بۈگۈن ئاتا ئانىسى تېلفۇن قىلىپتۇ ، بارلىق خىراجەتنىڭ يىتىشىگە پەقەتلام 10 كۈنلا قاپتۇ ، دوختىرخانا 10 كۈندىن كىيىن چىقىڭلار دەپتۇ . مەكتەپ تەرەپمۇ بۇ ئىشقا تازا ئېتىبار بەرمەپتۇ..
قېرىنداشلارغا مۇراجەت
شىنجاڭ يىزا ئېگىلىك ئۇنۋېرسىتى 2006 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئېلى ، 2010 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 -كۈنى مەكتەپ سەككىزىنچى ياتاق بىناسى تۆتىنچى قەۋەت سۇخانىسىدا تىيىلىپ يىقىلىش چۈشۈپ ،ئارقا مېڭىسى ئېغىر زەخمىلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن . ساۋاقداشلىرى ئۇنى جىددىي ئەھۋال ئاستىدا شىنجاڭ كۆمۈركان دوختىرخانىسىغا ئېلاىپ بارغان . دوختىرلارنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق ئىلھامجاننىڭ باش مېڭە تەرىپىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكىنى ، مېڭە قان تومۇرلىرىنى يېرىلىپ قان يىغىلىپ قالغان . دوختىرلار 4 سائەت پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن مېڭىدىكى ئۇيۇپ يىغىلىپ قالغان قانلارنى چىقىرىۋەتكەن ، لېكىن ئەھۋالى يەنىلا خەتەرلىك بولۇپ 4 ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 4 -كۈنىگىچە ھوشسىز ھاللەتتە ياتقان ، ئالتىنچى ئايىنىڭ 4 -كۈنى كۆزىنى ئاچقان ، لېكىن باشقا ھىچقانداق ئىپادە بولمىغان ،6 -ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغلىغان ۋاقتىدا بىر ئاز ئاۋاز چىقىرىدىغان بولغان . دوختىرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ 42 كۈن بولغىچە كۈنىگە 6000 يۈئەن ئەتىراپىدا پۇل كەتكەن . 42كۈندىن كىيىن كۈنلىكىگە 2000 يۈئەندىن پۇل كېتىۋاتىدۇ . ھازىرغىچە 300 مىڭ يۈئەن يەنى 300000 دىن ئارتۇق پۇل كەتكەن . ، ئېلى ئاكا بىلەن مەريەم ئاچا پۇل جەملەش ئۈچۈن ھەتتا كۇچا ناھىيىسىدىكى تۇرالغۇ ئۆيىنىمۇ سېتىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ قەرىز تۆلەش شەكلىدە ئالغان بولۇپ ، ھازىر 100 مىڭ يۈئەن يەنى 100000 دىن ئارتۇق قەرىزدار بولۇپ قالغان .................................
مەكتەپتىكى ئىلھامجاننىڭ يۇرتداشلىرىدىن بۇ ئىشنى ئاڭلاپ بىز كۆمۈركان دوختىرخانىسىغا ئۇنى يوقلاپ ھەمدە ئاتا ئانىسىدىن تەپسىلىي ئەھۋاللانى بىلگىلى باردۇق . ئىلھامجانىڭ ئاپىسى مەريەم ئانا يىغلاپ تۇرۇپ بىزگە ھازىر ئوغلىنىڭ ھىچ بولمىغاندا بۇ يېرىپ ئاغرىيتى دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىيتىپ يىغلاپ كەتتى ، ھەمدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىز تاتقان بۇ ئازابنىڭ باشقا بىر ئىنساننىڭ بىشىغا سالمىغايسىز دەپ دۇئا قىلىپ كەتتى . دادىسى ئېلى ئاكا ئوغلىنىڭ ئازابىدىنمۇ تۈگىشىپ كەم سۆز بولۇپ قالغان . ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسى خەنزۇ تىلىنى بىلمىگەچكە نۇرغۇن ئىشلاردا قىينالغان ، نۇرغۇنلىغان رەسمىيەتلەرنى قىلىشنى بىلەلمىگەن ، قانداق قىلىپ پۇل جەملاشنى تېخىمۇ بىلەلمىگەن .... پەقەت ئىلھامجاننىڭ ساۋاقداشلىرى كەلگەن ۋاقتىدا رەسىمىيەت بېجىرىش ئىشلىرىنى قىلغان . بىز مەسلەھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى تورغا چىقىرىشنى قارار قىلدۇق ، ئىلھامجاننىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئوغلىنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن تورغا بۇ تېمىنى يوللىشىمىزغا قوشۇلدى . نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بۇ تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن چوقۇم ئىلھامجانغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز ، چۈنكى ئارىمىزدا نۇرغۇنلىغان مىھىربان كىشىلىرىمىز بار .
ئاخىرىدا ئىلھامجان ۋە ئىلھامجاننىڭ دادا ئاپىسى ئورنىدا ھەرقايسى تورداشلار شۇنداقلا مىھىربان قېرىنداشلىرىمىزغا ئۇلار ئورنىدا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!!!!!
كارتا ئىسمى : 依拉木江.艾力
كارتا بىجىرگەن ئورۇن : جوڭگو سودا سانائەت بانكىسى كارتا نومۇرى : 6222023002008298922 ئادىرىس : شىنجاڭ كۆمۈركان دوختىرخانىسى ئۇنۋېرسال بۆلۈم 16 - كارۋات 新疆煤矿医院综合科16床 ئالاقىلىىش تېلفۇن نومۇرى : ئاتا ئانىسىنىڭ : 13659934741 دوختىرخانىنىڭ : 09914590504 باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇ ئۇچۇرنى چ چ توپلىرىدا ، بېكەت باشلىقلىرىنىڭ ئۆز توربەتلىرىدە ئېلان قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
[ بۇ يازما Azizan تەرپىدىن 2010-07-18 09:49 PM دە قا ]