مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       454 
  •    ئىنكاس 
       12 

ئالىيجاناب قىزنىڭ ھېكايىسى

قەۋەت ئاتلاش
زۇلال
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   112 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   7  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 365
 سائەت
دەرىجىسى:
365 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
— بۇ يازما alafasy تەرپىدىن بىرىكتۈرۈلدى (2011-06-20) —

ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ‹‹كەچلىك پاراڭ››نى ئالى مەكتەپ ھاياتىنىڭ تولىمۇ رەڭدار،ئۆزگىچە بىر قىسمى دەپ ئويلايمەن.بولۇپمۇ يېڭى كەلگەن چاغلاردا قىلىشقان پاراڭلار ھەرگىزمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.ئەمدىلا تونۇشقان ياتاقداشلىرىمىز بىلەن دېگەندەك ئىچەكىشىپ كېتەلمىگەچكە كۈندۈزدە ئۇنچە بەك پاراڭلىشىپمۇ كەتمەيتتۇق. كەچتە چىراقنى ئۆچۈرۈپ، ئۆيدىكىگە قىلچە ئوخشىتالمايۋاتقان كارۋاتتا ھېلى ئۇياققا ئۆرۈلۈپ ھېلى بۇياققا ئۆرۈلۈپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيىلمايتتۇق. ئۆيدىكىلەر،يۇرتتىكىلەر،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقداشلارتۇيۇقسىزلا ئەتراپىمىزدىن غايىپ بولغاچقىمىكىن ئادەمنىڭ كۆڭلى بۇ ناتونۇش دۇنيادىن ھامان بىر سىرداش ئېزدەيتتى.ھېچكىمنىڭ ئۇخلىمىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ئىدى .ئەنە شۇنىڭدىن كېيىنلا بىرىمىز غەيرەتكە كېلىپ بۇ تىنىچلىقنى بۇزاتتۇق. قاراڭغۇدا بىر-بىرىمىزنى كۆرمىگەندىكىن بىردەمدىلا تارتىنىشمۇ تۈگەپ قىزىپ كېتەتتۇق-دە،ھەتتا بەزىدە ھاياجانلىنىپ قىلچە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايلا كەلگۈسى نەچچە يىلنى بىر‹‹ئۆي››دە ئۆتكۈزمەكچى بولىۋاتقان بۇرادەرلىرىمىزگە ئىچ سىرلىرىمىزنى تۆكۈپ كېتەتتۇق.شۇنداق پاراڭلار بىلەن بەزىدە تاڭ ئاتقۇزىۋىتەتتۇق.ئەلۋەتتە ،قىزىق تىما يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئىدى... يامغۇر ياققان بىر كېچىدىكى پارىڭىمىز پەقەتلا ئىسىمدىن چىقمايدۇ،پاراڭنىڭ تىمىسى ‹‹تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىزدا ئەڭ چوڭقۇرتەسىر قالدۇرغان كىشى›› ئىدى... QbS w<V  
      ‹‹ئۇنى مېنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەڭ ياخشى ئۆتىدىغان ساۋاقدىشم دىېسەممۇ بولىدۇ.›› قارىمىققا يېشى ھەممىمىزدىن چوڭ كۆرىنىدىغان ياتاقدىشىمىز چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ھېكايىسىنى باشلىدى .‹‹ئۇنىڭ ئۆيى يىزىدابولغاچقا ياتاقلىشىپ ئوقۇيتتى.بىزنىڭ ئۆي شەھەردە بولغاچقا كىلىپ بېرىپ ئوقۇتتۇم.گەرچە ئۇ‹‹يېزىلىق›› مەن ‹‹شەھەرلىك››(ئەينى ۋاقىتتا بالىلار ئارىسىدا تەبئىلا مۇشۇنداق ئايرىيتى) بولساقمۇ مۇناسىۋىتىمىز بەكلا يېقىن ئىدى.بىر-بىرىمىزدىن گەپ يۇشۇرمايتتۇق.بىرگە ئۈگىنەتتۇق،بىرگە ئوينايتتۇق.ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەك ئۇ ئۆزىنىڭ قىز بالا ئىكەنلىكىنى مەنمۇ ئۆزۈمنى ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ كىتەتتۇق.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قىزبالا ،مېنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىم ئىككىمىزنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيتتى.شۇنداق بولغاچقىمىكىن بەزى ساۋاقداشلار ھەتتا مۇئەللىممۇ بىزنىڭ نۇرمال مۇناسىۋىتىمىزدىن گۇمانلىناتتى.تېخى نەچچە قېتىم ئىككىلىمىز بار يەردە يۈزىمىزدىن يۈزىمىزگىلا:‹‹راستىنى ئېيتىڭلارچۇ،سىلەرنى مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارمىكىن دىسە ئەمەستەك ،يېقىن دوستلارمىكىن دېسە ئۇنداقمۇ ئەمەستەك، ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى زادى قانداق مۇناسىۋەت؟،›› دەپ سورىغانلارمۇ بولغان ئىدى.شۇ چاغدا ئىككىلىمىز تەڭلا قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىغان ئىدۇق.ھېلىمۇ ئېسىمدە كۈلكىمىز شۇنداق تەبئى شۇنداق جاراقلىق ئىدى.ئەقىللىقراق كىشى بۇ كۈلكىدىنلا جاۋاپ تاپار ئىدى.دېمىسىمۇ بۇ بىز ئۈچۈن تولىمۇ كۈلكىلىك سوئال ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا بۇ سوئالغا ئۆزىمىزمۇ ئېنىق جاۋاپ بىرەلمەيتتۇق.چۈنكى بىز ئەزەلدىن بۇ تەرىپىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق،بەلكىم زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىغان بولساق كېرەك.لىكىن شۇنىسى ئېنىق ئىدىكى بىز مۇھەىببەتلەشمەيۋاتاتتۇق،مۇناسىۋىتىمىز شۈنچىلىك پاك ئىدىكى ،پەقەتلا بىرقوساق تۇققان بولماي قالغان يىرىمىز بار ئىدى.بۇ تەرىپى ئىككىلىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئايان بولغاچقىمىكىن ،مەيلى مۇئەللىم ياكى ساۋاقداشلار سورىغان ھېلىقىدەك سوئاللارغا ئەنە شۇنداق كۈلۈپلا قوياتتۇق. U7 Z_  
     ھەر قانداق ئىشنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغان چېغى بولىدىكەن.لىكىن بۇنى سەن خۇشاللىق ئىچىدە تۇرغان چېغىڭدا ھىس قىلالمايدىكەنسەن.پەقەت رەھىمسىز ۋاقىت تۇيدۇرماي كېلىپ خۇشال پەسلىڭنى يىغۇشتۇرماقچى بولغان چاغدا ،گەرچە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلسەڭمۇ يەنىلا ئۇنىڭدىن سىنى ۋە ئەتراپىڭدىكىلەرنى شۇ خۇشاللىق ئىچىدە مەڭگۇ قالدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلىدىكەنسەن.لىكىن ئاخىرى يەنىلا نادانلىق قىلىپ پەيتىنى تۇتالمىغان ۋە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ خاتالاشقان ئىشلىرىڭ ئۈچۈن بىر تۇتام پۇشايماننى قولتۇقلاپ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ۋاقىتقا تەن بەرمەي بولمايدىكەن . :9K5zD  
       شۇنداق قىلىپ ساددا،پاك ،تۈزكۆڭۈل،خىيالچان،ھىسياتچان،جۇشقۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئاخىرلىشىپ ياشلىقنىڭ تۇنجى سىناقلىرىدىن بىرى بولغان ئالى مەكتەپ ئېمتىھانى بىزگە خىرىس قىلماقتا ئىدى. پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ھەمىشە بىر مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ يەنىلا بىر سىنىپتا ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇشتەك شىرىن خىياللارنى سۈرەتتۇق.ئەلۋەتتە، خىيال سۈرۈپلا يۇرمىدۇق، پۈتۈن سىنىپتىكىلەر دوستانە رىقابەتلىشىپ ئالدىمىزدىكى بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن بار كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىللىرى ئەنە شۇ ترشچانلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىدى. f@>27&'WV  
     بىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ،ۋاقىت بىز بىلەن بەسلىشىپ ھودۇقۇش،گاڭگىراش ئىچىدە ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىنمۇ كۈتۈۋالدۇق ھەمدە‹‹يامان ئەمەس››بىرىپمۇ تۇگەتتۇق.ئەلۋەتتە،نەتىجە چىقىشتىن ئىلگىرى ھېچكىممۇ‹‹ياخشى››سۆزىنى ئىشلەتمەيتتى،چۈنكى ئالى مەكتەپ ئېمتىھانى ئادەتتىكى ئېمتىھانلارغا ئوخشىمايتتى،ھەرقانداق بىر ئويلىمىغان نەتىجىنىڭ چىقىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايتتى. شۇڭا ھەممە ئادەم گەپ قىلغاندا تولىمۇ ئېھتىياتچان ۋە كەمتەرلىشىپ كېتەتتى.مەنمۇ ئىچىمدە خېلى ياخشى بەردىم دەپ ئويلايتتم.لىكىن بۇ ئويلىغىنىم پەقەت ئوي بولۇپلا قالدى خالاس.تەقدىرنىڭ ماڭا ئېغىر چاقچاقتىن بىر قىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن.سنىپتىكى قىرىق تۆت نەپەر ساۋاقداشتىن قىرىق ئۈچ نەپىرى مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك ئىشقىلىپ ئالى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى.پەقەت مەنلا شورپىشانە بولۇپ قېپ قالدىم.باشتا زادىلا كاللامدىن ئۆتمىدى، راستىنلابەك ئېغىر كەلدى.دىمىسىمۇ بىزنىڭ سىنىپ دەسلىپىدىلا تولۇقسىزنى ئەڭ ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن بالىلاردىن تەشكىللىنىپ،ھەر مەۋسۇملۇق ئېمتىھاندىكى تاللاش-شاللىنىشلاردىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا مەكتەپتىكى ئەڭ ئەلاچى دەپ قارالغان بالىلاردىن تۈزۈلگەن ئىدى.مىنىڭ نەتىجەم ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى،ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىدىكى نەتىجەممۇ خېلى ياخشى ئىدى،لىكىن بەزىلەرگە ئىككى ئۈچتىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىدىن نېمىشقىكىن ماڭا بىرەرىمۇ كىپ قويمىدى.دادام خېلى يەرلەرگىچە سۈرۈشتۈردى،لىكىن ھېچقانداق نەتىجسى چىقمىدى.مانا كېلىپ قالار،ھېلى كېلىپ قالار دەپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۈمۈدىمنى ئۈزمىدىم،راستىنى ئېيتسام شۇ چاغقا كەلگۈچە ھېچقانداق نەرسىگە ئۇنداق تەلپۈنۈپ باقماپتىكەنمەن.لىكىن بۇنداق قىلىشىم مەندىن بەكرەك ئاتا-ئانامنى ئازاپلاپ قويىۋاتاتتى،شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى چاقىرىق قەغىزىدىن ئۈمۈدىمنى ئۈزۈپ،قايتىدىن ئوقۇشقا كىردىم.ئۇچاغدا ئالى مەكتەپكە ماڭىدىغانلار ئاللىقاچان مېڭىپ ،يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىپ بولغان ئىدى.›› K+Ehj(eF  
    ـــ ھېلىقى قىزچۇ ؟ ئۇ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپلا سىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ دە!ـــ گەپنى بۆلدى بىرى. `@=}5 9+|  
    ـــ ياق! ـــ ئۇ يەنە بىر چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ گىپىنى داۋاملاشتۇردى.‹‹دەل ئەكسىچە ،شۇچاغلاردا مىنى توختىماي ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرغان ئادەم شۇ ئىدى.ئۇ ماڭا كۈندە دىگۈدەك تېلفۇن قىلىپ كۆڭلىمنى ياسايتتى،ئۈمىدسىزلەنمەسلىككە،قايغۇرماسلىققا ئۈندەيتتى،ئۇ يەنە بىر يىلنىڭ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆتۈپ كىتىدىغانلىقىنى،كىلەر يىلى چوقۇم ئەڭ ياخشى ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىمغا بولغان ئاجايىپ ئشەنچىللىرىنى دەپ مىنى ھەرقاچان بەل قويىۋەتمەسلىككە ئىلھاملاندۇراتتى.ئەلۋەتتە، يۇقارقى سۆزلەرنى ئۇ ماڭا ئۇدۇلغا-ئۇدۇلدىن دىمەيتتى،چۈنكى ئۇنداق ئوچۇقتىن-ئوچۇق تەسەللىنىڭ ماڭا تېتىمايدىغانلىقىنى ئۇ ئېنىق بىلەتتى.شۇڭا ئۇ ئۇستىلىق بىلەن باشقا بىر گەپلەرنى قىلىپ ماڭا يۇقارقى مەنىلەرنى بىلدۇرەتتى. قايتا ھەر قېتىم ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى . شۇچاغدا مىنى ئوقۇشقا قايىل قىلغان ئادەممۇ شۇ ئىدى.قايتا ئوقوشنىڭ تەمىنى پەقەت قايتا ئوقۇغان ئادەملا بىلىدۇ،بولۇپمۇ ھەممە ساۋاقداشلىرىنى ئۇزىتىۋىتىپ،ئۆزى يالغۇز ئۆزىدىن بىر يىللىق تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇش يېڭىش تەس بولغان روھى قىيىنچىلىق ئىدى.بۇ جەرياندا يەنىلا ئۇ ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.ئون كۈندە بىر دىگۈدەك ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالاتتىم.ئۇ خېتىدە ئالى مەكتەپنى ۋە ئۆزى تۇرىۋاتقان چوڭ شەھەردىكى ئاجايىپ غارايىباتلارنى باشقىلاردەك كۆپتۈرۈپ سۆزلەپمۇ كەتمەيتتى،بەلكى ئۇ ماڭا بېسىم بوپ قېلىشىنى خالىمىسا كېرەك.ئەكسىچە يېڭى تۇرمۇشىدىن،يېڭى ساۋاقداشلىرىدىن قاقشاپ قوياتتى.يەنىلا بۇرۇنقى چاغلارنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىنى،مىنىڭ قەدىرلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىپ مىنى ئىلھاملاندۇراتتى.ئەنە شۇ ئىلھاملاندۇرۇشلار مىنىڭ بارلىق روھى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يەنە بىر قېتىم دادىللىق بىلەن ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىدىن ئىبارەت بۇ‹جەڭ›گە ئاتلاندىم. sa*]q~ a  
     ‹ئەرگە بىر نۆۋەت يەرگە بىر نۆۋەت›دەپ بۇقېتىم ماڭا نۆۋەت كەلدىمۇ قانداق،مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق ئەليۇلئەلاسى بولۇپ ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدىم.بىرىنجى قېتىم تەلىيمنىڭ كاج كىلىشى ئەسلىدە ماڭا سىلەر بىلەن ياتاقداش بولۇش پۈتۈلۈپتىكەن...››‹‹خارت!››قىلغان خورەك ئاۋازى بىلەن بۇرادىرىمىزنىڭ گىپى ئۈزۈلۈپ قالدى.سىرىتتىن يامغۇرنىڭ شىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. y] M/oH  
   ـــ ھېكايە تۇگىمىگەندۇ-ھە؟ـــ دېدىم مەن ھېچ بىر ئاخىرى چىقمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ. 4z[Z3|_V  
   ـــ ئەلۋەتتە،ھېكايىنىڭ قېزىق يېرى ئالدىمىزدا.ـــ بىردەملىك جمقىتلىقتىن كېيىن ئۇ ئاۋازىنى بىرئاز پەسلىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.‹‹بايا ئېيقىنىمدەك ئۇ يازغان خەتلىرىدە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا يۈزبەرگەن ھەربىر ئىشتىن مېنى خەۋەردار قىلاتتى.مەنمۇ جاۋاپ خېتىمدە ئاساسەن دىگۈدەك ھەممە گېپىمنى دەيتتىم.ئاساسەن دېيىشىمدە قايتا ئوقۇشقا كىرگەدىن كېيىن مەن بەزى ئىشلارنى ئۇنىڭدىن يوشۇرۇشقا باشلىدىم. ئۇ سىنىپقا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي تولىمۇ ئەخلاقلىق ھەم ياۋاش بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،داۋاملىق بىللە دەرس تەكرارلاش جەريانىدا مەن ئۆزۈمدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان تۇيغۇنىڭ پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم،بۇ خىل ھىسيات ئىلىگىركىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. ھەرقېتىم كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا ئىككىلىمىز كۆزىمىزنى باشقا تەرەپكە ئەپ قاچاتتۇق.بىلىكىمىز تىگىپ كىتىدىغان بولسا خېجللىقتىن يۈزلىرىمىزئوت ئالاتتى. بۇنداق ئەھۋال ھېلىقى دوستۇم ئككىمىزدە ئەسلا يۈزبىرىپ باقمىغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ بۇ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز بارا-بارا قويۇقلىشىشقا باشلىدى، ئىككلىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئازدۇر كۆپتۇر سىزىشكە باشلىدۇق،لىكىن تولىمۇ ئىھتىيات قىلاتتۇق،چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىش سەۋەبلىك ئالى مەكتەپ ئېمتىھانىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويساق بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتۇق.تاكى ئېمتىھاننى تۈگەتكۈچە ئۆزىمىزنى شۇنداق تۇتىۋالدۇق.بۇ ئىشلار ھېلىقى دوستۇم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسەتمىدى.مەنمۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلىدىم،يەنە بىر تەرەپتن ئۇنىڭغا نىمە دەپ ئېيتىشنىمۇ بىلمەيتتىم.باشقا ھەرقانداق گەپنى ئېيتىۋىرەتتىم،نېمىشقىكىن بۇنى ئېيتىشقا جۈرەت يوق ئىدى،بەلكى بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئەزەلدىن بۇ تىما توغرىسىدا گەپ بولۇپ باقمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپ ئېمتىھانى ئاياغلىشىپ،يېڭى ساۋاقدىشىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىممۇ ئېنىق بولدى. ئككىلىمىز بىر شەھەردىكى ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئىدۇق،بۇتەرىپى بىزنى تېخىمۇ چىڭ باغلىدى،بىز تىزراق ئالى مەكتەپكە بېرىشنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتتۇق .شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قىز دوستى بار ئادەمگە ئايلاندىم.ھېلىقى ساۋاقدىشىممۇ تەتىل قىلپ كەلدى.قارىماققا ھېچ بىر ئۆزگەرمىگەندەك قىلاتتى.نەچچە قېتىم كۆرۈشسەك شۈنچە قېتىم ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ماڭا بەرگەن مەدەتلىرىگە تولىمۇ مىننەتتار ئكەنلىكىمنى بىلدۇرەتتىم،توختىماي رەھمەت ئېيتتاتتىم،نىمىشقىكىن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا قەرىزداردەك ھىس قىلاتتىم.بولۇپمۇ ئۇ ھەر قېتىم ‹قۇرۇق رەھمەت ئېيتىپلا قۇتۇلىمەن دىمە جۇمۇ!›دەپ چاقچاق قىلسا بىر قىسىملا بولۇپ قالاتتىم،خۇددى بىر يامان ئش يۈز بىرىشىنى سەزگەندەك تۇيغىغا كېپ قالاتتىم.چىرايىمنىڭ ئۆزگەرگىنىنى كۆرۈپ: ‹نىمانچە ھودۇقىسەنوي، قورقما سىنى ئوتقا كىر،سۇغا كىر دېمەيمەن› دەيتتى-دە،قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى،ئۇنىڭ كۈلكسى يەنىلا شۇنداق تەبئى،يەنىلا شۇنداق جاراڭلىق ئىدى. شۇنداق قىلىپ نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا بۇئىشنى دېيىش قارارىغا كەلگەن بولساممۇ يەنىلا تىلىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەندە ئۇنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى مىنى بۇ نىيىتىمدىن ياندۇرىۋەتتى. Uj6R?E{Jt  
     تەتىلمۇ شۇنداق قىلىپ بىردەمدىلا توشتى.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تەلمۈرگەن ئالى مەكتەپكىمۇ كەلدۇق.دەسلەپتە ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئالاقىلىشالمىدىم،كېيىن باشقىلاردىن ئۇنىڭ يانفون نۇمۇرىنى سوراپ ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدۇق.ئككى ئۈچ كۈندە بىر قىسقا ئۇچۇر يوللىشىپ يۈردۇق.شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن تېشىمغا چىقىرالمىغان،لىكىن خېلىدىن بىرى مىنى ئاجىز بىر ۋەسۋەسىگە سېلىپ يۈرگەن ئېش ئاخىرى يۈزبەردى. بىر كۈنى ئۇ ئۇچۇرىدا ماڭا بىر ناخشىنى ئاڭلىشىمنى تەۋسىيە قىلدى.مەن باشتا ئانچە كۆڭۈلشىمەپتىمەن،ئەتىسى ئۇ يەنە ئۇچۇر يوللاپ مىنىڭ ئاڭلىغان ئاڭلىمىغانلىقىمنى سورىدى،مەن تاپالماسلىق باھانىسىنى كۆرسىتىىۋىدىم ،ئۇ:‹تاپالمىغان بولساڭ بولدى ئىزدەپ ئاۋارە بولما،مەن مۇنداقلا دەپ قويغان› دېدى.شۇنىڭدىن كېيىنلا زادى نېمە ناخشا بولغىيتتى دەپ توردىن ئىزدەپ تاپتىم.ناخشىنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:‹قاچانلاردىن باشلاپ كۈتكىنىمنى بىلمەيمەن،سەن پەقەتلا ئېغىز ئاچمايسەن،ھەر قېتىم كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ يۈرگەنلەرنى كۆرىمەن،لىكىن ئىككىمىز يەنىلا جىمجىت...دوسلۇقتىن مۇھەببەتكە زادى قانچىلىك ماڭسا يىتىدىغانلىقىنى بىلمىدىم ،لىكىن سەن ئۇ سۆزنى قىلمايسەن،دائىم بىز ياخشى دوست دەيمىز،بىلمىدىم سەن قاچان ئېغىز ئاچىسەن....› كاللام قوپقۇرۇقلا بوپقالدى،بىر ھازاغىچە نېمە دىيىشىمنى ،نېمە قىلارلىمنى بىلمەيلا قالدىم.خۇدا ھەققى مەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرقانداق بىر غەيرى خيالدا بوپ باقمىغان،ھەتتا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم ،بۇجەھەتتە مەن ئۇنى بىر تۇققاندەكلا كۆرىدىغان تۇرسام ،بۇ قاداقمۇ مۇمكىن بولسۇن. تۇيۇقسىز كاللامغا بۇرۇن ئوقۇغان بىر كىتابتىكى مۇنۇ قۇرلار يادىمدىن كەچتى.‹بىر قىز بىلەن بىر يىگىت ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى دوستلۇق بولمايدۇ،ھامان تەرەققى قىلىپ ئۇ مۇناسىۋەتتىن چاتاق چىقىدۇ...›شۇ چاغدا ئانچە قايىل بولمىغان ئىدىم،ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىققۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.مانا ئەمدى قايىل بولماي تۇرالمىدىم.بۇ ئىشنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا بېشىمغا ئېغىر غەم چۈشتى.بۇياققا قارىسام شۇنداق ياخشى قىز دوستۇم،ئۇياققا قارىسام شۇنداق ياخشى سىردىشىم.لىكىن شۇنىسى ئۆزۈمگە ئايان ئىدى،قىز دوستۇم بولمىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ بۇتەلىپىنى ئورۇندىيالمايتتىم،چۈنكى ئۇنىڭغا بولغان ھىسياتىم شۇنداق ئېنق ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئۆزۈمنى ھەم ئۇنى ئالدىسام بولمايتتى.ئەمدىكى ئىش قانداق قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي بۇ ئىشنى ھەل قىلىش ئىدى.گەپ قىلماي تۇرىۋالايمۇ دەپمۇ ئويلىدىم ،لىكىن قاچانغىچە گەپ قىلماي يۈرىمەن؟ ئەجىبا ئۇنىڭ يەنە سورىشىنى ساقلامدىم؟ ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ ئوچۇقىنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم،قولۇمغا تىلفوننى ئېلىپ تولىمۇ ئۇزۇن ئۆزرەخاھلىق ۋە چۈشەندۇرۈشلەر بىلەن تولغان قىسقا ئۇچۇردىن بىرنى يېزىپ ئەۋەتتىم.لىكىن ئۇچۇر قايتمىدى.ئەتىسىمۇ،ئۆگىنىمۇ ھېچ سادا يوق ،تېلفونمۇ ئۇردۇم ئالىدىغان ئادەم يوق.ئۈچىنچى كۈنى ئاخىر ئالدى.لىكىن تېلفوندا نېمە دىيىشىمنى بىلمەيتتىم.لىكىن ئۇتېلفوننى يەنىلا شۇنداق خۇشىخۇي ئالدى-دە،خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ۋېچچىرلاپ سۆزلەپ كەتتى.‹ئۈلۈشكۈنى يازغان ئۇچۇرۇمنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭمۇ، نېمىشقا ئۇچۇر قايتۇرمايسەن،›سورىدىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.لىكىن يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك‹ھە،ئۇچۇر يازغانمىدىڭ، بۇنەچچە كۈن تېلفونۇمنى دوستۇم ئشلىتىپ تۇرغان،مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلارغا،تېلفۇنلارغا جاۋاپ قايتۇرما دېگەن ئىدىم،شۇڭا بولسا كېرەك.ھە راست،نېمە ئىش ئىدى؟› سورىدى ئۇ.‹ھېچ ئىش،ئەھۋال سوراپ شۇ › ئاران شۇنداق دىيەلىدىم.ئۇنىڭ مەقسىتىنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم.تېلفونۇمنى دوستۇم ئىشلىتىپ تۇرغان دېگىنى ئېنىقلا يالغان ئىدى.لىكىن بۇ يالغان ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن توقۇلغان ئىدى،مەندەك بىر دوستىنى خېجىل قىلماسلىق ئۈچۈن،بۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇ بۇ يالغاننى توقۇپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقان گەپلىرىمىز قۇلىقىمغا كىرمەيۋاتاتتى،لىكىن ئىككىلىمىز ھىلىقى ناخشا ياكى ئۇچۇر توغرىسىدا گەپ قىلىشمىدۇق،ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىىك تەبئى،شۇنچىلىك جاراڭلىق ئىدى.پەقەت ئۇنىڭدەك ئالىيجاناپ كىشىنىڭ ئاۋازىلا ئاشۇنداق تەبئى،ئاشۇنداق جاراڭلىق چىقاتتى.تىلفوننى ئارانلا قويىۋالدىم.كۆزلىرىمدىن ھاياجان ياشلىرى،خېجللىق ياشلىرى،مىننەتدارلىق ياشلىرى ئەگىدى...›› $U"/.Mh\  
     ياتاق ئىچىدە بىر خىل جىمجتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى.شۇ تاپتا كىمنىڭ ئويغاق كىمنىڭ بۇخارادا ئىكەنلىكىنى،كىمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەقەت شۇ ئادەم ئۆزىلا بىلەتتى.ھېچكىممۇ بۇجمجىتلىقنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايتتى. B>#zrCD  
0>VgO{X  
C[? itk!  
مەنبە-زۇلال
تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-20, 23:18
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئۈمۈدۋارغا ئۈمۈد يار!
زۇلال
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   112 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   7  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 365
 سائەت
دەرىجىسى:
365 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-20
قۇرۇق بوتۇلكا

(ھېكايە) @Mt6O _V  
ھاۋا نېمانچە ئىسسىپ كېتىدىغاندۇ بۇكۈنلەردە ! ئاپتاپتا بىردەم تۇرسا گەجگىسىنى كۆيدۈرىدىغان ئىسسىقنىمۇكۆرگەن،لېكىن بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچىلا ئىسسىيدۇ-دىسە! ئاسمانغا قارىسىڭىز قۇياشنىڭ زادى بۇ كۈلرەڭ ئاسماننىڭ قەيەرىدە تۇرۇپ جاھاننى قىزىتىۋاتقىنىنى بىلمەك تەس. ئەتراپقا قارىسىڭىز سايە بىلەن ئاپتاپنىڭ قىلچە پەرىقى يوقتەك، ھەربىر نەپىسىىڭىز خۇددى تونۇردىن چىققان يېلىغدىن نەپەسلىنىۋاتقاندەك بئاراملىق ئىچىدە .پۇتۈن شەھەر خۇددى چوڭ پارنىكتەك، شەھىردىكى ئادەملەر خۇددى پارنىكتىكى زىرائەتلەردەك... ch \*/  
ئادەم ساقلاش نىمەدىگەن تەس-ھە! بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئىسسىقتا. ياتاق بىناسى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا سولۇشۇپ ئولتۇرغىنىمغا خېلى بولدى، ‹‹دىككىدە چىقىپلا چۈشىمەن››دىگەن پەتتار تېخچىلا چۈشمەيۋاتاتتى. مۇنۇ بېزەڭ دەرەخكە نېمە بولدىكىنە ؟ يوپۇرماقلىرىنى شۇنداقلا بىر لىڭشىتىپ قويسا ئىدى كاشكى، خېلىلا ھوزۇر بولاتتى دېسە،ئەجىبا ئۇ شۇنچىلىك ئىلتىپات كۆرسىتىشكىمۇ ئېرىنچەكلىك قىلىۋاتامدىكىنە ؟ھاۋا شۇنچە ئىسسىق تۇرسا  ئۇنىڭدىنمۇ رەنجىگىلى بولمايدۇ دە! ئاللىبۇرۇن ئىككى بوتۇلكىنى قۇرۇقداپ بولدۇم ،قورسىقىممۇ سۇغا تولۇپ كەتتى ،لىكىن سوغۇق سۇمۇ قېرىشقاندەك ئىچكەنسىرى ئۇسىتاتتى. &Mo=V4i>  
شۇ تاپتا مەندىن بەكرەك ئىچى سىقىلىۋاتقان يەنە بىرەرسى بولمىسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .ئامال قانچە ،يەنە بىر بوتولكا سۇ سېتىۋېلىپ كىلىپ  ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قاراپ  ئولتۇردۇم. قىلچە زوقۇم بولمىسىمۇ بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ ئەمدى ئىچەي دەپ تۇرىۋېدىم ،نېرىدىن كېلىۋاتقان بىر جۈپ قىز-يىگت دىققىتىمنى تارتتى . 4xe:+sA.N  
قىز ئىسسىققا ماسلاشتۇرۇپ، باشقا ھەممە نەرسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ يىنىكلا  كىيىنىۋالغان ئىدى، يىنىك بولغاندىمۇ شۇنچىلىك يىنىك ئىدىكى، ئۇچىسىدىكى بارلىق نەرسىنىڭ ئېغىرلىقى بىر جىڭدىن ئاشمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى.پەقەت بۇلا ئەمەس ،يەنە بىردەم قارىسام ئۇنىڭ ھەرقانداق يىرىگە كۆزۈم  يېتىدىغانلىقىنى سىزىپ دەرھال كۆزۈمنى يىگىتكە يۆتكىۋالدىم. يەنىلا يىگتلەر چىداملىق ئىدى .خېلىلا ئېغىر كىيىنگەن، بىر قولىدا بىربوتۇلكا سۇ ،يەنە بىر قولىدا كۈنلۈك كۆتىرىۋالغان يىگت قىزنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە ئىدى. ھېلى قىزنىڭ بۇتەرىپىگە ھېلى ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ ھەدەپ بىرنىمىلەرنى چۈشەندۈرەتتى، قولىدىكى كۈنلۇك ھامان قىزنى كۈن نۇردىن توسايتتى ، قىز خۇددى ئەتراپىدا ھېچكىم يوقتەكلا چوڭ-چوڭ قەدەملەرنى بېسپ كېلىۋاتاتتى ، بۇنچە قىلغۇدەك نىمە گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولغىتتى ،بىچارە!... ياق، ئۇ بىچارىدەك قىلمايتتى، ئۇ ئاخرى غەيرەتكە كەلدى،تاقىتى توشتى بولغاي ئورنىدا جىملا تۇردى،ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىشى كېرەك-دە! چىرايىداخاپىلىق ۋەمەغرۇرلۇق ئارلىشىپ كەتكەن قىز يەنىلا مەغرۇر قەدەم تاشلاپ مېڭۋەردى. ئاقمىدى-دە! يىگت بىردەم تۇرۇپ باقتى ،لىكىن ئاقمىغانلىقىنى سەزدى بولغاي ،قىزنەچچە قەدەم يىراقلىشىشىغىلا يەنە چىشىنى چىشلەپ يۈگىرەپ ئۇنىڭغا يىتىشتى، ھەمدە قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ توختاتتى، قىزبولسا بۇلاڭچىغا ئۇچرىغاندەك ئەندىكىپ كەينىگە بۇرۇلدى، خۇددى كۆز ئالدىدىكى بۇ يىگىتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك بىرخل ھەيرانلىق ۋە نارازىلىق بىلەن يىگىتكە تىكىلىدى.شۇتاپتا ئۇلارماڭا نەچچە قەدەم نېرى يەرگە كىلىپ قالغان ئىدى.يىگىتنىڭ چىرايىدا يىگىتلەرگە ماس بولمىغان بىرخىل يالۋۇرۇش بىچارىلىك چىقىپ تۇراتتى. يۇزۈمنى تۆكۈپ يىغلىۋەتمىسەڭلا بولاتتىغۇ، ئاقپىشماق!   roj/GZAy"  
ـــ گىپىمنى ئاڭلاپ تۇرۇڭ، يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆيدىكىلەر بۇلسالماقچى،شۇ پۇلنى ئالساملا ،سىز دېگەن ئۈزۈكنى ئېلىپ بىرەي، شۇنداق قىلسامغۇ بولار ؟ــ يىگىت شۇنداق دېدى-دە، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، چۈنكى ئۇ خېلىلا چوڭ بىر قاراردىن بىرنى چىقارغان ئېدى.تەكەببۇر قىز ئۆزىنى يەنىلا ئاچچىقى يانمىغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرىندىيۇ، لىكىن ئىچىدىكى تۇيۇقسىز ئىرىشكەن خۇشاللىقنى يوشۇرۇپ قالالمىدى،تۈرۈلگەن چىراي ئۈستىدە ئىپادىلەنگەن ھىلىگەرلەرچە كۈلكە بۇتەرىپىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.بەئەينى يىغلاۋېتىپ كۈلۈپ كەتكەن كىچىك بالىدەك.ئاندىن يىگتنى قولتۇقلاپ ئەركىلەشكە باشلىدى.قىزنىڭ  ئېرىگىنىنى كۆرگەن يىگتنىڭ بايىقى بىچارە ھالىتى قاياقلارغىدۇر يوقالغان ئىدى. يەنە بىر قېتىم بايىقىدەك چوڭقۇر نەپەس ئالدى، چىرايىدا چۈشىنىكسىز بىر مەغرۇرلۇق ئىپادىلەندى. =lr*zeHLC  
شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىن ئاقارغان چاچلىرى پاخپايغان،يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، شۇنچە ئىسسىقنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويماي،پاختىلىق چاپانمۇ ئەيتاۋۇر،ئىشقىلىپ خېلىلا ئېغىر كىينگەن،بويى قولىدىكى خالتىدىن سەللا ئېگىز بوتۇلكا يىغقۇچى موماي تولىمۇ كىچىك پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلدى-دە،‹‹سۇنى ئىچىۋىتىپ بوتۇلكىنى ماڭا بەرسەڭ ›› دىگەن مەنىدە بىر يىگىتكە بىر يىگتنىڭ قولىدىكى بوتۇلكىغا قاراپ ئۈن-تۈنسىز تۇراتتى.ئادەتتە قىزنىڭ كۆز ئىشارىسىگە قاراپ ھەممىنى چۈشىنەلەيدىغان ‹‹زېرەك›› يىگىت موماينىڭ مەقسىتىنى بىر چۈشۈنۈپ بىرچۈشەنمەي قىزغا قاراپ كالپۇكىنى پۈرشتۈردى،قىزمۇ جاۋابەن مۈرىسىنى قېقىپ كالپۇكىنى پۈرۈشتۈردى . ئاندىن يىگت قولىدىكى ئىككى ئوتلام سۇ قالغان بوتۇلكىنى كۆتۈرۈپ ‹‹ كۆرمىدىمڭمۇ تېخى ئىچىپ بولالمىدىم ›› دېگەن مەنىدە چايقىدى.ئۈن-تۈنسىز بولۇۋاتقان بۇ دىئالوگلاردىن بىرەر خۇشاللىق تاپتىمۇ قانداق، بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈشتى-دە،قولتۇقلىشىپ يولىغا راۋان بولدى. =h5&\4r=  
موماي بولسا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئۈن-تۈنسىز قاراپ تۇراتتى.بۇ قارىشىدا تېخچىلا يىگتنىڭ بوتۇلكىنى تاشلىشىنى كۈتىۋاتامدۇ،ياكى ئىچىدە ئۇلارنى تىللاپ قارغاۋاتامدۇ،ۋە ياكى بۇ بىر جۈپكە بىرەر نېمە دىگۈسى بارمۇ ،ئۇنى پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ ... D#W{:_f  
گېلىم قۇرۇپ نەپسىم سىقىلدى، قولۇمدىكى سۇنى ئىچمەكچى بولدۇميۇ،گېلىمغا بىرنەرسە قاپلاشقاندەك بولۇپ قولۇمنى چۈشۈردۈم ،ئىختىيارسىز بوتۇلكىدىكى سۇنى دەرەخنىڭ تۈۋىگە قۇيىۋېتىپ، ئارقىدىن بايىقى ئىككى بوتۇلكىنى قوشۇپ ئاپىرىپ مومايغا تەڭلىدىم .موماي ماڭا ئۇزاق قارىۋەتكەندىن كېيىن بىردىنلا بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك دەرھال قولۇمدىكى بوتۇلكىنى ئېلىپ توختىماي رەخمەت ئېيتىشقا باشلىدى . g^}X3NUn  
ئۈن-تۈنسىز جايىمغا كىلىپ ئولتۇردۇم، ئەمدىلا ئولتۇرۇشۇمغا قەيەردىندۇر ‹‹شىلدىر››قىلغان بىلىنەر بىلىنمەس ئاۋاز بىلەن شۇنداق بىر سالقىن شامال پۈتۈن بەدىنىمنى سەگىتتى. tvf"w`H  
مەنبە-زۇلال
ئۈمۈدۋارغا ئۈمۈد يار!
قاشتىشى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35032

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   348 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1187 (سوم)
 ياخشى باھا:   19 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1593
 سائەت
دەرىجىسى:
1593 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-20

مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىمەي.....
ھەممە ئىشنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دەپ باشلايمەن.
wida
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33503

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1085 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 108
 سائەت
دەرىجىسى:
108 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-20

بىرىنجى ھېكايىدە ھېكايە مەزمۇنى بىلەن ماۋزۇسى پەقەتلا ماس كەلمەپتۇ.ئالىيجاناب دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆرسىڭىز بولغىدەك.مەزمۇنىغا كەلسەم،بۇنى بىر ئەدەبىي ئەسەر دىگىلى بولمىغۇدەك،خام ماتېريال ئىكەن.قايتا پىششىقلاپ ئىشلەپ كۆرۈڭ. r2M._}bF  
ئىككىنچى ھېكايىڭىز بەك ياخشى يېزىلىپتۇ.يېزىقچىلىق تالانتىڭىز بار ئىكەن.سىزدە ئۈمىد بار جۇمۇ.
ۋىدا
babur99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18979

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3764 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 504
 سائەت
دەرىجىسى:
504 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

ھەر ئىككىسى ياخشى ئەسەركەن ...بولۇپمۇ «قۇرۇق بوتۇلكا»كىشىنى ئويغاسالىدۇ N*|Mfpf  

parhatjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3538

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   51 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5454 (سوم)
 ياخشى باھا:   195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2566
 سائەت
دەرىجىسى:
2566 سائەت 184 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-07
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

ھەر ئىككىلىسى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ.
مەلىكە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.90

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1817 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2748 (سوم)
 ياخشى باھا:   296 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   313  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4240
 سائەت
دەرىجىسى:
4240 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

قۇرۇق بوتۇلكا ناملىق ھىكايىڭىز ياخشى يىزىلىپتۇ، ئامال يوق، ئۆزى قانداق بولسا شۇ كىشىگە شۇنداق ئادەم ئۇچرايدۇ. ئۇ قىز بىلەن يىگىت ئىككىسىنىڭ تەغدىرى ئاخىرقى ھىسابتا قانداق بولار؟ قىزنىڭ يۇلسىز تەلەپلىرى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىگىتلىك غۇرۇرىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قۇيۇپ بىچارىلەرچە قىزنىغا يالۋۇرۇشى، ئەكىسچە مومايغا بولسا ئادەملىك غورۇرىنى يۇقاتقاندەك زاڭلىق قىلىشى ئىككى خىل پوزىتسىيەسىگە قاراپلا ھىلىقى يىگىتنىڭ قانداق خارەكتىردىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلماق تەس ئەمەس. ^"WrE(3  
#q 'J`BC  
زۇلالنىڭ تۇرمۇشتىن كارتىنىلارنى رەتلەپ ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئىجادىيەتلىرىڭىز مىسرانىمدا ئۈزۈلمىسۇن.
ئاللا ھەممىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن!
nilura
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.33311

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   125 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1463 (سوم)
 ياخشى باھا:   102 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 500
 سائەت
دەرىجىسى:
500 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-10
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

ھەر ئىككلىسى ياخشى چىقىپتۇ ،رەخمەت سىزگە
ئاغرىنمايمەن ھەم پۇشايمان قىلمايمەن
aklayli5913
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37311

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   314 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 231
 سائەت
دەرىجىسى:
231 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

ئالىيجاناپ قىزنىڭ ھىكايىسى NFDh!HUm  
بۇ ئەسەردىكى ئىلگىرىكى قىزغا قول قويدۇم. شۇنداق سەۋرىچان ،ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام قانداق قىلار ئىدىمكىن تاڭ .لېكىن راستىنلا يىگىت ئېيتقاندەك دوستانە مۇناسىۋەت بۇ دۇنيادا مەۋجۈتمۇ ئەمەسمۇ بىلەلمىدىم مەن.
سىنى سۇيۇپ ،ساڭىلا كۇيۇپ ئۇتۇپ كەتكۇم بار
aklayli5913
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37311

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   314 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 231
 سائەت
دەرىجىسى:
231 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

كىيىنكى ئەسەردىكى يىگىت شۇنداق تېتىقسىز ئىكەن.
سىنى سۇيۇپ ،ساڭىلا كۇيۇپ ئۇتۇپ كەتكۇم بار
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1105 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6458 (سوم)
 ياخشى باھا:   64 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1657
 سائەت
دەرىجىسى:
1657 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

ھەر ئىككى ھىكايىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ. بىراق «قۇرۇق بۇتۇلكا» دىگەن ھىكايىڭىز ناھايىتى ياىشى ،ئىچام، چۈشنۈشلۈك چىقىپتۇ. بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى ھىكايىلەرنى تورداشلار ھۇزۇرىغا سۇنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
تەكلىماكان
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2644

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   957 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   874 (سوم)
 ياخشى باھا:   272 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   339  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5688
 سائەت
دەرىجىسى:
5688 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-21

تىلى راۋان، ۋەقەلىكى ئاددى بولسىمۇ، لكىن يەنىلا ئىجادى ئەسەر دىگەن ئىجادى ئەسەر دە. 0 %W0vTvL  
ئاددى بولسىمۇ يېڭى يېڭى تەپەككۇر ئۇسلۇبىدا يېزىلسا ئادەمگە باشقىچە زوق بېغىشلايدۇ، تولا كۈچۈرۈپ-سۆرەپ يۈرگەن تىما تولا چاينىغان سېغىزدەكلا بىلىنىدۇ. Ic 
MsD@pa  
يەنىمۇ تىرىشىڭ!
ئىنسان دۇنيانى ئۆزگەرتىمەن دىيىشتىن بۇرۇن، ئاۋال ئۈزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى