|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       710 
  •    ئىنكاس 
       28 

ئارزۇ تولدۇرۇش، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاش

قەۋەت ئاتلاش
Imkan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23490

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3955 (سوم)
 ياخشى باھا:   170 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   367  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 443
 سائەت
دەرىجىسى:
443 سائەت 97 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-15

ئارزۇ تولدۇرۇش، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاش
k|_LF[ *Z  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! #N|A@B5 x  
      خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىنجاڭدا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە توردا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئىچكىرىدىكى ئالىي  مەكتەپلەرنى قانداق تاللاش، قانداق كەسىپلەرنى تاللاش ھەققىدە ئالتە يىل ئىچكىرىدە ئوقۇش جەريانىدا ئېرىشكەن  تەجرىبىلىرىم ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ئاساسىدا بۇ تېمىنى يازدىم. $PKUcT0N9  
      بىلىدىغىنىمنىڭ چەكلىكلىكى، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى تېمىدا بىرقىسىم خاتا كەتكەن ياكى مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق نۇقتىلارنى ۋە باشقا مەن ئويلاپ يېتەلمىگەن تەرەپلەرنى باشقا تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان باشقا تورداشلارنىڭمۇ ھەرخىل شەكىللەردە ئۆز ئىمكانىيىتى ئىچىدە ئىنى-سىڭىللارغا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. YH$whJ`W0  
CKRnkTTiV  
ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكى:    Gw}b8N6E  
   ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى، شارائىتى ياخشى. بولۇپمۇ 985 قۇرۇلۇشى ۋە 211 قۇرۇلۇشى(بۇ ئىككى قۇرۇلۇشقا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ تىزىملىكى تېما ئاخىرىدا ئايرىم ئۇلىنىش قىلىنىدۇ) غا تەۋە مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن خېلى ئوبدانلا پەرقلىنىدۇ. مەكتەپلەردىكى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، ئۆگىنىشنىڭ ياخشى پۇرسەتلىرى ناھايىتى كۆپ. كۆپىنچە ئىمتىھانلارنى مەكتەپ ياكى شەھەرنىڭ ئۆزىدىلا بىرەلەيسىز. يەنى چەتئەلگە چىقىش، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق شىركەت-گۇرۇھلاردىن خىزمەت تېپىشتا زۆرۈر بولغان توفېل، ئېلتس، خەلىقئارا ئالاقە ئېنگلىزتىلى(TOEIC)، خەلقئارا سودا ئېنگلىزتىلى(BEC) دېگەندەك ئىمتىھانلارنى بېرىشىڭىز ناھايىتى قولايلىق. دۆلەت ۋە مەكتەپنىڭ شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردىمى بىر قەدەر كۆپ. ياخشى ئوقۇغانلارغا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشلىرى ئاسان ھەم قولايلىق. مەكتەپلەر ھەممە ئىشقا سىياسىي سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن ئاساسەن خالىي، ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقادىمىزنىڭ ھۆرمىتى بار... wg 6   
        مەن بۇ ئالتە يىل جەريانىدا تالاي قېتىم ئەتراپىمدىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللاش ھەققىدىكى پۇشايمان، ھەسرەتلىرىنى ئاڭلىدىم. بەزىلىرى تاللىغان كەسپىگە قىزىقمىغاچ تۈزۈك ئوقۇيالمىدى، بەزىلىرى كەسپى مۇۋاپىق بولمىغاچ ئېنگىلىزتىلىدا شۇنداق ياخشى تۇرۇپمۇ ئامېرىكا، ياۋروپالاردىكى داڭلىق ئۇنۋېرستېتلارنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتلىق ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلالمىدى، ھەتتا بەزىلرى ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدىمۇ ئەينى چاغدا ئارزۇنى ياخشى تاللىمىغانلىقىغا ئۆكۈنىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى... شۇڭا، ئارزۇنى قانداق تولدۇرۇش بەزىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قانداق بېرىشتىنمۇ مۇھىمكەن. تۆۋەندە بىر قانچە نۇقتا بويىچە ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتەي. كەم قالغان، مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرىنى باشقا تەجرىبىلىك تورداشلارنىڭ تۈزەپ، تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. '9q:gFO  
:jioF{,  
1. نومۇر مۆلچەرلەش 7e`h,e=  
fIg~[VN"  
      بارلىق ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نومۇر مۆلچەرلەشكە تىرىشىڭ. يېزىپ ساقلىغان بىر قىسىم تاللاش سۇئاللىرىنىڭ جاۋابلىرى ۋە ئېنىق ئېسىڭىزدە قالغان جاۋابلارنى ھازىر سىزگە تارقاتقان ئۆلچەملىك جاۋابقا بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ چىقىڭ. سېلىشتۇرۇش جەريانىدا سۇئال تەرتىپى بويىچە باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇڭ، جاۋابى ئېسىڭىزدىن چىقىپ قالغان سۇئاللارنى سېلىشتۇرغاچ قايتا ئىشلەپ بېقىڭ، بۇنىڭدا خاتىرە قالدۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن نۇرغۇن جاۋابلىرىڭىزنى قايتا ئەسلىيەلەيسىز. 8qQrJFm|3*  
      ئادەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سۇئالىنى تەكشۈرگەندە نومۇر بېرىدىغانلىكى يەرگە نومۇر بېرىدۇ، شۇڭا بىر، ئىككى نومۇرلۇق كىچىك يەرلەرنىمۇ قالدۇرماي ھېسابلاڭ. چوڭ مەسىلىلەرگە كىچىك بۆلەكلەر بويىچە نومۇر بېرىدۇ. مەسىلەن، ماتىماتىكىدىكى 12 نومۇرلۇق سۇئالغا ئۈچ-تۆت كىچىك  بۆلەكلەر بويىچە نومۇر بېرىدۇ، سىز بۇ سۇئالنى تولۇق توغرا ئىشلىيەلمەي، ئىچىدىكى خالىغان بىر كىچىك بۆلىكىنى توغرا ئىشلىگەن بولسىڭىز، يەنىلا ئاز-تولا نومۇر ئالالايسىز. بۇ خىل نومۇر بېرىش ھەممە پەنلەردە دېگۈدەك بار، قولىڭىزدا جاۋاب كىتابىغا ئەستايىدىل قاراڭ، كىچىك بۆلەكلەر ئېنىق ئايرىلغان. >>HC|  
      ئادەتتە، سىز يۈز پىرسەنت توغرا دەپ قارىغان جاۋابلارنىڭ نومۇر يىغىندىسىغا مۇشۇ يىغىندىنىڭ بەش-ئون پىرسەنتىنى قوشۇپ بەرسىڭىز سىز ئەمىلىي ئالالايدىغان نومۇرغا تەخمىنىي يېقىنلىشىدۇ. بۇ يەردىكى يۈز پىرسەنت توغرا دەپ قارىغان جاۋابلار پەقەت تولۇق توغرا دەپ قارالغان سۇئاللارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز تولۇق توغرا ئىشلىيەلمىگەن چوڭ مەسىلىلەردىكى توغرا ئىشلىگەن كىچىك بۆلەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئامال بار ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بويىچە بىر قانچە قېتىم نومۇر مۆلچەرلەپ بېقىڭ، بۇنداقتا خاتا مولچەرلەپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا پايدىسى بار. يۇقىرى نومۇر ئېلىشقا ئىشەنچى بارلار ئومۇمىي نومۇردىن خاتا يازغان جاۋابلارنىڭ نومۇرىنى چىقىرىۋېتىپ ھىسابلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. _i+7O^=d6X  
Hs6}~d  
2. كەسىپ تاللاش "?T Kz:9r  
y@Q? guB  
      مەكتەپ تاللاشتىن بۇرۇن تاللىماقچى بولغان كەسىپنى ئوبدان ئويلۇشۇڭ. مۇشۇ قېتىم تاللىغان كەسپىڭىز بەلكىم سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ياشاش يولىڭىزنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا، كەسىپ تاللىغاندا تولىمۇ ئەستايىدىل بولۇڭ! ئۆز قىزىقىشىڭىز ۋە كېيىنكى غايە-نىشانلىرىڭىزنى تەڭ ئويلۇشۇپ كەسىپ تاللاڭ. ھەرگىز ئالدىراقسانلىق ۋە بىپەرۋالىق قىلماڭ، بولمىسا بىر ئۆمۈر پۇشايمان قېلىشىڭىز مۇمكىن. )MJy  
Di8;Tq  
چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئۈچۈن:  &C7HG^;W9  
     ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چەتئەللەرگە چىقىپ داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتقان بولسىڭىز تۆۋەندىكى كەسىپلەرنى تاللىسىڭىز ياخشىراق. چۈنكى بۇ كەسىپلەردە ئىلتىماس قىلىش بىر قەدەر ئاسان، ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمۇ بىر قەدەر كۆپ ھەم ئېرىشىش نىسبىتى يۇقىرى. p?zh4:\F+  
ساپ تەبئىي پەنلەردىن: f$^+;j  
      A: فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسىپلەر؛ CHRO9  
      B: ئېلىكتىرون، ئۇچۇر ئىلمى ۋە ئېلىكتىر، ئۇچۇر تۈرىدىكى كەسىپلەر. بۇ ئىككى تۈردە ئۇچۇر ئىلمى تېخنىكىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، ئاپتوماتلاشۇتۇرۇش، ئېلىكتىرون-ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، ئالاقە قۇرۇلۇشى، كومپيۇتېر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئېلىكتىرون ئىلمى ۋە تېخنىكىسى، ئۇچۇر قۇرۇلۇشى، تور-ئالاقە قۇرۇلۇشى، يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىن 30دىن ئارتۇق كەسىپ بار. Ffp<|2T2_  
      C: ماشىنسازلىق، ياساش تۈرىدىكى كەسىپلەر. بۇ تۈردە ماشنسازلىق لايىھەلەش، ياساش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش، سانائەت لايىھەلەش، كونتورول قۇرۇلۇشى، ماشىنا، ئاپتوموبىل قۇرۇلۇشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر؛ Kp_^ 2V?  
      D: ماتېريال ئىلمى، ماتېريال تۈرىدىكى كەسىپلەر. بۇ ئىككى تۈردە ماتېريال فىزىكىسى، ماتېريال خىمىيىسى؛ مېتال تاۋلاش، يۇقىرى مولىكۇلالىق ماتېريال قۇرۇلۇشى، ماتېريال ئىلمى ۋە قۇرۇلۇشى، قىممەتلىك تاش ماتېريال ھۈنەر-سەنئىتى قاتارلىق 13 كەسىپ بار؛ M~&X?/8  
      E: تىبابەت، كانچىلىق، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك، ئېنىرگىيە، مۇھىت قۇرۇلۇشى(مۇھىت ئىلمى ئەمەس) ۋە مۇشۇلارغا مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسىپلەر. tug\X  
      بۇنىڭدىن باشقا تەبئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەندىكىلەر ئوخشاشلا يازالايدىغان كەسىپلەردىن بولغان ئىقتىساد ئىلمى ۋە سودا، باشقۇرۇش ئىلمىگە ئائىت كەسىپلەردىن پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا، مەبلەغ سېلىش ئىلىمى؛ سودا-سانائەت باشقۇرۇش، تاۋار ئوبوروتى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، بازار تىجارىتى( قولۇڭىزدىكى ژۇرنالدا ‹ماركېتىڭ، بازار ماركېتىڭى› دەپمۇ ئالىدۇ) قاتارلىق كەسىپلەرمۇ چەتئەلگە چىقىشتا ئەۋزەللىكى يۇقىرى كەسىپلەر ھېسابلىنىدۇ. FI$#x%A  
      ئىجتىمائىي پەنلەردىن يۇقارقى ئىقتىساد ۋە سودىغان مۇناسىۋەتكلىك كەسىپلەردىن باشقا قانۇن، دىپلوماتىيە، خەلقىئارالىق سىياسي-ئىقتىساد، پەلسەپە، جەمىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، پىسخولگىيە، ھەرخىل چەتئەل تىللىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن. لېكىن ساپ ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى كەسىپلەردىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىلىتىماس قىلىپ ئېرىشىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. 4C{3>BE  
[5Dg%?x  
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسانراق خىزمەت تېپىش ئۈچۈن:  kbkq.fYr  
     ئەگەر سىز ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەركىزى شەھەرلەردە خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىز، تۆۋەندىكى كەسىپلەر ئەڭ مۇۋاپىق: \7Fkeo+  
      1› سانائەت كەسىپلىرى. گېئولوگىيە، كانچىلىق، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق، ماشىنسازلىق، نېفىتچىلىك، ئېنىرگىيە(بۇ تۈردىكى كەسىپلەردە ئوغۇللار ناھايىتى ئاسان خىزمەت تاپالايدۇ، قىزلارغا خېلى تەس)؛ d@72z r  
      2› ئېلىكتىر، ئېلىكتىرون ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسىپلىرى؛ ماتېريال كەسىپلىرى؛  !bi}9w  
      3› يۇمشاق دېتال، تور قۇرۇلۇش-تېخنىكىسى كەسىپلىرى؛ Qb;5:U/x  
      4› پۇل مۇئامىلە، بوغالتىرلىق، مالىيە باشقۇرۇش، ئوبوروت باشقۇرۇش، سودا سانائەت باشقۇرۇش، سانائەت(قۇرۇلۇش) باشقۇرۇش كەسىپلىرى. Lx"a#rZ  
      5› ئېنگلىزتىلىدىن باشقا چەتئەل تىللىرى. ئېنگىلىزتىلىنى ياخشى ئۆگىنىۋاتقانلار كۆپەيگەنچە ئېنگلىزتىلى كەسپىدىكىلەرنىڭ خىزمەت تېپىشى سەل تەسلىشىپ قالدى. روس، ياپون، ئىسپان، گېرمان ۋە باشقا ئۇششاق تىلللاردا ئوقۇغانلارنىڭ خىزمەت تاپمىقى ئاسان. D< 4!7*9%  
xf.2Ig  
ئەگەر سىز شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى ئويلىسىز، تۆۋەندىكىلەر مۇۋاپىق. P00pSRQHD  
شىنجاڭدىكى شىركەت، كارخانىلادىن خىزمەت تېپىش ئۈچۈن: /j1p^=ARV  
      1› ئېلىكتىر قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش. بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز شىنجاڭ سۇ-ئېلىكتىر شىركىتى(دۆلەت ئېلىكتىر تورى)، ئالاھىدە تىرانسىپور ماتور شىركىتى(特变) ، سۇ، ئوت ئېلىكتىر زاۋۇتلىرى، ئايرودوروم ۋە باشقا كۆپلىگەن ئېلىكتىر ئېنىرگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن خېلى ئاسان خىزمەت تاپالايسىز.ياخشىراقلىرىدا ئىشلەش ئۈچۈن ھىچبولمىغاندا ئىچكىرىدىكى 211 قۇرۇلۇشىغا تەۋە  مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىشىڭىز كېرەك. d">Ya !W  
      2› كانچىلىق، نېفىتچىلىك، مېتال تاۋلاش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش، قۇرۇلۇش-بىناكارلىق ۋە مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كەسىپلەر. بۇخىل كەسىپلەردىن شىنجاڭغا قايتىپ ئىش تېپىش بىر قەدەر ئاسان. لېكىن بۇ كەسىپلەردە قىزلارنىڭ ئىش تاپمىقى سەل تەس. 2F[;Z*&  
      بىر قىسىم مەكتەپ ۋە باشقا ئاز ساندىكى دۆلەتنىڭ كەسپىي ئورۇنلىرىمۇ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەرخىللىرىنى ئىمتىھانسىزلا ئىشقا ئالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇنىڭدا ئاۋال ئويلىشىدىغىنى دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق پېداگوگىكا مەكتەپلىرى، داڭلىق يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق مەكتەپلىرى. ZREAEGi{  
      ئۆگىنىش بېسىمى بىر قەدەر ئېغىر بولغان كەسىپلەر: دوختۇرلۇق، بارلىق سانائەت، تەبئىي پەنلىرى، قۇرۇلۇش، ئېلىكتىر، ئېلىكتىرونغا ئائىت ئىش تېپىش ئاسانراق بولغان كەسىپلەر. ئۆگىنىش بېسىمى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان كەسىپلەر: ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي باشقۇرۇش، ئىدىيە-سىياسىي ئىلمى قاتارلىق ئىش تېپىش قىيىنراق(بولۇپمۇ ئىچكىرىدە) بولغان كەسىپلەر. QJG]z'c+  
}fo?K|Xx  
      ئەگەر سىز ھەرخىل ئىمتىھانلارغا قاتنىشىش ئارقىلىق شىنجاڭدىن ئىش تاپماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ. ھازىر شىنجاڭدا ئادەم ئېلىشتا كۆپرەك ئېلىنىدىغان ئىمتىھانلار (تەخمىنىي ۋاقىت تەرتىپى بويىچە): 6L6Lk  
      1›  ھەرخىل بانكىلارنىڭ ئىمتىھانلىرى. ئادەتتە شىنجاڭدىكى بانكىلار ئادەم ئېلىشنى بالدۇرراق باشلايدۇ. جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، ئامانەت-قەرز كوپراتىپى قاتارلىق بانكىلار ھەريىلى دېگۈدەك ئىمتىھان ئارقىلىى ئادەم ئالىدۇ. ئادەتتە بانكىلارنىڭ ئىمتىھانىغا تىزىملىتالايدىغان كەسىپلەر: A/U tf0{3"  
      پۇل مۇئامىلە، ئىقتىسادشۇناسلىق، بوغالتىرلىق، بازار تىجارىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسىپلەر. بەزى بانكىلارغا كومپىيوتور، ئېلىكتىرون، ئالاقە قۇرۇلۇشى دىگەندەك كەسىپتىكىلەرمۇ ئىمتىھانغا تىزىملىتالايدىكەن. mP)<;gm,  
      2› دۆلەت ۋە شىنجاڭ مەمۇرلۇق ئىمتىھانى. بۇ ئىمتىھانغا تىزىملاتقىلى بولىدىغان ئورۇن بىر قەدەر كۆپ كەسىپلەر: قانۇن، كومپىيوتورغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر، ئىقتىساد-سودىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر. ئاساسەن ھەممە كەسىپلەرنىڭ تىزىملىتىش ئىمكانىيىتى بار، كەسىپ چەكلەنمەيدىغان ئورۇنلارمۇ تولا. بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. ] 05Q4  
      3› كەسپىي ئورۇنلار ئىمتىھانى. يەنى ئوقۇتقۇچىلىق، دوختۇرلۇق ئىمتىھانلىرى ۋە باشقا كەسپىي ئورۇنلار ئىمتىھانلىرى. كەسپىي دەرسلەردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ،خەنزۇتىلى تەلەپ يىلسېرى يۇقىرىلاۋاتىدۇ. >oc7=F<8lS  
z^4\?R50yO  
3.مەكتەپ تاللاش  \~  
Jz#ZDZkm  
      مەكتەپ تاللىغاندا، ئەڭ ئالدى بىلەن سىز تاللىغان كەسىپنى بەرگەن مەكتەپلەرنى شۇ كەسىپتىكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بويىچە تىزىپ چىقىڭ. كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسى ئادەتتە جۈپ قوشما ئا دەرىجىلىك(A پىلوس پىلوس، توغرىسىنى بىلمىدىم، مۇشۇنداق ئاتاپ تۇراي)، تاق قوشما ئا دەرىجىلىك(A پىلوس)، ئا دەرىجىلىك(A)، تاق قوشما ب دەرىجىلىك، ب دەرىجىلىك، تاق قوشما س دەرىجىلىك، س دەرىجىلىك... مۇشۇ تەرتىپ بويىچە «ئى»غىچە 11 دەرىجىگە  ئايرىلغان. جۈپ قوشما ئا دەرىجە(1-دەرىجە) مەملىكەت بويىچە ئوقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ يۇقىرى، ئەمىلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش بىر كەسىپ بىر قانچە مەكتەپلەرنىڭ جۈپ قوشما ئا دەرىجىلىك كەسپىي بولالايدىكەن. ئەگەر سىز تولۇق كۇرستىن كېيىن داۋاملىق يۇقىرلاپ ئوقۇشنى نىيەت قىلسىزىڭىز، ئامال بار مەكتەپلەرنىڭ دەرىجىسى ئا ۋە ئا دىن يۇقىرى بولغان كەسىپلىرىنى تاللاڭ. 2597#O  
       مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى مۇھىم. توردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇنۋېرسال رەت تەرتىپى بويىچىلا مەكتەپ تاللاشتىن ساقلىنىڭ، بىرقىسىم مەكتەپلەرنىڭ بەزى كەسىپلىرى بولمىغاچقىلا ئۇنۋېرسال رەت تەرتىپى بىر قەدەر تۆۋەن (مەسىلەن: تىبابەت، يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرى بولمىغان سانائەت-تەبئىي پەنلەر تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئەمىلىيەتتە بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي كۈچى خېلى بار، تۈۋرۈكلۈك كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەريىلى تالاشتا قالىدۇ). ئالدى بىلەن ئويلىشىدىغىنىڭىز 985 قۇرۇلۇشىدىكى 39 داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر، ئاندىن كېيىن 211 قۇرۇلۇشىدىكى 116 نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر. ئاخىرىدا مەركىزى شەھەرلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، ئەڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەردىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر. بۇنىڭىدىمۇ ئەڭ ئاۋال تاللىغان كەسپىڭىز قايسى مەكتەپتە دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولسا شۇنى تاللاشا تىرىشىڭ. مەركىزى شەھەرلەردىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ س دەرىجىلىك كەسپىنى تاللىغاندىن ئادەتتىكى شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق ياكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كەسىپلىرىنى تاللىغىنىڭىز مىڭ ئەۋزەل!   y  |KDh'Y  
     تاللىغان مەكتەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى قانچە كۈچلۈك بولسا، سىز ئەڭ ياخشى ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن بەھرىمان بولغاندىن باشقا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەممە جايدا بەكرەك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشلەيسىز؛ داڭلىق مەكتەپلەر (985 قۇرۇلۇشىدىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنى كۆرسىتىدۇ)نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شىركەت-كارخانىلار تالىشىپ تۇرۇپ ئىشقا قالىدۇ؛ كۆپلىگەن داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ كۈچلۈكرەك ئىنىستۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توقسان پىرسەنتى ئادەتتە 4-يىللىقنىڭ بىرىنجى مەۋسۈمىدىلا خىزمەت تېپىپ بولىدۇ؛ چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىشىڭىز ئاسانراق بولىدۇ؛ بەزىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن خىزمەت تاپقاندا مۇئاشىڭىز نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرىراق بولىدۇ؛ داڭلىق مەكتەپلەر نامرات ئوقۇغۇچىلارغا بەكرەك ياردەم بېرىدۇ. لېكىن، داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ «ب»دىن  تۆۋەن دەرىجىدىكى كەسىپلىرىنى ئالدىراپ يازماڭ، تۈزۈك بىرنەرسە ئۆگىنەلمەيسىز، كېيىنچە يۇقىرلاپ ئوقۇشىڭىزغا تەسىرى بار، بۇنىڭدىن نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئا دەرىجىلىك كەسىپلىرى مىڭ ياخشى. ئەگەر شۇ داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرۈشنىلا مەقسەت قىلسىڭىز ئۇ باشقا گەپ. /]xd[^  
       N13 <!QQ  
4.ئوقۇش، تۇرمۇش راسخوتى &F#X0h/m=  
kXX RMR  
      كاللىڭىزدا شۇ نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئىقتىسادىي جەھەتتە كۆپ قىينالمايسىز، داڭلىق، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە تېخىمۇ شۇنداق. بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ «ئىچكىرىدە ئوقۇسا كۆپ پۇل كېتىدۇ، ئالدىراپ تاللىما» دېگىنى تامامەن خاتا. ھەتتا بىر قىسىم داڭلىق، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىڭزىدىن تۇرمۇش پۇلى ئالمايلا تامامەن ئوقۇپ كەتكىلى بولىدۇ. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە خالىغانچە دۆلەت ئوقۇش قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلالايسىز(شىنجاڭدا مۇشۇ ئىشمۇ خېلىلا تەسكەن)، ئوقۇش قەرز پۇلىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 24 مىڭ يۈئەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئۆسۈم ھېسابلانمايدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالتە يىل ئىچىدە قايتۇرسىڭىز بولىدۇ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ، ئۆسۈم نىسبىتى ئالتە پىرسەنت ئەتراپىدا. ئەگەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن غەربىي رايوندىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلار(ھەرقانداق كارخانا، كەسپىي، مەمۇرىي ئورۇنلارنىڭ يېزا-كەنتلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرى)دا ئۈچ يىل خىزمەت قىلسىڭىز، بۇ 24 مىڭ يۈئەننى ھۆكۈمەت ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ ئۆزى تۆلەپ بېرىدۇ .  ھەريىلى تارقىتىدىغان شىنجاڭنىڭ ئوقۇش ياردەم، مۇكاپات پۇللىرى بار، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئوقۇغۇچىغا يىلىغا 1000-2000 يۈئەنگىچە، بەزى مەكتەپلەردە 3000 يۈئەنگىچە تارقىتىدۇ. شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن ھەقسىز بەھرىمان بولالايدۇ، بۇ ياردەم يىللىقى دەرىجە بويىچە 3000، 2000، 1000 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلى بەزى مەكتەپلەر 4500، 3000، 2000 يۈئەندىن تارقاتقان.  مەركىزى شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر ئېستىمال سەۋىيسىنىڭ يۇقىرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ھەرئايدا شىنجاڭلىق ۋە باشقا نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ئاز-تولا پۇل تارقىتىدۇ. چوڭ مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە نامرات ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئىش ئورنى ئاجرىتىلغان، ئېيىغا 100-300 يۈئەنگىچە مائاش بېرىدۇ. بىر قىسىم مەكتەپلەردە تەتىللەردە ئىشلەپ خېلى پۇل تاپالايسز، سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپقىلىمۇ بولىدۇ. ' d?8OV  
<6apv( 2a  
ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئىقتىسادتىن ئارتۇقچە غەم يەپ كەتمەڭ. "<O?KO 3K  
A)7'\JK7b  
يەنە بىر پايدىلىق ئۇچۇر، شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى ھەريىلى 211 قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭدىكى بىرىنجى تۈركۈم تولۇق كۈرس مەكتەپلەرگە ئۆتكەنلەرگە بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى تارقىتاتتى، ھازىرمۇ بار بولۇشى ئېھتىمال، ئىلگىرى 4000 يۈئەن ئىدى. مەكتەپتىن باشقا شەرتى: يېزا نوپۇسى ياكى شەھەر نوپۇسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمان بولىدىغان ئائىلىدىن بولۇشى كېرەك. بۇ ئىشقا يەتتىنجى ئاينىڭ ئاخىرى، سەككىزىنجى ئاينىڭ باشلىرىدا ئىلتىماس قىلىشنى باشلايدۇ، جايلاردىكى لاتارىيە بېلىتى ساتىدىغان ئورۇنلاردىن لازىملىق تېلىفۇن نومۇرلىرىنى بىلەلەيسىز. TU. h  
0Xo zYyq  
سۆز ئاخىرى h}`<pq  
      ئالدىراش ۋاقىتلىرىم بولغاچقا ئاران مۇشۇنچىلىك يازالىدىم. بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئىلقۇت بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجانمۇ خېلى ئەتراپلىق توختالغان، ئۇ يازمىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار بولسا ئۇلىنىشىنى ئەۋەتىپ قويساڭلار. قالغان ئۇچۇرلارنى مەكتىپىڭىزدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن، بولۇپمۇ ياخشى ئوقۇغان، ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تارتىنماي سوراڭ. مۇمكىن بولسا، ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈڭ، سىز ئوقۇغان مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تېلىفۇن نومۇرىنى ئاسان تاپالايسىز. ئارزۇ تولدۇرۇشقا بېرىلگەن ۋاقىت خېلى كۆپكەن، ئېرىنمەي پايدىلىق ئۇچۇرلارنى كۆپرەك توپلاشقا تىرىشىڭ. *gT TI;:  
      ئەگەر بۇ تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار، دەپ قارىسىڭىز، بېسىپ چىقىرىپ ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىڭ. mU&J,C  
Vfw$>og!  
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 3-يىىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا كىچىككىنە ئۆتۈنۈشۈم بار:  d7G'+B1  
      ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم! ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسى كۆپ ئەجىر سىڭدۈردىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ ئەجرىڭىزنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايدۇ! سىزنىڭ ئۈچ يىللىق جاپالىق ئەمگىكىڭىز مىۋە بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزدىن ئاخىرقى پۇرسەتلەردە تېخىمۇ ئەستايىدىل، مېھرىبان بولۇشىڭىزنى، ئارزۇ تولدۇرىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشىڭىزنى كۈتمەكتە. بىزدە يىللاردىن  بېرى ئارزۇ تولدۇرۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنمىدى، مەكتەپلەر بۇ ئىشقا تازا دېگەندەك كۈچەپ كېتەلمىدى. بىزدە تېخى خەنزۇلاردىكىدەك ئاتا-ئانا بولغۇچى ئاتايىن بالىسى تاللىماقچى بولغان مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىدىغان، مەخسۇس ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان كىتابلارنى سېتىۋېلىپ مەكتەپ، كەسىپ تاللايدىغان ئىش يوق دېيەرلىك. شۇڭا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكىدەك مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، ھەممەيلەننى خوشال قىلىشى ئۈچۈن، ئارزۇ تولدۇرۇشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەستايىدىل مۇئامىلىدە ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىڭىز سىزگە «مۇئەللىم، پالانى مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى!» دېگىنى ھاردۇقىڭىزنىڭ چىققىنى، سىزنىڭ خوشاللىقىڭىز! U&eLj"XZ  
,vhR99g{  
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانمىلار: yWK[@;S]%  
985 قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر: l/I W"A  
http://edu.sina.com.cn/gaokao/2011-03-31/1549290785.shtml  
211 قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەر: l`u*,"$  
http://edu.sina.com.cn/gaokao/2011-03-31/1515290772.shtml 3~S~)quwP  
تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان مەكتەپلەر(كەسىپ تۈرلىرى بويىچە ئايرىم بېرىلگەن): http://edu.sina.com.cn/gaokao/2011-04-21/1550292842.shtml }ps6}_FE  
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس كەسىپ مۇندەرىجىسى(مۇشۇ يەردىكى خەنزۇچە ئىسمىغا ئاساسەن بەيدۇدىن كەسىپلەرنىڭ تەپسىلىي رەت تەرتىپىنى تاپالايسىز، XX专业排行): ;}PL/L$L6;  
http://www.eol.cn/html/g/benkezy.shtml#0702 lk'RW y"pw  
p*'?(o:=  
مەنبە: ئۆزۈم، ئىمكان 2-6-kS)c  
[ بۇ تېماImkanبا2011-06-12 12:39 PMقايتا تەھرىرلەش ]

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-12, 12:42
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
زۇلقەر مۇنبەر پۇلى +100 06-12 كۆپ رەھمەت !   نادىر تېما !!
matimatika مۇنبەر پۇلى +100 06-12 تەشەككۇر
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
anatil0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8851

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   423 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5741 (سوم)
 ياخشى باھا:   197 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   288  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4960
 سائەت
دەرىجىسى:
4960 سائەت 310 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

رەخمەت جۇمۇ دەل مۇشۇ ئادىرىسلار لازىمتى ماڭا !
ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!
kahrizat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36554

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   558 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2207 (سوم)
 ياخشى باھا:   -4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1369
 سائەت
دەرىجىسى:
1369 سائەت 151 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئالى مەكتەپ ئىمتاھانى بىر چوڭ ئىمتاھان ، لېكىن ئارزۇ تولدۇرۇش يەنە بىر چوڭ ئىتاھان
qukan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2196

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6578 (سوم)
 ياخشى باھا:   324 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 82
 سائەت
دەرىجىسى:
82 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-14
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

رھمەت سىزگە..............................
تىرىشقىن ئۇيغۇر................
narkos
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15720

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   505 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4520 (سوم)
 ياخشى باھا:   210 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   311  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4325
 سائەت
دەرىجىسى:
4325 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر. jefNiEE[  
كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ياخشى نۇمۇر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇ ئارزۇ تولدۇرۇشقا كەلگەندە بىپەرۋالىق قىلىپ قۇيۇپ ئۆزىنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا يىتەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت... :YqQlr\  
شۇنىڭ ئۈچۈن ئارزۇ تولدۇرغاندا چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزىگە ماس كەلگەن ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپلەرنى تاللىشى كېرەك.
قايغۇرما، ئاللاھ بىر ئىشىكنى تاقىسا مىڭ ئىشىكنى ساڭا ئوچۇق قويغان بولىدۇ !!!
Diwana
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3440

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   29 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5342 (سوم)
 ياخشى باھا:   188 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 41
 سائەت
دەرىجىسى:
41 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئىچكىردە ئوقۇسىڭىز پۇلدىن غەم يىمەيسىز دىگەن بىكار گەپ ئاۋۇ شىنجاڭدىن بىرىدىغان پۇل بىزدە 500،1000،1500بويىنچە بىېرىلەتتى ئەمما بۇ قېتىم بىرەر پەن ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىگەن ، ياكى بىرەر سائەت دەرسكە كىچىككەننى باھانە قىلىپ 100دىن ئارتۇق بالىدىن پۇل ئالغانلار 10غا يەتمەيدۇ، بىز ھۆججەتنى كۆرگەندە شىنجاڭدىن بىزنىڭ مەكتەپكە جەمىئي 280مىڭ يۈەن پۇل بېرىپتىكەن ، بىراق بىزگە تارقاتقىنىنى يىغىپ كەلسەك ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 20مىڭغا يەتمەيدۇ ، قالغان پۇل نەگە كەتتى دەپ سورىساق ئېنىق جاۋاب يوق. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن ئېنگىلىستىلى ئوقۇپ باقمىغان بىراق بىزنىڭ ئىنتاھانىمىز 9يىل ئىنگىلىزتىلى ئوقۇغان خەنزۇلار بىلەن بىر تۇتاش ئېلىنغاچقا بۇنىڭدىن ئۆتەلمەيدىغانلار كۆپ، بۇنىغۇ بوپتۇ دەيلى لىكىن ماۋۇ ئەدەبىيات ئىنتاھاندىكى بەزى خەتلەرنى بۇرۇنقى زاماننىڭ كىنولىرىدا كۆرەتتۇق ،يەنە خەنزۇچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدىغان نەرسىلەر بار ، بۇ ئىنتاھانمۇ ئاشۇ خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش ئېلىنىدۇ ، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ پۇلنى بەرمەسلىككە باھانىسى تولا
UYGHURAAA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3750

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   954 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12000 (سوم)
 ياخشى باھا:   419 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   392  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 238
 سائەت
دەرىجىسى:
238 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-11
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

باشقۇرغۇچىلار مەزكۈر تىمىنى ئىلگىرلىتىپ قويۇڭلار، رەھمەت.
ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۈگىنىش كېرەك.

ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
Imkan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.23490

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3955 (سوم)
 ياخشى باھا:   170 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   367  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 443
 سائەت
دەرىجىسى:
443 سائەت 97 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئىشلىتىش
ئىشلىتىدىغان قەۋەت5قەۋەتDiwanaبىلەن2011-06-12 01:39 PMيوللانغان : ,\NFt`]j  
ئىچكىردە ئوقۇسىڭىز پۇلدىن غەم يىمەيسىز دىگەن بىكار گەپ ئاۋۇ شىنجاڭدىن بىرىدىغان پۇل بىزدە 500،1000،1500بويىنچە بىېرىلەتتى ئەمما بۇ قېتىم بىرەر پەن ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىگەن ، ياكى بىرەر سائەت دەرسكە كىچىككەننى باھانە قىلىپ 100دىن ئارتۇق بالىدىن پۇل ئالغانلار 10غا يەتمەيدۇ، بىز ھۆججەتنى كۆرگەندە شىنجاڭدىن بىزنىڭ مەكتەپكە جەمىئي 280مىڭ يۈەن پۇل بېرىپتىكەن ، بىراق بىزگە تارقاتقىنىنى يىغىپ كەلسەك ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 20مىڭغا يەتمەيدۇ ، قالغان پۇل نەگە كەتتى دەپ سورىساق ئېنىق جاۋاب يوق. ئارىمىزدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەزەلدىن ئېنگىلىستىلى ئوقۇپ باقمىغان بىراق بىزنىڭ ئىنتاھانىمىز 9يىل ئىنگىلىزتىلى ئوقۇغان خەنزۇلار بىلەن بىر تۇتاش ئېلىنغاچقا بۇنىڭدىن ئۆتەلمەيدىغانلار كۆپ، بۇنىغۇ بوپتۇ دەيلى لىكىن ماۋۇ ئەدەبىيات ئىنتاھاندىكى بەزى خەتلەرنى بۇرۇنقى زاماننىڭ كىنولىرىدا كۆرەتتۇق ،يەنە خەنزۇچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدىغان نەرسىلەر بار ، بۇ ئىنتاھانمۇ ئاشۇ خەنزۇلار بىلەن ئوخشاش ئېلىنىدۇ ، ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ بۇ پۇلنى بەرمەسلىككە باھانىسى تولا KEWTBBg  
G37U6PuZi  
سىلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۈزۈك ئوقۇمىدىڭلارمۇ قانداق؟ ھازىرغىچە ئېنگلىزتىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغانلار كۆپ، دەيسز، ھەيران قالدىم! ئۇنداقتا سىلەرنىڭ مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرىدا ئېنگلىزتىلى ئۆگەنمىگەن، لېكىن ئىككى يىل تەييارلىقتا تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن ئېنگلىزتىلىدا ئازراقمۇ قىينالمىغان، ھەتتا مەكتەپتىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابقىلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، يەنە شۇ ئېنگلىزتىلىدىكى قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىچكىرىدىن خىزمەت تاپقان، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىدىن بىرسىمۇ يوق ئوخشىمامدۇ؟!...  قارىغاندا ئىككى يىللىق تەييارلىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوخشايسىلەر، كىم سىلەرنى ئەزەلدىن ئېنگلىزتىلى ئوقۇپ باقمىغان دەيدۇ؟ ئاشۇ ئالتۇندەك ئىككى يىل ۋاقىتتا ئېنگلىزتىلى ئۆگەنمەي نىمە ئىش قىلدىڭلار؟! ... مەسىلە ئۆزەڭلاردىكەن، تىرىشىپ ئوقۇپ مەكتەپتە ئىناۋىتىڭلارنى يۇقىرى كۆتەرسەڭلار، نۇرغۇن ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.  «بىرەر پەندىن ئۆتەلمىگەنگە پۇلىمىزنى كەم بەردى» دېگۈچە ھەممە پەندىن ئۆتۈپ تۇرۇپ پۇلۇڭلارنى تولۇقى بىلەن ئېلىڭلار.  بەزى مەكتەپلەردە شىنجاڭ ياردەم پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىلىگىلا بېرىدىكەن، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرى تەڭ نىسبەتتە بۆلىشىۋالىدىكەن، ئەلۋەتتە، سانىمۇ خېلى كۆپ، 1000 يۈئەندىن ئاشىدىغۇ دەيمەن.
蓝狼331
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3371

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   275 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   124 (سوم)
 ياخشى باھا:   251 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   327  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1456
 سائەت
دەرىجىسى:
1456 سائەت 64 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-05
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

رەھمەت سىزگە.   بىر ياخشى تېما تېپىۋالدىم دېسە ،   ئىزدەپ يۈرەتتىم .  
ھۇرۇنلۇق ئادەمنى باشلار زاۋاللىققا.......
TATLIHIM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.479

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1173 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2899 (سوم)
 ياخشى باھا:   248 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   302  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2022
 سائەت
دەرىجىسى:
2022 سائەت 68 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-23
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

yahxi yollapsiz buni bu yil ali maktapka intahan bargan tukkanlirimha wa inimha wa dostlirimha yollap0 barsam bolhudak rahmat sizga !
مۇھەببەتنى خارلىما ئىنسان !
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   88 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   294 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 813
 سائەت
دەرىجىسى:
813 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ئىچكىرىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر(مەسىلەن: 华中农业大学)نىڭ باغۋەنچىلىك كەسپلىرىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇش ۋە چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىش پۇرسىتى قانداقراقتۇ؟ RHmgD;7`  
http://edu.sina.com.cn/gaokao/2011-06-08/0233299515.shtml  دىن قارىسامغۇ دەرىجىسىمۇ خىلى يۇقۇرى مەكتەپتەك قىلىدۇ. `b Fff %_  
2011农林类大学排行 7op`s5i  
排名 大学名称 综合得分 声誉得分 wP6 Fl L  
1 中国农业大学 59 74.5 Wi*.TWz3  
2 华中农业大学 45 58.7 S]bmS6#  

بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url]
Desni
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1179 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   576 (سوم)
 ياخشى باھا:   516 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   18  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 895
 سائەت
دەرىجىسى:
895 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

مەنچە بولسا يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئىچىدە ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ.بۇ يىل ئىمتىھان بەرگەن بالىلارنىڭ سانىنى 12000000 دەپ پەرەز قىلساق قۇبۇل قىلىنىش نىسبىتى 50% بولدى دىسەكمۇ،6000000 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ دېگەن گەپ.مۇشۇ 6000000 بالىنىڭ ھەممىسىگە خىزمەت تېپىپ بېرەرمۇ؟!بەلكىم بەزىلەر خىزمەت ئۈچۈن ئوقۇماسلىقى مۇمكىن.لېكىن ئالىي مەكتەپنى ئوقۇيدىغان كۆپىنچىسىنىڭ ئارزۇسى بىر خىزمەتكە ئېرىشىش.لېكىن شۇنچىلىك بالىنىڭ ھەممىسىگە خىزمەت چىقىشىغا ئىشەنمەيمەن.
مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن؟!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى