مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1248 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4278
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 29
  ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 472 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-18
  كىرىشى: 2010-07-25

0

 بۇلغىنىش(پوۋست)



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى قىزغىن تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-26)
بۇلغىنىش
پوۋسىت
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
خىزمەتكە چىققىنىمغا ئۈچ-تۆت ئاي بولۇپ قالدى. –خىزمەت دېگەن مۇشۇكەن.-دەپ، تويۇپمۇ قالدىم. ئەمما خىزمەتداشلار ئارا ئىناق ئۆتىمىز. مەكتەپتىكى ھايات ھەرھالدا مەنىلىك. سەبى، گۆدەكلىكى كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپلا تۇرىدىغان شالتاق، كىر كېيىملەر بىلەن ئاددى ياسانغان دېھقان بالىلىرىغا، چوڭ شەھەرلەردىكى تەرەققىياتلار، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى، يۇقىرى ئىستىمال مۇھىتى قاتارلىقلار ھەققىدە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساددا ئېڭىدا ھازىرقى جەمئىيەتكە ماس بولغان بىلىمگە، بازارغا، ئېقدىسادقا نىسبەتەن دەسلەپكى قىزىقىش قوزغاش مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىشىم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭسىزمۇ نېمە قىلاي. دېسەم گەپ تولا. ئاساسى قاتلام مائارىپىنى بۇنچە جاپالىق، بۇنچە ئەھمىيەتسىز، بىھۇدە خىەتلەر دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ، بوغۇلۇپ قالغان.-دەپ پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن.

مېنىڭ خىزمەت ئورنۇم يېزا بازىرىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان بىر كەنىت باشلانغۇچ مەكتىپى ئىدى. ياتاق يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىچىدە بولۇپ، يەتتە بالا بىرگە تۇراتتۇق. ھەممىمىز تەڭ دېمەتلىك، ياش ئاۋانگارتلار ئىدۇق. مەركىزى باشلانغۇچ، مۇنداقچە ئىېيتقاندا ياتق بىلەن بازارنىڭ ئارلىقى ئاز كەم بىر كىلومېتىر كېلەتتى. مەن مەكتەپكە يېزا بازىرىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن باراتتىم.

بىركۈنى ئىشتىن كەچرەك چۈشتۇق. مەن بازارغا كېلىپ، قورسىقىمنىڭ بىر ئاز ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ياتاققا بېرىپ، يەنە تاماق يېيىش ئۈچۈن بىر كىلومېتىر يولنى قايتا بېسىپ بازارغا كېلىش ئاۋارىچىلىق ئىدى. شۇڭا، تاماق يەپ بىراقلا كېتىشنى توغرا تېپىپ، دائىم تاماق يەيدىغان ئاشخانىغا كىردىم. بىزنىڭ ئۈچۋاق تامىقىمىز سىرتتا بولغاچقا، ئاشخانىدىكىلەر بىلەن تۇققاندەك بولۇپ كەتكەنىدۇق.

مەن ئاشخانىغا كىرىپ بىر قاچا تاڭمىيەن بۇيرۇتتۇم. كۈتكۈچى:

-توك يوق، بەك ئۇزۇن ساقلاپ كېتەرسىزمىكىن. –دەپ ئەسكەرتتى.

-مەيلى، بىر ئاز ساقلىسام ھېچقىسى يوق. –دېدىم مەنمۇ تەكەللۇپ بىلەن.

بۇ يۇرتتا توك توختاش ئادەتتىكى بىر  ئىدى. كۈندە نەچچە ۋاق، نەچچە سائەتلەپ توك توختاپ كېتەتتى. ئەمما بۇنى سۈرۈشتە قىلىدىغان، ھەل قىلىدىغان كىشىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. توك يوقكەن.-دەپ، باشقا تاماق يېسەم، يەنە شۇ لەڭمەن، ياكى سومىيەن يەرمەن. .ۇنىڭدىن باشقا گاڭپەن بار، تاڭمىيەن بار. يەۋەرسەكمۇ، ئېشەك پاردىن زېرىككەندەك زېرىكىدىكەنسەن. شۇڭا بىر ئاز ساقلىساممۇ ساقلاي. دېدىم.

دېگەندەك تاماق  ناھايىتى ئۇزۇندا چىقتى. بۇچاغدا قاش قارىيىپ، گۇگۇم چۈشكەنىدى. مەن تامىقىمنى ئالدىراپ يەپ، مەكتەپكە كەلگىچە ئوبدانلا قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى. ھاۋاتۇتۇق بولسا كېرەك، ئەتراپ گۆردەك قاراڭغۇ، بەش قەدەم نېرىدىكى ئادەمنىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايتتى. چاتاق يېرى بىزنىڭ ياتاق بۈككىدە ئۈزۈم تېلىنىڭ تېگىدە بولغاچقا، بۇيەر تېخىمۇ قاراڭغۇ ئىدى. تەك بارىڭىنىڭ ئاستىغا سېلىنغان قاتار ئۆيلەر، ئامبار، ئەسكە-تۈسكى ئىسكىلاتى ۋە ياتاقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ۋىلايەت بىرتۇتاش ئالغان ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىش ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ، تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلاردىن يەتتە ئوغۇل، توققۇز قىز، ئۈچ ياتاققا ئورۇنلاشقانىدۇق. بىزنىڭ ياتاق ئەڭ چەتتە بولۇپ، قىزلار ياتىقىدىن ئۆتۈپ، ئاندىن باراتتۇق.

مەن كۆزۈمگە لىققىدە تىقىلغان قاراڭغۇلۇقتىن ھېچنەرسىنى ئىلغا قىلالماي كېتىپ باراتتىم، توساتتىن بىر نەرسىگە جاڭڭىدە سوقۇلۇپ كېتىپ، چۆچۈپ كەتتىم. ئۆزۈمنى بايقاپ، ھۇشۇمنى يىغىپ بولغىچە قۇلىقىمغا بىرىنىڭ قىررىدە چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىش مېنى بەكلا چۆچىتىۋەتتى. مەن دەرھال تېلىفۇنۇمنى يورۇتۇپ، قارىۋىدىم، خىزمەت دېشىم گۈلمىرە ئىكەن. كېچىدە داس-چىلەكلىرىنى تىزىپ قويۇپ، كىر يۇيۇشقا تەمشەلگەنىكەن. مەن ئېھتىياتسىزلقتىن ئۇنىڭغا سوقۇلۇپ، ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۆرىۋېتىپتىمەن.

گۈلمىرە نازلىق، ئەركە قىز ئىدى. كۈلكە چاقچاققا ئامراق، شوخ بولۇپ، تەڭتۈشلەرنىڭ كۆزى ئىدى.

مەن ئۇنىڭ داس-چىلەكلىرىنى تېپىپ ئۆرۈپ، ئۆزىنىمۇ ئوڭدىسىغا يىقىتىۋېتىپتىمەن. ئۇ ئاچچىقىدا توۋلاشقا باشلىدى.

-ھوي قايسى ئەبگاسەن؟ ۋاي قولۇم، قارىغۇ! ساراڭ!

-ھوي بوشراق ۋارقىرا! –دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي. –كىم سېنى بۇ كېچىدە بۇيەردە دۇكان قۇرۇپ ئولتۇر دېگەن؟  ساراڭ دېگەن ئۆزۈڭ-دە، مانا.

-ۋوي! رۇستەم دېگەن دارازا كەنسەندە. –دېدى ئۇ ئاۋازىمدىن تونۇپ.-كالىدەك بولسىمۇ پۇشۇلداپ قويساڭ بولمامدۇ؟ ئوغرىدەك تىمىسقىلاپ كەلگۈچە؟ -دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ.

-نېمە قىلىپ يۈرىسەن بۇ كېچىدە؟ نەدىن كېلىشىڭ؟ -سورىدى ئۇ.

-ئىشتىن چۈشۈپ...

-ۋايجان! –ئۇ تۇيۇقسىز ۋارقىرىۋەتتى. –ۋاي قولۇم! قاناپ كېتىپتىغۇ!

-نەرىڭ ھوي! –مەنمۇ ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم.

-مانا. –دەپ ئوڭ قولىنىڭ بېلىكىنى كۆرسەتتى ئۇ. –ۋاي ئانام! نېمانچە يوغان! –دېگەندەك ئۇنىڭ ئوڭ بېلىكىنىڭ 4-5سانتېمېتىر يېرى تىلىنىپلا كەتكەن بولۇپ، بۇلۇقلاپ چىققان قان، بارماقلىرىدىن ساقىپ چۈشىۋاتاتتى. بۇنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ يۈرىكىم پىژژىدە ئېچىشتى. يارىسى خېلى ئېغىر ئىدى.

-قولۇمنى تۆلە! مېنىڭ قولۇم! مېنىڭ قولۇم! ۋاي ئېسىت!..ھۈ!...ھۈ... –ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. ئانغىچە بۇ ۋاراڭ چۇرۇڭدىن ياتاقتىكى ھەممەيلەن چۇۋۇلۇپ چىقىپ، بىز ئورىۋېلشقانىدى. مەن خىجىللىقتا نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي پىرقىراپ كەتتىم.

-ھەي كالاكومشا! –دەپ ماڭا دومسايدى گۈلمىرە. –قولۇمنى تۆلە دېدىم! –ئۇ ياشلىق كۆزلىرىدە ئۈمچىيىپ تۇراتتى.

-رۇستەم، تۇرىسەنغۇ. ماڭ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىق. –دېدى ياتاقدېشىم ئەنۋەر مېنى نوقۇپ. –قارا، قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە ياخشى ئەمەس.

-ھە..ھە...ھە... ماقۇل! –مەن جىددىلىشىپ كەتكىنىمدىن، گەپلىرىمنىمۇ كېكەچلەپ ئاران دېدىم. –گۈلمىرە، ماڭ، دوختۇرغا چىقايلى. بول تىز!  نېمە تۇرىسەن، ماڭە. –مەن شۇنداق دەپ، ئۇنىڭ بېلىكىدىن تارتىپ ماڭدىم. باشقىلارمۇ ئۇنى مەن بىلەن دوختۇرخانىغا چىقىپ، يارىسىنى تاڭدۇرۇپ كىرىشكە دەۋەت قىلدى.

-ئېسىت قېنىم! ئېسىت قېنىم! سەن مېنىڭ نۇرغۇن قېنىمنى ئاققۇزىۋەتتىڭ. تۆلەپ بېرىسەن! -ئۇ ماڭغاچ قاخشىماقتا ئىدى.

-ۋاي ماقۇل خېنىم، ماقۇل. تېزرەك ماڭ ئەمىسە.

-ماڭالمىسام. –دېدى ئۇ ئەركىلەپ.

-يا پۇتۇڭنى تىلىۋەتمىسە، نېمىشقا ماڭالمايسەن.

-پۇتۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ.

-توۋا، بىر ئۆلۈكنى ئۈسۈۋەتتىممۇ نېمە؟ -غودۇڭشىدىم مەن.

-نېمە؟! ھوي قارغۇ تۆگە! مېنى ئۆلۈكىنى ساتتى.-دېگەن بولساڭ، ماڭ! كىرىپ كەت. دوختۇرخانىغا  ئۆزەم بارالايمەن. –ئۇ قېيداپ، دومسايدى. –كەچۈرۈم سورىشىمۇ يوق، دەۋاتقان گېپىنى.

-ۋاي چاقچاق قىلدىم. –دېدىم، ئۇنىڭ قان چىقىۋاتقان بېلىكىنى مەھكەم سىقىپ تۇرۇپ. –ئۇششۇقلۇق قىلماي، تىزرەك ماڭ. قان كۆپ چىقىىپ كەتسە بولمايدۇ.

-دېدىمغۇ، ماڭالمايۋاتىمەن. ۋايجان! –ئۇ ۋاي دەپ توۋىلاپلا، ئولتۇرۇپ قالدى.

-ئاپلا! –دېدىم مەن. تىت تىت بولۇپ. –نېمانداق قىلىدىغانسەن.

-مەنما؟ -ئۇ ھۈرپەيدى. ھەممىنى قىلغان سەن.

-ماقۇل مەن. تۇرە.

-تۇرالمىدىم. مېنى كۆتۈرگىن.

-نېمە؟ ...

-كۆتۈرۈپ ئاپار دەۋاتىمەن. بول چاققان. ۋاي ئېسىت قانلىرىم... ئۇ يالغاندىنى يىغلاشقا باشلىدى.

-ماقۇل. –دېدىم مەن ئۇنىڭ بېلىكىدىن ئۇخچۇپ چىقىۋاتقان قانغا قاراپ، ئىچىم ئېچىشىپ. –كېلە ئەمىسە. قورىقمايسەنغۇ. بوينۇمنى چىڭ تۇت.

ئۇ ماڭا قاراپ، پىسسىڭدە كۈلدى-دە، سول قولىدا ئوڭ بېلىكىنى تۇتۇپ، قولتۇقىنى كۆتۈردى. بۇ ئۇنىڭ ‹‹كۆتۈر›› دېگىنى ئىدى. مەن ئەيمىنىپ بېرىپ، ئۇنى يەردىن لىككىدە كۆتۈرىۋالدىم. ئۇ تولىمۇ يىنىك بىلىندى.

-خەق كۆرسە نېمە دەر...-دېدىم غودۇڭشىپ. قېلىن نېمىكەنسەن جۇمۇ.

-قېلىن دېگەن سەن. –دېدى ئۇ ماڭا تەتۈر قاراپ. خىجىل بولماي بىر قىزنى قۇچىقىڭغا ئېلىۋالدىڭغۇ مانا.

-ھېلى بېكار تاشلىۋېتىمەن جۇمۇ. ئازگەپ قىل.

-سۆزلەيمەن تازا... ھىم! سەنزە مېنى بوزەك قىلىمەن دېمە. تېخى دوختۇردا يېتىپ قالسام، باقىسەن جۇمۇ.

-سېنى بېقىپ يۈرىدىغان بېكار رۇستەم يوق.

-ۋاپاسىز.

-نېمە دېسەڭ دە.

دوختۇرخانا بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى يۈز مېتىرچە كېلەتتى، بىز تىزلا كېلىپ قالدۇق. مەن ئۇنى كۆتۈرگەن پېتىم، دوختۇر ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇز دۇم. دوختۇر يارىنى كۆرۈپ:

-ئاپلا، خېلى چوڭقۇر تىلىنىپ كېتىپتۇ. –دەپ، ياندىكى تېڭىق ئۆيىگە چىقىشىمىز بۇيرۇپ، ئالدىمىزدا چىقىپ كەتتى. مەن يەنە ئۇنى كۆتۈرمەكچى بولىۋىدىم، ئۇ لىككىدە ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ماڭا قاراپ، تاتلىققىنە كۈلۈپ قويۇپ، دىڭىلداپ ئالدىمدا ماڭدى.

دوختۇر ئۇنىڭ يارىسىنى دورىلاپ، تېڭىپ قويدى ۋە:

 -كۈندە بىر قېتىم تېڭىق ئالماشتۇرمىسا، يارا ئېغىزى ياللۇغلىنىپ قالىدۇ. ئەتە كەچتە يەبىر كېلىڭلار. –دەپ بىزنى يولغا سالدى.

-ھەي ساختىپەز! –دېدىم مەن سىرىتقا چىققاندىن كېيىن. –پۇتۇڭ ساقكەنغۇ! مېنى ئەخمەق قىپسەندە.

-ھاھ...ھاھ...ھاھ...، ئۇ يىقىملىق ئاۋازدا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. –مۇنداقلا سىناپ باقتىم.

-نېمىنى سىنايسەن؟ رۇستەمق ئەخمەق قىلغاننى بەك يامان كۆرىدۇ جۇمۇ! –دېدىم ياسالما ئاچچىقلاپ.

-خاپا بولمىغىنە رۇستەم، سېنى قانداق قىلىدۇ –دەپ مۇنداقلا قىلىپ باققانىدىم.

-ياخشى قىلمىدىڭ جۇمۇ گۈلمىرە. –دېدىم سەمىمى ئاۋازدا. –ئۇنداق قىلماي، كۆتۈرۈپ ئاپار! دېگەن بولساڭمۇ، مەن بەلكىم ئىككىلەنمىگەن بولاتتىم.

-راسلا خاپا بولدۇڭما. –گۈلمىرە كىچىك بالىلاردەك شۇنداق تاتلىق ئۈمچەيدى. –راستلا كەچۈرگىن رۇستەم.

-ھېچقىسى يوق. بۇنىڭدىن كېيىن دېققەت قىل.

-ماقۇل. چوقۇم. –ئۇ ماڭا سەمىمى نەزەردە كۈلۈمسىرىدى. –دوختۇردا يېتىۋالامدىكىن.-دەپ ئەنسىرىدىڭمۇ؟

-نېمە دەيدىغانسەن. ياتساڭ ياتمامسەن.

-دەيمىنا، دوختۇردا يېتىپ قالغان بولساممۇ قارا، دورا پۇلىنى ئۆزەم تۆلەيتتىم.

-ھوي نېمانداق تەمى يوق گەپ قىلىسەن!

-ھې...ھې... –سېنى قورقۇپ كەتمىسۇن دەپ، دەپ قويدۇم.

-خاتىرجەم بول. ئۇنچىلىك ئىشلارغا مەسئۇل بولغۇچىلىكىم بار. ساڭا دەپ قوياي، رۇستەم ئەزەلدىن ئۆز ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ كەلگەن. ھىم! ئاغزىڭ نېمانداق ئەسكى بىرنېمە سەن؟ تۈزىتىۋال جۇمۇ! ئەر ئالماي قالمىسۇن يەنە.

-ھاھ...ھاھ...،  تەگسەم ئالىدۇ. گېپىنى كۆرەيمۇ.

-ئالسا تېگەرسەن. تولا پو ئاتما.

-كۆرىمىز.

-كۆرىمىز. سېنى  ئالغان بىچارىنىڭ ھالىغا ۋاي.

-رۇستەم! –مېڭىشتىن توختاپ، دومسايدى. –مېنىڭ كۆڭلۈمگە كەلدى جۇمۇ. –ئۇ كۆزلىرىمگە سەمىمى تىكىلىپ تۇراتتى.

-ۋوي... چېقىشىپ دەپ قويدۇم، خاپا بولۇپ كەتمە. سەن بىلەن توي قىلغان يىگىتنىڭ بەخىتلىك بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.

-راستما رۇستەم. –ئۇ ھاياجانلانغان بولسا كېرەك، كۆزلىرى خۇمرلىشىپ كەتكەنىدى. –مەن شۇنداق ياخشىما؟

-مەن سېنى ياخشى دېدىمىدىم جۇمۇ.

-نېمە؟ -ئۇ ئاچچىقلاپ، مۈرەمگە بىرنى شاپىلاقلىدى-دە، ‹‹ۋاي!›› -دەپ، يولدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ تېڭىقلىق قولى بىلەن مېنى ئۇرغاچقا، قولى ئاغرىپ كەتكەنىدى. بىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق.

-جۈرە بولدى، ئولتۇرىۋەرمەي. مەكتەپكە بېرىپ سوقۇشايلى.

-سوقۇشساق سوقۇشتۇق. –ئۇمۇ لىككىدە تۇردى.

ئەتىسىدىن باشلاپ، ئۇ ئىشتىن كېلىشىمنى كۈتۈپ، مېنى ياتاق ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى. مېنى كۆرۈش بىلەن تەڭ، بېلىكىنى كۆرسىتىپ، نازلىنىپ، بۆلەكچىلا خۇي چىقىرىپ، ئەركىلەپ كېتەتتى. دەسلىپىدە ئۇ دوختۇرغا بېرىپ تېڭىق يەڭگۈشلىگەن بولسىمۇ، كېيىن، ‹‹ئۆزۈڭ تېڭىپ قويىسەن›› -دەپ تۇرىۋالغاچقا، مەن داكا، پىلاستېر دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى ياتاققا ئەكىلىۋالغانىدىم. ھەر قېتىم تېڭىقق يەڭگۈشلىەەندە، ئۇ ‹‹ۋاي›› ‹‹ئاھ!›› -دەپ، تىپىرلاپ، قىزىقارلىق قىلىقلارنى چىقىرىپ، مېنى كۈلدۈرۈپ، ئۆزى دومسىيىپ، ئەركىلەپ، كەچۈرۈم سورىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالاتتى. مەن ئۇنىماي چىشىغا تېگىپ، جىلە قىلاتتىم.  تېڭىق يەڭگۈشلەپ بولغاندىن كېيىن، ھەرخىل تىمىلاردا ئۇزاق پاراڭلىشاتتۇق. ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ، ئاچچىقلىتىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك. دومسىيىشلىرى، تەتۈر قارىۋېلىپ، ئادەمنى يالۋۇرتۇشلىرى، بەزىدە ئېسىدە يوق قوللىرىنى سىلكىپ، ياكى پۇلاڭلىتىپ سېلىپ، ئاغرىققا چىدىماي ۋايساپ كېتىشلىرى تولىمۇ قىزىق.

كەچتە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماققا بارىمىز. تاماق يەپ قايتقاندا بولسا خېلى كەچ كىرىپ قالاتتى. –بىردەم پاراڭلىشايلى.-دەپ، مېنى مەكتەپنىڭ خىلۋەت جايلىرىغا سۆرەيتتى. مەن بەزىدە بىرەر ئىشنى سەۋەب قىلىپ، تەلىپىگە كۆنمىسەم، قىيداپ، دومسىيىپ، ياتىقىغا كىرىپ كېتەتتى-دە، بىردەمدىن كېيىن تېلىفۇن قىلىپ، ئۆزىچە كەچۈرۈم سورايتتى. خاتالىق مەندىن ئۆتسىمۇ، ئۇ ئۆزىدىن كۆرۈپ، ئەيىبنى ئۆزىگگ قوياتتى. بۇ مۇناسىۋەتتە، مەن زومىگەر ئىدىم.

شۇنداق قىلىپ، ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئۇنىڭ قولىمۇ خېلى ساقىيىپ قالدى. تېڭىق يەڭگۈشلەش ۋەزىپەممۇ ئاخىرلاشتى. ئەمما بۇ جەرياندا مەن گۈلمىرە بىلەن خېلى ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بەزى زېرىكىپ قالغان ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، سوقۇشقۇم كېلىدىغان، گەپلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيىتقۇم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم.

بىر كۈنى كەچتە، ياتاقتا يۇرتلىقىم ئەنۋەر بىلەن يالغۇز قالدۇق.

-گۈلمىرە بىلەن يۈرىۋاتامسەن؟ -دەپ سورىدى ئۇ ماڭا بىرتال تاماكا تەڭلەپ. مەن ئويلاپمۇ باقمىغان بىر گەپنى قىلىپ.

-ياق! –دېدىم مەن ئالدىراپلا. –قانداق دەيسەن؟

-نېمانچە چۆچۈيسە؟ -دېدى ئۇ غەلىتە كۈلۈپ. –چۆچىگۈدەك ئىش ئەمەسقۇ بۇ.

-چۆچۈيمەندە. ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدا باشقا مۇناسىۋەت بولمىسا، نەدىن تاپتىڭ بۇ گەپنى.

-مەن تاپمىدىم. ئۇنچە يۇشۇرۇپ نېمە قىلىسەن. ھەممەيلەن بىلىپ بولدى. قىزبالا يۇشۇرماي، دەۋاتقان يەردە...-غودۇڭشىدى ئۇ. –سەن ياكىچىك بالا بولمىساڭ.

-راستىنلا ئۇنداق ئىش يوق تۇرسا.

-بولدى، بولدى. سېنىزە... –ئۇ تاماكىسىنى بىرنەچچە شوراپ، تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ، گېپىنى داۋاملاشتۇردى. –ئەمما بۇرادەر، بۇ ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلانغانسەن بەلكىم. بىراق ماڭا بولسىمۇ بىر مەسلىھەت قىلماپسىلەر.

-بۇ...-مەن راستىنلا ھودۇقۇپ قالدىم

-بولدى.  بۇنى قوي. –ئۇ ئورنىدىن تۇردى. –تاماققا بارامسەن؟

-ياق، باياتىن گۈلمىرە بىلەن تاماق يەپ كەلدۇق.

-مەن تاماق يەپ كېلەي ئەمسە. –ئەنۋەر شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى. مەن قولۇمدىكى تاماكىنىمۇ ئۇنتۇپ، ئويلىنىپ قالدىم.

ئەمدى بۇ نېمە گەپ؟ گۈلمىرەغۇ چىرايلىق، ئوچۇق، نازاكەتلىك، ئوماق بىر قىز. ئەمما ئۇ مەن ياقتۇرىدىغان قىزلار كاتىگۇرىيىسىگە كىرمەيدۇ. يەنە كېلىپ مەن بۇيەرگە كېلىپلا ئۇ ھەققىدە خېلى كۆپ ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلىغان. ئېھتىياتسىزلىقتىن يارلاندۇرۇپ قويغان باھانە بولدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە كۈن بىللە تاماق يەپ، ئانچە مۇنچە مۇڭدىشىپ قالدۇق. ئەمما بۇ ئىشلار مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرىۋاتقانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدىغاندۇ؟ يەنە كېلىپ يۈرىكى يارا، باغرى قان ئادەم مەن، بىرەرىگە بېرىدىغان كۆڭۈل ھازىرچە مەندە يوق. ئاددىسى ئەنۋەرمۇ ماڭا گۈلمىرەنىڭ غەيرى پائالىيەتلىرى، ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلىرى، ۋە ياتاقدېشىمىز مۇرات بىلەن بولغان بەزى قىلىقسىزلىقلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇنداق تۇرۇپ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىشىم مۇمكىن ئەمەستە. ئويلىمىغان يەردىن سەۋزىدىن خەۋەر يوق، گۈرۈچ دەم يەپ يۈردىمۇ نېمە؟

شۇ كۈنى كەچتە گۈلمىرە تېلىفۇن قىلىپ، مەن بىلەن بىردەم پاراڭلاشقۇسىنىڭ بارلىقىنى، سىرتقا چىقىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئارسالدىلىقتا ئۇنىڭ يېنىغا چىقتىم.

بىزنىڭ ياتاق مەكتەپنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپلا، سولغا ئەگىلىدىغان تال بارىڭىنىڭ ئاستىدا ئىدى. مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىشىمىزگە ئۇدۇل ۋاسكىتبول مەيدانىغا ئېلىپ بارىدىغان كەڭ ھەم ئۇزۇن ئۈزۈم كارىدورى بار ئىدى. ئۈزۈم كارىدورىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوڭ تەرىپى ئوقۇتۇش رايۇنىغا، سول تەرىپى مەتەپ مەمۇرىيەت بىناسىغا ئېلىپ بارىدىغان تارماق تەك باراڭلىرى بار ئىدى. ۋاسكىتبول مەيدانىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، داۋاملىق شىمالغا ماڭساق، ينىك ئاتلىتكامەيدانى، ۋە گىمناستىكا مەيدانىغا بارغىلى بولاتتى. يىنىك ئاتلىتمەيدانىنىڭ شىمالى تەرىپىدە ھەيۋەتلىك رەئىس سەھنىسى يەردىن بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىگە يامىشىدىغان پەلەمپەيلەرگە ئاق چاق-چۇق يېيىتىلغان بولۇپ، بۇجاي گۈلمىرە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان ئورنىمىز ئىدى.

بىز يەنە ئىختىيارسىزلا شۇ يەرگە كېلىپ قالدۇق.

شۇتاپتا مېنىڭ تۇيغۇم بەكلا مۈجمەل ئىدى. مەن خۇشالمۇ؟ ياكى خاپىمۇ؟ بۇنى ئۆزۈممۇ ئىلغىيالمىدىم. ئەمما بىر تەرەپ يادىمدا. ئەنۋەرنىڭ پەلىپەتىش گەپلىرى، كۆڭۈلسىز كەچمىشلىرىمنى يادىمغا سېلىپ قويغاچقا، ئىچىم پۇشۇپ قالغانىدى.

ئەتراپ شۇنچىلىك جىمجىت. يىراقتىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان، بۆدۆنىلەرنىڭ ئۈزۈپ-ئۈزۈپ ۋىتىلدىغان، چېكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىغان، پاقىلارنىڭ كۇرۇلدىغان ئاۋازلىرى قوشۇلۇپ، تەببىئەتنىڭ جىمى مۇڭلۇق كۈيلىرىنى جەم قىلغاندەك، ئازادىچىلىك ۋە مۇڭلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغانىدى. ئايسىز پاكىزە ئاسمانغا تەرتىپسىز چېچىلىپ كەتكەن ساناقسىز يۇلتۇزلار بىر-بىرىگە كۆز قىسىشىۋاتقاندەك، نېمىلەرنىدۇر دېيىشىپ پىچىرلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھاۋامۇ شۇنچە سالقىن. ھالبوكى، يارقىن سەھرا كېچىسى كىشىگە تولىمۇ شىرىن ۋە لەزىز تۇيغۇلارنى ئىنئام قىلىدىغان تەبىئەتنىڭ نەپىس سوۋغىسى.

ئەمما مەن ئەتراپتىكى بۇ تىۋىشلارغا قانچە زەن سالغانسىرىم، كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، ئىچىمنى مۇڭ قاپلاپ، كەچمىشلەر قاينىمىدىكى كۆڭۈلسىز ئەستىلىكلەر دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ، ئۆزۈمنى مۇشۇ چەكسىز كائىناتتا يەككە-يىگانە قالغاندەك، ئىتلارنىڭ، پاقىلارنىڭ، چېكەتكىلەرنىڭ، تېخى باياتىنلا ئوسۇرۇپ ھاڭرىغان ئېشەك، ۋە يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ، يۇلتۇزلارنىڭ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك ئۆز ئىشى بىلەن بەنىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مۇڭلىنىپ قالدىم. يېنىمدا مېنى قويۇپ بەرسىلا، پارتتىدە قېچىپ كېتىدىغاندەك، مەھكەم قولتۇقلاپ ئولتۇرغان بىر گۈزەل بار. گۈلمىرەگە قاراپ، ىيالغۇز ئەمەسكەنمەن. –دېدىم. ئەمما گۈلمىرە كىم؟ رۇستەم كىم؟ روھىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. خۇددى قېرىپ ئۆلەي دەپ قالغان قېرى دىۋانىنىڭ خورجۇنىدەك... خىياللىرىم شۇنچە چىگىش، شۇنچە مۇجمەل. خۇددى ئانام چۇۋۇپ قويۇپ ئىشلەتمەي، چىگىلىشىپ كەتكەن پوپايكا يىپىدەك...

-رۇستەم، نېمە بولدۇڭ؟ بەك جىمغۇرغۇ سەن بۈگۈن؟ - ئۇنىڭ كۆيۈنۈش بىلەن سورىغان سۇئالى تېتىقسىز خىياللىرىمنى بۆلدى.

-ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟

-بىلمىدىم. كەيپىياتىم بەك تۆۋەن تۇرىدۇ.

-نېمىشقا ئەمدى؟ مەن يېنىڭدا تۇرسام. –ئۇنىڭ ئەركىلەپ ئېيتقان مۇھەببەتلىك گېپى، مېنى تېخىمۇ بىئارام قىلىۋەتتى. نېمىشقا مەن مەن سۆيمەيدىغان بىراۋ ماڭا مۇشۇنداق كۆيۈنىدۇ. ئۇ نېمە دېگەن بىچارە. –ئۇ قوللىرىمنى تۇتتى. –ئويلىغانلىرىڭنى دېگىنە، ئىچىڭ بوشاپ قالىدۇ.

-بولدى سورىما. نېمىمۇ دەرمەن.

-نېمە ئويلىغان بولساڭ شۇنىي دېمەمسەن رۇستەم. بۈگۈن راستىنلا باشقىچە بولۇپ قاپسەنغۇ؟

-تاڭەي.... –مەن بىرتال تاماكا تۇتاشتۇرناقچى بولۇپ تۇرسام، گۈلمىرە كاپلا قىلىپ، ئاغزىمدىكى تاكىنى تارتىۋالدى.

-رۇستەم، ساڭا مۇشۇ ئىش پەقەتلا ياراشمايدىكەن. بىر چىرايلىق يىگىت بۇنداق سەت ئىشنى قىلسا قانداق بولىدۇ. چەكمىگىنە. –ئۇ شۇنداق دەپ، تاماكا تۇتقان قوللىرىنى كەينىگە يۇشۇردى.

-ئۇنداق قىلما، ئەكەل تاماكىنى. قىز بالا دېگەن تاماكا تۇتمايدىغان.

-ئەمسە چەكمەيسەن.

مېنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى. گەپ قىلماي يەنە بىر تال تاماكا ئېلىپ تۇتاشتۇررۇپ نەچچىنى شوراپ، بۇرۇنلىرىمدىن ئىس چىقىرىپ، ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.

-توۋا.  مۇشۇ ئاچچىق تۈتۈنگە نېمە ئانچە قىلىدىغانسەن. –دېدى ئۇ خاپا بولۇپ.

-سەن بۇنى ھېس قىلالمايسەن. ھەم بىلمەيسەن.

-دەپ بەرسەڭ بىلەتتىم. –گۈلمىرەنىڭ ھەركەتلىرى ئوماق ئىدى.

-ھەي... ئۇ گەپلەرنى دېگۈم يوق. ئەسلىگۈممۇ يوق.

-دەپ بەرگىنە رۇستەم. مەن خوش بۇلاي. –گۈلمىرە قوللىرىمنى يۇمشاق ئالقانلىرىغا ئېلىپ، نازلىنىپ يالۋۇردى. –مېنىڭ بارغۇ بەكلا بىلگۈم بار. باشقىلار سېنى بەك مۇرەككەپ، بەئەينى بىر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ. دەيدۇ.

-سەنمۇ شۇنداق قارامسەن.

-بىرئاز. ئەمما مەن سېنىڭ بېشىڭدىن كۆپ ئىسسىق سوغۇقنىڭ ئۆتكەنلىكىنى، ككپ دەرت-ئەلەملەرنى تارتقانلىقىڭنى ھېس قىلالايمەن.

-قانداقسىگە بىنداق كېسىپلا ئېيتىسەن؟ -دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە قىزىقىپ.

-چۈنكى چىرايلىق كۆزلىرىڭنىڭ ئىچىگە قارىسام، دائىم بىر ئازاپنىڭ شولىسىنى كۆرۈپ قالىمەن. ھەتتا كۈلگەن ۋاقتىڭدىمۇ.

-ھاھ...ھاھ...ھا... –مەن ياسالمىلىق بىلەن كۈلدۈم. –ئەجەپ دېدىڭا بۇگەپنى. خۇددى يازغۇچىدەك. ئەمەلىيەتتە مەن بىرىنچى يىللىقنىڭ ماتىماتىكىسىدەك ناھايىتى ئاددى بىر بەندىمەن.

-شۇنداقمۇ؟ ماڭا قارا. –دېدى گۈلمىرە، ئالدىمغىراق سۈرۈلۈپ. –ساڭا دېسەم، بىرىنچى يىللىقنىڭ ماتېماتىكىسى ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن شۇنچە ئاسان، ئاددى. چۈنكى ئۇ ھەممىنى بىلىدۇ. لېكىن بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئەڭ قىيىن.

-قانداق دەيسەن؟ -سورىدىم ئۇنىڭ قويغان داۋلىسىغا قايىل بولۇپ.

-سەن بولساڭ ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايسەن، مەن بولسام بىرىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسىمەن. ماڭا ئاشۇ بىرىنچى يىللىقنىڭ ماتىماتىكىسىغا ئوخشايدىغان ھەم شۇنچە ئاددى، ھەم شۇنچە مۇرەككەپ رۇستەمنى چۈشەندۈرۈپ قوي.

-زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

-مەن ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. –ئۇ چەكسىز ئۈمۈدۋارلىق بىلەن كۆزلىرىمگە تىكىلدى. مېنىڭ ئۆز خائىشىم بىلەنلا ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى غۇبارسىز خۇشاللىقىنى بۇزىۋېتىشىمگە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى. خۇشال بولالايدىغانلار كۈلمىسۇنمۇ؟ نەچچە يىل بولدى، ئىچىمدىن ئېچىلىپ بىر كۈلگىنىمنى بىلمەيمەن. مانا ئالدىمدا شۇنچە غەمسىز، شۇنچە بەختىيار كۆزلەر، شۇنچە ئەركىن، شۇنچە بىغۇبار ھەقىقى بىر دەستە كۈلكە تۇتقان پەرىزاتتەك بىر قىز تەلمۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئۆزۈڭ كۈلەلمىسەڭمۇ، بىراۋنى كۈلدرۈش، خۇشال قىلىش ياخشى پەزىلەتقۇ؟

-بوپتۇ، ساڭا كەچمىشلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي، ئىچىم بوشاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. ھازىرغىچە بىرەرىگە تىنماي، ئىچىمدە ساقلاپ كەلدىم. بۇنداق قىينىلىپ يۈرۈشمۇ ياخشى ئەمەس.

-ئەمدى دۇرۇس گەپ قىلدىڭ رۇستەم. قېنى قۇلىقىم سەندە. –دېدى گۈلمىرەمۇ مېنى قۇۋۋەتلەپ. مەن بىرتال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، نەچچىنى شورىغاندىن كېيىن، گېپىمنى باشلىدىم.

 داۋامى بار.

مەنبە: قەلىمىم.

-سىز كۆرۋاتقان تىما بۇلغىنىش(پوۋست),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(padixah) ياخشى تىما&nbs ..
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى قىزغىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-19, 08:55

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 474
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ئۆسۈش: 4.7%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 47
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 257 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 21(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-25

    داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللامسىز ياكى تېمىنى تەھرىرلەپ كەينىگە ئۇلاپ يازامسىز؟
    خەلقنى سەن يېتەكلە، بولمىسا نادانلار يېتەكلەپ كېتىدۇ.
    تەقدىر ، قولۇڭنى چىڭ تۇتىۋالايچۇ!!!

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 49
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
    ئۆسۈش: 3.04%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 152
      ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1370 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 586(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-20
      كىرىشى: 2010-07-25

    بۇ پوۋستنى ئوقۇپ مەكتەپتىكى بىر ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ قالدى....ئاخىرىغا تەقەززا، تېزراق يوللارسىز ئەزىز...
    مەغلۇبىيەت- بىرگە،ئۆزۈڭنى قايتىدىن يارىتىشىڭدىن،يەنە بىرگە ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولىشىڭدىن  دېرەك بېرىدۇ....

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3323
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ئۆسۈش: 2.9%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 29
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 595 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 165(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-04
      كىرىشى: 2010-07-24

    ياخشىكەن داۋامىغا تەشنامىز!!!!
    A man  , tells you the story about love

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە539دانە
    ئۆسۈش: 3.85%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 539
      ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 389(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-07-25

    ئالدىنقى بەتتىن قەۋەتنىڭ قىممىتىدىن بىرنى ئىگىلىمىسەم بولمىدى ، تىمىغا لايىق ئىنكاس چۈشىدۇ دەپ پىلانلاۋاتىمىز .
    everything is ok ,  don't try to ask me about anything, because the man who told you right will be back after this night

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 4278
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ئۆسۈش: 2.9%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 29
      ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 472 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 1(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-18
      كىرىشى: 2010-07-25

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ئۈزۈمچى كە 2010-07-19 05:11 PMئەۋەتىلدى :
    داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يوللامسىز ياكى تېمىنى تەھرىرلەپ كەينىگە ئۇلاپ يازامسىز؟

    داۋامىنى يېڭى تىما شەكلىەدە يوللايمىكىن دەيمەن. سىزنىڭچە ياخشى بولارمۇ؟ يول كۆرسىتەرسىز.....
    ظأزىڭىزگە ظىشنىڭ !

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2587
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
    ئۆسۈش: 2.7%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 27
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 593 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 264(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-13
      كىرىشى: 2010-07-23

    يەنە  شؤ  داإامى يوق ظەسەر ...ەەي !~تؤللؤق ظوقوپ بولغاندا بىراقلا ظىنكاس يازاي جؤمذ !~بولسا تىزراق يوللىإىتەرسىز ...........
    غەلبە تىرشچانلارغا مەنسۇپ !

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1679
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە210دانە
    ئۆسۈش: 2.63%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 210
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1136 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 356(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-31
      كىرىشى: 2010-07-26

    داۋامىنى ئوقوپ بولغاندا بىراقلا ئىنكاس يازاي
    شامدەك يېنىپ تۇرمەن
    A man  , tells you the story about love

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە539دانە
    ئۆسۈش: 3.85%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 539
      ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 3501 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 389(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-30
      كىرىشى: 2010-07-25

    داۋامىنى ئىنكاس شەكلىدە يازسىڭىز بولارمىكىن ؟ پات-پات ئىلگىرىلەپ تۇرىدۇ ، بىزمۇ ئوقۇپ بولۇپ ئىنكاس يېزىپ تۇرىمىز . ئايرىم تىما قىلسىڭىز ، بېشىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئىش چىقارمىكىن . مەنمۇ بىر پوۋېستنى شۇنداق ئىنكاستا يېزىپ تۈگەتكەن .
    everything is ok ,  don't try to ask me about anything, because the man who told you right will be back after this night
    سەرگەردان

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە251دانە
    ئۆسۈش: 3.14%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 251
      ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1619 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 88(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-27
      كىرىشى: 2010-07-25

    داۋامىغا  ئىنتىزارمەن.
    رۇستەم ، دادا  بۇلۇپ  قالدىغاندەك قىلدىيا...
    دۇنيادا ئەسكى ئادەم  يوق ، ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ!

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 474
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ئۆسۈش: 4.7%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 47
      ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 257 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 21(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-25

    مېنىڭچە ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز ياخشىراق. تەھرىرلەپ يوللىسىڭىز ۋۇييييييييۇ نىمانداق جىقتۇ؟ دەپ تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇسى كەلمەي قالارمىكىن. . .
    خەلقنى سەن يېتەكلە، بولمىسا نادانلار يېتەكلەپ كېتىدۇ.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «123»Pages: 1/3     Go