مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       161 
  •    ئىنكاس 
       10 

ئىنتىلىش

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4584 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 772
 سائەت
دەرىجىسى:
772 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-24

ئىنتىلىش
    
   يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئوقۇتقۇچىلار يازلىق تەتىلدىن بىر ھەپتە بۇرۇن يىغىلىپ، مەكتەپتە سىياسى ئۆگىنىشكە تەشكىللەندى. بۆگۈن ئۆگىنىشنىڭ تۇنجى كۈنى بولغاچقا بارلىق ئوقۇتقۇچىلار يىغىن زالىغا تولۇق يىغىلدى. مەكتەپتىكى چوڭ-كىچىك ئەمەلدارلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى، شۇ ئەسنادا مەكتەپ مۇدىرىمۇ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن سەھنىدە بىر نەچچە مىنۇت ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات يەنى قىزغىن كۆرۈشۈش، قىزغىن كۈلۈش، قىزغىن چاقچاق، ئىگىلىپ تازىم قىلىشلار داۋام قىلدى. باشلىق بولسا نېمە دېگەن ياخشى ھە! ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەتىراپىدا پايپىتەك بولۇپ كېتىشتى. بىرسى كېلىپ قول ياغلىقىدا باشلىقنىڭ ئورۇندۇقىنى سۈرتۈپ ئۇنىڭ قوڭىغا تەڭلەپ تۇرسا، بىرسى كېلىپ بۈگۈنكى ئۆگىنىش ماتىرىيالى، ئىچىملىك، كۈلدانلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تەقلەپ بولدى. مەكتەپ مۇدىرى ھىجايغىنىچە ئەمەل ئورۇندۇقىغا ئۆزىنى تاشلاپ، كېرىلىپ ئولتۇردى. باياتىن بېرى خۇددى بازاردەك ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان زال ئىچى مانا ئەمدى پاشا ئۇچسا ئاڭلانغۇدەك جىمىپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرى بۈگۈن ماڭا بۆلەكچىلا روھلۇق ۋە سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتتى. ۋاقىت توشقان بولسا كېرەك، ئۇ سائىتىگە بىر قارىۋېتىپ سۆزلەشكە باشلىدى. wy yWyf  
   -بۇ مەۋسۇملۇق مەشغۇلىيەت بۈگۈن باشلاندى، يولداشلار. بۈگۈندىن باشلاپ بىر ھەپتە سىياسى ئۆگىنىش قىلىمىز. مەن ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ئىنتىزامى توغرىسىدا گەپ قىلاي. ئۆگىنىش ۋاقتىدا بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يان تېلېفۇنىنى تاقىۋېتىشى كېرەك،-ئۇ شۇ گەپنى قىلىپ تۇرسا يېنىدا ئولتۇرغان مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفۇنى«ئاق بوز ئاتىم»غا سايراپ كەتتى. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا كۆزىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئۇ تېلېفۇنىنى ئېتىۋەتكىچە قاراپ تۇردى. ئاندىن يەنە: $ Oq^jUJ  
   -ئەگەر، يىغىن ۋاقتىدا كىمنىڭ تېلېفۇنى سايراپ كەتسە 50 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىدۇ،-تېخى گەپنىڭ ئايىقى چۈشمەي يەنە بىرەيلەننىڭ تېلېفۇنى ئەنسىز ھالدا سايراپ كەتتى. ھەممەيلەن كىمنىڭ تېلېفۇنى ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولغاندەك باشلىرىنى سوزۇپ قاراشتى. بۇ قېتىمقىسى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تېلېفۇنى ئىدى. ئۇ تېلېفوندىكى نومۇرغا بىر قارىۋېتىپ: io _1Y]N  
   -ئىدارىدىن كەپتۇ،-دېدى. ئالدىدا ئولتۇرغان بىرقانچەيلەن بىر-بىرىگە قارىشىپ كۈلۈپ قويۇشتى، بۇنى كۆرۈپ قالغان مەكتەپ مۇدىرى،- يىغىندا پەقەت مەكتەپ مۇدىرىنىڭلا تېلېفۇنى ئوچۇق تۇرىدۇ،-دېدى-دە، تېلېفۇنىنى كۆتۈرگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى. } uO);k5H  
ئۇنىڭغا زوقلانغانچە قاراپ قالدىم. نېمە دېگەن بىلەن باشلىق-دە؟ ئۇ نېمە قىلسا يارىشىدىكەن، نېمە دېسە توغرا بولىدىكەن. بايىقى گەپنى ئۇ ناھايىتى جايىدا دېدى. باشلىقمۇ تېلېفۇنىنى تاقىۋالسا، يۇقۇرىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەر خىل بۇيرۇق، ئورۇنلاشتۇرۇشلار، تەكشۈرۈش، مۇپەتتىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى قانداق ئاڭلىيالايدۇ؟ 8?J&`e/  
   مەكتەپ مۇدىرى كىچىككىنە كارىدورغا چىقىپلا تېلېفۇننى ئالدى. ئىشىكنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغاچقا ئۇلارنىڭ تېلېفۇندا دېيىشكەن سۆزلىرى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. 4y)P>c  
   -ۋەي... %4ePc-  
   -ۋەي... نېمانچە تەستە كۆتىرىسىز ئۇ تېلېفۇننى؟ 0":ib0=  
   -يىغىن ئېچىۋاتاتتۇق. سەنمۇ تازا مۇشۇنداق چاغدا... kv3E4,< 9  
   -قويىڭە يىغىنىڭىزنى، ئا... قىزىڭىزنىڭ ئىشىنى بېجىرەمسىز-يوق؟ تولا يىغلاپ قۇلاق-مېڭەمنى يەپلا كەتتى. tro7Di2Q  
   -ئالدىرىماي تۇرمامسەن، مەنمۇ شۇنىڭ يولىنى قىلىۋاتىمەنغۇ. ئىدارىدىكى دوستلۇرۇمغا دەپ قويغان، نەچچە كۈنگىچە خەۋىرىنى بېرىدۇ. ^.KwcXr  
   -ئالدىرىما، ئالدىرىما دەيدىكەنسىز، قاچانغىچە ئالدىرىمايدۇ؟ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەۋاق باشلانغان تۇرسا. Q(lo{AFc  
   -مۇشۇ يەردە ئوقۇسۇن بولمىسا، شىنجاڭنىڭ قەيىرىدە ئوقۇيمەن دېسە قولۇمدىن كېلىدۇ. L_vISy%\b  
   -ئۇنى ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىچكىرىدە ئوقۇتىمەن دەپ بالىنى ئېغىزلاندۇرۇپ قويدىڭىز، ئەمدى ئۇنامتى. IzsphBI  
   -بولدى، بولدى...مەن ھازىرلا شۇنىڭ يولىنى قىلاي...،-مەكتەپ مۇدىرى شۇنداق دېگىنىچە پەسكە چۈشۈپ كەتتى. 18~>ZR  
   پاھ! مەكتەپ مۇدىرى بولسا نېمە دېگەن ياخشى-ھە؟! تېخى بالىسىنى ئىچكىرىدە ئوقۇتىۋاتقان. بىزچۇ؟ مەن بىر بالامنى يېزىمىزدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىغا كىرگۈزەلمەي بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق تارتتىم. ئالتە ياشتا تەييارلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىدىكەن، بالام پەقەت بىر ئايلىقلا كىچىك بولۇپ قالغىنىغا ئالغىلى ئۇنىمىدى. بەش ياشلىق، بەش يېرىم ياشلىق بالىلارمۇ باركەن بولمىسا. «مېنىڭ بالامدىن كىچىك بالىلارمۇ بارىكەنغۇ؟» دېسەم، ھېلىقى ئىلمىي مۇدىر نومۇسمۇ قىلماي، «ئۇلار دېگەن باشلىقنىڭ بالىلىرى» دېمەسما، ئاچچىقىم شۇنداق تۇتتى. «بالامنى باشلىق بولسام ئوقۇتامتىڭ؟ بۇ مەكتەپ باشلىقنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن قۇرۇلغانما؟ ھەرقايسىڭمۇ مائارىپچىمۇ؟ ئوقۇتقۇچىمۇ؟ قېنى ھەرقايسىڭدىكى ھەققانىيەت، ئاددىللىق؟» دەپ ۋاقىراپ كەتتىم. ۋاقىراپ بولۇپ ئۆزۈم نومۇس قىلىپ قالدىم. چۈنكى گەپلىرىم بۇ يەردە تۇرغانلارغا ھىچقانچە تەسىر قىلمىدى. ئۇلار بۇنداق گەپلەرگە كۆنۈككەن. ھېلىقى ئىلمىي مۇدىر خىجىل بولۇشتا يوق ھېجىيىپ قاراپ تۇرىدۇ. ئۇلارمۇ باشلىقىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن. باشلىقى ئال دېسە ئالىدىكەن، ئالما دېسە ئالمايدىكەن. ئۆزۈمنى قاتتىق كەمسىتىلگەندەك، قاتتىق بۆزەك قىلىنغان، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھىس قىلىپ، ئۆپكەم ئۆرۈلدى. قانداق كۈن بولۇپ كەتتى بۇ؟ قانداقلا ئىش قىلساڭ يا ھوقوقۇڭ، ياكى پۇلۇڭ بولۇشى كېرەككەن. ھەر ئىككىلىسى بولمىسا، بولدى، سېنىڭ گېپىڭنى ھېچكىم ئاڭلىمايدىكەن، يولۇڭنى ماڭمايدىكەن، ھەتتا ساڭا قاراپمۇ قويمايدىكەن. شۇ چاغدا مەھەللەمدىكى ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي دېھقانلارنى ئويلىدىم. ئۇلاردا نە ھوقۇق، نە پۇل بولسۇن؟ ھېلىمۇ ئۇلار چىداشلىقكەن، قارنى كۆكسى كەڭ، ئەپۇچان، مەردۇ-مەردانىكەن. ئۇلارنىڭ كۆرگەن كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ ئىشلار نېمىتى؟  9XP o3;  
   ھەي، مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم ئەمەل، ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغان بولۇپ كەتتى. ھوقۇقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا ۋاستە تاللىماي، يۈز-ئابرويى بىلەن ھېسابلاشماي يۇقۇرىغا خۇشامەت قىلىدىغان، تۆۋەننى ئالدايدىغان، كىچىككىنە مەنپەت، مەنسەپلەر ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن ئېلىشىدىغان، چىشلىشىدىغان، غاجىشىدىغان بولۇپ كەتتى. يېقىندا مەكتىپىمىزدە رىقابەت ئارقىلىق مەكتەپ مۇدىرى تاللاش ئېلىپ بېرىلغان. مۇشۇ كىچىككىنە يېزا مەكتىپىدە يەتتەيلەن مەكتەپ مۇدىرلىقىغا ئىلتىماس يېزىپ رىقابەتكە قاتناشتى. مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئۇلى چىڭكەن، يەنە بىر قارار مەكتەپ مۇدىرى بولدى. گەرچە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:« مەكتەپتە شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ماڭا رىقابەت ئېلان قىلىشى ياخشى ئەھۋال، بۇ مەكتىپىمىزدە ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەم مېنىڭ شان-شۆھرىتىمنى ئاشۇرۇدۇ.» دەپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن رەھبەرلىك بەنزىسىنى قايتا تەشكىللەپ ھەممىسىنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىپىلىرىنى ئېلىپ تاشلىدى. 5i> $]*o  
   راستىنى ئېيتسام يېقىندىن بېرى مەنمۇ ھوقۇق تەمەسىدە يۈرىيدىغان بولۇپ قالدىم. قانداق قىلسام باشلىققا ياخشى كۆرىنەرمەن، ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمەت كۆرسىتىپ ماختىشىغا، مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشەرمەن دەپلا يۈرىيمەن. باشلىقنىڭ مەن بىلەن پاراڭلىشىشنى، مېنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇشىنى تېلەپ يۈردۈم. ئۆيدىمۇ خوتۇن-باللىرىمغا ياخشى ئىشلەش، ياخشى ئوقۇش، شۇ ئارقىلىق چوڭ ئەمەلدار بولۇش توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەيدىغان بولدۇم. تۆۋە، ھوقۇق، باشلىق دېگەن سۆزلەر كاللامغا كىرىۋېلىپ زادى ئاراملىق بەرمىدى. ھەتتا چۈشۈمدىمۇ ھوقۇق سودىسى قىلىپ، كاتتا ئەمەلدار بولۇپ چۈش كۆرىمەن. ھەرقانداق باشلىق كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرىنىدۇ، ئۇنىڭغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتىمەن. ئۆزۈمچە تۇرۇپلا: «مەنمۇ شۇنداق بىجىرىم، ئەقىللىق، خىزمەتتە ئاكتىپ، لېكىن نېمە ئۈچۈن باشلىق بولالمايمەن؟»دەپ سورايدىغان  بولۇپ قالدىم. مۇشۇ تاپتىمۇ زالدا ئۆگىنىش بولۇۋاتسا ئۆزۈمنى مەكتەپ مۇدىرىغا سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. ]+(6,ct&.  
   ئىككىمىز خىزمەتكە تەڭ چىققان. ئوقۇش تارىخىمىز، كەسپىمىز ئوخشاش. ئىككىمىز بىرلا ۋاقىتتا سىنىپ مۇدىرى بولدۇق. بىراق، ئۇ سىنىپ باشقۇرۇشنى قاملاشتۇرالماي، يېرىم يىل بولا بولمايلا سىنىپنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغۇ ھەرگىز ماڭا يەتمەيتى. بىراق، ھازىر ئۇ دېگەن مەكتەپ مۇدىرى، مۇئاشىمۇ مېنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقۇرى، ئىنۋانى ئالى دەرىجە. مەن بولسام باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئاددىي بىر ئوقۇتقۇچى، ئىنۋانىم تېخىچە ئىككىنجى دەرىجە. ئۇنىڭ تونۇش بىلىشلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى شەھەردىكى داڭدار كاتتىلار، چوڭ ئەمەلدارلار. مېنىڭ تونۇش بىلىشلىرىم بولسا سەھرادا، بىرقانچە دىھقان دوستلۇرۇم بار شۇ. ئۇنىڭ شەھەردە ئىككى يەردە ئۆيى. قوڭىدا ئالى دەرىجىلىك ماشىنىسى  بار. مېنىڭچۇ؟ مەن ئەمدى تېخى يېزىغا بىرقانچە ئېغىز ئاددىي كەپە ئۆي سالالىدىم. ھازىرغىچە خىزمەتكە چىققاندا ئالغان كونا ۋېلسىپىتىمنى مىنىپ يۈرىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەلسىپىتنىڭ قاتتىق ئىگىرى كۆتۈمنى غاجاپ گېموروي ئازابىنى تارتىۋاتىمەن. مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىسام زادى كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇ شۇنچە كۆپ شان-سۆھرەت، مەنپەتلەرگە قانداق ئېرىشتى؟ بۇ ھەقتە ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقتىم. توغرا، ئۇ مۇناسىۋەتكە ئۇستا. ئۇ مەكتەپتىكى ھاياتىنى مۇناسىۋەت باغلاش، يول تېپىش، ئالاقە ئورنىتىش بىلەن ئۆتكۈزدى. تاپقىنىنى باشلىقلارغا خەجلەپ كەلگۈسىدىكى ئەمەل ئۈچۈن مەبلەغ سالدى. دەسلىپىدە باشلىق تۇغقىنىنىڭ يۈزى بىلەن مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولدى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كەينىدە يۈرۈپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندى. كېيىن ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكلىرىنى ئىگەنلىۋېلىپ، بىرلا تىپىك بىلەن ئۇنى مەكتەپتىن ھەيدەپ، ئۆزى مەكتەپ مۇدىرى بولىۋالدى. مەن ئەمدى چۈشەندىم. باشلىق بولۇش ئۈچۈن خوشامەتچى بولۇشۇم، باشلىق ئالدىدا ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ ئويناقشىپ تۇرۇشۇم، مايمۇندەك چاققان، خامېلېئوندەك ئۆزگىرىشچان بولۇشۇم كېرەككەن. كېچە-كۈندۈز باشلىقنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي بارىمەن دېگەن يېرىگە ئاپپىرىشىم، ئوينايمەن دېگەن يېرىدە ئوينىتىشىم كېرەككەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈلۈشۈم، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلىشىم، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىيىشىم، ئىچىشىم، چېكىشىم كېرەككەن. ئاندىن ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئۆسەلەيدىكەنمەن. ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە كۆتىگە تېپىپ ھەيدەپ چىقىرىشىم، ھەرگىزمۇ يۈز قىلماسلىقىم، رەھىم قىلماسلىقىم كېرەككەن. شۇ چاغدىلا ھېلىقى يۇمشاق ئورۇندۇق ماڭا مەنسۇپ بولىدىكەن. ۋاھ! باشلىق بولسا نېمە دېگەن راھەت! نېمە دېگەن پەيزى! شۇ تۇرقىدا تېرىلىرىم كېڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ! y&Mr=5:y  
   -مۇئەللىم، نېمە بولدىڭىز؟ يىغىن تۈگەۋاتسا، شالىلىرىڭىزنى ئېقىتىپ ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ؟-دەپ چاقچاق قىلدى، بىر خىزمەتدېشىم شىرىن خىيالىمنى بۇزۇپ. 6qRx0"qB  
   -نېمە جاۋىلدايسىنوي؟ ئادەمنى باشلىق بولغىلى قويماي... U@gn;@\  
   -ئاۋارە بولماڭ، سىز ھەرقانچە قىلسىڭىزمۇ باشلىق بولالمايسىز. NPCs('cd>?  
   -نېمە؟ ئاغزىڭغا تاش... ۋۇ، ئىچى يامان. خەپ... ئاۋۋال بىر باشلىق بولاي، ئاندىن ئەدىۋىڭنى بەرمەيدىغان بولسام. N"8_ S0=pw  
مېنىڭ بۇ ئالاجوقا سۆزلىرىمدىن ئەتراپىمىزدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى.
 
مەنبە: ئۆزۈم
"B =  
_9Jh L:cY  

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-22, 23:31
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
musilina مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 00:49 ئەمىلىي چىقىپتۇ....
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
aygvzakl
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34318

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1406 (سوم)
 ياخشى باھا:   101 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   105  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 699
 سائەت
دەرىجىسى:
699 سائەت 71 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

بۇنىڭغا  نىمە  دىگۈلۈك  ئەمدى ، ھازىرقى  ۋەزىيەت شۇ ، قانداق  قىلىمىز  ئەمدى  ، باشلىق  دىگەن  نىمە  دېسە توغرا  بولىدىكەن شۇ
ئاتا-ئانا  ئەڭ  ئۇلۇغ  كىشىلەردۇر.
chaqmaq137
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7140

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   154 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5643 (سوم)
 ياخشى باھا:   196 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 59
 سائەت
دەرىجىسى:
59 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

ھەي! بۇنىڭغا نىمە ئامال جەمىيتىمىزنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ تۇرسا
چاقماق
shahadat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27492

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2246 (سوم)
 ياخشى باھا:   150 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 28
 سائەت
دەرىجىسى:
28 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

تۇرمۇش خاتىرجەم خۇشال ئۆتسلا بولدىغۇ ،باشلىق بۇلۇپ بەخىتىلىك بۇلۇشىڭىز ناتايىن باشلىق بولماي بەخىتسىز بۇلۇپ قىلىشىڭىزمۇناتايىن!مىنىڭچە، ھەمىمىدىن ئەۋزىلى تىنىچ-خاتىرجەملىك،. دىققەت:باشلىق بۇلىمەن دەپ ساراڭ بۇلۇپ قالماڭ!
ھايات-ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن خىرىسلارغا تەييار تۇرۇشتۇر!!!
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   648 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2370 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1621
 سائەت
دەرىجىسى:
1621 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

باشلىق ئوت قويىۋەتسە مەيلىكى پۇقرا چىراق ياندۇرۇشقا بولمايدۇ >j{z>  
باشلىق زەمبىرەك ئاتسا بولىدىكى پۇقرا ئوسۇرۇشقا بولمايدۇ، .7 asW(  
قازاننىڭ قۇلىقى تۅت ....... ئامال يوق...... بۇ جەمىيەت ،      
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   3448 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35961 (سوم)
 ياخشى باھا:   703 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   668  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1314
 سائەت
دەرىجىسى:
1314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 00:53

مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم ناتوغرا ئىشلارنى ياخشى قامچىلاپسىز.... ئەسەر تىلى جانلىق،ئەمىلىيى چىقىپتۇ... >O/ D!j|  
باشلىق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم يۇقۇرىغا خوشامەت قىلىشنى،تۆۋەننى بېسىشنى بىلىشى كېرەك....
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
muz心
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45105

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   17 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   184 (سوم)
 ياخشى باھا:   45 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 61
 سائەت
دەرىجىسى:
61 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 02:23

ۋاي شۇنى دەڭلار ،بىزنىڭ باشلىق ئىشقا كەلگەندە تىلفۇننى يىغىن زالىدا قوپقۇيۇپ كىرىڭلار دەيدۇ .ئۆزى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ھەممىمىزنىڭ مىڭىنى يەپ سۆزلىشىپ ئولتۇرىدۇ.تاس قالىمەن سىزمۇ تىلفۇنىڭىزنى يىغىن زالىغا ئاچىقىپ قويامسىز ؟دىگىلى. *pzq.#  
ھەي .....مۇنداق ساپاسى يوق باشلىقلار جىق جۇمۇ .
tarimjan102
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.28022

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   459 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5073 (سوم)
 ياخشى باھا:   220 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   308  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 852
 سائەت
دەرىجىسى:
852 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 04:03

مەن ھەر ساھە ،ھەر كەسىپنىڭ باشلىقلىقىنى ساتىمان ئالىدىغانلار باما ...باشلىق بولسىڭىز ئانىڭدەك نوچى ئادەم بولىسىز .....
ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتۇر .


دىلىڭدا ئىمان يوق. پەخەس بول ساڭا ھەر-ھەر جايدا قاپقان قۇرۇقلۇق.
qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44770

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   88 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1405 (سوم)
 ياخشى باھا:   223 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   366  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 64
 سائەت
دەرىجىسى:
64 سائەت 26 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:01

ئەسلى نى-نى نۇمۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم....
كىتىمەن بىر كۈنى مەڭگۈ يىراقلاپ،
مەردانە ياشىغان بوۋام قېشىغا.
ياد ئېتىپ ئەۋلادىم ياش تۆكۈپ يىغلاپ،
كىلەمدۇ ھەسرەتلىك قەبرەم بېشىغا.
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4584 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 772
 سائەت
دەرىجىسى:
772 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:50

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  shahadat كە 2011-06-22 23:54ئەۋەتىلدى  : 3Gj(z:)b  
تۇرمۇش خاتىرجەم خۇشال ئۆتسلا بولدىغۇ ،باشلىق بۇلۇپ بەخىتىلىك بۇلۇشىڭىز ناتايىن باشلىق بولماي بەخىتسىز بۇلۇپ قىلىشىڭىزمۇناتايىن!مىنىڭچە، ھەمىمىدىن ئەۋزىلى تىنىچ-خاتىرجەملىك،. دىققەت:باشلىق بۇلىمەن دەپ ساراڭ بۇلۇپ قالماڭ! )iT.A  
i?lX,9%  
o-L|"3 P  
   شۇنداق، باشلىقلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بار. «ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ» ئەمەسمۇ؟ كىممۇ خاتىرجەم تۇرمۇشنى ئويلىمايدۇ دەيسىز؟ مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ ھەممە ئەدەم باشلىق بولۇپ كېتەلمەيدۇ. لىكىن باشلىق بولۇش كويىدا يۈرىيدىغانلار كۆپ، بۇنداق بولاۋەرسە ئادىمىيلىك سۇسلاپ كېتىدىكەن. شۇڭا، رىيارللىققا يۈزلىنىش، ئەمەلىي بولۇشنى تەكىتلىمەكچى. ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا مۇشۇ نوقتىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم. "tqS|ok.  
   «باشلىق بۇلىمەن دەپ ساراڭ بۇلۇپ قالماڭ!» دەپسىز. مېنى دېمەكچىمۇ ياكى ھېكايىدىكى باش قەھرىماننىمۇ؟ ھېكايىدىكى باش قەھرىمانمۇ ئاخىرى رىياللىققا يۈزلەندى. ئۇمۇ ئۆزىگە ئوخشاش تۈز، ساددا،  سەمىمىي كىشىلەرنىڭ باشلىق بولالمايدىغانلىقىنى شۇڭا خىيالدىن ئويغۇنۇپ رىياللىققا يۈزلىنىش كرەكلىكىنى ھىس قىلدى.  
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4584 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 772
 سائەت
دەرىجىسى:
772 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:52

شەخسىيەتچىلىك ئادەمنىڭ تەبىئىتى. ھەممە ئادەم باشلىق بولۇشنى ئويلايدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. لىكىن قايسى خىل يول بىلەن باشلىق بولۇشنى، قانداق باشلىق بولۇشنى،  كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن باشلىق بولۇشنى ۋىجدانى بىلەن ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى