بۈگۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئۆزلىرىگە مەدەت بېرىشىپ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ئۈچۈن، كەيپىياتلىرىنى تەڭشىدى. ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلىرىغا ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش، جەزمەن يۇقىرى نومۇر ئېلىش توغرىسىدا توختىماي جېكىلىدى. بۇلارنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى ھېچكىمنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن قېلىپ قالغۇسى يوق. ئەمەلىيەتتە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرەر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئۇ سىزنىڭ كاتتا ئالىم ياكى كارخانىچى بولۇشىڭىزنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئالىي مەكتەپتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۈگىشىپ كېتىش ياكى بىراقلا ئاق بايراق چىقىرىشنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس ئىشلار. بەلكىم سىز مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلىسىڭىز تېخىمۇ ھەيران قىلىشىڭىز مۇمكىن.
D ~Y3\KP ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. سىزنىڭ ھەممە پەندىكى نومۇرىڭىز چۈشۈپ، ماتېماتىكا نومۇرىڭىز توشماي قالسا، سىز ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيسىز. شۇنداق، ماتېماتىكا سىزنىڭ بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ياكى ئۆتەلمەسلىكىڭىزگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈن تۇنجى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكىدا 1 نومۇر ئالغان! سىز بۇنى ئەلۋەتتە خىيالىڭىزغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىز ئالىي بابا گۇرۇھىنىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك ناھايىتى چوڭ گۇرۇھ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكىدا 1 نومۇر ئالغان قانداق قانداق قىلىپ مۇشۇنداق كاتتا نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىدى؟ بۇلار بىزنىڭ ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
l0$
+)FKd ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ، ماتېماتىكا دېسە بېشى ئايرىيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىزچىل تۈردە تۈردە ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگەنمىدى. ئۇ ماتېماتىكا نەتىجىسى ناچار بولۇش سەۋەبلىك تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆز ئارزۇ قىلغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتەلمىدى. كىيىن ئۇ بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن ، ئارزۇ تولدۇرىدىغان ۋاقىتتا ئۇ ئاQ لارچە كۆرەڭلەپ، ئارزۇ تولدۇرۇش جەدۋىلىگە «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دېگەن خەتتىن باشقا ھېچنېمىنى يازمىدى. نەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى زارىقىپ كۈتكەن، مۇئەللىملىرىنى ئۇنىڭدىن گۇمانلانغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كەلدى. ئۇ 1982-يىلى بولۇپ، نەتىجىدە ئۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 1 نومۇر بىلەن رېكورت ياراتتى. ئۇنىڭ بۇ نومۇر بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.
;-d :!* شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنىڭغا قايىل بولماي، ئىككىنچى قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەنىدى:« كىشىلىك ھايات يولى ئۇزۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەگرى-توقاي ئىكەن». ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. نەتىجىدە 19 نومۇر ئالدى. ئاتا-ئانىسى بۇ نومۇرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوغلىدىن ئۈمىد ئۈزدى ۋە مۇنداق دېيىشتى:« بولدى، ئەمدى سېنىڭ بولغىنىڭ مۇشۇ بولسا كېرەك، بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنىڭ ھەممىسى تۈگىدى، سەن بىزنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمىزنى بولسىمۇ نابۇت قىلما، بولدى، ئوقۇيمەن دېمەي، ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىشلەپ، پۇل تاپ!».
yVM
1W"Q مايۈن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىرىلغۇدەك بولۇپ كەتتى. ئۇ قەتئىي قايىل بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن شەرەپلىك ھالدا .ئۈچىنچى قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشماقچى بولدى. ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ قايتا ئىمتىھان بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ قايتا ئوقۇشىغا قوشۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، مايۈن ئامالسىز بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن قايتا ئوقۇدى. مايۈن بۇ ئىككىسىنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن، كۈندۈزى قۇرۇلۇشتا ئىشلىسە، كەچقۇرۇنلۇقى كەچلىك كۇرسلاردا ئوقۇدى. ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى جېجىياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ، تەكرار قىلدى.
MW+]w~7_Q مايۈن دەل 20 ياشقا كىرگەن يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى، ئۇ ئىمتىھان بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ ماتېماتىكا مۇئەللىمى ئۇنىڭغا «مايۈن، مەن ماتېماتىكىدا سېپى ئۆزىدىن بىر كالۋا نېمە، ئەگەر سەن بۇ قېتىم ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولالىساڭ، مەن «余» (قالدۇق) دېگەن خەتنى تەتۈر يازىمەن!» دېدى.
eS
jXa
Zh ئۇ ماتېماتىكا ئىمتىھانى ئېلىنىدىغان ئەتىگىنى 10 ئاساسىي فۇرمىلانى يادلىۋالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مەسىلىلەرنى مۇشۇ فۇرمىلالار ئارقىلىق بىر-بىرلەپ يەشتى. ئۇ قەغەزگە جاۋاب يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىگە « مەن بۇ قېتىم ماتېماتىكىدا جەزمەن لاياقەتلىك بولىمەن!» دېدى. نەتىجىدە ئۇ ماتېماتىكا ئىمتىھاندا 79 نومۇر ئالدى. ئۇ ۋاقىتتا ماتېماتىكا تولۇق نومۇر 120 نومۇر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ قېتىم ئاخىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كەتتى!...
i=
مايۈن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى ئۈچ قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك بايلىقى بولۇپ قالدى. %!HmtpS
شۇنداق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىر سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭىزدىكى ناھايىتى كىچىك بىر بوسۇغا، سىز بۇ بوسۇغىدىن ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ. كۆڭلىڭىزدىكى غەملەرنى چۆرۈپ تاشلاڭ. ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، سىزگە يۇقىرى نەتىجە كۈلۈپ قارايدۇ. H{P"$zj`l
مەنبەسى : نۇر تورى[ بۇ تېماalafasyبا2011-06-14 10:29قايتا تەھرىرلەش ]