مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       694 
  •    ئىنكاس 
       4 

سودا ئورنى بولمىغان دۇنيا تاشقى پېرۋوت سودىسى

قەۋەت ئاتلاش
jasarat2
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10906

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4973 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1975
 سائەت
دەرىجىسى:
1975 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-20
ئاخــىرقىسى:2011-07-27

سودا ئورنى بولمىغان دۇنيا تاشقى پېرۋوت سودىسى \ueCbfV!Z4  
نۇرغۇن كىشىلەر تاشقى پېرۋوت سودىسىنى پەقەت بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنى يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇلىغا ئالماشتۇرۇش جەريانى دەپ قارايدۇ.يەنە بەزى كىشىلەر تاشقى پېرۋوت سودىسىنى پاي چېكى سودىسىغا ئوخشاش بىر مۇقىم سودا مەيداندا ئېلىپ بېرىلىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇنداق قاراشلار ئەمەليەتتە ۋاقتى ئۆتكەن خاتا قاراش ھىسابلىنىدۇ.بىز پۇلنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرلىشى ياكى نەق پۇل سودىسىنى ئەمەلىي تاشقى پېرۋوت سودىسى دەپ ئاتايمىز.ئىلگىرى تاۋار ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن پۇل ئوتتۇرسىدا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلاتتى.ھازىر بۇ خىل سودا تىپى دۇنيا تاشقى پېرۋوت سودا بازىرىدا تەخمىنەن %1ئىچىدە تۇرىدۇ.دۇنيادا مۇقىم ،بىرلىككە كەلگەن تاشقى پېرۋوت سودا مەيدانى يوق .ئەكىسچە ئېيتقاندا،پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەتتە پۇل ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان بانكا ياكى ئورگان (كىچىك دۇكان ،پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنى قاتارلقلارنىمۇ ۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لارنىڭ ھەممسى سودا ئورنى بۇلۇپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ۋاكالەتچىلىىك ئورۇنلىرى نەچچە ئونمىڭغا يىتىدۇ،بۇلارمۇ سودا ئورنى بولالايدۇ.بىراق ،دۇنيانىڭ ھەر قايسسى جايلىرى تارقاق ھالەتتە بولغاچقا ،بىرلىككە كەلگەن سودا مەيدانى (ئورنى)قۇرۇشنىڭ زۆرۆريىتى يوق ھەم ئۇنىڭغا ئامال يوق .شۇڭا ،پۈتۈن دۇنيادا ھەر كۈنى 4~3تىرىليۇن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ تاشقى پېرۋوت سودا بازىرىدا تارقاق ھالەتتە ئېقىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز .بۇ سودا مىقدارىنى ئەلۋەتتە مۆلچەرلەپ چىقىشقا بۇلدۇ.پۈتۈن دۇنيانىڭ تاشقى پېرۋوت بازىرى مۇنداق بىر قانچە قاتلامدىن تەركىپ تاپقان:بانكابىلەن بانكا ئوتتۇرسىدا،بانكا بىلەن ئابونىت ئوتتۇرسىدا، بانكا بىلەن ۋاكالەتچى ئوتتۇرسىدا،ۋاكالەتچى بىلەن ۋاكالەتچى ئوتتۇرسىدا شۇنداقلا ،ۋاكالەتچى بىلەن ئامما ئوتتۇرسىدا.....قاتارلىقلار.خەلقئارا تاشقى پېرۋوت بازىرىدا ئەركىن سودا ئېلىپ بېرىلدىغان بۇلۇپ،ھىچقانداق بىرلككە كەلگەن ،مۇقىم سودا مەيدانى بولمغانلىقتىن ،خەلقئارا تاشقى پېرۋوت بازىردىكى سودائالماشتۇرلىشى پۈتۈنلەي تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇتور سودىسى كومپىيوتىر ،تېلفۇن ۋە مۇلازىمەت كۆزنىگى قاتارلىقلاردا ئۆز- ئارا تاق لىنىيىلىك ئېلىپ بېرىلدۇ.ئۇلار ئەلۋەتتە ھەر ۋاقتتا ئۆز-ئارا بىمالال ماسلىشالايدۇ.مەسىلەن ئېيتساق ،سىز ماڭا ساتىسىز ،مەن يەنە باشقىلارغا ساتىمەن ،ئۇ يەنە ماڭا ساتىدۇ ........كىم بىلەن كىم باھادا كېلشەلىسە ئۆز-ئارا سودا قىلىشىدۇ.بۇنداق باھا ئۆزگەرتىش سۈرئىتى پۈتۈن دۇنيادا بىر مىنۇتنىڭ ئىچىدە نەچچە ئونمىڭ قېتىم يۈز بېرىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭدا،باھاتاختىسى كۆتۈرۈش ياكى قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى پۈتۈنلەي شەكىلسىز بۇلۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ.شۇڭا ،بارلىق سېتىش باھاسى ۋە سېتىۋېلىش باھاسىنى كۆرسىتىش جەريانى پۈتۈنلەي تورلاشقان بۇلۇپ،بۇ سودا پەقەت تور يولىغىلا تايىندۇ.پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئورگىنى ۋە ھەرخىل چوڭ ئۇچۇر شىركەتلىرى كومپيوتىر يۇمشاق دىتال سېستىمىسى ئارقىلق پۈتۈن دۇنياغا بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى باھا تالىشش جەرياندا ئۆزگىرىپ تۇرغان سېتىش-سېتىۋېلىش باھا جەرياننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ۋاكالەتچىلەرگە تارقىتىدۇ.بۇمۇ بىر ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بانكا ۋە ۋاكالەتچى ئوتتۇرسىدىكى باھا سۈرۈشتۈرۈش ۋە باھا قويۇش بۇلۇپ ، بارلىق كاپالەتلىك سودا سۇپىلىرىنىڭ باھا ئاساسىدا بۇلىدۇ.چوڭ بانكىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسسى جايلىرىغا ئېلان قىلغاندا ،ھەر قايسسى جايلارنىڭ ۋاقىت پەرقى بولغانلىقتىن ،پۈتۈن دۇنيا تاشقى پېرۋوت بازىردىكى سودا باھا ئۇچۇرى 24سائەت توخىتىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ.پۈتۈن دۇنيادىكى ۋاكالەتچىلەر بۇ باھا ئۇچۇر سېستىمىسغا ئاساسەن ھەر قايسسى جايلارنىڭ تور سۇپىسىدا ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدۇ.ئاساسي ئۇچۇرلار بىلەن پۈتۈن دۇنيا بازىرى تەڭ قەدەمدە باھا ئۇچۇرى ئېلان قىلىدۇ.مەبلەغ سالغۇچىلار خەلقئارا بازارباھاسى ۋە ۋاكالەتچىلەر بىلەن توردا ئەركىن باھا بېكتەلەيدۇ شۇنداقلا قاتنىشش ۋە ئېلىپ سېتىشنى بىكار قىلالايدۇ.بۇنىڭدىكى ئاساس ،پۈتۈن دۇنيا تاشقى پېرۋوت بازىرى بىلەن تور پېرۋوت سودىسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچى بىلەن بولغان مۇناسۋىتىدىن ئىبارەت .ئەمەليەتتە،تور پېرۋوت سودىسىغا قاتناشقۇچىلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تاشقى پېرۋوت سودىسىغا قاتناشقۇچىلار بۇلۇپ پەقەت كونكىرىت ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىقلا سودا قىلالايدۇ.بۇ ۋاكالەتچىلەر بانكا بۇلشىمۇ ياكى بانكا بولمىغان پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى بۇلىشىمۇ ۋەياكى مەلۇم تور پېرۋوت شىركىتى تەمىنلىگەن تور سودا سۇپىسى بۇلشىمۇ مۇمكىن .ئەلۋەتتە ،بۇنداق ۋاكالەتچىلەر مەبلەغ سالغۇچىلارنى خەلقئاراسودا بازىردىكى ئەڭ چوڭ ۋاكالەتچىلەر ياكى ئەڭ چوڭ بانكىلار بىلەن ئۆز-ئارا سودا قىلدۇرشى مۇمكىن ياكى سودا قلدۇرماسلىقىمۇ مۇمكىن.بۇ تاللاش ئۇلار ئۆزىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش ئىقتىدارى ياكى خەتەرنى كونترول قىلش سەۋيىسى تەرپىدىن بەلگىلنىدۇ.شۇڭا ،ھەر قايسسى دۆلەت ،ھەر قايسسى كارخانا ۋە ھەر قايسسى كاپالەت سۇپىسىنىڭ سودىگەرلىرىنىڭ سودا مەقسىدى ۋە يۆنىلىشى ئوخشاش بولمايدۇ.دەل سودا تۈرى ،سودا شەكلىنىڭ كۆپلۈگى ۋە سودا يۆنىلىشنىڭ قاتناشقۇچىلارغا ئېختىيارى بولغانلىقى سەۋەبىدىن تاشقى پېرۋوت بازىرى پۈتۈنلەي بىر خىل بولغان سودا شەكلى يۆنىلىشنى چىقرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما،مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇل تېپىشنىڭ تەۋرىنىش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ،بەزى ئاز ساندىكى چوڭ ئورگانلارنىڭ يامان نىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان تەۋرىنىش نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن.تور پېرۋوت سودا سۇپىسىدا ئېلىپ-سېتىلۋاتقىنى چەتئەل پۇلىمۇ؟تور پېرۋوت سودىسىدا ئېلىپ-سېتىلۋاتقان ئوبىكىت ھەققەتەنمۇ پۇل. بىراق،بارلىق ئېلىپ-سېتىش بىرەسمىي سودا بۇلۇپ ھەر قانداق پېرۋوت ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.شۇڭا،تىگىدىن ئېيتقاندا، سودا كۆرستۋاتقىنى پۇل ئەمەس بەلكى،پۇل ئارسىدىكى تەۋرىنىشى ئۆزگىرۋاتقان نۇقتا پەرقى . شۇڭا ،تور پېرۋوت سودىسىنى مەۋھۇم پېرۋوت سودىسى دەپ ئاتايمىز.بۈگۈنكى كۈندە،تاشقى پېرۋوت بازىرىدا كۆپ مىقداردا ئېلىپ بېرلۋاتقان سودىنىڭ ھەممسى مەۋھۇم سودا.ئۇلارنىڭ سودا ئارقا كۆرىنىشى يوق،رەسمىي ھالدىكى پۇل ئالماشتۇرۇشقىمۇ موھتاج ئەمەس.بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.ئەكىسچە،نۇرغۇن سودا ئارقا كۆرىنىشى بار بولغان تاشقى پېرۋوت سودىسىمۇ دەرھال تاشقى پېرۋوت ئالماشتۇرىشىغا موھتاج ئەمەس .كۆپ ساندىكى ئەھۋال ئاستىدا ،قەرەللك تۆلەپ سودا قىلىش توختىمى تۈزۈلدۇ.كاپالەتلىك سودا ئەمەليەتتە قەرەللىك توختامنىڭ مەۋھۇم رولدىن ياكى ئالماشتۇرۇش باھا پەرقىدىن كىلىپ چىققان. خەلقارا تاشقى پېرۋوت بازىرىدا پۇل -مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممسى مەۋھۇم بۇلۇپ ،قەرەللىك مالنىڭ سېتىلىش توختامىغا تايىنىدۇ.كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت سودىسى بىر ئاز پەرىقلىق بۇلۇپ ،سېتىش -سېتىۋېلىش ۋاقتىنىڭ توغىرلىق دەرىجىسى رەسمىي ھالدىكى تاۋار ۋە پۇل سودىسىغا چېتىلىپ قالمايدۇ.ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،مەۋھۇم پۇل-مۇئامىلە بىلەن شەكىلسىز كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت سودىسىنىڭ مىسالى :كۆپ ساندىكى كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت سودا سۇپىسىدا تاشقى پېرۋوت بولمىسىمۇ خەلقئارا تاشقى پېرۋوت بازىرىدىكى تاشقى پېرۋوت سودىسىغا قاتناشقىلى بۇلدۇ.مەسىلەن ،سىزدە پەقەت خەلىق پۇلى بولسىمۇ قاتنىشالايسىز.نېمىشقا؟ چۈنكى ،سىزنىڭ ئېلىپ ساتىدىغىنىڭىز رەسمىي ھالدىكى پۇل ئەمەس بەلكى پۇل ئارسىدىكى پېرۋوت نىسبىتى ئۆزگىرىپ تۇرغان سان(نۇقتا پەرقى).مەۋھۇم كاپالەت بىلەن قارىشى بولغىنى ئەمەلي تاشقى پېرۋوت سودىسى بۇلۇپ ،ئۇنڭدا ئەمەلي،بىرگە بىر،رەسمىي ھالدىكى ئالماشتۇرۇش بار بولغان بۇلدۇ.مەسلەن، مەن ياپۇنيە يىنى سېتىۋېلىشىم كېرەك بولسا چوقۇم رەسمىي ھالدىكى ئامېركا دوللىرى ياكى خەلىق پۇلى بىلەن ئالماشتۇرشۇم كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا،ئەمەلي بولغاندا كاپالەتلەندۈرۈشكە موھتاج بولمايدۇ.چۈنكى ،ئۇ چوقۇم ئەمەلي پۇل ،ئەمەلي باھا بىلەن سودىنى پۈتتۇرگەن.شۇڭا ،پەقەت بىرگە-بىر بۇلدۇ .تاشقى پېرۋوت ئەمەلي سودىسىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى يوق.ئېغىر خەتىرىمۇ يوق ھەم كۆپ پۇلنىمۇ قوزغىتالمايدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا،بىر يىلدا بىر -ئىككى قېتىم قىلشقا بۇلدۇ.شۇڭا ،كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت تاشقى پېرۋوت ئەمەلي سودا بازىرىنىڭ ئورنىنى ئېلۋاتىدۇ.ئادەتتكى ئەھۋال ئاستىدا،كاپالەتلىك تور تاشقى پېرۋوت سودا سۇپىسىدا مەبلەغ سالغۇچىلار 10 ئەتراپدىكى ئالماشتۇرغىلى بولدىغان پۇلنى ،ئەڭ مۇھىمى ،ئامېرىكا دوللىرى بىلەن بىۋاستە ئالمىشدىغان پۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان قىلىپ بېكتىدۇ.مەسلەن، ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن ياۋرۇ،ئامېرىكا دوللىرغا نىسبەتەن ئاۋستىرالىيە دوللىرى،ئامېرىكا دوللرىغا نىسبەتەن ئەنگىليە فوندسرلىڭى ،ئامېركا دوللىرىغا نىسبەتەن ياپۇنيە يىنى،ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن شىۋىتسارىيە فىرانىكى،ئامېرىكا دوللىرىغا نىسبەتەن كانادا دوللىرى......قاتارلىقلارنى نەقلەشتۈرۇش.يەنە بىر قىسىم«قايتىلانما كۆرسەتكۈچ» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇل:مەسىلەن ،ياۋرۇغا نىسبەتەن ياپۇنيە يىنى ،ئەنگىليە فوندسىرلىڭغا نىسبەتەن ياپۇنيە يىنى،ياۋرۇغا نىسبەتەن ئەنگىليە فوندسىرلىڭى،ياۋرۇغا نىسبەتەن شىۋتسارىيە فىرانىكى قاتارلىقلارنى نەقلەشتۈرۈش.يەنە بەزى سۇپىلاردا مەبلەغ سالغۇچىلار نەچچە ئون سودا پۇلىنى بېكىتەلەيدۇ.يۇقارقىدەك مۇھىم پۇللاردىن باشقا يەنە،كورىيە ۋونى،سىنگاپور دوللىرى،ھەتتا جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ پۇلى بىلەنمۇ «قايتىلانما كۆرسەتكۈچ»ئېلىپ بارغىلى بۇلدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا ،بېكتىلدىغان پۇل سودىسى بارا -بارا ياخشى بۇلدۇ.چۈنكى كۆپ قىسىم مەبلەغ سالغۇچىلار بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا -كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلار ناھايتى تەستە ئاز پۇل ئۇچۇرىغا ئېرشىدۇ.پۇل قانچە ئاز بولسا تەۋرىنىش نىسبتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بۇلۇپ چوڭ فوندلار تەرىپىدىن ئاستىرىتتن كونتىرول قىلنىش خەۋىپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بۇلدۇ.شۇڭا 10 ئەتراپىدا سودا پۇلى بار مەبلەغ سالغۇچىلار يىتەرلىك ئىشىلتىشى كېرەك.ئىلگىرى كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت سودا سۇپىسى كۆپ ھاللاردا ئامېرىكا دوللرى ياكى ياۋرۇ بىلەن باھا ھېسابلايتى .يەنى،سۇپىدىكى سودا ئۇرۇنلىرى بىلەن پايدا -زىيان ھېساباتىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا دوللىرى ياكى ياۋرۇنىڭ سودا ئۇرۇنلىرى ئۈچۈن چىقىرىپ بەرگىنى ئىدى.:مەسىلەن،بىر كۆرسەتكۈچ 1000ئامېرىكا دوللىرى ياكى 1000ياۋرۇ بولسا پايدا ياكى زىياننڭ بىر نۇقتىدىكى ھېساباتى 10ئامېرىكا دوللرى ياكى 10ياۋرۇ بۇلىدۇ.بىراق مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كىرگۈزگەن پۇلى ئامېرىكا دوللىرى بۇلشىمۇ ،ياكى ياپۇنىيە يىنى ،ياۋرۇ ،ھەتتا ئىشلەتكىلى بولدىغان خەلىق پۇلى ......قاتارلىق ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان پۇل بۇلىشى مۇمكىن .كاپالەتلىك تاشقى پېرۋوت شىركەتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلار كىرگۈزگەن پۇلنىڭ بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇنقى ئالماشتۇرۇش باھاسىنى كاپالەتلىك سۇپىنىڭ ھېسابات پۇلىغا ئايلاندۇرىدۇ.مەسىلەن ،76200يۈەن خەلىق پۇلىنى كىرگۈزسە تەخمىنەن 10000ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولدىغان بۇلۇپ ،مەبلەغ سالغۇچىنىڭ كاپالەتلىك ئابونىت پۇل مىقدارى 10000ئامېرىكا دوللىرى بولغان بۇلىدۇ ۋە سودىلشىدۇ. sAPQbTSM  
مەنبەسى:http://www.taxkipirwot.com/  تاشقى پېرۋوت تورى ~]].i~EV(  
[ بۇ يازما jasarat2 تەرپىدىن 2011-06-28 23:23 دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-28, 23:26
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +146
ئۈمىد مۇنبەر پۇلى +46 06-28 ياخشى تىما
ARMAN مۇنبەر پۇلى +100 06-28 ئىسىل تىما
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئۈمىد
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1423

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6276 (سوم)
 ياخشى باھا:   236 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2205
 سائەت
دەرىجىسى:
2205 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-07-11
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-28

رەھمەت، مۇشۇنداق ئىقتىسادقا ئائىت تېما بولسا يوللاپ تۇرۇڭ. ئۇيغۇرلار ئىقتىساد ئېڭىغا ئېگە بولىشى كېرەك.
篮球美女
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26880

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   727 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3077 (سوم)
 ياخشى باھا:   637 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1098
 سائەت
دەرىجىسى:
1098 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-07-29
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-28

مەن نىمىشقىدۇر مۇشۇ سودا ئشىغا قىززىقمايمەن ھەم بازارغا چىقىپ قالسام باھا تالىشىپ بىر نەرسە ئالالمەيمەن دىسە ..........مۇشۇ ئىقدىساتقا دائىر مەزمۇنلارنى جىقراق كۆرۈپ بەرسەم بولغۇدەك جۇما ... بولمىسا ئاتۇشلۇققا ئوخشىماي قالىدىغان ئوخشايمەن . $;} @2U   

تۈگەشسەيۇرىگىم،ساقتۇرقورالىم،
يىقىلدىم ۋە لىكىن مەغلۇپ بولمىدىم
zumrat615
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45301

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   94 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1093 (سوم)
 ياخشى باھا:   153 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 185
 سائەت
دەرىجىسى:
185 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-18
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-29

       جاسارەت  ئەپەندىم ! بۇ تىمىنى يوللاپ ناھايىتى يا خشى قىپسىز ،رەھمەت !ئۈمۈت توغرا دەيدۇ ،بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىقتىسادى ئىڭىمىز يۇقۇرى كۈتۈرلىشى كىرەك ! قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ! مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇراسىز ! سىزنى قوللايمىز ....
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمگنىڭ ،
كۆرمىگەننى كۈرسەن ئۆلمىگىنڭ!!!
1505665
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47301

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19 (سوم)
 ياخشى باھا:   3 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 206
 سائەت
دەرىجىسى:
206 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-07-26
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-10

تاشقى پېرۋوت سودىسى ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۇقۇم،بولسا بۇ توغرىسىدىكى بىلىملەرنى يوللاپ تۇرساڭلار،ئاز-تولا خەۋەردار بولساق....
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى