ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قۇلۇپنى سالدىم.بىر كۈنلۈك شاۋقۇن-سورەن بېسىلىپ ھەممە يەر تىمتاسلىققا چومگەن ئىدى.بىنادىن يۈگۇرۈپ دىگۈدەك چۈشۈپ ،پېتېۋاتقان قۇياشقا ئاخىرقى قېتىم باقتىم.تاڭ سەھەردە تۇنجى بولۇپ ئالەمنى يورېتىپ،پۈتۈن كائىناتنى ئوزىنىڭ ئىللىق مىھرى بىلەن ئىللىتىپ ،يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلانغانلىغىدىن خەۋەر بېرىدىغانلىغى ئۈچۈنمىكىن،ئۇ ھىچقانداق ئوكۈنۈشى يوقتەك شۇنچەخاتېرجەم ئىدى.توساتتىن دەقىقە ئىچىدە تاپىنىمدىن كىرىپ بېشىمدىن چىققان تېترەك بىلەن ۋۇجۇدۇم لەززىگە كېلىپ بەدىنىم سىلكېندى.گەرچە ھىچكىم كورمىگەن بولسىمۇ ئوزۇمگە بويسۇنماي توكىلىۋاتقان ياشلىرىمنى ئالدىراپ سۇرتتۇم. ھېلى كورگەن فىلىمدىكى قىز-يېگېتنىڭ شەرمى-ھايالىق پاك مۇھابىتى ۋە قىزنىڭ ۋاقىتسىز ئولىمى قەلبىمنى لەززىگە سالغانىدى.مەنمۇ سەندە شۇ ئېسىل خىسلەت ۋە يىگىتلىك ۋىجدان بولغىنى ئۈچۇن سېنى سويگەن،ساڭا كويگەن ئىدىم پىدا!
q6JW@GT بىز تونۇشقان كۈن ھېلىمۇ ئېسىڭدىمۇ؟ شۇ كۈنكى سورۇنغا ئەزىزەنىڭ ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ساۋاقداش،دوسلېرى لىق تولغان ئىدى.تاماق تارتېلېپ بولماي تۇرۇپلا ھەر خىل ئىچىملىك كەلتۈرۈلدى ۋە مودا بويىچە ئوغۇللار قىزلار بىلەن تونۇشقاچ ئۇلارغا ئىچىملىك تۇتۇشقا باشلىدى.قىزىل ھاراق ئىستىمال قىلىشنى ياقتۇرمايتىم.شۇڭا قىزلارنىڭ سۇنۇلغان قىزىل ھاراقنى ھىچقانداق قارشىلىقسىزلا خۇددى سۇنى ئىچكەندەك غۇرتۇلدېتېپ ئىچىشى بېشىمنى قاتۇردى.كېتەي دىسەم ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى،كەتمەي دېسەم ھەممە ئادەم ئىچىۋاتقان نەرسىنى رەت قىلىپ،باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىشتىن ئەنسىرىدىم.نوۋەت ماڭا كېلىپ قالغان ئىدى.سۇنۇلغان ئېچىملېكنى سىلىققىدە رەت قىلىپ،ئىستاكاندىكى چاينى قولۇمغا ئالدىم.ئەسلىدە قارشى تەرەپمۇ زورلىمىغان ئىدى،لېكىن ئوغۇللاردىن بىرىنىڭ:
''OInfd? -بۇ دېگەن ئۈزۈم سۈيىغۇ،ئېسپېرت تەركېبىمۇ يوقىرى ئەمەس،قائىدىنى بۇزسا قانداق بولىدۇ،بۇ قىزچاقمۇ ئېچسۇن!-دېگەن سوزى بىلەن ھەممەيلەن قايتىدىن زورلىغېلى تۇردى.شۇنچىلىك قىسىلدىمكىن.. .سېنىڭ قىلغان بىر ئېغىز سوزۈڭ بارلىق سالا قىلغۇچىلانىڭ دەككىسىنى بەردى.
Jp3di&x -زورلىماڭلار!بۇ زورلاپ ئىچىدىغان نەرسە بولغاندىكىن.كوڭۈل ئىزدەپ قىلىۋاتقان ئىشقۇ بۇ ،بۇ قىزچاقنىڭ بىزدىن كوڭلى قالمىسۇن .
+iH30v نىجاتلىققا ئېرىشكەن مەھبۇستەك خوشال بولۇپ ساڭا قارىدىم.قاشلىرىڭ سۇس تۇرۇلگەن بولسىمۇ كۇلۇمسىرەشكە تىرىشىۋاتاتتىڭ. كوپچىلىكنىڭ كەيپىياتىنى كوزدە تۇتتۇڭمۇ قانداق ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلدىڭ:
Wd`
QpW -بەك بولمىسا جازاسىنى مەن ئىچىپ بېرەي.
q bZ,K@0 ساڭا قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيتىم،مەن ئۇچۇن بۇ ئادەتتىكى ياردەم ئەمەس ئىدى...
u2-@?yt تانسا ئويناۋېتېپ پۇتۇمغا نەچچە دەسسىۋالدىڭ.ئارلاشتۇرۇپ ئىچىلگەن ھاراق ساڭا تەسېر قىلغان ئىدى. «كەچۈرۈڭ» دىدىڭ سەن قىزارغان ھالدا.تانسا تۈگۈدى.سەن قايتا تانسا ئوينىمىدېڭ. ئېچىملىك تەسىرىدىن كوپچىلىكتىكى ئوزئارا تارتېنىشلار يوقاپ، سورۇن قالايمىقانلاشقىلى تۇردى.ئەزىزەدىن كوز ئىشارىتى ئارقىلىق تەسلىكتە روخسەت ئېلىپ،ھىچكىمگە تۇيدۇرماي سېرتقا چىقتىم.
&xBK\ -كەچ بولۇپ كەتتى،ياتېقېڭىزغا ئاپىرىپ قوياي.- كەينىمدە سەن تۇراتتىڭ. شۇنچە ئىللىق ھاۋا،ئەزەلدىن بوپ باقمىغان شۇنچە ئىللىق سېزىم.گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي جىمجىت ماڭدۇق.«.ئارلىشىپ ئوتەيلى.» دېدىڭ سەن خوشلىشىدىغان چاغدا. شۇنچەجاۋاپ قايتۇرغۇم بولسېمۇ جىددىلەشكىنىمدىن قايسى سوزنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغانلىغىنى ئويلاپ تاپالمىغاچقا ئامالسىز كۇلۇمسېرەپ ماقۇللۇق بىلدۇردۇم.
of'ZNQ/ ئسمىڭنىڭ پىدا،يۇرتۇڭنىڭ ئۈرۈمچى ،كەسپىڭنىڭ ساقچى ئىكەنلىگىدىن باشقا سەن توغرىلىق ھىچنىمىنى بىلمەيتىم...جۈمە كەلدى،بۈگۈن نىمىشقىدۇر ئەزىزە بەك خوشال ئىدى.ماڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
oa &z/`@ -دىگىنە غەلىبە،بۈگۈن يۈرۈكۈڭ بىرەر ئىشنى سەزمەۋاتامدۇ-ھە،-دەپ ھەييارلىق بىلەن كۈلەتتى.ئادىتىمىز بويىچە تانسىغا كىردۇق.ۋالىس مۇزىكىسى چىقىشى بىلەن ئىبراھىم يۈگۈرۈپ كېلىپ ھەييارلىق بىلەن تانسىغا تاتتى.مۇزىكىغا ماسلاشقان سۈزۈك ئاۋازنىڭ ئىگىسىنىكورۇش ئۈچۈن قايرىلىپ كەينىمگە قارىدىم...قارىدىميۇ شوررىدە ئېقىپ كىرگەن بىر تۇيغۇ بىلەن بەدىنىم يېنىك سىلكىندى...
wHOlj)CZ بىز تونۇشتۇق،ھەتتا يېقىن دوسلادىن بولۇپ قالدۇق.يېشىمىزدىكى پەرىقنىڭ يوق بولىشىغا قارىماي ئوزۇڭنى تۇتۇشلىرىڭ،ھەر قېتىملىق تالاش-تارتىشتىكى پەلسەپەگە باي ئورۇنلۇق پىكىرلىرىڭدىن ئوزگىچە زوق ئالاتتىم.شۇ كۇن ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئەزىزە بىلەن ئۇچقۇننىڭ زورلىشى،بولۇپمۇ ساڭا بولغان قىزىقىش تۈپەيلىدىن ئالتە يىلدىن بېرى تۇتۇپ كېلىۋاتقان پەرھىزنى بۇزۇپ،بىنا تاقالغىچە سىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولدۇم.سوھبەت قىزىپ كەتكەچكە ھىچقايسىمىز سائەت 10دىن ئېشىپ كەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇق.«ئەزىزە»چوچۇپ كەتكىنىمدىن دوستۇمنىڭ ئىسمىنى شۇنچىلىك كاتتىق توۋلىدىمكىن،ئالدى-كەينىمگە قارىماي ياتاق بىناسىغا قاراپ يۈگۈردۈم. بىنا ئىشىگى تاقىلىپ بولغان ئىدى.شۇنچىلىك قاتتىق ئۇرغىنىمىزغا قارىماي گۈزەتچى ئىشىكنى ئېچىپ بەرمىدى. قورقۇنۇچ ئىچىدە شۇنداق قاتتىق يىغلىدىمكىن،سىلەرنى شۇنچىلىك ئوسال قىلدىم،ھازىر شۇلارنى ئويلىسام كۈلىمەن.
:Dk@?o@2;C مېنىڭ نەزىرىمدە سىرتتا قېلىش ياخشى بىر قىز بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى.مەكتەپ باغچىسىدا تاڭ ئاتقۇزايلى دىسەك قوغدىغۇچىلانىڭ كورۇپ قېلىپ خاتا چۈشۈنۈشىدىن قورقتۇق-دە،سىرتقا چىقتۇق.كىم بىلسۇن،كىملىكىمىز بولمىغىنى ئۈچۈن مىھمانخانا ئەزىزە ئىككەيلەنگەياتاق بەمىدى.مەكتىپىمىزنىڭ ئورنى سىتىراتىگىيەلىك بولغاچقا ئەتراپتا ئادەتتىكى ياتاقلار يوق ئىدى.شۇ تاپتا سېرتتا قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان ئۈچەڭلارغا قاتتىق ئوچلىگىم كېلىۋاتاتتى.يېرىم كېچىدە يىگىتلەر بىلەن سىرتتا يۈرۈشتىن بىر تەرەپتىن قورقسام بىر تەرەپتىن نومۇس قىلىۋاتاتتىم.كاللامدا مىڭ بىر خىيال چوگىلەيتتى.«ياتاقتىكىلەر نىمە دەپ ئويلاپ قالا؟ئەتە مەكتەپكە پۇر كېتىدىغان بولدى-دە...»شۇڭا جاھىللىق بىلەن ئاچچىق ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق يوللۇق پىكرىڭلانى رەت قىلدىم.سەن كوڭلۇمدىكىنى بىلدىڭ بولغاي،ئاخىرى:
?H[5O+P[ -ئەزىزە ئىككەڭلار بىزنىڭ ئويدە قونۇڭلار،بىز ياتاقتا ياتايلى.-دىدىڭ.بۇ سوزۇڭ ماڭا ياققان بولسىمۇ،ئويلىنىپ قالدىم.«غەلىبە، يېرىم كېچىدە ئاق چاچلىق ئانىنىڭ ئالدىغا نىمە دەپ كىرىسەن؟».تالاش-تارتىشتا ئاخىر كىنو كورىدىغان بولدۇق.مەكتەپ ئەتراپىدىكى كىنوخانىلار تاقىلىپ بولغاچقا سەن بىزنى يىراقراق يەردىكى بىر كىنو كۇلىبىغا باشلاپ بارماقچى بولدۇڭ.گەرچە ماقۇل بولغان بولساممۇ،قىزلارغا خاس گۇمانخورلۇق بىلەن كەينىڭلاردىن ئەندىشە ئىچىدەئەگىشىپ ماڭدىم.چۇنكى ساۋاقداشلاردىن سىرتتا قالغان قىزلارنىڭ ئامالسىز سېنئالغۇ قۇيېدىغان يەرلەرگە كىرىدىغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم.لېكىن سەن راست ئېيتقان ئىدىڭ،كېچىلىك كۇلۇپ بەك چوڭ بولمىسىمۇ،ئەمما ئازادە بولۇپ،كەڭ ئېكراندىن نورمال تەرجىمە فىلىملارنى كورگىلى بولىدىغان يەر ئىدى.شۇندىلا كوڭلۇم جايىغا چۈشتى.گۇمانخورلۇق قىلغىنىمدىن خىجىل بولدۇم.
@Xve qUUU تاڭ ئاتتى.سەن بىزنى ساق سالامەت بىنا ئالدىغا ئەكىلىپ قويدۇڭ.پۇتۇن كېچىنى ئاچچىق ۋە ساراسىمە ئىچىدە ئوتكۇزگەن بولساممۇ،خوشلىشىپ ماڭغان چېغىڭداسەندىن پەقەت ئايرىلغىم يوقلىغىنى پۈتۇن ھوجەيرىلىرىمگىچە ئېنىق ھىس قىلدىم.شۇنچىلىك تەمكىن ئىدىڭكى،مەن كورگەن يىگىتلەردىكى چوڭچىلىق ۋە يېنىكلىك سەندە يوق ئىدى.شۇ كۇندىن باشلاپ مۇھاببەت بابىدا «ساماۋى خان»دەپ نام ئالغان تامغىلىق قۇش ئەسىرگە چۇشتى.
b@wBR9s ھەر قېتىم كورىشكىنىمىزدە شۇنچىلىك خوشال بولساممۇ ۋۇجۇدۇمدىن ياش توكۇلۇپ تۇراتتى.«ئەخمەق قىز،نىمىشقا يىغلايسىز؟»دەيتتىڭ بېشىمنى سىلاپ،بۇ ياش ھازىرمۇ قۇرىغىنى يوق!
pG!(6V-x
سەن ياراتقان ئىگىسىنىڭ ماڭا بەرگەن سوۋغىسى ،مېنىڭ بارلىق خوشاللىغىم،ئارمىنىم،ئىشەنچىم،يولەنچۈگۈم ئىدىڭ. {}g %"mi#
كېيىنكى بىر قانچە ئاي ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق.سەن مەن ئۈچۈن خىزمەت ئورنى ئىزدەپ ئاۋارە ئىدىڭ.ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كورۈشكەن شۇ چاغ ھازىرقىدەك ئېسىمدە.قارا بىنا ئالدىدىكى قارىياغاچ ئاستىدا خىيالچان ئولتىراتتىڭ.«-غەلىبە،-دىدىڭ سەن گېپىڭنى تۈزلا قىلىپ،-خىزمەت بىلەن ئچكىرىگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم،بۇ قېتىمقى دىلو مۇرەككەپ،كېچىكسەم بىرەر ئايدا قايتىپ كېلىمەن، نامىزىڭىزدا دۇئا قىلىپ ئامانلىغىمنى تىلەپ تۇرۇڭ-ھە.»نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن،سېنى تۇنجى قېتىم خىجىل بولماي چىڭ قۇچاقلاپ ئۇزاق يىغلىدىم.«ماڭقىسىنى ئېقىتىپ كەچكىچە يىغلىغان،تېزلا قايتىپ كېلىمەن بولدى،يىغلىماڭ ھە.»ئەكىلىتىپ ياشلىرىمنى سۇرتتۇڭ ۋە پىشانەمگە ئاخىرقى قېتىم پۇتۇن مىھرىڭ بىلەن سويدۇڭ.قاراڭغۇلۇقتا يوقىلىۋاتقان گەۋدەڭگە قاراپ قانچىلىك ۋاقىت تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن... Ns
.3s7&
ئاناڭنىڭ قولىدىكى قارا يىپەككە ئورالغان كېسلگەن بىر جۈپ بارماق ۋە بىر دانە قولاقنى كورۇپ كەينىمگە تاراڭڭىدە ئۇچۇپ چۇشتۈم. >,>;)B@J
سېنى ئىزدەپ ئىچكىرىگە ئىككى قېتىم باردىم.لېكىن ماڭا قاراڭنىمۇ كورسەتمىدىڭ. سەن نەدە پىدا،ئۇنداق قىلمىغىن،سەن ماڭا ۋەدە بەرگەن. .تېلىفۇنىڭ سىجىل ئېچىلمىغان بولسىمۇ لېكىن ھازىرغىچە توختىتىلمىدى. چ چ رىڭنىڭ تەڭ يېرىم كېچىلەردە قوزغىلىدىغىنىنى مەن بىلىمەن. 1iNsX\M
يالغۇزلۇق مېنى غاجىلاپ ھالسېراتماقتا ،چىن سويگۈ ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز ئىشەنچ ھارغىن جىسمىمنى ھامان ئالغا ئۈندەيدۇ. روھىيىتىمدىكى بارلىق جۇدالىق ئازابىنى خىزمەت جىددىلىگى بىلەن يوقىتىشقا تىرىشىمەن.گەرچە ئۈمىدسىزلەنگەن بولساممۇ لېكىن قەلىپ ئېكرانىمدا ئەڭ جۇلالىق ۋە روشەن بولغىنى يەنىلا سېنىڭ شۇ تەمكىن ۋە ئىللىق سىمايىڭ. Q(IJD4
مەن چۇش كۆرمىدىم،ھەر قېتىم پىنھان جايلاردا ئاققۇزغان سۈزۈك ياشلىرىم بۇنىڭغا گۇۋا!! ھاياتمۇ سەن؟! سەن نەدە!!! I%}L@fZ
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم. -XBKOybHBO
[ بۇ يازما Hok تەرپىدىن 2011-06-23 12:24 دە قايتا ئۆ ]