مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       164 
  •    ئىنكاس 
       8 

تەكەببۇرلۇق زۇلۇمدۇر

قەۋەت ئاتلاش
xahzada007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24173

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3972 (سوم)
 ياخشى باھا:   630 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1047  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 233
 سائەت
دەرىجىسى:
233 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
— بۇ تېمىنى alafasy تارىخ بەتلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-06-22) —

تەكەببۇرلۇق زۇلۇمدۇر iG*@(  
ئەسسەلامۇ ئەلەدكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ياشلارغا نەسىھەت ناملىق ھەپتىلىك پروگراممىمىزدا بۈگۈن تەككەبۇرلۇقنىڭ زىيىنى ھەققىدە توختىلىمىز. c4H5[LPF  
 @Tk5 
تەكەببۇرلۇق - ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى پسىخىكى كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى كىشىنىڭ ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن پۈتۈن جەمئىيەتنى ۋەيران ۋە پەرىشان قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا ئىسلام مۇسۇلمانلارنى بۇ ناچار ئىللەتنى تاشلاپ جەمئىيەتنى ئۇنىڭ پالاكېتىدىن ساقلاپ قېلىشقا چاقىرغان. |Rk9 W  
,c }R*\  
تۆۋەندە ظوغۇل - قىز ياشلىرىمىزغا تەكەببۇرلۇقنىڭ قانچىلىك يامان نەرسە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمىز. ئۇمىدىمىز يامان ئاقىۋەتكە ئۇچراپ، ھەسرەت - نادامەت چىكىشتىن ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تۈزىۋېلىشىمىزغا سەۋەب بولۇپ قالغۇسى. a ;@G  
تەكەببۇرلۇق- پۈتكۈل يامان ئەخلاق ۋە ناچار قىلىقلارنىڭ ئەسلى بولۇپ، ئىبلىسنىڭ سۈپىتىدۇر. ئاللاھ تەئالا ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ بارلىق پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرىغاندا، ئىبلىس گەردەنكەشلىكى يۈزىسىدىن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان ئىدى. ئاللاھ تەئالا بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە »ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار« دېدۇق. ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلىدى. ئىبلىس سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى» [سۈرە بەقەرە: 34-ئايەت] ,n )f=q*%  
تەكەببۇرلۇق – جەمئىيەت ئىچىدە بۆلۈنۈش، ئىختىلاپ - نىزالار ۋە دۈشمەنلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بېشىدا كېلىدۇ. ئاللاھ تەئالا بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئۆز ئارا بۆلۈنۈشىدىكى سەۋەبنىڭ تەكەببۇرلۇق ظىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ھەر قاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەبەكەببۇرلۇق قىلدىڭلار، بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىىسم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار.» [سۈرە بەقەرە:87- ئايەتنىڭ بىر قىسمى] }_,1i3Rip  
Z|l/6L8  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ئۆزىنى ناھايىتى مۇكەممەل كۆرۈپ، ئۈستۈن تۇتىدۇ؛ باشقىلارغا كەمچىلىك نەزىرى بىلەن قاراپ كەمسىتىدۇ ۋە كۆزىگە ئىلمەيدۇ. ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلەر مانا مۇشۇ باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرۈشتىن كېلىپ چىقىدۇ. تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىبرەتلىك ۋەقەلەردىن ۋە ھادىسىلەردىن دەرس ئالمايدۇ، ئۇنىڭغا نەسىھەت پايدا بەرمەيدۇ. ئاللاھ تەئالا تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئىبرەت ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە باشقا كائىناتتىكى ئالامەتلەر) نى پەھىم قىلدۇرمايمەن (يەنى چۈشىنىش ئىقتىدارى بەرمەيمەن)» [سۈرە ئەئراف: 146-ئايەتنىڭ بىر قىسمى] ).IB{+  
p@`]9tLP(K  
R1A|g =kF  
<<#j?%  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى: bm`x;M^M  
c_p7vvI&c0  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنىڭ جازاسى كۆپۈنچە مۇشۇ دۇنيادا بېرىلىدۇ، ئاللاھ تەئالا ئۇلارنى تەكەببۇرلۇقى يۈزىسىدىن خور كۆرگەن ئىنسانلارغا موھتاج قىلىش ئارقىلىق جازالايدۇ. بۇ كۈنلۈك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر ھادىسە. كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغىلى ئەيمىنىدىغان نى نى بايلار، ئەمەلدارلار، بىر كۈن كېلىدۇ يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، خار زەبۇن ھالەتتە، بىر زامانلار سالام قىلغىلى ژىركىنىدىغان بىچارىلەرنىڭ ياردەم قولىنى ئۇزىتىشىغا موھتاج بولۇپ قالىدۇ. بۇ دۇنيادا تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلار قىيامەت كۈنى خەلقى ئالەمنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدا يەنجىلىدۇ. ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: »زالىملار بىلەن تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار قىيامەت كۈنى كىشىلەر ئاياغلىرى بىلەن دەسسەپ ماڭىدىغان زەررە شەكلىدە ھەشر قىلىدۇ.« qpjG_G5/  
ئىسلام باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىگەنلىكتىن يۈزىنى قايرىپ مېڭىشنى ھارام قىلدى. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەردىن مەنسىتمەسلىك بىلەن يۈز ئۆرىمىگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھاكاۋۇر، ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.» [سۈرە لۇقمان 18ـ ئايەت]  AW[_k%  
Wra$  
^}VAH#c  
[9c|!w^F  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ: j2dptM3t{  
|:[ [w&R  
تەكەببۇرلۇق قىلىپ باشقىلارنى ياراتماسلىق ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى يامان كۆرۈلىدىغان ئىش بولغاچقا، تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەننەتكە كىرمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «قەلبىدە بىر تېرىقچىلىك تەكەببۇرلۇق بولغان كىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ.« cUB+fH 
BNj@~uC{  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ. چۈنكى تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى باشقىلارنى ياراتماي كەمسىتىدۇ؛ كىشىلەرگە قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ؛ زوراۋانلىق قىلىپ كىشىلەرنىڭ ھەققىنى بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلارنى ئىنسانلار يامان كۆرىدۇ؛ ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن قاچىدۇ. نەتىجىدە تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى جەمئىيەتتە چەتكە قېقىلىپ، ئۆزى يالغۇز قالىدۇ. تەكەببۇرلۇق مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس. مۇسۇلمان كىشىنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى كۆزگە ئىلمەسلىكى، ئۇلارنى كەمسىتىشى، ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىشى راۋا ئەمەس. ئەگەر بىر مۇسۇلمان تەكەببۇرلۇقنى تاشلىمايدىكەن، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى پىر ئەۋن، ھامان ۋە شۇلارغا ئوخشاش مۇتەكەببىر زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتىدۇ. مۇتەكەببىر ئوقۇغۇچى بىلمىگەننى سورىمايدۇ ۋە بىلگەنلەرگە ھەسەت قىلىدۇ. مۇتەكەببىر سودىگەر قوپاللىق قىلىپ خىرىدارنى قاچۇرىدۇ. مۇتەكەببىر باشلىق قول ئاستىدىكىلەرگە زۇلۇم قىلىدۇ. مۇتەكەببىر بالا ئاتا - ئانىسىغا بويۇنتاۋلىق قىلىپ، قارغىش قېپى بولىدۇ. مۇتەكەببىر ئالىم كىشىلەرگە ھەقنى ئۆگەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇ چالا موللا بولۇپ قالسا، بىلمىگەن مەسىلىلەرنى بىلمەيمەن دېيىشكە بوينى بارماي خاتا پەتىۋا بېرىپ كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. كاپىرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلماسلىقتىكى ئامىللارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە بىرىنچىسى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىدۇر. مەككەنىڭ چوڭلىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە كېلىپ سېنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىڭنى تونۇپ يەتتۇق، لېكىن ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمان بولساق، ئاشۇ يالاڭتۆشلەر بىلەن بىللە ئولتۇرىدىكەنمىز. بىز شەرەپلىك كىشىلەر ئاۋۇ قۇللار ۋە نامرات يالاڭتۆشلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمايمىز، شۇڭلاشقا سەن ئەگەر ئۇلارنى يېنىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ بىز ساڭا ئىمان كەلتۈرىمىز دېگەندە ئاللاھ تەئالا مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلغان: «ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن.» [سۈرە ئەنئام:52ـ ئايەت] =PQMd  
تەكەببۇرلۇق قىلغۇچىلار، تەكەببۇرلۇق قىلىشقا سەۋەب بولغان مال - مۈلۈك، مەنسەپ - ھوقۇق، ئىش، مەرتىۋە، ئېسىل نەسەپ، ھۆسنى جامال ۋە باشقا بارلىق ئالاھىدلىكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمىتى بولغانلىقىنى، ئاللاھ خالىغان چاغدا ئۇ نېمەتلەرنى تارتىپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇغان كىشىلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا مۇتەكەببىرلەرنى قاتتىق ئازاپ بىلەن ئاگاھلاندۇرغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە دوزاخ ئەھلىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇلار مۇئامىلىسى قوپال ئادەملەر، ھاكاۋۇرلار ۋە مۇتەكەببىرلەردۇر.« cT&!_g#g  
&xgKHbg  
يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «ئۈچ خىل كىشى بار، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ، ئۇلارنى(گۇناھىدىن) پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلارغا (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارغا قاتتىق ئازاب باردۇر. ئۇلار: زىناخور قېرى، يالغانچى پادىشاھ ۋە مۇتەكەببىر نامراتتۇر.« gL/D| =  
}HLs.k4-;  
zxD~W"R:s  
dm:2:A8^  
ئىسلام تەكەببۇرلۇقنى مەنئى قىلىدۇ: 3<"!h1x5  
x 8_nLZ  
ئىسلام دىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى، ئەقلىنى ۋە بەدەنلىرىنى مانا مۇشۇنداق ھەم ئۆزىگە ھەم جەمئىيىتىگە زىيانلىق بولغان، ئىگىسىنى ھەم بۇ دۇنيادا ھەم ئاخىرەتتە ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىدىغان يامان ئىللەت ۋە ناچار قىلىقلاردىن پاكلاپ، گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن بىزەش ئۈچۈن كەلگەندۇر. بۇ ھەقىقەتنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مەن پەقەت گۈزەل ئەخلاقلارنى تولۇقلاش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن« دېگەن سۆزى بىلەن ئوچۇق بايان قىلىدۇ. ey/=\@[p  
تەكەببۇرلۇق دېگەن بۇ يامان ئىللەتتىن پاكلىنىشنىڭ يولى كەمتەر بولۇشتۇر. كەمتەرلىك كىشىلەرگە مەھبۇب بىر خىسلەتتۇر. گۈزەل ئەخلاقلىق ۋە كەمتەر بولغان كىشى ھەمراھلىرىنىڭ قەلبىدە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئۈچۈن كەمتەر بولغان كىشىنى ئاللاھ كۆتۈرىدۇ«دېگەن. تەكەببۇرلۇقتىن پاكلىنىشنىڭ يوللىرىدىن يەنە بىرى ئىنسان ئۆز ئەسلىنى بىلىشتۇر. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئەرزىمەس بىر سۇدىن يارىتىلغانلىقىنى ئېسىگە ئالغان ئىنسان ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ھېچ بىر خۇسۇسىيىتى يوقلىقىنى بىلىدۇ ۋە كۆڭلىدىكى تەكەببۇرلۇق تۇيغۇسى ئاستا يوقىلىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتتە ئىنسانلارنىڭ باشلانغۇچىنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى، ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئەسلىتىدۇ. «ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن. ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى. ئۇ مەنى ئومۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ.» [تارىق سۈرىسى:5-7ـ ئايەتلەر] شۇنىڭدەك قول، پۇت، كۆز، قۇلاق ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرى بولغانلىقىنى ئويلىغان، ئاللاھ تەئالانىڭ قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىز ۋە قۇدرىتىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان كىشىنىڭ قەلبىدە بۇ سانسىز نېمەتلەرنى بەرگەن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىغا قارشى تەكەببۇرلۇق قىلىشنى تاشلاپ، ئاللاھنىڭ كەمتەر قۇللىرىدىن بىرى بولىدۇ. K'@lXA:  
Cx[Cst `  
دېمەك، تەكەببۇرلۇق، يوغانچىلىق ۋە گەردەنكەشلىك ئىنتايىن يامان ۋە ناچار ئىللەت بولۇپ مۇسۇلمانغا قەتئىي راۋا كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن بىلىشىمىز كېرەككى تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى مۇسۇلمان خۇددى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەزرىتى ئەبۇزەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا دېگىنىدەك «جاھىلىيەت قىلىقىنى» تاشلىمىغان كاپىرلارنىڭ سۈپىتىنى كۆتۈرىۋالغان كىشىدۇر. ئەگەر بىز ھەقىقىي مۇسۇلمان بولىدىكەنمىز بۇنداق يامان ئىللەتتىن دەرھال ئۆزىمىزنى پاكلىشىمىز، ئاللاھ تەئالاغا تەۋبە قىلىپ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمىزنى تۈزىتىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈردۇر. tbm/gOBw  
ئى ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى تەكەببۇرلۇق قىلىپ سېنىڭ ئەمرىڭگە، پەيغەمبىرىڭنىڭ تەلىماتلىرىغا خىلاپلىق قىلىشتىن، سېنىڭ بەندىلىرىڭنى كۆزگە ئىلمەي كەمسىتىشتىن پاكلىغىن. بىزگە يامان ئىللەت ۋە ناچار قىلىقلارنى تاشلاپ، سەن ۋە پەيغەمبىرىڭ ئۆگەتكەن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىشنى نەسىپ قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا سېغىنىپ گۇناھلىرىمىزنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمىز. بىزگە رەھمەت قىلىپ گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن.  بالىلىرىمىزغا ئىنساپ تەۋپىق ئاتا قىلغىن. ئامىين يا رەببەلئالەمىين. q L-Ni  
h(4&!x  
تەييارلىغۇچى: نۇرىلەم ياسىن t}X+P`Ovq  

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-22, 23:00
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ۋاختى پىشىپ يەتمىگەن ئش زۇرلىساڭ مۇ بۇلمايدۇ ۋاختى پىشىپ يەتسە ئۇنىڭ ساڭا قاراپ تۇرمايدۇ؟؟؟؟
tarhamak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   523 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (سوم)
 ياخشى باھا:   205 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   318  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3119
 سائەت
دەرىجىسى:
3119 سائەت 121 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:20

  بەزىبىر ئىجتىمائى تەربىيەلەر كىشىلەرنى تەكەببۇرقىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ ... q o!6 )Z  
  مۇنبەرنىڭ مۇشۇنداق ئىسىل تىمىلار بىلەن بىزىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...
gheril
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36569

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   339 (سوم)
 ياخشى باھا:   2 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 161
 سائەت
دەرىجىسى:
161 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:41

  ياخشى تېمىكەن، ئەپسۇس مۇشۇنداق تېمىلارنى   كۆرىدىغانلار يوق دىيەرلىك بىزدە. شۇنىڭدىن قارىغاندا كالىنىڭ مۇڭگۇزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىقىراپ كىتىپتۇ- دە بىزدە.
قىلغان ئىشىڭدىن ئۆكۇنمە
koznak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40676

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   502 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 45
 سائەت
دەرىجىسى:
45 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-14
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:20

مەن ئەڭ قاتتىق مۇتەكەببىرلەردىن بولۇشنى خالايمەن . ھەر قانداق شەيئىلەرنىڭ توغرا - خاتاسى بولىدۇ . ئاللاھ ھارام دىگەننى قىلماسلىق ۋە قېچىش بىلەن ، پاسىقلار نادانلىقلىرىدىن بىلمەي ياخشى كۆرگىنىنى ۋە تەۋسىيە قىلغانلىرىنى ، يامانلىرىنى ، باتىللىرىنى تەۋسىيە قىلسا ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋە قىلماسلىقلار بىلەن ئۆز ئېتىقادىمنى ، ئىمانىمنى ساغلام تۇتۇش ئۈچۈن شۇنىڭدەك تەكەببۇرلۇق قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن . mt]50}eK  
ئىنساندا شۇنىڭدەك كىبىرلىك خۇسۇسىيەتلىرى تەبىئى بولىدۇ . ئۇنى ھەر خىل شەيئىلەر ئارقىلىق قاندۇرمىقى لازىيمدۇر ! ‹‹ كاپىرلار يامان سۈپەتلەرگە ئىگە ، ئاللاھ بولسا ئەڭ گۈزەل خىسلەتلەرگە ئىگە ›› دىگەنكى ئاللاھنىڭ بۇ خىل قانۇنىدىن ، يەكۈنىدىن تۇلۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك ۋە شۇ خىل  ھەق ئىلىملەرنى پىكىر قىلىپ  تۇنىشىمىز كېرەك ! :~LOw}N!aQ  
ياخشى خىسلەتكە ئىگە كىشىلەر ‹‹ ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ، پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىغا ئىشىنىدۇ ، مۆئمىنلەرگە پايدىلىق بولغان ئىلىملەرنىڭ ھەقىقىتىگە ، كىتاب بىرىلگەن كىشىلەردىكى ھەقىقەت ئىلىملەرگە ئىشىنىدۇ ›› a8cX {6  
مەن ھىچ كىشىدىن ئىلىم تەلەپ قىلمايمەن . مانا بۇ مەندىكى ئەڭ چوڭ كىبىر . چۈنكى مىنىڭ پەرۋەردىگارىم بار . مەبۇدىم بار .  ئاللاھنىڭ بۇ خىل سۈپىتىگە ئىمان ئېيتقۇچى كىشىلەر ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار ، كۈنگىمۇ سەجدە قىلماڭلار . پەقەت پەرۋەردىگارىڭلار بولغان ئاللاھقىلا سەجدە قىلىڭلار ! y2:Bv2}  
پەقەت شۇنىڭدەك ، چالا مۇللا ، ھاماقەتلىكى ، نادانلىقى چالا بۇغۇزلىنىپ قالغانلارلا ، شەيئىلەرنى توغرا چۈشەنمىگەنلىكتىن ، توغرا تۇنىمىغانلىقتىن جەمىيەتتە ھەقسىز رەۋىشتە پىتنە قىلىشىدۇ . Dy^A??A[E}  
ئۇلار ئۆزلىرىچە كىشىلەرگە كۈيۈنگەندەك . ئەمما بۇ چوڭ پىتنە ! ئىنسان كۆز ، قۇلاق ، دىللار ئۈستىدە سوراق قىلىنىدۇ . ئى ئىنسان ! سەن ئۇنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىنى كۆرگەنمىدىڭ ؟ شۇنىڭدەك خىسلەتلىك كىشىلەردىن ئۇ توغرىسىدا توغرا رەۋىشتە ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئاڭلىغانمىدىڭ ؟ ئاللاھ ساڭا ئىلىم ، ھىدايەت بىرىپ دىلىڭدا ئىلھاملانغانمىدىڭ ؟ [5wU0~>'  
تولىمۇ ئەپسۇس ؟كىشىلەرگە جەننەت تولىمۇ يېقىن . ئەمما ئىنسان ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىش بىلەن دوزىخىيلەردىن بولىدۇ . QR(j7>+J^  
‹‹ بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە ، ئۇقماستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قۇيۇشتىن ئىلگىرى ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار ، ئۆزەڭلەرنىڭ ئىش ئۈستىدىكى كىشىلىرىڭلاردىن سوراڭلار ›› دىگەنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئۆگەتكىنى ، تەلىمى بىلەن ھەر ۋاقىت كاللىمىزنى سىلكىشىمىزگە توغرا كېلىدۇكى ، جەمىيەتتە شۇنىڭدەك پىتنىخورلار ، دىينۋازلىق قىلىپ قارشى تەرەپتىكىلەرئىچىدىكى يامانلارنى كۈرۈپلا ھەممىۋاسىنى تىللاپ - غاجاپ ، بىر قەۋمنىڭ ھەممىنى پوق يەيدىغانلار قاتارىغا سېلىۋاتقانلىقتىن ، ئۇنىڭ قارغۇلارچە ئەگەشكۈچى ھاماقەتلەرنىڭ جەمىيەتتە ‹‹ ئەھۋال شۇنىڭدەك ئوخشايدۇ ›› دەپ چۈشىنىپ قېلىش بىلەن ھەدىسە ئىككى قەۋمنىڭ شۇنىڭدەك ئىتلىرى بىر - بىرلىرى بىلەن قاۋىشىپ ياخشىلارغا كۈن بەرمەيدۇ . شۇنىڭدەك يۇرتۋازچى ، مەھەللە بىلەن يەنە بىر مەھەللىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇش - تالاشلاردا پىتنە - پاساتچى كىشىلەر دىينغا مۇلاقات بولىنىۋىدى ، ئەمدى بۇ يەردە تازا بىر پۇخادىن چىقىۋالماقچى . چۈنكى كىمنىلا تىللىسا بولىۋىرىدۇ ئەمەسمۇ ! توردا تىللايدۇ . نىمىلا دىسە بۇ يەردە قانۇن يوق ئەمەسمۇ ؟ $x;(C[  
جەمىيەت شۇنىڭدەك ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى بىلمەيدىغان چالا موللا ، سېرىق تۈكلەرنىڭ قاپلاپ كېتىشلىرى بىلەن بىر بۆلۈك ھالالغا يەنە بىر بۆلۈك ھارامنى تىقىپ تەۋسىيە قىلىش ، بىر بۆلۈك ھارامغا يەنە بىر بۆلۈك ھالالنى تىقىپ تەشۋىق قىلىش بىلەن ئىچكى زىدىيەتنى ئۇلغايتىۋەتتى . ئەمدى بولغاندا بۇ خىل زىدىيەتنى پەقەت چوڭ بېسىم ئىچىدە قىلىنىدىغان قاتتىق بىر ئاۋاز ، زىلزىلە قىلىش ئارقىلىق تۈزەشلا قالدى ! j38>5DM6L  
ئەمدى بۈگۈن شۇنىڭدەك سۆلەتۋازلارغا پىكىر قىلىشنى خالىمايدىغانلارغا ھەقنى بايان قىلىپ قۇبۇل قىلالامدۇ ياكى قىلمامدۇ ؟ كۆتىرەلەمدۇ ياكى تاشلامدۇ ، مەجبۇرى دەسسەپ - دەۋەيلەپلا يەتكۈزمەكتىن باشقا يول قالمىدى ! ~5 e 1&  
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا يەھۇدىيلارغا دىيننى ، ھەقنى ئېلىپ كەلدى . ئەمما ئۇلار ئېلىشتىن باش تارتتى . پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ قۇيۇش بىلەنلا مەجبۇرلىغاندەك ، بۈگۈنكى شۇنىڭدەك ‹‹ بىز ئالىم ، بىز ئاللاھنىڭ دوستلىرى ، بىز ئىنسانلارنىڭ ئۈلگىسى ›› دەپ جۆيلۈيدىغان شەكىلۋازلارغا ھەم قۇرئاننىڭ ھەقىقىي بايانى ، دىيننىڭ ، قۇرئاننىڭ ، ئىسلامنىڭ ئەسلى تۈزۈلىشىنى بايان قىلماقتىن ، ئۈستىللىرىگە تىكلەپ قويماقتىن باشقا يول قالمىدى . ?7Skk  
ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھدىن مەدەت تىلەڭلەر ! ئاللاھنىڭ توغرا ، ھەقىقىتىنى بىرىشىنى تىلەڭلەر ، قايتا - قايتا دۇئا قىلىڭلار ! ئۇ كۈن بەكلا يامان . (tz fyZ M  
Q0(3ps~H  
كۆزنەك .
مۇئەللىم بىردۇر ، ئۇ ئاللاھدۇر . يىتەكچى بىردۇر ، ئۇ قۇرئاندۇر .
xahzada007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24173

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3972 (سوم)
 ياخشى باھا:   630 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1047  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 233
 سائەت
دەرىجىسى:
233 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:09

تەكببۇرلۇق قىلىدىغان كىشىلەر نىمىسىگە ئاشۇنداق قىلىدىغاندۇ ؟ئۇلارنىڭ پۇل-ماللىرى ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف نىڭ پۇل -مېلىنىڭ ئالدىداسېرىق سىنىتنىڭ پۇچۇقىچىلىكمۇ ئەمەس . ئۇلارنىڭ يۈز ئابرويى مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى ئۈمەرۇلپارۇقنىڭ يۈز -ئابرويى ،ھۇقۇقى ئالدىدا چىۋىننىڭ قانىتىچىلىكمۇ ئەمەس. ئاشۇلار ھازىر نەدە ؟ ئۇلارنىڭ ھايات كارتىنىسىغا قاراپ باقىدىغان بولساق ئۇلارنىڭ ئۈزىنى قانچىلىك تۈۋەن تۇتىدىغانلىقىنى ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى قانچىلىك ئاۋايلايدىغانلىقىنى كۈرۈۋالىمىز. لېكىن بۇلار ئۇنى كۆرمەمدىغاندۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟!
ۋاختى پىشىپ يەتمىگەن ئش زۇرلىساڭ مۇ بۇلمايدۇ ۋاختى پىشىپ يەتسە ئۇنىڭ ساڭا قاراپ تۇرمايدۇ؟؟؟؟
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1105 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6458 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1657
 سائەت
دەرىجىسى:
1657 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:27

تەكەببۇرلۇق ئىنسان ھاياتىنى ىۇرتىدىغان قۇرۇت.
nur-luk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7688

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   675 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16528 (سوم)
 ياخشى باھا:   206 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   277  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1077
 سائەت
دەرىجىسى:
1077 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:47

تەكەببۇرلۇق اللەنىڭ سۈپىتى.كىمكى ئۇنى اللەتىن تالىشىدىكەن اللە ئۇنى خار قىلىدۇ. ' 1aU0<  
ھەرقانداق گۇناھنىڭ جازاسى ئۇنىڭ ئەكسى بىلەن بولىدۇ تەكەببۇرلۇقنىڭ جازاسى خارلىقتۇر.
zumrettash

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14907

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   2455 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17307 (سوم)
 ياخشى باھا:   235 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   344  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4922
 سائەت
دەرىجىسى:
4922 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:59

ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز،ھەممەيلەن ئاللا بەرگەنگە شۈكرى قىلىپ،بېرىمىزغا قانائەت قىلىپ،خەقتىن ئارتۇقىغا ئۆزىمىزنى چوڭ تۇتمايلى،تەكەببۇر بولمايلى،ئەسكەرتىش بولدى بۇ تېمىڭىز ماڭا،باشقىلارغىمۇ شۇنداق بولغۇسى .
مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
مەخرۇزە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31141

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   134 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2304 (سوم)
 ياخشى باھا:   121 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   113  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 696
 سائەت
دەرىجىسى:
696 سائەت 74 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:31

بۇ تىمىڭىز تولىمۇ ،تولىمۇ ياخشى يوللىنىپتۇ ،شۇنچىلىك خوش بولدۇم .ئارىمىزدىكى تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئۆزىنى بىلەلمەيۋاتقان ،مېنىڭ بىشىمغا كىلەرمۇ دىگەننى ئويلىمايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن چوڭ ئىبرەت...........
قەلبىم سۆزلەپ تۇرىدىكەن ،ئۆزۈم زادىلا جىم تۇرالمايمەن .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى