ئۇ مۇھەببەت ئەمەس ئېھتىياج
ھىكايە
تېيىپجان ناسىر
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ ، بىر مەزگىللىك ئىچ سىقىلىش ، زېرىكىش ، خىزمەت كۈتۈشتىن كېيىن ، ھەممەيلەننى « تارازا » بىلەن بىر قېتىم ئۆلچەپ باقىدىغان « يەرلىك ئىمتىھان » دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئىشقا چۈشتۈم . دەسلىپىدە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكەتكە ئورۇنلىشىۋالدىم دەپ خۇشال بولغاندىم . لېكىن خىزمەت ئالدىراشلىقى بەزىدە مېنى خىزمەتتىن تېرىكتۈرۈپمۇ قويدى . شۇنداقتىمۇ ھازىرغىچە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ساۋاقداشلىرىمىغا قاراپ « شۈكرە » دەيتىم ئۆزەمگە . قىزىق ئىش بىز ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا ساۋاقداشلار دائىم بالدۇراق خىزمەتكە چىقىپ جەمئىيەتكە قەدەم قويساق - دەپ ئويلايتۇق . ئەمدىچۇ ، ئالى مەكتەپتىكى رومانتىك تۇرمۇشنى ئەسلەپ قالىدىكەنمىز . نىمە ئىلاج « ئاتقان ئوق ئارقىغا يانمايدۇ » دىگەندەك ئۆتكەن كۈنلەر ئارقىغا قايىتمايدىكەن . شىرىن ئەسلىمە بىلەن كۆڭلىمىزنى بەزلەيدىكەنمىز . نەچچە كۈندىن بۇيانقى يېزىدا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەت تەكشۈرۈش ئالدىراشلىقى مېنىڭ پەقەت ئاراممىنى قويمىغان ئېدى ، شۇنداقتىمۇ بىر كۈنلۈك خىزمەت خۇلاسىسىنى باشلىققا قىسقىچە دوكلات قىلىۋەتتىم - دە بىر ئاز يىنىكلىگەندەك بولۇپ ئىشخانامغا كىرىپ كىرىسلوغا ئۆزەمنى تاشلاپ بىردەم ئارام ئالماقچى بولىۋېدىم ، بىردىنلا شىرە ئۈستىگە قويۇلغان بىر پارچە باغاققا كۆزۈم چۈشتى ، ئالدىراشلىق ئىچىدە باغاققا قول سۇندۇم .
ھۆرمەتلىك مۇرادجان ئۆزلىرىنى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مەرىكىمىزنىڭ ئەزىر مېھمىنى بولۇشقا تەكلىپ قىلىمىز .
ھۆرمەت بىلەن : رىسالەت
غەيرەت
ۋاقتى : ئەرلەر سائەت 7 دە ئاياللار سائەت 12 دە
ئورنى : بايىنبۇلاق رېستۇرانى
- رىسالەت ، ھەي رىسالەت ئاخىرى بىرسىنىڭ پېشىگە رەسمىي ئېسلىپسەن ، دە - دىدىم ئىچىدە . « تۈشۈك مارجان يەردە قالماپتۇ » دىگەن راسىت گەپ ئوخشايدۇ ، سەن ئاخىر بويتاقلىقتا ئايال زاتىغا تەشنا بولغان غەيرەت دىگەن ئۇ ئادەم ئۈچۈن قەدىرلىك تۇيۇلۇپسەندە . بوپتۇ ، خۇدا ساڭا بەخىت - سائادەت ، ئىنساپ - دىيانەت ئاتا قىلسۇن ، ئەمدى قايتىدىن ئادەم بولارسەن ........
غەزەپتىنمۇ ياكى ھارغىنلىقتىنمۇ ئۇسسىغاندەك بولۇپ بىر ئىستاكان سوغۇق چاي ئىچىۋالغاندىن كېيىن ، دېرىزىنى ئاچتىم ھەم گىرىمسىمان تۇمانلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرغان شەھەر مەنزىرىسىگە نەزەر سالدىم ، قاياقتىندۇر مۇڭلۇق ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى :
مۇھەببەت ئالما ئەمەس ،
ھەر كىم ئۈزۈپ ئوينايدىغان .
خالىسا چىشلەپ قويۇپ ،
خالىمىسا تاشلايدىغان ...........
ناخشا خىيالىمنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بېرىۋاتاتتى . يانفۇننىڭ تۇيۇقسىز چىرىلدىغان ئاۋازى مېنىڭ خىيال يىپلىرىمنى ئۈزۈپ قويدى . مەن دەرھال يانفۇندىكى نومۇرغا بىر قارىغاندىن كېيىن تېلېفۇننى ئالدىم .
- ياخشىمۇسىز ؟
بۇ ئاۋاز ماڭا تونۇشتەكلا بىلىنىپ كەتتى .
- ياخشى ، ياخشى ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ - دىدىم ھودۇقۇپ .
- تېلېفۇن رىسالەتتىن كەلگەن ئىكەن . بىز ھال - ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن :
- مۇراد ، تويىمىزغا باغاق ئىبەرتكەن تاپشۇرۇپ ئالغانسىز ھە ؟ ھە راسىت گۈلنارغىمۇ باغاق ئىبەرتتىم ، بىرگە كىلەرسىلە جىمۇ - دىدى ، ئۇ تەككەللۇپ بىلەن .
- بولىدۇ ، چوقۇم بىرگە بارىمىز رىسالەت خاتىرجەم بولۇڭ . خوش ئەمسە دىدىم - دە ، تېلېفۇننى قويىۋەتتىم .
ئىچى - ئچىدىمدىن ئۇنى تىللىغىم ، ھەتتا ئۇرغۇم كىلەتتى . چۈنكى ئۇنىڭ ئالى مەكتەپتىكى مېنى بىزار قىلغان خىلمۇ - خىل قىلىقلىرى بىرىدە غەزىۋىمنى ئۆرلەتسە ، بىرىدە « توۋا » دىگىمنى كەلتۈرەتتى . بەزىدە تېخى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىدىن ئەنسىرەيتىم . نىمىلا دىگەن بىلەن رىسالەت ئىككىمىز بىر يۇرۇتلۇق ، مەكتەپداش ، ساۋاقداش . شۇڭا ئۇنىڭ قىلىقلىرى غەزىۋىمنى كەلتۈرسىمۇ ، ۋۇجۇدۇمدىكى بىر خىل كۈچ ئىنسانى ھىسداشلىقىمنى قوزغىماي قالمايتى . لېكىن ، بىر قىسىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ رىسالەتنى ئىما قىلىپ قىلىشقان چاقچاقلىرى جېنىمدىن ئۆتەتتى . شۇ چاغلاردا ئىچ - ئىچىمدىن ئازاپلىنىپ ئۈن چىقارماي جىم بولاتتىم ، غەزىۋىم ئۆرلەپ قالغان كۈنلەردە بولسا خىلمۇ - خىل گەپلىرىم بىلەن ئۇلارغا غەزەپلىك رەدىيە بېرەتتىم . ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتى ئاشۇ يوسۇندا ئۆتكەچكە ، بۇ جەرياندىكى بىر قىسىم ئىشلار زادىلا ئېسىمدىن چىقمايتى . شۇڭا ، رىسالەت دىگەن ئىسم قۇلىقىمغا ئاڭلانغان ھامان قەلبىمدە خىيال كەلكۈنى ئەۋىج ئۇرۇپ كىتەتتى . شۇ تاپتىمۇ ئالى مەكتەپ ھاياتىدىكى قەلبىمگە ئۆچمەس مۆھىر بولۇپ بېسىلغان كۈنلەر كۆز ئالدىمدا كىنۇ كارتىنىلىرىدەك نامايەن بولۇشقا باشلىدى .
※※※※※※※※※1※※※※※※※※※
1995 - يىلى كەچكۈز ئاخشىمى ( ئانا يۈرۈتتىن ئايرىلىپ مەكتەپكە كەلگىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان كۈنلەرنىڭ بىرى ) بىز ئالى مەكتەپكە كەلگەن بۇ جەرياندا ئالى مەكتەپ تۇرمۇشى بىلەن بىر قۇر تونۇشۇشقىمۇ ئۈلگۈرۈپ ، مەكتەپ تۇرمۇشىغىمۇ تەدىرىجىي كۆنۈپ كەتتىم . شۇنداقتىمۇ كۆڭلىم ھامان ئانا يۈرۈت ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى . بولۇپمۇ شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى بولسىلا بىكار ۋاقىت ئادەتتىكىدىن كۆپىيىپ ، ئانا يۇرۇت ھەققىدا خىيال سۈرىمەن ، ئۆيگە تېلېفۇن قىلىمەن ، كەچلىرى كۆڭلىمىنى غېرىپلىق چىرماپ مۇڭغا چۆكىمەن . شۇ تاپتا مەن قارىغاي سايىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئەنە شۇ خىياللارغا ئەسر بولۇپ كەتكەن ئېدىم . كۆڭلىمدىكى چىگىشلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆزۈم ئېچىشقىچە كىتاپ كۆردۈم . يەنىلا شۇ خىيال قۇشلۇرۇم ئانا يۇرتۇمنى كەزمەكتە . خىيالدىن بىر پەس بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن غىڭشىپ ناخشا ئوقۇپ باقتىم ، ھارغىنىمدا كۆزۈمنى چىڭ يۇمغىنىمچە سۈكۈتتە ئولتۇردۇم . بىر كەمدە كۆزۈمنى ئاچسام ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ، گۈللۈك ئەتراپىدىكى چىراق ئەتراپنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇرۇپتۇ . تۇيۇقسىز ئاللاكىملەرنىڭ ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى . ئاياغ تىۋىشى بارغانسېرى يېقىنلاپ مەن تەرەپكە بىر جۈپ گەۋدە كىلىۋاتاتتى ، بۇلارنىڭ بىرى قىز ، بىرى ئوغۇل ئېدى ، يېقىنلاشقانسېرى مەن قىزنى دەرھال تونىۋالدىم .
- بۇ رىسالەتقۇ - دىدىم ئىچىمدە
ئۇلار مېنى كۆردىمۇ ۋەياكى كۆرمىدىمۇ بۇنىسى ماڭا ئېنىق ئەمەس ئېدى . ئۇلار ئارقا تەرەپتىكى ئورۇندۇققا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆز پاراڭلىرىنى باشلىدى . مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ يىراقلاپ كەتمەكچىمۇ بولدۇميۇ ، لېكىن قانداقتۇر بىر خىل سىرى كۈچ مېنى قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ ، چىن دىلمىدىن ھۆرمەتلەپ كىلىۋاتقان رىسالەتنىڭ ئاللاقانداقتۇر سىرلىرىنى بىلىپ بېقىشقا ئۇندەۋاتاتتى . ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇغۇل بالا رىسالەت بىلەن بىر سىنىپتىكى ئادىل ئېدى . ئۇ رىسالەتكە غەزەپ بىلەن سۆزلىمەكتە ئېدى :
- رىسالەت مەن سىزگە دەسلەپ تەلەپ قويغاندا يىراق سەھرالاردىن كەلگەن سەبئىي قىز ئىكەنلىكىڭىزنى تىلغا ئېلىپ ، مۇھەببەت دىگەننىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ، مۇھەببەتلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ، پەقەت كىنو ، كىتاپلاردىلا ئىشقى - مۇھەببەت دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانلىقىڭىزنى تەكىتلەپ تۇرىۋالغانتىڭىز . تولىمۇ ئەپسۇس ، سىز ئەسلىدە ياغدا پىشقان مونەكباش ئىكەنسىز ؟! سىز تېخى نومۇس قىلماي مېنى بىر ياقتىن كولدۇرلۇتۇپ ، يەنە بىر ياقتىن ھېلىقى يۇرۇتلىقىڭىز « ئاشپەز قاسماق » بىلەن ...........
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز ئادىل ، مېنى بىھۇدە ئازاپلاپ ھاقارەتلىمەڭ . مەن شەرمى ھايالىق قىزمەن . ئەگەر سىز مېنى چىن كۆڭلىڭىزدىن سۆيسىڭىز ، ياقتۇرسىڭىز يۈرەيلى ، ئەگەر ياقتۇرمىسىڭىز ئىختىيارسىزدە . سىز تولا رىۋايەت سۆزلەپ مېنى ئۆزىڭىزدىن بىزار قىلماڭ ، بولامدۇ ؟
- نىمە ؟ سەن تېخى مەندىن بىزارما
ئادىل غەزەپتىن رىسالەتنى سەنلەپ چۈشتى .
- توغرا مەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەندە پۇل ئاز ، سېنى « دىبالار » دا ئوينىتىپ ، « بىڭگەن » لەردە قوندۇرالمايمەن . سەن مېنىڭ پۇلۇمنى ئاز كۆرۈپ ياقتۇرمىغان بولساڭ كۆزۈمدىن يوقال . ئەمما ، شۇنى بىلىپ قوي ئەتە پۈتۈن ئەپتى - بەشىرەڭنى ساۋاقداشلار ئالدىدا ئېچىپ تاشلايمەن ، بىلدىڭمۇ رىسالەت !
ئادىل غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ ئورنىدىن ئىشتىك تۇردىدە ئەتراپقا بىر قاراپلا ئورنىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى .
- نىمىگە ئاچىقلايسەن ئادىل ، قولۇڭدىن كەلسە « ياغ چاينا » ، مەن باشتا دىگەنغۇ مەن بىرسى بىلەن مۇھەببەتلەشمىدىم ، يەنىلا مۇھەببەتلەشمەيمەن . سەن باشتا ماڭا يالۋۇرغان ئېدىڭ ، ساڭا ئىچىم ئاغرىپ بوپتۇ دىسەم ، ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە شەخسى رازۋىتكىچىمدەك ماڭا بەتنام چاپلاپ ئاقنى قارا قىلىپ قويىۋاتسەن . نىمە غەرىزىڭ بارلىقى ئۆزەڭگە ئايان ، بولدىلا .
- رىسالەت بۇ گەپنى راسىت دەۋاتامسەن ؟ سەن مېنى بىلمەيدۇ دىمە ، ھېلىقى كۈنى مەن سېنى ياتىقىڭنىڭ ئالدىغا ئاپرىپ قويغاندىن كېيىن سىرىتلارغا چىقىپ نىمە ئىش قىلدىڭ ؟ تېخى نومۇس قىلماي « قىزىلنۇر » دىسكوخانىسىغا بېرىپ قانغۇچە « مىيگۈيشىياڭ » ئىچىپ مەس بولۇپ ھېلىقى ئات كاللا ، سىم بۇرۇت بىلەن نەدە قوندۇڭ ، ئېيتە قېنى ؟
ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن رىسالەت يىغلامسىراپ ئېغىز ئاشتى :
جېنىم ئادىل بولدى قىل ، ئۆپكەڭنى بىسىۋال ، نىمە تەلىپىڭ بولسا مانا مەن تەييار ، ئادەم دىگەن « ئازغۇچى » دىسە ئىشەنمەيتىم ، ئاشۇ كۈنى سەن كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ ياتاقنىڭ ئالدىن پەقەت كەتكىلى ئۇنىمىدى ، كىشلەر ئالدىدا سەت بولمىسۇن دەپ -
- نىمە سەن تېخى نومۇس قىلىشنى بىلەمسەن ، ھۇ يۈزى قېلىن .......
- خاپا بولما ، مەن « قەغەزدىن ئاق ، سۈتتىن پاك »
- ئاغزىڭنى يۈم ، نومۇس قىلماي دەۋاتقان گىپىنى بۇ بۇزۇقنىڭ ...
رىسالەت يىغلامسىراپ ئادىلغا يالۋۇرىۋاتاتتى .
- ئۆتۈنۈپ قالاي ئادىل مېنى بىر قېتىم كەچۈرگىن ، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن .
- تۈفې يۈزى قىلىن ، سەندەك بۇزۇقنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن
ئادىل غەزەپتىن ئورۇندۇققا قاتتىق بىرنى تەپتىدە يەرگە تۈكۈرگىنىچە ئارقىغىمۇ قارىماي كىتىپ قالدى .
ئۆز كۈزۈم ، قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قىلىۋاتاتتىم . بۇ ئوڭۇممۇ ۋە ياكى چۈشۈممۇ - دەپ ئەتراپقا قاردىم . ئەتراپتا رىسالەتنىڭ ئىسەدەشلىرىدىن باشقا تىۋىش يوق ئېدى . رىسالەت سەن مېنىڭ قەلبىمدە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىز ئېدىڭغۇ ، لېكىن چوڭ شەھەرگە كىلىپلا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنىڭ نىمىسى ؟ ئائىلە ئەھۋالىڭ ياخشى ، ئۆيدىكىلىرىڭ سەن ئۈچۈن ھەممىنى قۇربان قىلالايتىغۇ ؟ ئىقتىسادتىن قىلچىمۇ قىينالمايتىڭغۇ ؟ - دىدىم ئىچىدە چوڭقۇر ھەسرەتلىنىپ . ئاردىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ماڭا نامەلۇم ئېدى . ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئېدى . مەن ئېغىر قەدەملىرىمنى ئاستا يۆتكەپ ياتاققا قاراپ ماڭدىم .
شۇ كۈندىن باشلاپ رىسالەتنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە كۆپ ئويلىنىدىغان ھەم ئۇنىڭ ھەر بىر سۆز ، ھەركەتلىرىگىچە گۇمانسىراپ قارايدىغان ، ھەتتا ئىز قوغلاپ كۈزىتىدىغان بولۇپ قالدىم . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئادىلنىڭ سۆزىنىڭ ھەقىقىي ئاساسى بارلىقىغا ئىشەندىم . توۋا ئاللا قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىيانەت ئاتا قىلغاي . كۈنلەر ئۆتىۋەردى ، مەن بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا سۆز ئاچاي دىدىميۇ ، ئەمما توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى ماڭا بەدنام چاپلىماڭ دىيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆز ئىشىم بىلەن بولىۋەردىم . بەزىدە ئۆز - ئۆزەمگە ھەيران بولۇپ :
- رىسالەت مېنىڭ نىمەمتى ؟ مەن ئۇنى كۆزىتىپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماراپ يۈرىيدىغان مېنىڭ قىز دوستۇممىتى ؟ ئۇمۇ بىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، ھىسى ئاڭغا ئىگە قۇرامىغا يەتكەن ئادەمغۇ ، توۋا ماڭا نىمە بولدى - دەپ ئۈنسىز پىچىرلايتىم .
كۆزلىرىم ئۇنىڭ بىر قىسىم قىلىقلىرى ، قۇلاقلىرىم بىر قىسىم سۆز - چۆچەكلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ، كۆڭلىمدە ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم ئاشاتتى .
- نىمىلا دىگەن بىلەن بىز بىر يۈرۈتلۇق ئەمەسمۇ ، بىر ئەركىشى تۇرۇقلۇق بىر قىزنى يامان يولدىن توسىيالمىسام مېنىڭ نىرىم ۋىژدانلىق ئەرگە ئوخشىسۇن - دەپ ئۆز - ئۆزەمدىن نەپرەتلىنەتتىم .
كۈنلەر ئۆز رەۋىشىدە داۋاملىشىۋەردى . خىيال ۋە نەپرەتلىرىم كۈندىن - كۈنگە ئاۋۇپ باردى .
- لېكىن مەندە نىمە ئىلاج - دەيتىم ئۆزەمنى بەزلەپ
بەزىدە رىسالەت ھەققىدە ئۆز تۇيغۇم بويىچە مۇنازىرە قىلىپمۇ باقتىم .
- ئۇ ئەسلىدە ياخشى قىز ئېدى ، ئۇ شۇ ھالىتىدە ياشاۋەرگەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ........ دىگەنلەرنى كۆڭلىمدىن تەكرار ئۆتكۈزدۈم ھەم ئۇنىڭ دەسلەپكى ھالىتىنى ئويلاپ چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە خىيالغا پاتتىم
مەنبە
http://bbs.qakqak.com