پەرزەنىت ئاتا-ئانىنىڭ ئۇمۇدى، كەلگۇسىنىڭ ئىگىسى،ۋەتەننىڭ ئەتىسنى قۇرغۇچىلار، بۇ ئۇمۇتلەر ئاتا-ئانىنىڭ مىھرى-مۇھابىبېتى تەربىيەسى جەمىيەتنىڭ كۇڭۇل بۇلىشى ، مەكتەپنىڭ ياخشى تەربىيەسسى بولغاندىلا ئاندىن ياراملىق ئەۋلات تەبىيەلەپ چىققىلى بۇلىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا جەمىيەتنىڭ ،دۆلەتنىڭ كۈشەنىسگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ شەخشىيەتچىلىگى،ئاڭسىزلىغى،كەيىپ-ساپا مال دۇنيانىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ئاجرىشىپ كىتىش سەۋەپلىك نۇرغۇنلىغان سەبى بالىلار تەربىيەسىز قىلىشقا ، ئاتا-ئانا مىھرى-مۇھاببىتىدىن مەھرۇم بۇلىشى بالىلارنىڭ يامان يولغا مېڭىشىغا سەۋەپ بولماقتا.
مەندەك ئەمدىلا 17ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بالىغا نىسپەتەن جەمىيەتتە نىمىنىڭ ئازاپ،نىمىنىڭ خۇشاللىق ئىكەنلىگىنى بىلمىسەممۇ ،ماڭا نىسپىتەن ئۇرۇنسىز قۇرقۇش، يۇرەك ئالدى بۇلۇپ، ئاتا-ئانا مىھرىنىىڭ يوق بۇلۇشىنى ئەڭ چوڭقۇر ھىس قىلمەن. مىنىڭ 10نەچچە يىللىق ھاياتىم ئەنە شۇنداق مۇھاببەتسىز،يۇرەك ئالدىلىق، قورقۇنۇچ ئىچىدە ئۆتتى. دەسلەپتە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ سىزىپ قېلىشىدىن قورقۇدىم ، ئارقىدىن ئۇقۇتقۇچىلىرىم، ساۋاقداشلىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇدۇم، يېشىمنىڭ چۇڭايغانچە مىنىڭ <<ئىھتىيات>>دائىرەم كېڭىيىپ جەمىيەتتىكى ھەربىر كىشىنىڭ ، ساقچىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقۇدۇم.شۇ قورقۇش، ئۇزەمنى باشقىلاردىن ئېلىپ قېچىش، كۇندۇزى يۇشۇرۇنۇپ كىچىسى ھەركەت قىلىش قاتارلىق ئېغىر بېسىم مىنى ھالسىزلاندۇرۇغان ئىدى، خۇددى بىر ئېغىر يۇكنى كۇتۇرۇپ يۇرگەندەك ھىس قىلاتتىم.ھازىر بولسا بۇ يۇكتىن بىراقلا يىنىكلەپ ئۇزەمنى ئەركىن ھىس قىلىدىغان بولدۇ.ئۇزۇممۇ ھەيران، ئەسلىدە <<قارا دەۋازا>>ئىچىگە سۇلۇنىشم،قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچۇراش مىنى ئازاپلىسا بۇلاتتى، بىراق مەن ھازىر ئۇزۇمنى ناھىيتىمۇ يىنىڭ ھىسس قىلىدىغان بارلىق قاراڭغۇ كىچە ئاخىرلىشىپ يۇرۇقلىققا چىققاندەك ھىس قىلغان ئىدىم. چۇنكى مەندە باشلىلاردىن يۇشۇرغىدەك ھېچقانداق سىېر قالمىغان ئىدى،كۆڭلىمدىكى سىرلىرىمنىڭ ھەممىنى دۆلەتكە، قانۇنغا ، جەمىيەتكە جۇملىدىن جەمىيەتتىكى ھەربىر مەن بىلەن مۇناسىىۋەتلىك كىشىلەرگە سۆزلەپ بولغان ئىدىم. تۇۋەندە سىلەرگىمۇ باشتىن سۆزلەپ بىرەي.
مەن ئىسىمنى بۇلسەم مىنىڭ ناھىيتى بەخىتلىك بىر ئائىلەم بار ئىدى، ئاتا -ئانام ھەرئىككىسى دۆلەت كادىرى بۇلۇپ ھەرئىككىسى مۇھىم ئىدارىلەردە ئىشلەتتى، ئۇئىككىسى ماڭا ئامىراق بۇلۇپ قالماي بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇققان، دوسىت-بۇرادەرلىرى مىنى بېشىغا ئېلىپ كۈتىرەتتى.قايسى بىرى كەلسە ماڭا <<پۇل>>بىرەتتى، ئۇنىڭسىزمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا بەرگەن پۇلى ئازا ئەمەس ئىدى، شۇ پۇللار مىنىڭ يىغامنى بېسىقتۇراتتى، مىنى بەزلەيتى. مەن <<پۇل >>بىلەن بىرگە چوڭ بولۇۋاتاتتىم. بىراق تەلىيىمگە يارىشا مىنىڭ بۇنداق باياشاتلىق تۇرمۇشۇم ئۇزۇنغا بارمىدى. مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلىقىغا چىققاندىغۇ دەيمەن، ئېنىق ئىىسىمدە قالماپتۇ ئانام بىلەن دادام <<تېتىقسىز رەڭلىك سورون>>سەۋەبىدىن ئارجىشىپ كەتتى. مەن دادامغا قالدىم، دادام ئاجرىشىپ ئۇزۇنغا بارماي قېرىشقاندەك دادامنىڭ خىزمىتىنى باشقا ناھيىگە يۇتكىۋەتتى. دادام يۈتكەلگەندىن كىيىن مەن بوۋاملارنىڭ ئۇيىدە تۇردۇم شۇنىڭدىن باشلاپ ماڭا ھەممە تەتۇر قارىدى. مىنىڭ كۇندە خەجلەيدىغان پۇلۇم كەملىدى، ئىلگىرى ماڭا<<ئاتادارچىلىق>>قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىم ، ئاتا-ئانامنىڭ دوسىت-بۇرادەرلىرى خۇددى ئاتا-ئانامنى مەن ئاجراشتۇرۋاتقاندەك ماڭا تەتۇر قارايدىغغان ، كۇچىلاردا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ماڭىدىغان بولدى. بىرلا مىھرىبان بوۋاملا ماڭا مىھرىبانلىق قىلاتتى، پۇل دىسەم بىرەتتىيۇ لىكىن بۇرۇنقى باشقىلار بەرگەندەك كۈپ بەرمەيتى . بىراق مىنىڭ پۇلغا بولغان ئىشتىياقىم بارغانچە ئېشىپ كىتىۋاتاتتى ، ئىلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق خانە ، تۇرلۇك يىمەكلىكلەر ،مىنىڭ پۇل خەجلىشىمنى كۇتۇپ تۇراتتى. كۇندە كۆپ پۇلۇم بولسا باشقىلانىڭ ئالدىدا قانغۇچە خەجلەپ ئۇلارغا ئۇزەمنى بىر كۆرسىتىپ قويغۇم كىلەتتى.
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلىقىدا ئۇقۇيدىغان چاغلىرىمغۇ دەيمەن بىركۇنى چۇشلۇك ئارامدا مەن مەكتەپتىن ئۈيگە كەلسەم بوۋام ئۇزى ياتىدىغان ئۇيدىكى پولغا سېلىقلىق كىگىزنىڭ قېتىدىن بىرتۇتام پۇل ئېلىپ قوشنىمىزغا بىرىپ ئاشقان پۇللارنى جايىغا قۇيۇپ قويغانلىغىنى كۆرۇپ قالدىم ۋە خىيالىمدا شۇ پۇلنى ئېلىش ئىستىگى تۇغۇلدى. مەن مەكتەپكە ماڭىدىغاندا بوۋامغا تۇيدۇرماي بوۋام تىقىپ قويغان پۇلنى ئېلىۋالدىم.مەكتەپكە بېرىپ بولغۇچە ئوغرىلىغان پۇلۇمنى سانىسام 45يۇەن پۇل ئىكەن. مەن پۇلنى ساناپ بۇلۇپ قاتتىق قورقىدىم چۇنكى شۇ ۋاقىىتلاردا مەن ئوغرىلىق قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇلىدىغانلىغىنى بىلمىسەممۇ بوۋام پۇلىنى ئالغانلغىمنى بىلىپ قالسا مەندىن خاپا بۇلىدىغانلغىنى بىلەتتىم، مەن بىردەم ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالغان بولساممۇ لىكىن پۇلنى خەجلەش ئىستىگى ، پۇلنى ئاپىرىپ جايىدا قۇيۇپ قۇيۇش ئىستىگىدىن ئۇستۇن كەلدى، مەن بۇپۇلنى خالغانچە خەجىلىدىم.لىكىن كەچتە ئۇيگە قايتىش ماڭا ناھايىتى ئېغىر كەلدى، خىيالىمدا كەچتە ئۇيگە بارسام قانداق تاياق يىيشتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.مىڭ قىيامەتتە بوينامدىن سۇرىگەندەك ئۇيگە باردىم ئۇيگە بارسام بوۋام ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۇندىلىك ئادىتى بۇيىچە پىشانەمگە بىرنى سۇيۇپ قۇيۇپ مىنى ئۇگۇنىشىمنى تەكرار قىلىشقا بۇيرىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە كۇننى دەككە-دۇككىدە ئۆتكۇزدۇم.ئەممە بوۋامنىڭ ماڭا بولغا ئىپادىسى بۇرۇنقىدەك ئىدى.
مەن شۇۋاقىتتا بوۋامنىڭ <<نارىسىدە بالا قورقۇپ كەتمىسۇن >> دەپ گەپ قىلمىغىنىنى بىلگەن بولسام ھازىرقىدەك ئەھۋالغا چۇشمەس ئىكەنمەن. ئەمما مەن دەل ئەكسىچە ھېچكىم بىرنەرسە دىمەيدىنغۇ دەپ ئويلاپ ئۇيدە نەق پۇل بارلىغىنى بىلىپلا قالسام بوش قويمايدىغان بولدۇم، ئاتا-ئانامنىڭ ھاراق ئىچىپ كەيىپ ساپا قىلىشقا ۋاقتى بارئىدىكى ماڭا تەربىيە بىرىدىغانغا ۋاقتى يوق ئىدى. مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بوۋامنىڭ ئۇيىدىن قوشنىلارنىڭ ئۇيىگە ئۈزمەھەللەمدىن باشقا مەھەللەرگە ھەركەت دائىرەمنى كىڭەيتىپ باشتا نەق پۇل ئوغرىلىدىم، ھەركەت دائىرەم كەڭەيگەنچە نەق پۇل تاپالمىسام باشقا پۇلغا يارىغىدەك نەسسىلەرنى ئوغرىلاپ ئەرزان ساتىدىغانغا كىرىشتىم تىجارەت دائىرەمنىڭ كىڭىيىشىگە ئەگىشىپ قىلىدىغان قىلىقلىرىممۇ كۇپەيدى .
ئەمما مىنىڭ ئوغرىلىغېنىمدىن ھېچكىم گۇمان قىلماتتى. چۇنكى مەن باشىلارنىڭ نەزىرىدە <<ھەممىدە ياخشى بالا >>ئىدىم .مەن شۇنداق ئوغرىلىق قىلىپ يۇرۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۇتتۇردۇم. باشلانچۇچ مەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بولغىچە نەچچە قېتىم ئوغرىلىق قىلغانلغىمنى نەچچە پۇل ئوغرىلىغانلىغىمنى ئۇزۇممۇ دەپ بىرەلمەتتىم .ئاتا-ئانام ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇزەمنىڭ كۈندىلىك خىراجەتلىرىمنى ئۇزەم تېپىپ خەجلىدىم ، ئەمما مىنىڭ ئۇگۇنىشىم ياخشى بۇلۇپ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۇردۇم.
مەن كۇندىن-كۇنچە چۇڭىۋاتاتتىم، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇرۇگۇممۇ چۇڭىپ كىتىۋاتاتتى، مەن مەكتەپتە بىلىم ئېلىپلا قالماستىن بەلكىم تىلۋۇزۇر-كىنولاردىن <<ئۇز كەسپىم>>توغرىلىق بىلىم ئېلىشقا باشلىدىم. يەنى قانداق كىشىنى شىرىك قىلىپ تاللاش، تاپاۋەتنى قانداق تەقسىم قىلىش ، ساقچىلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۇگەندىم . ئۇگەنگەن بىلىملىرىم بارغانچە ئاشتى .
باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىلىقى 2- مەۋسۇمدە مەن ئۇزەمنىڭ <<بىر كەسىپ >>دوسلىرىم بىلەن بىرلىكتە ناھيە بازىرىدىكى كىچىك تىلغۇن بوتكىسىنى نىشان قىلىپ ھەركەت ئېلىپ باردۇق. بىز جەمئىى تۆت بالا بۇلۇپ مەن ئەخەت بىلەن بىر گۇرۇپپا ئېلى ،ياسىن بىلەن بىرگۇرۇپپا بۇلۇپ بىرلار ۋاقىتتا ئىككى بوتكىنى تىشىپ ئوغرىلىق قىلىشنى مەسىلىھەتلەشتۇق. ئەخەت ئىككىمىزنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىپ خىلىلا كۆپ <<ئىنئامغا >>ئىرىشتۇق.ئەمما ئېلى بىلەن ياسىن ئوغرىلغان نەرسىنىڭ تايىنى يوق ئەكسىچە ساقچىلارغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ . بىز ئوغرىلىققا كىرىپ بولغاندىن كىين كونا جايغا ئاپىرىپ ئولجىمىزنى تەڭدىن ئارىشىپ ھەر ئىككىمىز ئۈز ئۇيىمىزگە كەتتۇق. ئەتىسى بىرىنجى سائەت دەرىسكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىنى سىنىپ مەسئۇلىم چاقىردى، مەن قىلچىمۇ مەنسىتمىگەن ھالدا بۇ سۇرۇن تەلەت مىنى چاقىرىپ نىمىمۇ قىلىدىغاندۇ يەنەشۇ تاپشۇرۇقنىڭ گىپىنى قىلىدۇ بۇ گىپى سىېسىق دىگەنلەنى خىليال قىلىپ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم، سىنىپ مەسئۇلى مىنى ئۇز ئىشخانىسىغا باشلىماستىن بەلكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانىغا باشلاپ كىرىدى. مەن مەكتەپ مۇدۇرىنىڭ ئىشخانىسىدا ئىككى ساقچىنىڭ ئولتۇرغانلىغىنى كۆرۇپ چۇچۇپ كەتتىم. چۇنكى مەن ئوغرىلىق قىلغاندىن بىرى بىرىنچى قېتىم ساقچىلار بىلەن يۇزتۇرانە كۇرۇشۇشۇم ئىدى. مەن مۇدىر ئىشخانىسىغا كىرىشىمگە بىر ساقچى مەندىن :
- ئىسمىڭ نىمە؟دەپ سوردى.
-ئىسمىم ئىلزات دىدىم مەن پەس ئاۋازدا.
ئۇلار مىنڭ ئىسمىمنى ئۇققاندىن كىيىن بىرقانچە سۇئالنى سورغاندىن كىيىن سىنىپ مەسئۇلىمغا مىنى چۇشتىن كىيىن مىنى ئېلىپ ساقچىخانىغا بېرىشنى ئېيتىپ كىتىپ قالدى.چۇشتىن كىيىن مەن سىنىپ مەسئۇلىم بىلەن ساقچىخانىغا باردىم مەن ساقچىخانىغا بارغىچە قاتتىق قورقۇپ يۇرۇگۇم گوپىلداپ سېلىپ تۇرسمۇ لىكىن ئىدىيە جەھەتتىن قاتتىق تەييارلىق قىلىدىم. مەن ئىقرار قىلمىسا ھېچقانداق قىلالمايدۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ساقچىخانىغا يىتىپ باردۇق.ساقچىخانىغا بارغاندىن كىيىن ساقچىلار سىنىپ مەسئۇلىمنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇپ مىنى تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئۇزۇلدۇرمەن سۇئال سورىدى،ساقچىلارنىڭ سورغان سۇئاللىرىنىڭ ھەممىسى ئاخشام بىزنىڭ بوتكا ئوغرىلىغان ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مەن باشتىن ئاخىر ساقچىلارغا راسىت گەپ قىلمىدىم چۇنكى مەن بۇجەتتىكى بىلىملەرنى تىلىۋۇزۇردىن خېلى پۇختا ئۇگەنگەن ئىدىم ئۇنىڭ ئۇستگە ساقچىلار بىزدەك ئۆسمۇرلەرنى 8سائەتتىن ئۇشۇق تۇتۇپ تۇرالمايدىغانلىغىنىمۇ ئۇبدان بىلەتتىم .مەن سەككىز سائەت ساقچىلارنى كولدۇرلاتسام چىقىپ كىتىپ قۇتۇلۇمەن دەپ ئويلاتتىم. مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ تۇرغاندا ساقچىلار مىنىڭ شىرىگىم ئەخەتنى باشلاپ ئەكىردى، مەن ئەخەتنى كۆرۇپ يۇرۇگىم <<قارىت>>قىلىپ قالدى. ساقچىلار ئەخەتتىن ئاخشام سىز ئوغرىلىق قىلغاندا ئىلزاتمۇ بارمىدى؟دەپ سورغان ئىدى ئەخەت بىردەم يەرگە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن پەس ئاۋازدا <<بار ئىدى>>دەپ جاۋاپ بەردى، مەن بۇنى ئاڭلاپ قۇيۇق چېچىم ئۇرە تۇردى، ماۋۇ دېتى يوق لاتىنىڭ قىلغان گەپلىرىنى خەپ سىرىتقىمۇ چىقارمىز. دەپ ئويلىدىم ئىىچمدە ئەخەت گۇۋالىق بەرگەندىن كىيىن مىنىڭ كۇزۇرۇم يەرگە چېقىلدى. مەن يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بۇلۇپ قالدىم ۋە ئاخشامقى قىلغان ئەتكەنلىرىمنى بىر-بىرلەپ دەپ بەردىم ئەممائۇندىن باشقا سەندە ساقلانغا مەسلە بارمۇ ؟دىگەن سۇئالغا ناھايىتى دادىللىق بىلەن يوق دەپ جاۋاپ بىرىپ ئىلگىرى ئۇزەمنىڭ قىلغانلىرىمنى قەتئى ئىقرار قىلمدىم .
مەن بوتكا ئوغرىلاش قىلىمىشىمنى دەپ بولغاندىن كىيىن ساقچىلار ئانامنى چاقىرىپ ئەكىلىپ بىرنەچچە ئېغىز گەپ قىلغاندىن كىيىن ئانام مىنى ساقچىلارغا پۇل تۇلەپ بىرىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى مانۇ مۇشۇ بىرقېتىملىق پۇل تۇلەپ ئېلىپ چىكىتىش مىنى بارسا كەلمەس يولغا مېڭىشىمغا يەنە بىر قېتىم تۇرىتكە بولدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ مەن ساقچىخانىغا پات-پات كىرىپ تۇرىدىغان بولدۇم ھەرقېتىم ساقچىغا تۇتۇلغاندا ئاپام زىياننى تۇلەپ بىرىپ ئېلىپ چىقىپ كىتەتتى ، لىكىن ئاپپام مىنى ئېلىپ چىققاندىن كىيىن بىرئېغىز بۇنداق ناچار ئىشنى قىلما بالام دىگەن گەپنى قىلماتتى، مىنى تۇققۇ ئاي تۇققۇز كۇن قۇساق كۇتۇرۇپ مىنى تۇققان ئاپام ماڭا تەربىيەدىن ئېغىز ئاچماتتى، چۇنكى ئاپام مىنى تەربىيەلەش سالاھىتىنى يۇقاتقان گۇناھكار ئاپا ئىدى. ئاپام ئەكسىچە خۇددى مەن بىر ياخشى ئىش قىلغاندەك ئاشخانىغا ئەكىرىپ ياخشى مىھمان قىلغاندىن كىيىن مەكتەپكە يولغا سېلىپ قۇياتتى.
مەن شۇنداق باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەلا نەتىچە بىلەن پۇتتۇرگەن ئۇقۇغۇچى تۇلۇقسىزنىڭ ئىككنچى يىلىقىنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمىدە مەكتەپتىن چىرايىلقچە قوغلاندى قىلىندىم . مەكتەپتىن قوغلىنىشنىڭ سەۋەبىمۇ مىنىڭ <<چىقىمسىز كىرىمىم>>نىڭ ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەپ بولغان ئىدى. مەن جەمىيەتتە چىققاندىن كىيىن خۇددى يايلاقتىكى يۇگەنسىز ئاتتەك ئەركىن ئادەمگە ئايلاندىم . مەن بىلەن ساقچىلاردىن باشقا بىركىمنىڭ كارىمۇ يوق ئىدى.كەيىپ قىلمىغان ئۇغۇل بالىنى ئۇغۇل بالا دىگىلى بولمايدۇ دىگەن خاسىيەتلىك دۇردانىمىزنىڭ تۇرىتكىىدە مەن 16باشتا تاماكا چىكىشنى ئۇگەندىم ئارقىدىن ھاراق ئىچىشنى نەششە چىكىشنى ئۇنىڭ ئارقىدىن ............. قاتارلىق ئۇيۇنلارنىڭ ھەممىىنى قىلىدىغان بولدۇم دىسكۇخانىلار. بىرلىياتخانىلار ، ئىلكتۇرۇللۇق ئۇيۇنچۇ خانا، تورخانا دىگەنلەر مىنىڭ ئائىلەمگە ئايلانغان ئىدى. ئەممە پۇل بولمىسا بۇيەرلەرگە بارلغىلى بولمايدىكەن ،قىزدوسىتلارنىمۇ ئويناتقىلى بولمايدىكەن.ئەمەسمۇ . مەن بۇ ئىھتىياجىمنى قاندۇرۇش ئۇچۇن <<چوڭ ئىشلار>>غا تۇتۇش قىلدىم . مەن ئاۋال كونىلارنىڭ گىپى بۇيىچە <<پىچاقنى ئۇزۇڭگە سال ئاغرىمىسا باشقىغا >>دەپ مەن ئاۋال چوڭ ئىشلارنى ئۇز ئائىلەمدىن باشلىدىم ئاۋال ئاپامنىڭ ئۇيىگە كىرىپ ئاپامنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوغرىلاپ چىقىپ بىز داۋاملىق نىسىگە بىلىيات ئوينايدىغان بىرلىياتخانە كۈلوبىنىڭ خۇجايىنىغا ئەرزان باھادا سېتىپ نىسى قالغان پۇللىرىمنى تۇلىگەندىن كىيىن قۇلۇمغا خېلى كۆپ پۇل ئاشتى . بۇ خۇجايىنمۇ ئارامغا چىققا كادىر بۇلۇپ بىزدەكلەرگە باش پاناھ ئىدى. بىز ھەرقانداق پۇلغا يارايدىغان نەرسىنى ئوغرىلاپ يېنىغا ئاپارساق بىزدىن ئەرزان باھادا سېتېۋېلىپ نەق پۇل بەرگەندىن كيىن بىزنى قىممەت باھالىق <<تاماكا>>بىلەن تەمىللەتتى،بۇنداق ئاپارغان مالنى ياق دىمەي پۇلغا ئايلاندۇرۇپ بىرىدىغان بۇنداق ياخشى خۇجايىن باريەردە مىنىڭ <<چوڭ ئىشلارنى قىلىش>>ئىشلىرىممۇ راۋاجلىنىپ كەتتى. مەن ئويلىنىپ بۇقېرى ئوغرىنىڭ دامغا چۇشمەسلىك ئۇچۇن چۇقۇم نەق پۇل ئوغىرىلاش قارارىغا كەلدىم . مەن <<چوڭ ئىشلىرىمنى>> ئاپامنىڭ ئۇيىدىن باشلىغاندىن كىيىن يەنە ھامماملارنىڭ ئۇيىگە كىرىپ نەق پۇل تاپالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭمۇ 60كىرامغا يېقىن ئالتۇرن زىبۇ-زىنىنىتىنى ئوغرىلاپ چىقىپ خۇجايىنغا 2500يۇەنگە ساتتىم ئارقىدىن ئاپامنىڭ ئىدارىسىغا ،ئۇنىڭدىن كىيىن ناھيە بازىرىدىكى ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى ، كەسپى ئۇرۇنلانىڭ ئىشخانىلىرىنى ئۇزەمنىڭ تىگىشىش نىشانىم قىلدىم. چۇنكى ئىدالانىلاردىن نەق پۇلغا ئىرىشكىلى بۇلاتتى بۇلۇپمۇ باشلىقلارنىڭ ئىشخانىدا نەق پۇل تېخىمۇ كۆپ ئىدى .باشلىقنىڭ ئىشىخانىغا ئوغرىلىققا كىرسە كۇپلەپ ئىنئامغا ئىرىشىپلار قالماي تۇلۇمۇ بىخەتەر بۇلاتتى چۇنكى باشلىق دىگەن ئابوروي پەرەسلىك قىلامدۇ ياكى مەن ئوغرىلىغان پۇللارنى باشقىلار باشلىقلارغا سوغا قىلغان پۇللارمۇ بىلمىدىم باشلىقنىڭ ئىشخانىسغا ئوغرىلىققا كىرىپ ئۇتارىتما بۇكىتاپنىڭ قېتىدىن خىلىلا كۆپ پۇل چىقاتتى ئۇنىڭ ئۇستىگەئۇلار دىلو مەلۇم قىلماتتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە مەنمۇ ئىشىك-دەرىزىلەرنى بۇزماي ئوغرىلىق قىلىدىغان ئەپچىل چارەم بارئىدى. ( چارەمنى دەپ ئولتۇرماي دەپ بەرسەم سىلەرمۇ مەندەك ئاقىۋەتكە قالماڭلاريەنە ) ( چاقچاق)

مىنىڭ ھەركەت دائىرەمنىڭ كىڭىشىگەئەگىشىپ مەن بىلەن بىرگە ماڭىدىغانلارنىڭمۇ سانى كۇپەيدى. كىم بىلەن بىرگە ھەركەت قىلىشنى مەن ئۇزەم تاللاتتىم، شەرتى ھەركەت قىلىدىغانلار كۆپ سىناقلاردىن ئۆتكەن، يۇرەكلىك، قاۋۇل، ئىنكاسى ئىتتىك، ئاغىزى چىڭ ، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ، ئۇيدىن نەچچەن كۇن يۇقاپ كەتسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ كارى بولمايدىغان شۇنداق بالىلارنى تاللاتتىم مەن تاللاپ -تاللاپ ئاخىرى بىر <<تۆت كىشلىك ئوغرىلىق گوروھى>>بۇلۇپ شەكىللەندۇق.بىزنىڭ ئوغرىلاش نىشانىمىز نەق پۇل ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئىدى ئۇندىن باشقا ئانچە-مۇنچە تاماڭا ئوغرىلاتتۇق ئۇندىن باشقا بىرنەرسە ئوغرىلمايتتۇق.بىز گۇرۇھ بۇلۇپ شەكىللەنگەندىن كىيىن دەسلەپتە ئادەتتىكى دۇككانلار، ئارقىدىن چوڭ تاللار بازىرى ، ئولتۇراق رايۇنىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۇيى قاتارلىق ئۇرۇنلارغا تىگىش قىلدۇق بۇنداق قىلغان خەۋىپى چوڭ بۇلۇپ ئىرىشىدىغان مەنپەت ئاز ئىدى، تىگىدىغان ئولجا ئازتىگىدىكەن، بىز ئاخىرى كۆپ باش قاتتۇرش ئارقىلىق مىنىڭ تەجىربەم بۇيىچە ئىدارە ئورگانلارننىڭ خىزمەت بىناسى ئولتۇراق رايۇنىدىكى باشلىقلارنىڭ ئۇيى ۋە بايلانىڭ ئۇيىگە كىرىپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ۋە نەق پۇل ئوغرىلاشنى نىشان قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىنىڭ بىنا ئۆينىڭ ئىشىك دەرىزىسىنى بۇزماي ئوي ئىچگە كىرىش ئۇسۇلۇمنى باشقا ئەزالىرىمغا ئۇگەتتىم، ئۇگەتكەنلىرىمىنى ئەڭ ئاۋال مىنى قوغلاندى قىلغان ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مالىيە ئىشخانىسىغا سىناق قىلىپ مۇۋاپىقىيەت قازاندۇق ھەمدە خېلى كۆپ نەپكە ئىرۇشتۇق. ئارقدىن بىزنىڭ ھەركىتىمىزمۇ كۇپەيدى.
( بىزنىڭ ئالتۇرن زىبۇزىننەت ۋە ئىدارە ئورگانلارغا ئوغرىلققا كىرىش ئۇسۇلىنى تالىشىمىزدىكى سەۋەپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئوغرىلىساق زىبۇ -زىننەتلىرى يۇقۇغان ئاياللا يولدىشىنىڭ بىرنەرسە دىيشىدىن قورقۇپ دىلو مەلۇم قىلماتتى، ئىدارە-ئورگانلارغا ئوغرىلىققا كىرسەك باشقا يىپ ئۇچچى قالدۇرمىغانلىغىم ئۇچۇن بىرسى ۋاقتىدا بايقىماتتى، بايقىغان تەقدىردىمۇ جەمىيەت ئامانلىغىنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ تۇزەش تەكشۇرۇشتىن قورقۇپ دىلو مەلۇم قىلماتتى چۇنكى بىزنىڭ ناھيىدە بىرئىدارە ئورگاندە جىنايى ئىشلار دىلوسىدىن بىرى چىقسا بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىپ شۇ ئىدارىنىڭ پۇتۇن خىزمىتى يوق بۇلاتتى شۇنىڭ ئۇچۇن بىز ئوغرىلىققا كىرسەك ئۇلار ساقچىغا مەلۇم قىلماتتى ساقچىغا مەلۇم قىلمىسا بىزنى تەكشۇرىدىغان ئادەم چىقماتتى.)
شۇنداق قىلىپ مىنىڭ ئوغۇرۇلۇق شايكاممۇ خېلى مۇكەممەلىشىپ قالغان ئىدى، بىز بىرلىكتە كۇندۇزى جەمىيەت كۇزۇتۇپ تۇرلۇك ئىش بىجىرىش باھانىسى بىلەن ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كۇزۇتۇپ مالىيەئىشخانىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىگىنى باشلىقنىڭ ئىشىخانىسىنىڭ قايسى ئىكەنلىگىنى بىر-بىرلەپ بىكىتكەندىن كىيىن كەچتە بىرلىكتە ئوغرىلىققا كىرىدىغان ئورۇننى بىكىتىش، كىرىش ئۇسۇلى، ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى ، قېچىش ئۇسۇلى ۋە كۇرۇشىدىغان جاي قاتالىقلارنى بىكىتىپ بولغاندىن كىيىن ھەركەتتى باشلايىتتۇق.
بىز يۇقارقى ئۇسۇلىمىز بۇيىچە ئولتۇراق رايۇنىدىن تۆت ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرىپ ئازا كەم 200گىرامغا يېقىن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئوغرىلاپ چىقىپ ھېلىقى تويماش خۇجايىغان 4000يۇەنگە ساتتۇق، ئارقىدىن ناھيلىك ئىستاستىكا ئىدارىسى ، ناھيلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت ئىدارىسى قاتارلىق ئۇرۇنلارنىڭ ئىشخانىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن ئوغرىلىققا كىرىپ 50000يۇنگە يېقىن پۇل ئوغرىلىدۇق، ئۇندىن باشقا ئۇز ناھيىمىزدە نەق پۇل ئوغرىلاپ باشقا ناھيە شەھەرلەردە خەجلەش داۋامىدا قوشنا ناھيىلەرگىمۇ تىگىش قىلدۇرق.قوشنا ناھيىلىك خەلىق ھۇكۇمىتىگە ئوغرىلىققا كىرىپ 500يۇەن نەق پۇل ئىسىل ماركىلىق تاماكىدىن بىر تىيو ئوغرىلىدۇق، ئارقىدىن ئوبلاستىمىزنىڭ مەركىز شەھەرگە بېرىپ شەھەرلىك مالىيەئىدارسىغا ئوغرىلىققا كىرىپ 8000يۇەن نەق پۇل ئوغۇرىلدۇق. شۇنداق قىلىپ شايكىمىز شەكىللەنگەن يېرىم يىلىدىن بۇيان ئامىتىز ئوڭدىن كىلىپ ئىشلىرىمىز يۇرۇشىۋاتاتتى . لىكىن كىيىنكى يېرىم يىل ئىشىمىز ئانچە ئاقمىدى، بىز بىرقانچە يەرگە ئوغرىلىققا كىرگەن بولساقمۇ تۇزۇكرەك نەپكە ئىرىشەلمىدۇق. ناھيە بىۋاستە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇكەممەلشتۇردىمۇ ياكى كىشىلەر شۇنچە ئىھتىيات قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىمۇ تۇزۇك نەپكە ئىرىشەلمىدۇق. بىز قايتىدىن يەنە پىلان تۇزۇپ ئوغرىلىق ئاقمىغاندىن كىيىن موتوسىكىلىت بىلەن يولدا پىيادە سومكا ئېسىپ ماڭغان خۇتۇن-قىزلارنىڭ سومكىسىنى پۇلاشنى پىلانلىدۇق. ھەمدە مەكتەپتە ئۇقۇيدىغان بىر دوستۇمنىڭ موتوسىكىلىتنى ئارىيەت ئېلىپ موتوسىكىلىتنىڭ پەيجۇسىنى قارا پىلاستىر بىلەن چاپلىۋاتقاندىن كىيىن شىرىكلىرىمنى كەچلىگى موتوسىكىلىت بىلەن ناھيە بازىرىدا بۇلاڭلىچىلىق قىلىشقا بۇيدىدۇم .ئەپسۇس شىرىكلىرىم بىرقانچە قېتىم چىققان بۇلسىمۇ لىكىن بۇ ئىشمۇ ئوبدان قاملاشمىدى. ئارانلا بىر قېتېتىم ئەمەلگە ئاشقان بۇلۇپ ئۇلار بىرسومكىنى بۇلاپ كەلگەن بۇلۇپ سومىكىنىڭ ئىچىدە بىردانە يانفۇن بىلەن 180يۇەن نەق پۇل چىقتى، مەن ئۇلارنى قاتتىق تەنقىت قىلغاندىن كىيىن ئولجا ئالغان پۇل بىلەن تىلفۇننى ئۇلارغا بۇلۇپ بەردىم مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم ئۇلارنى رىغبەتلەندۇرۇش ئىدى.بىز شۇنداق قىلىپ ئىشلىرىمىز يەنە ئالغا باسمىدى ،كۇنلىرىمىز چوڭقۇر جەمىيەت تەكشۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
ئۇكتەبىر ئېيىنىڭ بىركۇنى شىرىكلىرىمنىڭ بىرى ماڭا بانكا بۇلاش پىلانىنى كۆرسەتتى، مەن بۇئىشنىڭ بەك خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى بىلگەن بولساممۇ مىنىڭ قاپلاننىڭكىدەك يۇغان يۇرۇگۇم بۇ ئىشنىمۇسىىناپ بىېقىشقا ئۈندىدى، بىز تەكشۇرۇش ئارقىلىق ناھيە بازىرىغا يېقىنلا يەرگە جايلاش يېزىلىق ئامانەت قەرىز كوپىراتىۋىغا دىققەتنى مەركەزلەشتۇردۇق، چۇنكى بۇبانكا ئورونلاشقان جاي ئاھالىلەر ئورلتۇرق ئۇيى كۆپ جايغا ئۇرۇنلاشقان بۇلۇپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارىتماتتى ئۇنىڭ ئۇستگە ھازىر پاختا سېتىش مەزگىلى بولغانلغى ئۇچۇن بانكا خادىملىرى قەرىز يىغىش، قەرىز تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەچلىگى بىخەتەرلىكىگە ئانچە دىققەت قىلماتتى. بىز بۇبانكىنى توپ-توغرا ئون كۆن كۇزەتكەندىن كىيىن قول سېلىش ۋاقتى ئورنى ۋە تىشىپ كىرىدىغان جاي تىشىيدىغان ئۇسكۇنىلەرنى تەييارلاپ بولغان ۋارقىتدا تۇيۇقسىز بوۋام بېسىمداپ ئاغرىپ قېلىپ مەن بوۋامنى داۋالاتقىلى مەركىزى شەھەر ئۇرۇمچىگە كەتتىم ئارىدىن بىرئايدەك بوۋامنى داۋالىىتپ قايتىپ بارغاندا ھۇكۇمەتنىڭ قاپىغى تارىتتىمۇ ياكى بىزنى ئاللا ساقلىدىمۇ ؟ بىز بۇلىماقچى بولغان بانكىنى ناھيە بازىرىغا كۆچۇرۇپ ئېلىپ كىتىپتۇ. بۇ ئىشىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
شۇنىڭدىن باشلاپ مەن تەلىيىمىزنىڭ ئوڭدىن كەلمىگەنلىگىنى كۆرۇپ نەچچە يىل شۇغۇللۇنىپ كەلگەن <<كەسپىم>>دىن ئۇزەمنى سەل تارىتتىم ، چۇنكى خەتەر بارغانچە ماڭا يېقىنلىشىپ كىلىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتىم ،ھەم ئۇزۇممۇ بۇ دەككە-دۇككىچىكىلىك تۇرمۇشتا ياشاپ سەل چارچىغان ئىدىم.ئۇنىڭدىن كىيىن مەن بىۋاستە قول تىقمىدىم، لىكىن مىنىڭ شىرىكلىرىم مىنىڭ پىلانىم بۇيىچە قىلىپ تۇراتتى .ھەمدە مىنىڭ نىسىۋەمنىمۇ مۇۋاپىق بىرەتتى.
قىش كۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئىككى شىرىكىم بىزنىڭ ئۇيگە كىرىپ كەلدى ۋە خۇشال ھالدا بىز ئىلگىرى تىگىش قىلغان قۇرۇلۇش ئىدارىسى بىناسىغا كىرىپ 800يۇەن نەق پۇل ۋە بىردانە خاتىرە كومپويۇتىر ئوغرىلاپ چىققانلىغىنى ماڭا ئېيتتى ، مەن ئاپلا دەپ قالدىم خۇددى بىركىم كانىيىمنى قاتتىق سىققاندەك نەپىسىم قىيىنلاشتى . مەن ئۇلارنى قاتتىق تەنقىت قىلغاندىن كىيىن ئۇزۇتۇپ قويدۇم . مەن بىلەتتىم مادىدىى ئىسپاتنى يۇشۇرۇش تەسىت ئىدى، ھەمدە ئىدارىنىڭ مۇقۇم مۇلكى يۇقاپ كەتسە دىلۇ مەلۇم قىلىدىغانلىغى ئېنىق ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ساقچىللار تەكشۇرۇشنى كۇچەيىتتى . مەن شىرىكلىرىمگە ئوغرىققا كىرگەندە كىيگەن ئاياقلىرىنى دەرھال يۇقۇتۇشقا بۈيرۇدۇم .بىز شۇنداق قىلىپ يۇرسەكمۇ ساقچىلار مىنىڭ بىر شىرىگىمنى چاقىرىپ ئېلىپ بېرىپ سۇراق قىلىپتۇ لىكىن شىرىگىم ئىشەنچىلىك ساقچىلاردا يىتەرلىك دەلىل-ئىسپات بولمىغانلغى ئۇچۇن قۇيۇپ بىرىپتۇ. مەن بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن <<گۇرۇھ>>نى تارقىتىۋەتتىم. تاقىتىۋەتكەندىن كىيىن شىرىكلىرىم ھۇنەرندىن قول ئۇزمىگەن بۇلۇپ ماڭا ئۇقتۇرماي ناھيىلىك خەلىق ھۇكۇمەت بىناسىغا ئاقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئوغرىققاكىرىپ ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ ئالتە ئىشخانىنى چېقىپ ناھيىلىك ئىنتىزام تەكشۇرۇش ئىشخانىسى ۋە مۇئاۋىن ھاكىم ئىشخانىغا كىرگەنلگىىنى دىدى، مەن ئەھۋالنىڭ چاتاق ئىكەنلىگىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتتىم مانا شۇكۇندىن باشلاپ ج خ خادىملىرى پۇتۇن كۇچى بىلەن ناھيىلىك خەلىق ھۇكۇمىتىگە ئوغرى كىرىش دىلوسىنى تەكشۇرۇۋاتاتتى . بۇدىلونىڭ جەمىيەتتىكى تەسىرى چوڭ بۇلۇپ جەمىيەتتىكى ھەربىر كىشى ھۇكۇمەتكە ئوغرىلىققا كىرگەن ئوغرىلارنى تىللايتى. مەن بۇ ۋاقىتتا ناھيىدە تۇرۇشنىڭ ياخشى ئىش ئەمەس ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىپ ئۇزەم كورلا شەھرىگە قېچىپ بېرىۋالدىم ، بىر شىرىكىمنى قوشنا ناھيىدە ئاچىسىنىڭ ئۇيىدە تۇرۇشىغا بۇيرىدىم قالغا قۇلىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئىككى شىرىگىم ناھيىدە قالدى.
ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ياز بەسلىنىڭ مەلۇم بىركۇنى مەن ناھيىدىكى شىرىكلىرىمگە تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىدىم ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ ھازىر بېسقىپ قالغانلىغىنى ئۇققانىدىن كىيىن مەن يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم.
مەن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بىرمەزگىل جىم يۇرگەن بولساممۇ ئىلگىركى ھەشەمەتچىلىك تۇرمۇش كۆز ئالدىمدىن كەتمەتتى، شەيتىنىم يەنىلا كونا يولدا مېڭىشقا ئۇندەتتى. بەلكى مەن يۇشۇنۇپ مۇكۇپ ئۇتۇشتىن جاق تويغان بۇلساممۇ لىكىن قانۇنسىز پۇل تېپىش ئىستىكى مىنى يەنىلا ۋەس-ۋەسكە سېلىۋاتاتتى. مەن بىر كەچلىگى ئىلگىركى شىرىكلىرىم بىلەن خەلىق مەيدانىدا بىر ئايالنىڭ سومكىسىنى ئېلىپ قاچتۇق، كىم ئويلىسۇن بىز سومىكىسىنى ئېلىپ قاچقان ئايال ساقچى باشلىقىنىڭ ئايالى بۇلۇپ بىزنى ساقچىلار تىزلا تۇتۇۋالدى، لىكىن بۇ قېتىممۇ تەلىيىمىز ئوڭدىن كىلىپ بىز ئەپقاچقان سومكىنىڭ ئىچىدە قىممەت باھالىق بىرنەرسە بولمىغانلغى ئۇچۇن ساقچىلار بىزگە تەربىيە بىرىپ قۇيۇپ بەردى. ئەمما بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھەركىتىم ئىكەنلىگىنى ئويلىمىغان ئىدىم.
7-ئاينىڭ 27- كۆنى كەچلىگى يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسى ناھيىتى ئىسسق بۇلۇپ ئۇيدە ئولتۇرغىلى بولماتتى .بۇگۇن نىمىشقۇدۇر كۆڭلىم ئارامىدا ئەمەس ئىدى ، نىمىشقىدۇر ئىچىم تىت-تىت بۇلۇپلا تۇراتتى،مەن مەھەللىدە باشقا دوسلىرىم بىلەن پاراڭلىشىپ كەچكە ئۇيگە قايتىشىمدا ئۇيۇم تەرەپتىن ئىككى ساقچى كىلىپ يۇلۇمنى توستى ، مانابۇ مىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىمنىڭ سۇرىقىنى بىرىدىغان ۋاقىت كەلگەن ئىدى. مەن ساقچىلارنى كۆرۇپ مىنىڭ ئىچىمنىڭ تىتىلدىشىمۇ توختىدى. مەن بۇگۇن تۇتۇلدۇم ، ساقچىلانىڭ بۇ قېتىم تۇتۇشتىكى مەخسىتى ئادەتتىكىدەك ئەمەس ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ناھيىتى كەسكىن سورغان ھەربىر سۇئاللىرى ئادەممى ناھايىتى قىيناتتى. مەن قاتتىق ئويلانغاندىن كىيىن ئىقرا قىلىش قارارىغا كەلدىم ۋە ساقچىلارغا باشتىن ئاخىرى بىرنىمۇ قالدۇرماي بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردىم .دىمەك مەن ئىقرار قىلدىم.............................................
مەن ئىقرار قىلدىم مىنىڭ ئىقرا قىلىشم بىلەن مەن بىلەن تۇخۇ ئوغۇرىلاشقا قاتناش قانلاردىن تاتىپ <<چوڭ ئىشلارنى>>ئەمەلگە ئاشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ساقچى تەرەپنىڭ قۇلىغا چۇشتى ، يۇرتىمىزدىكىلەرنى بىركىچىدە تۇتۇپ بولغاندىن كىيىن سىرىققا چىقىپ كەتكەنلەرنى ئىككى كۆن ۋاقىت ئىىچىدە تۇتۇپ قايتۇرۇپ كەلدى . مىنىڭ ئىقرارىم بىلەن جەمى 47كىشى قانۇن تورىغان چۇشنى جىنايى ئىشلار دىلوسىدىن 36پارچىسسى پاش بولدى، ئامانلىق دىلوسىنىڭ سانىنى ئالالمىدىم ، مىنىڭ ئىقرار قىلىشىم بىلەن كۆپلىگەن شىرىكلىرىم مەندىن رەنجىدى ، مەندىن يىگەندى، ھاتتا مەندىن قاتتىق ئۇمۇتسىزلەنگەرمۇ بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مىنىڭ ئاتا-ئانام ئۇرۇق تۇققانلىرىم مىنىڭ تۇرمىغا كىرىپ قالغانلىغىمنى ئۇقۇپ قاتتىق ئازاپلانغان بۇلۇشى مۇمكىن ۋاياكى كۆز-ياش قىلغان بۇلۇشىمۇ مۇمىكىن شىىرىكلىرىمنىڭمۇ شۇنداق بولغان بۇلۇشى مۇمكىن، بىراق مەن ئۇزەمنى يىقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بىرى ئەڭ ئازادە ھىسقىلىدىغان ، خۇددى ئۇستۇمدىكى ئېغىر بىر يۇكنى بىرسى ئېلىپ تاشلىۋەتكەندەك شۇنداق يىنكلەپ قالغان ئىدىم.
مەن ئاتا-ئانامغا مىنى كەچۇرۇڭلار دىمەيمەن، چۇنكى ئۇلار ئۇز-ئۇزلىرىنى كەچۇرەلىسە مىنى كەچۇرگەندىن ئۇشۇق كۇرۇمەن. مەن يەنە مەن بىلەن بىرگە ئوغرىلىق قىلغان، قىلماقچى بولغان، ۋە ئوغرىلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى تەڭ خەجلەپ تۇگۇتۇشۇپ بەرگەنلەرگىمۇ مىنى كەچۇرۇڭلار دىمەيمەن. چۇنكى بۇدۇنيادا كىم ئەسكىلىكنى قانچىلىق قىلسا شۇنچىلىك جازاغا تارتىلىشى كىرەك . مەن پەقەت مەن زىيانكەشلىك قىلغان، مەن نەرسە كىرەكلىرىنى ئوغرىلىغان يۇرتۇم خەلقىگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ مىنى كەچۇرۇڭلار دىيەلەيمەن. ئەممائەپسۇسلىنىدىغان بىرئىشىم بىز ئالتۇن-زىبۇ زىننەت ئوغرىلاپ ئاپىرىپ بىرىدىغان ھېلىقى كاززاپ خۇجايننىڭ ئۇيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ ئۇيىنى قۇرۇقلاپ قويمىغانلىغىمغا ئەپسۇسلىنىمەن.
ئاخىرى بۇ خۇجايىنمۇ قانۇننىڭ تورىغا چۇشۇپ تىگىشلىك جازاسىنى يىدى، ئاخىردا بىز سەككىزىمىزغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، بىز شايكا بۇلۇپ شەكىللەنگەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شەخسى ۋە ھۇكۇمەتنىڭ بۇلۇپ 70مىڭ يۇەنگە يېقىن نەق پۇل ۋە نەرسە كىرەك ئوغرىلىغان بۇلۇپ بۇ پۇل ۋە ماللا ئاتا ئانىمىزنىڭ ( ئاجرىشىپ كەتكەن ) تۇلەپ بىرىش بىلەن ئۇز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇلدى. ماڭا ئەڭ ئېغىر جازا مۇددەتلىك سەككىز يىللىق قاماق جاساسى بىرىلدى، قالغان يەتتە كىشىگە ئوخشىمغان دەرىجىدە يۇقۇرىسىغا تۆت يىللىق تۇۋىنىگە ئىككى يىللىق قاماق جازاسى بەردى،قالغانلىرى ئامانلىق جازاسى بىرىپ بىرتەرەپ قىلىدى،
جازاغا ئوچىرىغان سەكىكىزىمىنىڭ ئورتاق يېشىنى ھىساپلاپ كۆرسەم ئورتاق يېشىم 16.5ياش ئىكەن ھەممىىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى ئاتا-ئانىسى تۇگۇمەس سورۇن ، تۇگۇمەس چاي بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىپ باللىرى بىلەن چاتىغى بولمىغان بالىلار ئىكەن.
مەن ئويلايمەن ، تۇرمىدىن چىققاندىن كىيىن مۇقۇم بىركەسىپنى ئۇگۇنىپ ھالال ياشىشام دەيمەن. لىكىن بۇنىڭغا جەمىيەت يول قۇيامدۇ بۇلمەيمەن.
(بىر گۇماندارنىڭ بايانى ئەدىبىلەشتۇرۇپ ئېلىندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىنايەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق سانىنى ياش ئۆسمۇرلەت ئىگەللەۋاتىدۇ قېرىنداشلانىڭ ماقالىدىكى مەندىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىپ ياشلىق ۋاقىتىدا كۆپلەپ بىلىم ئېلىپ ياخشى يولغا مېڭىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن )
مەنبە : ئۇزقەلىلىم.