مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2045 
  •    ئىنكاس 
       78 

قانداق  قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ ؟

قەۋەت ئاتلاش
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1503 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12895 (سوم)
 ياخشى باھا:   501 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   585  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 726
 سائەت
دەرىجىسى:
726 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-07-03
— تېما باشقۇرغۇچى Hok تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-06-29) —

گەرچە بىلىدىغانلىرىم ئاز بولسىمۇ مۇنبىرىمىز، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىقتىسادقا ئائىت بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولۇش تۈپەيلى، ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ تېمىغا قانداق قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ ؟ دېگەن يوغان قالپاقنى كېيدۈرۈپ، كۆپرەك ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ بۇ ھەقتە ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلدىم. ئۆز - ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پايدىلىنالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئۆتكەن قېتىم باي - كەمبەغەل ھەققىدە قىزىق پاراڭلار دېگەن تېمىدا، ئاددىي سېلىشتۇرما ئارقىلىق ئەقىللىق ئۇقۇرمەنلەر بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ئورتاقلاشماقچى بولغان ئىدىم. لېكىن، بەزى چاكىنا كىشىلەر مىنى‹‹پۇلپەرەس››كە چىقىرىپ تەنقىدلىگەنمۇ بولدى، ھېچقىسى يوق. ئوقۇۋاتقان كەسپىم، قىلىۋاتقان ئىشلىرىم ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تۆۋەندىكى ئاددىي بايانلىرىم ئارقىلىق، يەنە شۇ پۇل توغرۇلۇق توختىلىمەن. نۇرغۇن كىشىلەر پۇلغا بەختنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ دەپ ئۆزىنىڭ پۇل تاپالمايدىغان ئاجىزلىقىغا باھانە ئىزلەيدۇ ، بەلكىم بۇ گەپنىڭمۇ مەلۈم ئاساسى باردۇر. مەيلى سىز قانداق ئادەم بۇلۇڭ ! قىلۋاتقان ئىشلىرىڭىزدىن قانائەت، رازىمەنلىك تۇيغۇسى ھېس قىلسىڭىز، شۇنىڭ ئۆزى بەخت. لېكىن بۇ دۇنياغا ئېلىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمىز سەمىڭىزدە بولسۇن. پۇل ياخشى نەرسە: ئۇ سىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەردىن ھوزۇرلاندۇرالايدۇ، پۇلىڭىز بولسا خۇداغا ئاتاپ مەسچىت سالالايسىز ، يېتىم - يېسىرلار مەكتىپى قۇرۇپ مىللىتىڭىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ مائارىپنى گۈللەندۈرەلەيسىز ، سۆيگىنىڭىز، ئائىلە ، تۇققانلىرىڭىزنى خاتىرجەم باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيسىز، ئېسىل غىزالاردىن ھۇزۇرلىنالايسىز ، ئۆيىڭىزنى ئېسىل بىزىيەلەيسىز، گۈزەل شەھەرلەرنى ساياھەت قىلالايسىز. ئەمما بىر ئىشنى ئويلىغان، تەسەۋۋۇر قىلغان بىلەنلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئويلىمىغاندىن مىڭ ياخشى. ئېسىل ماشىنىڭىز، ھەشەمەتلىك ئۆيلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىشقا تامامەن ھەقلىق سىز. سىز شۇنچىلىك ئىشلارنى ئارزۇ قىلغان ئىكەنسىز، سىزدە ئاشۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئىرادە بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا سىزگە شۇنداق تەسەۋۋۇر ئاتا قىلغان ئىكەن، ئويلىغانلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇدەك ئىقتىدارنىمۇ بىللە ياراتقان بولىدۇ . تەسەۋۋۇر ھەرگىز خام - خىيال ئەمەس. خىيال _ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش، بىر ئىشنى قىلىشقا ئۇرۇنماي، ‹‹ ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دېگەننى كۆرسىتىدۇ . ئەمما تەسەۋۋۇر ئوخشىمايدۇ، ئالىملار بىر نەرسىنى ئىجاد قىلىپ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى زور ئىشەنچ ، ئۈمىدتە بولىدۇ ، ئۇلاردىكى مول تەسەۋۋۇر كۈچى تېخى مەيدانغا كەلمىگەن كەشپىياتنى جانلىق ھالدا كۆز ئالدىغا ئەكىلىدۇ . مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەربابلارمۇ مۇشۇنداق تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە. ئۇلار تەقدىرىنى، ئۆز كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ. خوش، ئۇنداقتا بىز ئېرىشمەكچى بولغانلىقىمىزغا قانداق ئېرىشىمىز؟ بىز ئېرىشمەكچى بولغانلىرىمىز، بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزنىڭ ‹‹ئىجاد ساندۇقى ›› ( سۆزلۈك كەمچىل بولغاچقا مۇشۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتتىم )غا يوللانغاندىن كېيىن ئەقىل - پاراسەت ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىزگە نىشان، يول كۆرسىتىدۇ.زاغرا نان تىلىمىز بويىنچە ئېيتساق ئۆزىمىز ئېرىشمەكچى بولغان ماددى نەرسىلەر ئۈچۈن پۇل يىغىشقا كىرىشىسىز. ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز، ‹‹ ئىجاد ساندۇقى›› ڭىزغا پۈتۈنلەي ئورناپ بولغاندىن كېيىن سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى ، تۇرمۇش بىلەن دوئىلغا چۈشكىدەك جاسارەت، ئىشەنچكە ئىگە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ . ئۇنداقتا باي بولۇشنىڭ سىرى زادى نېمە ؟ جاۋاب بىرلا، ئۇ بولسىمۇ تىجەشچانلىق. ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدۇمغۇ دەيمەن؟ قۇرۇق گەپ سېتىپ بىزنى ئالداۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق گۇمانلاردا بولماڭ ! بولمىسا سىزنىڭ باي بۇلالىشىڭىزدىن زور ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. گېپىمنى ئوبدان مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭ ! ياكى ئۆزىڭىز بىلدىغان پۇلى بار يېقىنلىرىڭىزدىن ئەھۋال ئىگىلەپ بېقىڭ! دېگەنلىرىمنىڭ ئۇرۇنسىز، قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلسىز. ياكى ئاددىيلىقىغا قاراپ شۈبھىلەنمەڭ! مۇۋەپپىقىيەت شۇنداق ئاددىيلىق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان بولىدۇ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ باي بولالماسلىقى شۇنداق ئاددىيلىقىغا سەل قارىغانلىقىدا... نۇرغۇن كىشىلەر بىر كېچىدىلا بېيىپ، داڭلىق ئادەم بولۇشنى ئويلايدۇ، ئۇخلىماي چۈش كۆرىدۇ. بۇنداق كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇنداق تەلەي، ناھايىتى ئاز كىشىلەرگە نېسىپ بولغانمىش. ناۋادا شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنداق مۇۋەپپىقىيەت ھەش - پەش دىگۈچە بوران - چاپقۇنلار ئارىسىدا كۆمۈلۈپ يوقىلىدۇ. شۇڭا سىز ھەرگىز بۇنداق خام - خىياللارنى قىلىپ يۈرمەڭ! بولمىسا بىر ئۆمۈر نامراتلىق، ھۇرۇنلۇق پاتقاقلىقىدا ئۇجۇقۇپ كېتىسىز . شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ جاپاغا چىداش روھى، تەۋرەنمەس ئېرادىسى،بوشاشماس تىرىشچانلىقىڭىزغا تايىنىشىڭىز كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىمىز تالاي مۇۋەپپىقىيەت ساھىبلىرى ۋە غايەت زور بايلىققا ئىگە بولغان ئەربابلارنىڭ ئۆزگەرمەس پىرىنسىپى. چىرتيوژ، لايىھە بولمىسا بىر ئېگىز بىنانى لاھىيەلەپ سېلىپ چىققىلى بولمىغىنىدەك، پىلان، نىشان بولمىسا باياشات تۇرمۇشنى ياراتقىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ ؟ ھەممىمىز پۇل تاپالايمىز، تېپىۋاتىمىزغۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن؟ تاپقان پۇللىرىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى تېجەپ يىغىپ قويۇڭ ! ھەممىسىنى يىغىش مۇمكىن ئەمەس. سىز تاماق يېمەمسىز، كىيىم كىيمەيسىز؟ باشقا خىراجەتلەرچۇ؟ بەلكىم ھەممىمىزنىڭ ۋاقتىمىزنى، پۇلىمىزنى ئىسراپ قىلىپ ئۆزىگە مەپتۇن مەپتۇن قىلۋالغان نەرسىلىرى بولۇشى مۇقەررەر. ئۆزىڭىزنى ئازادە قۇيۇۋېتىپ ، جىمجىت يەردە پۇل يىغىشنىڭ بىر تۈرلۈك كونكېرىت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىڭ ! ئىنچىكىلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈڭ. ئۆتكەن يىلى تاپقان پۇللىرىڭىزنى نىمىگە ئىشلەتتىڭىز؟ ئالدىنقى ئايدىكى مائاشىڭىزنى نېمىگە خەجلىدىڭىز؟ دىگەندەك. پۇلنى ماۋۇ ئۇرۇنغا خەجلىسەم بولىدىكەن دېگەن ۋاقتىڭىزدا خىراجەت قىلىڭ! بەلكىم، ئىلگىرى ئىسراپخورلۇق قىلىپ خاتالاشقان ۋاقىتلىرىڭىز بولغاندۇ؟ كېرەك يوق. ھەممىمىزنىڭ مۇشۇنداق خاتالىق سادىر قىلغان ۋاقىتلىرىمىز بولغان. ئۆتكەن ئىشلارنى، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇڭ ! ئۇنتۇش تەس بولسىمۇ ئۇنتۇڭ ! ئۆتكەن ئىش ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن خاتالىقلارنى تۈزەتكىلى بولمايدۇ، ئىككىلەنمەي يولغا چىقىڭ ! ھېلىھەم كېچىكمەيسىز ، پۇرسەت دېگەن تولا، پەقەت ئۆزىڭىز ئاشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىڭىزلا. سىزنىڭ مائاشقىلا تايىنىپ، قۇرساق، كېيىمنىڭ غېمىنى قىلغىنىڭىز، قەدىمكى زاماندىكى نېگىر قۇللارنىڭ خۇجاينىغا ياللىنىپ ئىشلىگىنىدەك بىر ئىش. سىز ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىۋاتقان پۇللىرىڭىزنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئىسىڭىزدە ساقلاڭ! سىز نېمىشقا شۇنچىلىك جاپادا تاپقان پۇللىرىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى ئىكەنلىكىنى ئويلىمايسىز؟ تاپقان پۇللىرىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۆزىڭىزگە قالدۇرۇپ قويۇڭ ! شۇندىلا باي بولالايسىز. ئۆزىڭىزنىڭ باي بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىزمۇ مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز نامراتلىقتا باشقىلارنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايسىز . سىز يىغقان پۇللار كەلگۈسىدە سىز ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرىدىغان قۇل، چاكار بولىدۇ . خۇددى ئەقىللىق ئاتا - بوۋىلىرىمىز ‹‹ پۇل بايغا ئاقىدۇ، سۇ سايغا ››دېگەندەك ، يامغۇر سۈيى قەيەر ئازگال بولسا شۇ يەرگە يىغىلغاندەك، پۇلمۇ پۇلى بار ، ئىرادىلىك ، تىرىشچان ئادەمنى تاپىدۇ. شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشەلەيسىز.‹‹يېتىپ يېسەڭ تاغمۇ توشىمايدۇ ›› دېگەن ھېكمەتنى ئېسىمىزگە ئالغىنىمىزدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ دانا پىكرىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايمىز . ئىسراپخور كىشى مەڭگۈ باي بولالمايدۇ . بايلىق خۇددى دەرەخكە ئوخشايدۇ، كۆچەت يوغىناپ دەرەخ بولغاندەك، ئاز پۇلنىڭ كۆپىيىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئىقتىساد قىلغان پۇللىرىڭىزنى بايلىق دەرىخىڭىزنىڭ كۆچىتى قىلىڭ! كۆچەتنى قانچە بالدۇر تىكسىڭىز، دەرەخ شۇنچە تېز يوغىنايدۇ. ۋاقتىدا سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ تۇرسىڭىز سايىسىدا شۇنچە ھوزۇرلىنىپ راھەتلىنەلەيسىز. يىغقان پۇللىرىڭىز مەلۈم باسقۇچقا يەتكەندە، توخۇ يۈرەكلىك قىلىپ بېسىپ ياتماي تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆزى يەتكەن ئىشلارغا مەبلەغ سېلىڭ! لېكىن قاراملىق قىلماڭ! سىزگە ھەممە ئادەم مەسلىھەت بىرەلەيدۇ، پۇل تېپىش ئىقتىدارى بولمىغان كىشىلەردىن(پۇلنى نىمىگە مەبلەخ سالىمەن، قانداق خەجلەرمەن) دەپ مەسلىھەت سورىماڭ! پۇل تېپىشقا كۆزى يەتمەيدىغان كىشى سىزگە قانداقمۇ توغرا، قىممىتى بار تەكلىپ بېرەلىسۇن؟ قوي سېتىۋالماقچى بولسىڭىز چارۋىچىدىن مەسلىھەت سوراڭ! بايلىق باشقۇرغۇچى ، پۇلدارلار بىلەن ئارلىشىپ تەكلىپ - پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىڭ! يول كۆرسىتىش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىگىلىك باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىڭ! زور مەبلەخ سېلىشنى تەلەپ قىلدىغان تىجارەت تۈرى، نازىنىن خېنىم ئالۋاستىدەك سىزنى ۋەسۋەسىگە سېلىپ قىزىقتۇرۇپ ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. مۇبادا سەگەك بولمىسىڭىز ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئشىنىڭكى، دۇنيادا ھېچقاچان پۇشايمانغا دورا تېپىلغان ئەمەس. قىلىۋاتقان ئىشىڭىز كىچىك بولسىمۇ، ئۈمىدسىزلىنىپ چېكىنمەڭ ! تالاي بايلىق ئىگىلىرى دەسلەپتە ئىشنى ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىن باشلىغان. نۇرغۇن قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەتلەرگە يولۇققان، لېكىن قىلچىمۇ باش ئەگمىگەن. مىللىي كارخانىمىز ئارماننىڭ دەسلەپتە ئازغىنە دەسمايە بىلەن ئىش باشلىغاننى بىلسىزغۇ دەيمەن؟ دۇنياغا داڭلىق، خەلقئارالاشقان زەنجىرسىمان سېتىش كارخانىسى ئەمۋاينىڭ دەسلەپتە ئىشلارنى تۆت ئۈستەللىك كىچىك ئاشخانا ئېچىشتىن باشلىغانلىقىنى بىلسىڭىز ھەرگىز مىنىڭ دېگەنلىرىمدىن گۇمانلانمايسىز. يەنە تەكرارلاپ قۇياي. دۇنيادا كىچىك ئىش يوق، پەقەت كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان ئادەملەرلا بار، شارائىتىڭىزغا بېقىپ ئىش تۇتۇڭ! ھەرگىز ئۈمىدسىزلىنىپ چېكىنمەڭ! مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار كىچىك ئىشلارنى ھەرگىز كىچىك دەپ قارىمايدۇ . بەلكىم يۈكسەك چوققىلارغا ئۆرلەشتىكى شۇتا دەپ ئويلايدۇ . سىزدە ئېنىق بىر نىشان بولسۇن، بولمىسا ۋوگزالغا بېرىپ قەيەرگە بېرىشنى بىلمىگەن يولۇچىدەك تەمتىرەپ قالسىز. بەلكىم سىز بايلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردا ،ئېسىل كىينىپ يۈرگەنلىكىنى، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىلاردا كۆڭۈل ئېچىپ، ئېسىل غىزالارنى ئىستېمال قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،تەقدىر، پۇرسەت ئۇنىڭغا ئىشكىنى ئېچىپتۇ . دەپ ئويلارسىز، ئۇلار تەلەي، تەقدىرگە ئىشەنمەيدۇ. خۇدا ئاتا قىلغان ئەقىل - پاراسىتىنى، تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئىشقا سېلىپ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ. يا ئۇلارنى بەدخەج، ئىسراپخور دەپ ئەيىبلىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنىڭ بېيىپ ئۆزلىرى كۆزلىگەن نىشانىغا يەتكۈچە، قۇللاردىنمۇ جاپالىق خىزمەتلەرنى قىلىپ، ئاز ئۇخلاپ، دەم ئېلىش، ھېيت بايراملاردىن، كۆڭۈل ئېچىشلاردىن ۋاز كىچىپ پۈتۈن زىھنىنى نىشانىغا قارىتىپ، ئەرزان ئىستىماللاردىن بەھرىمەن بولۇپ قانچىلىك جاپا، ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى ھېس قىلسىڭىز، ئەجرىنىڭ مېغىزىنى چېقىپتۇ دەپ چۈشنىڭ ! ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم، ياشلىقتا قېرىلىقنى، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارماڭ! خەير - ساخاۋەت قىلىڭ! سۇلايمان پادىشاھنىڭ سەكراتتىكى ۋاقتىدا، ‹‹ قۇلۇمنى تاۋۇتنىڭ سىرتىغا چىقرىپ قۇيۇڭلار! كىشىلەر مىنىڭ دۇنيادىن قۇرۇق قول كەتكەنلىكىمنى كۆرسۈن ››دەپ قالدۇرغان ۋەسىيىتى ئىسىڭىزدە بولسۇن. بايلىق غېمىدىلا يۈرۈپ، مۇھەببىتىڭىزنى سىز بىلەن جاپالاردا بىللە بولغان ، سىزنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىڭىزنى كۆتۈرگەن، خىزمەتلىرىڭىزنى قىلغان سۆيۈملۈك خوتۇنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! پۇلنى تېپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بايلىقنىڭ چېكى يوق. تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن، رۇمانتىكىلىقىدىن ھوزۇرلىنىدىغان نەرسىڭىز بولسۇن . ئاخىرىدا ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرى، مەرىپەتپەرۋەر، ئىسلاھاتچى ئالىمى ئابدۇقادىر داموللام ئابدۇۋارىس كاشغەرىنىڭ ‹‹بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس، ئويغىنىش ، سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق، نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم - مەرىپەت دەۋرىدۇر ! سۇسلۇق، بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تېرىشىش، غەيرەت قىلىش ۋاقتىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم - مەرىپەت ساھەسىدە، ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا. سۇ ئاستىدا قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە . بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە داۋاملىق ئۇخلىماق، ئۆلۈم ، يوقىلىش يولىدۇر! ھېلھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت بار. جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت ۋە ئىنايەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇقتۇر. دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس. ئىنسان كىچىكىدىن تارتىپ ئىلىم ئۆگنىشى،(ھۈنەر - سانائەت) بىلەن شوغۇللىنىشى كېرەككى، ھەرقانداق ئىشنى ئۆزلۈكىدىن مەيدانغا چىقرىشىنى ئاللا ئادەت قىلمىغاندۇر. بەلكىم ھەر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ. ھەممە ئىشقا تىرىشچانلىق، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئاللاھنىڭ يوليۇرىقىدۇر. ‹‹ئىنساننىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق نەتىجە باردۇر ›› دېگەن ئايەت بۇنىڭغا گۇۋاھ - ئىسپاتتۇر. سالام ياخشى يولدا ماڭغان كىشىلەرگە! ›› دېگەن نەسىھەتى بىلەن يازمىنى ئاخىرلاشتۇرىمەن . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ نەسھەتىدىن پايدىلانغان. مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى ›› 2000 - يىللىق 1 - سان 69 - بەت. مەنبە : ئۆزۈم
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-07-02 11:42 دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-02, 11:43
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 7 پارچە مۇنبەر پۇلى +1211
دېھقان مۇنبەر پۇلى +100 07-01 -
ansar0996 مۇنبەر پۇلى +11 06-30 ئېسىل
awladim مۇنبەر پۇلى +100 06-30 ئېنتايىن ياخشى يېزىلغان تىما ئىكەن .
ئەركەم مۇنبەر پۇلى +400 06-27 ئېسىل
xaxalim مۇنبەر پۇلى +100 06-27 -
.tuz. مۇنبەر پۇلى +300 06-27 ئىېسىل تىما .....
hokumran مۇنبەر پۇلى +200 06-27 ياخشى يېزىلغان تما .
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئىنسان مەغلۇب  بولمايدۇ ، تېرىشچانلىقتىن ۋاز كىچىدۇ
hokumran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2003

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1065 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21717 (سوم)
 ياخشى باھا:   576 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   672  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5809
 سائەت
دەرىجىسى:
5809 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-03
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

   ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنبەردە ئىقتىساد ئۈستىدە ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىدىغان تېما كۆرمىگىلى. بۇ تېمىنى كۈرۈپ ئىختىيارسىز ئىنكاس يازغۇم كېلىپ قالدى . /Q3\6DCl  
     ئىنسان دۇنياغا تۆرەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ياشاش ھوقۇقى بولىدۇ . ھەر بىر ئىنسان تەغدىرىنى ئۆزى يارىتىدۇ . ئىنساننىڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى ھەرگىزمۇ خاتالىق ئەمەس . ئەنە شۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىشكە، تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ . [8^q3o7n  
     بىز رىئال دۇنيادا ياشايدىكەنمىز، ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك كۇچكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. جەمىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشى، مال باھاسىنىڭ توختاۋسىز ئورلىشى، تۇرمۇشىمىزغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. ئەقلىنى ، ھالال كۈچىنى ئىشلەتكەنلەر بېيىپ تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆردى، ئەكسىچە ھورۇنلۇق قىلىپ ‹‹ ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش›› دەپ، خىيالى جەننەت ھوزۇرىنى سۈرمەكچى بولغانلار بولسا تېخىمۇ نامراتلىشىپ، ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمىغان پېتى قېلىۋەردى، ئۇلار ئۆزىنىڭ نامراتلىقىنى خۇدانىڭ ئۆز ‹‹ زۇۋۇلىسى››نى كىچىك ئۈزۈپ قويغانلىقىدىن كۆردى. ئۆزىنىڭ بىر جۇپ قۇلىنىڭ كۈچىنى ، ئەقىل - ئېدراكىنىڭ رولىنى قىلچىمۇ ئويلاپ قويمىدى،  ھەسەتخورلۇق تۇمانلىىرىدا ئەقلىدىن ئادىشىپ بايلار ئۈستىدىن ھەرخىل سۆز چۆچەكلەرنى تارقىتىشتىن يانمىدى. بۇ نىمە دىگەن بىچارىلارچە ياشاش ھە! ~ !!\#IX  
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان ئاددى تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ، داۋالىنىش ، تەربىيەلىنىش، ساياھەت.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدۇ . شەھەرلەردە بولسا پۇلىڭىز بولمىسا، ھاجەتخانىغا كىرەلمەي تاس قالىسىز ئىشتىنىڭىزغىلا چىقىرىۋەتكىلى . شۇڭا ھەر بىر ئىنسان ھالال كۈچىگە تايىنىپ پۇل تېپىش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۈرۈشى كېرەك . n=bdV(?4  
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ،بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى سىۋەتكە ئاددىلا بوپىسىنى يۈكلەپ، قولىدا سىنىت پۇلنىڭ سۇنىقى يوق ھالدا كەلگەن كىشىلەرنىڭ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرۇپ، ئىسىل ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئالدىمىزدىن چاڭ چىقىرىپ ئۆتكىنىدە ، ئۇنىڭ بىز ياراتمىغان، ‹‹پەس ئىش›› دەپ قارىغان ئەسكى تۈسكىلەرنى يىغىش تىجارىتى بىلەن بېيىغانلىقىنى، كۈن - كۈنلەپ داغ سۇ بىلەن قۇرۇق ناننى غاجاپ ، سىنىت - سىنتلاپ ئىقتىساد قىلىپ بېيىغانلىقىنى قىلچىمۇ ئويلاپ باقمىدۇق ، بەلكى ئۇلارنىڭ ‹‹ ئامەتلىك›› ئىكەنلىكىدىنلا كۈرۈپ ھەسەت ئوتىدا پۇچىلاندۇق، ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھىچقانداق پەس ئىش يوق ، پەقەت كىچىك ئىشلارنى ‹‹ پەس ئىش ›› دەپ قارايدىغان ئادەملەرلا بار، ھېلىمۇ ياخشى، كېچىكىپ ئويغانغان بولسىمۇ خېلى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز  ئىشنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىماي ھالال تىجارەت بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى گۇللەندۈرۈش ، كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇرمۇش قاينىمىدا دەماللىققا تېنەپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇچۈن مەلۇم ئىقتىسادىي ئاساس قالدۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن تىرىشماقتا ، ئىزدەنمەكتە، كۆپلىگەن ياشلىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتۇش ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل كارخانىلارنى قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەشكە تىرىشماقتا، ئاشۇ كىشىلەرگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن . ]gg(Z!|iQ  
PkI+z_  
    ئېسىمىزدە بولسۇن : مەيلى قەيەرگە بارمايلى، ئاسماندىن بىكارلىق پوشكال ياغمايدۇ . ~mARgv  
CUYA:R<)  
سەمىمىي ئەسكەرتىش :  بۇرۇن ئاندا - ساندا مۇشۇ خىل تېما مەيدانغا چىقسىلا بىر ئوچۇم ئەزالار تېما مەزمۇنىنى دىنىي مەزمۇن تەرەپكە بۇراپلا تېمىنى قالايمىقان قىلىپ، باشقىلارنى ئىنكاس يېزىشتىن توسۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ كۈرۈلگەن . شۇڭا بۇ تېمىدىمۇ مەزمۇننى دىنىي تەرەپكە بۇراپ ئىنكاس يازىدىغانلار بولسا ئىنكاسى بىردەك ئۈچۈرىلىدۇ . e1LIk1`p  
<JH,B91  
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-06-27 20:14 دە قاي ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
sargarda مۇنبەر پۇلى +100 06-27 دانا  پىكرىڭىزگە ئاپرىن ...
ئەي ئىنسان ئويلىغىن ، ئۆزۈڭنى دەڭسەپ ،
يوقاتتىڭ نىمىنى ، تاپتىڭ ھەم نىمە ؟
كىم ئىدىڭ ئەسلىدە، كىم بولدۇڭ ھازىر ،
بولماقچى ئاخىرى سەن زادى نىمە ؟
kashigar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45517

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   251 (سوم)
 ياخشى باھا:   60 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

قانداق  قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ ؟ E(r_mF7:  
.............؟؟؟؟؟؟؟؟
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
nazli7 مۇنبەر پۇلى +1 06-29 بەك ياخشى يىزپسىز .قايىل بولدۇم!
marziyam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40561

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   27 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   101 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 314
 سائەت
دەرىجىسى:
314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-13
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

‹‹ياشلىقتا قېرىلىقنى، ھاياتلىقتا ئۆلۈمنى  ئەستىن چىقارماڭ! خەيىر  ـ  ساخاۋەت قىلىڭ! ›› X8)k'h  
   تىمدا نذرغذن ياخشى مەزمذنلار بار ظىكەن .تەشەككذر سىزگە!
xaxalim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4175

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   768 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7286 (سوم)
 ياخشى باھا:   286 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3639
 سائەت
دەرىجىسى:
3639 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-17
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

ھۇ  ماتىمىغا  ئىنكاس يىزىشقا   ئاجىزلىق  قىلدىكەنمەن .ئەما شۇنى بىلمەن پۇل ياخشى نەرسە
xaxalim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4175

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   768 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7286 (سوم)
 ياخشى باھا:   286 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3639
 سائەت
دەرىجىسى:
3639 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-17
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

باشقۇرغۇچىلارغا -بۇ  مۇنبەردە مۇشۇنداق بىلىم ئىگىلىرنىڭ  بولغانىلىقى  بىر  ياخشى  ئىش بولسا باشقۇرغۇچىلار  ماتىمىنى نادىرلەش  مەشخۇلاتى ئىلىپ بارساڭلار . Z=Y29V8  
ئىنكاسىمنى ئۆچۇرۋەتسەڭلار  مەيلى
ئەركەم
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.428

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   680 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6705 (سوم)
 ياخشى باھا:   436 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   509  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 705
 سائەت
دەرىجىسى:
705 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

مەنمۇ  نادىرلاشنى تەلەپ قىلىمەن، ھەقىقەتەن ئېسىل تېما ئىكەن.
abdelimjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38849

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16 (سوم)
 ياخشى باھا:   3 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-27
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27
1قەۋەتتىكى(hokumran) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

دگىنىەىز توغرا پۇل بولمىسا ھېچڭشنى قڭلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا بەزىلەر پۇل ئۈچۈن ۋىجدانىنى يوقىتىىۋاتىدۇ.
abdelimjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38849

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16 (سوم)
 ياخشى باھا:   3 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-27
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

تىرشقاندا~!
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1503 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12895 (سوم)
 ياخشى باھا:   501 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   585  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 726
 سائەت
دەرىجىسى:
726 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-07-03
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

سىزنى  ئاۋارە  قىلغىنىمدىن خىجىلمەن ،  ھۆكۈمىران  بۇرادەر  ...  تىما  يوللاش  جەريانىدا  قۇر  ئالمىشىدىغان  يەردە  خەت  ئاخىرى  كۆرۈنمەي تىمىنى  قالايىمقان قىلىۋەتتىم .  ھەممە باشقۇرغۇچى  سىزدەك  مەسئۇلىيەت  تۇيغۇسى  بىلەن  مۇنبەرگە  كۆيۈنگەن  بولسا ،  مۇنبىرىمىز  تېخىمۇ سەرخىللىشىپ كۆزنى  چاقنىتىدىغان  گۆھەرگە  ئايلىناتىتى...
ئىنسان مەغلۇب  بولمايدۇ ، تېرىشچانلىقتىن ۋاز كىچىدۇ
sargarda
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1041

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1503 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12895 (سوم)
 ياخشى باھا:   501 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   585  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 726
 سائەت
دەرىجىسى:
726 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-27
ئاخــىرقىسى:2011-07-03
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  kashigar كە 2011-06-27 19:23ئەۋەتىلدى  : zFDtC-GF  
قانداق  قىلغاندا باي بولغىلى بولىدۇ ؟ ;gAL_/_  
.............؟؟؟؟؟؟؟؟   XL;WU8>  
9D,!]  
قېرىندىشىم ، تېمىنى ئەستايدىل كۆرۈپ پىكىر يۈرگۈزسىڭىز  بەزى  سۇئاللىرىڭىزغا  جاۋاب چىقىدۇ...
ئىنسان مەغلۇب  بولمايدۇ ، تېرىشچانلىقتىن ۋاز كىچىدۇ
tamkinboway
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45471

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   185 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 177
 سائەت
دەرىجىسى:
177 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-07-04
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

مېنىڭچە راسچىل سەمىمى بۇلۇش باي بۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى چۇنكى ئېشەنچىدىن ئارتۇق بايلىق يوق،سىز سودا ۋە ئېلىم بىرىمدە ئېشەنچىكىك راسچىل سەمىمى بولسىڭىز كۇندىن كۇنگە يۇلىڭىز كەڭرىيدۇ بىرە قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا باشقىلار سىزگە قوقماي  يەردەم قۇلىنى سۇنىدۇ چۇنكى سىز راسچىل ھارامدىن قورقىسىز يەنە ئۇچۇرغا ئەكمىيەت بىرىڭ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى
      

      Fatal error: Call to a member function update() on a non-object in E:\wwwroot\bbs85\lib\user\onlineservice.class.php on line 77