مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       93 
  •    ئىنكاس 
       3 

دانىشمەن بىگى

قەۋەت ئاتلاش
altun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   90 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10945 (سوم)
 ياخشى باھا:   256 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   345  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 968
 سائەت
دەرىجىسى:
968 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24

b/ h#{'  
ھازىرقى زاماننىڭ تاڭ نۇرى - تاللانغان ۋە ھۈرمەتكە سازاۋەر ئەل مۇستاپا تۇغۇلغان ئارىلىغا ئېلىپ كېتىدىغان كېمىسىنى كۈتۈپ ئورپالىس شەھىرىدە 12 يىل تۇرۇپ قالدى.ئاخىر ئۇنىڭ كېمىسى يېتىپ كەلدى. ئۇ ئەمدى تۇغۇلغان ئارىلىغا قايتىدىغان بولدى. ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، شادلىقى دېڭىز ئۈستىدە جەۋلان قىلدى.ئۇ قايتىشنىڭ تەرەددۇتىغا چۈشتى. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئورىۋالدى. كىشىلەر ئۇنىڭ نام - شەرىپىنى ئاتاپ ۋارقىرىشاتتى. توۋلىشاتتى، تەنتەنە قىلىشاتتى.ئۇ ئويلاپ قالدى: ۋىدالىشىدىغان كۈن جەم بولىدىغان كۈن بولامدۇ؟مېنىڭ گۇگۇم ۋاقتىم ئەمەلىيەتتە سەھىرىم بولامدۇ؟مەن ئاشۇ كەتمەن، ئورغاقلىرىنى قويۇپ ئېتىزلىقتىن كەلگەن كىشىلەرگە نېمە قىلىپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟يۈرىكىم ئۇلارغا بېرىدىغان مېۋىگە تولغان بىر تۈپ دەرەخكە ئايلىنارمۇ؟مېنىڭ ئارزۇلىرىم ئۇلارنىڭ قاچىلىرىنى توشقۇزالايدىغان، توختىماي ئاقىدىغان بۇلاق بولارمۇ؟مەن قابىل ۋە قادىر قول چالالايدىغان ئىسكىرىپكا ۋە نەيمۇ؟مەن بىر داۋراڭسىز ئىزلەنگۈچى. مەن جىمجىتلىقتا قانداق گۆھەرلەرنى تاپالىدىم؟ئەگەر مۇشۇ كۈن مېنىڭ ھوسۇل ئالىدىغان كۈنۈم دېيىلگەندە، مەن ئۇرۇقلارنى قاچان چاچقان؟ئەگەر بۇ مەن نۇرلۇق چىراغنى ئېگىز كۆتۈرىدىغان كۈن بولسا، ئەپسۇسكى، چىراغدىكى يالقۇننى مەن تۇتاشتۇرغان ئەمەس.مەن قۇرۇق، ياندۇرۇلمىغان چىراغنى كۆتۈرىمەن.كېچىدە كۆزەتچىلىك قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا ياغ قۇيىدۇ  ۋە ئوت ياقىدۇ.كىشىلەر ئۇنىڭغا: «سەن بۇ يەردىن كەتمىگىن. سەن بىزنى ئويغاتقۇچى شاۋقۇن، سېنىڭ ياشلىقىڭ بىزگە شېرىن ئارزۇ - تىلەك بېغىشلايدۇ، سەن بىزگە يات ئەمەس، مېھمانمۇ ئەمەس، سەن بىزنىڭ ئوغلىمىز ۋە چىن كۆڭۈلدىن سۆيگەن كىشىمىز. سەن كەتمىگىن. دىدارىڭغا تەشنا بولغان كۆزلىرىمىزنىڭ گۆھىرى ئېقىپ كەتمىسۇن. دېڭىز دولقۇنلىرى بىزنى مۇشۇنداق بىر چاغدا ئايرىۋەتمىسۇن، سېنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆتكەن كۈنلىرىڭنى ئەسلىمىگە ئايلاندۇرۇپ قويمىسۇن. سەن بىزنى ئارىلاپ يۈرگەن ئىلاھ ئىدىڭ، سېنىڭ كۆلەڭگەڭ بىزنىڭ قەلبىمىزنى يورۇتقانىدى. بىز سېنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيگەن. ئەمما بىزنىڭ سۆيگۈمىز ئاۋازسىز ھەم شايىغا ئورالغانىدى. بىراق، ئەمدى ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، ئۆزىنى ئالدىڭدا ئاشكارىلاۋاتىدۇ. جۇدالىشىش ۋاقتىدىن باشقا چاغدا مۇھەببەت ئۆزىنىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىزلىكىنى بىلمەيدۇ» دېيىشتى.ئەمما ئۇ گەپ قىلمىدى. يەرگە قاراپ تۇرۇۋەردى. ئۇنىڭغا يېقىن تۇرغان كىشىلەرلا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياش تامچىلىرىنى كۆردى.شاھ ئوردىسىدىن ئىرمىلچە دېگەن بىر قىز چىقىپ كەلدى. ئۇ ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى ئىدى.ئۇ ئىرمىلچىگە چەكسىز مۇلايىملىق بىلەن تىكىلدى، چۈنكى ئىرمىلچە ئۇ مۇشۇ شەھەرگە كىرگەندە ئەڭ دەسلەپ ئۇنى ئىزدىگەن، ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى.ئىرمىلچە ئۇنى قۇتلۇقلاپ:- ئەي ئاللانىڭ دانىشمىنى، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئىزدەنگۈچى، سەن ئۇزۇندىن بۇيان كېمەڭنى زارىقىپ كۈتكەنىدىڭ. بۈگۈن كېمەڭ كەلدى، سەن جەزمەن قايتىشىڭ كېرەك. سېنىڭ خاتىرەڭدىكى يۇرت ۋە تېخىمۇ كۆڭلۈڭدىكىدەك بولغان ماكانىڭغا مۇھەببىتىڭ شۇنچىلىك چوڭقۇر ئىكەن. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز سېنى توسۇپ قويمىسۇن. بىزنىڭ مۇھتاجلىقىمىز سېنى تۇتۇپ قالمىسۇن. ئەمما سەن مېڭىشتىن بۇرۇن بىزگە ھەقىقەت توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگىن. بىز بۇ ھەقىقەتنى بالىلىرىمىزغا سۆزلەپ بېرىمىز. بالىلىرىمىز بالىلىرىغا سۆزلەپ بېرىدۇ. ئەبەدىلئەبەد ئۆچمەيدۇ. سەن ئۆز يېگانىلىقىڭ بىلەن بىزگە كۈندۈز ئاتا قىلدىڭ، ئويغاقلىقىڭ بىلەن بىزنىڭ چۈش كۆرۈپ يىغلىغان - كۈلگەنلىكىمىزنى ئاڭلىدىڭ. ئەمدى سەن بىزگە ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ئوتتۇرىسىدىكى  ئىشلار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن، - دېدى.- مەن سىلەرگە نېمە دەپ بېرەلىشىم مۇمكىن؟ - دېدى ئۇ. kv;P2:"|  
بىزگە مۇھەببەت ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن، - دېدى ئىرمىلچە.ئۇ پۇقرالارغا قاراپ بىر پەس جىم بولۇۋالدى - دە، ئاندىن ياڭراق ئاۋازدا سۆز باشلىدى:- مۇھەببەت سىلەرنى چاقىرغاندا، گەرچە مۇساپە ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. ئۇنىڭ قاناتلىرى سىلەرنى ئورىغاندا، گەرچە پەيلەر ئارىسىدىكى شەمشەرلەرنىڭ يارىدار  قىلىشى كۆرۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇڭلار. ئۇ سىلەرگە گەپ قىلغاندا، گەرچە ئۇنىڭ ئاۋازى مەستخۇش كاللاڭلارنى ئېزىۋېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار. مۇھەببەت ساڭا گۈل تاج كىيدۈرىدۇ، سېنى كرېست جازىسىغا مىخلاپمۇ قويىدۇ. ئۇ سېنى پەپىلەپ ئۆستۈرىدۇ، رەھىمسىزلىك بىلەن شاخلىرىڭنىمۇ قايچىلايدۇ. ئۇ سېنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققاڭغا چىقىپ كۈن نۇرىدا تىترەۋاتقان بىخ، يوپۇرماقلىرىڭنى ئەركىلىتىدۇ، يىلتىزىڭ تۈۋىگە چۈشۈپ، يىلىتىزىڭ تېگىدىكى ھەممە بوغۇملارنى ئىغاڭلىتىپ يەر بىلەن يەڭسان قىلىۋېتەلەيدۇ. خۇددى بىر باغلام كۈلىدەك سېنى باغلىۋالالايدۇ، سېنى ئۇرۇپ قىپيالىڭاچ قىلىپمۇ قويالايدۇ. سېنى تاسقاپ پوستۇڭدىن ئايرىيدۇ، ئاپئاق بولغۇچە يانجىپ ئېزىدۇ، ئىتتىگىچە بىلەيدۇ. ئاندىن ئۇ سېنى مۇقەددەس ئوتىدا پىشۇرۇپ ئاللانىڭ مۇقەددەس تامىقىغا ئايلاندۇرىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت سەندىن قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىشلار، ئۇ ساڭا قەلبىڭدىكى سىرلارنى بىلدۈرىدۇ، سەن مۇشۇ بىلىمدە «ھايات» نىڭ قەلبىدىكى بىر ئۇۋاققا ئايلىنىسەن. ئەگەر سەن ئارىسالدى بولۇپ سۆيگۈنىڭ تىنچلىقى ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنىلا كۆزلىسەڭ، ئۇنداقتا يالىڭاچلىقىڭنى يوشۇرۇپ، مۇھەببەتنىڭ تاسقاشلىرىدىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ، پەسىللەر بولمايدىغان ئالەمگە قەدەم قويغىنىڭ ياخشى. سەن ئۇ يەردە كۈلىسەن، ئەمما ئىمكاننىڭ بېرىچە كۈلمەيسەن، يىغلايسەن، ئەمما يېشىڭ قۇرۇمايدۇ، مۇھەببەت ئىگىلىمەيدۇ، ئىگىلەنمەيدۇ. چۈنكى مۇھەببەت مۇھەببەت بىلەنلا قانائەتلىنىدۇ. سەن مۇھەببەت بەرگەندە «ئاللا قەلبىمدە» دېمە. «مەن ئاللانىڭ قەلبىدە» دېگىن. مەن مۇھەببەت سەپىرىنى يېتەكلەيمەن، دەپ ئويلىمان. ئەگەر ئۇ سېنى ياراتسا، ئۇ سېنى يېتەكلەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن باشقا ئارزۇسى يوق. ئەگەر سەن مۇھەببەتلەشسەڭ، ئارزۇ - ئىستەڭلىرىڭنىڭ بولۇشىنى خالىساڭ، تۆۋەندىكىلەرنىڭ بىرىنى تاللىۋال: ئۆزۈڭنى ئېرىتىپ، ئۆتكۈنچى ئېقىندەك ئايدىڭ كېچىلەرگە ناخشا ئوقۇپ بەر، ئۆتكۈنچى مېھرىبانلىقنىڭ ئازابلىرىنى بىل. سۆيگۈنى چۈشىنىش يولىدا يارىلانساڭ، ئىختىيارلىقىڭ بىلەن خۇشال ھالدا قېنىڭنى ئاققۇز. ئەتىگەندە ئويغىنىپ، يېڭى بىر مۇھەببەت كۈنىنى مۇبارەكلە. چۈش پەيتلىرىدە مۇھەببەت لەززىتىنى تامشىغىن، كەچتە، دولقۇنلار پەسلىگەندە يارنىڭ ئۆيىگە قايتقانلىقىنى تەبرىكلە. ئۇخلاش ۋاقتىدا دۇئاتىلاۋەت قىل. چۈنكى سۆيۈلگۈچى سېنىڭ قەلبىڭدە، قەسىدە سېنىڭ لەۋلىرىڭدە.                                                                         F07X9s44E  
   ئەمدى نىكاھ ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ، - دېدى ئىرمىلچە.- سىلەر بىرلىكتە تۇغۇلغان، ئەبەدىي قوشۇلۇشۇڭلار كېرەك، - دېدى ئۇ، - ئۆلۈم قاناتلىرى ئايرىۋەتكەن كۈن - ئايلاردىمۇ بىرگە بولۇشۇڭلار كېرەك. ھەتتا ئاللانىڭ نامىنى زىكرى قىلىۋاتقاندىمۇ بىرگە بولۇشۇڭلار كېرەك. ئەمما بىرگە بولغاندا مەلۇم ئارىلىق قالسۇن. شامال ئارىلىقىڭلاردا ئۇسسۇل ئوينىسۇن. بىر - بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈڭلار، ئەمما مۇھەببەتنى بوغقۇچى ئاغامچا بولۇپ قالماڭلار. ئۇ قەلبىڭلارنىڭ قىرغاقلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر كۆچمە دېڭىز بولسۇن. قەدەھلىرىڭلارنى تولدۇرۇڭلار، بىر كۆچمە دېڭىز بولسۇن. قەدەھلىرىڭلارنى تولدۇرۇڭلار، ئەمما، بىر قەدەھنى تەڭ ئىچمەڭلار. ئۆز ئارا نان بېرىڭلار، ئەمما بىر ناننى تەڭ يېمەڭلار. بىرلىكتە خۇشال ئۇسسۇل ئويناڭلار، ئەمما يەككە - يېگانە ئويناڭلار. ئەنە قاراڭلار، ئىسكىرىپكىنىڭ تارىلىرى بىر كۈينى چېلىۋاتىدۇ، ئەمما، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم تۇرۇپتۇ. قەلبىڭلارنى بىر - بىرىڭلارغا تەقدىم قىلىڭلار، ئەمما ساقلاپ قالماڭلار. چۈنكى، پەقەت «ھاياتلىق» قولىلا يۈرىكىڭلارنى ئىگىلىيەلەيدۇ. بىر يەردە تۇرۇڭلار، ئەمما بەك چاپلىشىپ كەتمەڭلار. چۈنكى سارايلارنىڭ تۈۋرۈكلىرىمۇ ئايرىم - ئايرىم تۇرىدۇ. كاۋچۇك بىلەن قارىغايمۇ بىر - بىرىنىڭ سايىسىدا ئۆسمەيدۇ.   usC$NVdm  
       ئەمدى بالا ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن، - دېدى بىر بالىلىق ئايال، ئۇ بالىسىنى باغرىغا مەھكەم تاڭغانىدى.- بالىلىرىڭلار، - دېدى ئۇ، - سىلەرنىڭ ئەمەس، ئۇلار «ھاياتلىق» نىڭ پەرزەنتلىرى. ئۇلار سىلەر ئارقىلىق تۆرەلگەن، ئەمما سىلەر بىلەن بىللە تۇرسىمۇ، سىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس. سىلەر ئۇلارغا مۇھەببەت بەرسەڭلار بولىدۇ. ئەمما ئىدىيە بەرسەڭلار بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىدىيىسى بار. سىلەر ئۇلارنىڭ بەدىنىنى يوشۇرساڭلار بولىدۇ، ئەمما قەلب - روھىنى يوشۇرالمايسىلەر. چۈنكى ئۇلارنىڭ قەلب - روھى ئەتىنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرىدۇ. ئۇنى سىلەر چۈشۈڭلاردىمۇ كۆرەلمەيسىلەر، سىلەر ئۇلارنى تىرىشىپ دوراڭلار، ئەمما ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا ئوخشىتىپ قويالمايسىلەر. چۈنكى ھايات ئارقىغا يانمايدۇ، شۇنداقلا تۈنۈگۈن بىلەن بىللە توختاپ قالمايدۇ. سىلەر ئوقيا، بالا ئوقيادىن قويۇپ بېرىلگەن ھاياتلىق ئوقى. ئوقيانى ئاتقۇچى نىشاننى چەكسىزلىكتىنلا كۆرەلىگەن. شۇنداقلا سېھرىي كۈچ بىلەن سىلەرنىمۇ رازى قىلىدۇ. سىلەر ئاتقۇچىنىڭ قولىدىكى يايىنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇڭلار، چۈنكى ئۇ ئاشۇ ئېتىلغان ئوقنى سۆيىدۇ، جىم تۇرغان ياينىمۇ سۆيىدۇ. 8pZ Ogh  
بىزگە خۇشاللىق ۋە قايغۇ ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەڭ، - دېدى بىر ئايال.- سېنىڭ خۇشاللىقىڭ چۈمپەردىسى ئېلىپ تاشلانغان قايغۇڭدۇر، - دېدى ئۇ، - ھەتتا سېنىڭ خۇشاللىق ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلىقىڭمۇ دائىم كۆز ياشلىرىڭ بىلەن تولىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ قايغۇ سېنىڭ ۋۇجۇدىڭدا قانچە چوڭقۇر ئىز قالدۇرسا، سەن شۇنچىلىك خۇشاللىقنى سىغدۇرالايسەن، شارابقا تولغان جاملىرىڭ كۇلالنىڭ خۇمدىنىدا كۆيدۈرۈلگەن پىزا ئەمەسمۇ؟ سېنىڭ قەلبىڭنى مەپتۇن قىلغان نەي پىچاق بىلەن ئويۇلغان قومۇش ئەمەسمۇ؟ سەن خۇشاللانغاندا، ئۆز قەلبىڭنى ئىنچىكە تەكشۈرسەڭ، سېنى بۇرۇن قايغۇلاندۇرغان نەرسىنىڭ بۈگۈن سېنى خۇشاللاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايسەن. سەن قايغۇغا چۆمگەندە بولسا، ئۆز قەلبىڭنى ئىنچىكە تەكشۈرسەڭ، سېنى بۇرۇن خۇشاللاندۇرغان نەرسىنىڭ بۈگۈن سېنى يىغلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بەزىلەر :«خۇشاللىق قايغۇدىن چوڭ» دەيدۇ، بەزىلەر: «ياق، قايغۇ چوڭ» دەيدۇ. مېنىڭچە، ئۇلار ئايرىلمايدۇ. ئۇلار تەڭلا كېلىدۇ. سەن ئۇنىڭ بىرى بىلەن ئۈلپەتلىشىۋاتقاندا، بىلىشىڭ كېرەككى، يەنە بىرى كارىۋىتىڭدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بولىدۇ. راست، سەن خۇددى تارازىدەك، خۇشاللىق بىلەن قايغۇ ئوتتۇرىسىدا ئېسىلىپ تۇرىسەن. سەن بوش - بىكار چاغدا تەڭپۇڭ تۇرىسەن. خەزىنىدار سەندە ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى تارتقاندا، سېنىڭ خۇشاللىقىڭ - قايغۇڭ تەڭلاپەيدا بولىدۇ.   E=`/}2  
بىزگە كىيىم - كېچەك ھەققىدە سۆزلەپ بەرسەڭ، - دېدى بىر توقۇمچى.- سىلەرنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىڭلار نۇرغۇن گۈزەللىكنى يېپىۋالىدۇ، ئەمما رەزىللىكنى يېپىۋالالمايدۇ، - دېدى ئۇ، - سىلەر كىيىم - كېچەك ئىچىدە يوشۇرۇن ئەركىنلىكنى تاپالايسىلەر، شۇنداقلا قوزۇق، بويۇنتۇرۇقمۇ تاپىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قۇياش ۋە شامالنى بەدەن بىلەن ئەمەس، كىيىم بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىڭلارغا ئەپسۇسلىنىمەن. چۈنكى ھاياتنىڭ نەپىسى قۇياشتا، ھاياتنىڭ ئىشەنچى شامالدا. بەزىلەر: «بىزە رەخت توقۇپ كىيىم كىيدۈرگىنى شىمال شامىلى» دەيدۇ، شۇنداق. ئەمما، ئۇنىڭ دەستىگاھى - شەرمەندىلىك. ئۇستىخان ۋە گۆشنى بوش قىلىپ قويىدىغىنى ئۇنىڭ يىپلىرىدۇر. ئۇ ئۆز ئىشىنى تۈگەتكەندە ئورمانلىققا كىرىۋېلىپ كۈلىدۇ، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، خىجىل بولۇش - ناپاك كۆزلەرنى يوشۇرىدىغان قالقاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناپاكلىق تامامەن تۈگىگەن چاغدىمۇ يەنە خىجىل بولۇش - پەقەت يۈرەكتىكى بويۇنتۇرۇق ۋە بوغقۇچ ئەمەسمۇ؟ شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، زېمىن يالىڭاياق پۇتۇڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ياقتۇرىدۇ. شامال چاچلىرىڭلار بىلەن ئويناشنى ئۈمىد قىلىدۇ.   Xg* ](>/\,  
ئەمدى سودا - سېتىق ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ، - دېدى بىر سودىگەر.- زېمىن سىلەرگە مول مېۋە ئاتا قىلدى. ئەگەر سىلەر ئۇنى قانداق قىلىپ يالغۇزلا ئىگىلىۋېلىشنى ئويلىساڭلار ئۇنىڭغا ئېرىشەلمەيسىلەر، - دېدى ئۇ، - زېمىننىڭ سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ - ساتقاندا سىلەردە قانائەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر سودىنى مۇھەببەت ۋە ئادىللىق بىلەن قىلمىساڭلار، بەزىلەر توقلۇقتىن، بەزىلەر ئاچلىقتىن ئۆلىسىلەر. دېڭىزدا، ئېتىزلىقتا ۋە تەكلىكتە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار بازاردا توقۇمىچىلار، كۇلالچىلار ۋە ئەتىرىلەرنى يىققۇچىلار بىلەن ئۇچراشقاندا زېمىن ئىلاھىنىڭ كېلىشىنى تىلەڭلار، ئۇ تارازىنى مۇقەددەسلەشتۈرۈپ، قىممەتنى ئۆلچەپ بېرىدۇ. بىكار تەلەپلەرنى  سودىغا ئارىلاشتۇرماڭلار. ئۇلار ئەمگىكىڭلارغا قۇرۇق گەپ بىلەنلا ئىگە بولۇۋالىدۇ. سىلەر ئۇلارغا: «بىز بىلەن بىرگە ئېتىزغا بار ياكى دېڭىزغا تور تاشلا» دەڭلار. چۈنكى دېڭىز بىلەن زېمىن سىلەرگىمۇ، بىزگىمۇ چەكسىز شەپقەتلىك. ئەگەر ئىسقىرتقۇچىلار، ئۇسسۇلچىلار، ناخشىچىلار كېلىپ قالسا، ئۇلارنىڭ سوۋغاتلىرىنىمۇ سېتىۋېلىڭلار. چۈنكى ئۇلارمۇ ئەتىرىلەرنى يىققۇچىلار. گەرچە ئۇلارنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرى شېرىن چۈشكە تەئەللۇق نەرسىلەر بولسىمۇ، ئەمما سىلەرنىڭ روھىي ئوزۇقلىرىڭلاردۇر. سىلەر بازاردىن كېتىشتىن بۇرۇن قۇرۇق قول قايتقان ئادەملەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى كۆزىتىڭلار. چۈنكى زېمىن ھەر بىر ئادەمنىڭ تەلىپى قانائەتلەنمەستىن بۇرۇن ئۇخلىيالمايدۇ.   @7KG0<]h  
m(0X_& &?z  
جىبران خېلىل جىبراننىڭ دانىشمەن بىگى نامىلىق نەسىرلەر توپلىمىدىن. ]'-y-kqY  

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-22, 23:10
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بۇران - چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت - شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دوچ كەلسىمۇ ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ .
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   158 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   546 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 582
 سائەت
دەرىجىسى:
582 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

چىن ئىتىقاد ۋە ھەقىقي سەمىمىيەت  ھەممىمىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن! eZN"t~\rX  
ئۆزىمىزگە ھەقىقي يۈز كىلەلىگىدەك ياشايلى! l`i97P?/W  
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!!!!!!
دىلمۇرات
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   158 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   546 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 582
 سائەت
دەرىجىسى:
582 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-22

بەك ئېسىل نەسىركەن بۇ!!!!
دىلمۇرات
altun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   90 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10945 (سوم)
 ياخشى باھا:   256 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   345  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 968
 سائەت
دەرىجىسى:
968 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:16

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  owqi555 كە 2011-06-22 23:17ئەۋەتىلدى  : ys9:";X;}  
بەك ئېسىل نەسىركەن بۇ!!!! 4$xVm,n|  
_J1\c~ke"  
مەنمۇ شۇنداق قارايمەن.
ئەركىنلىك ۋە تەرتىپ تارىخنىڭ بۇران - چاپقۇنلىرىغا ۋە دىيانەت - شەپقەتلىرىنىڭ ئالدىمىغا دوچ كەلسىمۇ ، بەرىبىر ھۆر خەلقنىڭ قەلبىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتمەيدۇ .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى