«ئۇقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان 10 رومان»نى باھالاش پائالىيىتىدىن ئويلىغانلىرىم !DeU8.% 90-يىللاردا «تەڭرىتاغ » ژۇرنىلى «كىتابخانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان يازغۇچى» لارنى باھالاش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغانىدى. بىز بۇنى كۆرۈپ قىزغىنلىق بىلەن قاتناشتۇق، ئۇچاغلاردا كومپيۇتېر ۋە تور دېگەنلەر بولمىغاچقا، بىز ئاتايىن پوچتىخانىغا بېرىپ، ئۈزىمىز ياقتۇرىدىغان يازغۇچىلارغا تاشلايدىغان بىلەتنى پوچتىدىن ئىۋەتكەن ۋە نەتىجىسىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەنىدۇق، كېيىن يازغۇچى زوردىن سابىر، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىقلار باھالانغانىدى. بۇئىش شۇ چاغلاردا ئارىمىزدا خېلى زور ئىجابى تەسىر قوزغىغانىدى. كېيىن مۇنداق پائالىيەتلەر ئۇنتۇلۇپ قالدى.
-3C$br يېقىندا « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» تەرىپىدىن « ئۇقۇرمەنلەر ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان 10 رومان» نى باھالاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى. ھازىر توربولغاندىكىن، بۇپائالىيەتكە قاتنىشىش شۇنداق قۇلاي بولدىكى، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا بېلەت تاشلىدۇق. بۇپائالىيەت بىزنى يەنە بىرقېتىم خوش قىلغان پائالىيەت بولدى، مەن توردىن بۇپائالىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى كېتىپ بېرىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن، گەرچە بۇپائالىيەت 7-ئايدا ئاخىرلاشسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى بېلەت تاشلاش ئەھۋالىدىن تۇرۇپلا مۇنداق بىرنەچچە تۈرلۈك ھاسىلاتقا ئىگە بولدۇم. بەلكى سىزمۇ قىزىققانسىز ۋە تەھلىل يۈرگۈزگەنسىز، ئۇنداقتا ئورتاقلىشىپ باقمايمىزمۇ ؟
X($@E!| بىرىنچى: داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئالدىنقى قاتارداتۇرغان. مەسلەن زوردۇن سابىر، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر، مەمتىمىن ھۇشۇر، ياسىنجان سادىق، ئابدۇللاتالىپ قاتارلىقلار. كىتاپخانلار ئۆزلىرىنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان ۋە كىشىگە ھەقىقى ئىستىتىك زوق بەخىش ئەتكۈچى يازغۇچىلارغا قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن بەرگەنلىكى كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ. s4>xh=PoJ
ئىككىنجى: تارىخى رۇمانلارئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئىرىشكەن. مەسلەن: «ئاناريۇرۇت» « ئىز» « ئويغانغان زىمىن» « باھادىرنامە» « جاللات خېنىم» « قۇم باسقان شەھەر» « چالاتەگكەن ئوق » «مەخمۇت قەشقەرى» قاتارلىقلار. تارىخ بىرئەينەك، بۇ ئەينەكتىن سەن ئۆتمۈشنى كۆرىسەن، كەلگۈسىگە باقىسەن. تارىخ يەنە ساڭا غۇرۇر ۋە ئىپتىخارلىق بەخىش ئىتەلەيدۇ، ساۋاق ۋە ئىستىقبال كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ. تارىخى رۇمانلارنىڭ كىتاپخانلار ئىچىدىكى مۇنداق ئالاھىدە ئۇرۇنغا ئىگە بۇلىشى، نۇقۇل ھالدا بۇكىتاپلارنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ داڭلىق يازغۇچى بولغانلىقىدىلا بولماستىن، بەلكى يەنە كىتاپخانلارنىڭ تارىخى بىلىملەرگە بولغان ئالاھىدە ئىھتىياجى ۋە تەقەززاسىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇپائالىيەتتە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى تارىخقا، بۇلۇپمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىغا ھەقىقى كۈڭۈل بۆلىدىغان، تارىخىنى ئۆگىنىش، تارىخىنى بىلىش ۋە تارىخىنى ھۆرمەت قىلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلىغان. تارىخ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ تارىخىمىز تېخىمۇ شۇنداق. ئۆزتارىخىنى بىلمەسلىك تولىمۇ بىچارىلىقتۇر. بۇمۇ تارىخى ئەسەرلەرنىڭ يۈكسەك قارشى ئېلىشقا ئىرىششتىكى مۇھىم سەۋەپ بولسا كېرەك. %`:+A?zL
ئۈچۈنجى: ۋاپات بولغان پىشقەدەملەرنى ھەرۋاقىت سېغىنىش، يادئىتىش ۋە ئۇلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەت ئۆزئىپادىسىنى تاپقان. پەخىرلىك يازغۇچى زوردۇن سابىر، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر، تۇردى سامساق قاتارلىق ئۇستاز يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئالاھىدە باھاسىغا ئىرىشكەن. بۇئارقىلىق ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ ساپ قەلبى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئىتىپاق،ئىناق تەبىئىتى، پىشقەدەملەرنى ھۆرمەتلەشتەك ئىسل ئەنئەنىسى تۇلۇق نامايەن قىلىنغان. بۇئارقلىق كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بۇ پىشقەدەملەرنى تۇنۇتۇش، ئۇلارنىڭ ئىزىدىن بېسىش چاقىرىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. Fprhu;h
تۆتىنجى: ياش بۇغۇنلارنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلارغا ئىلھام بىرىشتەك خىسلەت ئىپادىسىنى تاپقان. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىز يېڭى بىردەۋىرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، زوردۇن سابىر، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق پىشۋالارنىڭ بىر-بىرلەپ ئارىمىزدىن كىتىشى، يەنەبىرتۈركۈم پىشقەدەملەرنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىپ قېلىشى بىلەن، بىزدە شۇنداق ھەممە كىشىنىڭ بىردەك ئىتىراپ قىلىشى ۋە يۈكسەك ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدىغان يازغۇچىلارنىڭ تىزدىن يىتىشىپ چىقىش تەقەززاسى كۈنسىرى گەۋدىلەنمەكتە، بۇلۇپمۇ زوردۇن سابىر، رۇزى سايىتلارنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ئارىمىزدا يەنەشۇنداق بىر يازغۇچى-شائىرلار چىقارمۇ؟ دېگەندەك گەپلەر بۇلۇنغانىدى. شۇندىن بىرى ئەخەت تۇردى قاتارلىق يازغۇچىلىرىمزدىن كىيىن ئۈزۈكچىلىك بۇلارمۇ؟ دېگەن ئەندىشىلەر پەيدا بولماقتا،. مۇشۇنداق شارائىتتا بىرتۈركۈم ياش بۇغۇنلار ئۆزئىقتىدارى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەدەبىيات سىپىمىزدە يېڭى چولپان بۇلۇپ چاقناشقا باشلىدى. ئەختەم ئۈمەر، ياسىنجان سادىق قاتارلىق بىرتۈركۈم ياش ئەدىپلەر بۇخىل ئەندىشىگە جاۋاپ بەرمەكچى بۇلىۋاتقاندەك قىلاتتى. پائالىيەتتە ئەنە شۇ ياش بۇغۇنلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدە نەتىجىگە ئىرشكەنلىكى پائالىيەتنىڭ يەنەبىر ئالاھىدىكى . }fz;La:b
بەشىنجى: بۇقېتىملىق پائالىيەت يازغۇچىلىرىمىزگە قانداق ئەسەرلەر كىتاپخاننىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغان كىتابى بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ، يازغۇچىلىرىمىزمۇ شۇنىشانغا ئاساسەن كىيىنكى ئىجادىيەت يۈنۈلىشىنى بەلگىلىشىگە يارىدىمۇ بۇلار، دەپ قارايمەن. بۇيەردە يەنىلا تارىخى رۇمانلارنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، كىتاپخانلار نېمە ئۈچۈن تارىخى رۇمانلارغا بەك قىزىقىدۇ ۋە قەلپ تۆرىدىن ئۇرۇن بىرىدۇ؟ بۇ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزغا تىگىشلىك ۋە ئەرزىيدىغان مەسلە. مەسلەن، تارىخى تېمىدىكى ئەسلىمىلەردىن « ماناس دەرياسىدىن قايتىش» « مەن كەچكەن كېچىكلەر» قاتارلىق كىتاپلارنىڭ بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك بولدى. « ماناس دەرياسىدىن قايتىش» نامىلىق كىتاپ ئون يىلدىن بىرى ئوتتۇرچە ھەريىلى بىرقېتىمدىن نەشىر قىلىنسىمۇ يەنە ئىھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، « مەن كەچكەن كېچىكلەر» نامىلىق كىتاپ 2010-يىلى 8-ئايدا نەشىردىن چىقتى ئەمما بۇيىل بۇكىتاپ تاپقىلى بولمايدىغان كىتاپ بۇلۇپ قالدى، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇيىل بۇكىتاپنىڭ يەنە ئىككىنجى نەشىرى چىقىدىكەن. 5va ;Ol4 بۇپالىيەت ئارقىلىق مەن يەنە مۇنداق ئەھۋاللارنىمۇ ئازراق ھېسقىلدىم SMh[7lU` بىرىنجى: بىزدىكى ئايال يازغۇچىلارنىڭ رۇمانلىرى كۈرۈنەرلىك نەتىجىگە ئىرىشەلمىگەن. دېمەك ئايال ئەدىپلەر قۇشۇنىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئەدەبىياتىمىزنىڭ يەنەبىر مۇھىم ۋەزىپىسىمۇ قانداق؟ خالىدە ئىسرائىل ۋەكىللىكىدىكى ئايال ئەدىپلەر ياخشى ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئايال ئەدىپ قۇشۇنىنى باشلاپ ماڭغانىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرسۇنگۈل تۇردى، ئالتۇنگۈل رەجەپ قاتارلىق ياشلار كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىدى. ئەمما بۇقېتىمقى پائالىيەتتە بۇ قۇشۇننىڭ مەنزىلىنىڭ تېخى ئۇزاق ۋە مۈشكۈل ئىكەنلىكى كۈرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
YCNpJGM ئىككىنجى: تارىخى رومانلاردىن باشقا تىمىدىكى ئەسەرلەر نېمە ئۈچۈن كىتاپخانلارنى لەرزىگە سالالمىدى؟ ئاي يامغۇرى، سەرسان روھ، لېيىغان بۇلاق، ناتىۋانلار قاتارلىق ياخشى رۇمانلار ئويلىمىغان يەردىن ئالاھىدە نەتىجىگە ئىرىشەلمەسلىكىدىكى سەۋەپ نەدە؟ يازغۇچىلار بۇنوقتىنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىمدۇ قانداق، دەپ ئويلايمەن.
|C;*GeyS;J ئۈچۈنجى: بالىلار ئەدەبىياتى بىزدىكى ھەقىقى بوشلۇق. «كىرورەنلىك بالىلار» رومانىنىڭ بۇقېتىمقى پائالىيەتتە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىنى ياخشى ئەھۋال، ئەممامۇشۇ روماندىن باشقا يەنە بالىلارغا سوۋغاتلار بارمۇ؟ دېمەك بىزدە بالىلار ئەدەبىياتى راستىنلا بىر بوشلۇق، بۇنى چۇقۇم ئىتىراپ قىلىشمىزكېرەك. بۇجەھەتتە توختاش بەكرى قاتارلىق ھۆرمەتلىك ئەدىپلەر ئۆزتۆھپىسىنى قوشقانىدى، ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ ئىزىنى قانداق باسىمىز؟ بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى رىئال مەسىلە.
^v@&
q تۆتىنجى: « تۇلپار»« خاڭتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈرىدىكى مۇكاپاتلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشتى. ئەمما بۈگۈنكى بۇمۇرەككەپ ئىجتىمائى جەمىيەت ئاستىدا، ماددى رىغبەتلەندۈرۈشمۇ مۇھىم، يۇقارقى مۇكاپاتلار ئاران نەچچەمىڭ يۈەن خالاس. نۇپۇسىمىزنىڭ ئاز بۇلىشى تۈپەيلى بىزدىكى رومانلارنىڭ تىراژى 3000 ئەتىراپىدا بولدى، شۇڭا قەلەم ھەققى ئاز، يالغۇز يېزىقچىلىق بىلەنلا تۇرمۇش قامداش تەس بۇلۇش تۈپەيلى، يېزىقچىلىقنى ئىشتىن سىرىت ئېلىپ بېرىشقاتوغراكىلىدۇ. بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىغا پايدىسىز. خەنزۇچە رۇمانلارنىڭ تىراژى 200مىڭدىن ئېشىۋاتىدۇ، خەنزۇ ئەدىپلەر ياخشى روماندىن ئىككى- ئۈچنى نەشىرقىلدۇرسا، بايلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، خىزمىتىدىن ئىستىپابىرىپ، دېڭىز بۇيىدىن داچا سېتىۋېلىپ، كەسپى يازغۇچى بولدى. بۇيەردە بەزىلەر « پۇلنى دەپ يازمايمىز، پۇلنى دەپلا يازغان بولساق قەلەمنى تاشلىۋەتكەن بۇلارئىدۇق» دىيشى مۇمكىن، شۇنداق، بىزدىكى يۇقارقى يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەر ئىقتىسادى مەنپەتنى كۆزلىمىگەنلەر،بۇ ئۇلارنىڭ ئىسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە ھەممىزنىڭ ئۈگۈنۈشىگە ئەرزىيدۇ. ئەمما ناۋادا يېزىقچىلىق بىلەنلا باي بۇلىدىغان بولساق، بۇ يەنە مەلۇم جەھەتتىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەتتى-دە. 90- يىللاردا زوردۇن سابىر ئەپەندى« شۇنداق بىر فوندى قۇرۇلسا، ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان بىرنەچچە ئەدىپكە بىرىلسە، شۇئارقىلىق، ئۇلارنى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈن بۇيى پالاقشىپ يۈرمەستىن، پۈتۈن زېھنىنى يېزىقچىلىققىلا قاراتسا، بىزدە ئىسىل ئەسەرلەر بارىققا كەلسە...» دەپ ئۆز ئارزۇسىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى، بۇمۇ يەنە يۇقارقى رېئال ئەھۋالنى دەلىللەپ بىرەلەيدۇ. « ئالاھىدە قەلەم ھەققى» « ئەدىپلەر فوندى» قاتارلىقلار بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزگە تەقەززار خىزمەتلەر دەپ ئويلايمەن. شۇنداق ئىشلار بولسا-ھە !
L@6T~ ئومۇمەن، ئۇيغۇر كىتاپخانلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئەقىل كۈزى ئارقىلىق بۇقېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغانىدى، خۇددى ھەممەيلەن دىيىشىۋالغاندەكلا، بىلەت تاشلاش جەريانىدا يۇقارقى تۆت تۈرلۈك ئالاھىدىلىك نامايەن قىلىنغان ئىدى. بۇ يەنە ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچان، قىزغىن، ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشتەك خىسلەتلىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى.
Q?W}]RW يۇقارقىلار پەقەت ئۈزۈمنىڭ دەسلەپكى قارىشىم خالاس، خاتاكەتكەن تەرەپلىرىنى دوستلار ئىلمى ۋە دوستانە تۈزەتسە دېگەن ئۈمۈتتە مەن. ئاخىردابارىلىق يازغۇچى- ئەدىپلەرنىڭ سالامەت ۋەئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن.
-44''w?z نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت قىزغىن داۋام قىلماقتا، نەتىجىسى چۇقۇم بىزنى ھاياجانغا سالغۇسى.
%ck/ Z h-[FUPfuw مەنبە: ئۈزۈم
JV9Ft,xk $9O%,U@ @60/IE{-v « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» دىكى بۇ پائالىيەتنىڭ ھازىرغىچە بولغان بىلەت تاشلاش نەتىجە جەدىۋىلى.
kc70HrG 1.ئانا يۇرت (180بېلەت)
UI.>BZ6} (10.32%)
4
g^oy^~ 2.ئويغانغان زىمىن (165بېلەت)
~eHu+pv (9.461%)
}F4
3.جاللات خېنىم (139بېلەت)
6@o *"4~Q (7.970%)
Acib
4.ئىزدىنىش (86بېلەت) 4Fpu68y
(4.931%) ThSB\
5.كىرورانلىق بالىلار (70بېلەت) YX:[],FP
(4.013%) B7!dp`rPp
6.باھادىرنامە (125بېلەت) Sx3R2-!Z
(7.167%) 3A.T_mGCs
7.ئۆلىۋېلىش سەنئىتى (54بېلەت) 4w5mn6 MxR
(3.096%) R
s)Nz< d
8.يېگانە ئارال (70بېلەت) ]#VNZ#("
(4.013%) 52JtEt7E
9. سۇتۇق بۇغراخان (46بېلەت) &.}Zj*BD
(2.637%) EFb"{L
10. قۇم باسقان شەھەر (161بېلەت) 0'9zXJ"
(9.231%) P@z,[,sy"$
11.مەھمۇد قەشقىرى (61بېلەت) RIO4`,
(3.497%) ,[{)4J$MV
12.ئىز (126بېلەت) )6
_+
(7.224%) l6lyRJ
13.قاينام ئۆركىشى (32بېلەت) BcvCm+.S:
(1.834%) igD,|YSK`z
14.ئەنجانباي (24بېلەت) |4@su"OA
(1.376%) >$yqx1=jW
15.ئورخۇن شەجەرىسى (21بېلەت) hi30|^l-
(1.204%) #&cNR_"w
16.باياۋاندىكى گۈلخان (16بېلەت) s
@ ~Y
!A
(0.917%) j}CZ*
17. باياۋاننىڭ سىرى (20بېلەت) h8Bs=T
(1.146%) x]Nk T
18.ئىلى دولقۇنلىرى (29بېلەت) 6jKZ.S+
s)
(1.662%) v{Rj,O
u
19.سەرسان روھ (24بېلەت) /@<&{_sybp
(1.376%) XPhC*r
20. ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر (32بېلەت) 02lI-xHe
(1.834%) DO #!ce
21.چالا تەككەن ئوق (66بېلەت) DaV:Slp9
(3.784%) ^11y8[[
22.داغ (23بېلەت) +ti_?gfx
(1.318%) _%xe:X+ M
23.بالدۇر ئويغانغان ئادەم (32بېلەت) :/c40:[
(1.834%) OM]d}}=Y
24.ناتىۋانلار (18بېلەت) %[<@$qP
(1.032%) [O"9OW'2!B
25.ئاي يامغۇرى (14بېلەت) y h
(0.802%) b"lzR[X,e
26.ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە (29بېلەت) XYi-o][Mf
(1.662%) \F$V m'f_
27.ھايات سىرى (13بېلەت) LFzL{rny!U
(0.745%) K}vP0O}
28.بەخىتسىز سەئىدىيە (14بېلەت) fEdp^oVg
(0.802%) {Dc{e5K
29.بۆرە ئانا (34بېلەت) hU3!
(1.949%) /IO
30.باتۇر تەڭرىقۇت (20بېلەت)
{"RUiL^
(1.146%) MO_-7,.y
!-cO0c!
BF="gZoU<
[ بۇ تېماalafasyبا2011-06-10 09:24 PMقايتا تەھرىرلەش ]