|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       879 
  •    ئىنكاس 
       9 

روھىيەت ئالىمىدىن كىشىلىك دۇنياسىغىچە

قەۋەت ئاتلاش
al.ansar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25966

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   812 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7847 (سوم)
 ياخشى باھا:   128 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   239  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2528
 سائەت
دەرىجىسى:
2528 سائەت 222 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-16

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلىرىم. %"=qdBuk  
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا ئاللاھتىن خاتىرجەملىك ۋە ساغلاملىق تىلەيمەن. x~n]r[!L  
قەلەم تەۋرىتىشتىن كەمىنە مۇددىئاسى، ئۆز روھىمدىن نادانلارچە ۋە قارىغۇلارچە قېزىپ چىقىرلىپ، تېخى ھەقىقى ئۆزىنى تونۇپ بولالمىغان، گەرچە ئارامبەخىش ۋە يىقىشلىق بولمىسىمۇ، سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى دىل تارتىپ، ھەر بىر قەلىب ئىگىسى بولمىش ئىنساننىڭ ئويلىنىش ۋە تەپەككۈر قاناتلىرىغا مەدەت بىرەلىسەم دېگەن مەقسەتتە تېزىپ چىققان ئەرزىمەس قۇرلىرى ئارقىلىق ئۆز كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئىپادە قىلىشتىندۇر. "3e1 7dsY  
ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ ئۆزى بىر ئۇلۇغ مۆجىزە،  ھەق سۇبھانەۋەتەئەلا قۇدرەت قولى بىلەن ئىنساننى بىنا ئەتكەندىن بۇيان، تالاي كەچمىش ۋە سىرلارغا تولغان ئىنسانىيەت ئالىمىدە، ھەربىر ئىنساننىڭ ئوي-پىكىرى، بىلىشى، ھىس قىلىشى ۋە كۆڭۈل قويۇشى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭلاشقا، ئۈشبۇ قەلىمىمدە سەۋەنلىك ۋە ئىختىلاپلار كۆرۈلسە كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ۋە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن. ~Blsj9a2  
ھاياتقا كۆز ئىچىپ تا بۈگۈنگە كەلگۈچە 21 باھارنى كۆرۈپتىمەن، ئويلاپ باقسام، ئۆزۈمنى توختۇتۇپ، ھاياتلىق، قىسمەت، تەقدىر ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئويلىنىدىغان يېشىمدىن بىر نەچچە ياش ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، بىرەر رەت بولسىمۇ كەينىمگە قايرىلىپ، باسقان قەدەملىرىمدىن قالغان ئىزلارغا سەپسالغۇدەك بولغىنىممۇ يادىمدا يوق، ئويلاپ باقسام، ھايات يولۇمنى گەرچە «مەنىسىز» دەپ ئېيتمىساممۇ، ئەمما باسقان بىرەر قەدىمىمدىن ئۈنگەن ئاجىزغىنە بىر چىچەك بىلەن بىراۋنىڭ كۆڭلىگە ئازادىلىك بەخىش ئىتەلىگىنىمنى ياكى ئۆزۈم باسقان چوڭقۇر ئىزدىن ئەگىشىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىرەرسىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، ئاددىغىنىسى، ھايات خاتىرەمگە مانا شۇ توغراسىدا تېخى مۇقەددىمە يېزىلماپتۇ. بەلكىم ئۆز شەخسىيتىم ۋە نەپسىم غالىبىيەتچىلىكى بىلەن ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان مۈگدەك ھالەتتىكى روھىيتىم ئاساسىدا ئۆزۈم ئۈچۈنلا كۆرەش قىلىۋاتقان بىر ناتونۇش بەندە بولسام كېرەك. m5kt O^EU  
ئويلاپ باقسام، مانا ئەمدى روھىيتىمدىكى شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك، ئاددىيلىق ۋە يۈزەكى تىيىزلىكى بىلەن مېنى كونترول قىلىپ كىلىۋاتقان ئاددى ئىدراكتىن ھالقىپ ئۆتۈش باسقۇچىدا تېخى جىق نەرسىلەردە نادان ئىكەنمەن، مەن ھازىر شۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنمەنكى، ئۆز روھىيتىمنى قېزىپ چىقىشقا، ئۆز دۇنيايىمنى قايتىدىن تۈزىتىشكە، بىر ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئىنسانىيلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بەلگىلەيدىغان قەلىب تىرەنلىكىگە يېتىشكە، ئۆز ھىسلىرىمدىكى بىلىشلىرىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرىغا يىقىنلاشقا، تونۇش ۋە تونۇلۇش، سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئالدىدىكى قەلىب تۈگۈنچىلىرىنى يېشىشكە مۇھتاج ئىكەنمەن. GSaU:A  
ھاياتلىق توغرىسىدا سۆز ئىچىلغىنىدا، ھەر بىر ئىنسانغا ئايانكى، «ھايات»تىن ئىبارەت بۇ ئامانەت بىزگە پەقەت ۋە پەقەت بىر قىتىملا بىرىلگەن، ئۇ ئىنتايىن ئاددى ئەمما ئىنتايىن قىممەتلىك، ئىرىشمەك قانچىكى تەس بولغىنىدەك، قولدىن كەتكۈزۈشمۇ شۇنچە ئاسان بولىدىغان بىر سوۋغات. ئۈشبۇ سوۋغات شەكلىدە بىزگە ۋاقىتلىق قالدۇرۇلغان ئامانەتنى قانداق ئىشلىتىش، قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىگىسىگە قانداق تاپشۇرۇش ھەر بىرىمىز ئويلىنىشقا ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ ئويلايمەن. مەيلى ئاز ياشاڭ ۋە ياكى كۆپ ياشاڭ، سىزنىڭ ئىز قالدۇرۇش ئۇسۇلىڭىز ۋاقىت بىلەن ئەمەس بەلكى ھەركەت بىلەن ئۆلچىنىدۇ، سىز مەيلى يۈز يىللاپ ياشاڭ، ھايات يولىڭىزدىن ھىچقانداق بىر ئىز قالمىغان بولسا، سىز پەقەت دۇنيادىكى بىر سايە، قۇياشقا ئەگىشىپ نىسپى ئۆزگىرىدىغان كۆڭلەڭگە ھېسابلىنىسىز. y%@C-:  
مېنىڭ قارشىمچە، ھايات پەقەت ۋە پەقەت ئىككى بەتتىن تەركىپ تاپقان، بۇنىڭ بىرىنچى بېتى مانا بىز كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ئۈشبۇ ھاياتلىقتىن ئىبارەت، بىز بۇ بىرىنچى بەتنى قانداق مەزمۇنلار بىلەن تولدۇڭ، ئىككىنچى بەتنى خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرىسىز، ئۆزۈمچە ھاياتنى ناھايىتى قىسقا، پەقەت ئىككىلا پەردىدىن تەركىپ تاپقان بىر دىرامىغا ئوخشىتىمەن، بىز بۇنىڭ بىرىنچى پەردىسىدە نېمە ئويۇنلارنى ئوينىمايلى، ئىككىنچى پەردىسىدە چوقۇم شۇنىڭ داۋامىنى چىقىرىشقا مەجبۇرمىز. دېمەك، سىز بىرىنچى بەتنى مەيلى گۈزەل گۈل-چىچەك ۋە ياكى شورلۇق تىكەن بىلەن تولدۇرۇڭ، ئۇنى ئازادىلىك ۋە ياخشىلىق بىلەن بىزەڭ ياكى پەسكەشلىك، نادانلىق بىلەن تۇمانلاشتۇرۇڭ، ئىككىنچى بەتنى ھامان ئۆرۈمەي قالمايسىز. tXW7G@  
ئەمما سىز ئاشۇ ئىككىنچى بەتنىمۇ ئويلاپ قويدىڭىزمۇ؟ ئاشۇ ئىككىنچى بەتنى نىمىلەر بىلەن توشقۇزۇش، قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى خىيال قىلدىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭ بىرىنچى بەتنىڭ داۋامى، ھاياتلىقنىڭ ئاخىرى ئىكەنلىكىنى قانچىلىك ھىس قىلالىدىڭىز؟ ئۆزىڭىز ھاياتلىقتىكى قەلەم ساھىبى بولۇش سۈپىتڭىز بىلەن ئۆز بېتىڭىزنى قانچىلىك بىزىيەلىدىڭىز؟ مانا بۇ سۇئال ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن. سىز بىر ھاياتلىقنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۆز قەلىمىڭىزنى ئۆز قولىڭىزدا مەزمۇت تۇتۇشىڭىز كېرەككى، ئۈشبۇ قەلەمنى باشقىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇشىڭىزغا بولمايدۇ، ئۈشبۇ قەلەمدە ئۆز مەسئۇلىيتىڭىز ۋە مەجبۇرىيتىڭىز بىلەن سىياھ تامغۇزۇشقا بولىدۇكى، باشقىلارنىڭ كونتروللىقىغا ۋە تاللىشىغا يول قويۇشىڭىزغا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن سىز بىر چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىسىز، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويىسىز، چۈشەنمەسلىك ۋە غۇۋا تۇمانلار ئارىسىدا ئۆزىڭىزنى ئاستا-ئاستا گۇنۇسلاشتۇرۇپ، ئاخرىدا ئىرىشىغىنىڭىز پەقەت نىمجان ۋە ناتونۇش بىر تەننىڭ پۇچۇلانغان خاتىرىسى، تۇيغۇسىنى يوقاتقان بىر روھنىڭ تىۋىشسىز ۋە ۋەيرانە ئەسلىمىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. قەلەم تۇتقان ئىكەنسىز، نېمە يېزىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما يېزىشقا تېگىشلىكنى يېزىشنىمۇ بىلىشىڭىز كېرەك. بىرىنچى بەتنى يېزىۋاتقاندا قەلەم بىلەن بىرگە سىزگە ئەركىنلىك ھەمراھ، قەلەمنىڭ خاسلىقى ۋە بويسۇنۇشچانلىقى ئاساسەن سىزنىڭ قولىڭىزدا بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىرىنچى بەت پۈتكەندىن كېيىن ئەھۋال تامامەن باشقىچە، بۇنى ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ھىس قىلىپ يېتەلەيدۇ، ئىككىنچى بەتتە، قەلەم يەنىلا ئۆز قولىڭىزدا، پەقەت خۇلاسە يازالايسىز، بۇرۇنقىدەك ئەركىن ۋە خاتىرجەم مۇلاھىزە قىلىش بەلكىم ئۇ چاغدا سىزگە يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، ئەركىڭىزدىكى قەلەمنى ياخشى باشقۇرۇش سىزنىڭ مەجبۇرىيتىڭىز، يېزىش سىزنىڭ مەسئۇلىيتىڭىز، چۈشىنىش سىزنىڭ بۇرچىڭىز. y#?AW`|  
بەلكىم مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇلىرىنى چۈشەنگىنىمگە ئۇزۇن بولمىغاندۇ ياكى تېخى چۈشەنمىگەندىمەن، ئەمما يېقىندىن بىرى، مۇشۇ توغرىسىدا كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، بۇرۇن مەسئۇلىيەتنى پەقەت چىن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىغا بېرىلىش دەپ چۈشەنگەنتىم، ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ بەكلا يۈزەكى بىر چۈشىنىش ئىكەن. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىش بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئىپادىسى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ بىر بۇرچىكى دېگەن بىر چۈشەنچىنى ھىس قىلدىم. مېنىڭ نەزىرىمدە مەسئۇلىيەتچانلىقنى  يىغىنچاقلىغاندا ئۇ ھازىرنى چىڭ تۇتقان ئاساستا كەلگۈسىگە ئاقىلانە نەزەر تاشلاش بىلەن بىرگە نىشان قىلىنغان مەقسەتنى ساقلاشتىن ئىبارەت بىر جەريان ئاساسىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇلىرى بولسا، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاساسىدا ئۆزىنى ساقلاۋاتقان، چىنلىق ۋە يۈكسەكلىك ئىچىدىكى بىزنى ھەقىقەتەن قىلىشقا ئۈندەيدىغان ۋە تۈرتكە بولىدىغان، روھىي دۇنيايىمىزدىن سىرغىپ چىققان تونۇش ۋە بىلىش تەس بولغان بىر تۇيغۇ دەپ ئويلايمەن. (يۇقارقىلىرى پەقەت ئۆز قارشىم، تەنقىدى پىكىرگە مۇھتاجمەن) *^s^{0Ad  
ھاياتلىقتا ياشىغانكەنمىز، مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت ۋە كىشىلەر بىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش، قانداق چۈشىنىش ۋە قانداق تونۇش ھەممىمىز بەكلا ئىھتىيات قىلىدىغان نەرسە، مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇ جەھەتتە خىلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم دەپ ئويلايمەن. مەيلى سىز قانداق بىر ئادەم بولۇشتىن قەتئىنەزەر، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ بىچارە ھالغان چۈشۈپ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ دەل باشقىلارنى ئۆزىڭىزدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالغان ۋاقتىڭىز ئىكەنلىكىنى ، ئەڭ كىرەكسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزدىنمۇ بەكرەك بىراۋغا ئىشەنچ باغلىغان ۋاقتىڭىز ئىكەنلىكىنى، ئەڭ نادان ئادەمگە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆز تەقدىر ئىتىڭىزنىڭ چۇلۋۇرىنى باشقىلارغا يېتىلىتىپ قويغان ۋاقتىڭىز ئىكەنلىكىنى، ئەڭ ئاسان خاتالىشىدىغان ۋاختىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزنى يېڭىشكە جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ۋاختىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشىڭىز زۆرۈر. شۇڭلاشقا سىزنىڭ ھايات يولىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ئادەمنىڭ كىملىكىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىڭىز كېرەك، ياراتقان رەببىڭىزدىن باشقا ھىچكىمگە چوقۇنماڭ، باشقىلار ھەرقانچە ياخشى ۋە ئىشەنچىلىك بوپكەتسىمۇ سىزنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغانلىقىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتىڭ. ھەر قانداق شارائىتتا ئالدى بىلەن باشقىلارنى ئەمەس، ئۆزىڭىزنى يېڭىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. 3.@ I\p}  
ئەمما بۇ قارىغۇلارچە ئۆز بىشىمچىلىق قىلىڭ دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى ھاياتتا سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزنىڭ پۈتۈنلەي توغرا بولۇشى ناتايىن، چىقارغان قارارلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورۇنلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولۇشىغا ھىچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ پىكىرىنىمۇ ئالغۇلۇق، ئەمما ئەقىل ۋە تەپەككۇرغا تايىنىپ ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاش ھەممىدىن مۇھىم. باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ھىسياتىنى ئەمەس، قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتىغا ئالدىن يول قويۇشىڭىز كىرەك، باشقىلارنىڭ قەلبىگە سېڭىپ كىرمەكچى بولىدىكەنسىز، چوقۇم ۋەزنىڭىز بولىشى كېرەك، بولمىسا سىز لەيلەپ قالىسىز، ھەم قارشى تەرەپنىڭ قەلبى چوقۇم سۈزۈك بولۇشى كېرەك، بولمىسا سىز ئۆزىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويىسىز، ئەگەر ئۇنىڭ قەلبىدىكى پاتقاققا پېتىپ قالسىڭىز، ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى يوقىتىسىز خالاس. {/Qg4pc!  
ئىسىمىزدە بولسۇن، بىزنىڭ باشقىلارغا تەكلىپ بىرىش ھوقۇقىمىز بار، مەجبۇرلاش ھوقۇقىمىز يوق، چۈشەنچە بىرىش ھوقۇقىمىز بار، باھا بېكىتىش ھوقۇقىمىز يوق، ھەمكارلىشىش ھوقۇقىمىز بار، مەجبۇرلاش ھوقۇقىمىز يوق، باشقىلارنى چۈشىنىش ھوقۇقىمىز بار، ئەمما روھى دۇنياسىنى ئىگللەش ھوقۇقىمىز يوق. ]>H'CM4JR  
نۇرغۇن ھاللاردا باشقىلارنىڭ ۋايساشلىرى، قاقشاشلىرى ۋە نارازىلىقلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، گاھىدا تەسەللى بەرسەك گاھىدا تەڭ ئاھ ئۇرىمىز، گاھىدا ئۆزىمىزمۇ تەڭ ئاشۇنداق نارازىلىق تۇيغۇلىرى ئارىسىدا تەمتىرەپ يۈرسەك، گاھىدا ھاياتتىن ۋايساپ تۇرۇپ، يەنە ياشاشقا مەجبۇر بولىمىز. نۇرغۇن ھاللاردا قاقشايمىز، نارازى بولىمىزيۇ يەنىلا سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشنى خالىمايمىز، ساختا ھالدا ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەپ، سەۋەبنى باشقا ياقلارغا بۇرىماقچى بولىمىز، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل كۆرسىتىش ئۈچۈن سەۋەنلىك ۋە كەمچىللىكتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز، ھەتتا بەزىدە مۇشۇنىڭلىق بىلەن ئۆز كەمچىللىكلىرىمىنى ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بايقىيالمايمىز، شۇ ئاساستا نارازىلىق، قاقشاش ۋە تۆۋەن كەيپىيات كېلىپ چىقىدۇ، چۈنكى سەۋەبنى باشقا ياقتىن ئىزدەش كەمچىللىكنى باشقىلاردىن ئىزدەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باشقىلارنىڭ كەمچىللىكلىرى بىزگە تەسىر كۆرسەتسە بىز ئەلۋەتتە قاقشايمىز، مېنىڭچە سەۋەنلىكنى ئۆزىمىزدىن ئىزدىسەك، ئاۋارىچىلىق يۈز بەرگەندە سەۋەنلىكنى باشقىلاردىن ئىزدىگەنگە قارىغاندا ئازراق كۆڭۈلسىزلىكلەر بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىنسان دېگەندە كەمچىللىك بولىدۇ، كەمچىللىكى يوق ئىنسان مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئىنساننىڭ كەمچىللىكى ئۇنىڭ ئىنسان بولۇشى ۋە ئىنسانلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارايمەن، نېمىشقا دېگەندە، سىز كەمچىللىكىڭىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ئاسان كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرايسىز، بۇ جەرياندا بەلكىم شۇ كەمچىللىكلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىڭىز مۇمكىن، ياكى باشقىلارغا ئەينەك بولۇشىڭىز مۇمكىن، خۇددى قولدا ياسىغان ھۈنەر سەنئەت بويۇمىنىڭ ماشىنىدا ياسالغىنىغا قارىغاندا گەرچە قوپالراق بولسىمۇ باھاسىنىڭ يۇقىرى بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنساننىڭمۇ كەمچىللىكى ئۇنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىدىكى ئىرادە چىنىقتۇرىدىغان بىر ئۆتكەل دەپ ئويلايمەن. :7DXLI|L#?  
ھازىرغا قەدەر ئەڭ بېقىنىپ ياشىغان ئىددىيەم دادام رەھمەتلىكنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ ئېيتقان «ئىسىڭدە بولسۇن، مەسئۇلىيەتچان بول، يىراقنى كۆزلە، مېھىرلىك، كۆيۈمچان ۋە باشقىلارنى قوغدىيالايدىغان ئادەم بولساڭ ئاندىن ئەركەك بولغان بولىسەن» دېگەن گېپى بولدى. شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ ئىشىغا تولاراق ئارىلىشىپ قالىمەن، ئوشۇق ئىشلارغا سەپسالماي دېسەممۇ، يەنە دىققىتىم شۇ ئىشلارغا بۇرلۇپ كېتىدۇ، ئۆزۈممۇ بىر مەزگىل مېھىر، كۆيۈنۈش ۋە چۈشىنىشكە بەكلا مۇھتاج بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئەڭ ئاساسلىق ئورۇنغا قويسام، مېھرى-مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈشنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماي كەلدىم، بەزىدە ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشپ ھەرەج تارتقان چاغلىرىممۇ بولدى، گاھىدا باشقىلارنى دەپ جاپانى يەتكۈچە تارتقان چاغلىرىممۇ بولدى، بەزىدە شۇ ئىشلارغا پۇشايمان قىلغان چاغلىرىممۇ بولغان، ئەمما ئويلاپ باقسام بىرەر قېتىممۇ يۈرىكىمدىن چىقىرىپ ئەپسۇسلىنىپ باقماپتىمەن. دادامنىڭ تەسىرىدىن ھەم كېچىكلا دادامدىن قالغاچقىمىكىن، ھە دېسىلا باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالىمەن، لېكىن مەقسىتىمىنى خاتا ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ قويىمەن، ئاقىۋەت مېنى كۈتۈۋالىدىغىنى بىر دۆۋە كۆڭۈلسىزلىك بولىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشتا توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەقىقى مەقسەتنى ئىپادىلىمەك ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن. iVAAGZ>am  
گاھى كۆڭۈل يېرىم قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋىتىش ئادەمگە راسلا ئېغىر كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرەلىسەكلا ئەرزىيدۇ دېگەن پىكىرنى ئاخىرى ئۆزۈمگە سىڭدۈرەلىدىم، ئەمما كۆنەلمىدىم. بۇرۇندىن كۆنگەن مىجەزنى ئۆزگەرتمەك ھەقىقەتەن تەسكەن، بەزىدە ئويلايمەن، مەندە كەكلىكنىڭ مىجەزى بارمىكىن دەپ، ئەمما يەنە ئاشۇ كەكلىكنىڭ مىجەزىنى ياقتۇرىمەن، كەكلىكنى گەرچە نەچچە، نەچچە يىل باقسىمۇ پۇرسەت تاپسىلا «كەتكۈلۈك» دەپ قىچىشقا پۇرسەت ئىزدەيدىغان، ئەسلىنى ئىزدەيدىغان مىجەزى ماڭا بەكلا ياقىدۇ. ئەگەردە بەزى ئىشلاردا ھەقىقەتەن كەكلىك مىجەز بولغان بولساق ئىدى، نۇرغۇن ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىپ كەتكەن بولاتتى دېگەن بىر خىيال ھەر دائىم مېنى ئەگىيدىغان بولۇۋالدى.   0.!!rq,  
گەپلىرىمنى يىغسام، ئىنسان بولۇپ ياشىغانكەنمىز، ھەر ۋاقىت كەمچىللىك ۋە سەۋەندىن خالى ئەمەسمىز، شۇنداقلا پىكىر-تەكلىپ ۋە قوللاشتىن ئايرىلالمايمىز، مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن، يالغۇزلۇق ۋە يېگانىلىق ئىچىدە ئۆزىمىزنى ئىزدىسەك، تاپالايدىغىنىمىز پەقەت بىر يىتىم كۆلەڭگە. gf^XqTLs  
بىزنىڭ ھاياتلىقتا ئىنتىلىدىغىنىمىز ناھايىتى نۇرغۇن ئەمما، بۇنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىرلا گەپ كۇپايە: ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىمىزنى كۈچەيتىش ۋە ئۆزىمىزنى چۈشىنىش. ئۆزىمىزنى يېڭىپ چېقىش مانا مۇشۇ ئاساسلار بولسىلا قالغان ئىشلار ئاستا-ئاستا ھەل بولىدۇ دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدىم. پەقەت ئۆزىمىزنى كونترول قىلالىساق ۋە ئۆزىمىزنى تۈزىتەلىسەكلا، دۇنيادىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز دەپ يەكۈن چىقاردىم. tEjT$`6hp  
ئاخىرىدا ھاياتتىكى ئازراق بىر نەرسىلەردىن ھىس قىلغانلىرىمنى سىلەرگە ماۋۇ شەكىلدە سۇناي: _n=,H  
kCvf-;b  
ئۇيقۇدىن ئويغاتقان خوراز ئاۋازى، _h0hl]rf  
غەپلەتكە بىرەلمەس ھەرگىز خاتىمە. %(i(Cf8@  
ئويغاقلا بولسا ئۇ ئەمەس چىن ئىنسان، 9ELRn @5.  
قەلىبنىڭ مۈگدىشى بەرسە ئەندىشە. u7}C):@H  
+_v#V9?  
كۈلۈپلا تۇرغانلىق بەخىتتىن ئەمەس، 2{I+H'w8:  
سۆزلىگەن ئېغىزغا بولمايدۇ ئاقىل. +xn5 9V  
(شاتۇتمۇ دورايدۇ گاھى ئىنساننى،) 5KRI}f  
يولنى كۆپ باسقانغا بولمايدۇ قابىل. ,Uu#41ZOKL  
m 7/b.B}  
ساغلاملا تۇرغاننىڭ روھى ساق ئەمەس، `~+[pY 1r  
(گاھىدا سىسىيدۇ ئىچىدىن مېۋە.) W $EAo+V  
كىم ئىيتسا ھەر نېمە ئىشەنمە دۇنيا، n2;Vrs,<1&  
بال تامسا ئىغىزدىن راستمىكىن دېمە. %w#8t#[,6  
t>%+[7?6  
گاھىدا رەنجىتەر دوستمۇ ئادەمنى، j,CVkA*DY  
دۈشمەنمۇ بىرىدۇ ھەتتاكى كۈلكە. *!&,)''  
ۋەدىنى كۆپ بەرگەن بولالماس راستچىل، $.T\dm-  
گاھىدا بولىدۇ يالغانغا ئۈلگە. j5V{,lf  
s]Qo'q2  
ئازىدۇ ھىكمەتلەر يازغان دانىشمۇ، >o|.0aw<  
غېمى بار، ئويلىساڭ ھەتتا شاھنىڭمۇ. VGeyZ\vU  
ئىنساننىڭ ھىكمىتى قەيەردىن ئاشكار؟ h}yfL@  
ساپلىقى دىلنىڭمۇ، ھەمدە تىلنىڭمۇ. 4 'GosQ85  
چىچىلاڭغۇ ۋە تۆۋەن پىكىرلىك مۇلاھىزىلىرىم بىلەن بۇ تايىنى يوق بىر نەرسە بىلەن ۋاختىڭلارنى ئالغىنىمغا خىجىلمەن، پىكىر-تەكلىپىڭلارغا مۇھتاجمەن. ئەگەر خاتا كەتكەن ۋە ئورۇنسىز ئىيتىلغان سۆز-جۈملىلەر بولسا، تۈزىتىش بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. xa$4P [  
 RR[1mM  
ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، بەلكىم بۇ ئۈشبۇ مۇنبەردىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمامدۇر، يېقىندىن بېرى سالامەتلىكىم يار بەرمەيۋاتىدۇ، ھەم نۇرغۇن سەۋەبلەر مېنى بۇ مۇنبەردىن ئايرىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇنبەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرمەن، ئاخىرقى بۇ ئەرزىمەس سوۋغامنى ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنبە: ئۆز قەلىمىم

تېما تەستىقلىغۇچى : matimatika
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-15, 17:59
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +801
suzuk-naz مۇنبەر پۇلى +500 ئۈلۈشكۈن 23:54 مۇشۇ تىمىڭىزنى كۈتىۋاتاتتىم.
تەكلىماكان مۇنبەر پۇلى +101 ئۈلۈشكۈن 19:13 ئويلانغۇدەك تىما ئىكەن
kizhumar0998 مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 18:49 -
matimatika مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 18:06 تەشەككۇر!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئەي ئەركەك! قىز ئاياللىرىڭغا ھىزى بول!!!

ئۆز تەقدىرىنى ئويلىمىغان مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولمايدۇ!
kanat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13677

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   126 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5536 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   259  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3146
 سائەت
دەرىجىسى:
3146 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:30

ماقالىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم،ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغاي.
MihRi^NuR
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.27525

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   115 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2713 (سوم)
 ياخشى باھا:   153 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   204  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 111
 سائەت
دەرىجىسى:
111 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 18:43

  ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ھىس قىلالىغان ، ۋە تەپەككۇرى مۇشۇنچىلىك ئويغاق ئادەملەر ئارىمىزدا قانچىلىكتۇ ؟ رەھمەت سىزگە ... wW|[Im&  
     ئاللاھ كىسىلىڭىزگە شىپالىق بەرگەي ، تەن ساقلىقى ، روھ پاكلىقى ھەممىمىزگە يار بولغاي ....
قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....
TOGRAKPADIXASI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   995 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6099 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   14  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1406
 سائەت
دەرىجىسى:
1406 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 19:20

سالامەتلىكىڭىزنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى تىلەيمەن.
QIQAK0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37445

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   909 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5315 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   54  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1248
 سائەت
دەرىجىسى:
1248 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 20:32

ئۇكام ماقالىڭىزنى خېلى ئوبدانلا يېزىۋاپسىز ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن كىسىلىڭىزگە شىپالىق تىلەيمەن .  
قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
aziz33
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9745

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   113 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1196 (سوم)
 ياخشى باھا:   195 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   267  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1124
 سائەت
دەرىجىسى:
1124 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 21:31

پۇرسەت يار بەرسە  يىراق يەرلەرگە ساياھەت قىلىپ كىلىڭ ، كۆڭلىڭىزمۇ ئېچىلىپ قېلىشى ، سالامەتلىكىڭىزمۇ ياخشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن
بىلىم ئال
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   119 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   491 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 482
 سائەت
دەرىجىسى:
482 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 22:03

بەك ياخشى يېزىپسىز،قەلەم قۇۋىتىڭىز كۈچلۈككەن. 7iyx_gyo  
ئۆزەمنى خىلى ئوڭشىۋالدىم .رەخمەت سىزگە!!!! G4&?O_\;  
اللە دىن سىزگە ئامانلىق تىلەيمەن ئامىن!!!!!!! CD%Cb53  

دىلمۇرات
suzuk-naz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13057

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   734 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3526 (سوم)
 ياخشى باھا:   158 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1601
 سائەت
دەرىجىسى:
1601 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:05

ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار، بەلكىم بۇ ئۈشبۇ مۇنبەردىكى ئەڭ ئاخىرقى يازمامدۇر، يېقىندىن بېرى سالامەتلىكىم يار بەرمەيۋاتىدۇ، ھەم نۇرغۇن سەۋەبلەر مېنى بۇ مۇنبەردىن ئايرىلىشقا ئۈندەۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مۇنبەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرمەن، ئاخىرقى بۇ ئەرزىمەس سوۋغامنى ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.  Pd\4hy  
ماۋۇ خەتنى ئوقۇپ ئىچىم ئىچىشىپ كەتتى، سىز بىلەن ناھايىتى ياخشى دوست بولغان ئىدىم، مۇنبەردىن ئايرىلماڭ، سىزدەك توردىشىمدىن ئايرىلىپ قالغىم يوق. @uCi0Pt  
سىزگە دىسەم، ھايات ناملىق بۇ دىراممىنى ناھايىتى جانلىق تىلدا ئىپادىلەپ بىرىپسىز، قەلىمىڭىزگە قايىلمەن، ھىچ بولمىغاندا 21-باھارىڭىزدا بولسىمۇ باسقان ئىزلىرىڭىزغا مىھرىڭىز بىىلەن سەپسىلىشقا ئىرىشىپسىز، بۇنىڭ ئۆزىمۇ نەتىجە، بۇ قىسقا ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش سىزنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. ئۆلۈم ھازىرقى ھاياتىمىزنىڭ تۈگەنچىسى بولسا كىيىنكى مەڭگۈلۈك ھاياتىمىزنىڭ باشلىنىشى، كىيىنكى ھاياتىمىز تۇغۇلۇش بىلەن ئەمەس، ئۆلۈم بىلەن باشلىنىدۇ،  قولىڭىزدىكى ھايات ۋاراقلىرىڭىزنى بىزەيدىغان قەلەمنى چىڭ تۇتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن، مۇشۇ قەلەم بىلەن ھايات كارتىنىڭىزنى چىرايلىق گۈللەر بىلەن بىزەڭكى، ھەرگىز قارا چىكىتلەر قويۇلۇپ قالمىسۇن.

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ للە پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!
cayyara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32274

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   331 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   682 (سوم)
 ياخشى باھا:   107 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   113  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1982
 سائەت
دەرىجىسى:
1982 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 00:34

كىشلىك ھاياتىنى دىرامما سورۇنىغا ئوخشاتمايمەن ،چۈنكى بېشىدىكى مەيداننى قانداق ئوينىسا كىيىنكى مەيدانغا چوقۇم باغلىنىشلىق بولمايدۇ، ( باغلىنىشلىققۇ بۇلىدۇ ئەمما مەلۇم سەۋەپ ياكى باھانە بىلەن ئۆزگەرتەلەيدۇ ، ئاخىرىنىمۇ قانداق ئاياقلاشتۇرۇش شۇ كىشىنىڭ ئۆز رايىغا باغلىق ،ھەتتا ئاخىرىنى ئىشلىمەي توختۇتۇپ قويسىمۇ ئۆزىنىڭ ئىشى ) كىشلىك تۇرمۇش ئىنتاھان مەيدانى ، بۇ دۇنياغا ئىنتاھان بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بولساق ئۇ دۇنيادا نەتىجىمىز ئېلان قىلىنىدۇ ئۆتەلىسەك مۇكاپات ،ئۆتەلمىسەك جازا ھەم تەييار ، ئەمما بۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش مومكىن ئەمەس ھەم قادىر بۇلالمايمىز .
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   558 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2207 (سوم)
 ياخشى باھا:   -4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1369
 سائەت
دەرىجىسى:
1369 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 03:39

ئىنىم - سڭز مەندىن 17 ياش كىچىك ئىكەنسىز h<3b+*wYJC  
ئاللا سىزگە باشپانا بولعاي ، قەلەمەڭەز مەندىن ياحشىكەن . ۉمۉدىڭىز يەردە قالمىعاي
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى