-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! قانداق ئەھۋالىڭ ؟
xJ)n4) -ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ئاداش خۇداغا شۈكرى ياخشى تۇردۇمغۇ!
QR0Q{}wbqU -ئاداش بەكمۇ يۇقاپ كەتتىڭغۇ ؟نىمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىڭ، تورغىمۇ چىقماسلا بۇلۇپ كەتتىڭ!كوت-كوتتا ،ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق .ئادەمنى ھەيران قالدۇرۇپ بىراقلا 6-ئاينىڭ پاقىسىدەك يۇقاپلا كەتتىڭ.
YCM]VDx4u1 C-MjJ6D< -ۋاي نىمىسىنى دەيسەن ئاداش ،شۇ ئىدارىنىڭ تۈگىمەس ئىشى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتۇق.ھازىر بۇرۇنقىدەك ئانچە ئەركىن ئەمەس،
i||]V*5n شۇڭا خىزمەتتىن چۈشۈپ ھېرىپ-چارچىغاندا،تورغا چىقىدىغانغا خوشياقماس بۇلۇپ قالدىم.
GV69eG3bX# -ھە مۇنداق دىگىن، شۇڭا يۇقاپلا كىتىپتىكەنسەندە؟ سەندەك دوستۇم بىلەن ئۇزۇندىن بىرى مۇڭدىشىپ كۈنۈپ قالغاچقا ،
0dhaAq`k سېنى سېغىنىپ تېلىفۇن قىلىشىم ئىدى.
LS*y -رەھمەت ئاداش! مەنمۇ سېنى شۇنداق سېغىندىم،بۈگۈن تورغا چىقىپسەندە؟ سەن داۋاملىق كىرىدىغان سۈيۈملۈك مۇنبەرگە كىردىڭمۇ؟
?fjuh}Q5h بۈگۈن قانداق يىڭىلىقلار باركەن؟
[^e%@TV>d -ھەئە بۈگۈن مۇنبەرگە كىردىم ، يىڭىلىقلار ناھايىتى ئاز !پەقەتلا غەيۋەت -شىكايەت كۆپ سالماقنى ئىگەللەپ كىتىپتۇ.
&NK,VB; - ئاداش مۇنبەردىمۇ شۇنداق سورۇن بۇلامدىكەن؟ مەنغۇ مۇنبەرنى چۈشەنمەيمەن .
>kp?vK;'B مەنغۇ ئۆزۈڭ بىلىسەن پەقەت مۇنبەردىكى ،تاللانغان مودا ناخشا-مۇزىكىلارنى تاللاپ ئاڭلاپ ،مۇزىكا قۇتامغا قاچىلاپ چۈشۈرۈۋىلىپلا،
z'\_ja
j^ ئۆزۈمگە كېرەكلىك ماتىرىيالنى ئىزلەپ بۇلۇپلا ئانچە ئۇزۇن تۇرمايمەن .دەپ باققىنە، مۇنبەردە زادى قانداق غەيۋەتلەر بۇلىدىكەن؟
S(8$S])0 -ئاداش قانداق غەيۋەت بۇلاتتى، مانا مۇشۇ رىئال تۇرمۇشىمىزغا ئوخشاشلا غەيۋەت-شىكايەت دىگەن ماڭدامدا بىر بۇلاپ تۇرىدىكەن.
72y0/FJ پەقەت ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى ،مۇنبەردىكى ھەر كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەمما ،شۇلارنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بېسىۋاتقان خەتلىرىدىنىلا خۇشال بۇلىۋاتقىنىنى ياكى رەنجىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بۇلىدۇ.
X4E%2-m@' -ئاداش ئەمسە ، سەن ئۇچىراتقان شۇ غەيۋەت-شىكايەتلەردىن بىر قانچىسنى سۆزلەپ بەرگىنە مەنمۇ ئاڭلاپ باقاي.
^,_w$H قىزىقىپ قالسام بىكار ۋاقتىمدا ،شۇ مۇنبەر دىگەن جايغا ئەزا بۇلاپ مەنمۇ ماسلىشاي.ھا.................ھا..............ھا.
5$&%re!{Z -نىمىسىنى دەيسەن، ھەرگىزمۇ سەن ئۇلاردەك ماسلىشىپ قالمىغىن ! مۇنبەرگە بىرسى شۇنداقلا بىر تىما يوللاپ بولغۇچە، ئىنكاسچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئانچە ياقمىغان بولسىمۇ‹‹ يالغاندىن شۇنداق ياخشى يىزىۋىتىپسىز جۇمۇ!›› دەپلا ئىنكاس قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مۇنبەردا بار-يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ قۇيىدىكەن. يەنە بىرەر مۇنازىرە قىلىشقۇدەك تىما يوللۇنۇپ قالسا ،بولدى......... غەيۋەت، سۈكۈش ، شىكايەت دىگەنگە كۈمۈلۈپ كىتىدىكەن.
}O^zl# تىخى بەزىدە،شۇ تىمىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ ئۇقۇشماستىن ئوۋغاڭ قايناپ قالسا ،سەنمۇ تەڭ قۇرۇق ھاۋاغا سەكرەپ كىتىدىكەنسەن.
dA0.v+Foz" -مۇنداق دىگىن ئاداش ، مەن سۆزلىرىڭنى ئاڭلىغانسىرى بەكمۇ ھەيران قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ مەۋھۇم بوشلۇقمۇ -رىئاللىقتىكى تۇرمۇشقا
O_
DtvjI' ئوخشاپ قاپتۇ ياكى بولمىسا ئېشىپ كىتىپتۇ جۇمۇ.
(Cd\G=PK مىنىڭ پەرىزىمچە بىر تىما دىگەننى يىزىش ئۈچۈن ، جەمىيەتتە نىمە ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ ؟ جەمىيەت بىزدىن نىمىلەرنى كۈتمەكتە ،
9qz6]-K بىز زادى قانداق يولدا مىڭىۋاتىمىز؟ماڭغان يۇلىمىزنىڭ ، باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ، توغرا- خاتالىقى بىزگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ؟
.#Z%1U%P. دىگەندەك بىر قىسىم ۋەقەلىكلەرنى ئاز-تۇلا پەردازلاپ روياپقا ئىلىپ چىقىدىغاندۇ.
7-T{a<g شۇنداق پايدىلانسۇن -دەپ ئەجىر قىلىپ يازغان ،ئاپتورلىرىمىزغا شۇنداق قىلىش كىتەمدۇ؟
aL%AQB, توۋا!بەزىلەرنى شۇنداق تىمىنى، ئۈلگە قىلىپ ئولتۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى ئۈگەنسۇن دىسە، يەنە بەزىلەرنى شۇنداق تىمىلارنى
JSW}*HR ئوقۇپ ئىبىرەت ئالسۇن دىگەن مەقسەت بىلەن يازىدىغاندۇ؟
^Z#W_R\l مىنىڭچە مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ ،باشقىلارغا ئەجىر قىلىپ تىما يوللاپ بەرگەننىڭ پايدىسى يوقكەن.
_/!y)&4" مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرىۋىلىپ قۇرۇق گەپ ساتقاندىن ، بىكاردىن ۋاقىتنى زايە قىلغاندىن ،ماڭا ئوخشاش خالىغان بىر مۇزىكىنى ئاڭلاپ
&8_gRP ھوزۇرلىنىپ ياكى بولمىسا ئۆزىگە ، كېرەكلىك ماتىريالىنى تىپىپ پايدىلانغان ياخشى ئىكەن جۇمۇ.
)'%$V%9 -ئاداش ، دىگىنىڭ بەكمۇ توغرا بولدى! مۇنبەرگە بەزىلەر كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئانچە-مۇنچە گەپ سىتىش ئۈچۈن كىرىسە
u1PaHgi$ بەزىلەر ھەقىقەتەن ئۇقۇرمەنلەرگە پايدىسى تىگەر دىگەن مەقسەتتە تىما يوللىغىلى كىرىدۇ.شۇڭا ھازىر مۇنبەرگىمۇ قىزىقماس بۇلۇپ قاپتىمەن،
,@3$X=),E تىما يازساڭ ھامان بىر قۇسۇرچى يانتاق تىكەن يىنىڭدا پەيدا بولغىنى بولغان. يۇلىۋىتەي دىسەڭ قۇلۇڭغا سانجىلىدۇ! بەزىدە ،مۇنبەرگە
~UjGSO)z} ئۆزىمىزنىڭ دىنىمىزغا زىت كىلىدىغان تىمىلار يوللىنىدۇ . شۇ تىمىغا بەزى بىلىملىك ،كىشلەرنى ھەقىقەتەن قايىل قىلغۇدەك قېرىنداشلار كىرىدۇ.
oDYRQozo> ئەمما شۇنىڭدىنمۇ قۇسۇر چىقىرىپ ئاخىرىدا تىما ئۈچۈرىلىدۇ.
Zx bq -ئاداش بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ،مۇنبەردە ھەقىقەتەن بىرەر قايىل قىلارلىق تىما يوللاشنىڭ تەسلىكىنى سەزگەندەك بولدۇم .
a|=x5`h04~ مەن ساڭا بىر ئېغىز گەپ قىلاي: ھەرقانداق مىللەت ئۆزىنىڭ يۈزىنى ئۆزى تۈكىدۇ! شۇڭا ھەرقانداق ئىشنىڭ يامان ئاقىۋىتى
7{qy7,Gp چاكىنىلىق بىلەن بىلمسىزلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ.شۇڭا سەنمۇ سۈيۈملۈك مۇنبەرىڭدە ،ئۆزۈڭگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق ئەھمىيەتلىك تىمىلار بولسا يوللاۋەرگىن.چۈنكى سەن يوللىغان ،پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى دىگەن تىمىنى سەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا تەرىپلىشىدىغانلارمۇ بار.
.?e\I`Kk^' ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۆسەك گەپلەر بىلەن تۇلۇپ كەتمىسۇن!
F^LZeF[#t - توغرا دىدىڭ ئاداش! سەندەك ئويلايدىغانلارمۇ نۇرغۇن ،ئەمسە مەنمۇ يىڭى بىر تىما ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ئىدىم .
H;fxxu`cS شۇ تىمام ئۈچۈن ئىزدىنەي ئەمسە ،سەنمۇ مۇنبەرگە كىرىپ نادىر تىمىلارنى تاللاپ نەزەر دائىرەڭنى كىڭەيتكىن.
jR#~I@q^ پەقەت مۇزىكا ئاڭلاپ ئولتۇرۇشمۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس!
{aJJ`t -بۇلىدۇ....بۇلىدۇ ، دىگىنىڭ توغرا! ئەمسە تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم ئاللاغا ئامانەت!
i'wAE:Xe -ئاللاغا ئامانەت! كىيىنچە بوش ۋاقتىڭ چىققاندا كوت-كوتتا پارڭلىشارمىز!
['*8IWg !G}+E2fDA مەنبە:كۆڭۈلغۇ.
VZ](uF BY zyg
}F [ بۇ تېماkugulبا2011-06-21 13:42قايتا تەھرىرلەش ]