ئەسسەلامۇئەلەيكۇم  مىسرانىم مۇنبىرنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ...
 k@}?!V*l   R\i8O^[   7E0L-E=.  تۆۋەندە مەن  ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ  (ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا ) ناملىق كىتابىدىن  ئۆزۇم ياقتۇرغان  تەرمىلەرنى  مىسرانىم مۇنبىرىدىكى  تورداشلار بىلەن  ئورتاقلىشىشنى  توغرا تاپتىم ...  بۇ كىتابنى  ئوقۇغانلار بولىشى مۇمكىن . ئوقىمىغانلارمۇ  بولىشى مۇمكىن ...
 ~Qg:_ @@\   rN$U%\.I  ئاپتۇر ھەققىدە ئازغىنە توختىلاي ...
 "pZvV0'  ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى 3- ئاينىڭ 11- كۇنى قەشقەرنىڭ بەشكىرەك يىزىسىدا  موللا ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن . 1986-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا  ئىنىستۇتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلىتىتىنى  پۇتتۇرۇپ ، ھازىرقى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە  ئوقۇتقۇچىلىقققا  تەقسىملەنگەن ، 1988-يىلى شىنجان  مائارىپ ئىنىستۇتىغا يۆتكىلىپ كەلگەن . ھازىر بۇ ئىنىستىتۇتنىڭ پىراففىسورى . 
 5Q/&,NP
  ئاپتۇرنىڭ  ھازىرقى قەدەر  ‹ شاراب تومورى ›  ‹ كۆيگەن دىڭىز › دىن ئىبارەت ئىككى شىئىر توپلىمى  ، ‹ ئەقىل مىۋىسى ۋە شەيتان ›  ‹ ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى ›  ناملىق ئىككى ماقالە توپلىمى بار .  ئۆزىنى ئىزدەش بوسغىسىدا ناملىق  بۇ كىتاب  2002-2003 يىللار ئارىلىقىدا  ياپۇنيەدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ئاساسىدا يىزىلغان بولۇپ ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشۈنۈش ھەققىدە چوڭقۇر  ئويغا سالىدۇ ... 
 	!'
}   62-,!N 1-   N~=,RPjq    مۇقەددىمە ئورنىدا ئىككى ئىغىز  
 Xl/SDm_p  مەن  ياپۇنيەگە باردىم . كىشىلەر مەندىن  ‹ سەن كىم ؟ ›  دەپ سورىدى ، ‹مەن ئۇيغۇر › دىسەم گاڭگىراپ قىلىشتى .  
 kzkrvC+u  ياتلار  ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن  دىنازاۋۇرنى  ياخشى بىلىدۇ ، لىكىىن مىنى بىلمەيدۇ ، كىشىلەر  نوپۇزى يۇزمىڭغا بارمايدىغان  ئىسكىموسلارنى  تونۇيدۇ . لىكىن 10 مىليون  نوپۇسقا  ئىگە  ئۇيغۇرنى تونومايدۇ . 
 t[r<&1[&  مەن قامۇسلارنى  ۋاراقلاپ باقتىم . ‹ ئۇيغۇر ›  دىگەن  ئىبارىنى يەتتە سەككىز قۇر بىلەنلا  چۇشەندۇرۇپتۇ . تىخى  بايانلارنى   بەزى قامۇسلاردا  تاپقىلى بولمايدۇ .  چىۋىن  چاشقان  ، قۇرت-قوڭغۇز  توغرىسىدا  ھەققىدىكى بايانلار  بىر ئىككى بەتتىن ئاشىدىكەن . 
 .
X:  بۇ ئىشلار ماڭا ھار كەلدى . نومۇس قىلدىم . جاھان ماڭا تار كەلدى . ئەگەر 10 مىليون خىشتىن قەسىر سىلىشقا  توغرا كەلسە  ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە  تارتىپ تۇرىدىغان  ھەشەمەتلىك ئالەمگە پۇر كەتكۇدەك ئىمارەت پۇتىشى مۇمكىن . 
 fen~k#|l  مەن  مەۋجۇدمەن  ، لىكىن مىنىڭ مەۋجۇدلىقىمنى دۇنيا تونۇمايدۇ ، ئامرىكا نىگىر  يازغۇچىسى رالف ئىللىسون  ‹ كۆرۇنمەس ئادەم ›  ناملىق  رومانىدا  ( مەن ئۆزۇمدىن باشقا ھىچكىم ئەمەس ، لىكىن شۇنى بايقىدىنمكى ، مەن بىر كۆرۇنمەس ئادەم ) دەپ يازغانكەن .  دەرۋەقە مەندىمۇ سوقۇپ تۇرغان  ئىنسانىي يۇرەك بار ، تومۇرلىرىمدا ئىقىپ تۇرغان ئىسسىق قان بار ،مەنمۇ پىكىر قىلالايمەن . باھار پەسلىدە غۇچچىدە ئىچىلغان گۇللەرگە  قاراپ خۇشال بولىمەن . لىكىن  مىنى ھىچكىم تونۇمايدۇ . ئاۋازىمنى ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ . 
 z~m{'O
`   ^Rpy5/d   mJ #|~I*Z-   mm1fG4
*%    _____________________________________
 qH=<8Iu  بىز مەقسىدىمىزنى باشقىلاردىن يۇشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز . يالغانچىلىقنى  قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . بىراق  جەمىيەت ئۇنى ماجبۇرلىغاندا ئامال بولمىدى . ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىيىتى چىنلىقنى ياخشى كۆرگەچكە ، يالغان گەپ قىلغاندا  ، مەلۇم ئۇيات كۈچى ئۆزىنىڭ تىكەنلىك قاناتلىرىنى يۇرەكنىڭ قانداقتۇر بىر يەرلىرىگە  ئۇرۇپ ئۆتكەندەك بولىدۇ ، يالغانچىلىققا  ئادەتلىنىپ ، ئۇنى دائىملىق كەسىپكە ئايلاندۇرىۋالغانلاردا  بۇنداق سىزىم بولامدۇ يوق بىلمەيمەن ... 
 39yp1  ______________________________________
 mVs 
ئەخمەتجان قاسىمى ، قاتارلىق يولباشچىلار ۋە باشقا  اترىخىي  شەخىسلەر  ھەققىدە  خۇددي ئۆز ۆكزى بىلەن كۆرگەندەك سۆزلەيتتى . تارىخى بەزىدە چۇل-چۇل قىلىپ سۇندۇرۇلۇپ ، سۇنۇقلىرى ھەر تەرەپكە چىچىۋىتىلگەن بىر  چىنىگە  ئوخشاپ قالىدۇ . بىز پەقەت ئۇنىڭ بىر نەچچە سۇنۇقىا ئىگە ، بۇ سۇنۇقلار تارىخىتىن ئىبارەت پۇتۇن چىنىنىڭ شەكلى ھەم ھەجمىنى قىياس قىلىشىمىزدا ئىمكانىيەت بەرمىگۇدەك دەرىجىدە كىچىك بولىشى مۇمكىن . شۇنداقتىمۇ ئاشۇ چىنا ئۆزىمىزنى بىلىشىمىزدە شۇ قەدەر مۇھىم بولغانلىقتىن ، ئاشۇ ناھايىتى چەكلىك  ئىمكانىيەتلەر   ئاساسىدا   ئۇنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى سۇرەتلەشكە مەجبۇرمىز ، بۇ سۇرەتنىڭ  ئەسلىدىكى چىنىنىڭ چىن تەسۋىرىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن ، چىنىنىڭ سۇنۇقلىرىنى تىرىك شاھىتلاردىن  ، ئارخىپ ئىدارىلىرىدىن ، يەنە ئاللىقانداقتۇر  پىنھان يەرلەردىن ئىزدەپ تىپىشقا  توغرا كىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قانچە زامان كىتىشىمۇ مۇمكىن ، تارىخى يىزىش  ئارخولوگىنىڭ  چىنە سۇنۇقلىرىنى پاياتلاش  ھارىكىتىگە ئوخشاپراق قالىدۇ ، ئەكرەك خەمىدى سانسىزلىغان شاھىتلارنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ ئىيتقانلىرى بىزگە چىنىنىڭ نامەلۇم بىر تەرىپىدىن دىرەك بەرگەندەك قىلسىمۇ ، ئەسلىي  سۇرەت يەنىلا قاراڭغۇ .. $b CN;yE  
_____________________________________ rlpbLOG`  
ھازىر  يازغانلىرىم 20-بەتكىچە  بولغان  ئۆزۇمگە ياخشى ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك دىگەن  تەرمىلەر ...  مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ تورداشلىرى  سىلەرنىڭمۇ ئويلۇنۇپ بىقىشىڭلارنى  ئۇمىد قىلىمەن ... .7K<9K +P  
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن  مۇشۇنچىلىك يىزىپ تۇراي . كەچ بولغاچقا كۆزەم ئىماچ چىماش بولاپ كەتتى . داۋاملىق  يوللايمەن . خالىساڭلار ...  'JpCS  
 AE@N:a	  
 />dH\KvN  
مەنبە ؛ ئۆزىنى ئىزدەش بوسوغىسىدا    ناملىق كىتابتىن  ئىلىنغان تەرمىلەر ... [-p?gyl