مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       165 
  •    ئىنكاس 
       2 

‹10روماننى باھالاش› قا يانداش خىياللار

قەۋەت ئاتلاش
ئارمان03
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38494

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   295 (سوم)
 ياخشى باھا:   31 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 133
 سائەت
دەرىجىسى:
133 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-24

     «"ئۇقۇرمەنلەر ياختۇرۇپ ئۇقۇغان 10 رۇمان"نى باھالاش     پائالىيىتىدىن ئويلىغانلىرىم» گە يانداش خىياللار =0;njL(7;  
b%C7 kL-  
نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن «مىسرانىم» مۇنبىرىدىن دوستۇم «يادىكار-» ئوتتۇرغا قويغان "«ئۇقۇرمەنلەر ياختۇرۇپ ئۇقۇغان 10 رۇمان»نى باھالاش پائالىيىتىدىن ئويلىغانلىرىم" نامىلىق بۇماقالنى كۆرگەنىدىم، بۇنى كۆرگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، «مىسرانىم» بۇ تېمىنى تەۋسىيىلىك تېما قىلدى. كىيىن « ئۇيغۇرئاكادىمىيىسى» تورىمۇ بۇ ماقالىنى ئىشلىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇتىمىنى «يازغۇچىلار تورى» غا يوللاپ قويدۇم. چۈشتىن كىيىن قارىسام، كۆپ ئۇستازلار بۇتىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇتېمىدىن خۇرسەن بولغىنىنى ئېيتىپتۇ، ئاپتۇر«يادىكار-» مۇ ماڭا :« بۇتېمىنىڭ مۇنداق دىققەتكە سازاۋەر بۇلىشىنى ئويلىماپتىمەن، بولمىسا تېخىمۇ ئەتىراپلىقراق پىكىر يۈرگۈزەرئىكەنمەن، ئۇستازلارئالدىداخىجىل بولدۇم...» دېدى. qM 3(OvCt  
8W7ET@`  
  بۇتېمىنى يوللاپ بۇلۇپ، ئولتۇرۇپ مەندىمۇ يەنە مۇنداق خىياللار پەيدا بولدى، بۇنىمۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازلارغا سۇنغۇم كەلدى.  3(*vZ  
1-  10رۇماننى باھالاش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۇرمۇشىدىكى چوڭ بىر ئىش، ھەممەيلەننىڭ مانا مۇشۇنداق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدىغان ئىش. قېنى بىز قانداق پىكىر يۈرگۈزدۇق؟ *`Ge8?qC  
2- ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى بۇ پائالىيەتكە ياخشى ئىشتىراك قىلدى، نەتىجىسىمۇ پات ئارىدىلا چىقىدۇ. ئۇنداقتا بۇ10رۇمان باھالاپ چىقىلغاندىن كىيىن يەنە نېمە قىلىش كېرەك؟ مەن يازغۇچىلار تورىدىن « بۇپەقەت بىرقېتىملىق ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتى ، بۇنىڭدا مۇكاپات تەسىس قىلىنمىدى» دېگەن مەزمۇندا بىرئەسكەرتمىنى كۆردۈم (مەزمۇنى شۇنداقراق ئىشقىلىپ)، مۇمكىن بولسا، شۇنچەكۆپ ئادەمنى سەپەرۋەرقىلىش ئاسان ئىشمۇ ئەمەس، شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن بىرئىش، مۇنداقلا ئاياقلاشسا، كىيىنچە مۇنداق پائالىيەتلەرنى يەنە ئۇيۇشتۇرۇشقا پايدىسى يوق بۇلۇپ قالارمىكىن،  مۇكاپات بىرەي دېسە بەلكى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىريىللىق خىزمەت راسخۇدى بىراقلا تۈگەپ «قاق سەنەم» بوپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇنداقتا قانداق قىلغۇلۇق؟ 3fYfj  
3-يۇقارقى تېما «مىسرانىم» دا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇتېمىنىڭ ئاستىغا:« بەزى يازغۇچىلار كىتاپ نەشىرقىلدۇرۇپ باي بۇلۇش ئەمەس، ئەكىسچە كىتاپ چىقىرىشقا كەتكەن پۇلىنى قايتۇرۇپ ئالالماي قەرىزگە بۇغۇلۇپ كەتتى...» دېگەندەك ئىنكاسلار يېغىپ كەتتى. بازارئىگىلىكى شارائىتى ئاستىدا رىقابەت كەسكىن بۇلىدۇ. ئەمما شۇ جاپاكەش يازغۇچىلار مىڭبىر جاپادا يېزىپ چىقسۇن-يۇ، نەشىر قىلالمىسۇن، ياكى نەشىر قىلىپمۇ قەرىزگە بۇغۇلۇپ كەتسۇن، بۇنىڭ سەۋەبى بازارئىگىلىكىدىمۇ؟ ياكى بىزنىڭ كىتاپ ئۇقۇش قىزغىنلىقىمىزنىڭ سۇس بۇلىشى تۈپەيلى كىتاپ تىراژى ئاز بۇلىشىدىمۇ؟ بىزدە «ئانايۇرت» «قۇم باسقان شەھەر» «ئويغانغان زىمىن»... غا ئوخشاش ئىسىل ئەسەرلىرىمىز بار، دۆۋلىتىمىزدىكى خەنزۇتىلىدا نەشىرقىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرئىچىدىمۇ مۇنداق ئىسىل ئەسەرلەر ئاز ( ياكى مەن ئۇقۇشقا ئۈلگۈرەلمىدىممۇ)، يەنە نېمەئۈچۈن بىزنىڭ يازغۇچىلار نامرات؟  90-يىللاردا ئەختەم ئۈمەر ئەپەندى « مېنىڭ نامرات يازغۇچى بولغۇم يوق...» دېگەنىدى ( قايسى بىر ژورنالدىن كۆرگەنىدىم، باشقىلارنىڭمۇ ئىسىدە بولسا كېرەك)، ئۇنداقتا ئۇيغۇرجەمىيىتى قانداق قىلىش كېرەك؟ ھۈكۈمەتچۇ؟ c@j3L23B  
5- يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزامۇ بولدۇق.بۇجەمىيەت مانا يۇقارقى رىئال مەسىللەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە رۇلى چوڭ ئىدى، ئۇنداقتا بۇلار خىزمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىنى مۇشۇتەرەپلەرگىمۇ قاراتسا ، يۇقارقى مەسىللەرنى تەتتىق قىلىپ كۆرسە ۋە كونكىرىت خىزمەتلەرنى ئىشلىسە دېگەن تەكلىپتە مەن. rV-Xsf7Z  
6- ئەمدى يەنەشۇ پۇلنىڭ گېپى. « ئەدىپلەرفوندى»،«ئالاھىدە قەلەم ھەققى»، ئەل ئىچىدىن چىققان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنامىدىكى«مۇكاپات» لارنى قولغاكەلتۈرسەك، ياكى ھۈكۈمەت ئازسانلىق مىللەت ئەدەبىياتى ئۈچۈن ماناشۇنداق بىرئىشلارنى كۆپرەك قىلسا(ھازىرقى خىزمەت ئاساسىدا). «خاڭتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» مېنىڭ بىلىشىمچە بىزنىڭ چوڭ مۇكاپاتىمىزشۇ، پۇلىنى نەچچەمىڭ سوم دەپ ئاڭلىدىم، بۇ بەك ئاز پۇل، ئىسىل بىرپارچە ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش تەس، ئەمما پۇل بىلەن تەقدىرلىنىۋاتقاندا، نەچچەمىڭ سوم ئازلىق قىلارمىكىن، مۇشۇ ھازىرقى جەمىيەتتە، پۇلنىڭ قىزىقتۇرىشىمۇ زور. مۇنبەرلەر «مۇكاپاتلىق» ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بارسا، ئادەتتى ئانچى ئەسەر يېزىپ كەتمەيدىغانلارمۇ بىراقلا جانلىنىپ، ئىسىل ئەسەرلىرىنى بەس-بەستە تەقدىم ئىتىشتى، مانا بۇ پۇلنىڭ كۈچى، «پۇل ئۈچۈن يازمايمىز» دېگەن بىلەن مانامۇشۇنداق پائالىيەتلەر بۇگەپنى ئىنكار قىلىۋىتىدۇ. ئۇنداقتا بۇجەھەتتە يەنە قانداق قىلىمىز؟ IkGM~3e  
90-يىللاردا كارخانچىلىرىمىز تېخى ئانچى كۆپ ئەمەس، ئۇنچى بايمۇ ئەمەس شارائىتتىمۇ بەزى ژورناللار شۇنداق پائالىيەتلەرنى مۇۋەپىقىيەتلىك قولغا كەلتۈرگەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە مىللى كارخانىلار يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نۆتىسىدەك تىز تەرەققى قىلدى، بەزىللىرى خەلقاراغا يۈزلەندى، كاتتا بايلار مەيدانغا كەلمەكتە، ئەمما تاپقان پۇلىنى ئېلان ھەققى ئۈچۈنلا ئىشلىتەمدۇ، ئىشقىلىپ، مەرىپەت ئىشلىرىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىدى(ئەلبەتتە يوقمۇ ئەمەس، لېكىن بەك ئاز). ئەمدى بىرەر ئۇرۇن ياكى تارماق ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ كارخانىچىلارنى سەپەرۋەرقىلسا، ئۇيۇشتۇرسا، تىرىشىپ كۆرمەيمىزمۇ. مېنىڭچە بۇ«ئۇرۇن»  ياكى «تارماق» دېگىنى يازغۇچىلار جەمىيىتى بولسا ياخشى بۇلاتتى. R-4#y%k<  
7- تارىخى رۇمانلار زادى بازىرى ئىتتىك ئەسەر بولماقتا. بۇلۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- 40-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ۋەقەلەر تەسۋىرلەنگەن «ئانايۇرت» « ئىز» «ئويغانغان زىمىن» رۇمانى ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرىنى لەرزىگە سالغان، ياخشى مۇقاۋىلاپ ئەۋلاتلارغا قالدۇرىمەن،دەپ كىتاپ ئىشكاۋىغا سېلىنىغا نادىر ئەسەر بولدى. بۇكىتاپ قايتا-قايتا نەشىرقىلىنماقتا، كىتاپخۇمار ھەرقانداق ئادەم بۇكىتاپنىڭ ئىسىمى چىقسىلا ھاياجان بىلەن ماختايدۇ. يەنە «ماناس دەرياسىدىن قايتىش»«مەن كەچكەن كېچىكلەر» ۋە 40-يىللارغا ئالاقىدار يەنەبىرمۇنچە كىتاپلاربار. بۇكىتاپلارغا قىزىقىشىمىزدىكى يەنە بىرسەۋەپ، ئۇ قەدىمى تارىخىمزىغا ئوخشاش بەك « يىراق» تىكى ئىشلاربولماستىن، يېقىنقى زامان تارىخىمىز، بۇ تارىخنىڭ تىرىك شاھىتلىرى تېخى ئۈزۈلمىگەن ۋە« كۆزئالدىمىزدىلا، تۈنۈگۈنلا» يۈزبەرگەن ۋەقەلەر بولغانلىقىدا. كەڭ ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىگە، ھەممىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقىدا(كىممۇ ئۆز تەقدىرىگە قىزىقمىسۇن؟) . ئۇندىن سىرىت قەدىمى تارىخىمىز تەسۋىرلەنگەن «جاللات خېنىم»« باھادىرنامە» قاتارلىقلارمۇ شۇقاتاردا. e%9zY{ABR%  
بۇنوقتا، ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ يېقىنىقى زامان تارىخىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ يەنىلا ئوتتەك تۇرىۋاتقىنىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، شۇنداق ئىكەن يازغۇچىلىرىمىز، بۇلۇپمۇ تارىخى رۇمان يازىدىغانلار ۋە يېقىنىقى زامان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتچىلىرىمىز زور كۆچ سەرىپ قىلىپ، بۇ تارىخىمىزنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بىرەيلەيدىغان، ھەربىر ئۇيغۇر بىلىشكە قىزىقىدىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلەيدىغان كىتاپلارنى يېزىشىغا ئۇيغۇر جەمىيىتى تەقەززار بولماقتا. زوردۇن سابىر، ئابدىرىھىم  ئۆتكۈرلەرنىڭ ئىزىنى كىم باسىدۇ؟ ياكى ئۈزۈلۈپ قالامدۇ؟ ئۈزۈلۈپ قالمىدى دېگەندە ، ئۇلاردەك نادىر يازمىلارنىڭ ئورنىنى باسالارمۇ؟ بولمىسا بۇبىر پاجىئە-دە. 9%MgAik(  
8- ئۇيغۇرلار نۇپۇسىنىڭ 80٪ يېزىلاردىكى كەڭ دېھقانلار( 80٪ئەتىراپىداغۇ دەيمەن)، ئۇلار تېخى باي بۇلۇپ، كەڭ-كۇشادە پۇل خەجلىگۈدەك بولغىنى كۆپ ئەمەس، ئوتتۇرچە يىللىق كىرىمى 3-4مىڭ سوم، بۇپۇلنى بىريىل خەجلەيدۇ دېگەن گەپ، بۇپۇل بىركادىرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى بىلەن تەڭ. ئۇلار بىرسوم پۇلىنمۇ ئويلۇنۇپ خەجلەيدۇ، بىرەريۈزسومنى پىلاندىن سىرىت خەجلىۋەتسە كۆپ قىيىنچىلىق تارتىدۇ. نۆۋەتتە كىتاپلارنىڭ باھاسى يۇقىرىلاۋاتىدۇ. ئەلبەتتە، بىرەرپارچەكىتاپ سېتىۋالغانغا نامراتلىشىپ كەتمەيمىز،  ئەمما « كاناي ياغلىغىلى ياغ يوق، سۇناي ياغلىغىلى ياغ نەدە؟» دەپ، قىممەت باھادىكى كىتاپلارنى سېتىۋېلىشتىن، بىرجىڭ گۆش ئېلىپ، ئايلاپ گۆشلۈك تاماققا تەشنا بولغان ، كاككۇك بالىسىدەك ئاغزىنى ئېچىپ قالغان بالىلارغا بىرۋاخ تاماق ئىتىپ بىرىش ئەلا ۋە ئەمەلىرەك. گۆشكە پۇل يوق، كىتاپقا نەدىكى پۇل؟ دەپ ئويلايدۇ دېھقانلىرىمىز. بولمىسا يېزىللىرىمىزدىمۇ نى-نى كىتاپخۇماركىشلەر بار. يېزىلاردىمۇ خېلى ياخشى ئەسەرلەرنى يازىدىغان دېھقان ئاپتۇرلار بار، ئەمما، يەنە شۇگەپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كىتاپ- ژورنالغا تەشنا يۈرىكى بار، ئەمما يانچۇقى بوش. مەسلەن، ھەممىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغائىرىشكەن ئىسىل كىتاپ « باھادىرنامە» نىڭ بىرىنجى نەشىرى 120 سوم چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلاپ بولغىچە، تۈگەپ، ئىككىنجى نەشىرى 160سوم چىقىپتۇ دېگەن گەپ پەيدا بولدى، بەلكى ئۈچۈنجى، تۆتىنجى نەشىرىمۇ چىقار، باھا خۇددى شۇتىدا ئۆرلىگەندەك ئۆرلەر، كىتاپ باھاسىنى كۈرۈپلا نۇرغۇن دېھقان كىتاپخانلار ئارقىسىغا داجىپ كىتىشى چۇقۇم. چۈنكى ئۇلار بىريىل ئىشلەپ قەرىز بولماي، ئازراق ئېشىنسىلا ئەڭ چوڭ ئىش. پۇلنى خەجلىۋەتكەن بىلەن بىرئۆي، خۇتۇن-بالا، قېرىپ قالغان ئاتا-ئانا، ۋە ئېغلدىكى جانىۋارلارنى باقىدىغان ئىشمۇ بار-دە. VjeF3pmBa  
نەشىرياتلار «كىتاپنى ئۇقۇيدىغانلار بەك ئاز» دەپ قاقشىسا، كىتاپخانلار «كىتاپ باھاسى بەك يۇقىرى» ياكى « مەن ياقتۇرىدىغان ئىسىل كىتاپلار بەك ئاز»دەپ قاقشىسا. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان چارە بارمىدۇ؟ 7o7FW=^  
يۇقىرىدا سۇئالنى بەك كۆپ سوراپ قويدۇممۇ قانداق دەپ خىجىل بۇلۇپ قالدىم. دوستىمىز «يادىكار-» بىلەن مۇشۇ ھەقتە پىكىرلەشتۇق، ئۇنىڭمۇ شۇنداق كۆزقارىشى بارئىكەن. بۇكۆزقاراشقا قۇشۇلامسىلەر، بىلمىدىم. بىز جەنۇبى شىنجاڭنىڭ بىرسەھراسىدا، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالغۇمىز، كۆپ سۇئاللارغا جاۋاپ تاپقىمىز بار، « بىلمەسلىك نۇمۇس ئەمەس، يالغان بىلەرمەنلىك نۇمۇس» دەپتىكەن، ئەدەپسىزلىك قىلىپ، شۇنچە سۇئاللارنى قۇيۇپ قويغىنىمنى كەچۈرەرسىزلەر. &v:[+zw  
بۇپەقەت ئۈزۈمنىڭ كۆزقارىشىم (بەزى تەرەپلىرى «قىرىقبىر بەڭگىنىڭ خىيالى» بوپقالمىغىيدى)، مەنمۇ پەقەت مۇشۇ كوچىدىكى ئاددى بىر يۇلۇچى،خاتا ياكى مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرى بولسا، ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. *d 4A3|  
مەنبە: «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» :/>Zky8,k  
A9GSeW<  
_0iV6Bj  
[ بۇ يازما Misranim2 تەرپىدىن 2011-06-23 22:51 دە قا ]

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-23, 22:52
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +99
دەقيانوس مۇنبەر پۇلى +99 تۈنۈگۈن 14:08 ئەھمىيەتلىك
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   648 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2370 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1621
 سائەت
دەرىجىسى:
1621 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:02

مېنىڭچە بۇنۇڭدىن كېيىن ھەر مانچە يىلدا بىر قېتىم شۇۋاقىت ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنى بىر باھالاش پائاليىتى ئۆتكۈزۈلسە يېڭىدىن يىتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى  ئەدىپلىرىمىزگىمۇ نۇرغۇن ئىلھامى بۇلاتتى
دەقيانوس
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1773 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8131 (سوم)
 ياخشى باھا:   363 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4105
 سائەت
دەرىجىسى:
4105 سائەت 235 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:13

ئۇتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمى ئورۇنلۇق، ئەدەبىيات جەھەتتە مەلۇم تۇرغۇنلۇق شەكىللىنۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن. قارىسا يازغۇچى كۆپتەك، ئەمما ئۇقۇيدىغان كىتاپ يوقتەك تۇرىدىغان بىر خىل ۋەزىيەت شەكللىنىپ قىلۋاتامدۇ قانداق؟ گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتىدەك مۇكاپاتلار كۆپلەپ چىقسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى