مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       690 
  •    ئىنكاس 
       7 

ئەرلەرنى مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان  بەش تۈرلۈك ئايال (تەرجىمە ئەسەر)

قەۋەت ئاتلاش
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1811 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 905
 سائەت
دەرىجىسى:
905 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
— بۇ تېمىنى Nazar. دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-06-30) —

ياخشى ئەرلەرنىڭ ھاياتىدا نەتىجە قازىنىش-قازىنالماسلىغى ، جەمىئەتتىكى ئابرويىنىڭ يوقىرى توۋەن بولىشى ،بەخىتلىك بولۇش-بولالماسلىغى،مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ قانداق ئايالنى مەڭگۈلۇك ھەمراھ بولۇشقا تاللىغانلىغى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. توۋەندىكى بۇ ماقالىدابەش تۈرلۈك ياخشى ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا كورسىتىدىغان رولى ۋە تەسىرى سوزلەنگەن. J^Dkx"1GD  
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش بولغان يەردە،تۇرمۇش تېخىمۇ مەنىلىك بولىدۇ. ئەمما مۇھابەت  بولغان يەردە، بىر خىل كوز بىلەن كورگىلى بولمايدىغان زەرەتلەش  تۈرتكىسىدە ئەر- ئاياللار ئوتتۇرىسىدا  مەنىۋى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى  ئىنتايىن كۈچلۇك  ھەقىقى ئىنسانغىلا خاس بولغان ھىسىيات شەكىللىنىدۇ. مۇھابەت بىزگە چەكسىز خوشاللىق ئاتا قىلىدۇ،يەنە بىزنى چوڭقۇر ئازاپلار غا مۇپتىلا قىلىدۇ. مانا بۇ مۇھابەتنىڭ كۈچىدۇر . مۇھابەتنىڭ ئاچچىغى ۋە تاتلىغى، خوشاللىغى ۋە قايغۇسى ئورتاقتۇر. ئۇ ئىنسانىيەت روھىيىتىدىكى ئەڭ چوڭقۇر ،ئەڭ نازۇك بولغان ئىلھام ۋە سەزگۈنىڭ ئىنكاسىدۇر.  شۇڭا  ئۇلۇغلار :« مۇھاببەتلىشىش ئادەم بولۇش دىمەكتۇر» دىگەن. ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا  فېرباخ ئېيتقاندەك  ،قانداق قىلىپ نەتىجە قازىنىدىغان مۇھىتنى يېتىلدۇرۈش ۋە يېتىشتىكى ئەڭ مۇھىم شەرت،ئۇنىڭ يېنىدا مۇلايىم ھەم ئادەمنى چۈشۈنىدىغان لاتاپەتلىك ياخشى ئايال بولۇشتۇر، چۈنكى بارلىق  ياخشى ئەرلەر ئەنە شۇ ياخشى ئاياللارنىڭ كوڭۈل بولىشى، ياردىمى ۋە پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا بارلىققا كەلگەن. ياخشى ئاياللار بولمىسا ياخشى ئەرلەر نىمىش قىلسۇن؟ تۇۋەندىكى بەش تۈرلۇك ياخشى ئايال، ياخشى ئەرلەر ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم. )CYm/dk  
ياخشى ئاياللارنىڭ 1-خىلدىكىسى:ساددا،بەلگىلىك تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىنى بېشىدىن ئوتكۈزگەن،بىلىملىك ئايال. QWo_Zg0"  
بارلىق ئوزىنى توختاتقان  ئاياللارغا ئوخشاش ،بۇ خىلدىكى ئاياللارنىڭمۇ ياشلىق-ئوسمۇرلۈك ۋاقىتلىرىدا ساددا، نازاكەتلىك، ئادەمنى ئوزىگە مەھلىيا قىلىدىغان سويۈملۈك ۋاقىتلىرى  ھەمدە زېرىكىشلىك كەچۈرمىشلىرى ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىزدىنىش جەريانلىرى بولغان. كۈلگەن ھەم ئازاپلانغان ،ياخشى كورۈپ باققان، ھەم قايمۇققان . ئۇنىڭ دەل مۇشۇنداق خاتىرە ۋە تۇرمۇش كەچۈرمۈشلىرى بولغانلىقتىن، نەزەر دائىرىسى تار، يەڭگىلتەك،چۈشۇنۇكسىز ، كېپىنەككە ئوخشايدىغان  ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا تەمكىن، ئىللىق، ھىسىياتقا باي ،كوكسى قارنى  كەڭ، ئۈمۈتلۈك ھەم سەمىمى -ساغلام بولىدۇ. بۇنداق ئاياللارنىڭ كورگەن- ئاڭلىغانلىرى كوپ بولۇپ«يەتتە ئولچەپ بىر كېسىدۇ» سويگۈگە سادىق، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ھەقىقى سەزگۈگە ئىشىنىدۇ ، كىچىك ئىشلاغا ھاياجانلىنىپ  قايمۇقۇپ يۈرمەيدۇ.ئۇلار ئىنتايىن چېچەن ئىنچىكە ، قانداق ئىزدىنىشنى ،تاللاش-تاللىنىشنى، كوپچىلىككە قانداق سىڭىشنى ،ياخشى ياماننى قانداق ئايرىشنى  بىلىدىغان بىلىملىك ئاياللار بولۇپ،توپىدىن ئالتۇننى قانداق ئايرىشنى بىلىدۇ، ئەقىل كوزى بىلەن ھوكۈم چىقىرىشقا ماھىر كىلىدۇ. j2U iZLuV  
ياخشى ئاياللارنىڭ 2-خىلدىكىسى: ئېغىر-بېسىق، خاسلىقى بار ئاياللار: muAI$IRR   
كوپ كىتاپ ئوقىمىغان  بولسىمۇ،ئەمما مەنىۋېيىتى باي، دۇنيا قارىشى ئېنىق، بىلىملىك، كەمتەر، ئىچكى سەزگۈ-ھىسىياتىغا ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدىغان،ئادەتتىكى ئادەملەگە ئوخشىمايدىغان خاراكتىر ۋە ئىشلانى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،ھەتتا  مۇھابەتنىڭ تۇرمۇش رىئاللىقىدىكى كىيىم -كېچەك،يەپ-ئىچىشتەك ماەەى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان سويۈملۈك ئايالدۇر، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى،ئۇ ئادىمىگەرچىلىك ۋە ئەخلاقنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى ئەرلەر گەرچە داڭلىق شەخىسلەردىن بولمىسىمۇ  ئەمما جاسارەتلىك ئەرلەردۇر. گەرچە نەتىجە قازىنالمىغان بولسىڭىزمۇ ئۇ باشتىن ئاخىر سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ سىزنىڭ جاپالىق كۈرەش ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا ئىلھام بېرىدۇ  ،يولسىز تەلەپ قويۇپ سىزنى ئەيىپلىمەيدۇ،چۇنكى ئۇ ئەر بولماقنىڭ ئاسان ئەمەسلىگىنى بىلىدۇ، گەرچە گېنرال  بولۇشنى خالىمايدىغان ئەسكەرنىڭ لاياقەتلىك ئەسكەر ئەمەسلىگىنى بىلسىمۇ  ، ئەمما ھەممە ئەسكەرنىڭ ناپالىئوندەك داڭلىق گېنرال بولۇپ كېتىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىگىنى ، كوپ پۇل تاپالمىغان ئەرنىڭ تەبى ھالدا نەتىجە قازانغان ئەر بولالمايدىغىنىنى بىلسىمۇ ،ئەمما ھەممە ئەرلەرنىڭ بېل.گايتىستەك باي بولۇپ كېتەلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىگىنى  بىلىدۇ. شۇڭا  ئۇ سىزنىڭ ھاياتلىق كۈرەش جەريانىڭىزدا سىزگە كويۈنىدۇ،مۇھاببەتلىك قاراشلىرى بىلەن سىزگە مەدەت بېرىدۇ. ھەتتا ئوزىنىڭ تىرىشچانلىغى،ياردىمى ،ئىلھامى ۋە ئىشەنچىنى سىزگە ئاتايدۇ.چۇنكى ئۇ ھەقىقى بەخىت ۋە خوشاللىقنىڭ ئىىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىغى ئاساسىدا قولغا كېلىدىغانلىغىنى بىلىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق خاراكتىر ۋە سۇپەتكە ئىگە بولىشى تامامەن سىزنى سويگەنلىگىدىن بولىدۇ. مۇھاببەت ئادەمگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.سىزنىڭ يېتەرسىزلىگىڭىزنى كەچۇرۈدۇ. چۈنكى مۇھاببەت مۇھاببەت ئىچىدە تويىنىدۇ، مۈكەممەللىشىدۇ.. ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئەرسە ئوزگىرىدۇ،جۈملىدىن ھىسىيھت ۋە مۇھاباتمۇ شۇنداق.بۇنداق ئاياللانىڭ ئارتۇقچىلىغى شۇ يەردىكى ،بىر كۈنلەر كېلىپ سىلەر ئايرىلىشقا توغرا كەلسە،سېزنى ئازاپلاش ئۇسۇلى بىلەن ئەمەس ،سىزگەھورمەت بىلەن ئارلىق قويۇپ قويىدۇ، بۇنداق ئاقىللار يېنىڭىزدا بولسا،سىز  غەلىبە قىلىدۇرسىزكىن يېڭىلمەيسىز. EXdx$I=X  
ياخشى ئاياللارنىڭ 3 -خىلىدىكىسى: تەمكىن ۋە كوزى توق ئايال. NA%(ZRSg(  
بۇنداق ئايالغا ئۇچرىغان  ھەرقانداق ئەر  دۇنيادا ئوزىنى ھەممىدىن بەخىتلىك دىسە بولىدۇ. بۇنداق ئايال بىرقەدەر تەمكىن ھەم قانائەتچان كىلىدۇ.ئۇلار سەمىمى ،پاك قەلىپنىڭ قىممەتلىك ماددى نەرسىلەردىن مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. بۇ بۈگۈنكى دەۋېر  كىشىلىرىدە ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىعان ھەمدە ئىسىل بولغان مىجەز خاراكتىردۇر،ئۇلار ئېتىقاتلىق ھەم كەمتەر ،مەنپەئەت قوغلاشمايدىغان بولغاچقا،  تۇرمۇشتا ئۇچرىغان ھەر خىل رىقابەت ۋە قىيىنچىلىقلاغا تاقابىل تۇرالايدۇ. باشقىلانىڭ ئەقىدىسىنى قەدىرلەيدۇ، پۇل -مالنى كورۇپ باشقىلانىڭ سويگۈ- ئەقىدىسىنى خارلايدىغانلادىن ئەمەس.،ھەممىدىن سويۇنۈشكە ئەرزىيدىغىنى مال- دۇنيانى دەپ  قىيىنچىلىقتا قالغان سويگۈنىنى تاشلاپ ،«ئولمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دىگەندەك ئىشلارنى قىلمايدۇ. سىز بىلەن بىرگە بولغان بەخىتلىك كۈنلەدە ئۇ سېزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرىڭ ئۈچۈن خوشال بولۇپ مەغرۇرلانسا، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۇ سېزنى ئۈمۈتسىزلەنمەسلىككە رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئۇنىڭ سىزنى سويگىنى سىزنىڭ بارلىغىڭىزنى قۇبۇل قىلغىنىدۇر .سىز بىلەن بىرگە بولۇشنى قارار قىلغاندا  بەخىت، خوشاللىق، قانائەتلىنىشنى تاللاش بىلەن بىرگە يەنە نامراتلىق ،ئوڭۇشسىزلىق،جاپالىق  شارائىتلارغىمۇ  تولۇق تەييارلىق قىلغان بولىدۇ.  ھەقىقى ئەركەك بولسىڭىز شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئۇنى ھەرگىز ئۈمۈتسىزلەندۈرمەڭ ! چۈنكى ئۈمۈتسىزلىك  ئايال كىشىگە بەك چوڭ  تەسىر قىلىدۇ ، بولۇپمۇ  ئەقلى- ھۇشى جايىدا ،ياخشى بىر ئايالغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق ! سىز سەت بولسىڭىز بولىدۇ،نامرات بولسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ئۇنى ھەرگىز ئۈمۇتسىزلەندۈرمەڭ ! چۇنكى ئوزىنى توختاتقان ، تەمكىن ، كوكسى-قارنى توق بىر ئايالغا نىسبەتەن ئۈمۈت-ئارزۇ  ئۇنىڭ  ھاياتلىق مەنبەسى! B1EI' 
ياخشى ئاياللارنىڭ 4-خىلدىكىسى: كەڭ قورساق ، مەرت، سەمىمى ئايال. ,?OV39h  
بۇنداق ئايال كىشىلىك تۇرمۇشقا چوكۇش، چېنىقىش، ئوزىنى ئوزگەرتىش ئارقىلىق ئوزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپلا قالماي، سىزنىمۇ توختىماي چوكۈپ بېقىشقا ،ئوزلىكسىز ئىلگىرلەشكە، مۈكەممەللىشىشكە ئۈندەش بىلەن بىرگە سىزگە سەمىمىلىك ،مەرتلىك، خوشاللىقنىڭ نىمىلىگىنى ھىس قىلدۇرىدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ . بۇنداق ئايال مىھرىبان،  قائىدىلىك ، كەڭ كورساق،قانائەتچان بولۇپ لايىقىدا ئىش قىلىدۇ.گەرچە ئۇششاق گەپ قىلىپ قويىدىغان ۋاقىتلىرى بولسىمۇ ،بۇ پەقەت خاتا ئىش قىلغان چاغلىرىڭىزدا سىزنى ھورمەتلىگەنلىگى سەۋەبىدىن گەپنى ئۇدۇل قىلماي نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى خالاس. ئۇ سىزگە ئىشەنچ، غەيرەت، جاسارەت ئاتا قىلىدۇ، لېكىن سىزنى ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەنى قولغا كەلتۈرۇشكە قىستىمايدۇ،لېكىن سىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدە بەدەل بېرىپ ،بەلگىلىك نەتىجە قازىنىشىڭىنى تەلەپ قىلىدۇ. كوپ چاغلادا ئۇ سىزنىڭ خوشال -خورام ياشىشىڭىزنى، سەمىمى، ۋىجدانلىق بولىشىڭىزنى ئۇمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سىزنىڭ بارلىق ئاجىزلىغىڭىز،ئاددىلىغىڭىزنى كوزىگە سىغىدىرىدۇ .     b'D|p/)m0S  
ياخشى ئاياللانىڭ 5-خىلدىكىسى: پەزىلەتلىك، چىۋەر ،كىشى قەلبىنى چۈشۈنىدىغان ئايال. sHk,#EsKH  
بۇنداق ئايال بىلەن بىرگە ئوتسىڭىز سىز باھار شامىلىدەك ئىللىقلىق ۋە خوشھاللىقنى ھىس قىلىسىز !ھەر قاچان ئەركىن-ئازادە ،خوشال-خورام، خۇددى كىچىك بالىلاردەكلا . مەقسەتلىك ھالدا  ئەسلىڭىزنى يوشۇرۇپ ئاۋارە بولمايسىز ! سىزنىڭ ھارغىنلىغىڭىز ، غەم-قايغۇلىرىڭىز، بارلىق كوڭۈلسىزلىك ۋە تۇرمۇش بېسىملىرىڭىز تامامەن ئۇنىڭ ئادەمنى چۇشۇنىدىغان شۇ كەڭ ،سۇپ-سۇزۇك،مۇلايىم قەلىپ ئېتىزى تەرىپىدىن سۇمۇرۇلۇپ كېتىدۇ . ئۇ سۇغا ئوخشاش سىزنى ئېرىتەلەيدۇ، ئوتقا ئوخشاش سىزنى كويدۈرۈپ كۈل قېلىۋىتەلەيدۇ . ئۇنىڭدىكى بۇنداق كوچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ مەنبەسى پەقەت بىرلا : ئۇ بولسىمۇ  ئۇنىڭ تەبىيىتىدىكى تەبىئى مىھرىبانلىق ! CXb-{|I}d  
يوقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش تۈرلۈك ئايالنىڭ ھەرقانداق بىرى بىلەن باش قوشۇپ قالسىڭىز كېسىپلا ئېيتىشقا بولىدىكى ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ بەختىڭىز . دەرھەقىقەت ھازىر دەۋرىمىزدە مودا بولىۋاتقان «ئەرلەر شوخ بولمىسا،ئاياللار ياخشى كورمەيدۇ» دىگەندەك كوز قاراشلار مودا بولسىمۇ ، ھىچ بولمىغاندا مۇتلەق كوپ ساندىكى يۈزلىنىش مۇشۇنداق بولىشى كېرەك.گەرچە بۇرۇن بۇنداق ياخشى پۇرسەت بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ،ئەمما مەڭگۈ بولمايدۇ دىيىشكە ھىچ قانداق ئاساسىمىز يوق !   بىراق  بىر  نۇقىتىنى ئەسكەرتمەي تۇرالمايمىزكى،ئۇ بولسىمۇ نورغۇن ئەرلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا بۇ نۇقتىنەزەرگە «قىزىقمايمىز»دىگەن سوزلەرنىڭ ئىزناسى ئورناپ كەتكەن! يېقىندىن بېرى جەمىيەتتە غەيرى كوز قاراشلار شەكىللەندى،ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە:ئەسكى ئەرلەر پۇل تاپالايدۇ دىيىشنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس،كىم يوۋاش، سادىق،تىنچ ئەرلەرنىڭ كوپ پۇل تاپالىغىنىنى كورۇپتۇ ؟ ھازىر پۇل بولسا ئاندىن مۇھاببەت بولىدۇ !...شۇڭا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ نەزىرىدە پۇلى بار ئەرلەر ھىسىياتچان، شۇنداق يېقىشلىق ،شۇڭا پۇلى بار ئەرلەرگە توي قىلىڭ دىگەن سوزنىڭ ئاساسى بار ،چۇنكى رومانتىك ياشاش ئۈچۈن پۇل بولۈشى كېرەك دىگەندەك... h";0i:  
بۇ خىل كوز قاراشلار ئالدىدا يوقىرىدا ئېيتقان بەش تۈرلۈك ئاياللاغا ،نۇرسىز ۋە چاپاق باسقان نەزەرلىرىمىزدە قارىساق، ئۇلار ھەقەقەتەن جۈپتى  يوق «ئەخمەقلەردۇر» ،نۇرغۇن پۇل ۋە ئورۇن-مەرتىۋېگە ئىنتىلىدىغان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ئنتايىن روشەن سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە . ئەمىلىيەتتە بۇنداق ئەخمەق ئاياللار ئەرلەرنىڭ يانلىرىدىكى تېپىلماس ئەڭگۈشتەردۇر .ئەگەر سىز ئىشەنمىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى «ئالتۇن  تەخىت» لىك پارىخور ئەمەلدارلار ۋە نۇرغۇن مەغلۇپ بولغان ئىقتىدارلىق ئەرلەرگە قاراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ يېنىدا پۇلغا چوقۇنىدىغان ، ئاچكوز ئاياللار يوق ؟ بۇ ئاياللار  شىردەك ھوكىرەپ يۈرگەن بۇ ئەركەكلەنى  زەھەرگە خۇمار قىلغاندەك كونتىرول قىلىپ ۋەيران قىلماقتا . شۇڭا سىزگە كەلگەن بۇ  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ ھەم ياخشى قەدىرلەڭ ! 7e{w)m:A  
ئىزاھات : نىسبى بۇلغانغان جەمىيەت ،نامراتلاشقان مەنىۋىيەت،قىممىتىنى يوق دۇنيا قاراش ۋە ئىقتىسات قارىشى روھىيىتىمىزنى بۇلغاپ بىزنىڭ ساغلام تاللىشىمىزغا ئېغىر سەلبى تەسىر كورسەتمەكتە . نۇرغۇن ئەر-ئاياللىرىمىز ئومۈرلۈك ھەمراھ تاللاشتا ئاقىلانىلىق بىلەن ئەمەس،بەلكى ئوزىمۇ بىر نىمە دەپ بېرەلمەيدىغان بىر قاتار بىر تەرەپلىمىلىك قاراش ۋە قىزىقىشلار تۇرتكىسىدە بىلىپ-بىلمەي خاتا تاللاشلاغا يول قويغاچقا ،نىكاھ تۇرمۇشى بەخىتلىك بولماي ئاجرىشىدىغانلار سانى كوپىيىپ ھەتتا نىكاھ ئويۇنغا ئايلانماقتا .جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە بۇ سەۋەپلىك يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر تېخىمۇ سوزلەپ تۈگەتكۈسىز ! مەيلى ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسۇن ياكى دىننى ئېتىقات نۇقتىسىدىن بولسۇن نىكاھ ئىشلىرىدىكى بۇ  قاششاقلىق ۋە يېنىكلىك ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك ھەم جىنايەتتۇر . چۈنكى بۇنىڭ ئاخىرى بىر پۇتۇن مىللەت سۈپىتىگە،جەمىيەتكە ۋە دولەت تەرەققىياتىغا تەسىر كورسىتىدۇ ! ... j k%MP6  
بۇ ئەسەرنى بىر دوستۇمنىڭ تور بوشلىغىدىن كورۇپ قېلىپ خېلى ئىلمى ئاساسى بارلىغىنى ھىس قىلدىم ھەمدە تورداشلاغا مەنپەئەت قىلىپ  ئوزىگە ماس كېلىدىغان ئومۇرلۇك جورە تاللىشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇپ قالارمىكىن دىگەن مەقسەتتە ،تەرجىمە قىلىپ دوسلارغا سۇندۇم . ياختۇرىشىڭلانى شۇنداقلا بىرلىكتە ئويلىنىشىمىزنى ئۈمۈت قىلىمەن... B.wRZDEvc  
(ئەسەرنى روخسىتىمسىز باشقا تور بەتلەگە كوچۇرمەڭ) aV^wTs#2I  
                                                                                                ئاپىرىدە تەرجىمىسى .
[ بۇ يازما Nazar. تەرپىدىن 2011-06-30 04:53 دە قايتا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Nazar.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-30, 04:55
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
zulayha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7254

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4189 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   153 (سوم)
 ياخشى باھا:   1092 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1514  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4944
 سائەت
دەرىجىسى:
4944 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-28
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-30

1-خىلدىكىسى:ساددا،بەلگىلىك تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىنى بېشىدىن ئوتكۈزگەن،بىلىملىك ئايال.   c9)5G+   
Gmp`3  
2-خىلدىكىسى: ئېغىر-بېسىق، خاسلىقى بار ئاياللار: ;#Pc^Yzc1  
5 ]v]^Y'?  
3 -خىلىدىكىسى: تەمكىن ۋە كوزى توق ئايال g?d*cwtU  
>*cg K}!@  
4-خىلدىكىسى: كەڭ قورساق ، مەرت، سەمىمى ئايال. za oC  
58H%#3Fy  
5-خىلدىكىسى: پەزىلەتلىك، چىۋەر ،كىشى قەلبىنى چۈشۈنىدىغان ئايال. VPqMbr"L[  
a#G]5T Z  
ھەقىقەتەن ياردەمچى  ئېسىل سۆزلەرنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان بۇ تېما ئىگىسىگە  خۇدا ئاسانلىق بەرسۇن . mtn+bV R%  
 
lTn~VsoRZ  
s.7s: Q`  

abdul915
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8548

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   90 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5702 (سوم)
 ياخشى باھا:   239 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   316  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 916
 سائەت
دەرىجىسى:
916 سائەت 124 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-30

qaysi tildin terjime jildingiz bu eserni? / Ph&fOj=pFb  
bezi ellerning pelsepiliri uyghurgha aqmaydu......
تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،
چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
doraki
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45978

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10 (سوم)
 ياخشى باھا:   2 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 42
 سائەت
دەرىجىسى:
42 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-30
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-30

بىز ياشلارغانىسبەتەن ھەقىقەتەن ئويلىنڭشقا تىگىشلىك مۇھىم تىمائىكەن
SULGANGUL613
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.262

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1456 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11688 (سوم)
 ياخشى باھا:   601 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   556  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3931
 سائەت
دەرىجىسى:
3931 سائەت 119 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-15
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-30

بەك ياخشى تىما ئىكەن . ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك ....
ئىشەنسەڭ سۆيگىن .
ئىشەنمىسەڭ سۆيمە .
بىلىپ سۆيگىن .
كىيىن ئېچىنما .
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1811 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 905
 سائەت
دەرىجىسى:
905 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-30

  رەھمەت!  * [5  
خەنزۇ  تىلىدىن تەرجىمە  قىلدىم
ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1617 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13878 (سوم)
 ياخشى باھا:   647 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   635  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 734
 سائەت
دەرىجىسى:
734 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-07-28
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-01

مەنغۇ  بىلىمەن  قانداق  خۇتۇن  تاللاشنى  ...  ھى...ھى...ھى...
سېلەرنى  سۆيىمەن  ،  خەلقىم...
apirida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45094

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1811 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 905
 سائەت
دەرىجىسى:
905 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-12

نىمدىگەن سۇسلۇق بۇ، چۈشەنمەمدۇ يا بۇنداق ئەسەرلەرنى . jjwMvf.R  
يەنىلا قىزلارنىڭ تەپەككۈرى چوڭقۇر ،ئەقىللىقراقمۇ  نىمە؟ J s/  

ئەڭ پاك ئادەم،ئەڭ ناپاك مۇھىتتىمۇ بۇلغۇنۇشتىن ساقلىنالىغان ئادەمدۇر.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى