مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       315 
  •    ئىنكاس 
       18 

يېزىقىمىزنىڭ ئۆلچەملىك قوللىنىلىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار

قەۋەت ئاتلاش
gunqa721
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6279

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   445 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7073 (سوم)
 ياخشى باھا:   308 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   441  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3280
 سائەت
دەرىجىسى:
3280 سائەت 220 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-24

0zXF{5Up  
  مەن «تارخان 099»نىڭ «مىسرانىم تور بىتىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالىرىغا ئوچۇق خەت» دېگەن تېمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مەندە بۇ تېمىنى يېزىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، تارىختىن بۇيان ھەر قايسى دەۋرلەردە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ئالاقە قورالى بولۇش رولىنى ئۆتەپ، شۇ دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن تىل-يېزىق قائىدىلىرى زور دەرىجىدە قېلىپلىشىپ، رايونىمىز تەرەققىياتىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. يېزىق بىر مىللەتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقى. ئۇيغۇر يېزىقى بۇ مۇنبەردىكى تېمىلاردىن بەھىرلىنىش، ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاقە قۇرالى.  شۇڭلاشقا بۇ ئالاقە قۇرالىدىن توغرا، ئۆلچەملىك پايدىلىنىش ھەمىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى.  بۇ بىباھا بايلىقىمىزنى قوغدىمىغانلىق ئۆزىمىزنى ھالاك قىلغانلىق بىلەن باراۋەر. B@,#,-=  
   مەن بۇ يەردە ئىملا توغرىسىدا ئالاھىدە توختالماقچى. «مىسرانىم» مۇنبىرى سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئەزالىرى ۋە چېكىلىش قېتىم سانىنىڭ كۆپلىكى... بىلەن ئۇيغۇرچە مۇنبەر لەر ئارىسىدا باشلامچى بولۇپ، دادىل قەدەملەر بىلەن داۋاملىق ئالغا باسماقتا. شۇنداق بولغانىكەن «مىسرانىم» مۇنبىرى ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولۇپ، «باشلامچى»لىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ بېرىشى زۆرۈر.  بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال يېزىقىمىزدىن توغرا پايدىلىنىشتا زور كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىملا خاتالىقى كۆپ بىر قىسىم تېمىلارنى كۆرگەندە يېزىقىمىزنى خارلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ، بەك ئەپسۇسلىنىمەن. بۇ تېما يازغۇچىلارنىڭ ئۆز يېزىقىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن، تېما تەستىقلىغۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىگەنلىكىدىن بولغان. بۇ توغرىسىدا مۇنبەردە كۆپ قېتىم تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن يوللانغان، تەستىقلانغان تېمىلاردا ئىملا خاتالىقى ساماندەك. بۇ خاتالىقلارغا تېما يوللىغۇچىلار يول قويسىمۇ لېكىن باشقۇرغۇچىلار قەتئىي يول قويماسلىقى لازىم.   NV9H"fI  
  تېما تەستىقلىغۇچىلار تېما تەستىقلاشتىن ئاۋۋال چوقۇم تېما ئۆزى تەستىقلىماقچى بولغان شۇ تېمىنىڭ باغلاشمىغان مەزمۇنلىرىنى باغلاشتۇرۇپ بىر قېتىم تەھرىرلەپ، ئىملاسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆلچەملىك ھالەتكە كەلتۈرۈپ تۈزىتىپ ئاندىن تەستىقلىسا. ئىملا، تىنىش بەلگىلىرىنى قويۇش جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغان جايلار زىيادە كۆپ تېمىلارنى مەيلى قانداق تېما بولۇشىدىن قەتئىنەزەر تەستىقلىمىسا، ئىملاغا بولغان تەلەپنى يۇقىرىلاتسا تېما يوللايدىغانلارنىڭ ئىملانى توغرا، ئۆلچەملىك قوللىنىش ئېڭى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ، دەپ قارايمەن. P>ZIP* Gr  
   تېمىنىڭ ئىملاسىنى بىرمۇبىر توغرىلاشقا ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە كۈچ كېتىدۇ، لېكىن ئۆز يېزىقىمىزنىڭ توغرا، ئۆلچەملىك قوللىنىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك جاپا چەكسەكمۇ ئەرزىيدۇ. تىلدىكى ئادەت كۈچى تەسىرىدىن ئايرىم كىشىلەر ئىملا  قائىدىسىگە ئەمەل قىلماستىن، يېزىقتىمۇ ئۆز ئادىتى،  دىيالېكتى ۋە شېۋىسىنى ئاساس قىلىۋالىدۇ. شۇڭا ئىملاسا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك شەكلى ھەقىقەتەنمۇ باشقا يېزىقلارغا ئوخشىمايدۇ، خەنزۇ تىلىدا ئېغىزىمىزدا نېمە چىقسا قەغەزگە شۇ سۆز چۈشىدۇ، لېكىن يېزىقىمىزدا بىر قىسىم سۆزلەر ئېغىزدا ئىپادىلەنگىنى بويىچە يېزىلسىمۇ، كۆپ قىسىم ئوخشاش بىر سۆزنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى ۋە ئاغزاكى تىلدا ئىپادىلىنىشىدا پەرق بولىدۇ. مەسلەن: «تېلېفون» دېگەن سۆزنى بىز ئاغزاكى تىلدا «تىلىفۇن» ياكى «تىلپۇن» دەپ كۆنۈپ كەتكەچ يېزىقتىمۇ «تىلىفۇن» ياكى «تىلپۇن» دەپ قوللىنىلىدىغان ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. يەنە  «كۇتۇپخانا»نى ئېغىزدا «كۈتۈپخانا»، «ئەۋلاد»نى «ئەۋلات»، «سۇيقەست»نى «سۈيقەست»، «زەرگەر»نى «زەگەر»، «شېئىر»نى «شىئىر»، «تەقسىم»نى «تەخسىم» «بوسۇغا»نى «بۇسۇغا»، «سەنئەت»نى «سەنەت»، «مەنپەئەت»نى «مەنپەت»... دەپ ئادەتلەنگەچ يېزىقتىمۇ مۇشۇنداق ئىشلىتىپ، ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇلۇۋاتىدۇ. يەنە سىزىقچە قويىدىغان يەرگە قويماي، قويمايدىغان يەرگە قويۇلۇپ ئۆز ئورنىنى تاپالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەجىمى چوڭراق بىر قىسىم تېمىلار خېلى بىر يەرگىچە ئابزاسقا ئايرىلمايدىغان، پەش، چېكىت جايىدا قويۇلماي مەزمۇن پويىزدەك ئۇزىراپ، ئوقۇرمەرنلەرنىڭ شۇ تېمىنى چۈشىنىگە قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە ئۆلچەملىك ئىملانى پەقەت گېزىت-ژۇرنال، نەشىرىيات ئورۇنلىرىلا قوللىنىپ، باشقا ساھەدىكىلەر سەل قاراۋاتىدۇ. مۇنبەرنىڭ كۆرۈش قېتىم سانى، ئەسەر قوبۇل قىلىش سانى گېزىت-ژۇرنالغا قارىتا كۆپ بولغانىكەن مۇنبەردە يېزىقىمىزنىڭ ئۆلچەملىك شەكلىنى قوللىنىش تېخىمۇ موھىم.  ھەر قايسى گېزىتخانا، نەشىرىياتلاردا  كوررېكتورلار بار بولۇپ، ئىملا لۇغىتى بويىچە مەخسۇس ئىملا توغۇرلايدۇ. شۇڭلاشقا مېنىڭچە مىسرانىم مۇنبىرىدىمۇ مەخسۇس ئىملاغا مەسئۇل كوررېكتور بەلگىلىنىپ، ئىملانىڭ يۈزدەيۈز ئۆلچەملىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ، ئىملا خاتالىقى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلسە بۇمۇ يېزىقىمىزنى قوغداش قوشۇلغان تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «مىسرانىم»نىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى 2010- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئىشلىتىشنى يولغا قويغان، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نى ئاساس قىلغان ھالدا، مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنىڭ ئىملا خاتالىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ  جەھەتتە باشقا مۇنبەرلەرگە ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يوللىنىدىغان تېما زىيادە كۆپ بولغاچقا بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت، كۈچ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئىقتىدارلىق، مەسئۇلىيەتچان، ئانا تىلغا پىششىق باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى كېڭەيتىپ، يېزىقىمىزنى ئۆلچەملىك قوللىنىش ئۈچۈن «مىسرانىم» بىر كۈچەپ قويسا دېگەن ئۈمىدتە.  ئۆلچەملىك ئىملانى قوللىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش، يېزىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەمىمىز ئۆزىمىزدىن باشلايلى! كۆپ سۆزلەپ قويدۇم، ئەيپكە بۇيرۇمىغايسىلەر. 1lf]}V  
مەنبە: ئۆزۈم Xldz& &@  
x%, !px3s  
(خەت بەت يۈزىدە يېرىمى كۆرۈنىدىغان يېرىمى كۆرۈنمەيدىغان ھالەتتە بولۇۋېلىپ پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىدىم، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەڭشەپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
[ بۇ يازما gunqa721 تەرپىدىن 2011-06-23 20:18 دە قاي ]

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-23, 21:01
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +1
wisal0903 مۇنبەر پۇلى +1 تۈنۈگۈن 00:30 رەھمەت سىزگە !
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
بلىملىكلەر مەدەنىيەتنى ئەدەب-ئەخلاق، بىلىمدىن ئىزدىسە، مەدەنىيەتسىز چاكىنىلار كىشىلەرنىڭ ئۈستىبېشىدىن ئىزدىشىدۇ.
altun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   90 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10945 (سوم)
 ياخشى باھا:   256 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   345  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 968
 سائەت
دەرىجىسى:
968 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:10

خەتنىڭ بىر قىسمى كۆرۈنمەي قاپتۇ.
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بۇران - چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت - شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دوچ كەلسىمۇ ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ .
قاشتىشى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35032

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   348 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1187 (سوم)
 ياخشى باھا:   19 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1593
 سائەت
دەرىجىسى:
1593 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:15

مەن بۇ پىكىرنى قوش-قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن.
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.
muharram@0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45195

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   82 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 24
 سائەت
دەرىجىسى:
24 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:23

ئالدې بېلەن سېزنڭ مۇشۇنداق مۇھېم بېر تېما يوللېغانلقېڭز ئۈچۈن سېزگە تەشەككۈر،رەخمەتلېكېن سېزگە سەممې دەيدېغنېم ، نۇرغۇنلېغان يېڭې مسرانېم ئەزالېرغا ۋاكالېتەن تەكلېۋېم ،ئۇنچېۋالا زېغېرلاشنېڭ ،ئنچېكېلېكنېڭ ۋەئەستايېدلېلقنېڭ پايدېسدېن زېنې كۆپېرەك بوپقالېدۇ،ئويلشېپ كۆرەرسز
muztar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15532

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5194 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1735
 سائەت
دەرىجىسى:
1735 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-29
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:40

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  muharram@0998 كە 2011-06-23 21:23ئەۋەتىلدى  : Vx*q'~4y!|  
ئالدې بېلەن سېزنڭ مۇشۇنداق مۇھېم بېر تېما يوللېغانلقېڭز ئۈچۈن سېزگە تەشەككۈر،رەخمەتلېكېن سېزگە سەممې دەيدېغنېم ، نۇرغۇنلېغان يېڭې مسرانېم ئەزالېرغا ۋاكالېتەن تەكلېۋېم ،ئۇنچېۋالا زېغېرلاشنېڭ ،ئنچېكېلېكنېڭ ۋەئەستايېدلېلقنېڭ پايدېسدېن زېنې كۆپېرەك بوپقالېدۇ،ئويلشېپ كۆرەرسز \fz j fZ1n  
_-&.=3\1  

syitnoqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40479

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   64 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   200 (سوم)
 ياخشى باھا:   13 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 390
 سائەت
دەرىجىسى:
390 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:21

خەنلەرنىڭمۇ يىزىق تىلى بىلەن ئىغىز تىلدا پەرىق بار      ئەممە ئامال بار يىزىقنى ئۆلچەملىك قوللۇنايلى.  بىچارە يىزىقىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىزدا ئەپسۇسلىنىپ قالمىسۇن. Qm#i"jvV  
رەھمەت!
باھانىنىڭ كېرىگى يوق!
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   648 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2370 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1621
 سائەت
دەرىجىسى:
1621 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:29

ئېيتقىنىڭىز ناھايىتى توغرا ، لېكىن بەزىدە ئېھتىياتسىزلىق ياكى كومپۇيۇتۇردا خەت تۇنۇماسلىقى تۈپۈەيلىدىن بەزىدە بۇنداق ئەھۋاللاردىن خالى بولماق تەس
ئۈمىد
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1423

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   59 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6125 (سوم)
 ياخشى باھا:   224 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1631
 سائەت
دەرىجىسى:
1631 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:31

     بۇ ئىنتايىن ياخشى پىكىر، لېكىن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزمۇ دىققەت قىلىڭ. «تور بىكىتى» ئەمەس «تور بېكىتى»،  «نەشىرىيات» ئەمەس «نەشرىيات».  يەنە بەزى تىنىش بەلگىلىرىدىمۇ مەسىلە بار... D 2:a  
ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى!! جۈملىدىن بۇ ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىگىنىمىز.....
ئۈمىد
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1423

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   59 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6125 (سوم)
 ياخشى باھا:   224 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1631
 سائەت
دەرىجىسى:
1631 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:37

ھە، راست. باشقۇرغۇچىلار ئالدى بىلەن ئىشنى مۇشۇ توربەت يۈزىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىدىن باشلاپ تۈزىتىڭلار. مەسىلەن: «يىڭى ئەزا» ئەمەس «يېڭى ئەزا»، «ماتىريال» ئەمەس «ماتېرىيال»، «كىيىنكى تېما» ئەمەس« كېيىنكى تېما».... يەنە بىرمۇنچە سۆزلەر بار خاتا يېزىلغان. بۇ سۆزلەر توربەت يۈزىدە ھەر ۋاقىت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتىش ئىنتايىن مۇھىم.
Hok

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2297

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1075 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9769 (سوم)
 ياخشى باھا:   422 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   538  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8156
 سائەت
دەرىجىسى:
8156 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:34

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئورۇنلۇق ھەم ئەھمىيەتلىك،ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز.راسىت گەپنى قىلغاندا مۇنبەرنىڭ يېڭى نەشىرى يولغا قويۇلغاندىن بېرى،تېمىنى تەھرىرلەشتە بەزى تېخنىكىلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق،بەزى تېمىلارنى تەھرىرلەيلى دەپ تىرىشساقمۇ،ئەسلى تېما يوللۇغۇچى قالدۇرغان كودلارنى ئېلۋىتىشكە ئىمكان بولماي، ۋە يېڭى نەشىردىكى مۇنبەرنىڭ بەزى تېخنىكىلىرى بىلەن دەماللىققا تونۇشۇپ بۇلالماي، ئىملا خاتالىقىغا كۆپرەك يول قويۇلۇپ كەتتى.ھازىر يازما سانى بىر قەدەر كۆپ،ھازىر بىزدە بار بولغان باشقۇرغۇچى سانى يازمىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئاز سەۋەبلىك ئىملاغا ھەقىقەتەن يېتىشىپ بولالمىغان تەرەپلىرىمىزمۇ بار.يېقىندا  بىز تېمىلارنى دەل ۋاقتىدا تەستىقلاپ مۇنبەر باش بېتىگە چىقىرىپ يېڭى تېمىلارنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇش،ئىملانىڭ توغرا بولۇشىنى ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر تۈركۈم باشقۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، تەربىيەلەپ ،باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىنى زورايىتماقچى.ئاللا خالىسا ئىملا مەسىلىسىنى چوقۇم ياخشى تۇتىمىز ھەم تىرىشىمىز.تورداشلارنىڭمۇ تېما-ئىنكاس يوللىغاندا ئىملاشا قاتتىق دىققەت قىلىشىنى،باشقا توربەتلەردىن ئەكەلگەن تېمىلارنىڭ ئىملالىرىغا قاراپ بېقىپ،تۈزەشكە تېگىشلىك جايلىرى بولسا ئامال بار تۈزەپ يوللىشىنى سورايمىز. )-9w3W1r  
M,_^hm7  
يۇقۇردا بىر تورداش ئوتتۇرغا قويغىنىدەك،مۇنبەرنىڭ يېڭى نەشىرىدىكى ئۆزىنىڭ  بەزى ئىملالىرىدىمۇ قىسمەن خاتالىقلار بار،مۇنبەردىكى تېخنىكىلىق مەسىللەرنى رەتلەش ئىشلىرى تېخى تۈگمىدى،مىسرانىم ئەپەندىم جاپا چەكسىمۇ بوشاشماي كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ، بەزى خاتالىقلارنى ۋە تېخنىكىلىق مەسىللەرنى ئوڭشاشنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ ھەم ئوڭشاۋاتىدۇ،شۇڭا ۋاقتىنچە تورداشلارنىڭ مۇنبەردىكى بەزى تېخنىكىلىق مەسىللەرگە ئۇچرىسا توغرا چۈشنىشىنى ۋە چۈشەنمىگەن تەرەپلىرى بولسا بىز بىلەن  ئالاقلىشىشنى سورايمىز. x)#<.DX  

Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   323 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1005
 سائەت
دەرىجىسى:
1005 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 23:56

يېزىق توغرىسىدا گەپ بولۇنغان ئىكەن، ئىككى ئېغىز گەپ قىلغىم كەلدى. G!!-+n<  
بۇ يەردە  ئەزلارنىڭ بىرقىسمى ھەتتا ئىسمىنىمۇ توغرا يازالمايدىكەن، ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ توغرا يازالمىغان ئادەمدىن باشقا يازمىلاردا ئىملا ھەققىدە گەپ قىلىش ئارتۇقچىدەك ھىس قىلىپ قالدىم، مىسرانىمدا خەتلەتكەن ئىسىمگە مەزكۇر يېزىق بىلەنمۇ خەتلەنكىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، شۇنداق ئىكەن نېمىشقا بەزىلەر مەزكۇر يېزىقتا خەتلەتمەي لاتىنچە يازىدۇ؟ لاتىنچە يازغىلى ئامراق ئادەم نېمىشقا تىل-يېزىق كومىتېتى بىرلىككە كەلتۈرگە ئۆلچەم  بويىچە يازماي يېزىق قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىدۇ؟ ئاپتۇر بۇ مەسىلىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈپ باقتىمۇ يوق؟ -!'Oy%a#  
مېنىڭ تەكلىۋىم: لاتىنچە يېزىلغان ئىسىملاردىن قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ئىسىم ئىگىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلسا مۇنبەر ئىگىلىرى قىزغىنلىق بىلەن تۈزۈتۈپ بېرىشى، ئاخرىدا ئۆزى ئىلتىماس قىلماي ئېشىپ قالغان قالدۇق خاتا ئىسىملارنى ئىسىم ئىگىلىرىگە تەربىيە ئىشلەپ توغرا يېزىلىشىنى ئىشلىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم ئىدى. شۇنداق بولغاندا يېزىق قالايمىقانچىلىقى تۈزۈتىلىشكە زور پايدىسى بولاتتى.
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url]
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2898 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   68 (سوم)
 ياخشى باھا:   406 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   444  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5551
 سائەت
دەرىجىسى:
5551 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:01

ياخشى پىكىر بوپتۇ، ھەممىمىز ئۈزىمىزدىن باشلىساق بۇ ئىش تۈگەيدۇ. ھازىر ئىملا تۈزتۈش توغرىسىدا يۇقۇردا يىزۋاتقان ھەممە ئىنكاستا يەنىلا ئىملا خاتالىغى سادىر بۇلۇۋىتىپتۇ.
ئادەمگەبىلىم كىرەك ،ياغاچقا يىلىم
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى