مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 554 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تىما : سىڭلىم، مېنى كەچۈرگىن!

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4278
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 29
  ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 472 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-18
  كىرىشى: 2010-07-25

0

 سىڭلىم، مېنى كەچۈرگىن!



سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن
ھېكايە
پەرھات تۇرسۇن شەيدايى

كەچكۈز پەسلى. تېرەكلەرنىڭ ئاخىرقى يۇپۇرماقلىرى سوغۇق شامالدا دىر-دىر تىتىرىشىپ، يەرگە چۈشۈشكە رايى يوقتەك بېغىغا مەھكەم يېپىشىشقا كۈچەيتتى. ئۆگزىلەرگە قىڭغىر-قىيسىق يۆلەنگەن پاسارلارغا، كېۋەز شادىلىرىغا، جىگدە شۇمبىلىرىغا قونىۋېلىپ چۇرۇقلىشىۋاتقان ئاق قۇشقاچلار نەچچە يېرىدىن ياماق سېلىنغان كونا ئۆتۈكىنى سۆرەپ، ئەسكى چاپاننىڭ يەڭلىرىگە قولىنى مىقتاپ تىقىپ، ئۇيەر-بۇيېرىنى كۈيە يەپ ئاقلاپ قويغان تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ، داۋانغا يامىشىۋاتقان ئەبجەخ يۈك ماشىنىسىدەك ئېغىر پۇشۇلداپ كېتىپ بارغان مەمتىمىن ئاخۇننىڭ دەرت ئەلىمىدىن بىخەۋەر مەھەللىدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەنىدى. قىزىرىپ پىشقان توقاچتەك تاۋلانغان قۇياش مەڭزىنى قىرارتىپ كۈلۈپ تۇرغان شەرقى ئۇپۇقتىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. جۆيلۈپ قالغان خورازلار قىسقا چىللاپ، قوناققا تويۇنغان ھاڭگىلار ئوسۇرۇپ ھاڭراپ، موزايلار زىل مۆرەپ، ئورۇق ساغلىقلار ئالجوقا مەرەپ، تېخى ئويغانمىغان لالمىلارنى ھاۋشىتىۋېتەتتى. مەكتەپكە ماڭغان بالىلار مەمتىمىناخۇننىڭ نېمىشقا ھەركۈنى مۇشۇنداق كالاپشىپ نەلەرگىدۇر كېتىپ، مەكتەپتىن قويىۋېتىشى بىلەن تەڭ يەنە نەلەردىندۇر سۆرىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئاتا-ئانىلىرىدىن سورىشاتتى. كەچقۇرۇن مەمتىمىناخۇن مەھەللىگە كىرگەندە مويسىپىتلەر ياقىلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشاتتى.
مەمتىمىناخۇن بۈگۈنمۇ ئەتىگەندە تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ، چىقىپ كەتتى. سۇپىدا ئاغزىنى ئېچىپ ياتقان خەمىت دادىسىنىڭ كەينىدىن مۆلدۈرلەپ قاراپ قېلىپ قالدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ تارتىۋاتقان جاپاسىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇنى يىنىكلىتىشكە ئامالسىز ئىدى. –دادا! مەندىن رازى بول! –دېگۈسى كېلەتتى. دېيەلمەيتتى. ئۇ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدى. ئەمما ئۆلەلمەيتتى. ئاھ خۇدا! بەندەڭنى مۇشۇنداقمۇ بىقۇل بىچارە قىلغىنىڭ بارمۇ؟...
خەمىت تامغا قاراپ بۇ بىر يېرىم يىل مابەينىدە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئەسلەپ باغرى خۇن بولدى. -مېھرى، جېنىم سىڭلىم! نەدەسەن؟ -دەپ ئاھ ئۇردى. سىڭلىسى مېھرىگۈلنىڭ گۈزەل سىماسى، ئۇنىڭغا ئەركىلەپ سۇۋۇنۇشلىرى، كۆكۋاش پىشۇرۇپ تىقىپ قويۇپ، كەچلىرى يۇشۇرۇن تۇتقۇزۇپ قويۇشلىرى، كىرلەشكەن كېيىملىرىنى يۇيۇپ، چوغ دەزمالدا دەزماللاپ چىرايلىق قاتلاپ ئېلىپ قويۇشلىرى... ئاھ خۇدا!!!... ئۇ تېخى ئېچىلمىغان غۇنچە ئىدىغۇ! ئاھ خۇدا ئۇ تېخى بالىلىقى كەتمىگە مەسۈم ئىدىغۇ!...
خەمىتنىڭ كۆزياشلىرى يۈز، بۇيۇنلىرىنى بويلاپ ياستۇق ۋە كۆرپىلەرنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. 27 ياشقا كىرگەن ئېيىقتەك بەسىتلىك كۈچتۈڭگۈر بۇ يىگىت مانا بىر يېرىم يىلدىن بېرى ئۇ يانغا ئۆرۈپ قويسا بۇ يانغا ئۆرىلەلمەي، تەرىتىنىمۇ دېيەلمەي كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ياتىدۇ. مېھرىگۈل بىلەن رۇستەم بىر چىقىپ كەتكەنچە ھېچقانداق خەت-خەۋىرى يوق سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقلا بولدى. بىچارە دادا نىمجان ئوغلىنىڭ قورسىقىنى، دورا پۇللىرىنى غەملىيەلمەي نەلەردە نېمە كويلاردا دىۋانە....؟
          *                 *                   *
نادىر سوجاڭنىڭ يىراق-يېقىندا نامى بار ھەشەمەتلىك بېغى بۈگۈن كارامەت قىزىغانىدى. سوجاڭنىڭ ئوغلى ئەركىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىنىڭ شەرىپىگە ھازىرلىغان كاتتا سورۇن ئاياقلىشاي دېگەنىدى. باغ 20مۇ كۆلەمدىكى تىكتۆتبۇلۇڭلۇق بىر تاختا يەر بولۇپ ئوتتۇرىسىدا بىرمودىن ئارتۇق كېلىدىغان بىر كۆل بارئىدى. كۆلنىڭ شەرىق، شىمال، غەرىب، جەنۇب تەرەپلىرىدىن باغنىڭ تۆت ئىھاتىسىگە ئېلىپ بارىدىغان تۆت تارام ئۈزۈم كارىدورى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئىككى مېتىر كەڭلىكتە يول چىقىرىلغانىدى. ئۈزۈم كارىدورلىرىنىڭ بۆلىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت تاختا يەرگە ھەرخىل ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما، نەشپۈت، گىلاس، پورتخان، كۆك سۇلتان، سۇلتان سوخىنەك، قارىئۆرۈك، بېھى، بادام، ھېلىلە قاتارلىق ئېسىل مېۋە كۆچەتلىرى گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان بولۇپ باغنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆت تۈپ يوغان ياڭاق دەرىخى بارئىدى. باغنىڭ قورو تېمى تېخى بۇلتۇرلار يېڭىدىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، تامنى بويلىتىپ نادىر ئەتىرگۈللەر يېتىشتۈرۈلەنىدى. باغنىڭ كىرىش ئىشىكى شەرىق تەرەپت بولۇپ ئۈزۈم كارىدورىدىن ئۇدۇل كۆلگە، كۆلدىن ئايلىنىپ كۆتۈرمە قىلىپ سېلىنغان، ئەتراپى قىيما شادىلاربىلەن توسۇلغان ئۈستى تاشپاختا قاتمىسى بىلەن يېپىلىپ شىمال جەنۇب ئىككى تەرەپتىن ياغاچ پەلەمپەي ئارقىلىق چىقىپ چۈشۈشكە بولىدىغان مېھمان كۈتۈش سۇپىسىغا بارغىلى بولاتتى. مېھمان كۈتۈش سۇپىسىنىڭ كەينىدە تاماق تاييارلايدىغان ئاشخانىسى بارئىدى. كۆلگە سوقۇنۇپ ياسالغان نەچچە يۈرۈش تاختا سۇپىلارمۇ كۆل بويىدىكى چوڭ سۇپىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسقىسى بولۇپ، كۆلگە قارايدىغان تەرىپى پەردىلەنگەن، بۇ يەردىن كۆلگە قارماق تاشلاپ بىلىق تۇتۇشقا بولاتتى. نادىر سوجاڭ باغنىڭ مېۋىلىرىدىنلا يىلىغا 30~40مىڭ يۈەن كىرىم قىلغاندىن سىرت، يىراق يېقىندىن كېلىدىغان تۈرلۈك مېھمانلار، ساياھەتچىلەرنىڭ چونتىكىدىنمۇ يىلىغا بىرەر يۈزمىڭ يۈەن پۇلنى سالدۇرىۋالاتتى. ناھىيىنىڭ ھاكىمى، ۋىلايەتنىڭ ۋالىلىرىمۇ ئېسىل مېھمانلىرىنى نادىر سوجاڭنىڭ بېغىغا ئەكىلىپ مېھمان قىلىشاتتى. نادىر سوجاڭمۇ بۇنداق چاغلاردا ئالدى-كەينىگە قاراپ ئولتۇرماي داستىخاننى نازۇنېمەتلەرگە ككمۈۋېتەتتى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نازارەتلەردىن كېلىدىغان كاتتا ئەمەلدارلار بۇ سېخىلىقتىن تولىمۇ مەمنۇن بولاتتى-دە، ناھىيە ۋە ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ياخشى باھا بېرىپ قايتىشاتتى. شۇ سەۋەبلىك ناھىيەدىكىلا ئەمەس ۋىلايەتتىكى ھەممە ئىدارە ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نادىر سوجاڭنىڭ يۈزى يورۇق، دېگىنى دېگەن بولاتتى. ئۆزى گەرچە بىر يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ، يىراق-يېقىندىن ئۇنى ئارىغا سېلىپ ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدە ئىش بىجىرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.
ئەركىن نادىر سوجاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، شىنجاڭ قاتناش مەكتىپىنى مىڭ تەستە پۈتتۈرۈپ قىلغىلى ئىش يوق نەچچەيىل لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن، سوجاڭ يۇقىرى-تۆۋەن يول مېڭىپ ئاخىرى يېزىلىق ساقچىخانىغا ئورۇنلاشتۇرىۋالغانىدى.
-ئاغىنىلەر! –دەپ كاركىرىدى چالامەست بولۇپ قالغان ئەركىن، رومكىنى كۆتۈرۈپ. –كۈنمۇ كەچ بولۇپ قالدى. بۈگۈن ئاغىنەم رۇسلان بىلەن غەيۇرنىڭ قەدىمى بۇ يەرگە يەتكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. سورۇنىمىزنىڭ ئاخىرىنى شەھەردە چۈشۈرسەك قانداق؟ پاختەكلىرى جىق يۇرت بۇ. قانداق رايىڭلار باردۇ؟ -ئۇ رۇسلان بىلەن غەيۇرغا قاراپ ھېجايدى.
-يەرلىك قۇشقاچلىرىڭ يوقمۇ ئاداش؟ -رۇسلان سوزۇنچاق يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھېجايدى. سورۇننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان بىرنەچچەيلەن تېتىقسىز كۈلكىلىرىنى تۆكتى.
-دەپقاپسەن ئاغىنە، ئۇمۇ بار. ئۇنداقتا، مىجىت، سەن ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭ ئورنۇمدا كۈتكەچ تۇر، مەن چىقىپ قۇچقاچ تۇتۇپ كىرەي. –دېدى ئەركىن يېنىدىلا سوڭدىشىپ ئولتۇرغان قاراماتاق پاكار دىقماق كەلگەن پور كۆتەكنىڭ دولىنى شاپاللاپ.
-نېمە دەيسەنوي... –دەپ چاچراپ تۇردى مىجىت. –مەن تۇرسام سەن نەگە؟
-ئاغىنىلىرىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى سەن بىلەمتىڭ؟ -ئەركىن يۇمىلاق ئالابوز چىرايىنى سەپكۈن باسقان غەيۇربىلەن ئورۇق سوزۇنچاق يۈزىگە بۇرنى پەقەتلا ياراشماي بىر تەرەپكە قىيسىيىپ تۇرغان، ئورا كۆز رۇسلانغا قارىدى. –قانداق دېدىم ئاغىنىلەر. مەن چىقىپ كىرەي-ھە.
-ھېلىقىدىن باردۇ؟ -غەيۇر كۆك كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ باش مالتىقىدا بېگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ ئەركىنگە قارىدى.
-مىجىت! ساڭىمۇ قىلىدىغان ئىش چىقتى. بول، ئىشخانىغا بىر بېرىپ كەل. ماۋۇ تاتمىنىڭ ئاچقۇچى.
-ماقۇل ئاكا، بىر دەمدىلا كېلىمەن.
بۇ دەمدە كەنتە مەسچىتىنىڭ مەئزىنى چىقىراپ ناماز شامغا ئەزان تولىدى. ئالدىراپ كەشىنى كېيىۋاتقان مىجىت ۋە باشقا ئالا-جوقا چۇرقىرىشىۋاتقانلار بىردەقىقە چىپپىدە توختاپ قېلىشتى-دە، بىر-بىرىگە قارىشىپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى.
مىجىت ئەركىننىڭ ئىشخانىسىغا نەشىگە، ئەركىننىڭ يەنە بىرنەچچە ئاغىنىسى رۇسلان بىلەن غەيۇرنى يۆلەشتۈرۈپ دېگەندەك ئەدەپكە ماڭدى. ئەركىن ئاقلىدەك قالايمىقان چېچىلىپ بەزىسى ئۆرە بەزىسى يېنى يېتىپ مەسىت بولۇپ قالغان پىۋا بوتۇلكىرىغا پۇتلاشقاچ سۇپىدىن پەسكە چۈشۈپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەگىدۇر كېتىپ قالدى.
داۋامى بارمەنبە :قاشتېشى مۇنبىرى ئۆز تېكىن يوللانمىسى.
-سىز كۆرۋاتقان تىما سىڭلىم، مېنى كەچۈرگىن!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى sahraogli تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-19, 09:05

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 474
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 47
  ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 257 سوم
  تۆھپىسى: 5 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 21(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-07-25

تولۇق يازمىسى بار بولسا بىراقلا يوللىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟
خەلقنى سەن يېتەكلە، بولمىسا نادانلار يېتەكلەپ كېتىدۇ.
سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1382
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە150دانە
ئۆسۈش: 3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 150
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 980 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-07-25

  داۋامىنى ساقلايمەن  ئەمسە
سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!
مېنى بىللە ئېلىپ كەت ، شامال ...

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 945
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە
ئۆسۈش: 1.78%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 142
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1872 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 309(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-07-26

تولۇقى بىلەن يوللانسا ياخشى بولماسمىدى ؟ مەقسەت ئىنكاس يىغىش بولمىغاندىكىن ...

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2356
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 27
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 587 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 28(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-09
  كىرىشى: 2010-07-25

داۋامىنى مۇشۇ يەرگىلا يوللىماي ئەمدى نەدىن تاپىدىغان گەپ داۋامىنى
قەدرىڭنى  بىل ، قەدىرىنى  قىل !

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 532
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 27
  ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 608 سوم
  تۆھپىسى: 6 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 12(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-07-26

مەن  ئاۋال  ئورۇن  ئېلىپ  قويغاچ  تۇراي ~داۋامى  پۈتكەندە  بىراقلا  ئوقاي    

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4278
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 29
  ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 472 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-18
  كىرىشى: 2010-07-25

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت ئۈزۈمچى كە 2010-07-19 05:17 PMئەۋەتىلدى :
تولۇق يازمىسى بار بولسا بىراقلا يوللىۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟

ھەي بەندىلەر،  يېزىۋاتىمەن... يېزىۋاتىمەن... مەقسەت ئىنكاس يىغىشمۇ ئەمەس بولمىسا.... كەچۈرۈڭلار... تېزرەك تاماملاشقا تىرىشىمەن....

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە98دانە
ئۆسۈش: 1.96%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 98
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 846 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 289(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-07-26

تىزراق ئاخىرىنى يېزىۋەتسىڭىز !

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 3091
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە238دانە
ئۆسۈش: 2.97%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 238
  ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1291 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 356(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-01
  كىرىشى: 2010-07-25

مىنىڭمۇ  ئاخىرىنى ئوقۇغۇم بار......تېزرەك يوللاپ بىرىدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن.....
تېمىڭىزغا رەھمەت....!!!

دەرىجىسى: يېـــڭى مـــېھان

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 4113
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 1
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 11 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 57(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-16
  كىرىشى: 2010-07-26

ھەممىنى يېزىپ بولغاندا بىراقلا يوللىسا بولمامدۇ ؟ئوقۇغان ، ئوقۇغان لېكىن داۋامى چىقمىغان. ھەي...
سەرگەردان

دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1041
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە253دانە
ئۆسۈش: 3.16%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 253
  ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1625 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 91(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-27
  كىرىشى: 2010-07-26

ئانىڭ  يېرىمىنى  ،  مانىڭ  يېرىمىنى  يوللاپ  قويغۇچە  ،  بىرىنى پۈتۈن  قىلىپ يوللىساڭلار !
دۇنيادا ئەسكى ئادەم  يوق ، ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىدىن سوراپ بېقىڭ!
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«123»Pages: 1/3     Go