مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1277 
  •    ئىنكاس 
       28 

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ cpuنى چۇشىنەمسىز

قەۋەت ئاتلاش
jackson
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3643

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5401 (سوم)
 ياخشى باھا:   197 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 881
 سائەت
دەرىجىسى:
881 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-24

ئاساسىي ئوقۇم   8YroEX[5l  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ cpuدەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كومپيۇتېردىكى ئەڭ يادرولۇق زاپچاس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كومپيۇتېر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ناچار بولۇشى،cpuنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،شۇنداقلا ئاساسىي تاختا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .   y8oqCe)  
1.1 ئالدىنقى باش لېنيە   v6uXik  
ئالدىنقى باش لېنيە ئېنگىلىزچىدە front side bus دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قىسقارتىلىپ FSBدەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى باش لېنيە (前端总线)cpu نىڭ سىرتقى بۆلەكلەر بىلەن ئۇچۇر باغلايدىغان بىردىنبىر ئېغىزى بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق سىرتتىن سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق ھېساپلاش نەتىنجىسىنى مۇناسىپ ئۈسكۈنە زاپچاسلارغا يوللاپ بېرەلەيدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچى سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ،cpuنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ .   p7H0|>  
ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سۈرئىتى ئاساسلىقى ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ ئىككى خىل ئوقۇمى بار بولۇپ:بىرى باش لېنيەنىڭ فىزىكىلىق خىزمەت چاستوتىسى (يەنى سىرتقى چاستوتىسى)؛ ئىككىنچىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت چاستوتىسى (fsbچاستوتىسى)، بۇلار ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سانلىق ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى بىۋاستە بەلگىلەپ بېرىدىغان ئامىللاردۇر . {'O,G$Ldkr  
Intelۋە amdشىركىتى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش ئۆزەكلىرىگە ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا قوللانغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ FSBچاستوتىسى ۋە سىرتقى چاستوتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت .   p./9^S  
INTELبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى: FSBچاستوتا =سىرتقى چاستوتا×4   pZeJ$3@vk  
AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى : FSBچاستوتا =سىرتقى چاستوتا×2   cp| q  
مەسىلەن : P42.8Cنىڭ چاستوتىسى 800MHZ،فورمۇلا ئارقىلىق بۇ تىپلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سىرتقى چاستوتىسىنىڭ 200MHZ ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ. BARTONيادرو قىلىنغان ATHLAN XP2500+نىڭ سىرتقى چاستوتىسى 166MHZ، فورمۇلا ئارقىلىق بىز مەزكۇر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ FSBچاستوتىسى 333 ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز . نۆۋەتتە PENTIUM4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ  ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ چاستوتىسى800MHZ، AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ يۇقىرى FSBچاستوتىسى 400MHZ، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى INTEL بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى يەنىلا يۇقىرى.   mKTE%lsH  
1.2  ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش (二级缓存) |aD8  
ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش L2CACHEدىگىنىمىز شۇ بولۇپ ،ئادەتتە قىسقارتىلىپL2دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئارقا سەپ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى  ۋە بۇيرۇق كوماندىلارنى ساقلاشتىن ئىبارەت .L2 سىغىم مىقدارىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.L2 توپلانما بۆلەكنىڭ كىرىستال لامپا سانىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، CPUتوپلانما بۆلىكىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئورۇندۇر. شۇڭلاشقا  يۇقىرى سىغىمدىكى L2نىڭ ياسىلىش تەننەرقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاچقاINTEL ۋە AMDشىركەتلىرى L2سىغىمىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ . نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان CPUلارنىڭ L2سىغىمى تۆۋەن بولغاندا 64K ، يۇقىرى بولغاندا 2048 دىن ئېشىپ كېتىدۇ  .ئەلۋەتتە باھا پەرقىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى بولىدۇ . ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ L2سىغىمىنى كۆرۈش توغرا كەلسە CPU Zيۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك بولۇپ، ھەقسىز توردىن تېپىشمۇ ئاسان .   0Y| "Bo9k  
1.3  ياساش تېخنىكىسى (制造工艺) l~mC$>f  
ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان 0.18مىكرومېتىر، 0.13مىكرومېتىرلىق ياساش جەريانى دەل ياسىلىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ . ياساش تېخنىكىسى cpuنىڭ ئېلىكتىرلىك خۇسۇسىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، 0.18مىكرومېتىر ، 0.13 مىكرومېتىرلىق ئۆلچەم cpuنىڭ يادرولۇق مەركىزىي سىم يولىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ .سىم يولى قانچە تار بولسا cpuنىڭ سەرپىياتى ۋە قىزىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن خىزمەت چاستوتىسىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭلاشقا 0.18مىكرومېترىلىق cpu يەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتا 0.13 مىكرومېتىرلىق cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسىدىن تۆۋەن ، قىزىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . ھازىر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن 0.13 مىكرومېتىرلىق ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بەزى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ 0.09 مىكرومېتىرغا يەتتى .تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇنغا قالماي 0.09 مىكرومېترىلىق ياساش تېخنىكىسى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇقەرەر .    
1.4  ئېقىم (流水线) BIQQJLu  
ئېقىم ئوقۇمىمۇ بىر مۇھىم ئوقۇم بولۇپ، cpu ئېقىمى دېگىنىمىز – مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يادرولۇقىدىكى ھېسابلىغۇچنىڭ لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خۇددى بىز زاۋۇتلاردا كۆرگەن ئېقىم سىزىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مۇرەككەپ بولغان ھېساپلاشلارنى نۇرغۇن ئاددىي بولغان ئاساسىي ھېساپلاشلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا مەخسۇس لايىھەلەنگەن تارماققا يوللاپ ھېساپلاش مەشغۇلاتىنى تاماملايدۇ. CPUئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا، ھېساپلاش نىسبەتەن شۇنچە قولاي بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت چاستۇتىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە CPU نىڭ ئۈنۈمدارلىقىمۇ شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دىيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.   3Gk\3iU!  
CPUنىڭ ئېقىم سىزىق ئۇزۇنلىقى  cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، intelشىركىتى cpuنىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن ئېقىم لېنيەسى لايىھەلەپ چىقتى.willametteۋە northwood يادرولىقىدىقى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20 پروجېكت بولۇپ نۆۋەتتە بۇ مىقدار يەنە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە .   k-CW?=  
uT#4"G9A[  
1.5 ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى(超线程技术)  @IE.@1  
ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكىسى ئېنگىلىزچىدا قىسقارتىلىپ HTدەپ ئاتىلدىغان بولۇپ، ئېنتىل شىركىتى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كىتىش سەۋەبلىك مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنڭ تۆۋەنلەپ كىتىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لاھىيلەپ چىققان.ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى بىر خىل ماسلاشما كۆپ لېنيىلىك ئىجرا قىلدۇرۇش تېخنىكسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىككى دانە لوگىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى توپلاشتۇرۇلغان. دېمەك ،بۇ قوش بىر تەرەپ قىلىش گەۋدىسىگە تەڭ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا مۇستەقىل ماسلاشما ھالەتتە ھېسابلاش ئېلىپ بارالايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەۋھۇم ھالەتتە ئىككىگە پارچىلىنىپ ،ئىككى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلغانغا باراۋەر .بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھېسابلاش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ . ;Q.'u  
2. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى   td!YwN*  
ئۆزەكلەرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ھەمدە قوللىنىش جەريانىدىكى ئىقتىدارى تەلىپىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىۋېلىشمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. cpuنىڭ سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېزىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئىقتىدارى بار .   KA/ ~q"N  
2.1  فىزىكىلىق تۈزۈلىشى   5K# 
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مىليونلىغان پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان كىرىستال لامپىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، خېمىيىلىك ۋە فوتو تاختاي باسمىسى ئارقىلىق بىر پارچە قوناق دانچىسى چوڭلىقىدىكى كېرمنىي ياپراقچىسى ئۈستىگە توپلاشتۇرىۋېتىلگەن . بۇ مىكرو كىرىستال لامپىلار 0ۋە1ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان زەرەتلەرنى ساقلايدىغان بولۇپ، بۇلار دەل كومپيۇتېردا ئېيتىلىۋاتقان ئىككىلىك كومپيۇتېر تىلىدىن ئىبارەت. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن كىرىستال لامپىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا لوگىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ . ھەمدە بىر دانە كۇۋارتىس تەۋرەنگۈچنىڭ ياردىمى بىلەن، ماسلاشما ھالەتتە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلار سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ .   mb GL)NI  
|s! 
2.2  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تۈزۈلىشى   3UgPVCT  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ ئۇچۇرلار سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بۇيرۇق كوماندا بولىشى مۈمكىن . سانلىق مەلۇماتلار ئىككىلىك ئىپادە ھالىتىدە بولۇپ بۇلار : ھەرپ-بەلگە، رەقەم ۋە رەڭ قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. بۇيرۇق كوماندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا نۆۋەتتە قايسى خىل سانلىق ئۇچۇرنى بىر تەرەپ  قىلىش كېرەكلىگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئۇلارغا قارىتا قوشۇش، ئېلىش ۋە ياكى يۆتكەش مەشغۇلاتى قاتارلىقلار .   #&sw%CD  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئاساسلىقى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېشىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. تۈزۈلۈش پىرىنسىپىدىن ئېيتقاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تۆت بۆلەك بويىچە سانلارنىڭ 8 لىك ئۇچۇرلارغا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ . يەنى بۇيرۇق، بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى، بەزى يۈكلىمە ساقلىغۇچ ۋە لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى.   werTwe2Q  
بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئېھيىتاجلىق بولغان بۇيرۇقنى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. p!/ *(TT  
يۈكلىمە ساقلىغۇچ بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋاقىتلىق ساقلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ھېساپلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان سانلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە . (مەسىلەن ئىككى ساننىڭ ئۆزئار قوشۇلغاندىن كېيىنكى نەتىنجىسى ) tq.g4X ;_  
لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى قىسقارتىلىپ alu دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى ئىزاھلاپ بەرگەن سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق  ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ .   0c GjOl  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى قىسمىدا يەنە بەزى ياردەمچى ئاساسىي بۆلەكلەر بار بولۇپ، مۇناسىپ قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان .   j V'~>  
كوماندا يوللىغۇچ : ramۋە ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ساقلاش رايونىدىكى بۇيرۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ .   /4>|6l=  
كۇدلىغۇچ : كوماندا يوللىغۇچىدىن ئېلىنغان بۇيرۇق كوماندىلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ چۈشىنەلەيدىغان تىلغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى باسقۇچلار ئارقىلىق تاماملىنىدىغانلىقى بەلگىلىنىدۇ.   4 
كونتىروللىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنى باشقۇرۇپ كونترۇل قىلىدىغان بولۇپ، aluنىڭ قايسى ۋاقىتتا ھېساپلاشنى باشلىسا بولىدىغانلىقىنى، كوماندا يوللىغۇچنىڭ قايسى ۋاقىتتا 0 نى ۋە ياكى 1 نى ئالسا بولىدىغانلىقنى بەلگىلەپ بېرىدۇ . ھەمدە قانداق ۋاقىتتا كۇدلىغۇچنىڭ مەزكۇر قىممەتنى ماشىنا تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىش كېرەكلىگىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ .   K 
AVO$R\1YR  
2.3 ئەگەشمە بۇيرۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى   Ksb55cp`  
بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى ئىچكى ساقلىغۇچتىكى بۇيرۇقلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ، كۆرسىتىپ بېرىلگەن قىممەتنى بۇيرۇق يوللىغۇچ ئارقىلىق كۇدلىغۇچقا يوللاپ بىرىدۇ. كۇدلىغۇچ بۇيرۇقنى ئىزاھلاپ مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى جەريانلار ئارقىلىق ئىجرا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. نەتىجىدەalu مەزكۇر مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىش بۇيرىقى چىقىرىدۇ ھەمدە سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ئېلىش قوشۇش ۋە ياكى باشقا بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر تال بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كونتروللىغۇچ كوماندا يوللىغۇچقا ئىچكى ساقلىغۇچتىن يەنە بىر بۇيرۇق يوللاشنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ جەريان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بۇ جەريان ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئېكراندا كۆرىۋاتقان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.   4"et4Y7  
بارلىق بۇيرۇق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ئۈچۈن ، ھەر قايسى بۆلەك گۇرۇپپىلار يەنە بىر ۋاقىت ھاسىللىغۇچقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . ۋاقىت ھاسسىلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بولۇپ، تەكرار ھالەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئەت ئىمپولىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ ئىمپولۇس سېكونتىغا مىليونلىغان قېتىم يەنىmhzئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي چاستوتىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىرلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ۋاقىت ھاسسىللىغۇچ سېكونتىغا چىقارغان ئىمپولۇس قانچىكى يۇقىرى بولسا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا 700mhzلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارى 800mhzلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارىدىن تۆۋەن بولىدۇ . ئەمما بىر نەچچە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يانداشما ھالەتتە ۋە ياكى باشقا خىل ئۇسۇلدا خىزمەت قىلغاندا بۇ ساننىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس. A 6j>KTU  
\~#$o34V  
2.4  مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارى   *n*po.Xr  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر نەچچە ئاساسىي قىسىملىرى ئارقىلىقلا ئۆزىگە تەئەللۇق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ئومومىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەش شىركەتلىرى، ئىزچىل ئۇنىڭ ئاساسىي لايىھەلىنىشىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقتا. ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئوخشاش بولۇپ ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشتىن ئىبارەت .   ' p!\[* e  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەتقىقاتى جەريانىدا، ئۆزەك شىركەتلىرى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ  ram دىن سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بۇيرۇق تاپشۇرىۋېلىش جەريانىدا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدى. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىكار ۋاقتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، ئۇلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىغا يەنە بىر cacheەپ ئاتىلىدىغان ساقلاش رايونى قوشتى. بۇ ساقلىغۇچقا سانلىق ئۇچۇر ۋە بۇيرۇقلارنى ساقلاشقا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ramنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى  ئازايتىلدى .   iu+rg(*%  
Cacheكېڭەيتىش ئىدىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە سېستىما ئىشلەش شىركەتلىرى يۇقىرى سۈرئەتتىكى ramنى ئىككىنچى دەرىجىلىك cache ۋە ياكى L2 CACHEدەپ ئاتىدى . ھەمدە بۇنى CPUۋە ئىچكى ساقلىغۇچ ئارلىقىدىكى ئۆتۈشمىگە ئورۇنلاشتۇردى. مەزكۇر ساقلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا قانچە يېقىن بولغانسېرىRAMنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى شۇنچە ئازىيىدۇ .   v"V?  
ئىككىنچى دەرىجىلىك CACHEنىڭ CPUئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە CPUنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ .   ~PA6e+gmL  
9V?:!%J  
    Cpuتاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار yr q){W  
(R^Ca7F  
amd بىر تەرەپ قىلغۇچنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى intel بىر تەرەپ قىلغۇچىنى تاللاش كېرەكمۇ؟ X0BBJ(e  
لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ پەقەت ئىككى لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار . amd مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئادەتتە ئۈچ دانە يانداشما لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار . شۇڭلاشقا ئوخشاش دەرىجدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار ئىچىدە amd بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتدارى ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشىراق . لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ  ئويۇن پروگراممىسى ۋە ئۈچ ئۆلچەم پروگراممىسى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى مۇناسىپ كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ۋاستە جەھەتلەردە، intelشىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىغا  sseبۇيرۇق توپلانمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ sse3كە قەدەم قويدى. Amdشىركىتىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي SSEگە ماسلىشالايدىغان 3DNOW! بۇيرۇق توپلانمىسى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . ئىككى شىركەتنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى سېلىشتۇرغاندا intel مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ  كۆپ ۋاستە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىدىن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارSSE ئىقتىدارىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. شۇڭلاشقا كۆپ ۋاستە يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تەكشىلىكتە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپيۇتېرلاردا تېخىمۇ  ياخشى خىزمەت قىلىشى مۈمكىن.   q:3HU<  
قانداق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاش مەسىلىسىدە،باھا ئامىلى سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان  مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.  ئىقتىدار ۋە دەرىجە جەھەتلەردىن ئوخشاش بولغان Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئومومىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشى بولىدۇ. ئەمما باھا جەھەتلەردە AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە. ئەڭ ئاخىرقى تاللاش AMD بولىشى كېرەكمۇ ۋە ياكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولىشى كېرەكمۇ ؟ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك AMDمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيە، ۋە ئويۇن بىر تەرەپ قىلىش  جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ئوخشاش دەرىجىدىكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن يۇقىرى.Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار سودا، كۆپ ۋاستە، تەكشىلىك لايىھەسى،سىن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىشلىتىلىشى جەھەتلەردىن باشقا يەنە باھا ۋە ئىقتىدارىنى  ئويلىشىشمۇ ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭلاشقا سېتىۋالغۇچى تەرەپ يۇقارقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىگە ئېھتاياجلىق بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ .   4L/8Hj#g  
a {4RG(I_  
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟   (a@}J.lL  
wKj0vMW  
نۇرغۇن ئىستىمالچىلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان بىردىنبىر  ئۆلچەم ئۇنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارىدا، مەسىلەن بىر سېكونت ئىچىدە قانچىلىك بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش، قانچە قېتىم لەيلىمە ھېساپلاش ئېلىپ بېرىش دېگەندەك. بۇ كۆرسەتكۈچلەر بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى لايىھەلىنىشى ۋە چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا چاستوتىسى تۆۋەن بولغان بەزى AthlonXPبىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق Pentium4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن ياخشى ئىكەنلىگىنى بايقاشقا بولىدۇ .   8BggK6 X  
t'DYT"3  
AMDمەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇقىم بولامدۇ ؟   hG qZB  
z|WDqB%/I  
بۇ نۆۋەتتە ئىستىمالچىلار بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، CPUغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى Intel مەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن ۋە ياكى AMDمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن،پەقەت ھەقىقىي مەھسۇلات بولسىلا، كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدىكى چاستوتا ئاستىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ .  كومپيۇتېرنىڭ مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن  ھەر قايسى قاتتىق دېتال قىسىملىرىنىڭ  ماسلاشماسلىقىدىنن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن سوۋۇتقۇچ، توك مەنبە  ئىچكى ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا دېگەندەكلەر. ئەمما مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئۆزلىگىدىن مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . @1tv/W  
 &&sCaNb  
WG(%Pkowv  
(  V H0+  
$S{]` +  
Bw8&Amxx:  
g@B,0JRh  
مەنبە:كومپىيوتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى ui4*vjd  

تېما تەستىقلىغۇچى : alafasy
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-12, 18:49
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئەتىنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ ، ئۇ بىردەمدىلا كىلىپ ق ..
arman0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9935

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   54 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6106 (سوم)
 ياخشى باھا:   196 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ھەققىدە مۇكەممەل ئۇقۇم، ئوقۇپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ، تېما ئىگىسى: جاپا تارتىپسىز~!
مەن ياشاش ئۈچۈن يەپ ئىچىمەن~!
adil2052103
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14887

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   638 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   294 (سوم)
 ياخشى باھا:   192 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   280  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2623
 سائەت
دەرىجىسى:
2623 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

بىلۋالدىم   بولسا  كېلەرقېتىم  سۆرەت كارتىسى (显卡)  توغۇرسىدا ئىزدىنىپ باقسىڭىز
elijan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.424

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1398 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2390 (سوم)
 ياخشى باھا:   170 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2966
 سائەت
دەرىجىسى:
2966 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

مەنمۇ ئەي  ئېم د نىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى سېتىۋالغان .بۇ كومپىيۇتېرنى ئۇيۇن ئويناشقا ۋە تورغا چىقىشقىلا ئىشلىتىدىغان بولغاچقا سۈرئىتىدىن رازى بولدۇم .باھاسىمۇ ئارانلا 400يۈەنكەن . مەن دەسلەپتە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئەرزان بولغاندىكىن بۇزۇلۇپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرسەم 750 يۈەنگە سېتىۋالغان كۆرسىتىش كارتىسى كومپىيۇتېر   سېتىۋېلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن .بىر سائەت يەككە قۇتۇپلۇق ئۇيۇن ئويناپ قويغانغا كۈيۈپ كىتىپ بەك تېرىكتۈردى ... مانا ئىككى ئايمۇ بولدى كۆرسىتىش كارتام تېخى زاۋۇتتىن كەلمىدى . كۈيۈش سەۋەبىنى سۇرىسام مەنبەنىڭ توكى يىتىشمەپتۇ دەيدۇ ، ئۇ كارتا 512 مىگابايتلىق ئايرىم سىم چېتىلىدىغان ئىدى . ھازىر ماڭا ئىشلتىىشكە بىرىپ تۇرغىنى 2گىگابايتلىق ئاساسى تاختىدىن  كەلگەن توكنى ئىشلتىىدىغىنى ئىكەن . كۈيۈپ كتىش سەۋەبىنى سۇرىسام مەنبەنىڭ توكى يىتىشمەپتۇ ،300 يۈەن بەرسىڭىز يۇقىرى سەرپىياتلىق مەنبەگە ئالماشتۇرۇپ بىرىمەن دەيدۇ .توك يىتىشمىسىمۇ كارتا كۈيۈپ كىتەمدۇ ؟ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار... (ئۆتكەندە بىر تىمىدا دىسەم بىر تورداش كىكىيۇ نۇمىرىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپتىكەن دوستلۇققا ئىلتىماس قىلسام ئىلتىماسىمنى رەت قىلىۋېتىپتۇ .مۇمكىن بولسا قايتا قالدۇرۇپ قويسىڭىز ...)
alfa214
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2521

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5716 (سوم)
 ياخشى باھا:   191 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   263  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5250
 سائەت
دەرىجىسى:
5250 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

جاپا تارتىپسىز ،  بىلۋىلشقا تىگشلىك ياخشى بىلمكەن .
irpan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7064

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   586 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1620 (سوم)
 ياخشى باھا:   349 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   426  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5234
 سائەت
دەرىجىسى:
5234 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئەمدى كۆپ يادرولىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ توغرىسىدىمۇ ئازراق چۈشەنچە بەرمەمسىز؟
كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
XATUT507
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10373

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1149 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9824 (سوم)
 ياخشى باھا:   337 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   331  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4662
 سائەت
دەرىجىسى:
4662 سائەت 288 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-14
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ھازىر ئاللىقاچان 45نانومېتىرلىق تېىخنىكا بىلەن cpuبازارغا چىقتى. Rw]4/  
كومپىيوتېر ئالغاندا ئوبدان سوراڭلار.
سىز ماڭا كۈلۈپ قاراڭ ،مەنمۇ سىزگە كۈلۈپ قاراي شۇندىلا دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايسىز!!!
jackson
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3643

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5401 (سوم)
 ياخشى باھا:   197 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 881
 سائەت
دەرىجىسى:
881 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئىشلىتىش
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەتirpanبىلەن2011-06-12 08:18 PMيوللانغان : hK9Trrwau  
ئەمدى كۆپ يادرولىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ توغرىسىدىمۇ ئازراق چۈشەنچە بەرمەمسىز؟  lk{  
6V\YYrUz  
كوپ يادرولۇق مەركىزبىر تەرەپ قىلغۇچ 24"Trg\WK[  
تاق يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى بىر قۇلىنى ئىشلىتىپلا ئىش قىلدىغان ئادەمگە ئوخشاتساق قوش يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىىككى قۇلىنى تەڭ ئىشقا سالدىغان ئادەمگە ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ . بىر قۇلى بىلەن ھەر قانچە كۇچەپ ئىشلىسىمۇ ئىككى قۇلى بىلەن ئىش قىلدىغانغا ييىتەلمەيدۇ .ھازىر چىققان 4يادرولۇق 8يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار پۇتى قۇلى ئىشقىلىپ ھەممە يىرىنى تەڭ ئىشقا سالالايدىغان ئادەمگە ئوخشاتساق بولدى .
ئەتىنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ ، ئۇ بىردەمدىلا كىلىپ ق ..
jackson
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3643

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5401 (سوم)
 ياخشى باھا:   197 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   271  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 881
 سائەت
دەرىجىسى:
881 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12
3قەۋەتتىكى(elijan) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

     مەنبەنىڭ تۇكى يىتىشمىسە كۇيۇپ كىتىدۇ .ئەگەر سىزنىڭ مەنبەرىڭىزنىڭ كورسىتىش كارتىسىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېغىزىنى سىرتتىن سەپلىگەن بولسا .ئۇزنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئېغىزى  مەنبەنىڭ نوچىسىنى ئىشلەتكىنىڭىز ياخشى .
ئەتىنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ ، ئۇ بىردەمدىلا كىلىپ ق ..
Manggu77
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31333

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1580 (سوم)
 ياخشى باھا:   124 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   130  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1462
 سائەت
دەرىجىسى:
1462 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-23
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ماۋۇ نان تىگىدىغان تېما ئىكەن.ساقلاپ قۇيۇشقا بەكلا ئەرزىيدىكەن.
saroman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25938

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   211 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3241 (سوم)
 ياخشى باھا:   166 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   211  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2487
 سائەت
دەرىجىسى:
2487 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-25
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

مەنمۇ amdنىڭ قوش يادرولۇق 3.0لۈك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، مۇقۇمسىزلىق ،ۋە باشقا ئىقتىدارى يوق ،3Dئويۇن بىر تەرەپ قىلىش  ئىقتىدارىمۇ ياخشى. كۆرسىتىش كارتىسىغا خاس كۆرسىتىش كارتىدىنىڭ NEVIDIYAنىڭ1گىگابايتىلىق GT220ئىكران سىغىمى 512 مىگابايىتلىق ئكران كارتىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن . ئىچكى ساقلىغۇچ 金邦ئۈچىنچى ئەۋلاد 2گىگابايتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ ، توك مەنبەسىمۇ W380....ئاساسى تاختىغاMSIئاساسى تاختىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن ،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم بىر قوللۇق تاللاپ قوراشتۇرغۇزغان ،WIN7سېستىمىسى قاتتىق دىتال باھالاش پىروگىراممىسى7نۇمۇرلۇق ئۆلچەملىك نۇمۇر قويۇش تاختىسىدا مېنىڭ كومپىيوتىرىم6.8نۇمۇر ئالغان ،ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى باھالاندى ،鲁大师سېستىما تەكشۈرۈش يۇمدىتالىدىمۇ ئومومى ئىقىتىدارى92%كومپىيوتېردىن ئېشىپ كەتتى.ئويۇن ئىقتىدارىنى سىنىغاندا 114نومۇر بىلەن ئەڭ ئەلا باھالىدى . يەنى ھازىر چىقىۋاتقان شۇنداقلا چىقماڭچى بولىۋاتقان ھەر قانداق ،تور ئويۇنلىرى شۇنداقلا تاق يۆلىنىشلىك ئويۇنلارنىڭ ھەر قاندىغىنى بىمالال سۆرەپ كېتەلەيدۇ.كۆپچىلىككە مۇشۇ قوراشتۇرمىلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.  تۆۋەندىكىسى كومپىيوتېرىمنىڭ پايدىلنىش ئۇچۇرلىرى ،كۆپچىلىك كومپىيوتېر ئېلىپ قالساڭلار پايدىلناسىلەر. o6`4y^Q{/  
     \f| Hk*@  
电脑型号    微星 MS-7596 台式电脑 9/A$ 3#wF  
操作系统    Windows XP 专业版 32位 SP3 ( DirectX 9.0c ) 0XouHU  
     W\]bh'(  
处理器    AMD Athlon(速龙) II X2 250 双核 |OW/-&)  
主板    微星 760GM -E51 (MS-7596) (AMD 780G/780V/790GX/890GX) S1jI8 #z}_  
内存    2 GB ( 金邦 DDR3 1333MHz ) \s_lB~"P!3  
主硬盘    希捷 ST3500418AS ( 500 GB ) aq~>$CHa  
显卡    Nvidia GeForce GT 220 ( 256 MB / Nvidia ) zED#+-7  
显示器    三星 SAM06A3 SME1920N ( 18.5 英寸 ) 6P,vGmR  
光驱    建兴 ATAPI iHDP118 4 DVD光驱  R&oC9<  
声卡    瑞昱 ALC889 @ ATI IXP SB600/SB700/SB800 高保真音频 D#%aow'(7  
网卡    瑞昱 RTL8168D(P)/8111D(P) PCI-E Gigabit Ethernet NIC / 微星 mjgwU8'![  

Desni
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1203 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   525 (سوم)
 ياخشى باھا:   516 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   18  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 941
 سائەت
دەرىجىسى:
941 سائەت 99 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-24
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13
10قەۋەتتىكى(saroman) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىز خېلى ئىلغاركەن ھە؟! ماختىۋاپسىز ھە مۇشۇ يەردە!ھې ھې ھې...
مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن؟!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى