بۇ مۇھەببەت ئەمەس ئۆتكۈنچى ھىسيات s7afj t
DuNindo8
(پوۋېست)
NT0n[o^ 1
+ %v1X&_\ ساۋۇت ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە كىلىپلا ئادىتى بويىچە تېلېۋىزورنى ئاچتى،ئۇ كۈندە بىرىۋاتقان ئىككى قىسىم تېلېۋىزىيە فىلىمىنى كۆرگەچ تامىقىنى يەپ بولۇپ كومپىيوتىرئالدىغا كىلىپ QQ رىنى ئىچىپ قويۇپ توربەتلەرنى ئارلاپ بۈگۈنكى يىڭى خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى.شۇ ئەسنادا QQ رىغا ئۇچۇر كەلدى.ئىچىپ قارىۋىدى بىرسىنىڭ قېتىلىشقا يوللىغان ئىلتىماسى ئىچىلدى،ئاۋال ئۇ تورداشنىڭ ماتىريالىنى ئىچىپ كۆردى.ئىسمى:ئالىيە،يىشى ئۆزى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيتتى ھەم بىر ۋىلايەتتىن ئىدى.ساۋۇت ئۇنى قوشۇۋېلىپ كۆرۋاتقان ماتىرىيالنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە باشلىدى.ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئالىيەدىن ئۇچۇر كەلدى،سالاملىشىپ قىسقىغىنا تونۇشۇشتىن كېيىن ئالىيىنىڭ دەل ئۆزى بىلەن بىر ناھيىدىن ئىكەنلىگىنى،بىر دۆلەت ئىگىلىگىلىكىدىكى كارخاندا ئىشلەيدىغلنلىقىنى بىلدى. ئالىيە ئۆزىنىڭ بەكلا ئالدىراشلىقىنى پۇرسەت چىقسىلا كىيىن پاراڭلىشىدىغانلىغىنى دەپ خوشلۇشۇپ توردىن چۇشۇپ كەتتى.
T60pw ساۋۇتنىڭ خىزمىتى بەكلا ئارسال بولۇپ خىزمەت ۋاختىدىمۇ ئىشخانىسىدىن تورغا چىقىش شارايىتى بولغاچقا ئادەتتە بىكار ۋاقتى توردىلا ئۆتەتتى.ئۇ تورغا چىقۋاتقان 5 يىل جەريانىدا نۇرغۇن تورداشلار بىلەن تونۇشتى،بەزى تورداشلىرىنىڭ تور ھاياتىدىن ئالغان بەزىبىر ئاچچىق ساۋاقلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئۆز بىشىدىنمۇ خىلى كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزدى.تورغا چىقۋاتقانلارمۇ جەمىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلاملىدىن كەلگەن بولغاچقا ھەمىسىنىڭ ئەخلاق-پەزىليىتى،دۇنيا قارىشى،جەمىيەت ۋە تۇرمۇشقا تۇتقان پوزۇتسىيىسىدە نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلا بار ئىدى.ساۋۇت دەسلەپتە تورغا چىقاندا QQ دىگەن نەرسىنى قىلچە بىلمەيتتى،ئادەتتە تور بەتلەردىن خەۋر، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىن ھەرخىل تىمىدىكى مۇنازىر تىمىلىرنى كۆرەتتى،ناخشا ئاڭلايتتى،كىنو كۆرەتتى.شۇ ئارلىقتا باشقا ئىشخاندىن بىر خىزمەتدىشى كىرىپ ئۇنىڭ كومپىيوتىرنى بىردەم ئىشلىتىپ تۇرۇشنى ئۆتۈندى.ساۋۇت خىزمەتدىشىغا ئورنىنى بوشۇتۇپ بىرىپ ئۆزى ياندا قاراپ تۇردى.خىزمەتدىشى كومپىيوتىر يۇمشاق دىتاللىرىنى تەكشۈرۈپ،-كومپىيوتىرىڭىزغا QQ دىتالى قاچىلاغلىق ئەمەسمۇ-دوپ سورىدى.ساۋۇت خىزمەتدىشىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىغىنى دەمالىققا ئاڭقىرالماي سوئال نەزىردە تىكىلدى.خىزمەتدىشى توردىن بىر دىتالنى چۈشۈرۇپ كومپىيوتىرغا قاچىلىدى،ئاندىن نومۇر ۋە مەخپى شىپىر بىلەن ئۇ دىتالنى قوزغاتتى، توردا باشقىلار بىلەن خەت ئارقىلىق پاراڭلىشىشقا باشلىدى.ساۋۇت خىزمەتدىشىدىن بۇنىڭ قانداق نەرسىلىگىنى نىمىگە ئىشلىتىدىغانلىغىنى سورىۋىدى،خىزمەتدىشى ئەجەپلەنگەن قىياپەتتە،-سىز تىخىچە بۇ نەرسىنى ئىشلىتىشنى بىلمەمسىز-دەپ سورىدى.ساۋۇت ئەمدى كۆرگەنلىگىنى ئۇنىڭدىن ئۆزىگىمۇ بۇ دىتالنى ئىشلىتىشنى ئۈگۈتۈپ قويۇشنى ئۆتۈندى.شۇنداق قىلىپ خىزمەتدىشى ساۋۇتقا بىر QQ نومۇرى ئىلتىماس قىلىپ ئۇنىڭغا باشقىلارنى قانداق قوشۇۋىلىش،قانداق پاراڭلىشىش ۋە بۇ دىتالنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىگلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدى.
QyxUK}6mr ساۋۇت شۇندىن باشلاپ كومپىيوتىرنى ئاچسىلا ئاۋال QQ نى قوزغۇتۇپ ئاندىن باشقا ئىشلىرىنى قىلاتتى.ئارسال قالغان ۋاقىتلىرىدا بولسا باشقا تورداشلارنى قوشۇپ تونۇشاتتى،پاراڭلىشىپ پىكىر ئالماشتۇراتتى.نىمىشقىكىن ئۇ ئەرلەرنى قوشۇشقا ئىلتىماس قىلسا قارشى تەرەپ رەت قىلاتتى ۋە ياكى قوشۇلسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئانچە ئۇزۇن پاراڭلاشمايتتى.لىكىن ئاياللارنى قوشۇشقا ئۇچۇر يوللۇسىلا قارشى تەرەپ ئاسانلا قوشۇلاتتى ياكى ئۇلار ساۋۇتنى ئۆزلىرى ئىزدەپ قوشۇۋالاتتى.ساۋۇت بەكلا سەمىمى بولغاچقا تورداشلىرىغا پەقەت يالغان سۆزلىمەيتتى.ئۇ تورغا چىقسىلا ئاۋال توردا بار بولغان تورداشلىرىغا سالام قىلاتتى.شۇنداق قىلىپ ساۋۇتنىڭ تورداشلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.ئاز بىرقىسىملىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچە تورداشلىرى ئۇنىڭغا ئەدەپ بىلەن سەمىمى مۇئامىلە قىلاتتى.شۇ جەرياندا ئۇ تورغا چىقىش ئىمكانىتى بولغان باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان يىقىن دوسلىرىنى،بىرگە ئوقۇغان ساقداشلىرىنى QQ رىغا قوشۇپ ئالاقىلىشىپ ئەھۋاللىشىپ تۇردىغان بولدى.
IgG[Pr'D ساۋۇت توردىكى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مەۋھۇم دۇنياغا ئانچە قىزىقماس بوپ قالغان ئىدى. خىلى بۇرۇنلا ئۆزلكىدىن باشقىلارنى ئىزدەپ قوشمايدىغان،قوشالغانلارغىمۇ ئانچە ئىتبار قىلمايدىغان،باشقىلار ئۇچۇر قىلمىسا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلپ يۈرىيدىغان بولدى.چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن تورداشلار ئارا تەكرار-تەكرار ئەھۋال سوراش،بىر-بىرنىڭ نىمىش قىلۋاتقانلىغىنى، بۇنىڭدىن كىيىن نىمىش قىلىدىغانلىغىنى سوراش ۋە قىلۋاتقان ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش،سالامەتلىگىنى ئاسراش توغۇرسىدا سۆزلىشىشتىن باشقا ئىش بولمايتتى،ئۇنىڭدىن ئىچكىرلەپ پاراڭلاشسا بىھۇدە ۋاقىت ۋە ھىسيات ئىسراپچىلىقى بولاتتى.ساۋۇت QQ نى ھازىر پەقەت ساۋاقداشلىرى،دوسلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا ۋە بىرقانچە QQ توپدىكى يىڭى ئۇچۇر بىلەن تەمىنىلىگۈچى تورداشلىرىنىڭ،تۇرلۇك تور بەتلەردىكى يىڭى خەۋەر،يىڭى مۇنازىرە تىمىلىرىدىن پايدىلىنىشقا ئىشلىتەتتى.بەزىدە ئىچى پۇشقاندا QQ دا شەخمەت،قەرىت ئويناپ ۋاختىنى ئۆتكۈزەتتى.
Z-Qp9G'
توساتتىن ئالىيەنىڭ قوشۇلىشى ھەم ئۇنىڭ بىر ناھيىدىن بولۇپ چىقىشى ئۇنىڭدا باشقىچە ئوي پىكىر پەيدا قىلۋاتاتتى.بۇرۇن ساۋۇت بىرقانچە قىتىم ئۆز ناھىسىدىن چىققان تورداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ بىرقىسمىنىڭ ئۆزىنى بۇنداق ئىنچىكە تۇنۇشتۇرمىغىنىنى،تونۇشتۇرغان تەقدىردىمۇ ساۋۇتنىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىر يەردىن ئىكەنلىگىنى بىلگەندە بولسا ئۈن-تىنسىزلا يوقاپ كەتكەنلىگىنى بىلەتتى.لىكىن بۇنىڭ نىمە سەۋەپلىگىنى ساۋۇت پەقەت بىلەلمەيتتى.ئەمدى ئالىيەمۇ شۇلاردەك قىلارمۇ؟لىكىن ساۋۇت ئالىيەگە تىخى ئۆزىنىڭ نەدىن،نىمىش قىلىدىغانلىغىنى دىمىگەن ئىدى.
%`yfi+e ئارىدىن بىرھەپتى ئۆتتى،ساۋۇت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتاتتى،توساتتىن ئىشخانىغا ئىش بىجىرىش ئۈچۈن بىرقانچە شىركەتتىن ئادەم كەلدى،ساۋۇت ئۇلارنى تونۇيتتى،ئۇلارنىڭ ئىشىنى بىجىرىپ يولغا سالغاندىن كىيىن تۇرۇپلا بىر ئىش ئىسىگە كەلدى.ئەگەر ئالىيە خىزمەت ئورنىنى توغرا دىگەن ھەم QQ دىكى ئىسمى راسلا ئۆزىنىڭ ئىسمى بولسا بايا كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرسى دەل ئۇنىڭ يولدىشى ئىدى.ساۋۇتنىڭ كۆز ئالدىدا ئىختىيارسىز بۇنىڭدىن 6يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
_ \6v@ شۇ چاغدا 4 ئىدارىدىن تەركىپ تاپقان خىزمەت گۇرۇپىسى يىزىلارغا چۈشۈپ نامرات دىھقان ئامىسىغا ماددى ياردەم بىرىش خىزمىتىنى ئىشلەشكە باشلىغان بولۇپ،ساۋۇتمى شۇ گۇرۇپپىدا ئىدى.بۇ خىزمەتنىڭ بەزى رەسمىيەتلىرى دەل ئالىيە ئىشلەۋاتقان شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.شۇڭا ساۋۇت ھەپتىدە بىر قىتىم ئۇ شىركەتكە بىرىپ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرەتتى.تۇنجى قىتىم بارغاندا شىركەت مۇلازىمەت زالىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆچرەت بىلەن ئۆز ئىشلىرىنى قىلۋاتاتتى،بۇ زالدا جەمئىي 4 پۇكەي بولۇپ خىزمەت فورمىسى كەيگەن شىركەت خادىملىرى ئالدىراش ئىش بىجىرۋاتاتتى.ساۋۇتمۇ ئادەم ئازراق بىر قاتاردا ئۆچرەتتە تۇرۇپ نوۋەت كۈتۈشكە باشلىدى.نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە پۇكەي ئىچىدىكى شىركەت خىزمەتچىسى قىز تەبەسسۇم بەلەن نىمە ئىشىڭىز بار دىگەندەك ئۇنىڭغا قارىدى.ساۋۇت قولىدىكى بىجىرمەكچى بولغان ماتىرياللارنى ئۇنىڭغا ئۇزۇتۇپ بىرىپ، ئۇ قىزنىڭ مەشغۇلاتىغا تەپسىلى سەپسىلىشقا باشلىدى،ئۇ قىزنىڭ ھەركەتلىرى شۇنچىلىك سىلىق ھەم چاققان ئىدى.قىرقىما چاچلىرى ئۆزىگە بەكمۇ ياراشقان،چىرايى سۈزۈك،كۆزلىرىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى،قارىغان ئادەمگە ئىللىق تەسىر بىرەتتى.ئاخىرى ئىشلىرىنى بىجىرىپ بولۇپ ماتىرياللىرىنى شىركەتنىڭ قەغەز سومكىسىغا سىلىپ ساۋۇتقا ئۇزۇتۇپ بەردى،ساۋۇت،-رەخمەت سىزنى كوپ ئاۋارە قىلدىم-دەپ خوشلۇشۇپ مۇلازىمەت زالىدىن ئايرىلدى.شۇنداق قىلىپ بۇ خىزمەت 4 ئاي داۋام قىلدى،شۇ جەرياندا ساۋۇت ھەپتىدە بىر قىتىم ئۇ قىز بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۇچۇرشۇپ تۇردى.ئۇ قىز دەل ئالىيە ئىدى،ئۇلار پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى ئارقىلىقلا كۆرۈشكەن بولغاچقا ئىھتىمال ئالىيە ساۋۇتنىڭ قايسى ئىدارىدا ئىشلەيدىغىنىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ساۋۇت بىرنەچچە قىتىم ئالىيەنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ،قانداق ئىغىز ئىچىشنى بىلەلمەي بۇ خىزمەت ئاخىرلاشقان ئىدى.شۇنداقتىمۇ بەزىدە سىرتلاردا ئۇچۇرشۇپ قالسا سالاملىشىپ تۇراتتى.بىر قىتىم يولدا كىتۋىتىپ ئالىيەنىڭ بىر بالىنى يىتىلەپ بىر ئەر بىلىن ئالدى تەرەپتىن كىلۋاتقانلىغىنى كۆردى.ساۋۇت ئۇ ئەر بىلىن سىرتتىن تونۇشاتتى،يىقىنلاشقاندا كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن نەگە ماڭغانلىغىنى سورىدى.-ئۆيدىكىلەر بىلەن بازار ئايلىنىپ كىرەيلى دەپ چىققان-دىدى ئۇ ئەر ئالىيەنىڭ ئۆز ئايالى ئىكەنلىگىنى بىلدۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك ئالىيەگە قاراپ قويۇپ.ساۋۇت ئۇلار بىلەن خۇشلۇشۇپ ماڭدى.لىكىن دەرھاللا ئۇ ئەرگە مەسلىگى كەلگەندەك ئارقىسىغا قاراپ قويۇپ يولىنى داۋاملاشتۇردى.
JP5e=Z< ساۋۇت كەچتە توردا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتى.بىر چاغدا QQ غا ئۇچۇر كەلدى،ئىچىپ قارىۋىدى ئۆز يۇرتىنىڭ نامىنى QQ ئىسمى قىلىپ ئىشلەتكەن بىر تورداش ئەھۋال سورىغانكەن.ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرۇپ بولۇپ بۇ تورداشنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى ئەسلىيەلمەي ئۇچۇر خاتىرسىنى ئىچىپ كۆردى،بۇ ئەسلىدە ئالىيە ئىكەن.ساۋۇت ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ بولۇپ،-ئىسمىڭىز ئالىيەمۇ-دەپ سورىدى.ئالىيە قانداقسىگە بۇنداق سورايىز دىدى.ساۋۇت بۇ QQ ماڭا قوشالغاندا ئالىيە دەپ ئىسىم بىلەن قوشالغان ھازىر قارىسام ئۇ ئىسىمنى ئۆزگەرتىۋاپسىز دىدى.ئالىيە، -ئۇقمايدىكەنمەن،ئۆزىڭىز نەدىن؟ نىمە خىزمەت قىلىسىز؟-دەپ سورىدى.ساۋۇت ئالىيىنىڭ ئىھتىيات قىلۋاتقانلىغىنى بىلدى ۋە ئۇنىڭ سۇئالىغا،-مەن ۋىلايەتتە خىزمەت قىلىمەن سىز بىلەن بىر يۇرتتىن-دەپ جاۋاپ بەردى.چۇنكى بۇرۇنمۇ بىر يۇرتتىن چىقان تورداشلىرى ساۋۇتنىڭمۇ ئۆزى بىلەن بىر يۇرتتا خىزمەت قىلىدىغانلىغىنى بىلسىلا نىمىشقىدۇر ئۆزلىگىدىن يوقاپ كەتكەنتى.شۇڭا ساۋۇت ئالىيەنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،كىيىنچە پۇرسەت چىققاندا ئۇنىڭغا چۇشەندۈرۈپ قويۇشنى ئويلىغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ ساۋۇت بىلەن ئالىيە تورغا چىقسىلا ئەھۋال سورۇشۇپ،پاراڭلىشىپ تۇرۇشتى.ئالىيە تورغا تىخى يىڭىدىن چىقان بولغاچقا كەچلىرى خىلى بىرۋاققىچە توردا بولاتتى.بىر كۇنى ساۋۇتنىڭ خىزمەتدىشى ساۋۇتنىڭ باش سۈرتىنى ئۇنىڭ QQ باش سۈرتىگە چىقىرىپ قويدى.كەچتە ئۆيىدىن تورغا چىقاندا ئالىيە بۇ سۇرەتنى كۆرۈپ ساۋۇتنى تونىغاندەك قىلغانلىغىنى دىدى.ساۋۇت ئەمدى ئالىيەنى تۇنۇيدىغانلىغىنى ئالىيەنىڭ يولدىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ دەپ بەردى.لىكىن ئالىيەگە باشتا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىنى ۋىلايەتتە دەپ قويغانلىغىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۈلگىردى.ئالىيە توردا نەدىكى تونۇشمىغان بىلىشمىگەن ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقاندىن تۇنۇشىدىغان ئادەم بىلەن پاراڭلاشسا ياخشى بولىدىغانلىغىنى ئيىتتى.ئەمدى ئىكىسى بىر-بىرىدىن ئىھتىيات قىلىشمايدىغان ئەركىن ئازەدە پاراڭلىشىدىقان بولدى.ساۋۇت ئالىيەنىڭ ھازىر نەدە ئىشلاۋاتقانلىغىنى سورىدى.ئالىيە بۇ يىل بىشىدىن باشلاپ بىر مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغانلىغىنى،خىزمىتىنىڭ بەك ئالدىراش بوپ كەتكەنلىگىنى ئىيتتى.
D#b*M)X" ساۋۇت بىلەن ئالىيەنىڭ توردا پاراڭلىشىۋاتقىنىغا ئىككى ئايچە بولغانتى.ساۋۇت ئالىيەگە تور دۇنياسىنىڭ بەكلا مۇرەككەپلىگىنى ئەگەر ئىھتىيات قىلمىسا بەزەن ئادەملەرنىڭ ئۇنى ھىسيات جەھەتتىن ئالداپ قويدىغانلىغىنى ئەسكەرتكەندە ئالىيە،-مەن ئۇنچىلىك ئىشلارنى بىلىمەن شۇڭا ئانچە كۆپ ئادەملەر بىلەن پاراڭلاشقۇم كەلمەيدۇ-دىدى.
8u+kA
mI بىر شەنبە كۈنى ئالىيە توردا ساۋۇت بىلەن پاراڭلىشۋىتىپ توساتتىنلا،-سىرتقا چىقمامسىز؟دەمئىلىش كۈننى مۇشۇنداق توردا ئولتۇرۇپ ئۆتكۈزەمسىز- دىدى.ساۋۇت ئالىيەگە،-ئۇنداقتا ئىكىمىز كۆرۈشۈپ بىرگە تاماق يىگەچ پاراڭلاشساق بولامدۇ؟مەن مىھمان قىلاي-دىدى.ئالىيە ئۆزىنىڭ يالغۇز چىقالمايدىغانلىغىنى بىر دوستى بىلەن بىرگە چىقىدىغانلىغىنى دىدى.-بولىدۇ ئەمىسا قانداق ئالاقىلىشىمىز؟-دەپ سورىدى ساۋۇت.ئالىيە تىلپۇن نومۇرنى يىزىپ بىرىپ كەچتە بىر چايغا باردىغانلىغىنى سائەت 6 دىن كىيىن بىكار بولىدىغىننى شۇ چاغدا ساۋۇتنىڭ تىلپۇن قىلماي ئۇچۇر قىلىشىنى ئيتتى.ساۋۇت ئالىيەنىڭ كىچىك زىرەك نومۇرنى يىزىۋالدى.شۇنداق قىلىپ ئۇلار توردا تۇنۇشقاندىن كىيىن تۇنجى قىتىم ئۇچۇرشىدىغان بولۇشتى.
0I)$!1~O)
2
F'Y ad بۇ بەكلا كىچىك بىر ناھىيە بازىرى بولغاچقا ئادەتتە ھەممە ئادەم بىر-بىرى بىلەن تونۇشاتتى.شۇڭا ساۋۇت ئالىيە بىلەن كۆرۈشكەندە ئىھتىيات قىلمىسا ئالىيەنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى.يالغۇز ئۆزى چىقاي دىسە ئۇمۇ دوستىنى باشلاپ چىقىدىغان بولغان،شۇڭا ساۋۇت باشقا يۇرىتتىن بۇ ناھيىگە كىلىپ ئىشلەۋاتقان بىر دوستىنىمۇ بىللە ئىلۋىلىشنى ئويلىدى.دەل سائەت 6 دىن ئاشقاندا ساۋۇت ئالىيەگە ئۇچۇر يوللىدى،ئالىيە ئۇزۇن ئۆتمەيلا تىلپۇن قايتۇدى.ئۇلار رىستۇراندا بىرگە تاماق يەيدىغانغا كىلىشىپ ساۋۇت ئاۋال بىرىپ ساقلاپ تۇردىغان بولدى.ساۋۇت دوستىنى باشلاپ رىستۇراندا ئالىيەنى ساقلاپ ئولتۇردى.خىلى ئۇزۇن ساقلىغاندىن كىيىن ئالىيە يەنە ئىككى دوستىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.ئۇلار يۈزتۇرانە كۆرۈشمىگىلى بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا قىزغىن ئەھۋالىشىپ تاماق بۇيرۇتۇشقاندىن كىيىن ئالىيە،- سىلەرنى ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇق،بايا يولدا كىلۋاتساق قاتناش ساقچىسى دوستۇمنىڭ موتوسىكىلتىنى توسۇپ جەرىمانى قويدى،شۇ يەردە ھايال بوپ قالدۇق كەچۇرۈڭلا-دەپ ئۆزۈرخالىق ئىيتتى.ساۋۇتمۇ،-سىلەرنى بىرگە تاماق يەيمىز دەپ چاقىرىپ ئاۋارچىلىققا قويۇپتۇق،بىز ئۈچۇن كۆرشىمىز دەپ جەرىمانە تولەپسىلەر بولسا شۇ جەرىماننى ئۆزۈملا تولىۋەتسەم بولاتتى-دەپ چاقچاق قىلدى.ئالىيەنىڭ دوستى سومكىسىدىن جەرىمانە رەسمىيەتلىرىنى چىقىرىپ ساۋۇتقا بەردى،ساۋۇت بۇنى كۆرۈپ قانچىلىك جەرىمانە تولەيدىغانلىقنى بىلەلمەي ئىدارىسىدىكى بىر خىزمەتدىشىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىغىنى،شۇ ئارقىلىق بۇ ئىشلارنى ئۆزىنىڭ بىجىرىپ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتتى.لىكىن ئاۋال خىزمەتدىشى بىلەن كۆرۈشۈپ ئاندىن ئۇلارغا ئۇچۇرنى بىردىغانلىقىنى دەپ رەسمىيەتلەرنى ئالىيىنىڭ دوستىغا قايتۇرۇپ بەردى.سورۇن شۇنداق ياخشى كەيپىياتتا داۋاملىشۋاتاتتى،ئارىدا ئالىيەنىڭ تىلپۇنى سايراپ قالدى.ئالىيە ئويدىكىلەردىن كەپتۇ مەن تىلفۇن ئىلۋالاي دەپ تىلىفۇننى ئىلىپ سوزلىشىپ بولۇپ،يولدۇشۇم ئالدىرتىۋاتىدۇ سەت بولدى،بۈگۈنچە ئولتۇرشىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن كىيىنچە پۇرسەت چىقسا يەنە ئولتۇرشىۋالارمىز دەپ قايتىشقا ئالدىردى.ھەممەيلەن خوشلۇشۇپ قايتىشتى.ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتتى.ساۋۇت جەرىمانىنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.ئالىيە تىلفۇن قىلىپ ئۇ ئىشنىڭ قانداق بولغانلىغىنى سورىدى.ساۋۇت،- دوستىڭىز ئۇ رەسمىيەتلەرنى خاپا بولماي ئىدارىغا ئەكىلىپ بەرسىكەن،مەن بىجىرىپ بولۇپ قولىغا قايتۇرۇپ بەرسەم بولاتتى-دىدى.لىكىن دوستى رەسمىيەت قەغىزىنى ساۋۇتقا ئەكىلىپ بەرمىدى.ساۋۇت ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىدە تىلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇراتتى توساتتىن ئالىيەدىن تىلفۇن كەلدى،ئالىيە تېلىفۇندا دوستى بىلەن بىرگە ساۋۇتنىڭ ئويىنىڭ ئەتراپىدا ساقلاپ تۇرغانلىغىنى ئىمكان بولسا چىقىپ جەرىمانە قەغىزىنى ئىلۋىلىشنى دىدى.ساۋۇت ئويىدىن چىقىپ ئالىيە بىلەن كۆرۈشۈپ رەسمىيەتلەرنى ئالدى.ئەتىسى ئىشقا بارغاندا ئۇ رەسمىيەتلەرنى خىزمەتدىشىغا كۆرسەتتى،خىزمەتدىشى جەرىمانە جەغىزىنى كۆرۇپ ئەسلىدە بۇ تالۇننى كەسمەستە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشسا پۇل تۆلىمەي ھەل قىلىش ئىمكانىتى بارلىغىنى،ئەمدى تالۇن كىسىلگەنكەن چوقۇم جەرىمانە تۆلىمىسە بولمايدىغانلىغىنى دىدى.ساۋۇت ئۆزى قاتناش چوڭ ئەتىرتىگە بىرىپ جەرىمانىنى تولىدى ئاندىن،ئالىيەگە تىلپۇن قىلىپ ئىدارسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرۇشنى دىدى.ساۋۇت جەرىمانە تاپشۇرۇپ بولۇپ بىجىرگەن رەسمىيەتلەنى ئالىيەنىڭ قولىغا تاپشۇردى.كەچتە تورغا چىقاندا ئالىيە،-سىزنى بەكلا ئاۋارە قىپتىمەن جەرىمانىنى راسلا ئۆزىڭىز تۆلەپسىز،ئەسلىدە بۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام دوستۇمنىڭ قولىغىلا بىرۋىتەركەنمەن- دىدى.ساۋۇت،-ھىچقىسى يوق سىلەمۇ شۇ بىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققان تۇرساڭلا بۇ مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم-دىدى.
I "AjYv4R 3
4GRD- f[ ساۋۇت ئالىيە بىلەن كەچلىرى توردا پاراڭلاشسا خىزمەت ۋاقىتلىرى تېلېفۇندا ئەھۋاللىشىپ تۇردى.يەنە بىر ھەپتە ئاخىرى دەم ئىلىش كۈنىدە ئالىيەگە تىلفۇن قىلىپ ئەھۋال سورىغاندىن كىيىن نىمىش قىلۋاتقانلىغىنى سورىدى.ئالىيە بىر دوستى بىلەن بازار ئايلىنىۋاتقانلىغىنى دىدى.ساۋۇت ئالىيەگە ئوزىنىڭ كۆرۈشكىسى بارلىغىنى بىرگە ياماق يىگەچ پاراڭلىشىدىغانلىغىنى دىدى.ئالىيە،-دوستۇمنىمۇ بىرگە ئىلىپ باراي ئەمىسە-دىدى.ساۋۇت يەنە ئۆتكەندە بىرگە ئولتۇرغان دوستىغا تىلفۇن قىلىپ ئالىيەنى رىستۇراندا ساقلاپ تۇردى.ئالىيە بۇ قىتىم باشقا بىر دوستىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.ئۇلار ئۆزئارا سالاملاشقاندىن كىيىن قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ سۇغۇق ئىچىملىك بىلەن سورۇننى باشلىدى.ئۇسۇل ئويناشتى،تانسا ئۇيناشتى،شۇنداق ياخشى پاراڭلىشىپ خىلى ئۇزۇن ئولتۇردى.ئالىيەنىڭ تىلفۇنى سايرىغاندا ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغانلىغىنى سىزىشتى.ئالىيەگە يولدىشىدىن تىلفۇن كەلگەن ئىدى،ئالىيە چىقۋاتقان مۇزىكىنى ئۆچۈرۈپ تىلپۇننى دىرىزە يىنىغا بىرىپ ئالدى ۋە تىلفۇندا-مەن دوستۇم بىلەن بازار ئايلىنۋاتقان سەل تۇرۇپ بارىمەن- دىدى،تىلپۇننى قويۇپ سەل جىددىلىشۋاتقاندەك قىلاتتى.شۇنىڭ بىلەن سورۇن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.بىراز ئولتۇرغاندىن كىيىن تىلفۇن يەنە سايرىدى،ئالىيە يەنىلا يولدىشىدىن كەلگەنلىگىنى شۇڭا ئۆزىنىڭ ماڭمىسا بولمايدىغانلىغىنى دوستىنىڭ بىردەم ئولتۇرۇپ مىڭىشىنى دەپلا خوشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى.قالغانلار يەنىلا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى،ئارلىقتا ساۋۇت سىرتقا ئەدەپكە چىقىپ كىردى.بۈگۈنكى سورۇن شۇنداق ئاخىرلاشتى قالغانلار ئۆزئارا خۇشلۇشۇپ قايتىشتى.
HrBJi ئەتىسى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە،ساۋۇتقا ئاخشام بىرگە ئولتۇرغان دوستى تىلفۇن قىلىپ بۈگۈن كەچتە يەنە تۈنۈگۈنكى رىستۇراندا بىللە تاماق يەيدىغانلىغىنى،شۇڭا بۇرۇنراق كىلىشىنى دىدى.ساۋۇت رىستۇرانغا كەلگەندە دوستى ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى.ساۋۇت دوستىدىن نىمىش ئىكەنلىگىنى سورىدى.دوستى ئاخشام بىرگە ئولتۇرغان خانىم بىلەن ياخشى چىقىشىپ قالغانلىغىنى شۇڭا بۈگۇن ئۇنىڭغا بىللە تاماق يەيمىز دەپ قويغانلىغىنى ئىتتى.ساۋۇت كۆڭلىدە ئالىيەمۇ كىلىدىكەندە دەپ ئويلىدى.لىكىن ئۇ خانىم باشقا يەنە ئىككى دوستىنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى ساۋۇت ياخشى تونۇيتتى،ئۇنىڭ يولدىشى ساۋۇت بىلەن بىر بىنادا باشقا بىر ئىدارىدا ئىشلەيتتى.ئۇمۇ ساۋۇتنى كۆرۈپ سەل قورۇنۇپ قالغاندەك كۆرنەتتى.قورىمىلارنى بۇيرۇتۇپ تۇرىشىغا ساۋۇتنىڭ دوستىغا تىلفۇن كەلدى،ئۇ سىرتقا چىقىپ تىلىفۇننى ئىلىپ كىرگەندىن كىيىن بىر دۇستىنىڭ تىلفۇن قىلغانلىغىنى ئۇنىمۇ بۇ يەرگە چاقىرغانلىغىنى دىدى.ھايال ئوتمەي ساۋۇتمۇ يىقىن ئۆتىدىغان بىر دوستى سورۇنغا كەلدى.كىلىپ سورۇندىكىلەرگە بىر قاراپلام دەرھال يانچۇغىدىن تىلىفۇننى ئالغانچە تىلفۇن كىلىپ قالدى دەپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ دوستى ساۋۇتقا تىلفۇن قىلىپ سىرتقا چىقىشىنى ئىيتتى.ساۋۇت نىمىش ئىكەنلىگىنى بىلەلمەي سىرتقا چىقتى.دوستى ئۇنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى.دوستى ساۋۇتتىن ئۇلارنى كىمنىڭ باشلاپ كەلگەنلىكىنى سورىدى.ساۋۇت بولغان ئىشنى دەپ نىمىش بولغانلىغىنى سورىدى.ئەسلىدە دوستىنىڭ ئىيتىشىچە ساۋۇت تونۇمايدىغان يەنە بىر خانىم بولسا بۇ دوستىنىڭ يىقىن دوستىنىڭ ئايالى ئىكەن.ئۇ دوستى بۇنداق سورۇندا يىقىن دوستنىڭ ئايالىنى ئۇچۇرتۇپ قالغىنىغا بەكمۇ ئەپسۇسلىنىپ تىلىفۇننى بانە قىلىپلا ئۇ سورۇندىن چىقىپ كەتكەن ئىشكەن.ھەمە ئىشلار چۈشۈنۈشلىك بولدى.ئەمدى ئۇ ئىكىسى ئۇ سورۇنغا كىرمەيلا ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتمەكچى بولۇشتى.لىكىن ساۋۇت يەنىلا سورۇندا قالغان دوستىغا تىلپۇن قىلىپ ئىشلارنىڭ جەرياانى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ بۈگەۈن سايىپخان ئىكەنلىگىنى ئامال بار ئۇ خانىملارنى ئۆزى يالۈۇز كۈتۈپ تىزراق يولغا سىلۋىتىشىنى ئوزىنىڭ بولسا ئۆيىگە قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى دىدى.
zl@^[km{ ئەتىسى ساۋۇت توردا ئالىيە بىلەن ئەھۋالاشقاندا ئاخشام ساۋۇتنىڭ نىمىش قىلىغانلىقىنى سورىدى.ساۋۇت كۆڭلىدە دوستى ئاخشام بولغان ئىشلارنى دەپ بەرگەن بولسا مىنى سىناش ئۈچۈن سوراۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئاخشامقى ئىشنى ئالىيەگە دوپ بەردى.ئەسلىدە ئۆزىنىڭ ئۇ سورۇنغا ئالىيەنىمۇ كىلىدىغۇ دەپ ئويلىغانلىغىنى لىكىن ئالىيەنىڭ دوستىنىڭ نىمە ئۈچۈنكىن باشقا دوسلىدىنى باشلاپ كەلگەنلىگىنى دەپ بەردى.لىكىن ئالىيە ساۋۇتقا قاتىق تەگدى،-سىز ئۇنداق سورۇندىن ئاسانلىقچە كىتەمسىز؟قانداق بولمىسۇن تۇنۇشۋالاي دەپ بىزىرىپ ئولتۇغانسىز تايىنلىق- دىدى ۋە-توۋا جاھاندا شۇنداق ناچار ئادەملەرمۇ باركەن تىخى تونۇشقىلى بىر كۇن بولمىغان ئادەملەرنىڭ قىلۋاتقان ئىشىنى قارا،نەچچە ۋاختىن دوستۇم دەپ يۈرۈپتىمەن ئەمدى ئۇنداق ئادەم بىلەن ئارلاشمىسام بولغىدەك-دەپ دوستىدىن قاخشىدى. ساۋۇت بىكاردىن بىكار ئالىيەنىڭ ئۇزگە ئۇنداق ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتمىگەن ئىدى.ئالىيەنىڭ گىپىدىن قارىغاندا ئۈزىگە كۈندەشلىك قىلۋاتقانلىغىنى سىزىپ قالدى.شۇڭا ئوشۇقچە قايتا چۈشەندۈرۈپمۇ كەتمىدى.ساۋۇت كۆڭلىدە ئالىيە نىمىشقا ماڭا كۈندەشلىك قىلىدۇ ياكى مىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىمۇ قانداق دىگەنلەرنى ئويلىدى.
etr-\Cp 4
g#J aw|N ساۋۇت ئالىيە بىلەن توردا پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇرۇنقىدەك قىزغىن بولمايۋاتقانلىغىنى ھىس قىلۋاتاتتى.چۈنكى ئالىيە پاراڭ باشلانسىلا ساۋۇتنى گەپتە چىقۋالاتتى.ساۋۇت بۇ ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كەتمىدى.ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بىر دەملىش كۈنى كەچتە ساۋۇتنىڭ تىلفۇنى سايراپ يانچۇغىدىن تىلپۇننى چىقىرىپ بولغۇچە ئۆچۇپ قالدى،كەلگەن نومۇرغا قاراپ كىمدىن كەلگەنلىگىنى بىلەلمىدى، يانچۇقتىن تىلپۇن ئىلىپ بولغۇچە ئىھتىياتسىزلىقتىن قولى تىگىپ كىتىپ ئۈزۈلۈپ قالدىمۇ ياكى قارشى تەرەپ ئۆزى قويۋەتتىمۇ؟يەنىلا بۇ تىلپۇننى قايتۇرۇپ ئۇلىدى.تىلپۇن ئۇلۇنىپلا قارشى تەرەپتىن،-يائاللا نەدىن تىلپۇن كىلىدىكىن دەپ تۇرۇپتىكەنسىز،تونۇمىغان نومۇردىن تىلپۇن قىلىپ قويۋەتسەممۇ دەرھاللا قايتۇردىڭىز-دىدى.بۇ ئالىيەنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئالىيە تىلپۇندا ئۆزىنىڭ بىر دوستى بىلەن بىللە بىر باغقا تاماق يىگىلى كەلگەنلىگىنى ساۋۇتنى ۋاختى بولسا كىلىپ بىللە تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىغىنى ئىيىتتى.ساۋۇت ئالىيەدىن نىمىشقا ئۆزىنىڭ تىلپۇندا تىلپۇن قىلماي بۇ نومۇردا تىلپۇن قىلغانلىغىنى سورىدى.ئالىيە كىچىك زىرەك تىلپۇننىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىگىنى ئەمدى باشقا نومۇر بىجىرىپ قول تىلپۇن ئالماشتۇردىغانلىغىنى،بۇ نومۇرنىڭ بىللە تاماق يىگىلى كەلگەن دوستىنىڭ ئىكەنلىگىنى دىدى. ساۋۇت ئالىيە ئاتايىن تەكلىپ قىلۋاتسا بارمىسا سەت تۇردىغىنى ئويلاپ ئۇ باغقا كەلدى.ئالىيە بىر دوستى بىلەن سىرىتتىلام چوڭ بىر دەرەخنىڭ سايىسىغا قويۇلغان بەنچۇئاڭدا تاماق يەپ ئولتۇرغانكەن.ساۋۇت ئىھتىيات بىلەن ئەتراپقا قاراپ قويۇپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردى،سالاملاشقاندىن كىيىن ئالىيە يىنىدىكى دوستىنى ساۋۇتقا تۇنۇشتۇردى.ئەسلىدە ساۋۇت ئۇ چوكاننى بۇرۇنلا تۇنۇيتتى،ئىسمى گۈلپىيە بولۇپ بۇرۇن سەنئەت ئۆمىگىنىڭ داڭلىق ئەرتىسى ئىدى،ھازىر بولسا باشقا بىر ئىدارىغا ئالمىشىپ ئىشلەۋاتاتتى.ئالىيە ساۋۇتتىن نىمە تاماققا كۆڭلى تارتىدىغانلىغىنى سورىدى.ساۋۇت داستىخانغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئۇلارنىڭمۇ باشقىدىن قورىما بۇيرۇتۇپ بىللە يىيىشىنى ئۆزىنىڭ لەغمەن يەيدىغانلىغىنى ئىيتتى. داستىخاندا تەخسىلارنىڭ ئالىبۇرۇن قۇرىغدىلنىپ بولغانلىغىنى،تىخى يەنە ئىككى دانى ھاراق رۇمكىسىنىڭمۇ تۇاغانلىغىنى كۆردى.ساۋۇت كۆڭلىدە ئەجىبا بۇ سورۇندا بايا باشقا ئادەم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ،ئۇلار كەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى چاقىرغانمىدۇ؟دەپ ئويلىدى.لىكىن بۇ ئەسلا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى،چۇنكى سىرتتا ئاشكارە يەردە ئالىيەنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىغىغا ساۋۇت ھەرگىز ئىشەنمەيتتى.شۇنداقتىمۇ ساۋۇت يەنىلا ئالىيەدىن بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىگىنى سورىدى،ئالىيە بىلەن گۈلپىيە بىر-بىرىگە قارىشىپ،-بايا ئىكىمىز سوغۇق ئىچىملىكنى بۇ رۇمكىلارغا قۇيۇپ ئىچكەنتۇق، بۇيرۇتقان تاماقلارنى باللار يەپ بولۇشتى-دەپ جاۋاپ بىرىشتى.ئارلىقتا 4كىچىك بالا بەنچۇئاڭغا كىلىپ ئولتۇردى،ساۋۇت بۇلار كىملەر دىگەندەك قىلىپ ئالىيەگە قاراپ قويدى.ئەسلىدە بۇ باللار ئالىيە بىلەن گۈلپىيەنىڭ باللىرى بولۇپ ئۇلار باللىرىنى بۇ باققا ئويناتقاچ تاماق يىيىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.ئالىيە ئۇ باللارنى باغنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەي مۇشۇ ئەتراپتا ئوينىشىنى تاپىلاپ يولغا سالدى.تاماق چىقتى ساۋۇت تامىقىنى يەۋاتاتتى،تىلپۇنى سايراپ قالدى،قارىسا بىر دۇستىدىن تىلپۇن كەلگەن ئىكەن.ئۇ تىلىفۇننى ئولتۇرغان يىرىدىن سەل نىرىراق بىرىپ ئالدى،سوزلىشىپ بولۇپ قايتىپ كىلۋىتىپ ئالىيەنىڭ گۈلپىيەگە قىلغان قوپال چاقچىقى قۇلىقىغا چۇشۇپ قالدى.گۈلپىيە شۇ زامات ئۇنىڭغا ساۋۇتنىڭ قىشىدا ئىكەنلى ئىشارەت قىلدى،ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار خىلى كەيىپتىك قىلاتتى.ساۋۇت بۇنداق ئەپسىز ۋەزىيەتنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئورنىغا كىلىپ ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەكلا گەپنى باشقا ياققا بۇراپ چاقچاق قىلدى.بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن ساۋۇت بۇ ئوچۇقچىلىقتا ئۇلار بىلەن ئۇزۇن ئولتۇرسا ياخشى بولمايدىغانلىغىنى بايقاپ قايتىپ ئارام ئىلىش تەكلىۋىنى بىرىپ،ھىساۋات ئورنىغا بىرىپ سورۇنىڭ ھىساۋىنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن گۈلپىيەنىڭ تىلپۇنىغا تىلپۇن قىلدى،لىكىن تىلپۇننى بىرەرسى ئالمىدى.بۇ چاغدا باغدا ئادەم خىلىلا كۆپ ئىدى،ساۋۇت ئۇلارنىڭ قىشىغا قايتا بىرىشنىڭ ئەپسىزلىگىنى بىلىپ ئۇدۇللا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.ئەتىسى كەچتە ئالىيە توردا ،-ئاخشام سىزنى يەنە ئاۋارە قىپتىمەن،قانداقلارچە سىزگە تىلپۇن قىلغانلىغىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن خۇددى تاماق يەپ بولۇپ پۇلىنى سىزنى تۆلەپ بىرىڭ دىگەندەك ئىش بوپتۇ-دىدى.ساۋۇت،-ھىچقىسى يوق شۇ بانادا سىز بىلەن كۆرۇشۋالدىم ،دىمەك سىزنىڭ ئۇنداق چاغدا مىنى ئەسلەپ تىلپۇن قالغانلىغىڭىز مىنى كۆڭلىڭىزدە چوڭ بىلگەنلىگىڭىز، مەن بۇنىڭ ئۈچۈن بەك خوشال باشقا ئىشلارنى ئويلىماڭ-دىدى.دىمەك ئاخشام ئۇلارنىڭ راستىنلا ھاراق ئىچىشكەنلىگى ساۋۇتقا ئاشكارلانغان ئىدى.
vFVUdxPOw 5
S/'0czDMW ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتۈپ ساۋۇت ئالىيەنى ئۆزى تاماققا تەكلىپ قىلدى.ئالىيە گۈلپىيەنى بىرگە باشلاپ كەلگەن ئىدى.ئۈچەيلەن رىستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن،ساۋۇت،-بىرەر رومكىدىن ئىچىشىپ قويامدۇق-دەپ سورىدى.ئالىيە بىلەن گۈلپىيە بىربىرىگە قارىشىپ،-بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟چاي ئىچشتىققۇ،باشقا نەرسە ئىچمەيمىز-دىدى.لىكىن ساۋۇت ئۇلارنىڭ ئۆتكەندە سىرتتا ئولتۇرپ ئىچىشكەنلىگىنى بايقاپ قالغانلىغىنى شۇڭا ئوشۇقچە تۈزىت قىلماي كۆڭلىدىكىنى ئوچۇق دىيىشىنى دىدى.ئالىيە بىلەن گۇلپىيە بىردەم بىر-بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن،گۈلپىيە ئالىيەگە،- قارىسام ساۋۇت بىلەن خىلى ياخشى چىقىشىپ قالغاندەك قىلىسىز،ھەمىمىز ئوشۇقچە تۇزۇت قىپ ئولتۇرمايلى بۇ ئىشلارنى ساۋۇتمۇ توغرا چۈشىنىدۇ،شۇڭا يەنىلە بۇرۇنقىدەك بولسۇن-دىدى.ساۋۇت گۈلپىيىنىڭ گىپىنىڭ مەنىسىنى دەمالىققا چۈشۇنەلمەي قاندىغىنى ئىچىدىغانلىغىنى سورىدى.گۈلپىيە،-ئۈچىمىز ئالدىرماي ئولتۇرۇپ خوڭفاڭ(چەتئەلنىڭ ئالى دەرىجىلىك قىزىل ھارىقى) دىن بىر بوتۇلكا ئىچىپ قويايلى-دىدى ۋە ئەسكەرتىپ،-بۇ يەردىن ئەكىرسەك سەل قىمەت بولىشى مۇمكىن شۇڭا سىرتتىن ئەكىرەيلىمىكىن-دىدى.ساۋۇت،-قىممەت بولسا ھىچقىسى يوق-دەپ مۇلازىمەتچىگە ئەكىرىپ بىرىشنى ئىيىتتى.ئۈچەيلەن ئالدىرماي ئولتۇرۇپ ئىچىشكە باشلىدى.گۇلپىيە،-ئالىيە بىلەن ياخشى چىقىشىپ قاپسىز،ئالىيەنىڭ كۆڭلى بەك يىرىم شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلىنى چوقۇم ياخشى ئىزدەڭ،سىلەرنىڭ بۇندىن كىيىن چوقۇم ياخشى ئۆتۈشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن-دىگەندەك بىرقاتار گەپلەرنى ساۋۇتقا جىكىلىدى.لەرزان تاڭسا مۇزىكىسى چىقۋاتاتتى،ئۇلار ئۆزئارا تاڭسا ئويناشتى،چاقچاق قىلىشىپ ئولتۇرۇپ ھاراقنىمۇ خىلى بىر يەرگە ئاپارغان ئىدى.كەيپىيات شۇنداق ياخشى داۋام قىلۋاتاتتى،ساۋۇت ئالىيە بىلەن تانسا ئويناۋاتقاندا گۈلپىيە تىلپۇن ئىلۋىلىشنى بانا قىلىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.ساۋۇت ھاراقنىڭ تەسىرىمۇ ياكى ئالىيەنىڭ بەك چىرايلىقلىغىدىن ئۆز ھىسياتىنى كونتۇرۇل قىلالمىدىمۇ توساتتىنلا ئالىيەنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ ئۇنىڭ بىلىنى چىڭ قۇچاغلاپ ئۆزىگە تارتتى،ئالىيەمۇ قىلچە قارشىلىق كۆرسەتمەيلا ساۋۇتقا ماسلىشىپ ئىكىسى ئىرماش-چىرماش بىر تەن بوپ كىتىشتى.ساۋۇت،-مەن سىزنى تۇنجى كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان لىكىن سىزنى بۇنداق قۇچاغلاپ سۆيەلەيمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان،بۇ سىزگە نىسبەتىن بەكلا تۇيۇقسىز بوپ قالغان بولىشى مۈمكىن،شۇڭا ئەگەر مىنى ياقتۇرمىسىڭىز ھەركىتىمنى چەكلىسىڭىز ياكى رەت قىلسىڭىزمۇ مەن رەنجىمەيمەن-دىدى.لىكىن ئالىيە گەپ قىلماي جىمجىتلىق ئىچىدە ساۋۇتنى تىخىمۇ چىڭ قۇچاغلاپ پۇتۇن مىھرى بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى.ئىشىك يىنىككىنە چىكىلىپ گۈلپىيە كىرىپ كەلدى،ساۋۇت بىلەن ئالىيە ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرگەن ئىدى.ئارلىقتا ساۋۇت گۇلپىيە بىلەنمۇ تانسا ئوينىدى،گۈلپىيە ساۋۇتقا ئالىيەنى چوقۇم ياخشى قەدىرلىشىنى،داۋاملىق تىلپۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇرشىنى،كۆرۈشۈش ئىمكانىتى بولسىلا سىردىشىپ ئۇنىڭ ھالىغا يىتىشنى تەكىتلەپ تۇراتتى.بۈگۈنكى ئولتۇرۇش ناھايىتى ياخشى ئاخىرلاشتى،ساۋۇت بىلەن ئالىيە بىربىرسىگە قىنىشماي كۆزلىرى قىيىشمىغان ھالدا خوشلاشتى.
_RbfyyaN 6
d.wGO]" ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى كۈندىن كۈنگە ياخشى تەرەققى قىلۋاتاتتى.بىركۇنى ساۋۇت ئالىيەگە تىلپۇندا ئۆزىنىڭ يالغۇز كۆرۈشكىسىنىڭ بارلىغىنى شۇڭا ئەتە باشقا دوستىنى ئالماي يالغۇز چىقىشىنى دىدى.ئالىيە،-مەن بىر يەرگە يالغۇز بىرىشتىن قورقايمەن،قىنى ئەتە ئەھۋالغا قاراپ تىلپۇن قىلاي-دىدى.ئەتىسى دىگەندەك ئالىيە ساۋۇتقا تىلپۇن قىلىپ نەدە كۆرشىدىغانلىغىنى سورىدى.ساۋۇت يەنىلا ئۆتكەنكى رىستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىدا ساقلايدىغانلىغىنى ئىيتىپ ئۆزى ئاۋال شۇ يەرگە بىرىپ ساقلاپ تۇردى.ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشىك چىكىلىپ ئالىيە يەنىلا گۈلپىيەنى باشلاپ كىرىپ كەلدى،ساۋۇتنىڭ جۇدۇنى ئۆرلىگەن بولسىمۇ دەمەللىققا چاندۇرماي چىرايلىق سالاملىشىپ ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.ئالىيە بۇ يەرگە يالغۇز كىرىشكە پىتنالماي گۈلپىيەدىن ئاپىرىپ قويۇشنى ئۆتۈنگەنلىگىنى شۇڭا گۈلپەيەنىڭمۇ بىرگە كەلگەنلىگىنى دىدى.ئارىدا گۈلپىيە قايتىپ كىتىشكە تەمشەلدى،ساۋۇت سەل ئوڭايسىزلانغاندەك گۈلپىيىنىڭمۇ ئولتۇرۇپ بىرگە تاماق يەپ قايتىشىنى دىدى.لىكىن گۈلپىيە ئۆزىنىڭ جىددى ئىشى بارلىغىنى شۇڭا قايتمىسا بولمايدىغانلىغىنى دەپ تۇرۇشىغا تىلپۇننى سايراپ قالدى.گۈلپىيە تىلپۇننى ئىلىپ،-سىز نەدە؟مەن كىلىپ بولدۇم-دىدى ۋە ئالىيەگە مەنىلىك قاراپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.ساۋۇت بىلەن ئالىيە ئىكىسى قورۇما بۇيرۇتۇپ تاماق يىگەچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.شۇ ئەسنادا ئالىيەگە تىلپۇن كىلىپ بىر ئەرنىڭ،-يىنىڭىزدىكىسى ×× ئىدارىدا ئىشلەيدىغان ساۋۇت شۇمۇ-دەپ سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندىن،ئالىيە ئۇنىڭ سۇئالىغا پەرۋاسىزلا جاۋاپ بىرىپ تىلپۇننى قويۇپ، تىلپۇن قىلغان ئادەمنىڭ ئاۋال ئەھۋالمۇ سورىمايلا گەپ سورىغىنىغا نارازىلىق بىلدۇرۇپ غودوڭشۇپ قويدى.ساۋۇت بۇ ئىشنىڭ نىمىش ئىكەنلىگىنى بىلمەي ئالىيەگە سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.ئالىيە چۈشەندۈرۈپ،گۈلپىيەنىڭ ئارلىشۋاتقان بىر ئەر دوستىنىڭ بارلىغىنى،ئۇلارنىڭمۇ بۈگۈن مۇشۇ رىستۇراندا كۆرشىدىغانلىغىنى،بايا گۈلپىيە بىلەن ئۇ ئەرنىڭ ساۋۇت بىلەن تۇنۇشىدىغان ياكى تونۇشمايدىغانلىغىنى بىلمىگەچكە بىر سورۇندا ئولتۇرۇشنىڭ ئەپسىز بوپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ئايرىم-ئايرىم ئولتۇرۇشقا توغرا كەلگەنلىگىنى،ئۇ ئەرنىڭ ئىسمىنىڭ ھەسەن،بىر يىزىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىگەىنى دەپ بەردى.ساۋۇت ھەسەننى تونۇيدىغانلىغىنى،يەنە كىلىپ خىلى يىقىن ئۆتىدىغانلىغىنى دەپ،ئارىدىكى قولايسىزلىقنى تۈگۈتۈش مەخسىدىدە ھەسەنگە ئۆزى تىلپۇن قىلىپ ئەھۋال سورىغاندىن كىيىن،چاقچاق ئارلاش ئاداش،-تولا نازلىنىپ ئولتۇرماي بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانغا كىرىڭلا 4 مىز بىرگە ئولتۇرايلى-دىدى.ھەسەنمۇ ياندىكى ئايرىمخاندا ئولتۇرغان ئىكەن،ساۋۇتنىڭ تىلپۇننى ئىلىپلا گۈلپىيەنى باشلاپ ساۋۇتلارنىڭ يىنىغا كىردى.ساۋۇت بىلەن ھەسەن قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن،ھەسەن،-مەن سىلىنى بۇنداق سورۇندا ئۇچۇرتۇپ قالارمەن دەپ قەتتى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،بىز بىلمەيدىغان ئىشلىرىڭلىمۇ خىلى كۆپ ئوخشايدۇ-دەپ چاقچاق قىلدى ساۋۇتقا.ساۋۇت ھەسەنگە باشقىچە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ نىمىگە تاۋى بارلىغىنى سورىدى.ھەسەن،-بۈگۈن ياخشى يىغىلىشىپتۇق،بىزمۇ بايا بىرقانچە قورۇما قورۇتقان مۇلازىمەتچى ئۇنىمۇ ئىلىپ چىقسۇن 4 مىز تازا ئىچىشىپ قانغۇچە پاراڭلىشايلى-دىدى.مۇلازىمەتچى ياندىكى ئايرىمخاندىن بايا ئۇلار بۇيرۇتقان قورمىلارنى ۋە يەنە ئىككى بوتۇلكا خوڭفاڭنى ئۇستەلگە توختاتتى.ئلار بىرتەرەپتىن ئىچىشكەچ،قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.ھەسەن بىلەن ساۋۇت يىڭى خىزمەتكە چىقاندىلا تۇنۇشۇپ قالغان يىقىن دوسلاردىن ئىدى.ئىككىلىسى توي قىلىشتىن ئاۋاللا يىقىن ئارلىشاتتى،ئىلگىر كىيىن بولۇپ توي قىلدى،تويلىرىدا بىر-بىرىگە شۇنداق ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىشتى،تويدىن كىيىن بىر مەزگىل ئايىلە بويىچە ئەر-ئايال يىغىلىشىپ يىقىن دوسلار ئوز-ئارا قاتار چاي ئوينۇشۇپ داۋاملىق كۆرشۈپ تۇردىغان بولدى.ئككىلىسى بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئايىلە ھەلەكچىلىگى ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىغى بىلەن داۋاملىق كۆرشۈپ تۇرالمىسىمۇ مۇناسىۋىتى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئىدى. ھەسەن ئۆستۈرلۈپ يىزىدا ئىشلىگەندىن بۇيان ئۇلار ئالاقىلاشمىغىلى خىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان ئىدى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر بوتۇلكا ھاراقنى تۈگۈتۈپ ئككىنجى بولتۇلكىنى باشلىدى.ئالىيە بىلەن گۈلپىيەمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىزغىن پارىڭىنى قىلىشۋاتاتتى.ئەمدى تاڭسا ئۇسۇل باشلاندى،ئىككى جۈپ بىر-بىرىدىن ھىتىقىماي چاپلىشىپ تاڭسا ئويناپ ئۆز جۈپتىلىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشاتتى.ئالىيە ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايتتى، لىكىن گەپلىرى ناھايىتى ئورۇنلۇق ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئىككىنجى بوتۇلكىمۇ تۈگدى،ۋاقىتمۇ بىريەرگە بىرىپ سىرىتتا خىلىلا قاراڭغۇ چۈشكەن چاغدا،ئۇلار سورۇندىن تارقاشتى.ئالىيە بىلەن گۈلپىيە ئاۋال خوشلۇشۇپ بىرلىكتە ئۆيلىرىگە قايتىشتى،ساۋۇت بىلەن ھەسەن سورۇننىڭ ھىساۋاتىنى قىلۋەتكەندىن كىيىن سىرىتتا بىردەم پاراڭلىشتى.ھەسەن ساۋۇتقا ئۆزىنىڭ گۈلپىيە بىلەن ئارلىشۋاتقىنىغا ئككى يىلدىن ئاشقانلىغىنى شۇ جەرياندا ئىزچىل ياخشى ئۆتۋاتقانلىغىنى،بۇندىن كىيىن ئىككى جۈپ بولۇپ ھەممەيلەننىڭ ياخشى ئارلىشىشىنى ئۈمۈت قىلىدىغانلىغىنى دىدى.
h
7 Ay16/7h@hi
بىر شەمبە كۈنى ساۋۇتنىڭ خوشنا ناھىدىن ئىككى دوستى كەلدى.ساۋۇت ئۇلارنى رىستۇرانغا باشلاپ مىھمان قىلغاچ پاراڭلاشتى.ئارلىقتا سىرتقا چىقىپ،كاردوردا ھەسەن بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى.ھەسەنمۇ دوسلىرى بىلەن شۇ رىستۇرانغا كەلگەن ئىكەن.ساۋۇت ھەسەننى بىلە ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.ھەسەن دوسلىرى بىلەن بىرگە كەلگەنلىكىنى ئارلىقتا پۇرسەت چىقىرىپ ساۋۇت ئولتۇرغان ئايرىمخانغا كىرىدىغانلىغىنى دىدى.ساۋۇتنىڭ دوسلىرى ئىككى سائەتچە بىللە ئولتۇرغاندىن كىيىن يەنە باشقە ئىشلىرىنىڭ بارلىغىنى شۇڭا بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىكلا بىرگە ئولتۇرالايدىغانلىغىنى دەپ خوشلۇشۇپ قايتىشقا تەمشەلدى.ساۋۇت ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن سىرىتقا چىققاندا سىرىتتا يەنە ھەسەن بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى.ئىكىسى بىردەم بىرگە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش ئۈچۈن،ساۋۇت ئولتۇرغان ئايرىمخانغا كىردى.ئىككىلىسى ئۆز سورۇنلىدا ئازراقتىن ئىچىشكەن بولغاچقا ئالىيە بىلەن گۈلپىيىنى چاقىرىپ قايتا سورۇن راسلاپ ئولتۇرماقچى بولۇشۇتى.ساۋۇت ئالىيەگە تىلپۇن قىلىپ ھەسەن بىلەن ئىككىسىنىڭ ئۇلارنى ساقلاۋاتقانلىغىنى دىدى.ھايال ئۆتمەي ئالىيە گۈلپىيەنى باشلاپ كىرىپ كەلدى.ئولار قىزغىن سالاملاشقاندىن كىتىن،سورۇن يەنە ئىچىشىش بىلەن باشلاندى.ئۇلار بىر-بىرىگە خىلى كۆنۈشۈپ قالغان بولغاچقا ئارىدا قىلچە تارتىنىش يوق ئىدى.سورۇن ئىچىشىش،ئۇسۇل ئويناش،پاراڭلىشىش تەرىقىسىدە داۋاملاشماقتا.كەيپىيات ياخشى بولغاچقا بۈگۈن ئۇلار خىلى كۆپ ئىچىشتى.بىرچاغدا ئالىيە مەن پەقەت بولالمىدىم بىردەم يىتىۋالاي دەپ ساۋۇتنىڭ قۇچقىغا بىشىنى قويدى.شۇ ئارلىقتا ھەسەن بىلەن گۈلپىيە سىرىتقا چىقىپ كەتكەن،ساۋۇت ئالىيىنى پەپەلەپ خىلى ئۇزۇن ئولتۇرغان بولسىمۇ،ھەسەن بىلەن گۈلپىيە تىخىغىچە قايتىپ كىرمەيۋاتاتتى.كەچ چۈشكەن بولۇپ سىرىت خىلىلا قاراڭغۇ ئىدى.ساۋۇت ھەسەننى ساقلاۋارسە بولمايدىغانلىغىنى ئويلاپ ئالىيەنى ئاپىرىپ قويماقچى بولۇپ،جوزا ئۈستىدىكى تىلپۇنىنىنى يانچۇقىغا سالدى،ئالىيىنىڭ سومكىسىنى ئىزدىدى.گۈلپىيەنىڭ سومكىسى ۋە ھەسەن ئىكىسىنىڭ تىلپۇنىمۇ بىر يەردە تۇراتتى.دىمەك ھەسەن بىلەن گۈلپىيە تىخى قايتىپ كەتمىگەن ئىدى. aOzIo-
ئەتىسى ئەتىگەندە ساۋۇت ئالىيەنىڭ ئويغۇتىشى بىلەن كۆزىنى ئاچتى.ئەتراپقا قاراپ چۆچۈپ كەتتى،ئىككىلىسى يالىڭاچ بىر كارۋاتتا ياياتاتتى.ئالىيە،-ساۋۇتقا ئويغاتمىسا كەچكىچە ئۇخلاۋىردىكەنسىز-دىدى.ساۋۇت خىجىل بولۇپ دەرھاللا يوتقاننى يىپىۋالدى.لىكىن ئالىيەدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانلىغىنى كۆرۈپ،ئۆزىدىكى چۆچۈش،ھەيرانلىقنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن،ئالىيەدىن-قانداقلارچە ئىكىمىز بۇ يەردە قۇنۇپ قالغاندىمىز-دەپ سورىدى.ئالىيەمۇ بۇنى ئىنىق ئەسلىيەلمەيۋاتقانلىغىنى ئىيىتتى.ئىككىسى ئاخشامقى ئىشلارنى ئىسىدە قالغىنىچە ئەسلەشتى.ئەسلىدە ئاخشام ئالىيە ساۋۇتنىڭ قۇچقىغا بىشىنى قويۇپ ياتقاندا،ھەسەن بىلەن گۈلپىيە شۇ رىستۇراننىڭ مىھمانخانىسىدىن بىر ياتاقنى ئاچتۇرۇپ،ئوزلىرى ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كىيىن ساۋۇت بىلەن ئالىيەنى شۇ ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كىتىشكەن ئىدى.ساۋۇتنىڭ بىشى ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدە ئۇرۇپ چىقۋەتكەندەك ئاغرىپ تۇراتتى،لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئالىيەنىڭ كۆڭلىنى ئالمىسا سەت تۇردىغانلىقىنى ئويلاپ،ئالىيەنى قۇچىقىغا باستى........ ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ،يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن،ئالىيە بۇ يەردىن قانداق چىقىپ كىتىشنى ئويلاپ،گۈلپىيەگە تىلپۇن قىلدى.گۈلپىيە سەل تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئۇنى ئالغىلى كىلىدىغانلىغىنى ئىيىتتى.ھايال ئۆتمەي گۈلپىيە تىلفۇندا ئۆزىنىڭ ياتاق سىرتىدا ساقلاپ تۇرغانلىغىنى دىدى.ساۋۇت ئالىيەنى ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كىيىن،كارۋاتتا يىتىپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇش ھاياتىنى ئەسلەشكە باشلىدى. "6f`hy
"I.6/9
ئاخىرىنى جىددى يىزىپ يولاپ تۇرمەن. <7^
|@L
6
b#6S8C+@
مەنبە:ئۆزۈمنىڭ يازمىسى. +U
oNJ
)eyzHB,H
L`+[mX&2B
مەن بۇ سەپكە ئەمدىلا قەدەم قويغان بولغاچقا يازغان ئەسىرىمنىڭ قۇرۇلمىلىرىدا كۆپلىگەن يىتەرسىزلىكلەر بولىشى مۇكىن.ئەسىرىمنىڭ ھەجىمى سەل كۆپ،شۇڭا ئازرق قىمەتلىك ۋاختىڭلارنى چىقىرىپ بۇ ئەسىرىمنى تەھرىرلەپ بىرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ۋە ئەسىرىمنىڭ كىيىنكى تەرەقىياتى ئۈچۈن ماڭا مەدەت بىرىپ قوللاپ قويۇشىڭلارنى سورايمەن. QQl.5'PP
[ بۇ تېماalafasyبا2011-06-21 23:53قايتا تەھرىرلەش ]