مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1876 
  •    ئىنكاس 
       24 

سۇنۋۇكوڭ  جۇباجېلارنىڭ  ھازىرقى  ئەھۋالى (1)

قەۋەت ئاتلاش
murat001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43786

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 559
 سائەت
دەرىجىسى:
559 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-16

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  مۇنبەر  ئەھلى :

مۇنبەرگە ئەزا  بولۇپ  كىرگەن  بولساممۇ  تۈزۈك  بىر  ئىجادىي  تېما  يوللاپ  باقماپتىمەن  ئويلىسام ،شۇڭا  قىزىقارلىق  بولسۇن  ئۈچۈن  تۆۋەندىكى  تېمىنى  ئويدۇرۇپ  چىقتىم  ،قاملاشمىغان  بولسىمۇ  كۆرۈپباققايسىلەر ،باشقا  غەرىزىم  يوق  ،بولمىغان  بولسا  تىللىماڭلار:

    قېرىپ  ماك-ماك  بوپ  كەتكەن  ۋۇكۇڭ  ئەتراپىدا  قىر-چىر  قىلىشىپ  ئوينىشىۋاتقان  نەۋرە،كۆكۈ  نەۋرىلىرىگە  پەرۋاسىز   ھالدا  مۈگدەپ  ئولتۇراتتى. ھەئە ،ئۇ  ئۇستازى  تاڭسېڭنىڭ ‹‹سېنى  يوقلاپ  بارىمەن ›› دىگەن  ئۇچۇرى  بويىچە  ئۇ  زاتنى  ساقلاۋاتاتتى !

بۈگۈن  خۇا  گو   شەن  تېغىدا  ساياھەتچى ھەددىدىن  زىيادە  كۆپ  ئىدى.

بىر  چاغدا  بالىلارنىڭ ‹‹تاڭ  بوۋام  كەلدى،تاڭ  بوۋام  كەلدى›› دىگەن  چۇقۇراشلىرى  بىلەن ۋۇكۇڭ  بېشىنى  كۆتۈرۈپ  قارىدى-يۇ  ئىسىل  دالا  ماشىنىسىدىن ئىككى  شاگىرتىنىڭ  يۆلىشى  بىلەن چۈشۈپ  كېلىۋاتقان  ئۇستازىنى  كۆرۈپ دەررۇ  ئورنىدىن  تۇرماقچى  بولغان  بولسىمۇ  دەماللىققا  تۇرالماي ،ئۇستازىنى  ئورنىدىلا  كۈتۈشكە  مەجبۇر  بولدى .

دەرھەقىقەت ، ئۇستاز  شاگىرت  ئايرىلىپ  نەچچە  ئەسىردىن  كېيىن ،قايتا  كۆرۈشۈپ  كۆڭۈللىرى  بۇزۇلۇپ  كۆز  يېشى  قىلىشىپ  كۆرۈشتى !

بىرقۇر  ئەھۋاللاشقاندىن  كېيىن ۋۇكوڭ  ئۇستازىنى  قىممەت  بولسىمۇ  چىشىنى  چىشلەپ  ساياھەت  رايونىنىڭ يۇلتۇز  دەرىجىلىك  مېھمانخانىسىغا  باشلىدى.ئۆزىنىڭ  ھۆكۈمەت  يەر  تەۋرەشكە  چىداملىق  قىلىپ  سېلىپ  بەرگەن  ئىككى  ئېغىز    ئۆيىگە باشلىماقچىمۇ  بولدى-يۇ     غېرىپ  كۇلبىسىنىڭ  مۇھىت  تازىلىقىنى  ئويلاپ  بۇ  خىيالىدىن  يالتىيىپ  قالدى.

ئۇستازىنىڭ  گۆش  يىمەيدىغىنىنى  بىلىدىغان  قېرى  ۋۇكۇڭ  بىر  نەچچە  خىل  سۇ  سەي  بۇيرۇتۇپ غىزالانغاندىن  كېيىن  مېھمانخانىنىڭ  ياتىقىغا  ئارام  ئېلىپ  مۇڭدىشىش  ئۈچۈن  چىقتى  ۋە ئۇستازىغا :

__ ئۇستاز  قېرىماي  شۇ  پېتى  تۇرۇپسىز ،بۇنىڭدا  بىرەر  سىر  بارمۇ  قانداق ؟_ دەپ  سورىدى .

__ ئامىتابا ،ئامىتابا  نەدىمۇ  قېرىمايدىغان  ئىش  بولسۇن  ۋۇكوڭ ،قېرىپ  كەتتۇق دەپ  گەپ  باشلىدى تاڭسېڭ:-

__بىز  تارقىلىپ  كەتكەندىن  كېيىن  ھۆكۈمەت  مېنىڭ  نوم  سەپىرىمدىكى  ئىپادەمنى  كۆزدە  تۇتۇپ  يەرلىكتىكى  بىر  ئىبادەتخانىغا  كەسپكە  مەسئۇل  مۇئاۋىن  باش  راھىب  قىلىپ  تەيىنلىدى،دەرىجەم  مۇئاۋىن  ھاكىم  دەرىجىلىك ،نوم  سەپىرىدىكى  يىللارنى  سىتاژىمغا  كىرگۈزۈپ ، بىر  قېتىمدىلا  خېلى  كۆپ  ئورۇنلاشتۇرۇش  پۇلى بەردى .ئۇنىڭ  ئۈستىگە  ئىبادەتخانىلارمۇ   بازار  رىقابىتىدە  ساياھەت  كەسپىنى  يولغا  قويۇپ  ھال  ئوقىتىمىز  خېلى  ياخشى  ، جاپا  تارتمىغاچقا   ساڭا  شۇنداق  كۆرۈنگەن  بولسام  كېرەك  ۋۇكۇڭ، ھە، ئۆزەڭچۇ ؟ قانداقراق  تۇرىۋاتىسەن ؟سورىدى  تاڭسېڭ :-

ۋۇكۇڭ:

__ھەي ، شۇ  قېتىم  ‹‹تاشمۇ  چۈشكەن  يېرىدە  ئېزىز›› دىگەن  ئۇيغۇر  خەلق ماقال- تەمسىلى  بويىچە  ئۇدۇللا  مۇشۇ  تاغ-تۇراغا  قايتىپ  كەلگىنىمدىن  خەۋىرىڭىز  بار .يەنىلا  يۇرت  مېھرى  ئىللىق  بولىدىكەن !قېرىنداشلىرىم  نەچچە  يىل  يۇرتنى  تاشلىغىنىمنى  يۈزۈمگە  سالماي  مېنى  بېشىدا  ئېلىپ  كۆتەردى،يەر -زىمىن  بەردى،تېخى  تۇققانلارنىڭ  قىزىدىن  بىرسىگە  ئۆيلەپمۇ  قويدى ،ھەييييييييي لېكىن  ئۇ  بالا  كىچىكلىك  قىلدىمۇ  ياكى  مېنى  قېرى  ئىقتىدارسىز  كۆردىمۇ ،ئاۋۇ   تەسكەي  تاغدىكى  مايمۇنلار  ئىچىدىن  چىققان  سولتەك  تىۋىپ  بىلەن  مېنى  داغدا  قويۇپ  قېچىپ  كەتتى ! شۇندىن  كېيىن  ئايال  زاتىدىن  كۆڭلۈم  قالدى ...كېيىن  چوڭلارنىڭ  سالاسى  بىلەن  يېشى  توختىغان  بىر  تۇل  چوكانغا  ئۆيلەندىم ،تەلىيىمگە  بۇ  مەزلۇمۇم  ناھايىتى  ۋاپادار  كۆيۈمچان  چىقتى .،مىڭ  ئەپسۇس  رىزقى  كالتە  كېلىپ ، ئۆتكەن  يىلى  سۈت  بېزى  راكى  بىلەن  باقىغا  سەپەر  قىلدى..ھۈ  ھۈ ھۈ ھۈ ..(كۆڭلى  بۇزۇلدى ۋە  بالىلىرىدىن  بىرىگە  ئۆيدىكى  مىۋىدىن  ياسىغان  ھارىقىنى  ئەكەلدۈرۈپ  بىر  سىركايە  تولدۇرۇپ  ئىچىۋالدى).

ئۇزۇن  گەپنىڭ  قىسقىسى ،شۇنداق  قىلىپ  بۇ  تېغىمىزدىمۇ  پائالىيەت  قىلىدىغان  ئىنسانلار  كۆپىيىپ  دەرەخلەر  كېسىلىپ  تۈرلۈك داچا  -راۋاق  دىگەندەك  قۇرۇلۇشلار  كۆپىيىپ  ،ياشاش  مۇھىتىمىز  ناچارلىشىشقا  تارلىشىشقا  باشلىدى،ئاپەت  بۇنىڭ  بىلەنلا  تۈگىمەي  بەزى  ئادەم  بېدىكى  دەيدىغان  نائەھلىلەر  قېرىنداشلىرىمىزنى  تۇتۇپ چاققانلىرىنى  سېرىك  ئۆمىكىگە ، سېمىزلىرىنى  رېستورانلارغا  سېتىپ  جان  سانىمىزنى  تالاپەتكە  ئۇچراتتى ،نىھايەت،  ئادەملەرنىڭمۇ  ياخشىسى  باركەن ،مۇھىت  ئاسراش،ھايۋاناتلارنى  قوغداش  جەمئىيىتى  دەيدىغان  يەردىكى  پىدائىلارنىڭ  ياردىمىدە  قوغدىلىدىغان  بولدۇق.

ئويلىماپتىمىز  ،كېلىشمەسلىك  بۇنىڭ  بىلەن  تۈگىمەپتىكەن،تەييار  تەمىنلىگەن  تائاملارنى  يەپ  يېتىپ ،بالىلار (مايمۇنلار)

ھورۇن تەمەخور  بولۇپ،خەقنىڭ  قولىغا  قارايدىغان  ھەتتا  ساياھەتچىلەرنى  بۇلاپ-تالايدىغان  ناچار  خاھىشلارنى يۇقتۇرۇۋالدى ،بەزىلەر  ھەرىكەت  قىلماي  تاتلىق  يىمەكلىكلەرنى  كۆپ  يەپ  دىئابىت  دەيدىغان  بىز  ئاڭلاپمۇ  باقمىغان  كېسەللەرنى  يۇقتىرىۋالدى .

___  ئامىتابا ، بۇ  ئىشىڭلار  زىنھار  بولماپتۇ !ۋۇكوڭ ، خوش  باجې   شاسېڭلاردىن  خەۋەر  بارمۇ ؟

             ئاخىرى  داۋاملىق   يوللىنىدۇ؛

مەنبە: تەسەۋۋۇرۇم

[ بۇ يازما .tuz. تەرپىدىن 2011-07-01 23:34 دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-02, 02:00
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
jasmine茉莉
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35424

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   474 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1075 (سوم)
 ياخشى باھا:   195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2049
 سائەت
دەرىجىسى:
2049 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-27
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

نىمانداق تەسەۋۇرغا بەك باي سىز~! ھەم يۇمۇرۇستىككەنسىز .....مىسرانىمدا مۇشۇنداق قىززىقچىلىق بولسا ياخشى ئەمەسمۇ بەزى تېملاردا تىللاپ چۈشۈپ كەتكەن ئىشىنمەن بۇ تېمىڭىزنى جىق بالىلار ياقتۇرىدۇ~!
ئېنسان ئۇچۇن ئەڭ قممەتلك  نەرسە ھاياتتۇر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
murat001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43786

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 559
 سائەت
دەرىجىسى:
559 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

ھۆرمەتلىك  باشقۇرغۇچىلار،تېمىنى  پۈتۈن  يوللىسام  يېرىمى  بار  يېرىمى  يوق  چىقىپقاپتىغۇ ! ياكى  مېنىڭكىدە  شۇنداق  كۆرىنىۋاتامدۇ ؟قانداق  تەھرىرلەپ  قويدۇڭلار ؟باشقىدىن  تەھرىرلەپ  قويساڭلار !  رەھمەت.
naima-0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45579

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   277 (سوم)
 ياخشى باھا:   39 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 230
 سائەت
دەرىجىسى:
230 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-25
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

مەن تولۇق كۆرەلمىدىمغۇ.قانداق گەپ بۇ؟
ئازماسلىق پەقەت بۈيۈك ۋە سەلتەنەتلىك پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھقىلا خاستۇر.
مەلىكە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.90

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1863 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1799 (سوم)
 ياخشى باھا:   462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   513  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4872
 سائەت
دەرىجىسى:
4872 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

تىمىڭىزنىڭ كەينىدىكى جۈملىلىرى كۆرۈنمەي قاپتۇ،لىكىن تەسەۋۋۇر قىلىپ باغلاشتۇرۇپ چۈشەندىم، سىموۋلاشتۇرۇشقا ئۇستا ئىكەنسىز، قىنى شاسىڭ،باجىلارنىڭ ھالىدىن ئۆزىمىزنىڭ ھازىرىمىزنى ھەم كەلگۈسىمىزنى پەرەز قىلىپ بىلىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.
ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
mrgame
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.46245

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2
 سائەت
دەرىجىسى:
2 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-04
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
Romantic-killer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   585 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7959 (سوم)
 ياخشى باھا:   274 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3211
 سائەت
دەرىجىسى:
3211 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-07-22
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
koklan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.320

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6365 (سوم)
 ياخشى باھا:   273 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   373  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2527
 سائەت
دەرىجىسى:
2527 سائەت 223 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

ھى ھى  كارامەت  !     باشقۇرغۇچىلار  مەنمۇ قايسى كۇنى بىر تىما يوللىسام  تېمامنىڭ   يىرىمى يوق    ،بۇ قانداق گەپ ؟  مۇنبەر سۇپسىنى  يۇقىرى كۆتۇرگەنىڭ ياغى   مۇشۇ خىل كەمچىلىك بارئىكەن .
ئانا   رازى    اللا    رازى
koklan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.320

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   122 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6365 (سوم)
 ياخشى باھا:   273 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   373  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2527
 سائەت
دەرىجىسى:
2527 سائەت 223 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

مەن تولۇق كۆرەلمىدىمغۇ.قانداق گەپ بۇ؟
ئانا   رازى    اللا    رازى
تىرەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36679

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   351 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1843 (سوم)
 ياخشى باھا:   186 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1322
 سائەت
دەرىجىسى:
1322 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-07-28
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

        
كىشلەرنىمە كويدا
qolguli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40488

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   123 (سوم)
 ياخشى باھا:   21 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 802
 سائەت
دەرىجىسى:
802 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

بۇ تېما چۇشنىپ ئوقوسا بەك چوڭقۇر مەنلىك ئېكەن،تەسەۋۇرغا بەك بايكەنسىز جۇمۇ،ئاخىرنى داۋاملىق ئوقويمەن،يەنىمۇ تېرشىڭ
كەم كۇتسىز دوسلۇق ئېزدەيمەن دىسەڭ بىر ئومۇر ئېزدسەڭمۇ تاپالمايسەن ..
uyhurung
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25477

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   217 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2987 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 57
 سائەت
دەرىجىسى:
57 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-08
ئاخــىرقىسى:2011-07-12
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-02

خەتلىرىڭىزنىڭ  ئاخىرىنى  ئاچ تاڭسىڭ  يەۋەتتىمۇ  نىمە. k1LbWR1%wB  
z[JM ]Wy  
خىلى مەنىلىك  چىقىپتۇ ،قىنى،  ئاخىرىغا  تەشنا  كۆز.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى