپ :
-- كۆردۈممەن بىر قىزنى چىرايى گۈزەل ،
ئويلىدىم ۋە بەلكى تىلى بال-ھەسەل .
كۆپ ئۆتمەي كۆزۈمگە كۆرۈندى جەددال ،
بولغاچقا ئاغزى ئوت ، ئادىتى جېدەل ...
دىلبەر كەينىگە ئۇلاپلا :
-- رىشتىسىزلەر ناتونۇشتۇر گەرچە يېقىن بولسىمۇ ،
رىشتى بىر يەتكەي ۋىسالغا تاغۇ-دەريا توسسىمۇ !
«خوشە ! » دېگەن ئاۋاز بىلەن ئۈچەيلەننىڭ رۇمكىسى سوقۇلۇپ ھاراقلار لەۋنى كۆيدۈرۈپ ئۆتمەكتە ئىدى . تۇيۇقسىز دىلبەر قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى .
-- ئۆمەر ، جېنىم ئۆمەر ، سەن ... سەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندىكىن ... ياخشى كۆرگەندىكىن ماڭا دېسەڭ ... دېسەڭلا بولمامدۇ . مەن كىمتىم ؟ مەن دېگەن دىلبەر ... مەن دېگەن ...
« مەن دېگەن » نىڭ ئايىغى چىقمايلا دىلبەر ھۆ قىلىشقا باشلىدى ، كىيىملىرى بىردەمدىلا ياندۇرغان نەرسىلەر بىلەن بىزەپ بولدى . پەرىدەمۇ بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ بىراقلا ئالدىدىكى شىرەگە غاررىدە ياندۇرىۋەتتى .
ئۇلار ئازابقا تولغان «شەرقىي يېرىم شار»دىن ئايرىلىپ ، ئىشىكتىن چىقىشىغا ، چوڭ ئىشىك ئالدىدا بىر قانچە ئوتتۇرا مەكتەپنى تېخى پۈتتۈرمىگەن جەمئىيەت لالمىلىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى . دىلبەر ئىشىكنىڭ ئۈچ پەشتاقلىق چىقىش ئېغىزىدا ئازراق پۇتلىشىپ كېتىپ ئۇلارنىڭ « ئاتامان»ىغا سۈرۈلۈپ كېتىۋېدى ، قارشى تەرەپ ئۇنى قاتتىق بىرنى ئىتتىرىۋەتتى . دىلبەر بۇ ئىتتىرىلىشتە پۈتۈنلەي كونتروللۇقنى يوقىتىپ ئاسمان-زېمىن ئايلانغاندەك بولدى-دە ، مۇزلاپ كەتكەن يول ئۈستىگە يىقىلىپ بېشى قاتتىق ئۇرۇلدى .
-- ۋىيىي ماۋۇ پاسكىنىنى ، نېمە قىلماقچىتىڭ شاپاقچى جـــالاپ ؟ كىيىملىرىمگە قۇسۇق سۈركەپ يۈرىدا ، _ دېدى «ئاتامان» يەردە ياتقان دىلبەرنى تىللاپ .
جۈرئەت قىيىپ ئېلىشىۋاتقان كاللىسىنى زورىغا كونترول قىلىپ قارشى تەرەپنى ئېنىق بىر كۆرىۋالدى ۋە جان-جەھلى بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇۋالغانچە بىر ئىتتىرگەن ئىدى ، قارشى تەرەپ جۈرئەتنىڭ بۇ زور كۈچىنىڭ زەربىسىدىن ئىشىك ئالدىدىن تاكى ئاسفالىت يولغىچە سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ پالاققىدە يىقىلىپ بېشى يول قىرىدىكى بېتۇن قىرغا جاڭڭىدە تېگىپ جايىدىلا بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى .
دىلبەرنى ئاران يۆلەشتۈرۈپ ئورنىدىن تۇرغۇزىۋاتقان پەرىدە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ سەل يېشىلگەندەك بولدى ۋە جۈرئەتنىڭ قولىدىن تارتتى .
لۈكچەكلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىشىۋالاي دېگەندەك ئۇلار بىر تاكسىنى توسۇپ چىقىۋالدى ۋە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۇزاپ كەتتى . « ئاتامان » بولسا ھۇشسىز جايىدا ياتاتتى ، قورقۇپ پىتراپ كەتكەن شېرىكلەر 120 بىلەن ئالاقىلىشىپ مەيخانىنىڭ ئالدىدا قالدى .
ئۆمەر ھۇجرىسىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ ، پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېتىۋالغان ئىدى . ئۆزى بولسا تىڭشىغۇچنى قۇلاققا قىسىۋېلىپ كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە ياتاتتى . يانفۇننىڭ تىترىشى بىلەن ئۆمەر چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى . دىلبەردىن بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالغان ئىدى .
« بەلكىم بىز مۇھەببەتكە مەنسۇپ بولمىغان ئادەتتىكى دوستلۇق ھېسسىياتىنى مۇھەببەت دەپ قارىۋالغان ئوخشايمىز . مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەقىقىي چۈشىنىۋالدىم ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە سېنىڭ نادىرەنى ھەقىقىي سۆيىدىغانلىقىڭنىمۇ چۈشىنىۋالدىم . بولدى ، بىز ئەمدى بىر-بىرىمىزنى بۇنداق قىينىمايلى ، بىر-بىرىمىزگە بۇنداق زىيانكەشلىكلەرنى قىلىشمايلى . ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەشۇ ئۆزىمىز توغرا مۇئامىلە قىلالماي قالغان قىز-ئوغۇللۇق مۇناسىۋېتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولسا ، مېنىڭ تاللىشىم ، بىز بۇنداق مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرايلى . »
ئۆمەر ئۇچۇرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتى . دەل شۇ چاغدا دىلبەردىن يەنە بىرتال ئۇچۇر كەلدى .
« مەن بۈگۈن ھاراق ئىچتىم . لېكىن بۇ گەپلەرنى ھەرگىز مەستلىكتە دەۋاتقىنىم يوق . ھازىر كاللام ساق . بۇ مېنىڭ بۇرۇندىن ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلەم ئىدى . شۇنداق ، بىز بۇندىن كېيىن ، بۇرۇنقى ئەشۇ بەختلىك خۇشال ۋاقىتلاردىكىدەك دوست بولۇپ ئۆتسەك ، ئاكا-ئىنى ، ئاچا-سىڭىللاردەك ئۆتسەك ئەڭ ياخشى بولغۇدەك . بولمىسا ھېچكىممۇ بۇ زەربىلەرگە بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك . »
ئۆمەر تېلېفوننى ئېتىۋەتتى . قۇلىقىدا ئازابلىق ناخشىلار ياڭرىماقتا ئىدى .
ئەي دوستۇم ئامرىقىم قەدىرلىك يايرىم ،
مەن سېنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتالمايمەن .
ۋە لېكىن سەن مېنى ئۇنۇتقىن تېزراق ،
مەن سېنىڭ ھەسرىتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن ،
مەن سېنىڭ ھەسرىتىڭنى كۆرمىسەم دەيمەن ...
...
يوتقاننىڭ ئىچىدىن ئېسەدىگەن ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتاتتى . قاراڭغۇ تىمتاس كېچىنىڭ ئىچىدە ، ھېچكىم ، ھېچكىم بۇ ئۈزۈك -ئۈزۈك يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى . خۇددى ھۇجرا دەرىزىگە تاس-تاس قىلىپ ئۇرۇلغان ئاخىرقى بىر مەيدان قار گۈللىرىدەك ، شېۋىرغاندا ئۇياندىن بۇيانغا ئۇرۇلاتتى .
بۇ توڭلىغان زېمىن ، بۇ توڭلىغان كېچە ، قوغۇشۇن رەڭلىك ئاسماننىڭ سىرتىدىكى سانسىز يۇلتۇزلار بىلەن يىراقلاردىن كۆز قىسىشاتتىيۇ ، يەنە تېزلا ئۆتۈشۈپ كېتەتتى .
بەلكىم بۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تىنچ قىش كېچىسىدىكى ئۇيقۇسىنى بىردەم بۇزغان كىچىككىنە ۋاڭ-چۇڭ ، خۇددى زېمىستان قىشتا نالە قىلغان سەرگەردان كۈچۈكنىڭ قىسقا ھاۋشىشىدەك ، تېزلا بېسىقىپ ، يەنە چۈش قوينىغا سىڭىپ كىرىپ كېتەتتى .
( تۈگىدى )
2009-يىلى فېۋرال
بېيجىڭ
( مىسرانىم تور بېكىتى ۋە بارلىق تورداشلارغا ئاپتوردىن دوستانە سالام بىلەن يوللاندى ، كۆچۈرۈپ تارقىتىش ۋە ئۆز ئالدىغا ھەرقانداق يوسۇندا نەشىر قىلىشقا بولمايدۇ . )
[ بۇ يازما Azizan تەرپىدىن 2010-07-19 07:09 PM دە قا ]