مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » مائارىپ سۇپىسى » سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار ( مۇسىلىنە )
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار ( مۇسىلىنە )

0
         بۈگۈن 3- سائەتلىك دەرس ئەمىلىي پائالىيەت ئاساسىدا ئۆتىلىدىغان بولغاچقا سىنىپقا كىرىپ ،ئالدىنقى سائەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىنىم بويىچە ، كوچىلاردىكى چاپلانغان تەشۋىقات ۋەرەقىلىرى ،ئىدارە -ئورگان ، سودا سارايلىرى... قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ دەرۋازا بېشىغا ئورنۇتۇلغان لوزۇنكا ، ۋىۋىسكىلاردا كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىپ ،شۇ ئاساستا تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىپ چىقشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ كوچىغا ئېلىپ چىقىپ ئەمىلىي تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتۇق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ تاپتا خوشاللىقلىرى ئىچىگە پاتماي قالغان بولۇپ ،ئۇلار  بىر تەرەپتىن كۈزەتكەچ ، بىر تەرەپتىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى خاتىرلەپ ماڭاتتى ۋە مەندىن ئۇ -بۇ سوئاللارنى سورايتتى ،مەنمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خوشال كەيپىياتىغا جۆر بولغاچ ئۇلارنىڭ  سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ ماڭاتتىم ، بۇ سائەتتە ئوقۇغۇچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق خېلى كۆپ ئىملا خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقتى . دەرس ۋاقتى توشقاندا ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كىرىپ ، چۈشتە ئۆيگە قايتاشىدا كىچىك سودا دۇكانلىرىنىڭ ئىشىك بېشىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۈزۈتۈپ ، ئۇچرىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى خاتىرلەپ قويۇش تاپشۇرىقىنى بەردىم .چۈشتىن كېيىنكى 6- سائەتلىك دەرس ۋاقتى سىنىپقا كىرىپ ، ئوقۇغوچىلارغا ئىملا خاتالىقلىرىنى كۈزەتكىنىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان خاتىرلىرىنى ئېلىپ ، تېپىپ چىققان ئىملا خاتالىقلىرىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تىلىمىزدا خەنزۇچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ بۇزۇپ ئىشلىتىلىۋاتقان  قانداق سۆزلەر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، شۇ ئاساستا ئىملا خاتالىقلىرى ۋە ئارىلاش سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىڭ ئۇيغۇر تىل -يېزىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرىنى سۆزلەپ بېقىشنى ئورۇنلاشتۇردۇم ، بۇ ۋاقىتتا سىنىپ ھەيئىتى قول كۆتۈردى ، مەن ئۇنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدىم ، << خانىم ،  بۇ دەرسنى ئۇكامغا 1- سائەتتە ئۆتۈپ بوپتۇ ،  ئۇكامنىڭ سىنىپىدىكى بالىلار نى خانىم سىرتقا ئەچىقماپتۇ ، ئۆزەڭلار كۈزۈتۈپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بېرىپتىكەن ، باللا كۈزەتكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېرىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن خانىم  ئۆزەڭلارنىڭ كۈزەتكىنى بويىچە  تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىڭلار دەپتۇ >> دېدى  تۇيۇقسىزلا ، مەن بۇ ئوقۇغۇچىنى بۈگۈنكى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ ئويلىغاچقا ، بۇنداق دېيىشىنى كۈتمىگەن ئىدىم ، شۇڭا دەماللىققا نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم ، << خانىم ، قالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەرسنى سىز ئۆتكەندەك ئۆتۈپ بەرسە بولمامدۇ ، ھەممە دەرسنى سىز ئۆتۈپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى >> دېدى يەنە بىر ئوقۇغۇچى تۇيۇقسىزلا ،<<  ھەممە ئوقۇتقۇچىلار سىلەرگە ماڭا ئوخشاشلا كۆيىنىدۇ ، مەندىن ياخشى ئۆتۈپ بېرىدۇ ،    ش       ئوقۇتقۇچى بۇ  دەرسنى  ئۆ تۈشتىن   بۇرۇن بالىلارغا ئۆزەڭلار ئىملا خاتالىقلىرىنى كۈزۈتۈپ كېلىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بېرىپتىغۇ ؟  مەن سىلەرگە ئۇنداق تاپشۇرۇق بەرمىگەچكە ئۆزەم ئەچىقتىم ، بولدى ئۆزىمىزنى دەرسگە كېلەيلى  >> دېدىم مەن << خانىم ،ھەممە ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ئوخشاش ئۆتمەيدۇ ،  ش   خانىم سىنىپقا كىرىپلا ، مىجەزىم يوق دەپ بىرنەچچىمىزنى  غولىنى تۇتقىلى قويىدۇ ، قالغانلارغا  قايسى پەننىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەپ بولالمىغان بولساڭلار شۇ پەننىڭ تاپشۇرىقىنى ئىشلەڭلار دەپ قويىدۇ ،ئۈچ -تۆت دەرسنى قوشۇپ بىرلا سۆزلەيدۇ ، يا چۈشەنمەيمىز ، بالىلار سىنىپتا بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ، ئويناپ كەتسە  مېنىڭ سەن نېمىلەرگە ئاغزىمنى ئۇپراتقۇم يوق ، دەپ سىنىپ ھەيئىتىنى  بالىلارنى باشقۇرغىلى قويىدۇ ، كومپىيوتۇر  خانىم سىنىپقا كىرىپلا ،  كىتاپنى ئېلىپ ئوقۇڭلار دەپ قويۇپ پارنىڭ قېشىغا ئورۇندۇقنى قويۇپ تېلىفون بىلەن سۆزلىشىدۇ ،( ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتۈشكە بولمايدۇ دېگەن تۈزۈم ئورنىتىلىپ  سىنىپتىكى ئارتۇق ئورۇندۇقلار يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىككى ئوقۇغۇچىنى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ ،ئۆزى بالىلار ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ دەرس ئۆتىدىكەن )  يا بولمىسا تېلىفون ئويناپ ئولتۇرىدۇ ،بىز مۇشۇ ماۋسۇم كىرگەننىڭ ياقى بىرەر قېتىممۇ كومپىيوتۇرخانىغا چىقىپ دەرس تىڭشاپ باقمىدۇق .....>> دېگەندەك گەپلەرنى ياغدۇرىۋەتتى ، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىممۇ قېپ قالدى ، ئوقۇغۇچىلارنى جىملىمەكچى بولدۇم - يۇ تۇرۇپلا بۇ ئويۇمدىن ۋاز كېچىپ قالدىم ، گەرچە ئۇلار كىچىك بولسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق تەپەككۈرگە ، سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىگە - دە ، مەن  بۇ گەپلەرنى سىنىپتا سۆزلىگىلى قويمىغان بىلەن ئائىلىسىگە بارغاندا ئاتا - ئانىلىرىغا چوقۇم دەيدۇ ، ئاتا -ئانىلار بالىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنى يەنە باشقىلارغا ئېيتىدۇ ،شۇڭا ئۇلارنىڭ سەبىي قەلبىدىكى يۈرەك سادالىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى بولدۇم،<<  بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالغاندا بىرەر  قېتىم ئولتۇرۇپ قالسىمۇ قالغاندۇ ؟ ھەمىشە ئولتۇرىۋالمايدىغاندۇ؟ بۇنى توغرا چۈشۈنىڭلار >> دېدىم بالىلارنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ،<<  بىرەر قېتىم ئەمەس ، داۋاملىق ئاشۇنداق ، دەرس ئۆتمەي ئەدەبىيات ياكى ماتىماتىكا تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى قويىدۇ ،ئەڭ كەپسىز ، دەرستە ناچار ئوقۇغۇچىنى كومپىيوتۇر دەرس باشلىقى قىلىپ قويدى ،ئۆزى ئولتۇرۇپ شۇ ئوقۇغۇچىنى باللا باشقۇرغىلى قويىدۇ ،يەنە تېخى پالانى ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىپلا << قايسىڭ دەرس ۋاقتىدا ئوينايدىكەنسەن تىرنىقىمنى جىننىڭ تىرنىقىدەك ئۆستۈرۈپ يۈزۈڭنى تىرمىلايمەن دەيدۇ ، كىم پاراڭ سالسا ئۇرىدۇ ، دىلخۇمارنى ئۇردى ، ئەمدى پاراڭ سالماي خانىم دەپ شۇنداق يىغلاپ يالۋۇرۇپ كەتتى ، بەك ئىچىمىز ئاغرىپ كەتتى ،قارىڭا خانىم ، دىلخۇمارنىڭ يۈزىگە ، يۈزى ئىششىپ كېتىپتۇ >> قارىسام يۈزى ئازىراق ئىششىپ قاپتۇ ، ئىچىم شۇنداق ئېچىشتى ، كۆڭلۈمدە << ئەگەر سېنىڭ بالاڭنى  بىرەر ئوقۇتقۇچى ئۇرۇپ مۇشۇنداق قىلىپ قويسا سەن قانداق قىلار بولغىيدىڭ ؟ سېنىڭ بۇ  ئوقۇغۇچىنى ئۇرىدىغان نېمە ھەققىڭ بار ؟ ئېسىت سەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپسەن ، سېنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قىلغان تىرنىقىمنى جىننىڭ تىرنىقىدەك ئۆستۈرۈپ يۈزۈڭنى تىرمىلايمەن دېگەن سۆزۈڭنى بالىلار ئاتا -ئانىلىرىغا دەپ بارسا ، ئۇلار نېمىمۇ دەر ؟ مۇشۇمۇ بىر  ئادەم تەربىيلەيدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان سۆزمۇ ؟ سەن  شۇ سەبىيلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزەڭنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ سۆزلىدىڭمۇ ؟ >> دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم ۋە بىرنەچچە كۈن ئالدىدىكى دەرس تىڭشاپ كىرگەندىكى ئەھۋال كۆز ئالدىمغا كېلىپ قالدى ،بىر نەچچىمىز  دەل مۇشۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ  3- يىللىققا ئۆتىدىغان ئوچۇق دەرسىنى تىڭشىغىلى كىرگەن ئىدۇق ، دەرس باشلىنىپ خېلىغىچە ئوقۇغۇچىلار تەرتىپكە چۈشمىدى ، ئاخىرى چىدىيالماي  ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالىلارغا << ساۋاقداشلار ، ھازىر سىنىپقا بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىلار دەرس تىڭشاپ كىردۇق ، سىلەر مۇشۇنداق تەرتىپسىزلىك قىلساڭلار قانداق بولىدۇ ؟ >> دېگەندىن كېيىن ئاندىن ئوقۇغۇچىلار دەرسكە  دىققەت قىلىشتى ،  دەرس ئۆتۈش جەريانىدا بىچارە ئوقۇتقۇچى بالىلارنى تەرتىپكە چاقىرىپ چىقىراپ ھالى قالمىدى ،ھەتتا بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، بىر ئوقۇغۇچىنى دۈشكەللەپ كەتتى ،دەرس ۋاقتى توشۇپ  بولغۇچە ئاران چىداپ ئولتۇردۇم .<<ئوچۇق دەرس ئۆتكەندىكى ھالى شۇ تۇرسا، ئادەتتە ئۆتكەن دەرسى قانداق بولار ؟ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر سائەتلىك دەرستىكى تەرتىبىنى ساقلاپ، جايىدا تەشكىللىيەلمىسە ، 6- يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسكە كىرگەندە قانداق قىلىدىغاندۇ ؟ مۇشۇنداق دەرس ئۆتسە دەرس ئۈنۈمىگە قانداقمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ ؟ >>دېگەنلەرنى كۆڭلۈمدىن ئۆتكۈزدۈم ،ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ قالدى.
       بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرس تىڭشىغىلى ئوندىن ئارتۇقراق ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ سىنىپ ئالدىغا باردۇق .( مەكتەپ بويىچە مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىسمى ،دەرس ئۆتىدىغان چىسلا ، قايسى سىنىپقا  قانچىنچى سائەتتە دەرس ئۆتىدىغانلىقى ... قاتارلىقلار جەدىۋەللەشتۈرۈپ ئىشخانىلارغا چاپلاپ قويۇلغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا ئەسكەرتىپ قويىلىدۇ )  سىنىپ ئىچىگە قارىساق  دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ،ئوقۇغۇچىلار بەخارامان ھالدا ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ  ئوچۇق دەرس ئۆتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان - ئېيتمىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن سورۇدۇم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەۋىرى يوقكەن ،دەرس ۋاقتى توشۇشقا بىر نەچچە مىنۇتلا قالدى ، مەن جىددىيلىشىپ ئۇ سىنىپ بۇ سىنىپقا كىرىپ قاراپ باقسام ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى مەلۇم بىر سىنىپتا  غېمىدە يوق ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ  چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ ، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ ئىچىدە ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ ، شۇنداق غەزىۋىم كەلدى ،<< سىز پالانى سىنىپقا  مۇھاكىمىلىق دەرس ئۆتەتتىڭىزغۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار سىنىپتا سىزنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ ، سىز غېمىڭىزدە يوق ئولتۇرىسىزا ؟ >> دېدىم ئاۋازىمنى يۇقۇرىراق چىقىرىپ ، << ئۆتەتتىم شۇ ، سەل مىجەازىم يوق ، خوشياقماي قالدى ، تەييارلىقمۇ قىلىپ بولالمىدىم >> دېدى ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ،<<  ئۇنداق ئادەم دەرسنى بۈگۈن ئۆتەلمەيمەن دەپ ئىلمىي بۆلۈمنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويسىڭىز بولمامدۇ ؟ ئوقۇتقۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇچە ، >> دېدىم ، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى ، تىللىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى .ئۇنىڭغىچە دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى ،مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپلا چىقىپ كەتتىم.ھېلىقى سىنىپقا كىرىپ ، ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھاكىمىلىق  دەرس ئۆتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم ، ئوقۇتقۇچىلار قاتتىق خاپا بولۇپ سىنىپتىن يېنىپ چىقتى . ھېلىقى ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتى توشۇپ ئارىدىن ئالتە مىنىۇتتەك ۋاقىت ئۆتكەندە ئاندىن دەرسكە كىردى ،ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى مەكتەپ خاتىرسىگە ئېلىندى ، لېكىن خاتىرگە ئېلىنغان بىلەن ، بەرىبىر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايدۇ - دە ، دەرس تىڭشاش ئۈچۈن كىرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلىمىساقمۇ ، شۇ ئوقۇتقۇچى كېچىكىپ كىرگەن سىنىپتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالتە مىنىۇتتىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە سىنىپتىكى 40 تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەچچە مىنۇتلۇق ۋاقتىغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ ؟ 16 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپ بويىچە ئۆتىلىدىغان مۇھاكىمىلىق دەرسكە تۇتقان پوزىتسىيىسى شۇ تۇرسا ، ئادەتتە ئۆتىدىغان دەرسكە قانداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ ؟ خىزمەتتتە ئەستايىدىللىق دېگەن نەرسە بولمىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىنىپ ئىچىدە ئەينەككە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىشىچۇ ؟ <<ھەي ،  قايېرىڭ ئوقۇتقۇچى سېنىڭ  ،سەن ئۆزۈڭنىڭ خۇنۈك ئوبرازىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە قانداقمۇ ئورۇن ئالالايسەن ؟ >> دەپ ئويلۇدۇم مەن .  بىز ئوقۇتقۇچىلار كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرىنى تەربىيلەيمىز ،بىز تەربىيلىگەن ياش -ئۆسمۈرلەر كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، مىللەتنىى تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلار ،ئۇلارنى  ئەتراپلىق تەربىيلەش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىم ھەرگىزمۇ ساختىلىقنى كۆتۈرمەيدۇ ،بىز بىر تەربىيلىگۈچى تۇرۇپ ئۆزىمىزدە تەربىيلىگۈچىگە خاس ساپا ، مېتود ، بىلىم ھازىرلىمىساق ، ، تەربىيلەنگۈچىلەرنى قانداقمۇ يارملىق ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالايمىز .ئوقۇغۇچىلارنى  جەلپ قىلغان ھالدا  ، دەرس ئىنتىزامىنى تەشكىللەپ تۇرۇپ ،بىر سائەتلىك دەرسنى ئەتراپلىق ، توغرا ،قىزىقارلىق ،چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يەتكۈزۈش دەرس ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مېتودىغا باغلىق ئىش .مېتود دېگەنننى بىر ئادەم ئۈگۈتۈپ قويىدىغان نەرسە ئەمەس ،ئۇ ئوقۇتۇش  ئەمىلىيىتى جەريانىدا ئوقۇتقۇچىدا ئۆزلىكىدىن يېتىلىدۇ ، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئالدى يىگىرمە نەچچە يىللىق ، كەينى 7- 8 يىللىق خىزمەت سىتاژىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ، شۇنچە يىلدىن بۇيان  ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دېگەننى ئۆگىنىپ بولالماي ، ئوقۇغۇچىلارنى گالۋاڭ قىلىپ ، ئۆزىگىمۇ ، مىللەتكىمۇ يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە ،ئوقۇتقۇچى دېگەن شەرەپلىك نامنىڭ يۈزىنى تۆكسە ، بۇنى قانداقمۇ ئادەم تەربىيلىگۈچى دېگىلى بولىدۇ ؟ بۇنداق دېگىنىم مەن دەرسنى بەك ياخشى ئۆتىمەن ، ھەممە جەھەتتە مۇكەممەل دېگىنىم ئەمەس ، شۇنداقلا ھەممە ئوقۇتقۇچىلار غا قارىتىلغان ئەمەس ، ئارىمىزدا مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ، مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن جاپا - مۇشەققەتلەرگە جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقان ، بارلىقىنى مائارىپ خىزمىتى ئۈچۈن ئاتىغان ئوقۇتقۇچىلار ناھايتى نۇرغۇن ، ئۇلار ھاردىم - تالدىم دېمەي  مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتىدۇ ،يەنە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىمىزمۇ بار ، ئۆزى مائارىپچى تۇرۇپ ئوقۇتۇشنى چۈشەنمەيدىغان ، ئوقۇتۇش خىزمىتىگە چۆكمەيدىغان ، ئوقۇغۇچىلارنى  ئويۇنچۇق  ئورنىدا كۆرىدىغان ،مائارىپ سېپىگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ، مۇشۇنداقلاردىن ھەر بىر ئۇيغۇر  مەكتەپتە ئىككى - ئۈچتىن چىقسا بىر ۋىلايەت تەۋەسىدە نەچچىسى چىقىدۇ ،ھەر بىرسى ئۆزىگە ئوخشاش ساپاسىز ئوقۇغۇچىدىن بىرنى يېتىشتۈرسە ، شۇنداق مىللەتكە يۈك بولىدىغان ئوقۇغۇچىدىن نەچچىسى چىقىدۇ ،<< كۆتۈمدە ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى >> دېگەندەك  تېخى بۇنداق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گېپىنىڭ  چوڭلىقى  ،بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنىڭ لاھىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ،<<  مېنى مانچىنچى ئورۇنغا تەكلىپ قىلماي باقسۇن قېنى ، ئانى دېيىشىمەن ، مانى دېيىشىمەن >>دەپ پوپوزا قىلىشىلىرى   ، خىزمەت باھالاشلار بولۇپ قالسا << مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بارلىقىمنى بېغىشلاپ ،ئۆزەم تەربىيلەۋاتقان ياش - ئۆسمۈرلەرگە كۆيۈنۈپ ، ئەتراپلىق بىلىم بېرىپ ،ساپا ، مائارىپىنىڭ تەلىۋى بويىچە دەرس ئۆتۈپ .....>> دېگەندەك يادىلىۋالغان  دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى شاتۇتىلاردەك ئوتتۇرىغا قويۇپ كېتىشلىرىچۇ ،تېخى ئۇلار راستىنلا بارلىقىنى  مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىسا ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولغان بولاتتى ، مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان بولاتتى ،ئۇلار بىر سائەتلىك دەرستە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ دەرس ئۆتەلمەي ،گۇنانى بالىلارغا قويۇپ ، <<ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇيەي ،  بالىلارغا چىڭراق گەپ قىلغىلى بولمايدۇيەي ....>> دېگەندەك چويلىدا توختىماس گەپلەرنى قىلىشىدۇ ،بىرەر ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا كەپسىزلىك قىلىپ قويسا ، سىنىپ مەسئۇلىنى چاقىرتىدۇ ،خۇددى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىر سىنىپ مەسئۇلىنىڭلا بالىسىدەك ،ئۆزى ئوقۇتقۇچى ئەمەستەك ،سىنىپ مەسئۇلى ئالغان مۇئاشنى ئۆزى ئالمايدىغاندەك ،پارتىيە -ھۆكۈمەتمۇ شۇ ئوقۇتقۇچىغا ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتىدۇ ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ دەپ مۇئاش بېرىدىغۇ ؟ ئۇلار قاچانغىچە تۆمۈر تاۋاقتىن قۇتۇلالمايدۇ ،ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قانداق دەرس ئۆتىۋاتقىنى بىلەن ھېساپلاشماي ، << ھازىر مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى >> دەپ قاخشىشىدۇ ،كۆپىنچىلىرى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى تۆۋەن دەپ پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بەردى ،يۇقۇرقىغا ئوخشاش بىر قىسىم ساپاسى تۆۋەن ئوقۇتقۇۇچىلار  ئوقۇتۇشقا مۇشۇنداق پوزىتسىيە تۇتسا تۆۋەنلىمەي يۇقۇرلامتا مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتى ؟ سىز ئۆزىڭىز  مائارىپچى تۇرۇپ، 40 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىڭىز ،   ،ئۆزىڭىز دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارغا بىلىم بېرىشتە ئەستايىدىل بولماي ئوقۇغۇچىلارنى كىچىك ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ دەپ گوللا پ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ  كويىدا يۈرسىڭىز ،  مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەيدۇ ئەلۋەتتە  ، مىللى مائارىپنى  راۋاجلاندۇرۇشنى  بىز  ئوقۇتقۇچىلار ئۈستۈمىزگە ئالمىساق ، باشقا كەسپتىكىلەر  مەكتەپلەرگە كېلىپ بىزنىڭ ئورنىمىزدا دەرس ئۆتۈپ، مىللى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇپ بەرمەيدۇ ،<< مائارىپنىڭ گۈللىنىشى ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىق ، مىللەتنىڭ راۋاجلىنىشى كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ياش -ئۆسمۈرلەرگە باغلىق >>بىز مائارىپچىلار مائارىپ ئىشلىرىدا ساختىلىق ئىشلىتىدىكەنمىز ، ئۇنداقتا مىللىتىمىزگە زىيانكەشلىك قىلغىنىمىز بولىدۇ ،بۇنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرسە بولىدۇ ،مېنىڭ بۇنى يېزىشىمدىكى مەقسىدىممۇ ، مائارىپ سېپىنى جان باقتىلىقنىڭ يولى قىلىۋالغان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن ، مەن ئويلايمەن ،ئەگەر تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھالىشىغا قويغان بولسا ، ئۇلار ئەڭ ئادىل باھالىغۇچى بولۇپ ، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا تەكلىپ قىلىپ قويغان بولار ئىدى ، چۈنكى ئۇلار كىچىك بولسىمۇ ياخشى -ياماننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بار ، قايسى ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى ، قايسى ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ئايرىپ چىقالايدۇ ،مېنىڭ يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېيتىدىغىنىم <<  سەبىيلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سۆزلەرگە قۇلاق سېلىپ قويايلى ، ئۇلار ئالدىدىكى مىللەت ئالدىدىكى ، جەمىيەت ئالدىدىكى شەرەپلىك ئوبرازىمىزغا داغ كەلتۈرمەيلى ، ئۇلار كەلگۈسىدىكى مىللىتىمىزنىڭ ئۈمۈدلىرى ، ئۇلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن نابۇت قىلمايلى >>

       مەنبە : ئۆز قەلىمىم
تېما تەستىقلىغۇچى : okyan520
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-21
-سىز كۆرۋاتقان تىما سەبىيلەر كۆڭلىدىكى سۆزلەردىن تۇغۇلغان ئويلار ( مۇسىلىنە ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-21 05:16 PM |
HuxTaR
شۇنداق  كۈنلەرمۇ  ئۆتكەن!!!
تەشۋىقات ئەلچىسى مىسرانىم مەستانىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1461
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 693
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە693دانە
شۆھرىتى: 267 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2325 سوم
ياخشى باھا: 2466 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:195 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

5 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-07
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ۋاي  مۇسىلىنە   ھەدە، بۇ  ئۆزىڭىزنىڭ  سىنىپىدىكى  بالىلاردىن  ئالغان  پىكىرمۇ؟ بىزنىڭ  مەكتەپتىكى  بىر  قىسىم  ئوقۇتقۇچىلارمۇ  شۇنداق، دائىم  سىنىپقا  كىرىپ  ئۆزى  بىر  بۇلۇڭغا  كىرىپ ئولتۇرىۋالىدۇ، قەتئىي  دەرس   سۆزلىمەيدۇ، بەزىدە  ئۆزىنىڭ  دەرسىدە  سەرس  ئۆتمەي، تەنتەربىيە  قاتارلىق  دەرسلەرنىڭ  ۋاقتىنى  ئىلىۋېلىپ  دەرس  ئۆتىۋالىدۇ، بەزى  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  دەرسىنى  چۈشەنگىلى  بولمايدۇ.
بۇرۇن  شۇنداقلا  ئۆتۈپ  كەتكەن  ئىدى، ھازىر  بۇنى  تولدۇرىۋالغىلى  بولمايدۇ! ھەي...شۇ  چاغلار!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 05:52 PM |
kawsarjan
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5834
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 194
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
شۆھرىتى: 97 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
ياخشى باھا: 236 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:114 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

26 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-12-05
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھازىرقى دەرىر رىقابەت دەۋرى تۇرسا شۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قۇلىدىن قانداق ئىز باسار يىتىشىپ چىقماقچى ئۇنداق توغماس تۇخۇلارنى ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىدىن بۇرۇنلا قوغلاپ چىقىرىش كىرەك ئىدى. ساپا مارىپى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان دەرىر ئېقىمىغا يىتىشەلمەيۋاتقان ئۇقۇتقۇچىلارمۇ كۆپ ئارىمىزىدا بۇنداق ئۇقۇتقۇچىلارنى ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىدىن قوغلاپ چىقىرىش لازىم .
ئۇزىنىڭ ئالغا مائاشىغا قانداق يۇزكىلىدىغاندۇ ئۇلار؟
تۇرا
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 06:24 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

مەن   ئوقۇۋاتقاندا  خىلى  ئىغىرتى بۇنداق  ئىشلار  لىكىن  مەن  ھازىر بۇندا   ئىشلار  تۈزەلدى  دەپ قارايتتىىم      توۋا خۇدايىم    ئادەم  توۋا  دىمىسە بىكار جۇمۇ   .....مەن ھازىرمۇ بۇنداق  سەۋىيسىز   ،   مەسئۇلىيەتسىز  ناچار  ئوقۇتقۇچىلار  ساقلىنۋاتىدۇ  دەپ   ئويلاپمۇ  باقماپتىكەنمەن
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 06:55 PM |
xohgul
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5656
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 207
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە207دانە
شۆھرىتى: 43 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 844 سوم
ياخشى باھا: 209 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:2 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:20 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

30 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-30
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھارام نان يەپ يۇرەمدىغاندۇ مۇشۇ خەق ...........
ئۆزى بولسىلا بولىدىغان ئوخشايدۇ ....................
مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىمۇ بار ئىدى بۇنداق ئىشلار ............
كىم 三亭~~~
سۆيەر بولساڭ ئەگەر بىرسىنى ، قەدىرلەپ ھەم قەدىرلىتىپ سۆي ~~
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 07:37 PM |
parhat007
پاك تۇغۇلۇپ، ئۇيقۇدا ياشاپ. گۇناھ بىلەن كېتىمىز!!!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : جان ئەزا


تىزىم نۇمرى : 753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1028دانە
شۆھرىتى: 458 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 4416 سوم
ياخشى باھا: 3156 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:390 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

50 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

ھازىر  دېمىسىمۇ  بىر  قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردا  ئوقۇغۇچىلارنى  ھەدېسىلا
سىنىپقا  سولىۋېلىپ، ئۇلارنى سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت..................
يەنە تېخى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گەرچە بىلىم سەۋىيسى دېگەندەك ياخشى بولمىسىمۇ، ھەدېسىلا ئۆزىنى مەن دېگەن مانداق ئىلغار ئىشلىگەن، ئانداق مۇنەۋەر خىزمەتچى دەپ ئۆزىنىڭ تەجىربىسىنى دەستەك قىلىۋېلىپ ياش  بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۈت..............
مىسرانىم  ئۈچۈن  ھەممىمىز تىرىشايلى .............
مىسرانىم سىز نىڭ  ، شۇنداقلا  ھەممىمىزنىڭ.............
http://blog.9saray.com/4586
http://blog.retim.cn/725990
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 11:20 PM |
ankar731
دەرىجىسى : جانلىق ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5556
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 544
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە544دانە
شۆھرىتى: 136 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 1796 سوم
ياخشى باھا: 603 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:4 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:122 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

18 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-28
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 

ھىلىمۇ ئوقۇشتىن ۋاز كىچىپتىمەن.....................بولمىغان بولسا         
ئاشتا ئوقۇتقىچىلار بولغاچ بىزمۇ شۇندا بولىۋاتىمىز.
جاھانغا بىقىپ دەم،
سۇغا بىقىپ چەم.........................
قانداق قىلامىز.........      
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشىغىن مەغرۇر،
ھەممە ئادەمدە بولمايدۇ ۋىژدان ۋە غورۇر.
يىلىنىپ يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
دىيارىڭ شىنجاڭ مىللىتىڭ ئۇيغۇر.
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-21 11:27 PM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » مائارىپ سۇپىسى
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.112592(s) query 8, Time now is:01-03 04:41, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation