|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1017 
  •    ئىنكاس 
       33 

يازغۇچىلىرىمىزغا بىر قانچە دېھقاندىن خەت.

قەۋەت ئاتلاش
uzghun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35003

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   37 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1503 (سوم)
 ياخشى باھا:   14 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   24  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 932
 سائەت
دەرىجىسى:
932 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-13
— تېما باشقۇرغۇچى Misranim2 تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-06-14) —

ئەسسالام - ئەلەيكۈم ؛ R}]FIu  
;CrA  
تور بېكەتلىرىنى كۆرىۋاتقان بارلىق يازغۇچىلار، ھەمممىڭلارنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن، تارىم دەرياسى بويلىرىدىكى ئاددىي دېھقاندىن ھەر بىرىڭلارغا چۇڭقۇر سالام. AjS5  
مەقسەتكە كەلسەك، دېھقانلاردىمۇ ئەدەبىياتقا قىززىقىدىغان ھەۋەسكارلار بار، شۇ سەۋەب بىر قانچە ھەۋەسكار ئۇقۇرمەن ( ئۇقۇرمەن ئەمەس ھەۋەسىكار ئۇقۇرمەن) لەر ئولتۇرغان سۇرۇندا بولۇنغان بىر قانچە ئېغىز تەلەپلىرىمىزنى ئەل سۆيگەن ھەر قايسىڭلارغا دېيىشنى ئويلاپ كەلگەن ئىدۇق، لېكىن باشتىن ئاخىر ئېتىز ئېرىقنىڭ بېشىدا، قوتانلاردا مال كالىلار بىلەن يۇرگەن بىزلەرگە ھەر قايسىڭلاردەك چوڭ شەھەرلەردىكى زىيالىلار بىلەن كۆرۇشۇش نىسىب بولمىدى، ئالدىنقى قېتىم مۇھەممەتجان راشىدىن موزاتتىن ماڭىدىكەن دېگەن خەۋەرلەرنى ئىزدىنىش تورىدىن كۆرگەندە تولىمۇ خوشال بولغان بولساقمۇ، شۇ مۆھتىرەم زات بىلەن كۆرۇشۇشمۇ بىزلەردەك «قارا قورساقلار»لارغا زادى نىسىب بولمىدى، مانا ئاخىرى توردىن ئاختۇرۇپ يۇرۇپ يازغۇچىلار مۇنبىرىنى كۆردۇق، بىر قانچە بىزلەر بىلىدىغان ئىسىم تەخەللۇسلار ئۇچىرىدى، تولىمۇ خوشال بولدۇق، ھېچ بولمىغاندا مۇشۇ پۇرسەتتە ھەر قايسىڭلار بىلەن يۇز كۆرۇشمىسەكمۇ پىكىرلىشىشكە نىسىپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تولىمۇ ئىچىمىزدىن خوشاللىق ھسىلىرى ئۇرغۇدى. Q&J,"Vxw  
تۆۋەندە مەن بىر ئاددىي ھەۋەسكار ئوقۇرمەن بولۇش سۇپىتىدە ھەر قايسىڭلارغا بىر قانچە ئېغىز بىزدەك دېھقان ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۇرەك سۆزلىرىنى ئېيىتماقچىمەن : pA2U+Q@  
1. ئالدى بىلەن سۆزنى بىزلەر تولىمۇ ياختۇرىدىغان شېئىرىيەتتىن باشلاشنى مۇۋاپىق تاپتۇق،  بىزدە ئەدەبىيات نەزەرىيەسى، شېئىرىيەت نەزەرىيەسىدىن چەئەل ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەر ۋە ھاكازىلاردىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق، شەخسەن مەن يۇقارقىلارنىڭ ھېچقايسىنى بىلمەيمەن، لېكىن شېئىرىيەتنى ياخشى كۆرىمەن، قانداق پەلسەپە دېمەڭلار- بىزنىڭ ھال مۇڭلىرىمىزنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ تۇرغان شېئىرلاردىن ‹‹ دېھقان بولماق تەس ›› قاتارلىق بىر قاتار شېئىرلارنى ئۈن لېنتىسىدىن قانچىلاپ ئاڭلىغانلىقىمىنى ھەرگىز ساناپ بولالماسلىقىم مۇمكىن، مانا مۇشۇنداق شېئىرلار بىزلەرگە ئاز بولمىغان تەسەللىيلەرنى ئېلىپ كەلدى، ھېچ بولمىغاندا بىزلەر ئويلىدۇق، بىز دېھقانلارنىڭ ئاڭ - زارلىرىنى يەتكۈزۇپ تۇرىدىغان زىيالىلىرىمىز بارلىقىغا ئىشەندۇق، شەخسەن مەن ھېلى ھەم ئىشىنىمەن، لېكىن يېقىندىن چىقىۋاتقان شېئىرلارغا قاراپ تولىمۇ ئۆزۇمنى بىچارە ھېس قىلماي قالمايمەن، سەۋەبى شۇ شېئىرلارنى چۇشەنمەسلىك مېنى تولىمۇ بىچارە ھالغا چۇشۇرۇپ قويىدۇ، بالام ( ئوماقلا ،تولىمۇ ئەقىللىق چوڭ بولدى، ) - دادا، مانا ماۋۇ شېئىرنى بىر چۇشەندۇرۇپ قويساڭ، - دەپ سورىغاندا شۇ شېئىرلاردىن مەنىلەرنى ئىزدەيمەن، ئۇھ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق بىلەن ئېيتىماي بولمىدى - بالام سەن نىمىشقا مېنىڭ بالام بولاپ يارىلىپ قالغان بولغۇيتتۇڭ، بېرەر شائىرنىڭ بالىسى بولغان بولساڭ، ھېچ بولمىغاندا بېرەر مۇئەللىمنىڭ بالىسى بولغان بولساڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بېرەر ئىدى، بوپتۇ بالام، مەندەك قارا قورساق دېھقان بولماي زىيالىي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ياخشى ئوقىغىن دەپ نەسىھەت قىلىمەنۇ، لېكىن ئويلاپ قالىمەن، نىمىشقىدۇر بۇرۇنقى شېئىرلارنى - مىسالەن سۇپتىدە ئۆزۇم ياقتۇرىدىغان بىر قانچە شېئىرلارنى ساناپ ئۆتسەم، نىم شىھىت داموللامنىڭ ‹‹ بىلىم ئىشقىدا›› ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلار توپلىمىدىكى بارلىق شېئىرلار، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ ئىز ›› ناملىق شېئىرى، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ‹‹ ئالمىدەك يۇرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ›› ل. مۇتەللىپنىڭ ‹‹ يىللارغا جاۋاب›› قاتارلىق شېئىرلىرىنى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ئۆزۇم ئوقىغان ( دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ) ‹‹سادىر دەپ ئېتىم قالدى›› ناملىق شېئىرى،ئادىل تۇنىيازنىڭ ‹‹ قەشقەردىكى يەرشارى›› ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ‹‹ ئاتىلار ››ياكى باشقا نۇرغۇن شېئىر بولسۇن ئوقۇپ چۇشەنگەن ئىدىم، شۇنداق بولغاچقىمىكىن بالامغا كىچىكىدە ئوقۇپ بەرگەن بۇ شېئىرلارنى چۇشەندۇرمەكمۇ تەس توختىمايتتى، لېكىن يېقىندىن چىقىۋاتقان ( ياكى تورلاردا كۆرىۋاتقان) شېئىرلار بارغانسىرى مېنىڭ بىلىش دائىرەمدىن چىقىپ كەتتى، ( بەلكىم بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ دۇنيانىڭ قەدىمىگە يېقىنلاۋاتقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى بولسا كېرەك) بارغانسىرى شېئىرلاردىن ھۇزۇرلىنالمايدىغان بولۇپ قالدىم، يازىدىغان بىرسىگە دېدىم :‹‹ ھازىرقى شېئىرلارنى چۇشەنمەيدىغان بولۇپ قالدىم›› دېدى:‹‹ شېئىر ئۇ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ سەنئىتى›› ئويلىدىم، راسىت شۇنداق ئوخشايدۇ، بىزدىكى بۇرۇنقى شائىرلار دېھقان بولغاچقا دېھقانچە يازىدىغان بولسا، ھازىرقى يازغۇچىلىرىمىز ئاقسۆڭەكلەردەك يازغاچقا، يېزىدىكى كەتمەنگە يۆلىنىپ، كەتمەن بىلەن جان باقىدىغان بىزدەك قارا كۆسەيلەرگە شېئىردىن ھۇزۇرلىنىش ئەمدى بىر خىيال بولىدىغان ئوخشايدۇ دېدىم، گەپ شاخلاپ كەتتىمۇ قانداق؟ ( دېھقان ئادەم مۇشۇنداق دەيدىغانلىرى كۆڭلىدە بار لېكىن دىمەككە تەس كېلىدىكەن) بىر چاغلاردا ‹‹ توقسانغا ئۇلاشتى، كۆزى خىرەلەشتى، تۇنىمايدۇ سېنى ... ›› دېگەن مىسرالار تىزمىسىدا تىزىلغان ئانا بىلەن ھازىر مەن ئۇقىۋاتقان بەزى تېمىسى ‹‹ ئانا ›› دەپ يېزىلغان شېئىرلارغا قاراپ، ئويلاپ قالىمەن، ئەدەبىيات دېگەن زادى قانداق نەرسىدۇر، نىمىشقا تەرەققىي قىلغانسىرى چۇشەنمەيدىغان بولۇپ قالىدىغاندىمەن، مەن تەرەققىي قىلمىدىممىكىن دېسەم، بولمىسا ئوخشاش ئۇيغۇرچە يېزىلغان شېئىر، بۇغدا ئابدۇللا ھازىرمۇ ھايات تۇرىدۇ، شۇ شېئىردىن كىيىنكى شېئىرلاردىن كۆپلىرىنى چۇشىنىمەن يەنە. ymzm x$o=  
ئەدەبىيات دېگەن نىمە؟ شېئىر دېگەن نىمە؟ دېگەن سۇئاللارغا قىززىقمايمەن، خۇددى ماڭا بۇغداي دېگەن نىمە؟ ئۇن دېگەن نىمىنىڭ مۇھىم بولمىغىنىدەك، ئۇلار ئانچە مۇھىم بولمايدۇ، ماڭا شۇ بۇغدايدىن ئۇن تارتسام، خۇتۇن لەغمەن ئەتسە يېسەم بولىۋېرىدۇ، لېكىن تاماق مېنىڭ ئاغزىمغا تېتىسما خۇتۇندىن سوراپ قويىمەن، - ھەي بۇگۇن نىمانداق تاماق ئەتتىڭ؟ - سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم، ھەرگىزمۇ سىلەرنى شېئىرنى ياخشى يازمايۋاتىسىلەر دېمەكچى ئەمەس، ( سىلەر ياخشى يازمىدىڭلار ئەمەس) نىمىشقا بىز چۇشەنمەيمىز ؟ زادى ئەدەبىياتىمىز تەرەققىي قىلىپ كەتتىمۇ ؟ بىز ( ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەر) قانداق قىلىپ شۇ قەدىمىڭلار بىلەن تەڭ ماڭىمىز؟ دېگەنلەرنى سورىغىم كەلدى، سەۋەبىنى دېمىسەممۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى بىزدەك شېئىرنىمۇ چۇشەنمەيدىغان ئاددىي ئوقۇرمەندىن كۆپ ياخشى، موزدوز ئاياقنى خەقنى كەيسۇن دېگەندەك، سىلەرمۇ ھەر قاچان بىرسى ئوقۇسۇن دەپ يازىدىغانسىلەر، سىلەردىن ئۆتۇنۇشۇم بولسۇن : بىرسىڭلار چۇشىدىغان، ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۇزلەندۇردىغان شېئىرلار يېزىڭلار، لېكىن بىزدەك دېھقانلارغا ئاز بولسىمۇ بىز چۇشەنگۈدەك، ئوقۇپ ھۇزۇرلانغۇدەك شېئىرلارنىمۇ يېزىپ بەرسەڭلار ( نىمىلا دېگەن بىلەن بىزمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟) = `^jz}  
q2Kn3{  
2. نەشىر قىلىنغان بىر قىسىم ماقالىلەر توغرىسىدا : ,uv$oP-  
مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان ماقالىلەرگە تولىمۇ ئامراق بولۇپ قالدىم، نۇرغۇن ماقالىلەرنى دوسىتلار بىلەن بىرگە ئوقۇدۇق، ھۇزۇرلاندۇق، بىرنەرسىلەرنى چۇشەندۇق ... ھەقىقەتەن ياخشى ئىسىل ماقالىلەر چىقتى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ كىتابىنى بىر دوستۇم تولىمۇ سۆيۇپ ئوقۇيدۇ، ھەر بىر سۆزلىرى شۇنداق جايىدا دەپ ماختايدۇ، ماڭىمۇ ئىسىل بىلىنگەن ماقالىلىرى بار، سىلەر بەلكىم بىلمەيسىلەر بىز دېھقانلار قىززىق كېلىمىز، ‹‹ ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى›› دېگەن كىتابنى ئۇقۇپ تاماق توغرىسىدىكى بايانلار ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلغان چېغى، دېسەم زاڭلىق ئەتمەڭلار، بىر ئايغىچە ئۆيدە خوتۇنغا لەغمەنمۇ ئەتكۈزمىدىم، نىمە قىلاي دېدىم، تۇزدىن باشقا تېتىتقۇسى بولمىغان قۇۋەتسىز تامقنى، بەلكىم دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە شۇ بىزلەرنىڭ باشقىلاردىن ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى قۇۋەتسىز يېگەنلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك، كونىلار:‹‹ساغلام تەندە ساپ ئەقىل›› دېگەندەك ئەقلىيە سۆزلەرنى قالدۇرغانغا قارىغاندا، شۇ بىزدىكى ساغلام بولمىغان تېنىمىز ساغلام بولمىغان ئەقلىمىزنىڭ جىنايەتكارلىقىمىكىن دېدىم، لېكىن ئامالسىز كىيىن يەنە شۇ لەغمەنگە كۆنىۋالدىم، ئامال قانچە بىزدەك يېزىلاردىكى دېھقانلار شۇ لەغمەنگە ئامىراق كېلىدىكەنمىز، كەتمەن بىزنىڭ تېنىمىزنى ساغلام قىلار دەپ ئۆز ئۆزۇمگە تەسەللىي بەردىم. كىيىن يەنە نۇرغۇن ماقالىلەر چىقتى، ئويلاپ قالدىم بىز ھەقىقەتەن ناچار خەق ئوخشايمىز دەپ، بالامنىڭ نىمىشقىكىن بىزدەك ناچار بىر مىللەتتىن بولۇپ قالغانلىقىغا، تۇگىمەس ئولتۇرۇش، سانسىز قائىدە يۇسۇن، ھاراق، تاماكا، خىروئىن، پائىشە، ئىچكىردىكى سېسىقچىلىق ( ھەتتا ئۇقۇغۇچىلارمۇ قالمىغان) ... دېگەندەكلەرنى ئۇقۇغان چېغىمدا ئويلاپ قالدىم، توۋا بىز شۇقەدەر ناچار بىر مىللەت تۇرۇقلۇق، مۇشۇنچىلىك كۇن كۆرۇپتىمىز، ياراتقۇچىسى شۇنداق مەرھەمەتلىك زات ئىكەن دەپ، كىيىن ئوقىغان ‹‹ مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز›› ‹‹ ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا›› قاتارلىق كىتابلىرىمىز چىقتى، ئۇلارنى ئوقۇدۇق، بەزى سۆز _ جۇملىلەرنى بەكمۇ چۇڭقۇر چۇشۇنۇپ كەتمىدۇق، لېكىن ھېچ بولمىغاندا بىر ئاز چۇشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق، ئارقىدىن چىققان ‹‹ ئۆزلۇك ۋە كىملىك›› ناملىق كىتابنى ئوقۇدۇم ( ماۋۇ كىتابتىن ئالغان تەسىراتىم باشقىچە بۇ يۇقارىدىكى كىتابلاردىكىگە ئوخشىماس تەسىراتلار بەردى) دوسىتلىرىمىز بىلەن ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژۆرنىلىغا مۇشتەرى بولدۇق، ئاستا ئاستا بېسىلغان يېڭى يېڭى ماقالىلەرنى ئوقۇدۇق، لېكىن بىز ھېس قىلدۇقكى، يازغۇچىلىرىمىز يەنە شۇ كونا تېمىلاردا نەسىھەت قىلىشقا چۇشكەندەك بىلىندى، ئۇقۇۋەردۇق، ھېلىقى ھاراق - تاماكىنىڭ جېدىلىنى، خىروئىن چەكسە ۋەيران بولىدىغانلىقىمىزنى، قىمارنىڭ يامانلىقىنى ( بۇلارمۇ يامان ئەمەس ئىدى) لېكىن ھەسەلنىمۇ يەۋەرسە ئەمەن تېتىيدۇ دەيدۇ كونىلار، بىزلەرمۇ ھەم شۇنداق ماقالىلەردىن ئاتلاپ ئۆتۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدۇق، بىز چېغىمىزدا شۇنداق مەسللىلەرنى بايقاۋاتىمىز، ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئىشلار بار كۆرۇپ تۇرىمىز، تالىشىپ قالدۇق بىر قانچە ھەۋەسكارلار، مەن دېدىم :‹‹ ھەجەپ يېڭى نەرسىلەر چىقمايدىغان بولۇپ كەتتى ... ›› ئاغىنىلىرىمىزدىن بىرسى دېدى:‹‹ شۇ ئاداش ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگەرمىگەندىكىن يازىدىغان نەرسىلەرمۇ ئۆزگەرمەيدۇدە...›› شۇ گەپنى دەسلەپ ئاڭلىغاندا ۋوي راسىت شۇنداققۇ دېدۇق، بىر ئادىشىمىز دېدى:‹‹ ئاداش، نەرى ئۆزگەرمىدى، بۇرۇنقى ماقالىلەر بىلەن ئاسمان زىمىن پەرىق قىلىدۇ، قارىغىنە ھازىرقى زىيالىلىرىمىزغا بۇرۇنقىدەك گەپنى ئانداق ئاساسسىز قىلمايدۇ، ھەر بىر سۆزىگە ئىۋان پىۋان، ئالىكىس ... قاتارلىق چەتئەللەرنىڭ مەشھۇر ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل سىتاتلارنى ئېلىپ يازىدۇ، بۇرۇنقىدەك ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنىلا يېزىۋەرمەيدۇ ›› دېدى ئويلىسام بۇمۇ راىست، بۇرۇنقى ماقالىلەرنى ئوقۇساق ھەجەپ خەقكەنمىز دەپ ئويلايتتۇق، ھازىرمىغۇ شۇ تېما لېكىن، نۇرغۇن چەتئەلنىڭ بىز تۇنىمايدىغان ئاللاكىملەرنىڭدۇر ئىسىملىرى، ئەقلىيە سۆزلىرى قۇشۇلۇپ چىقتى، مانا شۇلاردىن كىيىن ئويلاپ قالدىم ماقالىلىرىمىزمۇ دۇنيا قەدەملىرىگە ئاتلىنىپتۇ، زىيالىلار ھەقىقەتەن تىرىشچانكەن، بىز مانا بۇرۇن 15مو يەرنى تېرىغان بولساق، ھازىرمۇ شۇ يەرنى تېرىيمىز، ( ئانچە مۇنچە تېرىش ئۇسۇلىمىزدا ئۆزگىرىش بار، كالىنىڭ ئورنىغا تېرەكتۇر، گەندىنىڭ ئورنىغا خىمىيۋى ئۇغۇت دېگەندەكلەرنى ئالماشتۇردۇق) لېكىن شۇ سىلەرنىڭ دۇنياۋى سەۋيىدىكى ماقاللىرىڭلار كىشىنىڭ ئىسىملىرى، مەشھۇرلارنىڭ سۆزى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بولسا، بىزنىڭ دېھقانچلىقىمىزمۇ چەتئەلدىن قېلىشمىغۇدەك دەپمۇ ئويلاپ قالدىم، نېمىلا دېگەن بىزمۇ ئەجنەبىيلەرنىڭ نەرسىلىرىدىن پايدىلىنىدىغان بولاپ كەتتۇق ئەمەسمۇ ؟  ئۆتۇنۇش - زۇكام بولغان كىشى دوختۇرغا بارسا- دوختۇر سىز قىززىيدىكەنسىز، بېشىڭىز ئاغرىيدىكەن، بەدىنىڭىز ماغدۇرسىزكەن دەپ كېسىلىگە دورا بەرمەي بىرتالاي دىئاگىنۇز قويسا مەندەك دېھقان پالچىمۇ يا دوختۇرمۇ دەيمىز، كىمكى زۇكىمىمىزغا پايدا قىلىدىغان دورا بەرسە شۇنى دوختۇر دەيمىز، سىلەرنىڭ ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىللەتلىرىنى دەۋەرمەي، شۇ ئىللەتلەرگە دورا بېرىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىپ ئولتۇردۇق w.8~A,5}Dh  
( مۇنداق دېسەم، ماۋۇ  قارا قورساق كەتمىنىنى چاپماي بۇيرۇق قىلدى دېمەڭلار، ئاشخانىدىكى خېرىدارمۇ ئانچە مۇنچە تەلەپلىرىنى دەيدىغۇ؟ شۇ بىزدەك ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ دەيدىغانلىرى مۇشۇ ... ›› )>fi={!=c  
3. بىز ئوقىغان رومانلار ھەققىدە #RF=a7&F  
رومانلارنى ئوقۇشنى تولىمۇ ياقتۇرىمىز، كىچىك چاغلىرىمىزدا ئوقىغان رومانلار ھېلىمۇ يادىمىزدا تۇرۇپتۇ ‹‹ ئېغىر تىنىقلار ›› ‹‹ مېھراپتىن چايان ›› ... كىيىنلرەك ئوقىغان ‹‹ ئىزدىنىش ›› ئارقىدىن بىر بىرلەپ چىققان رومانلار ‹‹ ئىز ›› ‹‹ ئويغانغان زىمىن›› قاتارلىق رومانلارنى ئوقىدۇق، تۆمۇر خەلىپە ۋە خوجىنىياز ھاجىلار بىزلەرگە شۇنداق ئەركەك مىجەز بىلىندى، تارىخىمىزدىكى قايتىلانغان پاجىئەگە يۇرىكىمىز بىزلەرنىڭ ھەم لەختە - لەختە بولدى، لى شىفۇدەك دىنىمىزنىڭ مۇناپىقلىرىغا ئىچ - ئىچىمىزدىن ئۆچ بولدۇق، قانلىق تارىخ كۆز ئالدىمىزدا زىكرى بولدى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ يەنە تۆمۇر خەلىپىنىڭ يولىدىن ماڭغانلىقىغا قاراپ بىزدىكى ساددىلىق - ئاسانلا باشقىلارغا ئىشىنىدىغان دېھقان مىجەز ئادەم ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ يەنە شۇ يولدىن ماڭغانلىقىنى چۇشەندۇق، بىز ئوقۇدۇق ‹‹ مەھمۇد قەشقىرى ›› رومانىنى، بالىلارغا ھېكايە قىلىپ قىسقارتىپ سۆزلەپ بەردىم، بالىمىز بىزگە:‹‹ دادا چوڭ بولسام، نۇرغۇن تىل ئۆگىنەي، شۇ چاغدىمۇ سەندىن كەتمەن چېپىشنى ئۇنۇتماي ›› دېگەن چېغىدا بىزگە شۇ روماننىڭ نەقەدەر مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق، ئوقۇدۇق ئارقىدىن چىققان :‹‹ يىگانە ئارال›› رومانىنى، توۋا! دېسەم ئىشەنمەيسلەر بەلكىم شۇ روماندا مەن بىر قانچە يانداش پېرسوناژدىن باشقا ئۆچ بولغۇدەك بېرەرسىنى تاپالمىدىم،  بۇ رومان ماڭا تېتىغان رومانلاردىن بولدى، سەۋەبى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئادەم تەسۋىرلەنگە مۇھىت ئۇيغۇرنىڭ مۇنداقچە ئېيىتقاندا دېھقاننىڭ ئىدى، خېنىيا سايىت قانچىلىك سۆيۇملۇك پېرسوناژ ... ‹‹ قۇم باسقان شەھەر ›› رومانى ماڭا چۆچەك ئېيتىدىغان مومامنىڭ چۆچەكلىرىدەك تاتلىق، ئەمما مەزمۇنلىرىدىكى موللۇق، ئۇنىڭدىكى ھەربىر يۇشۇرۇنغان مەنىلەر ... مېنى شۇقەدەر سۆيۇندۇردى ( مەنچە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ ئەڭ ئىسىل نەمۇنىسى) ئۇ بىر تارىخ ئىدى، بالام سورىغاندا دېدىم :‹‹ سەل چوڭ بولغاندا مەنمۇ ساڭا مۇشۇ چۆچەكنى قايتىدىن ئېيتىپ بېرىمەن، سەنمۇ بالاڭغا، بالاڭ بالاڭغا قايتتا ئېيتىپ بەرسۇن ›› شۇنداق مەنزىللەردىن كىيىن ‹‹ ئانا يۇرۇت ›› رومانى چىقتى، مەن روماننى تارىخىي رومان سۇپىتىدە ئايالىم بىر مۇھەببەت رومانى سۇپىتىدە ئوقىدۇق، دەپ قوياتتى خوتۇنۇم ئۇقىغاچ:‹‹ دادىسى ماۋۇ نۇرى قاچان سەبىخە بىلەن توي قىلار؟›› كىيىنچە دېدى:‹‹ سىلەر ئەرلەر شۇ شۇ بىر نەرسىگە شۇقەدەر قارايدىكەنسىلەر؟››  ‹‹ ... سىلەرچە دۇنيادىكى مۇھەببەت شۇنىڭ بىلەن ئۆلچىنەرمىدى؟›› ‹‹ ... ئىككى خۇتۇن ئېلىشقا رۇخسەت قىلغاندىكىن، غېنى باتۇرنىڭمۇ ئاياللىرى جىقكەنغۇ؟ ...شۇنىدا بولغاندىكىن پەرىخەنىمۇ، سەبىخەنىمۇ ئالماي ؟›› مانا مۇشۇنداق سۇئاللار چىقتى، ماڭا مۇختەرباي شۇقەدەر يارىدى، بالامغا نۇرى ماياك بولغاندەك،( ئوماقلىقى شۇمنىڭ، ئەتىگەندە چىقىپ سوغۇق سۇدا بېشىغا سۇ قۇيغاندا ئانىسىدىن تىل ئىشىتكىنى ئويلىسام كۇلىمەن ...›› مانا مۇشۇنداق رومانلارنى بىردىن بىردىن ئوقۇپ چىقتۇق، كەچلىكلىرى بىر قانچە مەھەللىنىڭ گېپى بويىچە ‹‹ ... ئۆزىچە زىيالى بولىۋالغانلار ›› تاماكىدىن بىر چېكىمدىن چېكىشىپ رومانلار توغرىسىدا پاراڭلىشاتتۇق، كىيىنچە قولىمىزغا ناھايىتى تەستە تېپىلغان ‹‹ لېيىغان بۇلاق›› چىقتى، بالام دادامغا ئوقۇپ بەردى، بەتمۇ بەت ئاڭلايتتى دادام، مەنمۇ ئۇقۇپ بولغان بولساممۇ ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، قايەرلەرگە كەلگەندە دادام توۋا ماۋۇ يازغۇچى بىزنىڭ مەھەللىگە قاچان كەلگەن بولغۇيتتى، ھازىرغىچە دادام بۇ روماننى جالالىدىن بەھرەم بىزنىڭ مەھەللىگە قايتا تەربىيىگە چۇشكەن سېلىم ئىسىملىك كىشىدىن ئاڭلىۋالغان ياكى شۇ كىشىنىڭ بەزى سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىپ يازغان ... نىمىلەرنى سۆزلەپ كەتتىم- لېكىن ( يەنە باشلىدىم ) شۇنداق رومانلارمۇ چىقتى، ئوقۇدۇق- ( بىز يېڭى رومان چىققاندىلا بىرقانچىمىز بۆلىشىپ ئالىمىز) بەزىلىرىنىڭ ئىسمى سەسكىنىش بولسا بىز ئوقىغاچ بىزمۇ سەسكىندۇق، سەسكىندۇقكىن شۇ قەدەر ئۇزۇن سۇزۇلغان جۇملىلەردىن، كىملەردىن ئېلىنغان سىستاتلاردىن، ئۇزۇندىن ئۇزۇن باشلانغان قائىدە داۋلى سۆزلەشلەردىن، بىز قائىدە داۋلى ئاڭلاشتىن بىزار ئەمەس، داۋاملاشمايۋاتقان ياكى قەستەن قۇشۇلغان سۇنىيلىكلەر، ئاللاقانداقتۇر قىزلارنىڭ ئىشقى پىراقىدا سەرسان سەرگەردان بولۇپ قالغان ھەتتا دوختۇرخانىلارغىچە كىرىپ قېلىۋاتقان يالغان توقۇلمىلاردىن زېرىكتۇق، بۇرۇندىن بىزگە يارىتىپ بېرىلگەن ‹‹ چىرايلىق كىيىنگەن، ياسانغان قىز - ئىستىلى بۇزۇق ›› ‹‹ چېچى يوق تاز -ئۆزى سەتنىڭ قىلىقى سەت ›› لەردىن زېرىكتۇق، ھېلىقى رومانلاردىكى تەسۋېرلەنگەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا كارۋات ئۇستىدىكى پاراڭلاردىن ( ئانا يۇرۇتنى ئوقىغاندا ماڭا ھېچقانداق تۇيۇلمىغان، بالام ئوقىۋالمىسۇن دەپ، قەستەن شۇ بەتنى يىرتىپ ئېلىپ، تىقىپ قويغان ئىدىم) زىرىكتۇق، جىق ئەمەس بولسىمۇ بۇنداق رومانلار، ئازغىنە بېرەر يۇزگىمۇ يەتمەيدىغان رومانچىلىقىمىزدا بىزگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن سەسكەنگۈدەك، يېزىڭلار يازغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ رومانلارنى يېزىڭلار، مانا يېقىندىن چىققان ‹‹ باھادىرنامە››دەك رومانلارنى ( بولۇپمۇ 2. قىسمى دەھشەت يارىدى جۇما، 4. قىسمىدىن كەينىنى ئوقۇپ بولالمىدىم ) يېزىڭلار، تۇرمۇش رومانىنى يازساڭلار ‹‹ ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇخراسى›› دەك پاكىز يېزىڭلار، تارىخنى يازساڭلار چىن يېزىڭلار، بىزگە خاتالىقى بولسىمۇ سۆيۇملۇك تۇيۇلىدىغان پېرسوناژلارنى يېزىڭلار، لېكىن قەستەن سۇنئىي ۋەقەلىكلەر، قۇرۇق داۋلى سۆزلەيدىغان ئەسەرلەرنى بولدى قىلىڭلار. +[ItkfSod!  
4.يازغۇچىلار ئەخلاقى توغرىسىدا }$-VI\96  
مەن يازغۇچىلارنى كۆرۇپ باقمىغان، ھازىرغىچە بارلىق يازغۇچىلارنى مەتبۇئاتتا ياكى تور يۇزىدە بىلىپ كەلدىم، تور يۇزىدە بىلگەنلىرىمدىن ‹‹ زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ›› رومانى ئەنۋەر ھاجى قاتارلىقلار بىر قانچەيلەن بولدى، يېقىندا يازغۇچىلار مۇنبىرىنى تىمسىقلاپ يۇرۇپ تونىۋالدىم بىر قانچەيلەننى، تور دۇنياسىدا يۇرۇپ بەزى غەيۋەت - شىكايەتلەر، ئاغىرىنىش، تىللىشىش، دوست تارتىشىش قاتارلىق ئىشلارغا گۇۋاھ بولۇپ قالدىم، يالقۇن - پەرھات ۋە ھاكازىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار قاتارلىقلار بىز ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بىر مەزگىل سۆزلەرنىڭ تېمىسى بولۇپ قالدى، ئويلاپ قالدىم، يازغۇچىلار ھەقىقەتەن بىچارىكەن، بىز دېھقانلارغۇ بېرەر ئىش بىلەن ئازارلىشىپ قالساق، ئېتىزلىقنىڭ بېشىغا چىقىپ بىر ئوغاۋالچىلىق قىلىۋەتسەك ئېشىپ كەتسە سوتلىشىپ قالغاندىن كىيىن ئىماملىرىمىز كېلىپ ياراشتۇرۇپ قويسا، بېرەر ھېيىت - ئايەمنىڭ باھانىسىدە ئاداشلارنىڭ ياراشتۇرۇپ قويىشى بىلەن بىر بىرىمىزنى كەچۇرۋېتىمىز، ئاداۋەتلەردىن كىيىن بىزگە بۇلۇتلار تارقاپ ھاۋا ئېچىلغاندىن كىيىنكى يېڭى ھاۋادەك بىر بىرىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇشۇپ كېتىمىز، ھەتتا شۇنداق ئاداۋەتلىك بولۇشۇپ كەتسەكمۇ باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن نۇمۇس قىلىپ تىلغا ئېلىشمايمىز، باشقىلارغىغۇ ھەرگىزمۇ دېمەيمىز :‹‹ خەق نىمە دەيدۇ؟›› دېگەنلەرنى ئويلاپ قالىمىز، لېكىن يازغۇچىلار ئوخشىمايدۇدە ! ئۇلار بىزدەك قارا قورساقلاردەك ئېتىز بويىدا گال سىقىشالمايدۇ، بىر بىرسى بىلەن چىقىشىپ سوتلاشقاندىن كىيىن يۇز كېرەك،:‹‹ ۋاي پۇستانى ئاۋۋال پۇستانىڭكىگە بېرىپتۇ ›› دېسە يۇزلىرىنى نەگە قويىدۇ؟ ئىمالار ياراشتۇرۇپ قويالمايدۇ، كىم بىلىدۇ شۇ ئىماملارنىڭ شۇ ياراشتۇرۇلغۇچىنىڭ كۆڭلىدە قانچىلىك ئىكەنلىلىكىنى بىزغۇ قارا قورساق، ئىماملىرىمىز بىلىدۇ توغرىسىنى دەيمىز، لېكىن يازغۇچىلارغا شۇ ئىشلارنىڭ توغرىسىنى بىلىش تەس بولمىغاندىكىن، ياراشتۇرىدىغان ئىمام توغرا خاتاسىدن شۇنچىلىك چىكىتىپ قالسا بىلىپ قالىدۇ، ئۇلارغا ياراشتۇردىغان ئىمام تېپىشمۇ تەس. مانا مۇشۇنداق ئىشلار دىن كىيىن ئويلاپ قالدىم دېھقان بولماقمۇ ياشىماقنىڭ ئاسان يوللىرىكەن. مېنىڭچە : $ZS9CkN  
ئەخلاق ئىنسانغا تالانىت بىلىمدىنمۇ مۇھىم - ‹‹ ئادەم بولماق ئالىم بولماقتىن تەس ›› ئەمەسمۇ، توغرا خاتاسىنى، ھەق ناھەقنى ئايرىماق تەس  ۋىجدان بىلەن سۆزلىمەك تېخىمۇ قىيىن، ئەخلاقسىزلىق، ئېتراپ قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىق، يالغانلارنى تۇقۇش ۋەياكى باشقا ھاكازىلار يار بولغان ئىنسان مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، قانچىلىك بىلىملىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ھامان بىر ئەخلەت خالاس. ( بۇلار مېنىڭ ئويلىغانلىرىم، بىلمەيمەن يازغۇچىلار تورىدىكى يازغۇچىلار قانداق قارايدىكىن؟ ) FT~^$)8=  
K\b O[J  
{ Fi@|'  
يۇقارىقىلار بىز ھەۋەسكار ئوقۇرمەنلەر پاراڭلاشقاندا دېيىشكەن گەپلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرىلىشى بولۇپ، بۇ بىزدەك قارا قورساق دېھقانلارنىڭ سۆزلىرى ھەر قايسىڭلار - زىيالى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر، بىلمىگەننى بىلدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ تەلىمىڭلارنى ئاڭلاش، يېڭى كىتابلىرىڭلارنى ئوقۇشقا ئاللا نىسىپ قىلسۇن. aJ8pJ{,P  
 ]D%k) 
تەكلىماكان بويلىرىدىن ئاددى دېھقان: پالتاخۇن كېرەم.
تېما تەستىقلىغۇچى : Nazar.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-13, 04:16
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +533
xarkyultuzi مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 23:11 چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر...
زامانى مۇنبەر پۇلى +333 ئۈلۈشكۈن 21:33 چىن يۈرەكتىن چىققان چىن ئەدەبىيات
تەكلىماكان مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 00:40 ئىسىل
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ARKZAT
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30135

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   293 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17101 (سوم)
 ياخشى باھا:   183 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   227  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2564
 سائەت
دەرىجىسى:
2564 سائەت 186 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

   مەن تەپسىلىي ئوقۇپ، ئاندىن ئەتراپلىق ئىنكاسىم ئارقىلىق جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن! قارىغاندا، خېلى تورى بار پىكىرلەردەك قىلىدۇ!
ئەرك زاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ  يا  گاداي،
ئەركزات مەن ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن!!!
                                  -ئەركزات
noshirwan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32830

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   119 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3786 (سوم)
 ياخشى باھا:   140 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   143  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2363
 سائەت
دەرىجىسى:
2363 سائەت 157 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-06
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

تەپسىلىي ئوقۇپ چىقاي. l>D-Aan  
ماۋزۇسىدا بىر قانچە دېھقان دېيىلىپتىكەن، ئاخىرىغا قارىسام بىرەيلەننىڭ ئىسمى تۇرىدۇ.
تارىم شېئىرىيەت تورى قۇرۇلدى.
www.sheiriyet.com
چ چ: 1547408515
باھار يامغۇرى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5514

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   996 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9625 (سوم)
 ياخشى باھا:   287 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   353  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3303
 سائەت
دەرىجىسى:
3303 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەنمۇ «چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزلەر»بوپتۇ!!!
كەلدى باھار يامغۇرى ،
قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

چ چ : 975642745
muxtak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4979

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   203 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2136 (سوم)
 ياخشى باھا:   217 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   302  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2409
 سائەت
دەرىجىسى:
2409 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

    ئەدەبىيات بىر ئەينەك . ئىجدىمائى رىئاللىقنىڭ يىزىق شەكلىدە ئوبرازلىق تۈستە قايتا بايان قىلىنىشى بىزگە يىڭى پىكىر ، يىڭى ئىديىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ . تىمىدا دىيىلگىنىدەك ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ  ئاللىقانداقتۇر رەزىل بۇلۇڭلىرىنى تەسۋىرلەشتىن قۇتۇلالمىسا ، كىشىگە ئۈمىدسىزلىك ، ئىجدىمائى رىئاللىقتىن زارلىنىش ، يىراقلىشىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۋىتىدۇ . /"=29sWB  
      شىئىرلاردىكى ھازىرقى يۈزلىنىش ئەنئەنىۋى ، ئۇددۇل تەسۋىرلەشتىن شەيئىلەرنىڭ ھەركىتى ، ماھىيىتى ئارقىلىق ئۆز كۆز قارشىنى ئىپادىلەشتەك گۇڭگا شىئىرلار ئىقىمىغا كۆچتى . گەرچە كۆپلىگەن ياشلىرىمىز گۇڭگا شىئىرلاردىن باشقىچە ئىستىتىك زوق ئىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، لىكىن ياشتا چوڭ كۆپلىگەن كىشىلىرمىز بۇ خىلدىكى پىكىرلەرنى ھەزىم قىلىپ بولالمىدى .  بۇ خىل يۈزلىنىشلەر ھەربىر كىشىنىڭ ئەستايىدىل ئويلىشىپ كۆرۈشىگە تىگىشىلىك مەسىلىلەر ....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +30
moghal مۇنبەر پۇلى +30 06-13 تېتىملىق ئىنكاس
كەڭ دالىدا تۇغۇمدىن ئەمدىلا چىقتىم . ۋاھ ! ئاسمان  نىمىدىگەن ئىگىز ...
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   557 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2204 (سوم)
 ياخشى باھا:   -4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1366
 سائەت
دەرىجىسى:
1366 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

دېھقانلارنىڭ ئىچىدىنمۇ 10 ئالى مەكەپنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئېشىپ كېتىدىغانلار خېلى بار
burankux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35033

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 80
 سائەت
دەرىجىسى:
80 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

بىز ئەددبىياتىمىزنى نۇپۇس قۇرۇلمىسدا ئەڭ كۇپ سانلىقنى ئگەلىگەن ئەشۇ سۇيۇملۇك دىھقانلىرىمىز ئۇچۇن خىزمەت قىلدۇرايلى !!!!!
moghal

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   744 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   760 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4687
 سائەت
دەرىجىسى:
4687 سائەت 263 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-27
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

   90- يىللاردا « گۇڭگا شېئىر » ھادىسىسى كۆرۈلگەندە شۇ خىل شېئىر يازىدىغانلار  « بىزنىڭ شېئىرىمىزنى ھازىرقىلار چۈشەنمىسە، 100 يىلدىن كېيىنكىلەر چۈشۈنىدۇ، بىز كېيىنكىلەر ئۈچۈن شېئىر يازىمىز » دىيىشكەن ئىدى، 100 يىلدىن كېيىنكىلەر ئۈچۈن شېئىر يازسىڭىز ئۇلار نىمە ئىش قىلار ؟ دەپ سۇئال قويغۇچىلارمۇ بولغان ئىدى. ھازىرقى شېئىرلارنى چۈشەنمەك بەزىدە ھەقىقەتەن قىيىن. z~{&}Em ~  
   داڭلىقلارنىڭ بەزىلىرى يېزىۋاتقان ماقالىلارغا قارايدىغان بولساق، ماقالە تىلىنىڭ « رەڭدار » لىقى سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى چۈشەنمەك ھەقىقەتەنمۇ تەس، مەلۇم سەۋىيەگە ئىگە زىيالىلارمۇ شۇنچە تەستە چۈشۈنىدۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر قانداقمۇ چۈشەنسۇن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ « بىلىملىك » لىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن بەلكىم ئاشۇنداق ئاجايىپ- غارايىپ سۆز ۋە جۇملىلەرنى ئىشلىتىپ ماقالە يازىدىغاندۇ، لېكىن ئۇلار ئاشۇ دەب- دەبىلىك ماقالىلىرىنى كىم ئۈچۈن، نىمە ئۈچۈن يېزىۋاتقانلىقىنى بىلسە ئىدى. Bd~1P/  
     ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرىدا بىر يازغۇچىنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسىگە قاتناشتىم، ئەسەرلىرىنى سۆيۇپ ئوقۇغان، نەزىرىمىزدىكى سىماسى شۇنچە بۈيۈك بولغان ئاشۇ كۆپلىگەن يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنى شۇ مەرىكىدە ئۈچراتتىم، بەزىلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتاردىم، مەرىكە يېرىملاشقاندا بەزىلەر بالدۇرلا قايتىشتى، لېكىن بەزىلەر قايتقان ھامان، شۇ ئۈستەلدە قېلىپ قالغان بەزى « ئاتاقلىق» لارنىڭ بەزىلىرىنى قاساپ سۆزلىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلدى، ئۇلار مېنىڭ قەلىب  تۆرىمدە شۇنچە بۈيۈك ئىدى، ئەمما ماۋۇ ھاراق سورۇنىدىكى قىلىقى ئىچىمنى ئاچچىق قىلدى. ] )}]/Qw  
   ئەڭ سۆيۇملۇك كىشىلەر كىم ؟ ئاشۇ  كالا، بالا، يەر توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلەيدىغان ئاق كۆڭۈل، ئەپۇچان، مىھرىبان  دىھقانلىرىمىزكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. @~ETj26U'  
  بۇ يازمىنىڭ سەۋىيەسى يۇقۇرىكەن، چۈشۈنىشلىك، قايىل قىلارلىقكەن، « شىنجاڭ مەدەنيىتى » دىكى بەزى ماقالىلارنى ئىككى ئۈچ رەت ئوقۇمىسىڭىز يازغۇچىنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگىلىمۇ بولمىغان.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
nurjula مۇنبەر پۇلى +50 06-13 راس دەيسىز! مەنمۇ شۇ پىكىردە!
ھەقىقەت ئىشىكىنى داۋراڭ سېلىپ پو ئاتىدىغانلار ئەمەس، ئۈن -تۇنسىز  ئىشلەشنى ئادەت قىلغان تاماسىز كىشىلەر ئاسان تاپالايدۇ.
begana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7197

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   107 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5400 (سوم)
 ياخشى باھا:   185 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 808
 سائەت
دەرىجىسى:
808 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

بولسا بۇ تىمىنى نادىرلىۋىتىڭلار ، ~m^ #FJu  
مەنمۇ بەزىدە ئەدەبىياتىمىز توغرىسىدا ئويلىنىپ قالىمەن .بەزىبىر كىتاپلارنى ئوقۇپ جەمىئىيتىمىز شۇنچە بۇزۇلۇپ كەتكەنمىدى .بىرەر ياخشى ئادەم قالمىغاندىمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ،توردىكى ۋىجدانسىزلىق ،كىتاپتىكى شاللاقلىق ،قىزلاردىكى ھاياسىزلىق ،يىگىتلەردىكى ئىمانسزلىق تەسۋىرلەنگەن كىتاپلارغا قاراپ بۇ ھازىرقى جەمىيەت ئەمەسمۇ قانداق دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. ~{,X3-S_H  
بەزى ماقالىلەرنىڭ نەقىلىنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ يازغۇچىللىرىمىزنىڭ نىمە دىمەكچىلىكىدىن ئادىشىمەن .شۇ ماقاللەر توپلىمىدىن ئارىيەسىز گەپلىرىنى ئىزدەيمەن .قويغان پىكىرىلىرىنىڭ چۇڭقۇرلىقىدىن ياكى ئارىيەسىنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ چۈشىنەلمەي قالدىغان چاغلىرىم نۇرغۇن .بۇلارنىڭ ئىدىيىسىدىن بىز ئالدىغا چىقىپ كەتتىقمۇ ياكى يازغۇچى شائىرلىرىمىز ئاۋامنى تاشلاپ ئالدىغا مىڭىپ كەتتتمۇ؟ ma'FRt  

adiba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2866

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   414 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7412 (سوم)
 ياخشى باھا:   222 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   283  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6559
 سائەت
دەرىجىسى:
6559 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

نادىرلاشقا مەندىنمۇ بىر بېلەت كەتتى ئەمىسە.....
@@sayyahatqi@@
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25005

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   63 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3233 (سوم)
 ياخشى باھا:   200 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   301  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 610
 سائەت
دەرىجىسى:
610 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-04
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

ما يازمىنى يازغان پالتاخۇننى دېھقان دەمدا؟ ئەجەپ تېتىملىق پىكىر قىپتا بۇ قېرىندىشىم.نادىرلايدىغان تېمىكەن.توغرا بىر زامانلاردا [UH||qW  
قېنى =zz ~kon9  
    مېنىڭ Oeok ;:  
           ئەكىس MjU6/pO}L  
                   سادايىم؟ aeD;5VV  
دەپ يېزىپ ،ئىگىسى شېئىر دەۋاغان.باشقىلار- بۇ قانداق شېئىر؟، دىسە ،- دىيىشىپ،كېتىشكەنتى.گۇڭگا
owqi555
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   119 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   491 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 479
 سائەت
دەرىجىسى:
479 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

خىلى يامان ئەمەس پىكىر بوپتۇ -غۇ؟ TFlet"ge=  
مىنىڭچە بۇ پالتاخۇن ئاددى ئادەم ئەمەسكەن.
دىلمۇرات
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى