6R#.AD\
1943-يىلى كۈزدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەجەللىك زەربىسىدە گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ كىيېۋ لىنىيىسى قاتتىق تەھدىت ئاستىدا قالدى.مايور ستېيننىڭ قىسمى كىيېۋ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەسىرلەرگە قارايتتى. مايور ستېيىن تۇيۇقسىز بۇيرۇق تاپشۇرۋالدى. بۇيرۇقتا : قىسىمنى باشلاپ دەرھال چېكىن، چېكىنىشتىن بۇرۇن بارلىق ئەسىرلەرنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار ، دېيىلگەنىدى. بۇ يەرگە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ 600دىن ئارتۇق ئەسىرى قامالغانىدى. ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرۈش ئەتىسى ئەتىگەندىلا باشلاندى.ئادەم ئاز ،تۇشۇيدىغان قاتناش قۇراللىرىمۇ كەمچىل بولغاچقا، ئۇلار ئەسىرلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۆلتۈردى، بىر قېتىمدا 50نەپەر ئەسىرنى ئۆلتۈرەتتى.
sa
w چۈش بولغاندا ئاخىرقى تۈركۈمدىكى قىرىق نەچچە ئەسىر قالدى. مايور ستېين ماشىنىغا ھەيدەپ چىقىرىلىۋاتقان ئەسىرلەرنىڭ چىرايىغا قارىدى، ئۇلاردا نە قورقۇش، نە غەزەپلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈنمەيتتى. ئۇلارنىڭ چىرايى خۇددى تەقدىرگە تەن بېرىپ قېتىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . يىغلاش، يالۋۇرۇش ۋە غەزەپلىك ئاھانەتلەر بولمىغان بۇنداق ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ مايور ستېينگە ھېچقانداق لەززىتى يوقتەك ،ھېچبىر مەنىسى بولمىغاندەك بىلىندى. بۇنى قانداق قىلىپ بىر قىزىق ئىشقا ئايلاندۇرغىلى بولار ؟ مايور ستېين توپ مەيدانىدىكى ۋاسكېتبول گارىنى كۆرۈپ، كۆڭلىگە بىر ئىش كەلگەندەك بولدى.ئۇ ماشىنىغا چىقىپ بولغان ئەسىرلەرنى ماشىنىدىن چۈشۈشكە بۇيرۇق قىلدى. ئاندىن كىيىن ھەربىر ئەسىر گارغا ئون توپ ئاتسۇن، ئەگەر ئاتقان ئون توپىنىڭ سەككىزىنى گارغا كىرگۈزەلىسە، ئۇ ئەسىرنى دەرھال قويۇۋېتىمەن،دەپ ئېلان قىلدى.
W'{o`O=GGr ئىش مايو ستېيننىڭ ئويلىغىنىدەك بولدى، توپ ئاتقان ئەسىرلەرنىڭ بەزىلىرى ئىككى توپ كىرگۈزسە،بەزىلىرى ئۈچ-تۆتنى، كىرگۈزدى. ئەڭ ئاخىرىدا يەتتە-سەككىز ئادەم قالغاندا، مايور ستېين ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئېگىز بىرىنى كۆرسىتىپ :
]QSQr* _ ھەي دارازا! _ دەپ چاقىردى.
`b*x}HP$ چاقىرىلغان ئەسىر ئورنىدىن تۇردى. ئۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش ئالدىراپ كەتمىدى ياكى ئېتىبارسىز پوزىتسىيىمۇ تۇتمىدى. ئۇ توپنى ئېلىپ گار ئالدىغا كېلىپ بىر ھازا تەييارلىق قىلدى، بىردە توپنى يەرگە ئۇرۇپ كۆكلەتتى، بىردە ئۆزىنى تەڭشىدى،ئۇ ئۆزىنى گار ئالدىغا كۆندۈرۋاتقاندەك قىلاتتى.
7RCVqc" دارازا ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزغاندەك گارغا بىرىنچى توپنى ئاتتى،بۇ توپى ھەتتا گارنىڭ سېتكا چەمبىرىكىگىمۇ تەگمىدى،مايور ستېين ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈۋەتتى، قارىغاندا بۇ دارازىمۇ ياسالمىلىق قىلغان ئوخشايدۇ.دارازا ئۆزىنى سەل تۇتۇۋىلىپ، توپنى يەنە گارغا ئاتتى،توپ يەنىلا گارغا چۈشمىدى. دارازىنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل ھودۇقۇش پەيدا بولۇپ لەپپىدە ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئەمدى قالغان سەككىز توپنىڭ ھەممىسىنى گارغا كىرگۈزەلىسە، ئاندىن ئۆزىنى قۇتقۇزالايتتى. ئۇ گويا بىر نەرسە ئويلاۋاتقاندەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ، توپنى يەرگە ئۇرۇپ كۆكلىتىپ تۇردى.
oCSJ<+[(C بىردىنلا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ گارغا قارىدى،ئۇنىڭدا ئىككىلىنىش،ھۇدۇقۇش دېگەنلەردىن ئەسەر يوق ئىدى، كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى،ئۇ توپنى كۆتۈرۈپ گارغا تاشلىدى،توپ كۆكتە شۇنداق چىرايلىق ياي شەكلىدە ئۇچۇپ كېلىپ گار سېتكىسىنىڭ دەل ئىچىگە چۈشتى.ئۇ ئارقىدىنلا يەنە بىر توپنى ئاتتى، توپ يەنە چۈشتى.ئۇ قالغان توپلارنى ناھايىتى تىزلىك بىلەن ئاتتى،توپلىرىنىڭ ھەممىسى گارغا چۈشتى. چۈشكەندىمۇ سېتكىنىڭ ئەتراپىغا تەگمەي دەل ئوتتۇرىسىغا چۈشتى. ئۇنىڭ بۇ ماھارىتى سېھىرگەر ماھارەت كۆرسەتكەندەك كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋەتكەندەك ھالەتتە بولدى،مايور ستېين ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.
'b:UafV مۆجىزە مانا مۇشۇنداق پەيدا بولدى، ئەڭ ئاخىرقى توپمۇ گارغا شۇنداق چىرايلىق چۈشتى .
/RemLJP
F R/P9 =yvg0 2.ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش
*0/%R{+S ئويۇن پەللىگە چىققانىدى، مايور ستېين ھەيرانلا قالدى.
rYO~/N _ قالتىسكەنسەن! سەن قانداقلارچە سەككىز توپنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈردۈڭ؟ _ دېدى ئۇ .
%TYe]^/'y _ ئۇرۇشتىن بۇرۇن مەن كوركستىكى ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى ئىدىم،_ جاۋاب بەردى دارازا.
Cig!3 ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە مايور ستېين دارازىنى قويۇپ بەرسە بولاتتى . لېكىن بۇ ئىشنى ھامان يۇقىرىدىكى باشلىقلار بىلىدۇ ،بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ ھەربىي سوتقا تارتىلىشى مۇمكىن. مايور ستېيننىڭ پىشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى.دەل شۇ چاغدا دارازا خۇددى يېغىرىغا تەگكەندەك قىلىپ:
ZsN3 MbY _ سىز گېپىگىزدىن يېنىۋالمايدىغانسىز ھە ! _ دېدى.
sNs Hl مايور ستېين راست گېپىنى يۇشۇرۇپ :
`teaE7^Wm _ نېمىس ھەربىيلىرى ئەزەلدىن گېپىدە تۇرىدۇ ،_ دېدى.
7VW
/v4n دارازا بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ستېيننىڭ گېپىدىن يېنىۋېلىشىدىن قورققاندەك دەرۋازا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.دارازا دەرۋازىدىن چىقىدىغان چاغدا، مايور ستېين باشقا ئەسىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
EfqC_,J*3 _ مەن سەن بىلەن بىر سودىلىشاي دەيمەن ، سەن يەنە بىر توپ ئات، ئەگەر توپنى چۈشۈرەلىسەڭ مەن ھەممىڭلارنى قويۇپ بېرىمەن، ئەگەر كىرگۈزەلمىسەڭ ھەممىڭلارنى ئۆلتۈرىمەن، قانداق ؟_ دېدى.
)F m'i&F_ دارازا بىردەم تۇرۇپ قالدى.مايور ستېين ئالدىراپ قالدى، ئۇ قاراپ تۇرغان ئەسىرلەرگە قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ:
TlpQ9T _ سىلەر نېمىگە قاراپ تۇرىسىلەر ؟ تېزدىن يۈكۈنۈپ ئۇنىڭغا يالۋۇرمامسىلەر؟ ئۇ دېگەن سىلەرنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان بىردىنبىر ئۈمىد جۇمۇ! _ دېدى.ئەسىرلەر جىممىدە قاراپ تۇرىۋەردى، ھېچكىممۇ تىزلانمىدى.
O5dBI_ مايور ستېين ئوسال ئەھۋالدا قېلىپ،نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى،ئۇ ئاچچىق بىلەن:
YJ{_%z|U _ قارىغىنا قېرىنداشلىرىڭغا، ئۇلار مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان نېمىلەر ئىكەن. سېنىڭ ئۇلار ئۈچۈن قۇربان بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوقكەن! سەن كېتىۋەر،بېرىپ ئۆز تۇغقانلىرىڭنى تاپقىن،ئەمدى بۇلارنى ئاتىمىز. سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەردە بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشنى بىلمەيلا قالسۇن، سەنمۇ ئۆزۈڭنى ئەيىبلەپ يۈرمە! _ دېدى.
kY#sQz}8 بۇ گەپنى ئەڭلاپ دارازا تىترەپ كەتتى.ئاندىن ئاشۇ « مىننەتدار بولۇشنى بىلمەيدىغان» لارغا بىر قاراپ قويدى- دە ، دوكتەك ئېگىلىپ، قەدەملىرىنى ئېغىر ئېلىپ، مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ قەدەملىرى شۇنچە ئېغىر ئىدىكى، ئۇنىڭغا ئازادلىققا ئېرىشكەن ئادەمدە بولىدىغان شادلىقتىن قىلچە ئەسەر يوق ئىدى.
`3L?x8g E[M.q;rM 3.ئەسكەرنىڭ شەرىپى
&?M'(` ~ كېتىۋاتقان دارازىغا قاراپ تۇرغان مايور ستېين ئىچىدە تىللىدى:« ھۇ، توخۇ يۈرەك !» ئۇ دارازا دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئېتىۋەتسە بولاتتى،ئەگەر ئۇ ئۇنداق قىلىدىغان بولسا نېمىس ئەسكەرلىرىنىڭ شەرىپىنى دەپسەندە قىلغاندەك بولاتتى. ئۇ ھەربىي سوتقا ئۆزىنى قانداق ئاقلاشنىمۇ ئويلاپ قويدى:راست،مەن بىر ئەسىرنى قويۇۋەتتىم، لېكىن مەن شۇ كۈنى بىر سوۋېت ئەسكىرىنىڭ روھىنى نابۇت قىلىۋەتتىم! گەرچە ئۇ ھايات بولسمۇ، لېكىن ئۇ ئۆمۈر بويى ئېغىر روھىي ئازاب ئىچىدە ياشايدۇ!
)w0K2&)A تۇيۇقسىزدىن ئويلىمىغان ئىش يۈز بەردى. دارازا توساتتىن توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى_ دە، يۈگۈرگىنىچە گار ئالدىغا كەلدى،ئاندىن توپنى ئېلىپ گارغا ئاتتى.توپ گار سېتكىسىغا دەرھاللا چۈشمىدى،سېتكا چەمبىرىكىنى بويلاپ ئىككى رەت ئايلاندى_ دە، گار تاختىسىغا تېگىپ تۇرۇپ قالغاندەك بولدى، شۇ دەقىقىدە نېمىس ئەسكەرلىرى ۋە ئەسىرلەر ئىختىيارسىز جىددىيلەشكىنىدىن ھەرخىل ئاۋازلارنى چىقىرىۋەتتى. ئەنە شۇ ئاۋازلارنىڭ ساداسى ئىچىدە ئىككى سېكۇنتتەك تۇرۇپ قالغان توپ ئاستاغىنا سېتكا ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .
YQaL)t$0 بىردەملىك سۈكۈناتتىن كېيىن بارلىق ئەسىرلەر بىردىنلا قىيقاس_ چۇقان كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىشتى!
!uN_
دارازىنى ئارىغا ئېلىۋالغان ئەسىرلەنىڭ دەرۋازا تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مايور ستېيننىڭ شۇئان بېشى ئايلانغاندەك بولدى.قىرىقتىن ئارتۇق ئەسىرنى قويۇۋەتكەنگە ھەرقانداق ئۆزىنى ئاقلاش سۆزى دال بولالمايتتى،ئۇ ئەمدى پۈتۈنلەي تۈگىشىدىغان بولدى. %$=}ePD
نېمىس ئەسكەرلىرى تەبىئىي ھالدا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئەسىرلەرنى توسۇۋالدى ۋە مىلتىقلىرىنىڭ زاتۋورلىرىنى شاراقلىتىپ ئاچتى.مايور ستېين بىردەم تۇرۇپ قېلىپ، ئاندىن قولىنى سىلكىپ ۋارقىرىدى : 2fG[q3`
_ بولدى، ئۇلارنى قۇيۇۋىتىڭلار ! J>^KQ
ئەسىرلەر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن يۈگۈرۈشۈپ دېگۈدەك چىقىپ كېتىشتى.دارازا كېتىۋىتىپ ئىختىيارسىز توختاپ ئارقىغا قارىدى.چىرايى تارتىشىپ كەتكەن مايور ستېين دارازىغا قاراپ چاس بەردى.دارازىمۇ راۋۇرۇس تۇرۇپ ئۇنىڭغا چاس بېرىپ جاۋاب قايتۇردى، شۇ چاغدا ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئېقىپ چۈشتى. I
CUI0/J
l%v2O'h
مەنبە : تەرمىلەر ژورنىلى 2009-يىللىق 12-سانى 13-بەت دىلشات سۇلتان تەرجىمىسى.