ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ، ئۇ، يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەركىتى كۆزىتىش ئار قىلىق ھىسابلايدىغان ۋە ھىجرەت(كۆچۈش) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل قەمەرىيە يىلنامىسى بولۇپ، ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق ئەرەپ ئەللىرىدە ھەم دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.
FI3sLA ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)دەسلەپكى دىنغا دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، ئىسلام دىنى دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە(610-يىلدىن 639-يىلغىچە) يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كىلىنگەنىدى.
Iu)L3_+ ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا روناق تېپىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىلىدىغان، ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەركىتى بويىچە ھېساپلايدىغان شەمسىيە(ئەرپچە سۆز بولۇپ،كۈن،قۇياش مەنىسىدە) يىلنامىسى، يەنە بىرسى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەر ۋاقىتنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە(ئەرەبچە سۆزبولۇپ، ئاي مەنىسىدە) يىلنامىسى ئىدى.
{;]uL`abi? ئەرەبىستاندا ئسلام دىنى روناق تېپىپ، ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىپ ۋە بىرمۇنچە ئەللەرگە كېڭىيىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنيادا شۇنچە زور نوپۇزغا ئىگە بولغان، يالغۇز ئەرەبىستان بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان ئىسلام دىنىنىڭمۇ ئىسلام دىنى ۋەقەلىكلىرىنى ھېسابلايدىغان، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس بولىشى لازىملىقى ھىس قىلىنغان ۋە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ مەسىلە مۇھاكىمىگە قويۇلغاندا. شۇنداق بىر يىلنامىڭ بولىشىنى ھەممەيلەن بىردەك ماقۇللىغان، ئەمما قايسى ۋاقىتنى يىل بىشى قىلىش مەسلىسىدە نۇرغۇن لايىھىلەر چۈشكەن: بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ تۇغۇلغان يىلنى(مىلادى570-يىلى يەنى پىل يىلىنى) ئىسلام يىلنامىسىنڭ باش يىلى قلىشنى، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇيلى ئاخرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسلام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نى دۇنيغا ئاپىرىدە قىلغانلىقىنى ئوتتىرىغا قويغان؛ بەزىلەر ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم)گە تۇنجى ۋەھى كەلگەن يىلنى(يەنى مىلادى 610-يىلنى) ئىسلام دىنىنىڭ باش يىلى قىلىش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا شۇيىل مۇھەممەد ئەلەيھىسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نى ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا ۋەھى ئارقىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەلىگىنى بىلدۈرگەن ھەم ئىسلام دىنىنى روناق تاپقۇزغان دەپ ئوتتىرىغا قويغان؛ يەنە باشقا كىشىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەلاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلىپ (كۆچۈپ) كېلشى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان ئۇلۇع ۋەقە، شۇنىڭدىن كىيىن ئىسلام دىنى، مۇسۇلمانلار ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ رىيازەت چىكىش دەۋرىدىن روناق تىپىش دەۋرىگە قەدەم قويدى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ھىجرەت بولغان يىلنى(يەنى مىلادى622-يىلنى)ئىسلام يىلىنامىسىنىڭ باشيىلى قىلش كىرەك دەپ ئوتتىرىغا قويۇشتى، يۇقۇرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچىسىلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) بىلەن زىچ باغلنىشلىقق ئىدى. ئاخىرى ئۈچۈنچى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ(مىلادى634-يىلدىن644-يىلغىچە خەلىپە بولغان) مىلادى639-يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە يۇقۇرىدىكى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ ئۈچۈنچىسى يەنى مۇھەممەد ئەلەيھسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ مەككە مۇكەررەمەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە ھىجرەت قىلغان مىلادى 622-يىلنى ئىسلام دىنى يىلامىسىنىڭ باش يىلى قىلىشنى ماقۇللىغان ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى«ھىجرىيە»دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن. ئەسلىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم) مەككە مۇكەررەمەدىن ھىجرەت قىلىپ، مىلادى 622-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە يىتىپ كەلگەنىدى. ئەمما ئەرەبلەرنى ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ۋە ھىسابلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، بۇۋاقىتنى ئىككى ئايدىن ئارتۇقراق ئالدىغا سۈرۈپ، ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەمەرەيە يىلىنىڭ يېڭى يىل بىشىنى يەنى مىلادىيە بوىچە 622-يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنىنى ھىجرىيە باشيىلىنىڭ يىل بېشى(يېڭى يىل بايرىمى كۈنى) قىلىپ بىكىتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر بۇ يىلنامە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا قوللىنىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بۇيىل مىلادىيە بويىچە 1389 يىل، ھىجرىيە بويىچە 1432يىل بولدى.(2010-يىل 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىجرىيە 1432-يىل باشلاندى). لىكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىىش كىرەككى، بۇ يىل ھىجرىيىنىڭ 1432-يىلى دىگەنلىك ھەرگىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلغىنىغا 1432 يىل بولدى، دېگەنىك ئەمەس، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلشى ئۇنىڭدىن مىلادى بويىچە 12 يىل ئىلگىرى، ھىجرىيە بويىچە 13 يىل ئىلگىرى(ئادەتتە شۇنداق دىيىلىدۇ) يەنى مىلادىيە 610-يىلى 9-ئايدا ھىرا غارىدا ئاللاھ تائالادىن ۋەھى چۈشكەندىن كىيىنلا باشلانغان. شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلشقا باشلغىنىغا بۇ يىل مىلادىيە بويىچە 1401 يىل، ھىجرىيە بويىچە 1445 يىل بولدى، دەيمىز.
6&i[g ھىجرىيە يىنامىسىنىڭ ھىسابلىنىشى.
3c1
o,2 بىزگە مەلۇم، مىلادىيە يىلنامىسى ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەركىتى بويچە ھىسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت بولىدۇ، ئادەتتە بىر يىل 365 كۈن ھىسابلىنىپ، ھەر يىلىدىن ئاشقان ۋاقىت يىغىلىپ 4 يىلدا بىر كەبىسە كۈنى چىقىدۇ-دە، بۇ بىر كۈن 4-يىلدىكى 2-ئايغا قوشۇلۇپ، بۇيىل «كەبىسە يىلى» دەپ ئاتىلىش بىلەن 366 كۈن بولىدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسى بولسا، ۋاقىتنى نوقۇل ئاينىڭ ھەركىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە(ئايلىق)يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاينىڭ يەرشارىنى بىر نۆۋەت ئايلىنىشى ئۈچۈن 29 كۈندىن ئارتۇراق ۋاقىت كىتىدىغان قانۇنىيەتىگە ئاساسەن، ئاينىڭ بىر نۆۋەت تولۇن-كەمتۈك بولۇش دەۋرىلىكى بىر ئاي ھىسابلىنىدۇ. ئاينىڭ تولۇق كەمتۈكلۈكىنىڭ 12دەۋرى بىر يىل ھىسابلىنىلىدۇ، بۇنىڭ ۋاقتى 354 كۈن 8 سائەت 44 مىنۇت 2.8 سېكۇنت بولدۇ، ھەربىر ئاي شۇ ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى چىقان ھىلال ئاي بىلەن باشلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تاق ئايلار يەنى 1-، 3-، 5-، 7-، 9-11-،ئايلار چوڭ ئاي ھىسابلىنىدۇ ھەر بىر ئاي 30كۈن بولىدۇ؛ جۈپ ئايلار يەنى2-، 4-، 6-، 8-، 10-، 12-ئايلار كىچىك ئاي ھەربىرى ئاي 29 كۈن بولۇپ بىر يىل 354 كۈن بولىدۇ، ھەريىلى ئاشقان 8 سائەت 48 مىنۇت 33.6 سېكۇنت يىغىلىىپ 3 يىل ئەتراپىدا يىغىلىپ بىر كۈن ئارتۇق چىقىدۇ، بۇ بىر كۈن 3-يىلنىڭ ۋە بەزىدە 2-يىلىنىڭ 12-ئىيىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇلۇپ كەبىسە يىلى قىلىنىش بىلەن، بۇ يىلنىڭ ۋاقتى ئادەتتىكى يىلدىكىدىن بىر كۈن ئارتۇق يەنى 355 كۈن بولىدۇ.
Ln"+nKr ئەمما بۇ ئايلار ئىچىدە، 9-ئاي(يەنى رامىزان) روزا تۇتدىغان ئاي بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم)نىڭ:«سىلەر رامىزان ئىيىدىن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار، سىلەر ئاينى كۆرۈپ روزىنى باشلاڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزىنى تاماملاڭلار، ئەگەر ئاينى بۇلۇت توسىۋالغان بولسا، شەئباننى ئېيىنى 30كۈن توشقۇزىڭلار» دىگەن ھەدىسى بويىچە، 8-ئاي شەئبان(29كۈنلۈك كىچىك ئاي)نىڭ 29-كۈنى كەچتە ئايغا قاراش كېرەك ئەگەر ھىلال ئاي(يىڭى ئاي) كۆرۈنسە، شەئبان ئېيى ئاخىرلىشىپ، روزا ئاي(9-ئاي)باشلانغان بولىدۇ-دە، ئەتىسى سەھەردە زوھورغا تۇرىشى كىرەك، بۇ چاغدا8-ئاي ئەسلىدىكىسى بويىچە كىچىك ئاي بولىدۇ؛ ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە، بىر كۈن ئۆتكۈزىۋىتىپ ئەتىسى زوھورغا تۇرىشى كىرەك، بۇ كۈن 9-ئاينىڭ(روزا ئاينىڭ)بىرىچى كۈنى بولىدۇ، بۇ ھالدا 8-ئاي 30 كۈنلۈك چوڭ ئاي ھېسابلىنىدۇ؛ روزا تۇتۇپ رامىزاننىڭ يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يەنە ئايغا قاراش كېرەك، ئەگەر ھىلال ئاي كۆرۈنسە رامىزان(9-ئاي) ئاخىرلىشىپ، شەۋۋەل(10-ئاي) باشلانغان بولىدۇ-دە، ئەتىسى روزا ھېيت بولدۇ.ناۋادا يىڭى ئاي كۆرۈنمىسە بىركۈن ئۇزارتىش كېرەك، بۇ چاغدا 9-ئاي يەنىلا چوڭ ئاي ھىسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىش كېرەككى، يىڭى ئاي كۆرۈنمىسە روزىنى پەقەت بىركۈنلا ئۇزارتىپ(ئۇ ئاخشىمىمۇ ئاي كۆرىنمىگەن تەقدىردىمۇ)ئەتىسى روزا ھېيت قىلىش كېرەك، ئاي يەنە كۆرۈنمىدى دەپ روزا تۇتۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇكۈن روزا ھىيتقا تەۋە بولۇپ ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش ھارام قىلىنغان.
;s}-X_O< ھازىر مىلادىيە بويىچە ھېسابلىغاندا بەزى ئەرەپ ئەللىرى ھېيت نامىزىنى بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن ئۆتەيدۇ، بۇ ھەرگىز ئۇلاردا ياكى بىزدە ۋاقىت ھىساپلاش جەھەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەنلىكىدىن بولغان ئىش ئەمەس، بەلكى دۆلەتلەر ئارا ۋاقىت پەرقى بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا ھىجرىيە يىلنامىسىدا قۇيشنىڭ ئولتۇرىشى ئىككىنچى بىركۈننىڭ باشلىنىشى ھىسابلىنىدىغانلىقىدىن بولغان.
~
@b9
ھىجرىيە يىلنامىىسىدا 12 ئاي بىر يىل بولىدۇ، 30يىل بىر دەۋر قىلىنىپ ھەربىر دەۋىرنىڭ1-، 3-، 4-، 6-، 8-، 9-، 11-، 12-، 14-، 15-، 17-، 19-، 20-، 22-، 23-، 25-، 27-، 28-، 30-يىللىرىدىن ئىبارەت 19 يىل بولۇپ 354 كۈن بولىدۇ، قالغان 11 يىل يەنى 2-، 5-، 7-، 10-، 13-، 16-، 18-، 21-، 24-، 26-، 29-يىللىرى كەبىسە يىلى بولۇپ 355 كۈن بولىدۇ. بۇ خىل ئادەتتىكى ۋە كەبىسە يىللارنىڭ ئورۇنلاستۇرۇلىشى مۇقىم يەنى 30 يىلدا 19 ئادەتتەكى يىل، 11 يىل كەبىسە يىلى. ۋە مۇشۇنداق تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. ھىجرىيە يىلنامىسىدا ئاي، كۈنلەر ئايغا قاراپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مىلادىيە يىلىغا سىلىشتۇرغاندا ھەر يىلى 10 كۈن، 21 سائەت، 1مىنۇت، 2.7 يىلدا بىر ئاي 32.6 يىلدا بىر يىل پەرىقلىق بولىدۇ.ئادەتتە مىلادىيە يىلنامسىغا سېلىشتۇرغاندا ھىجرىيە ھەر يىلى 10 كۈن، ئۈچ يىلدا بىر ئاي، 32يىلدا بىر يىل دەۋاتىنىمىز مۇشۇ ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ، ھەمدە ھېيت-ئايەملىرىمىزنىڭ مىلادىيە يىلنامىسىدىكى بۇ يىلقى ۋاقىتنىڭ ئۆكەن يىلى ۋە كېلەر يىلى يىلىدىكى ۋاقىتقا ئوخشىماي قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ يەردە. مىلادىيە يىلنامىسىدىكى 32 يىل دەل ھىجرىيە يىل نامىسىدىكى 33 يىل بولۇپ مىلادىيەدىن بىر يىل ئارۇق چىقىدۇ.
I T*fjUY& ھىجرىيە يىلىنامىسى، مىلادىيە يىل نامىلەردىكىدەك مۇقىم پەسىللەرگە بۆلۈنمەيدۇ. ھىجىريە يىلنامىسىدىكى ئايلارنىڭ ناملىرى تۆۋەندىكىچە:
rC=p;BC@dD 1-ئاي مۇھەررەم
]=$-B 2-ئاي سەفەر
}e&KO?x+ 3-ئاي رەببىئۇل ئەۋۋەل
HB/
_O22 4-ئاي رەببىئۇل ئاخىر
-~rr
5-ئاي جەمادىئۇل ئەۋۋەل Vp- n(Z
6-ئاي جەمادىئۇل ئاخىر u;l6sdo
7-ئاي رەجەپ [ *m
Ca:^
8-ئاي شەئبان U 8q
KD
9-ئاي رامىزان (HTk;vbZm
10-ئاي شەۋۋال
|-c
ALQ
11-ئاي زۇلقەئدى >$k4@eg!
12-ئاي زۇلھەججە R'1vjDuv
ئۇيغۇرلار بۇ ئايلارنىڭ ئەرەپچە ئاتىلىشىنى قوللىنشتىن سىرت، ئەمەلىي ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ ئايلارنى باشقا ناملار بىلەنمۇ ئاتاپ كەلگەن، مەسىلەن، 8-ئاي شەئباننى «بارت ئاي» دەپمۇ ئاتايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىدا، بۇ ئاينىڭ 15-كىچىسى بارات كىچىسى ھسابلىندۇ، 9-ئاي«رامىزان» روزا تۇتىدىغان ئاي بولغاچقا بۇ ئاينى«روزا ئاي»دەپ ئاتايدۇ؛ 10-ئاي «شەۋۋال» دا روزا ھېيت بولىدىغانلىقى ئۈچۈن «ھېيت ئاي»دەپ ئاتايدۇ؛ 11-ئاي «زۇلقەئدە» روزا ھېيت كلىدىغان شەئبان بىلەن قۇربان ھېيت كىلىدىغان 12-ئاي «زۇلھەججە» ئايلىرىنىڭ ئارلىقىدا كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇئاينى «ئارا ئاي» دەپ ئاتايدۇ. X*p:&=o
ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مەسلىسىگە ئىسلام ئەللىرى كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ھەم ھەرقايسى ئىسلام ئەللەرنى ئىتپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ قەدىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى موھىم مەسىلە دەپ قاراپ، 1978-يىلى بىر قىسىم ئىسلام ئەللىرى تۈرىكيەنىڭ 3'gd'`Hn/
ئىستانبول شەھرىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ھىجرىيە ئايلىرىنىڭ 1-كۈنىنى قانداق بەلگۈلەش ھەققىدە مۇھاكىمە قلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن قېتىم يىغىنلا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇمەسىلە مۇھاكىمە قىلىندى، بولۇپمۇ 1985-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن26-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك«ھىجرىيە يىلنامىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يىغىنى»دا، ھەرقايسى ئەللەر ۋەكىللىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ بۇيىلنامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى خىزمەت تەجىربىلىرىنى ئالماشتۇردى، يىلنامىنى يىلنامىنى ھىسابلاش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن كالىدار تۈزۈپ چىقتى. ھازىر دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئايغا قاراش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسەن مۇشۇ بىرلىككە كەلگەن كالىندار بويىچە ئىش كۆرمەكتە.مەملىكىتىمىزدە جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى تەرىپىدىن تۈزۈپ بېسىپ تاقاتقان«ئۈچ خىل يىلنامىنىڭ سېلىشتۇرما جەدۋىلى»دە كۆرسىتىلگەن ھېيت-ئايەملەر ۋاقتى دەل ئىسلام ئەللىرى بىرلىككە كەلتۈگەن كالېندار بويىچە ئىشلەنگەن.
1W6n[Xg
x""Mxn]gD
پايدىلانغان ماتېريالىم: شەمشەدىن ھاجىنىڭ. )Or:wFSMq
1950_يىلدىن 2050_يىلىغىچە ئىسلام دېنىدىكى ھىيت_ئايەم ۋە خاتىرە كۈنلىرىنىڭ 0ghwFo
مىلادىيە ۋە ھىجىريە يىلنامىسى بويىچە سىلىشتۇرمىسى. :67d>wb
(100 يىللىق)[ بۇ تېماSUKUT520با2011-06-15 16:42قايتا تەھرىرلەش ]