ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم ئىشتىراكچىللىرى. ياخشىمۇسىلەر ؟ ( ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن ! ئامىن )
HYYx*CJ) مەن سىلەرگە ھىلىلا يۈز بىرىپ ئۆتكەن بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي..كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، بۇ ئىشنى قىسقا ھەم ئىخچام سۆزلەپ ئۆتەي ... قوللاپ-قۇۋەتلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .... رەھمەت...
: )"jh` ئابدوبۇس ئاخىرقى بىكەتكە يىتىپ كىلەيلا دەپ قالدى.. كۆڭلىمدە ئۇ قىزغا دەيمۇ ،دىمەيمۇ دېگەن خىياللار بىلەن چۈشۈشكە تەمشەلدىم. .. ھەي بولدىلا دىمەيچۇ..شۇنداق دىگىنىمچە چۈشۈپ قالدىم..كۆڭلىم بىر ئىشتىن ئىلھاملانغاندەك قىلاتتى..شۇنداق قىلىپ يىزىشنى باشلىۋەتتىم..
>iWf7-: .....بۈگۈن ھاۋا ناھايتى ئىسسىقمۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ،ئىسسىقتىن ئۇساپلا تۇراتتىم. ماگزىنغا كىرىپ ئىچىملىكتىن بىرنى ئالدىمدە،بىكەتكە قاراپ يول ئالدىم. ئابدوبۇسقا چىقتىم.بۈگۈن ئابدوبۇس ئىچى بەكمۇ قىستى-قىستاڭ ئەمەس ئىدى. بىر بىكەت ماڭا-ماڭمايلا ماڭا ئورۇنمۇ چىقتى.سىرىتقا قاراپ نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ، كىتىپ باراتتىىم.
V #\ZS{'J ئابدوبۇس توختىدى،بىر ياشانغان موماي ۋە بىر ئېغىر ئاياغ خوتۇن بىلەن بىرگە بىرنەچچە كىشى چىقىشقا باشلىدى. مەن ئىتتىك قوپۇپ ئېغىر ئاياغ خوتۇنغا ئورۇن بەردىم..ئۇ ئايال رەھمىتىنى بىلدۈرگىنىچە ماڭا كۈلۈمسىرەپ قويدى.تۇيۇقسىز كۆزۈم ھېلىقى ياشانغان مومايغا چۈشۈپ قالدى. ئۇ تىخىچە تىك تۇراتتى.ئەتراپقا قارىدىم.ئالدىمدا 3 ياش ئولتىراتتى...ئۇلارغا ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىدىم. ئىچىمدە بىرەسىنىڭ ئىنسابى كىلىپ ئورۇن بىرىپ قالار دىگەننى خىيال قىلاتتىم..لىكىن ھەممىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك سىرىتقا قارەپ ئولتىراتتى..(ھەي بۇ ياشلىرىمىز نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدىغاندۇ -ھە... قېنى بىزدىكى چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتەك گۈزەل ئەنئەنە.)...
2gR_1*| ئابدوبۇس يەنە بىر بىكەتكە يىتىپ كەلدى..ئۇھ.. ئاخىرى بىرسى قوپۇپ چۈشۈپ قالدى..موماي بىر خىل نارازىلىق بۈلدۈرگەندەك ئۇ يىگىتكە قاراپ قويۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى. يەنە يولوچىلار چىقىشقا باشلىدى. بىر يېشى چوڭراق بوۋاي،قولىدا نان كۆتۈرگىنىچە يىنىمگە كىلىپ تۇردى.مەن ئالدىمدا ئولتۇرغان ياش يىگىتكە ئۈمۈدلىنىپ قارىدىم. لىكىن ئۇ قولىدىكى سۇنى ئىچكىنىچە سىرىتقا پەرۋاسىز قاراپ ئولتىراتتى.ئۇنىڭ ئالدىدىكىدىنمۇ سادا چىقمىدى. تۇيۇقسىز ئارقامدا ئىككى قىزنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ قالدىم.ئارسىدىن بىرى:«ھازىرقى ياشلىرىمىز نىمە دېگەن ئەدەبسىز-ھە ! چوڭلارغا ئورۇن بىرىشنىمۇ بىلمەيدىكىنا..توۋا ».. مەن ئۇ يىگىتكە قارىدىم، ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز ئولتىراتتى..
)qP{X,Uf ئىچىمدە ئۇنىڭغا : «ئېغىر كۆرمەي ياشانغانلارغا ئورۇن بەرسىڭىز بولامدۇ؟»دەي دەپ .يەنىلا..خىجىل بولۇپ قالمىسۇن..ئۆزى قوپۇپقالا دەپتىمەن ..توۋا ..كىم بىلسۇن دەيسىلەر..ئۇنىڭ بۇنچىلا ئەدەبنى بىلمەيدىغانلىقىنى...
OO+#KyU ئابدوبۇس يەنە توختىدى..ئۇدا 3 بىكەت ماڭغان بولسىمۇ..ھىچكىمدىن سادا چىقمىدى.ئۇ يەنىلا پەرۋاسىز ئولتىراتتى..( ھەي ئەگەر سىنىڭ ئاتا-ئاناڭ چىقىپ قالسىمۇ ئورۇن بىرىشىڭ ناتايىن ئوخشايدۇ... ئۇلۇغ ئاللاھ ياشلىرىمىزغا ئىسلام نۇرىنى چاچقايسەن ! ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرگەيسەن ئامىن ! ).بايىقى قىزلار يەنە سۆزلەشكە باشلىدى..بۇ قىتىم ئۇلارنىڭ خەنزۇچە پاراڭلاشقىنىنى ئاڭلىدىم...: « توۋا چوپ -چوڭ ئەركەك بىردەم تۇرغانغا ئۆلۈپ قالارمۇ..ئاداش بۇنى رەسىمگە تارتىپ ‹مەكتەپ ئىچى›(شىياۋ نىي)تورىغا چىرامدۇق...»....
~0r.3KTl"Y مەنزىلىمگە يەنە 1 بىكەت قالغاندا ، ھېلىقى ئېغىر ئاياغ ئايال، بوۋايغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي ، ماڭا قارىغىنىچە ئورنىدىن دەس تۇردى -دە،بوۋاينى ئەككىلىپ ئولتۇرغۇزۇپ،ئۆزى ئۆرە تۇردى.( ئىچىمدە ئۇ ئايالغا ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە، ماۋۇ ۋىجدانسىز، غورۇرى يوققا لەنەت ئوقۇدۇم.) شۇنداق قىلىپ ئابدوبۇس بىكەتكە يىتىپ كەلدى. مەن ئىچىمدە ئارقامدا تۇرغان قىزغا :« ھىلى مىسرانىم تور بىكىتىگە كىرىڭ ، مۇشۇ ئىش ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلايلى.».دەيمۇ-دىمەيمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم . لىكىن ئۆزۈم سەل تارتىنچاق بولغاچقا..دىمەيلا چۈشۈپ قالدىم....
+X(^Q@ كۆملۈمنى بىرخىل غەشلىك چىرمىۋالغان ئىدى. .. كەيپىياتىم تۇراقسىزلىشىشقا باشلىدى...بىرخىل مۇرەككەپ ھىس-تۇيغىلار قەدىمىمنى ئاستىلاتماقتا ئىدى..كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئابدوبۇس ئىچىدىكى ئاشۇ غەيرى ئىقلىمنى ئىزدەيتى..ئۇنىڭدىن يىنىش-ينىشلاپ : «سەن زادى قايسى ئىقلىم ! » دەپ سورىغىم كىلەتتى...ھەي ئامال قانچە...
*P\_:>bV( مەن مەنزىلىمگە قاراپ يول ئالماقتىمەن . بايقى ئېغىر ئاياغ ئايال بولسا ،تېخىچە ئۆرە تۇرماقتا، قىزلار ئۆز پارىڭىنى داۋاملاشتۇرماقتا...ئاۋۇ 5 ئەزايى ساق، مىللىتىمىزنىڭ «ئەركىسى،نەۋقىران بۈركىتى» داۋاملىق ئۆز «ئىسىل ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە ئىش-ئىزلىرى» بىلەن مىللىتىمىزگە «شان-شەرەپ» ئەكەلمەكتە ئىدى. ئۇ ئىلىپ كىلىۋاتقان «شان-شەرەپلەر» مىللىتىز ئەنئەنىسىنىڭ كۆيۈپ ئۆچۈشىگە ئازدۇر -كۆپتۇر «تۆھپە» قوشماقتا ئىدى.
TvG:T{jwy نىچۈن بىز بۇ «تۆھپىلەرنى» قوشۇشقا ئامراق ؟ ئىزدىنەيلى... «بىرىنىڭ پوقى مىڭغا دىگەندەك» ھەممىمىز بىر تاياقتا ھەيدەلمەيلى. بىز تۈزۈتۈشكە تىگىشلىك ئىشلار ساماندەك .. ھەممىمىز تىرىشىپ كۈچ چىقىرايلى.....
+rpd0s49 ئاخىرىدا دەيدىغىنىم :مۇشۇنداق مىللىتىمىزنىڭ ئېتنىك قارىشىغا، خىلاپ «تۆھپىلەر» يوقالسۇن ! ...ھەقىقى تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن تىرىشايلى.!
z2q5f:d8 \bQ!>l\ >N1]h'q> مەنبە: ئەكرەم
N4DDH^h 2011-يىلى06-ئاينىڭ-20-كۈنى يىزىپ تاماملاندى.
U5$DJ5>8 [ بۇ تېماNazar.با2011-06-21 07:18قايتا تەھرىرلەش ]