مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       639 
  •    ئىنكاس 
       16 

مېنىڭ قەلبىمدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى قانداق؟

قەۋەت ئاتلاش
yadikar-
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41067

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6852 (سوم)
 ياخشى باھا:   343 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   549  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 331
 سائەت
دەرىجىسى:
331 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
— تېما باشقۇرغۇچى Hok تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-06-27) —

                      مېنىڭ قەلبىمدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى قانداق ئىدى؟ j+v)I=  
مەن93-يىللاردىن تارتىپ ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلغان بىر ھەۋەسكارئىدىم،  شۇنچە يىل ھەۋەس قىپتىمەن- يۇ، ئاساسىمنىڭ ئاجىز بۇلىشى تۈپەيلى بىر-ئىككى پوۋېست ۋە ئەللىك-ئاتمىش پارچە ھېكايىدىن باشقا، تەسىرگە ئېگە ئەسەرلەرنى يازالمىدىم. ئەمما ئەدەبىياتقا ئوتتەك قىزىقىشىم ۋە سادىق قەلبىم بار، ئۈزۈم جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىر سەھراسىدىن، بۇيەردە ماڭا يىتەكچى بۇلىدىغانلار يوق، ئۈزۈمگە ئۈزۈم ئۇستاز، ئۇقۇغۇچى، تەنقىتچى بۇلۇپ كېلىۋاتىمەن. 90-يىللاردىكى ئوتتەك قىزغىنلىق ۋە ياشلىقتىكى ئۇرغۇپ تۇرغان زېھىن كۈچنىڭ تۈرۈتكۈسىدە ، ئۇيۇن-تاماشا ۋە باشقا بارىلىق « ياشلىق -بەڭباشلىق» لارنى چۆرۈپ تاشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەنلا بولدۇم ۋە بىرقىسىم "بازارنەرقى" ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كەلدىم. XwGJ 8&N  
شۇچاغلاردا يازغۇچىلار جەمىيىتىگە قانداقراق ئادەملەر ئەزابۇلىدىغاندۇ؟ مەنمۇ شۇ جەمىيەتكە ئەزابۇلارمەنمۇ؟ ناۋادا ئەزابۇلالىسام-زە، بەلكى نەچچە كۈن ئۇيقۇم كەلمەس، دەپ ئويلايتىم. يازغۇچىلار جەمىيىتى مەن ئۈچۈن شۇنداق سىرلىق ھەم سۈرلۈك جاي ئىدى.ژورنال تەھرىر بۈلۈمى مەن ئۈچۈن ئەڭ ھەۋەس قىلىدىغان ئۇرۇن ئىدى، تېخى بەزى ئەسەرلىرىمدە ئۈزۈمنى تەھرىر بۈلۈمىدە خىزمەت قىلىدىغان قىلىپ يازدىم، كۆڭلۈمنى شۇنداق قىلىپ خوش قىلدىم دېسەممۇ بۇلىدۇ. ھەتتا 95-يىلى يازدا بىر دوستۇم مېنى قەشقەر ۋىلايەتلىك فىلىم شىركىتىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىگە ئۇرۇنلاشقان سابىق «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى تەھرىر بۈلۈمىگە باشلاپ كىرگەندە ئۈزىچىلا جىددىلىشىپ، پۇت-قۇلۇم تىتىرەپ كەتكەنىدى، دىلبەرقېييۇم ھەدىمىزنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ماڭا « توۋا، تەھرىرلەرمەن ئويلىغاندەك ئۇنداق سۈرلۈكمۇ ئەمەس ئىكەنغۇ» دېگەن ئويغا كەلتۈردى. شۇكۈنى ئۇيەردىن چىقىپ «قەشقەر گېزىتى» دىكى ئەنۋەرئابدىرېھىمنىڭ ئشخانىسىغا كىردۇق، ئۇكىشمۇ قىزغىنلىق بىلەن بىزگە ئۇرۇندۇقىنى بىرىپ، ئۈزى ئۈرە تۇردى (ئىشخانىسى مەن ئويلىغاندەك ئىسىل ۋە سۈرلۈك بولماستىن، شۇنداق ئاددى ئىكەن، ئارتۇق بىرەر ئۇرۇندۇقمۇ يوق ئىكەن). قايتىپ كىلىپ ئۈزۈن ئۆتمەي، دىلبەرقېيۇم ھەدىمىزدىن بىرپارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم، خەتتە ئەسىرىمنىڭ تېخى خام ئىكەنلىكىنى ۋە تىرىششىم توغرىسىدىكى تەۋسىيلەر يېزىلغانىدى، شۇخەتنى خوش بۇلۇپ نەچچەكۈن قايتا-قايتا ئۇقۇپ كىتىپتىمەن.(مۇشۇ پۇرسەتتە تەھرىر بۈلۈمدىكىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىۋاتىدۇ، سىلەر ياش ھەۋەسكارلارنىڭ قەلبىدە ئەنە شۇنداق ئۇرۇنغا ئىگە، سىلەرنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بىرئېغىز گېپىڭلارمۇ شۇنداق كارامەت سۆزلەر، شۇڭا ھەۋەسكارلارغا كۆپرەك كۈڭۈل بۈلەرسىلە). ]z@]Fi33Y  
يىللار ئۆتتى، ئىچىمدىكى ئوت ئۆچمىدى. بىركۈنلەرگە كېلىپ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزامۇبولدۇم. راسىت گەپنى قىلسام، ھېلىقى چاغلاردىكى قىزغىنلىق بىرئاز سۇسلىغان ئىدى، شۇڭا خوش بۇلۇپ ئۇيقۇم كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ بولمىدى. كېنىشكىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئىشكاپقا سەپ قويدۇم-شۇ. ئويلاپ باقسام، ماڭا ئەزا بولغىلىمۇ بىرنەچچەيىللار بوپتۇ، شۇجەريانداپەقەت ئەزالىق كېنىشكىسنى بىرقېتىم ئالماشتۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق  پائالىيەت بولمىدى. @72G*u\Wz  
مەن چوڭ ئىشەنچە، قىزىق ئىنتىلىش، يۈكسەك ھۆرمەت، تەگسىز خۇشاللىق، غايىۋى ئاشىقلىق ... ئىچىدە ئەزالىق جەدىۋېلىنى تولدۇرغانىدىم، مېنىڭ قەلبىمدىكى يازغۇچىلار جەمىيىتى كاتتا بىر جەمىيەت، مەن بۇجەمىيەتكە ئەزابولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنچەخوش بولدۇم. كىيىن «يازغۇچىلار تورى» قۇرۇلدى، مەن كۈندە بۇتورغا بىر چىقىمەن. دېمەك يازغۇچىلار جەمىيىتى بىزنىڭ قەلبىمىزدىن يۈكسەك ئۇرۇن ئالغان. ئەمدى بۇيۈكسەك ئۇرۇننىمۇ بىز ئاسانلا بەرگەن ئەمەس، بۇ يۈكسەك ئۇرۇن، يەنە بۇجەمىيەتنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت، يۈكسەك جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلى ئىشلارنى قىلىش قاتارلىق بىرقاتار ئەجىربەدىلىگە بىرىلىدۇ. يازغۇچىلار جەمىيىتىمۇ بىز ئەزالارنىڭ بۇ ئارزۇ- ئۈمۈتلىرىمىزنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغىچە خېلى كۆپ ئەجىرقىلىش كېرەك. مېنىڭ قەلبىمدىكى « يازغۇچىلار جەمئىيىتى» مۇنداق بولسىكەن دەيمەن: &$ 9bC 't6  
1- كەڭ يازغۇچى –ئاپتۇرلارنى يېزىقچىلىق بىلىم- تەجرىبە جەھەتتىن تەربىلىسە. ئۇستاز يازغۇچىلار نىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا كۆپرەك ئىلمى مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇلسا( ئىنتىرنىت تورىدابولسىمۇ مەيلىغۇ)، شۇلاردىن بىز ھەۋەسكارلار « بۇيازغۇچى مۇشۇ تېمىدا قانداق يېزىپتۇ، مەن يازغان بولسام قانداق يازارئىدىم؟ نېمە ئۈچۈن مۇنداق يازماي، ئۇنداق يازدى؟ » ياكى « ۋەقەلىكنى نېمە ئۈچۈن بۇخىل يول بىلەن راۋاجلاندۇردى؟ باش پىرسۇناژنىڭ تەقدىرىنى نېمە ئۈچۈن مۇنداق ھەل قىلدى؟» ... دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىۋالساق نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى. شارائىت ياربەرگەن ئاساستا ھەرخىل كۇرسلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۇلىنى چىڭدىسا. ھازىر بۇخىل خىزمەتلەرمۇ ئىشلەندى، ئەمما قانائەتلىنەرلىك ئەمەس(مېنىڭ ئۈمۈت قىلىدىغىنىمدىن بەكلا يىراق). RR9s%>^  
2-  ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۇرسا. خۇتەن ۋىلايىتى 90-يىللاردىن تارتىپ بۇخىل پائالىيەتلەرنى پائال ئېلىپ بارغان رايۇن، مەن شۇچاغلاردا خۇتەنلىك بولغان بولسام، دەپ ئارمان قىلغانىدىم. ئاپتۇنۇم رايۇنلىق يازغۇچىلار جەمىيىتى  ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىگە شۇخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا يىللىق پىلان چۈشۈرەلەمدۇ-يوق، بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما شۇخىل تەكلىپنى بىرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. يىلدا بىرياكى ئىككى قېتىم شۇخىل پائالىيەتلەر بولسا، بىز سەھرالىق ئاپتۇرلارنىڭمۇ كۈزى ئېچىلسا، بىلگىنى كۈپەيسە، ئۇستازلاردىن تەلىم ئالساق، بىلمىگەنلىرىمىز بەك كۆپ، شۇنى بىلىۋالساق. بايا دېدىم، مۇشۇكەمگىچە ياشاپتىمەن، نۇرغۇن ئىشلار بوپتۇ، ئۇنتۇلۇپ كىتىپتىمەن، ئەمما ھېلىقى «قەشقەرئەدەبىياتى» ژورنىلى ۋە «قەشقەرگېزىتى» تەھرىر بۈلۈمىگە كىرگەن ۋاقتىم ئۇنتۇلماپتۇ، دېمەك بىز سەھرالىق ھەۋەسكار-ئاپتۇرلار ئۈزىمىز چوڭ بىلگەن ئىشلىرىمىز بىزگە شۇقەدەر تەسىربىرەلەيدۇ. بىزنىڭ بىلمەيدىغانلىرىمىز كۆپ بولغاچقا بىلىشكە قىزىقىدىغانلىرىمىزمۇ شۇنچە كۆپ. كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغۇمىز، كۆپ سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقۇمىز كىلىپ تۇرىدۇ. 3*L,48wX  
3- يازغۇچىلار جەمىيىتى ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرسا. بۇ دېگەنلىك «چاغانلىق ئولتۇرۇش» « قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبە يىغىنى» ئەمەس، ئۇنداق پائالىيەتلەربىلەن خۇشۇمىزمۇ يوق. بىزگە ھەقىقى نەپ تىگىدىغان، بىلىم ئىگەللىيەلەيدىغان پائالىيەت كېرەك. چاي ياكى بىرەر رۇمكا شاراپ بىزنىڭ سەھرادىنمۇ تېپىلىدۇ. ھەقىچان:« پائالىيەت بولسىمۇ سىلىنى چاقىرالمايمىز ئاداش، سىلى بەك يىراق يەردىن ئىكەنسىلە ئەمەسمۇ» دىيشەرسىلە. توغرا، ئۈرۈمچى شەھرى ۋە يېقىن ئەتىراپتىكى رايۇنلاردىن سىرىت رايۇنلار، بۇلۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ مۇنداق يىراق سەھراسىدىن بىراۋنى تەكلىپ قىلىشى تۇلۇمۇ بىئەپ بۇلىدىكەن. ئۇنداقتا بىزنى ئۇنتۇلۇپلا كەتسىمۇ بولماس. بىزمۇ ئۈرۈمچىگە ھەدېگەندىلا بارالمايدىكەنمىز، «بۇسۇغاداۋان» دەپ، بىزنىڭمۇ مىڭبىر ئىشلىرىمىز بۇلىدىكەن، بۇلۇپمۇ سەھرا دېگەن تېخىمۇ شۇنداق ئىكەن. ئۇنداقتا ، ئۈرۈمچىگە بارمايمۇ باشقا ئۇسۇل بىلەن ئەمەلى نەپكە ئىرىشكىلى بولماسمۇ؟ شۇنىڭ ئۈستىدە ئويلۇنۇپ باقساڭلا قانداق بۇلار. AS398L  
ئىسىمدە قېلىشىچە،  80 -يىللاردا داڭلىق يازغۇچى زوردۇن سابىر قەشقەرنىڭ بىرنەچچە ناھيىسىدە تۇرمۇش ئۈگەنگىلى كەلدى، دېھقانلار بىلەن ئارلاشتى، دېھقانلارنىڭ زاغرانانلىرىنى ئىشتىھابىلەن يەپ، دېھقاننىڭ كونا ئۆيلىرىدىكى تۇپا بېسىپ كەتكەن كىگىزئۈستىدە ئولتۇرۇپ، « ھەقىقى دېھقان قانداق بۇلىدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدىدى. بۇنىڭ بىلەن ھەقىقى ئۇيغۇر، ھەقىقى دېھقان يېزىلغان «ئىھ، تۇپىلىق يول» « ئۇنۇتمايمەن گۈلسارە» «جىگدىلەر پىچىرلايدۇ» غا ئوخشاش ئىسىل ئەسەرلەرنى يازدى. ئەگەر جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كەڭ يېزىللىرىغا چۆكمىگەن بولسا، يازغۇچى شۇ ئەسەرلەرنى بەلكى رۇياپقا چىقارماستى. دېمەكچى بولغىنىم، يازغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش ئۈگۈنىشى مۇھىم بىرئىش. ئەمما تۇرمۇش ئۈگۈنۈپ يېزىۋاتقان يازغۇچى ئازمىكىن دەيمەن، بەزىلەر ئۆيىدە ئىشىك-دەرىزىنى چىڭ تاقاپ قۇيۇپ، مول تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى پەرۋازقىلدۇرۇپلا دېھقان، جەمىيەت دېگەنلەر توغرىسىدا يېزىۋىرىدۇ. شۇڭا ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ مەززىسى قالمايۋاتىدۇ-دە. شۇچاغلاردا ھۆرمەتلەك يازغۇچى تۇردى سامساقمۇ بۇتەرەپلەرگىچە كەلگەنىدى. زوردۇن سابىر قاتارلىق بۇ پىشقەدەم يازغۇچىلار نېمە ئۈچۈن ئاتايىن يېزىلارغا چۈكۈپ تۇرمۇش ئۈگۈنىدۇ؟ ھازىرقىلار نېمىشقا ئۇنداق قىلمايدۇ؟ مانا بۇلارنى ئويلاپ باقساڭلا . 8A=(,)`}9  
4- بىزنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى توغرىسىدا. مەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولدۇم-يۇ، قەشقەرۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بۇلالمىدىم، توغرىسى بۇلالمىدىم ئەمەس، ئۇلار بۇخىزمەتنى قانداق ئىشلىگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، شۇڭا ئۇلاربىلەن ئالاقىلىشالمىدىم . شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە يارىدىم-يۇ، قەشقەرۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىگە يارىمىدىممىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئادىرىسنى بىلەن-يۇ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئادىرىسىنى بىلمەيدىكەنمەن. «تارىم» ژورنىلىدەك بايراقدار ژورنالغا ئەسىرىم يارىدى-يۇ، « قەشقەر» ژورنىلىغا ئىۋەرتكەن ئەسەرلىرىمنى «مۈشۈك يىدى» . توۋا، ئۈزىمىزنىڭ يۇرتى بولغىنى ياخشى. 1993-يىلدىن ھازىرغىچەئازكەم يىگىرمەيىل بوپتۇ، ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىپتىمەن-يۇ، ۋىلايىتىمىزنىڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنى بىلمەپتىمەن، ياكى شۇنداق بىرەر ئۇرۇندىن شۇنداق ئېلان، ئۇقتۇرۇش چىقارغىنىنى كۆرمەپتىمەن. ئۇلار  مېنىڭ نەزىرىمدە بار-يوقنىڭ ئارلىقىدىكى ئۈن- تىنسىز بىرتارماق، ياكى بەك نامرات بولسام خىراجەت جەھەتتە مۇنداق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا قىسىلىپ قالدىمۇ؟ ئۇنداقتا خۇتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى قانداق قىلىپ ئېلىپ بارالىدى؟ قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى ئىشخانىسىدا ئىنتىرنىت تورى يوقمۇ يە؟ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئۇقتۇرۇش، پائالىيەتلىرىنى شۇكۈنىلا توردىن كۈرىمىز، ئەمما قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بۇجەھەتتىكى ئىشلىرى بىزگە تۇلۇمۇ يىراق ۋە تۇلۇمۇ ناتۇنۇش. كۆڭلۈمدە :« بىچارە قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتى، قىينىلىپ قالدىڭلارمۇ-يە» دەپ ئىچ ئاغرىتىمەن. /$Jh5Bv  
5- يىللىق باھالاش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلسا. ھەريىلى كۆپلىگەن ئىسىل ئەسەرلەر يېزىلىۋاتىدۇ، كىتاپلار نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما باھالاش ئىشلىرىنى بىلمەيدىكەنمىز، قانداق باھالاندى، قايسى دائىرىدە ئېلىپ بېرىلدى، ئۆلچىمى قانداق بولدى؟ مانا بۇئىشلارغا بىزدەك يىراقتىكى ئەزالارمۇ قاتناشساق، ئەزا بولغاندىكىن ئۈزىمىزنىڭ كۆزقارىشىنى ئىپادىلىسەك. خۇددى بۇقېتىم ئېلىپ بېرىلغان «10 رۇماننى باھالاش » پائالىيىتىگە ئوخشاش. يىراق سەھرا دېمەكچىلىك، ماشىنا قاتنىماس، پوچتا قاتنىماس، ئىلىكتىر تۇكى يوق ھېلىقىدەك جاڭگاللىقلار ھازىر ھېچنەدە يوق، بىزنىڭمۇ ئىشخانىلىرىمىزدا توك بار، كومپىيۇتىربار، ئىنتىرنىت تورى بار، تېخى ئەسەريازساق كومپىيۇتىردا يېزىپ كىتىمىز. يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ھەرقانداق ئۇقتۇرۇش، پائالىيەتلىرىنىمۇ توردىنلا كۈرەلەيمىز ۋە قاتنىشالايمىز-دە. بولمىسا سىلەرگە ئازابۇلۇپ بىكار كىنىشكىنى سىقىمداپ ئولتۇرغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ بۇئاي-بۇكۈندە قايسى ئەخمەق پايدىسى يوق ئىشنى قىلىدۇ؟ ^B>6 !  
6- سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلا توغرىسىدا. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ 2010-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسىنى توردىن كۆردۇم، كونكىرىت بولغان  ئەمەلىراق ئىشلار ئازمۇ قانداق ؟(تەكلىپ بەرگەنگە رەنجىپ قالماسسىلە-ھە). يۇقارقى ئىشلارنى كۈندىلىك خىزمەت تەرتىۋىگە كىرگۈزۈپ، خىزمەت نىشانىڭلارنى شۇتەرەپلەرگىمۇ قاراتساڭلا، بىزمۇ ئەزابولغانغا خۇرسەن بولساق ياخشى ئىدى. قايسى كۈنى كىتاپخانىدا بىر دوستىمىز بىلەن كۈرۈشۈپ قالدىم، ئۇ :«يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزابۇلۇپ نېمە قىلىسىز، ھېچبىر پايدىسى يوق ئىدى» دېدى.« مەن پەقەت ياش چاغلىرىمدىكى مۇشۇ  كۈچلۈك بىر ئارمىنىم بولغاچقا كىردىم، مەيلى پايدىسى بولمىسا»، دەپ جاۋاپ بەردىم. ئەگەر يازغۇچىلار جەمىيىتى ھەممە ئادەم «كىرگەننىڭ نېمە پايدىسى» دەيدىغان ئۇرۇنغا ئايىلىنىپ قالسا، ئۇچاغدا نېمىش بوپكىتەر؟ مانا بۇمۇ بىرجەھەتتىن ئاپتۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سۇس ھالىتىنى يان تەرەپتىن ئىپادىلەپ بىرەمدىكىن دەيمەن. بۇنىڭ سەۋەبىنى سىلەر ئويلىماي كىم ئويلايدۇ؟ قىش كەلگىچە ئۇتۇن- كۈمۈرنىڭ يۇلىنى قىلمىساق، قىشىچە توڭلاپ قالىدىغان ئىش جۇمۇ. 8;@eY`0(  
7- بەزى "چوڭ-چوڭ ئىشلار" توغرىسىدا. مۇنبەرلەردىن « نەشىرياتلاردا ئەسەر نەشىرقىلدۇرۇش  ئاسمانغا چىقماقتىن تەس» دېگەندەك ئىنكاسلارنى كۈرىمىز، مەنغۇ نەشىرياتلارغا ئەسەر بەرگۈدەك  قابىلىيىتىممۇ يوق، ئەمما شۇ ئىنكاسلارنى كۈرۈپ، تۇرۇپلا مۇشۇ جاپاكەش يازغۇچىلارغا ۋە مۇشۇ جاپاسى تۇلا يازغۇچىلىققا بولغان قىزىقىشىمغا سۇ سىپىلىدۇ، كەلگۈسىدە مەنمۇ رۇمان نەشىرقىلدۇرسام دېگەن ئارزۇ-ئارمانلىرىم تۇلۇمۇ مۈشكۈل ۋە يەتكىلى بولماس نىشاندەك تۇيۇلىدۇ. بۇ جاپاسى بار، راھىتى يوق ئىشنى قىلىمەن دەپ جاننى قىينىغۇچە، تاشلىۋەتسەملا تۈگۈمىدىمۇ؟ دەيمەن-يۇ، يەنە خۇدا سالغان ئىشىقكەن بۇ، بۇ  ئوت باشقا ئوتلاردىنمۇ كۈچلۈك ئوت ئىكەن. تۇرۇپلا، مانا مۇشۇنداق جەمىيەت خەرەكتىرلىك چوڭ ئىشلارنى يازغۇچىلار جەمىيىتى بولغان ئۇرۇن «قانداق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ؟ »دېگەن تېمىدا تەتقىق قىلىپ باقسا، بىرەر ئۈنۈملۈك چارىسى تېپىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دەيمەن. بۇئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى-خاراپ بۇلىشىدەك چوڭ ئىشقا تاقىلارمىكىن دەيمەن. بۇمەسىلە ھەل بولمىسا، نۇرغۇن ئاپتۇرلار قەلەمنى تاشلىشى تۇرغانلا گەپ. ئۈزۈممۇ يۇۋاشلىق بىلەن ئىقرار قىلسام، مەندىمۇ شۇنداق خىيال يوق ئەمەس. ^8*.r+7p  
8- تورۋە مۇنبەر توغرىسىدا. يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلىشى خېلى ياخشى ئىش بولدى، سىلەر مانا بۇئىشنى ناھايىتە ياخشى ئويلۇشۇپسىلە. ھازىرقى ئەھۋالىدا، كۈنلۈك مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشىمۇ ياخشى بولدى. ئەمما يازغۇچىلار تورىنىڭ يېڭىلىنىشى بەك ئاستا، ھەتتا بۇلتۇرقى مەزمۇنلارمۇ تۇرىدۇ. ئادەم كۈچى جەھەتتىن يىتىشەلمىگەن گەپ دەپ چۈشەندىم. چۈنكى بىر ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندى شۇنچىلا ئىشلارنى قىلىپ كىتەلىسە ئۇئادەم« تاشقى پىلانىتا ئادىمى» بۇلارئىدى-دە. ئەمىسە باشقا ئامال يوقمۇ؟ 3H2'HO  
9- تەربىلەش توغرىسىدا.  قاراپ باقسام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ « پارتىيە مەكتىۋى» بارئىكەن، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ « كادىرلار مەكتىۋى » بارئىكەن، ئىتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ « ئىتىپاق كادىرلار مەكتىۋى» بارئىكەن. سىلەرمۇ شۇنداق بىرەر مەكتەپ قۇرساڭلار قانداق بۇلار؟ «يازغۇچىلار مەكتىۋى» ياكى « يازغۇچىلار تەربىلەش مەركىزى» دېگەندەك. يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزابولغانلار بۇ خىل تەربىلەشلەردىن بەھرىمەن بولسا، قورقۇپ كەتمەڭلا، چىقىمىنى سىلەر ئازراقىنى، ئۈزىمىز ئازراقىنى ئۈسىمىزگە ئالساق. بىزدەك يىراق سەھرادىكى ئۈزىگە ئۈزى ئۇستا، ئۇقۇغۇچى، تەنقىتچى بۇلۇپ كېلىۋاتقانلار « قۇدۇقتىكى پاقا» لارنىڭمۇ كۈزى ئېچىلسا، قانچىكى بىلىم سەۋىيىمىز تۈۋەن بولسا، بىلىمگە شۇنچىكى ھېرىسمەن بۇلىدىكەنمىز، بۇ بىز ئاپتۇر-ھەۋەسكارلارنڭ « كېسىلىمىز» ئوخشايدۇ. iWEYSi\)n  
10- ئاچچىقىڭلار كېلىدىغان مەسىلە توغرىسىدا. بىزنىڭ ئىدارىمىزنىڭ بىر پىكىرئېلىش ساندۇقى بار، ئۇ ئىشخانىغا كىرىدىغان ئېغىزغىلا ئېسىقلىق، ئەمما تېخى بىرسى پىكىر بەرگىنىنى ئۇقمايمەن. لېكىن شۇنداق بىر پىكىر ئېلىش ساندۇقىنىڭ بولغىنىلا چوڭ ئىش. سىلەردىمۇ شۇنداق بىر«پىكىرئېلىش ساندۇقى» بولسا، ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق پىكىرىمىزنى كەڭ-كۇشادە بەرسەك. بۇلۇپمۇ مېنىڭ ژورنال تەھرىربۈلۈملىرىگە بەكرەك پىكىربەرگۈم كېلىدۇ. ئۇدۇللا بەرسەك خاپا بوپكىتەرمىكىن دەپ ئەنسىرەپ شۇ. بىز قانداق ئەسەرلەرنى كۈرۈشكە تەشنا، ژورناللار قانداق ئەسەرلەرنى كۆپلەپ بېسىۋاتىدۇ، سەۋەبى نەدە؟ مەن قانداق ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىمەن، ئۇلار قانداق ئەسەرلەرگە ئىھتىياجلىق بۇلىۋاتىدۇ؟ مانا شۇلارتوغرىسىدا بىرەتتىم. بەزى ژورناللارنىڭ بىرسانىدىن تۇتۇپ بىرپارچە تۈزۈك ئەسەرنى ئۇقۇغىلى بولماس بوپكەتتى، شۇنداق چاغدا ئاشۇ سان ژورنالغا قارىتا پىكىر بىرەتتىم. {0~ p"%*  
11- «سۇپا» ياساپ بەرسەڭلا. چوڭ يازغۇچىلار قانداقراق ئادەملەردۇ؟ دەپ ئويلايتىم «سويما» چاغلىرىمدا. بىرەر يازغۇچىنىڭ سۈرىتىنى ژورناللاردىن كۆرسەك « ۋاي، پالانى يازغۇچى مۇشۇكىشى ئىكەن» دىيىشىپ كىتەتتۇق. « مۇشۇ ئادەم ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى تەربىلىۋالسا-ھە» دەپ ئارمان قىلاتتىم ، چۈنكى بۇيەردە مېنى تەربىلىگۈدەك ئادەم يوق دىدىمغۇ بايا. بۇيەردە مەن ئەڭ سەۋىيىسى يۇقىرى ئادەم جۇمۇ تېخى. ھەتتا مەن ئۈزۈمدىكى كۈچلۈك بىلىم ئىگىلەش قىزغىنلىقى ۋە بۇيەردىكى شارائىتنىڭ تەتۈر تاناسىپ بۇلىۋاتقىنىدىن ئامالسىز قېلىپ، جىلىندىكى بىر مانجۇ ئايال يازغۇچىغا خەت يېزىپ، مېنى تەربىلىۋېلشىنى تەلەپ قىلغانىدىم ھەم بۇئايالمۇ مېنى شاگىرىت قىلىۋالغانىدى. بىز ئەنەشۇنداق ئايدا بىرپارچە خەت ئارقىلىق، مەن يازغانلىرىمنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىۋەرتىپ بىرىپ، ئۇئايال بۇنى تۈزۈتۈپ، پىكىر بىرىپ، تىرىشىش نىشانىمنى كۆرسىتىپ بىرىپ دېگەندەك بىرنەچچە يىل شۇنداق ئىشلارمۇ بولدى. بۇمۇ مەندىكى ئۈگۈنۈشكە بولغان ئوتتەك تەلەپنىڭ كۈچى ئىدى، بەزىبىر نەپكىمۇ ئىرىشكەنىمدىم. بەلكى ھازىرمۇ ماڭا ئوخشاش شۇنداق يىراق سەھرالاردا، شۇنداق بىلىمگە تەشنا ئەمما يول تاپالمىغان «سويما» ھەۋەسكارلار باردۇ؟.شۇڭا مەن دەيمەن  « يازغۇچىلار ساندۇقى»ياكى شۇنداق بىر « سۇپا» ياساپ بەرسەڭلا، ئەلبەتتە ئىنتىرنىت تورىدا، بىز خالىغان يازغۇچى بىلەن مۇشۇ «سۇپا» ئارقىلىق پاراڭلىشالىساق، تەلىم ئالالىساق، بىلىم ئىگەللىيەلىسەك، ئالغا باسالىساق... پاھوي، شۇنداق بولسا نېمەدېگەن ياخشى-ھە. سىلەرنى مانا مۇشۇنداق خىزمەتلەر كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئىشلەيلا دېسەڭلا ۋاي-ۋوي، ئىش دېگەن بەك كۆپ.  بىرتۇرۇپ، « مەن ئاشۇ ئۇرۇندا ئىشلىگەن بولسام، مانامۇشۇنداق خىزمەتلەرنى راسا ئىشلەپ...» دەپ كىتىمەن، بەلكى سىلەرنىڭمۇ ئۇبىكتىپ-سۇبىكتىپ قىيىنچىلىقىڭلار باردۇ.  تېخى داڭلىق يازغۇچى- شائىرلاردىن سىرىت، قەلەمداشلارمۇ بىر-بىرىمىزبىلەن قۇيۇق ئالاقە باغلىساق، بىر-بىرىمىزدىن ئۈگەنسەك، تەڭ ئالغا باسساق، بۇمۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغاۋە قۇشۇنىمىزنىڭ ئىتىپاق-دوستابۇلىشىغا پايدىلىق ئىدى. لېكىن بىر كاتەكنى بېسىپ ياتقان ئىكەنمىز ياخشىراق تۇخۇم تۇغۇپ بەرسەك ھەممىمىز خوش-دە. ud1E@4;qf  
قالغان يەنە نۇرغۇن بىلمىگەنلىرىم بارئىدى، مەسىلەن : ئەدەبىياتىمىزنىڭ چىقىش يۇلى نەدە؟ نەشىرياتلارنىڭ «بۇسۇغىسى بەك يۇقىرى»بۇلىشى تۈپەيلى بىزنىڭ رۇمان نەشىرقىلدۇرۇش ئارزۇيىمىز خۇددى توزغاقتەك تۇزۇپ، ئارمانلىرىمىز خۇددى مۆلدۈردە قالغان مايسىدەك شۇنداقلا ۋەيران بۇلامدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش تىمىلارنىمۇ يازغۇم بار، ئەمما مۇنداق چوڭ تىمىلارنى يازىمەن دەپ كۈلكىگە قالماي يەنە دەپ، بۈگۈنكى بۇ تېمامنى مۇشۇيەردىلا توختاتتىم.بەزىللىرى يەنە قىرىقبىربڭگىنىڭ خىيالى بۇلۇپ قالمىغىيدى-ھە. بەلكى سىلەر بۇتىمىنى كۆرمەسلىكىڭلارمۇ مۇمكىن. شۇنداق بۇلۇپ قالسىزە، بىكارغا بىرمۇچىلا ئاۋارە بولغىنىم قالار. بوپتۇ. mE1*F'0a  
مۇنبەرلەردە يەنە نى-نى سەۋىيىسى يۇقىرى ئۇستازلاربار، بۇ ئۇستازلار بۇ تېمىلار ئۈستىدە ئەھمىيەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارسا، بىزمۇ نەپكە ئىرىشىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس-دە. بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارمۇق سۇئىچىپتۇ-دەپتىكەن. mv_-|N~  
ئاخىردا ھۆرمەتلىك يازغۇچى-شائىرلاردىن زوردۇن سابىر، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق، زۇنۇن قادىر، رۇزى سايىت قاتارلىق پىشۋالىرىمىزنى سېغىنىپ ئەسلەش بىلەن بىرگە،  ئۇيغۇرنى يېزىۋاتقان، دېھقاننى يېزىشقا تىرىشىۋاتقان بارىلىق يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. p_D)=Ef|&  
مەنبە: ئۈزۈم .T2I]d  
F$v G=3  
f3O'lc3  

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-26, 14:16
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 5 پارچە مۇنبەر پۇلى +800
kimina مۇنبەر پۇلى +100 06-28 كۆڭۈلدىكى سۆز.....
zapar مۇنبەر پۇلى +100 06-27 ياخشى تەكلىپ
kamran مۇنبەر پۇلى +100 06-27 -
musilina مۇنبەر پۇلى +300 06-26 ئەھمىيەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەر...
kuzum مۇنبەر پۇلى +200 06-26 قىممەلىك پىكىر تەكلىپ بوپتۇ.
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
nawabad
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2955

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   73 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5918 (سوم)
 ياخشى باھا:   204 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   261  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 741
 سائەت
دەرىجىسى:
741 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

....خىلى كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى دەپسىز. يازغۇچى. تەھرىرىلەرنىڭ جاپاسى كۆپ، شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم ئىللەتلەر يەنە ساقلىنىۋاتىدۇ. مىنىڭچە تەربىيەلەش، يىتەكلەش ئەڭ ياخشى نەتىجە بىرەمىكىن دەيمەن.
قەلەندەرنى شاھ سەيلىسەڭ ئەگەردە، خورجۇن يۈسۈپ چىقار يەنە سەھەردە.
arman3383
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36980

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   167 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   606 (سوم)
 ياخشى باھا:   33 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   17  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 678
 سائەت
دەرىجىسى:
678 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

ھەقىقەتەن ئۇرۇنلۇق،ھەققانىي  گەپلەر  بۇلۇپتۇ.
قەلىب قۇلىقىڭ بىلەن ئاڭلا
buriq
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42128

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   79 (سوم)
 ياخشى باھا:   2 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 366
 سائەت
دەرىجىسى:
366 سائەت 74 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-07-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

   ئوتتۇرىغا قويغانلىرىڭىز يالغۇز ئۆزىڭىزنىڭلا ئەمەس، بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىزدىكى سۆزلەر بوپتۇ. بەزى ئىلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ «مايسىنى تارتىپ ئۆتۈرۈش» ئىكەنلىگى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. بىر ۋاراق نەسىرنى 11يىل تۈزۈتۈپتىمەن، ئۈچ قېتىم ئەۋەتىپتىمەن. ئىزغىرىن شامالدەك ئىزسىز قىلىۋەردى. يازغۇچىلار جەمىيتى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىسى بولۇشىنى ئۈممىت قىلىمەن. مۇمكىن بولسا توردا پىكىر ئالماشتۇرساق دىگەن ئۈممىدىم بار.
namsiz228
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45536

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   66 (سوم)
 ياخشى باھا:   13 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 105
 سائەت
دەرىجىسى:
105 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

    كۆڭۈلگە ياققىدەك گەپ بوپتۇ. pT ]:TRPS  
  بىر نەچچە قىتىم گىزىت ژورناللارغا شئرى ئەسەرلەرنى ئەۋەتكەن بولساممۇ بىر ئىغىز جاۋاپ ئالالماي ئىچىم تىت بولۇپ مۇنبەرلەرگە يوللاپ يۇردۇم كىيىنچە بۇ مۇنبەرلەرمۇ تاقىلىپ قالدى. ئەمدى مىسرانىمغا كىرىپ كۆرگەن ئىككىنجى تىمام كۆڭلىمگە ياقتى، بۇ مۇنبەردە بۇ تىمنى يوللىغۇچدەك تەھرىر بولۇپ قالسا يازغان نەرسىللىرمىزنىڭ كەم جايللىرنى بىلۋالغۇدەكمىز. q#pD}Xe$  
  تىما ئىگىسىگە رەخمەت.
كىم ، كىمنىڭ نامىدىن پەخىرلىنەلەيدۇ؟؟؟
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1157 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7017 (سوم)
 ياخشى باھا:   202 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1770
 سائەت
دەرىجىسى:
1770 سائەت 120 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

چىن يۈرەكتىن چىققان ھەقىقى گگپلەر بۇلۇپتۇ.
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   784 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3180 (سوم)
 ياخشى باھا:   149 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2033
 سائەت
دەرىجىسى:
2033 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-26

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
ARKZAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30135

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   328 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20714 (سوم)
 ياخشى باھا:   271 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   348  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2860
 سائەت
دەرىجىسى:
2860 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-12
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

      چىن يۈرەكتىكى ھەقىقىي تۇيغۇلار دەبدەبىلەردىن خالىي ھالدا پەردەزسىزلا ئوتتۇرىغا قويۇلغاچقا،  قىممىتى بار تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالاپتۇ! h,!`2_&UQ  
     بۇ «ئوپىراتسىيە»رىڭىز چوقۇم  ئۈنۈملۈك نەتىجە بەرگۈسى!
ئەرك زاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ  يا  گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن!!!
                                  -ئەركزات
sarkarda01
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3481

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   305 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5146 (سوم)
 ياخشى باھا:   252 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   269  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 228
 سائەت
دەرىجىسى:
228 سائەت 42 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەر...يارايسىز
مەدىنىيەت قۇبۇل قىلدۇق دەپ ،ئەسلىدىكى ئېسىل ئەخلاقىمىزدىن،ئېسىل تۇرمۇش ئۇسۇللۇرىمىزدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمىز ھېچقايسىمىزغا سىر ئەمەس.                  شەربەتى
Y.M.ILQUT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1408

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   151 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8519 (سوم)
 ياخشى باھا:   295 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   371  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 754
 سائەت
دەرىجىسى:
754 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-07-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27
Re:مېنىڭ قەلبىمدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى قانداق ئىدى؟

يازغۇچىلار تورى قۇرۇلۇپ 2 ئاي بولغاندا، مېنىڭمۇ دەسلەپ شۇنداق ئىنتىلگەن تور بەتنىڭ ئادەمنى بەكلا مەيۈسلەندۈرىدىغان ھالىتىنى كۆرۈپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى قانداق مۇنبەر؟» دەپ بىر تېما يازغان ئىدىم. قىلغان گەپلىرىم سەل ئۇچۇق بولۇپ كەتكەنمۇ قانداق؟ شۇ ۋاقىتتا يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بەزىبىر سۇپىرىسى يوغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ قاتتىق مەيۈسلەنگەن ئىدىم ھەم شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مۇنبەرنىڭ بۇسۇغۇسىدىن ئاتلاپ باقماپتىكەنمەن. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بىر توردېشىم ماڭا بىر ئادرىسىنى يوللاپ بەردى. قارىسام يازغۇچىلار تورىنىڭ يازما ئادرىسى ئىكەن. مەن كۆرۈپلا بولدى مەن ئۇنى كۆرمەيمەن دېسەم كۆرۈپ قويۇڭ، بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نېمە ئىشلارنى قىلىۋېتىپتۇ دېگەن ئىدى. ھە دەپ كىرىپ كۆرسەم بىزنىڭ ئاشۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئېغىزلىرىنى بۇزۇپ، مەن چىشىم چىقىپ ئاڭلاپ باقمىغان تىللار بىلەن تىللاشقانلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم نومۇس قىلىپ كەتكەن ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن «بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازاي دەپ كېيىن ئالدىراشچىلىق تۈپەيلى ئۇ ماقالىدە يازماقچى بولغان پىكىرلىرىم قېچىپ كەتتى ھەم يەنە ئۇلارنىڭ زەمبىرەكنىڭ ئوقىدەك تاپا-تەنىسىگە قالماي دەپ «ئۆزۈمنى سوراپ» كۆتۈمنى قىسىپ يۈردۈم. Q5/BEUkC  
مەنغۇ ئەمدى بىزنى ئاشۇ «داڭلىق» يازغۇچىلىرىمىز بىلەن «سەن-پەن» دېگۈچىلىكى بارلار ئەمەسمەن. شۇ ئۆزۈممۇ ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ( بۇرۇن ئەدەبىياتقا ئۆچ ئىدىم، لېكىن ئىچكىرىدە مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئانا تىلدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئەدەبىياتقا قىزىقىپ قالغان ئىدىم. ) شۇڭا ئۆزۈمنىڭ بلوگىدا ئانچە-مۇنچە «جۆيلۈپ» بىر نەرسىلەرنى يېزىپ يۈرۈيمەن. nVv=smVOt  
ئادەم بىر نەرسىدىن قانچىلىك ئۈمىد كۈتسە، ئۇنىڭدىن كۆڭلى ئاغرىغاندا ئۈمىدسىزلىنىشمۇ شۇنچە چوڭ بولىدىكەن.
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com
ئىش بولسا ئېلخەت يوللاڭ: Yasynjan@Gmail.com
uytag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36142

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   146 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   788 (سوم)
 ياخشى باھا:   69 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   64  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 438
 سائەت
دەرىجىسى:
438 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-04
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

قىشتا تارىم ژورنىلىغا ئەسەر ئاپارسام ،ئەسلى نۇسخىسىنى ساقلىۋىلىڭ ،ئەسەر قايتۇرۇلمايدۇ دىدى.لىكىن سەۋەبىنى قانداق بىلىمىز دىسەم ژورنالغا بېسىلسا ياخشى يېزىلىپتۇ دەپ بىلىڭ،چىقمىسا يەنە تېرىشىڭ دەيدۇ،گەپ قىلماي يېنىپ چىقتىم....
ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.
xahnur777r
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10230

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   230 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6085 (سوم)
 ياخشى باھا:   232 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   306  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1443
 سائەت
دەرىجىسى:
1443 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-13
ئاخــىرقىسى:2011-07-01
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-27

كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى قىلىپسىز .ئويلىغانلىرىڭىز ھەم ئارزۇلىرىڭىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى تىلەيمەن . ئۈمىتۋار بولۇڭ .ھەممىمىز ئۈمىت - ئارزۇلار بىلەن ياشاۋاتىمىز . ئارزۇ بولمىغان يۈرەكتە گۈزەللىك بولمايدۇ .
مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى