مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       197 
  •    ئىنكاس 
       4 

مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ

قەۋەت ئاتلاش
kuzum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18700

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1721 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8694 (سوم)
 ياخشى باھا:   871 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1337  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4773
 سائەت
دەرىجىسى:
4773 سائەت 177 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-05

YZD]<ptR  
Jc6 D^=  
مۇھەببەت قارشى تەرەپكە ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشمۇ 4K% YS  
1yf&ck1R  
O;tn5  
/ nRaxzf'  
مۇھەببەت ئۆلمەس تېما، ئۇ ھەممە ئادەم بېشىدىن ئۆتكۈزىدىغان شېرىن ھەم ئازابلىق جەريان. كىشىلەر بۇرۇندىن تارتىپ مۇھەببەتنى كۈيلەپ كەلگەن. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يۈرىكى بىلەن چىن مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان. ئەمما ئاقىۋەتتە ھەقىقىي ۋىسال تاپقانلار يەنىلا ساناقلىقلا بولغان. دەل مۇشۇنداق بولغىنى ئۈچۈن، مۇھەببەت ھازىرمۇ كەلگۈسىدە يەنە مەڭگۈلۈك تېما سۈپىتىدە قېلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە كىشى بىر ئۆچمەس ئابىدە قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەببەت مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. :oQaN[3>_  
بەزىلەر مۇھەببەتنى گۈلگە ئوخشىتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۇنى قۇياشقا ئوخشىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئاللىنېمىلەرگە ئوخشىتىدۇ. بەزىلەر تا ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن مەنە ئىزدەپ كەلدى، يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ تەبىر بەرمەكچىمۇ بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا سوئال پىتى قىلىۋەردى. شۇنداق مۇھەببەت شۇنداق نەرسە. ئۇنىڭ تەبىرى يوق ھەمدە ھېچ ئوخشىشى يوق. ئۇ ھەر ئىككى تەرەپتىن پاك بولۇشىنى، بىر-بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى، بىر-بىرى ئۈچۈن ھەقىقىي قۇربانلىق بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ساختىپەز، ئالدامچى، نەپسانىيەتتىن ئۆزگىنى ئويلىمايدىغان كىشىلەر مەڭگۈ مۇھەببەت قەسرىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلىدۇ. yK;I<8+>_  
نۇرغۇن كىشىلەر دائىم ھەقىقىي، چىن مۇھەببەت توغرىلىق سۆزلىشىدۇ. ئۆز مۇھەببىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشىدۇ، لېكىن ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا مۇھەببەتمۇ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەربىيىلىشىگە موھتاج. مەيلى سىز كىم بولۇڭ، نېمە ئىشى قىلىڭ، سىز بىراۋ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنى ھەر كۈنى تەربىيىلەپ، ئاسراپ تۇرمىسىڭىز، ئۇ باشقا ياقلارغا قېيىپ كېتىشى مۇمكىن. سىزنىڭ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئېرىشمىكىڭىز تەس ئەمەس، ئەمما شۇ ئېرىشىپ بولغان مۇھەببەتنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، باشقىلارنىڭ سەمىمىيىتى ۋە چىن كۆڭلىگە چاقچاق قىلىدىغان، ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ئىشىنى قىلماڭ. J0o[WD$A x  
قايسىدۇر بىر يازغۇچى مۇھەببەت توغرىسىدا توختىلىپ:« مۇھەببەت باشقىلارغا ئازابلىنىش ھوقۇقىنى ئاتا قىلىشتۇر» دېگەنىكەن. بۇنىڭ ئاساسى بار. چۈنكى مۇھەببەتتە ئازاب بولىدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقانلار دەل ئاشۇ خىل شېرىن ئازابنىڭ لەززىتىدىن قەلبى ھېچقاچان ھېچ قىلىپ باقمىغان روھىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئازاب سۇسلاشقان ھامان قارشى تەرەپكە بولغان ھېسسىياتتىمۇ سۇسلاش كۆرۈلىدۇ. دېمەك، مۇھەببەت ئازابتىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن بۇنداق قۇرۇق ئازابلاش ئاخىرى قارشى تەرەپكە ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەمگىمۇ ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مۇھەببەت گاھى ئادەمنى شاھ قىلسا، گاھى گاداي قىلىدۇ. چىن يۈرىكى بىلەن يول تۇتقانلارغا ۋىسال شەربىتىنى تۇتسا، پەقەت كۆڭۈل ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنىپلا ساختا ياخشى كۆرىدىغانلارغا بولسا، ۋىجدان سوتى ئارقىلىق، ئېغىر جازا ئارتىدۇ. مۇھەببەت ئادىل. ئۇ ھەرگىز كور ئەمەس. كور بولغىنى بىزنىڭ كۆزى ئېچىلمىغان سەزگۈمىز ۋە ئەقلىمىز. ~a Rq\fx{  
مۇھەببەت كىشىلەرگە غايەت زور كۈچ ئاتا قىلىدۇ. نەچچە مىڭ لەشكەر ئالالمىغان شەھەرنى پەقەت بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى ئېلىشقا قادىردۇر، پەقەت شۇ خىل كۈچ مەۋج ئۇرۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن كەڭ كەتكەن بارخانلار يېشىللىققا تولىدۇ. ئەگەر بۇ خىل كۈچ بولمىغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتا پەرھاتمۇ تاغنى تېشىپ، سۇ باشلاپ كېلەلمىگەن بولاتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان يىگىتلەر شانۇشەۋكەت تاجغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. c0~'5Mlp  
مۇھەببەت پەقەت ئۆزدىنلا ئىبارەت. ئۇ تاۋار شەكلىنى ئالغان ھېسسىيات ئويۇنى ئەمەس. ئۇنى سىز بازاردىن ياكى كوچا-كويلاردىن تېپىۋېلالمايسىز. ئۇنىڭ تەبىرى يوق، سىز ئۇنىڭغا مىڭلاپ تەبىر بەرسىڭىزمۇ، ئۇ يەنە سىزگە تۈمەنلەپ سوئال تاشلاپ تۇرىدۇ. ئۇ پەقەت ھەر ئىككى تەرەپكە شېرىن ئازاب ۋە تەخىرسىز شادلىق ئاتا قىلىدۇ. پەقەت مۇشۇ تۇيغۇلا مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىزگە ھېس قىلدۇرالايدۇ. ئەگەر سىزدە «مۇھەببەتنى قوغداش» ئەڭگۈشتىرى بولمىسا، ئۇ مىنۇت ئۆتمەي غايىب بولىدۇ. چۈنكى ئۇ قوغداشقا، ھەر ۋاقىت تەربىيىلەشكە، ئاسراشقا ۋە سەمىمىيلىك بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج. سىز قارشى تەرەپكە ئازاب ئاتا قىلغان ئىكەنسىز، ئۇنىغا شادلىقمۇ بېرىشىڭىز، دەل مۇشۇ داۋالغۇش ئىچىدە مۇھەببەت بايرىقىنى مەڭگۈ لەپىلدىتىشىڭىز كېرەك.
مەنبە:  نۇر تورى

تېما تەستىقلىغۇچى : قۇملۇق
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-02, 03:28
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ.


گۈلنىڭ ئومرى قىسقا كىلىدۇ ،چۇنكى ھەممىغا يارىغاچ، تىكەننىڭ ئورى ئۇزۇن بۇلىدۇ ،چۇنكى ھەممىگە سانچىلغاچ.....
yawayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.784

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   252 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9046 (سوم)
 ياخشى باھا:   279 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   334  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1787
 سائەت
دەرىجىسى:
1787 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-25
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

مۇھەببەتنىڭ نىمىدۇر رەڭگى ، 3ySnAAG  
ئۇ ئازاپقا رەڭداشتۇر بەلكى !!
JAWLAN622
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19684

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   615 (سوم)
 ياخشى باھا:   261 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   324  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3138
 سائەت
دەرىجىسى:
3138 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-04
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

ھازىر ساپ مۇھاببەت قالمىدى.بەك ئاز .....ھەممسى قىزلارنى بىردەم بولسىمۇ ....تەشنالىق ھىسابلايدىغانلار  جىق.
بارى مىر ئەخمەتجان ئۈتكۇرلەر داۋاملىق ھۇررا  بىز سىلەرگە قاراپ قالدۇق
parakande
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32716

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1650 (سوم)
 ياخشى باھا:   215 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   253  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 247
 سائەت
دەرىجىسى:
247 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:55

مۇھەببەت-..................... $o5<#g"/T  
ھاياتىمنى گۈل -چىچەككە پۈركەندۈگىنىنى بىلىمەن،گاھ جۇدۇنىدا غال-غال تىترەتكىنىنى،گاھ تىلىقىپ كۈلدۈرگىنىنى گاھ ئۈكسۈپ يىغلاتقىنىقى ئەسلىيەلەيمەن .ئەمما ھازىر ھىچ نىمە دىيەلمەيمەن.............كۈڭلۈمنىڭ ئارامى يوق،ئىككى ئىغىز گەپكىمۇ مادارى يوق. *GD?d2.6j  

ئىنسانغا مۇختاج قىلمىغىن ئاللاھېم!
maggulukayrilix
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20578

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   333 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2984 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 141
 سائەت
دەرىجىسى:
141 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-03
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:28

ھازىر ساپ مۇھاببەت قالمىدى.بەك ئاز ..... ROqz$yY  
ھازىر قى قىزلا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ
. ئادەمگەئالدىراپ بەرمىگىن باھا،
كىيگىنى زەر گۆھەر بولسىمۇتاۋا.
چۇنكى ئۇ ئادەم ئالەمدىن سىرلىق،
بىلمەك تەس كىم ناپاك ،كىملەربىبا ھا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى