ئۈرۈمچىدە ياشاش
B=>RH!& 4l!@=qwn ئۈرۈمچىدە ياشاپ كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىنى توردىنلا كۆرۈپ ئاجايىپ قالايمىقان، بۇزۇقچىلىق بىر مۇھىت كۆز ئالدىمغا كىلەتتى، مانا ئۈرۈمچىگە كەلگىنىمگىمۇ ئىككى ئايدىن ئاشتى، پىسە پىسىنى قاراڭغۇ كىچىدە تونۇيدۇ دىگەن گەپ راستمۇ ياكى مەن پىسە ئەمەسمۇ بىلمىدىم، دۇرۇس ياشاش، ھالال تىرىكچىلىك قىلىشتىن باشقا ئىشلار ماڭا يولۇقۇپ باقمىدى، ( خۇداغا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇن ) كۈنلىرىم مەدىكار ئىشلەش ۋە ئائىلە بالايۇ ۋاقىلىرىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىش بىلەن ئالدىرش ئۆتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئويلىغان، كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. دەسلەپتە جاھاندا نەگە بارساڭ قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دىگەن بىر كۆز قاراش بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىشتىن، توغرىسى ناتونۇش بىر مۇھىت ئىچىدە ياشاشتىن قورقۇش تۇيغۇسى بىلەن بىر نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئىدىم، خۇدا ئاسان قىلغان ئىش دىگەن باشقىچە بولىدىكەن، ئۆزەم كىلىپ بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئايالىم ۋە قىزىمنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كىلىۋالدىم، ئۆي ئىجارە ئىلىپ بىر ئوبدان ياشاپ كىتىۋاتىمىز. لىكىن، بۇ شەھەردە ياشاشقا كۆنۈش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئۈگىنىش دەۋرى بولىدىغانلىقىنى بۇرۇن ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. يۇرتتا بىر يۈەن پۇلنى ياراتماي بالىلارغا تاشلاپلا بىرەتتىم، بۇ شەھەرگە كىلىپ قىزىم موچەن پۇلنىڭ قانداق كۈچى بارلىقىنى چۈشىنىپ كەتتى. يۇرتتا ئىش \قىلسام قىلمىسام كۈنۈم بەگ بالىسىدەك ئۆتۈپ كىتەتتى، بۇ يەرگە كىلىپ بىر سائەت ۋاقىتنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى مەنمۇ چۈشىنىپ كەتتىم، بۇرۇنلاردا جاپا تارتساممۇ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدىغان خوتۇن بۇ يەرگە كىلىپ بىر ئورۇندا ئىككى كۈن ئىشلەپ بىقىپلا مىنىڭ قانچىلىك جاپا مۇشەققەت تارتىۋاتقانلىقىمنى چۈشىنىپ كەتتى، ھازىر شۇنداق رايىش بىچارە خوتۇن.
Z4A!U~ بىر مىنۇتنىمۇ چىڭ تۇتۇپ تىرىشمىسا قورساق ئاچ قالىدىغان بۇ شەھەردە ياشىماق مەندەك جەنۇپتا ئەركىن ئازادە، بەگ بالىسىدەك ياشاپ ئۆتكەن ئاقنانچىغا خىلى ئىغىر كەلگەن بولسىمۇ تۇرمۇش بىسىمى، تەلمۈرۈپ تۇرغان خوتۇن بالىلارنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرى ئەرلىك مەسئۇلىيىتىمنى يىڭىباشتىن ئەسلىتىپ، ئۆمرۈمدە قىلىپ قىلىپ كۆرمىگەن ئىغىر ئىشلارنىمۇ يەتكىچە قىلىپ كىتىۋاتىمەن، يەنىلا ئۈرۈمچىدە ياشاشنى ئۈگىنىش ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىۋاتىمەن، ئادەم بەك ئاقكۆڭۈل بولۇپ كەتسىمۇ بولمامدىكىن دەپ قالىمەن گاھىدا، بىراق خۇدايىم ساڭا بىرىۋەتكەن بۇ خاراكتىر بۇ مەئىشەتتىن قول ئۈزىمەن دەىپلا ئۈزەلمەيدىغان، بىر ئۆمۈر شۇنى ھەمراھ قىلىپلا ئۆتىدىغان ئىشكەن بۇ دۇنيادىن. خۇداغا شۈكرى، ئۆزەم قورقىدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى خۇدا ماڭا ئاسان قىلىپ بىرىپتۇ، نىمىنى مەقسەت قىلىپ ھىجرەت قىلسا خۇدا شۇ كىشىگە شۇ مەقسىدىنى ئاتا قىلىدىغانلىقى شۈبھىسىز ھەقىقەت، خۇدا ماڭا بىرىدۇ، دۇنيادا مىنى خار قىلمىغىنىغا ئوخشاش ئاخىرەتتىمۇ خار قىلمىغاي،
fwrJ!j ئۈرۈمچىدە ماڭا ئوخشاش مۇساپىر بولۇپ چىقىش يولى ئىزدەپ يۈرگەنلەر بەكمۇ كۆپ، ئۇلار رىغبەتكە، ئىلھامغا مۇھتاج، مەن ھەر ھالدا ياشقا چوڭىيىپ، جاھاننىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى ئانچە مۇنچە چۈشەنگۈدەك بولغان ئادەم، ياش، يىلىڭ بالىلار بەكمۇ كۆپ، ئۇلار مەن چۈشەنگەنچىلىك چۈشىنىپ، بۇ شەھەرنىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى بىلىپ بولغىچە ياخشى - يامان يوللاردا مىڭىپ قىلىپ ھاياتىنى خازان قىلىۋالىدىغان ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا مۇشۇ ئىككى ئاي جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئازغىنا تەجرىبە ساۋاقلىرىمنى ئاشۇ تورداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش، ئۇلارنىڭ ئالدىراقسانلىق قىلىپ خاتا يوللاردا مىڭىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بۇ تىمىنى يو0للاپ تۇرۇپتىمەن.
d"5oD@JG: بىرىنچى: چوقۇم بىر جايدا ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئىشلەش، بولمىسا يەنە بىر ئورۇنغا بىرىپ مائاش چىققۇچە يەتكۈدەك تۇرمۇش تەمىناتىغا ئىرىشىشنى خام خىيال قىلماڭ.
Sr&515 ئىككىنچى: ئۆز ئالدىغا بىر ئىش قىلىشقا ئالدىرىماسلىق، كەم دىگەندىمۇ تۆت پەسىلنى مۇشۇ شەھەردە ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئاندىن نىمە ئىش قىلىش كىرەكلىكىنى، ئىشنى قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى ئويلىشىش كىرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىشتىن ساقلىنىش كىرەك.
UOGuqV- بىلىشىڭىز كىرەككى، ئۈرۈمچى بىر ئالمىلىق باغقا ئوخشايدۇ، بىرى بىرىدىن چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، سەر خىلىنى، ئەڭ ؛ياخشىسىنى تاللايمەن دەيدىكەنسىز، چوقۇم ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىشىڭىز، بىر جايدا بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىدە ياشاشنى ئۈگىنىپ، ئاندىن بىر ئىش قىلىشنى ئويلىشىشىڭىز كىرەك.
qw7@(R'" قانچە ئىغىر بىسىق بولسىڭىز، كۈزىتىشكە قانچە ماھىر ەبولسىڭىز ئاندىن ئۈرۈمچىگە شۇنچە تىز ماسلىشىپ كىتەلەيسىزدە كۆزلىگەن مەقسەتلىرىڭىز تىزلا ھەل بولىدۇ، بۇنىڭدىن كىيىن ھىس قىلغانلىرىم ۋە ئۈگەنگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن داۋاملىق ئورتاقلىشىمەن. ۋە داۋاملىق ئۈرۈمچىدە ياشاش دىگەن تىمىنىڭ داۋامىدا يوللايمەن. خۇدا خالىسا مۇشۇ تىمام تاكى مەن مۇشۇ شەھەردا ياشاپ مىليۇنىر بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمەن ۋە مىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىمدىن پايدىلانغان، ئەگەشكەن تورداشلرىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ شاھىدى بولۇشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن، ھەممە تورداشلىرىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
z-@=+4~ B!dU>0&C
t 2011- يىلى 6- ئاينىڭ 9- كۈنى
`%E8-]{uS ,bM-I2BR باھادىرخان.
(]RM6i7 [ بۇ تېماHokبا2011-06-10 12:54 AMقايتا تەھرىرلەش ]