چۈشۈمدىكى بىشارەت u52@{@Ad بىريەرلەردە كىتۋاتىمەن قارىسام پۇتبول مەيدانى چوڭلىغىدىكى تۈزلەنگەن بىنام يەر، ئەتراپى ئىگىز قۇملۇق بىلەن قاپلانغان،ھاۋا بەكلا ناچار بولغاچقا شەرىق-غەرىپنى پەرىق قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.مەن بۇ يەرنىڭ قەيەر ئىكەنلىگىنى زادىلا ئاڭقىرالمىدىم. ئەتراپنى كۈزتۈش ئۈچۈن تىك دۆڭگە ياماشتم،دەل شۇ پەيىتتە قولىدا ئۆلچەش ئاپىراتى كۆتۈرۋالغان بىر خەنزۇ پەيدا بولدى.مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماستىنلا ئارقىسىدىن ئىگىشىپ ماڭدىم.
F9d][ P@@ خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن مەن ئالدىمدا كىتۋاتقان خەنزۇغا ‹ھېرىپ ھالىمدىن كەتتىم› دىدىم. توساتتىن يىنىمىزدىلا مىنى مازاق قىلىپ كۈلۋاتقاندەك بىرقانچا ئادەمنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن ئەتراپقا قارىدىم، بىزدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئادەتتە كۇندە دىگۇدەك كۆرشۈپ تۇردىغان مۇناسېۋېتىمىز خىلىلا يىقىن تۆرت دوستۇم ماڭا قاراپ كۈلۋىتىپتۇ.مەن زەردە بىلەن ئۇلارنى سەت تىللىۋەتتىم،يىنىمدىكى خەنزۇ ماڭا نىمىشقا ئۇنداق تىللايسەن دىگەندەك سۇئال نەزىردە قارىدى،مەن ئۇنىڭغا ئۇلار مىنىڭ بەزىدە ئىش تاپالمىغاندا بېرگە ماجاڭ ئوينايدىغان دوسلۇرۇم دىدىم.قارىسام ئۇلار ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن ئىدى.مەن كۆڭلۈمدە ئۇلار بۈگۈن يەنە ماجاڭ ئويناپ چىقىپتۇدە قايسسىننى نەس بىسىپ ئۇتتۇرۋەتكەندۇ دەپ ئويلىدىم.قارىغاندا مەن بارىدىغان مەنزىلىمگە يىقىنلاشقاندەك قىلاتتىم،چۇنكى بايا ئۇچۇرغان دوسلىرىمنىڭ ئويى مۇشۇ ئەتراپتىكىدەك قىلاتتى.مەن بۇ تەرەپكە خىزمەت ئىشى ياكى شەخسى ئىش بىلەن كەلگىنىمنى زادىلا ئەسلىيەلمىدىم،ئەسلىدە ئىدارىنىڭ ماشىنىسىدا كەلگەن بولسامچۇ دىگەنلەرنىلا ئويلۇدۇم.
!'+t)h9^ ئالدىمغا مىڭۋاتىمەن قانچىلىك ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن،بىرچاغدا ئالەم قاراڭغۇلىشىپ ھىچنىمىنى پەرىق ئەتكۈسىز بوپكەتتى،مەن قاراڭغۇلۇقتا تەمتىرەپ بەكلا تەستە ئالدىمغا قاراپ كىتۋاتىمەن،تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىرسىنىڭ مەن تەرەپكە كىلۋاتقان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى ۋە ئالەم ئاستا-ئاستا سۇزىلىشكە باشلىدى،قارىسام ئۇ بايا ماڭا يول باشلىغان خەنزۇكەن،ئۇ ماڭا ئالدى تەرەپتە ئادەم بولىشى مۇمكىن دىدى.شۇ ئەسنادا يان تەرەپتىن توپا توزاتقىنىچە بىر توپ كالا-قوي پادىسىنى ھەيدەپ كىلۋاتقان بىرقانچە ئايال يىنىمدا توختاپ ئوزلىرىنىڭ كۈلكە-چاقچاقلىرنى باشلىدى،مەن ئۇلاردىن بىرقانچە قىتىم يول سورىماقچى بولۇپ گەپ باشلاشقا تەمشەلگەن بولساممۇ ئۇلار ماڭا پەرۋامۇ قىلپ قويمىدى.يەنە بىريانغا قارىسان يىنىمىزدىلا ناھايىتى چوڭقۇر ئۇزۇن كەتكەن ھاڭ تۇرۇپتۇ، مەن تىخىمۇ جىلە بوپ ئاخىرى ئۇلارغا‹مەن سىلەرگە گەپ قىلۋاتىمەن›دەپ ۋاقىردىم.ئارىدىن بىر ئايال چاققانلىق بىلەن يىنىدىكى بىر قىزنى(مەن ئۇنىڭ سىڭلىسى دەپ قارىدىم)ۋە مىنى قوشۇپلا ھاپاش قىلىپ پەسكە قاراپ يۈگۈردى، ئۇ ئايال كىتۋىتىپ‹قانداق كۈچلىكمىكەنمەن›دەپ سورىدى،مەن خىجىلچىلىقتا ھىچقانداق ئىنكاس قايتۇرالمىدىم.
X.JB&~/rO ئۇ ئايال مىنى خىلى كوپ ئادەم توپلاشقان(مەن كوڭلۇمدە كوچا ئاپتۇۋۇز بىكىتى بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم)يەرگە ئەكىلىپ چۈشۇرۈپ قويدى.مەن بەكلا تەسىرلەنگىنىمدىن ئۇ ئايالنى چىڭ قۇچاغلاپ،ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز مەن ئۇ تىك ياردىن چۇشەلمەي ھاياتىمدىن ئۇمۇت ئۇزگەن بولاتتىم دەپ كوزلىرىمدىن ياش تۆكتۈم.ئۇ ئايال ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ھيقتى بولغاي مىنىڭ قولۇمنى ئاستا بوشتىۋىتىپ كەلگەن تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.مەن ئارانلا ئۇ كىتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ قەشقەر دىيەلىدىم،كوڭلۇمدە مەن قەشقەردىن بولىمەن كىيىنچە پۇرسەت بولسا سىزگە چوڭقۇر مىننەتدارلىغىمنى بىلدۇرمەن دىمەكچى ئىدىم.ئۇ ئايال كىتۋىتىپ پات-پات ئارقىسىغا قارغىنىچە يىراقلاپ كەتتى.مەن ئەتراپىتىكى كىشىلەرنىڭ نىمىلەرنىدۇر توۋلىشىپ قوللىرىدا پۇل كوتەرگىنىچە ئالدىراش ھەركەت قىلۋاتقانلىغىنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز قولۇمنى يانچۇغىمغا سادىم، ئەسلى بايا ئۇ ئايالغا پۇل بىرىپ رەخمىتىمنى بىلدۈرسەم بوپتىكەن دەپ ئويلۇدۇم.مەن يولنىڭ يان تەرىپىدە يوغان تۇڭدا بىرنەرسىلەرنى ئارلاشتۇرۋاتقان بىرەيلەندىن بۇ يەردىن شەھەرگە قاتنايدىغان ئاپتۇۋۇزنىڭ بار يوقلىغىنى سورۇدۇم،ئۇ كىشى بىر تەرەپتە توختۇتۇپ قويۇلغان كونا ئاپتۇۋۇزنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلىپ‹ئەتتىگەن بىر قىتىم شەھەرگە كىرىپ چىققان ئەمدى ئەتە ئەتتىگەن كىرىمىز›دىدى.
C@KYg/nYw مەن يولدا بىرەر ماشىنا ئۇچراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم.خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىمەن لىكىن بىرەر ماشىنىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.يول بويىدا ھەيۋەتلىك ،ناھايىتى چوڭ بىر نىپىت ئايرىش بازىسىمۇ ياكى پولات تاۋلاش زاۋۇتىمۇ ئىشنىقىلىپ يوغان-يوغان تۇرخۇنلار تىكلەنگەن ئىگىز بىنالار كورۇندى.مەن دەل شۇ زاۋۇتنىڭ ئۇدۇلدىن ئوتۋاتقاندا ئاسماندىن چۇشتىمى ياكى يەردىن ئۈندىمى بىلەلمىدىم ئەتراپىمدا تۇيۇقسىز نۇرغۇن قۇيمىچىلىق قىلىپلىرى پەيدا بولدى،ئارقىدىنلا سول تەرەپتىن قىپقىزىل ئېرتىلگەن مىتال سۇيۇقلىقى ئىقىپ كىلىشكە باشلىدى،مەن جىددىلەشكىنىمدىن نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي دەرھال ئوڭ تەرەپكە ئۆزۈمنى ئاتتىم.مىتال سۇيۇقلىقى ئارقامدىن ناھايىتى تىزلىكتە ئىقىپ كىلىۋاتاتتى مەن ئۇ قىلىپلاردن بەزىدە ئۆمۈلەپ بەزىدە ئارلىقلىردىن قىسىلىپ بەزىدە ئاتلاپ يۈرۈپ ئاران تەستە ئۆتىۋالدىم،ئورنىمدىن تۇرۇپ قارىسام بىرقانچە مەشغۇلات كىيمى كەيگەن ئىشچى بىرچەتتە تاماششارىمنى كۆرۈپ تۇرۇپتۇ،مەن ئىتىلىپ بىرىپ بىرسىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ زەردە بىلەن‹بۇ يەردە شۇنچىلىك خەتەرلىك مەشغۇلات قىلۋاتقاندىكىن بىرەر يەرگە ئەسكەرتىش يىزىپ چاپلىساڭلار ياكى يولدىن ئوتكۇچىلەرنى توسۇپ تۇرۇپ ئىشىڭلار تۇگىگەندە ئاندىن ئىچىۋەتسەڭلار بولمامدۇ›دەپ سىلكىدىم،ئارىدا بىر ئىشچى‹بۇ جايدا مەشغۇلات قىلۋاتقاندا ھەرقەنداق جانلىقنىڭ يولدىن ئۇتىكەندە كىلىپ چىققان ئولۇم ئىشلىرىغا بىز ئىگە بولمايمىز›دىدى،شۇنداق ئاچىغىم كەلدى.قارىسام ئىشچىلارنىڭ ئارىسىدا مەن تونۇيدىقان بىرقانچەيلەن ۋە يىقىن ئوتىدىغان بىر دوستۇممۇ(ئۇ بىر ئىدارىنىڭ شوپۇرى ئىدى) تۇراتتى.مىنى تونۇيدىغاندىن بىرسى ھىلىقى دوستۇمغا‹سىلىنىڭ بۇ يەردە كوپ ئىشىڭلىمۇ بولمىغاندىكىن بۇ دوستۇڭلىنى ئاپىرىپ قويساڭلا قانداق› دىدى.دوستۇم خوشياقمىغاندەكلا‹×× پۇنكىتنىڭ ماشىنىسى بايا شەھەرگە قايتىمەن دىگەندەك قىلۋاتاتتى شۇ ماشىننى ئىزدەپ بىقىڭلا›دىدى.ئەتراپتا ماشىنا باردەك قىلمايتتى،مەن يەنىلا يولۇمنى داۋاملاشتۇردۇم
(s}9N مىڭۋاتىمەن خىلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن ئالدى تەرەپتە چوڭ بىر قوروجاي كورۇندى ۋە داقا-دۇمباق،ناغرا-سۇناينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن يىقىن بىرىپ پاكار قوروتام ئىچىدە نۇرغىن كىشىلەرنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدە بەزىلىرنىڭ خىمىر يۇغۇرۋاتقانلىغىنى،بەزىلىرنىڭ تونۇر بىشىدا نان يىقۋاتقانلىغىنى ،بەنە بەزىلىرنىڭ ناغرا-سۇناي دۇتتار-تەمبۇر چىلۋاتقالغنى شۇنداقلا ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ ھەركىتىگە ماشلاشتۇرۇپ ئاغزىدا مۇقام توۋلىغاچ شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ھەركەت قىلۋاتقانلىغىنى كۆردۈم.كۆڭلۈمگە بۇ ئادەملەر بىر يەرگە يىغىلىپ بۇنچىلىك كۆپ نان يىقىپ نىمە قىلىدىغاندۇ دىگەن خىياللار كەلدى.شۇ چاغدا قورو ئىشىگىدىن بىر قىزچاق بىشىدا بىر دەستە ناننى كوتۇرگىنىچە ئۇسۇل ئويناپ چىقىپ كەلدى.مەن ئۇنىڭدىن شەھەرگە بارماقچى ئىكەنلىگىمنى،قايسى يول بىلەن ماڭسام بولدىغانلىغىنى سورىدىم.ئۇ ئالدى تەرەپنى كورسىتىپ ئازراق ماڭسا تاش يول بارلىغىنى شۇ يولدا ماشىنا ئۇچراتقىلى بولدىغانلىقىنى دەپ بەردى.
#?aR,@n دىگەندەك ئازراقلا مىڭىپ تاش يولغا چىقتىم.بۇ يولدا ئاندا-ساندا ئۆتىۋاتقان كىچىك ماشىنلارنى ۋە يۈك ماشىنلىرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى.لىكىن بىرەر ماشىنىمۇ مىنىڭ توسقۇنۇمغا پەرۋامۇ قىپقويمىدى.ئالدىمغا قاراپ كىتۋاتىمەن توساتتىن يولنىڭ بارغانسىرى تارلىشىپ كىتۋاتقانلىغىنى ۋە ئالدى تەرەپنىڭ بارغانچە پەسىيۋاتقانلىغىنى بايقاپ قالدىم.بىرئاز ماڭغاندىن كىيىن ئالدىمدا ماشىنا ئاران پاتقۇدەك بىر تونىل كۆرۇندى،تونىل خۇددى ماڭا يەر ئاستىغا بارىدىغان يولدەكلا بىلىندى.شۇنداق بولسىمۇ ماشىنىلار ئۇ تونىلغا كىرىپ كىتۋاتاتتى.مەن تونىل ئۈستى بىلەن مىڭىشقا باشلىدىم،تونىلنىڭ ئۈستى ھۆتمە تۆشۈك بولۇپ كەتكەن، تۆشۈكلەردىن توپا كۆتۈرلۈپ تۇراتتى،مەن ناھايىتى ئاۋايلاپ مىڭۋاتىمەن.ئازراق مىڭىپلا بىر توپ كىشىلەرنىڭ تونىل ئۈستىگە توپا تاشلاپ تونىلغا سۇ كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن دامبا ياساۋاتقانلىغىنى كۆردۈم.يىقىن بىرىپ قارىسام ئالدى تەرەپتە كەلكەن كىلۋاتقاندەك قىلاتتى.مەن يەنىلا مەنزىلىمگە بىرۋىلىش ئۇچۇن ئۇلاردىن بۇ يەردىن قانداق ئۆتۈشكە بولدىغانلىقىنى سورۇدۇم.ئارىدا بىرسى‹بۇ يەردىن زەنجىرتاپان تەرەكتور بىلەن ئۆتۈشكە بولدىغانلىقىنى› دىدى،يەنە بىرەيلەن‹بۇ يەردىن زەمبىل بىلەن ئۆتۈشكىمۇ بولىدۇ›دىدى.مەن كۆڭلۈمدە مەن دىگەن بىجىرىم ئەركەك تۇرسام ئەمدى مەن چىقمىغان زەمبىل قالدىما،بوپتۇلا تەلىيىمگە يارشا قانداقلا بولمىسىن ئادەملەر بار جايغا كىلۋالدىم ئەتە ئامالىنى قىلىپ قايتىۋالارمەن دەپ ئويلۇدۇم.شۇ ئەسنادا ئويغۇنۇپ كەتتىم،قارىسام ئوز ئويۈمدە كارۋىتىمدا يىتىپتىمەن.
a
8dR. سائەتكە قارىسام كىچەسائەت ئىككى بولاي دەپتۇ.توۋا بۇ راستىنلا چۈشۈمكەن،مەن ئولتۇرۇپ بايا كۆرگەن چۈشۈمنى باشتىن ئاخىر قايتا-قايتا ئىنچىكە ئويلۇدۇم.لىكىن بۇ نىمىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىگىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.ئۆتكەندە بىر توربەتتىن قايسىبىر دولەتتە‹چۈش تەبىرى بىردىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ كىرىمى ئادۋۇكاتلارنىڭ كىرمىدىن ئىشىپ كەتتى› دىگەن تىمىدىكى ماقالىنى كۆرگەندەك قالغانتىم،لىكىن مەن ھازىرغىچە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ‹ياخشى چۈش كۆرۈپسىز،ئاللا مىرادىڭىزغا يەتكۈزگەي›دىگىنىدەك تەبىرلىرىنى ئاڭلىغانمەن.چۈشۈمدە كۆرگەن ئىشلارغا ئۆزۈم بىلگەنچە تەبىر بىرىپ باقتىم.
'o5[:=K كىچىگىمدا ئانام رەھمىتى‹ئادەم چۈشىدە خەنزۇ كۈرۈپ چۈشىسا خېزېرنى كۆرگەن بولۇرمىش›دىگىنى ئىسىمدە.ئەجىبا مەن چۈشۈمدا يول تاپالماي تېڭىرقاپ يۈرگەندا ماڭا يول باشلىغىنى خېزېرمىدۇ؟شۈنچىلىك ھېرىپ ھالىمدىن كەتكىنمدە مىنى مازاق قىلغانلار ھازىر يىقىن ئارلىشۋاتقان دوسلىرممۇ ياكى مەن بىلمەي ئارلىشىپ قالغان دۈشمەنلىرىممىدۇ؟مىنى ھاڭ ئۇستىدىن بىخەتەر ئادەملەر ئارىسىغا ئىلىپ چۈشۈرۇپ قويغان ئايال راستىنلا ئەرىشتىكى پەرىشتىلەرمىدۇ؟مەن ئاپتۇۋۇز بىكىتى دەپ پەرەز قىلغان ئاشۇجاي ھازىرقى زامانىمىزدىكى پۇل ئۈچۈن ھەممىدىن كىچىپ رىقابەت شۇئارى توۋلىنۋاتقان قايناق بازارمىدۇ؟يول ئۇستىدە ئۇچراتقان ھىلىقى زاۋۇت زادى قانداق جايدۇ؟رىۋايەتلەردە تەسۋىرلىندىغان دوۋزاخمۇدۇيا؟ئەجىبا دوۋزاختا يىقىن دوسلارمۇ بىر-بىرىگە ياردەم قىلىشتا يوق تۇنۇماسقا سىلىپ ئۈتىشەمدىغاندۇ؟ئەمىسە ئاخىردا ئۇچراتقان ھىلىقى تونىلچۇ؟تونىل ئۈستىدە بولۋاتقان كەلكۈن ئاپىتىچۇ؟بۇ زامان ئاخىرنىڭ ئالامەتلىرىمۇ نىمە؟تونىل راستىنلا جەددالنىڭ ئىشىگىنىڭ ئاغزىمىدۇ؟ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن،تۇنىلغا كەلمەستە ئچراتقان قورو ئىچىدە نەغمە-ناۋا بىلەن نان يىقىۋاتقان ھىلىقى بىر توپ كىشىلەر جەددالنىڭ كىلۋاتقانلىغىنى بىلىپ ئالدىن نان يىقىپ تەييارلىق قىلۋاتقانمىدۇ؟ئەپسۇس ئۇلار يەنىلا زامان ئاخىرى بولۋاتقىلى تۇرسۇمى نەغمە-ناۋادىن ۋاز كىچىشكە كۈزى قىيماي يۈرشەمدىغاندۇ؟
q/]tJ{FI تولا ئويلاپ بۇ ئۈزۈم قويغان سۇئاللارغا ھىچ بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالماي بىشىم تاشتەك قىتىپ كەتمەكتە.
Th"7p:SE? F*Qw% مەنبە:ئۆزۈمنىڭ يازمىسى
[ بۇ تېماzarapxanoglaniبا2011-06-15 21:10قايتا تەھرى ]