|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       796 
  •    ئىنكاس 
       30 

ئۆيگە قايتىش

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26927

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   81 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4604 (سوم)
 ياخشى باھا:   194 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   282  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 749
 سائەت
دەرىجىسى:
749 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
— تېما باشقۇرغۇچى hokumran تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-06-07) —

ئۆيگە قايتىش PIxjM>  
ياقۇپجان يۈسۈپ
dB7ZT0L\  
v2>Z^  
   بىر پارچە ھېكايە بىلەن ئۆزۈمگە شۇنچە كۆپ ئاۋارىچىلىق، شۇنچە كۆپ دەردىسەلەرنى ئارتىۋالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. خاپىلىقنىڭ دەردىدە بوغۇلۇپ قالغىلى تاسلا قالدىم. تاماكىنى ئۈزمەي چېكىپ ئاچچىقىمنى، چىڭقالغان، جىددىلەشكەن نېرۋىلىرىمنى بوشاتماقچى بولدۇم. تۆۋە بىر پارچە ھېكايە مېنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى-ھە؟ ئۆز ئايالىم چۈشەنمىگەن يەردە باشقىلاردىن ئۈمىد كۈتمىسەممۇ بولغىدەك. ئاشۇ كىچىككىنە بىر پارچە ھېكايە بىلەن بىر چىرايلىق ئائىلىمىز ۋەيران بولۇپ كېتەرمۇ؟ خەپ ھېكايە دېگەن نەرسىنى ئىككىنچى يازىدىغان بولسام... r6 }_H?j  
چوڭ كوچىنى بويلاپ كېتىۋاتىمەن. بۇ كېچىدە نەگە بېرىشنى نېمە قىلىشنىمۇ بىلمەيمەن. خۇددى ئائىلىسىدىن قوغلانغان يېتىم بالىدەك كۆڭلۈم يېرىم. بايا ئۆيدە بولغان ئىشلارنى ئويلىساملا بىسەرەمجان بولىمەن. ھەممە ئاچچىقىمنى تاماكىدىن ئالماقچى بولغاندەك ئۈزمەي تاماكا چېكىمەن. مەقسەتسىز، نىشانسىز ھالدا ئاۋات شەھەر كوچىسىغا قاراپ كېتىۋاتىمەن. خۇددى روھى چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھتەك ئۇيان لەيلەپ، بۇيان لەيلەپ كوچا دوقمۇشىدىكى كەچلىك بازارغا بېرىپ قاپتىمەن. ئەنە ئۇ يەرگە بىر توپ كىشىلەر توپلىشىۋاپتۇ. ئوتتۇرسىدا ئىككى ئادەم بىر بىرىگە ئاغزىنى بۇزۇپ شىردەك ھۆكۈرەشمەكتە. ھەيۋە قىلىشماقتا. بىرسىنىڭ قولىدا پالتا، بىرسىنىڭ قولىدا پىچاق. ]0-<>  
-نېمە ئىش بوپتۇ؟-سورىدىم توپنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەندىن. b#='^W3  
-نېمە ئىش بولاتتى؟ ئورۇن تالىشىۋاتىدۇ. ئا بىرسى كاۋاپچىكەن، بىرسى لەڭپۇڭچى. بىرسى مەن باشتا كەلگەن دەيدۇ. بىرسى بۇ ئورۇن ئەزەلدىن مېنىڭكى دەيدۇ، خۇددى بۇ يەرنى مولاپ ئالغاندەك. JC2*$qu J  
-سىلەرچۇ؟ تاماشە كۆرۈۋېتىپسىلەر-دە؟ pkk4h2Ah  
-بىكارلىق ئويۇنكەن، كۆرۈۋاتىمىز،-دېدى يەنە بىرەيلەن. o;J;k_[MX  
-شۇنداق، بىكارلىق زەھەر بولسا يەۋالىسىلەر. ئېسىت، ھالىغا بۇ خەقنىڭ، شۇنچە كۆپ ئادەم ئاشۇ ئىككى ئادەمنى چىرايلىق  ئايرىپ، ياراشتۇرۇپ قويۇشتا يوق، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئىتتەك تالاشقا سېلىپ، تاماشە كۆرىۋاتقىنىنى. ^P$7A]!  
-ئارىچىغا ئالتە تاياق دېگەن گەپنى ئاڭلىماپتىكەنسىز-دە؟ ئارىغا چۈشسىڭىز ھېلى پىچاق يەيسىز، بىكار. ?cK]C2Ak  
-بۇنداق ئادەملەرنى قانۇننىڭ بىر تەرەپ قىلغىنى ياخشى،-دېدى ئارىدىن يەنە بىرى. i}lRIXjdV  
ئاغزىڭدىن چىقتى، ياقاڭغا ياماشتى دېگەندەك قاياقتىن كەلدىكىن بىرقانچە ساقچى پەيدا بولدى. ئۇلار بىرلا ھەيۋە بىلەن توپلىشىۋالغانلارنى تارقىتىۋەتتى. ئاندىن ھېلىقى ئىككى «جىدەلچى»نى ماشىنىسىغا سېلىپ يۈرۈپ كەتتى. OZO b1D  
-ھەي ئېسىت! كەچلىك بازاردا تاپقىنىنىڭ تايىنى يوق، نەچچە كۈن قاماقتا يېتىپ، بىرمۇنچە پۇل تۆلەپ چىقىدىغان بولدى، بۇ بىچارىلەر،-دەپ غودۇرىدى بايىلا تېخى قانۇننىڭ گېپىنى قىلغان ھېلىقى ئادەم. xS+rHC  
نېمە دېگەن نادان، نېمە دېگەن ئىككى يۈزلىمىچى خەق ھە بىز. «بىز زادى نېمىنى تالىشىمىز؟ مۇشۇنداق تالىشىپ نېمىگە ئېرىشىمىز؟» دېگەننى ئويلاپ باقمايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەزەلدىنلا خەلق ئۆزلىرى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئادىمىگەرچىلىك پىرىنسىپلىرى بويىچە ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان كىچىككىنە ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەل قىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ئەكسىچە ئۇ بىرنېمە دەپ، بۇ بىرنېمە دەپ جىدەلنى ئاۋۇتۇپ، زىددىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بەردۇق. ئەمدى بولسا ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان، رەھىمدىل ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىماقچى بولىۋاتىمىز. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، كىشىلەر ئارىسىدا مېھىرى-مۇھەببەت، ئادىمىگەرچىلىك سۇسلۇشۇپ كەتتى. ھەتتا يېقىن قېرىنداشلار ئارا مەنپەئەت ئۈچۈن بىر- بىرىدىن كېچىشىدىغان، ئاتا-ئانىدىن ئادا-جۇدا بولىدىغان ، قەدىناس دوست-بۇرادەرلىرىگە قارا سانايدىغان ئەھۋاللارنىمۇ كۆرۈپ تۇردۇق. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىمىز ئەڭ مۇھىمى ئەقىدە-ئېتىقادىمىز ئۆزگەرمەكتە. مانا بۇ بىزدىكى ئەخلاق، ئېتىقاد كىرزىسى، مانا بۇ بىزدىكى پاجىئە. مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى مەن ئەمدى يازالمايمەن. مەندە يازغۇدەك جۈرئەتمۇ قالمىدى. يۈرەكمۇ يوق. چۈنكى بايىلا تېخى ھېكايە يازغىنىم ئۈچۈن ئايالىمدىن بۇرنۇمغا يېدىم. ئەمدى باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغۇدەك ماجالىم قالمىدى. u)~s4tP4  
چوڭ كوچا، پىيادىلەر يولى بىلەن خىيال دەرياسىغا غەرىق بولۇپ كېلىۋاتىمەن.  ئادەملەر شۇنچە كۆپ. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال، ھەر خىل مىللەتتىن، ھەر خىل كىشىلەر ھەر تەرەپكە قاراپ ئاقماقتا، ئالدىراشماقتا، دولقۇنلىماقتا، خۇددى دېڭىزدەك. تۇيۇقسىز بىر نەرسىنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قارىسام ئالدىمدىلا بىر ئادەم، ياق، بىر ئېشەك، چوڭلا بىر ئېشەك، ئادىمى ئېشەك يولنىڭ بويىدىلا تامغا قاراپ تەرەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. يا ئالدىمغا يا كەينىمگە مېڭىشنى بىلەلمىدىم. ئادەملەر ھېلىقى مەخلۇقتىن نىجاسەتتىن يىرگەنگەندەك يىرگىنىپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. بىرى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىسا، بىرى گېلىنى قېرىپ، تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەنە ئۇ مەستلىكتىن سېزىمىنى يوقاتقان تېنىنى ئارانلا سۆرىگىنىچە دەلدەڭشىپ كېتىۋاتىدۇ. *eGM7o*\X  
خالى دەيدۇ... خالى دەيدۇ... CDCC1BG"  
يارىم...نىڭ خالى... z< 
  ئېيتسام...ئېيتسام... تۈگىمەيدۇ. . \F7tc8?  
يارىمنىڭ...ھالى... L|\Diap  
-خېنىم... كۆڭۈل ئاچامدۇق؟-ھېلىقى ھايۋان يولدا كېتىۋاتقان چىرايلىق بىر چوكانغا كاپپىدە ئېسىلدى.  `{}@@]  
-ئاناڭ بىلەن كۆڭۈل ئاچ، ۋۇ ھايۋان!-«چاڭ»ڭىدە تەگكەن بىر تەستەك بىلەن ھېلىقى ئىت كۆكەرتىش بەلۋېغىدىكى چىملىققا يۇمۇلاپ كەتتى. ئۇ شۇ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى.         كونىلار:« ئادىمىيلىك بىلەن ھايۋانىيلىقنىڭ ئارىسى بىر قەدەم» دەپتىكەن. ئادەم مۇشۇنداق ئار-نومۇسنى، ئەرلىك غورۇرىنى، ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى يوقاتقاندا ھايۋاندىنمۇ پەس ئەھۋالغا چۈشۈپ قالسا كېرەك. ئىتنىڭ قاياشى ئىت دېگەندەك قاياقتىندۇر يېتىپ كەلگەن بىر لالما ئىت ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا قارىدىم. خېلى كېلىشكەن، ياشلا يىگىتتەك قىلاتتى. كىيىم-كېچەكلىرى لايغا بۇلانغان، تېنىدىن بىر خىل سېسىقچىلىق پۇراپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ دۇنيادا نوقسانسىز ئادەم بولمىسا كېرەك. ئۇنى مازاق قىلىدىغان، ئۇنى پەس كۆرىدىغانغا سالاھىيىتىممۇ يوق. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاشلا خۇدانىڭ بەندىسى. يەنە كېلىپ ئۇمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ۋىجدانىم چىدىمىدى. ھەم ئۇنىڭ چوڭ كوچىدا مۇشۇنداق يېتىشى ھەممىمىز ئۈچۈن سەت دەپ ئويلىدىم. =x H~ww (D  
-ھەي، ئۇكاموي، قوپە ئورنۇڭدىن،-ئۇنىڭ بەدىنى خۇددى ئۆلۈكتەكلا ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. بويۇنلىرىدىن تارتقۇشلاپ مىڭ تەستە ئولتۇرغۇزدۇم. 7>,rvW:]  
-ھەي ئۇكام، ماڭا قارا، ماڭا،-ئۇ مەستلىكتىن كۆزىنى ئاچالمايۋاتاتتى. ئېڭەكلىرىگە شاپىلاقلاپ يەنە ۋاقىرىدىم،-ئۆي نەدە؟ ئۆي. Sk=N [hwU  
-نېمە؟ نېمە ئۆي؟ t.U{Bu P  
-ئۆيۈڭ نەدە داۋاتىمەن. مەن ئاپپىرىپ قوياي. /^ 4"Qv\@/  
-مۇشۇ مېنىڭ ئۆيۈمغۇ... qd(hQsfqYU  
راستىنلا بىر لالما ئىكەندە ئۆزىنىڭ ئۆيىنىمۇ بىلمەيدىغان. ps+: 
-ئۇكام، ئوبدان قارا،- ئۇنى يەنە سىلكىپ ئەتىراپنى كۆرسەتتىم،-بۇ دېگەن چوڭ كوچا، سېنىڭ ئۆيۈڭ ئەمەس. H\+-cvl  
ئۇ«ھە...» دېدى-دە، يەنە بېشىنى قويۇۋالدى. ئامالسىز ئۇنى شۇ يەردىلا قويۇپ كىرا ماشىنىسىدىن بىرنى توستۇم. شوپۇرغا بەش يۈەن پۇلنى تۇتقۇزۇپ: ^'W%X  
-ئاللا يولىدا بىر ياخشىلىق قىلىپ قويامسىز؟-دەپ سورىدىم. $?f]ZyZr.  
-نېمە ئىشتى؟-دەپ سورىدى شوپۇر. rPO}6lsc  
ئۇنىڭغا ئەھۋالنى قىسقىلا چۈشەندۈردۈم. ئۇ خېلى غەرەز ئۇقىدىغان ئادەم ئىكەن. دەرھال ماشىنىدىن چۈشتى. ئىككىيلەن ئىككى تەرەپتىن كۆتۈرۈپلا ھېلىقى مەستنى ئورنىدىن تۇرغۇزدۇق. شوپۇر: 4B$bj `h  
-سىز گۇۋاھ بۇلۇڭ، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق،-دەپ ئۇنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ،  پورتمالىنى ئالدى. ئاندىن توك ئىشلىتىش كارتىسىنى تېپىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئادىرىسنى ئوقىدى. w-FH hf  
-بەخت ئولتۇراق رايونى 2-بىنا 5-كورپۇس 301-ئۆي. !Uy>eji}  
ئىككىمىز ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىقاردۇق. شوپۇر ئۇستام مەن بىلەن خوشلىشىپ: O`(U/?   
-سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ، مەن چوقۇم ئۇنى ساق-سالامەت ئۆيىگە ئاپپىرىپ قويىمەن،-دېدى-دە، يۈرۈپ كەتتى. ]M\q0>HoJ  
مانا ئەي قېرىندىشىم، بىز ئەرلەرنىڭ، ئەركەكلەرنىڭ ھالى... ئۆزۈم ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. مەن ئۆزۈمنى ئەر چاغلىيالامدىمەن؟ ئەرلەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلالامدىمەن؟ مەندە ئەرلەرگە خاس جاسارەت بارمۇ؟ ياق، بايىلا ئىككى ئادەمنى ئاجرىتىپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان تۇرسام قايسى ھالىمغا ئۆزۈمنى ئەر دېيەلەيمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن پەس، يارىماس بىرنېمە. ئۇنداق بولمىسا ئايالىمدىن دەشنام يەپ ئۆيدىن قوغلىناتتىممۇ؟ ئۆزۈمنى بارغانچە كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. ئۆزۈمگە ئۆزۈم گۇناھكاردەك تۇيۇلدى. ھەممە ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، مېنى مازاق قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك بىلىندى. {US>)I  
-ئاكا، جېنىم ئاكا، مەندە راستىنلا بىر تىيىنمۇ پۇل يوق. OjATSmZ@@  
-پۇل يوق ئادەم دادامنى نېمە دەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن؟ q+%!<]7X  
دوختۇرخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، شۇ يەردە تۇرغان بىر قانچە كىشىنىڭ سۆزلىرى ئىختىيارسىز ھالدا دىققىتىمنى تارتتى. -'ZxN'*%  
   -جېنىم ئاكا، دادامنىڭ مۇشۇ ھالدا تۇرغىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ھېلىمۇ مەن ئۇنى كۆپ داۋالاتتىم. بۈگۈن كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قالغاچقا مەنمۇ ئامال قىلالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرمۇ بالىغۇ؟ سىلەرنىڭمۇ دادىمىزغا قاراش مەجبۇرىيىتىڭلار باردۇ؟ ئۇ يالغۇز مېنىڭلا داداممىتى-يا؟ "dq>) JF\  
   -ئەلۋەتتە، كۆپرەك مەسئۇلىيەتنى سەن ئۈستۈڭگە ئالىسەن،-دەپ گەپكە ئارىلاشتى ئوتتۇرانچىسى،-چوڭ ئۆي، دادامنىڭ تاپقان-تەرگەن بىساتى، قوتاندىكى مال-چارۋا ھەممە نەرسىگە سەن ئىگىدارچىلىق قىلغاندىن كېيىن. دادام بىزگە نېمە قىلىپ بەردى. تايدەك چېغىمدىن تارتىپ كەينىدە يۈرۈپ تولا ئىشلەپ جۇلۇقۇم چىقىپ كەتتى. نېمىگە ئېرىشتىم. ئاخىرى بىر ئېغىز ئۆي بىلەن بىر پارچە ئەسكى كىگىزدىن باشقا ھىچنەرسىگە ئېرىشەلمىدىم. سەنچۇ؟ بالىنىڭ كىچىكى بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا  ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تەييار بايلىققا ئىگە بولدۇڭ. بۇ بايلىقلار كىمنىڭ، قانداق كەلگەن دېگەننى ئويلاپمۇ قويمىدىڭ. ئەجىبا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەسئۇلىيەت توغرىسىدا سۆزلەيسىنا... Z s73 ad  
   -ئالە... ئالە شۇ ئۆيۈڭنى...-كىچىكى ئاچچىقتىن تىترەپ، قوللىرىنى شىلتىپ ۋارقىراپ كەتتى. bd{\{[^S!  
   -ئەمدى نېمە قىلاتتىم. يەيدىغاننى يەپ، ساتىدىغاننى سېتىپ، ھەممە يېرىنى شىلىپ، قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلاندۇرۇپ قويغان تۇرساڭ... 3'^S3W%  
   -بولدى، بولدى قىلىش!-چوڭراقى ۋارقىراپ ئۇلارنى توختاتتى،-قاچانغىچە چۈجە-خورازدەك سوقۇشۇپلا يۈرۈشىسەن؟ JV%nH! Fs  
   ئۇلار بىر-بىرىگە چەكچەيگىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى. بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن كىچىكى: :D4];d>1  
   -مەنغۇ مانىڭدىن ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن،-ئۇ ئوتتۇرانجى ئاكىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى،-ئاكا سەندىغۇ باردۇ؟ بۈگۈنچە دوختۇرخانىغا ئالدىن تۆلەپ تۇرغىدەك بولسىمۇ بولاتتى. .hne)K%={y  
   -مەندىما؟ مەندىن پۇل سوراۋاتامسەن؟ ئۈچ يىلدىن بېرى يەڭگەڭنى داۋالىتىمەن دەپ بارمىغان يېرىم، قىلمىغان سەۋەبىم قالمىدى. دوختۇرخانىنىڭ كوچىسىغا تولا قاتراپ قاق سەنەم بولۇپ كەتتىم، بۇنى بىلىدىغانسەن؟ K0 QH?F  
   -ئەمىسە قانداق قىلىمىز؟ جېنىم ئاكا... زادى قانداق قىلىمىز؟ دەپباققىنا!؟ ئەجىبا، غولاسەندەك ئۈچ ئوغۇل ئاشۇ بىر دادىمىزنى... >#?iO]).  
    دوختۇرخانا جىددى بۆلۈم تەرەپتىن ۋاقىرىغان، كىملەرنىدۇر چاقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ئۈچ ئوغول ئوپۇل-توپۇل يۈگۈرىشىپ كىرىپ كېتىشتى. Ys%'#f  
ھەي پۇل، ھەي پۇل! ئاشۇ نىجىس پۇل بالىلارنى ۋاپا-ساداقەتتىن، قېرىنداشلارنى مېھرى-مۇھەببەتتىن، ئەرلەرنى غوروردىن، قىزلارنى شەرمى-ھايادىن، كىشىلەرنى ئىنساپ-دىيانەتتىن ئايرىپ بىر بىرىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتىدۇ. بىر بىرىدىن ياتلاشتۇرىۋاتىدۇ. بارغانچە ئۆزىمىزنى تونۇيالمايۋاتامسىز. ھەممىلا نەرسە پۇلغا، ئىقتىسادقا بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئەخلاق سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، ۋىجدانىنىڭ قۇرۇتلاپ، ئەقىدە-ئېتىقادىنىڭ بەربات بولىشىنى نامراتلىق ۋە مال-دۇنياغا ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىشتىن دەپ قارىساق خاتالاشقان بولمايمىز . بىز قاچانمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلارمىز؟ قاچانمۇ خاتىرجەم ياشارمىز؟ بايىقى ئوغوللارمۇ ئاغزىدا دېگەن بىلەن دادىسىغا چىدىمايدىكەن، بەلكىم ئۇلارمۇ نامراتلىق تۈپەيلى ئامالسىزدۇر. مانا مەنمۇ نامراتلىقتىن  ئامالسىز ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ئۆيدە تۇرىۋاتىمەن. شۇڭا بۈگۈن ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتسىمۇ غىڭ قىلالماي كوچىدا تەمتىرەپ يۈرۈۋاتىمەن. ئايالىمغۇ ئۇنداق ھازازۇل ئاياللاردىن ئەمەس، ھەممىنى قىلغان ھېلىقى ھېكايە، شۇنى يازمىغان بولساممۇ ئايالىم ئۇنچىۋالا چېچىلماس ئىدى. مەنمۇ بەك تاۋۇنازۇك، چىدىماس. ئۇ چىق دەپ بولغىچە قېينىئانىسىدىن يامانلاپ چىققان خوتۇندەك قېيداپ يېنىپ چىقتىم. ئۇ گەپنى چىن يۈرىكى بىلەن دېگەندەك قىلمىغان بولمىسا. I1i:}g/  
سەنسەن دۇنيا سەن دۇنيا، E4Zxv*  
كىمگە ۋاپا قىلدىڭسەن؟ O!,Ca1N  
مەن مەن دېگەن يارەننى Bs@:rhDi  
ئۆز قوينۇڭغا ئالدىڭسەن. BjB&[5?z  
ما قەلەندەرنى كۆرۈڭ، مۇشۇ كېچىدە دوختۇرخانىنىڭ ئالىدىدا ئولتۇرغىنىنى، ياپ-ياشلا ئادەمكەن، ھەي، ئېسىت....تەن دۇرۇس بىر ئادەمنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى. نېمە كۈنگە قالغان بولغىيتى ياشلا تۇرۇپ تىلەپ يېگۈدەك... بەلكىم، ئۇمۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق دەردىدە مۇشۇ كېچىدە تېنەپ يۈرىيدىغاندۇ. مېنىڭچىغۇ يوقسۇزلۇق، نامراتلىق ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ ياشاش، تەمەخورلۇققا ئۆگىنىپ قېلىش. قايسى بىر دانا:«دۇنيادا ئەڭ يامان ئىش نىمە ؟ دەپ سورىسا، تىلەمچىلىك» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. پەقەت نومۇس، ئازاب تۇيغۇسى كاردىن چىققان ئادەملا بىمالال ھالدا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئادەمنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قولىنى سۇنالايدۇ. مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم. ئىككىمىزنىڭ تەقدىرى نېمە دېگەن ئوخشاش ھە؟ ماھىيەتتە مەنمۇ بىر تىلەمچىغۇ؟ ئۇ باشقىلاردىن تىلەيدۇ، مەن بولسام ئايالىمدىن، ھۆكۈمەتتىن تىلەيمەن. خەلقتىن تىلەيمەن. ئۇ ئازراقتىن تىلەيدۇ، خەقنىڭ بەرگىنىگە شۈكۈر قىلىدۇ، مەن بولسام چوڭراق تىلەيمەن، قىلغان ئىشىمنىڭ تايىنى يوق ئىش ھەققى تىلەيمەن. ئۆي تىلەيمەن، ماشىنا تىلەيمەن، ئەيشى-ئىشرەت، ھوقۇق، شان-شۆھرەت تىلەيمەن، زىغىرچىلىك ھوقۇقۇم بولسىمۇ پارە تىلەيمەن، كۈچ تىلەيمەن. دوستلۇق تىلەيمەن. مېھرى-مۇھەببەت تىلەيمەن...ھەرگىز قانائەت قىلمايمەن. ئاھ خۇدا! مەن نېمە دېگەن رەزىل، نېمە دېگەن قارانىيەت، نېمە دېگەن نومۇسسىز ھە!؟ مەن كېتىۋاتىمەن، روھى دۇنيايىم شۇنچە سولغۇن، شۇنچە زەئىپ، شۇنچە چۈشكۈن. ئېچىنىشلىق ئېڭراپ، ھەسرەتلىك نالە قىلىپ كېتىۋاتىمەن. گۇناھلىرىم ئۈچۈن تۆۋە قىلىپ كېتىۋاتىمەن. 7?,7TR2Ny  
   مەن ئايلىنىپ يەنە ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا كېلىپ قاپتىمەن. لېكىن ئۆيگە كىرەلمەيمەن. يانفۇنۇمغا تەلمۈرۈپ قارايمەن. ئايالىمنىڭ تېلېفون قىلىشنى، «خاپا بولماڭ، ئىتتىكلىك قىلىپ ساپتىمەن» دېيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بىراق، ماڭا ئايان ئۇ ھەرگىز تېلېفون قىلمايدۇ. بالىلارچۇ؟ بەلكىم ئۇلار ئاللابۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەندۇ؟ بۇ كېچىدە نەگە كىرەرمەن؟ مەن ئەزەلدىن مىھمانخانىدا قونمايتىم. Qxky^:B  
   -كا جۇرېن، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ بۇ يېرىم كېچىدە چۆگىلەپ قاپسىزغۇ؟ y,V6h*x2  
   مەن ھەيرانلىق بىلەن ئالدىمدىكى دىقماق، پور سېمىز ئادەمگە قاراپ قالدىم. ھەرقانچە قاراپمۇ ئۇنىڭ كىملىكىنى ئېسىمگە ئالالمىدىم. X 'xUwT|_+  
-سىزنى تونۇمىدىمغۇ؟ 6UO$z-e  
-ئەلۋەتتە تونۇمايسىز-دە، بىز دېگەن پۇقرا، سىز دېگەن ئەمەلدار تۇرسىڭىز... ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز نەچچە ئايلا قوشنا ئولتۇرغان. \Vz,wy%-  
-قوشنا ئولتۇرغان، نەدە؟-بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىدىن تېنىم شۈركۈنگەندەك بولدى. ئۇنىڭ ھېلىقى بىرنېمىنى ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغانلىقى ئېنىقلا ئىدى. C_-%*]*,j  
-ۋاي تېخى بۇلتۇرلا، مۇشۇ بىنادا، ئۆيىڭىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئۈچ ئاي تۇرمۇدۇممۇ؟ o:H'r7N  
-ھە، راست، شۇ ئۆينى بىرەيلەن ئىجارە ئېلىپ تۇرغاندەك قىلغان. شۇ ئادەم سىزما؟ ئىسمىڭىز نېمىدى؟ NtqFnxm/  
-قۇربان... قۇربان تاش. قانداق كا جۇرېن، ئەمدى ئېسىڭىزگە كەلگەندىمەن. قارىغاندا ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپسىز-دە؟ }\>+H  
-سىز قانداق بىلدىڭىز؟ o>.AdZby  
-بىلمەمتىكى... يېرىم كېچىدە مەيخانا ئالدىدا چۆگىلەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ چوقۇم بىر دەردى بار. xUIvLH=  
-مەيخانا؟-بېشىمنى كۆتۈرۈپ، رەڭدار چىراقلىرى چاقناپ تۇرغان «شادلىق مەيخانىسى» دېگەن ۋېۋىسكىنى كۆردۈم. بۇ يەردە قاچانلاردىن بېرى مەيخانا پەيدا بولدىكىنا؟ 40R"^*  
-قانداق، ئازراقتىن پەيزى قىلمايمىزمۇ؟ gU~ L@R_D  
-ياق، ياق... مەن ئىچمەيمەن. #t){4J  
-ۋاي، جۈرىڭە، نازلانماي، قايسى بىر باشلىق ھاراق ئىچمەيدۇ؟ u2 Y N[|V  
-مەن راستىنلا ئىچەلمەيمەن. pa> p%  
-ئەمىسە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭ. &ycjSBK  
-قانداق بولار؟-بەرىبىر ئۆيگە كىرەلمىگەندىن كېيىن بىردەم ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزەي دەپ ئويلىدىم،-بوپتۇ، ئەمىسە بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بېرەي، لېكىن ئىچمەيمەن. 0h^uOA; c  
- ما گېپىڭىز بولدى. ئوغۇل بالىنىڭ نوچىسى سالاغا بوش كېلىدۇ زادى. ھا، ھا، ھا... dJloH)uJZ>  
ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزى ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپ كەتتى. ئىككىمىز ئېلى ھارىقىدىن بىر بوتۇلكا، زاكوسكا ئۈچۈن ئازراق ئۇششاق-چۈشەك ئېلىپ، كىچىكرەك بىر ئايرىمخانىغا كىرىپ جايلاشتۇق. ئۇ ھاراقنى مېنىڭ ئالدىمغا قويۇپ تۇرۇپ: *U :VM'a  
-ئۆز قولىڭىز بىلەن بىر قۇيۇپ بېرىڭە،-دەپ تۇرىۋالدى. UVz=QEuYb  
-ھوي، بۇ مەن... ئىچمەيدىغان تۇرسام. Tc9&mKVE%(  
-ئىچمىسىڭىزمۇ بىر قۇيۇپ بېرىڭە، سىزنىڭ قولىڭىز تەگكەن ھاراقنى ئىچىش مەن ئۈچۈن شەرەپ. d:A\<F  
-يا، سىزگە گەپ تېپىپ بەرگىلىمۇ بولمايدىكەن. بوپتۇ، قۇيۇپ بەرسەم بېرەي،-ماقۇل دېمەكتىن باشقا ئامال قالمىدى. ياق دەپ تۇرىۋالسام ئاغزىدىن يەنە قانداق گەپلەر چىقىدۇ بىلگىلى بولمايتتى. ;9}w|!/  
-قۇي، ئەي ساقى، <_=JMA5  
ھوشۇمدىن ئايرىلاي بىردەم، 2=jd;2~  
جاھان غەۋغاسىدىن خالى بولاي بىردەم. o^8*aH)I>Y  
بۇ ھوشۇم بارىدا يوقكەن ماڭا ئارام، =g/4{IL%  
ئۇنىڭسىز ئەمدى مەن ئارام ئالاي بىردەم. (}9cD^F0n  
-پاھ، ياشاپ كېتىڭ،-ئوقۇغان نەزمىسى ئۈچۈن چاۋاك چېلىپ بىر رومكا قۇيدۇم. <9=zP/Q  
-ئورتاقلىقىمىز ئۈچۈن، خوشە!-ئۇ رومكىدىكى ھاراقنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى. yb[{aL^4%  
-ئورتاقلىق... نېمە ئورتاقلىقىنى ئۇ؟ XPar_8I  
-نېمە ئورتاقلىق بولاتتى، سىزمۇ ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپسىز، مەنمۇ شۇ، ئايالىم «كۈندە ھاراق ئىچەمسەن، ساق كىرىدىغان كۈنۈڭ يوقمۇ» دەپ سوقۇشتى. سىزچۇ، سىز ئايالىڭىز بىلەن نېمە بولغان؟ f1)HHUB  
-نېمە بولاتتى، ھېكايە يازغان. P]|J?$1K  
-ھېكايە يازغان؟ بۇ ياخشى ئىشكەنغۇ، ياخشى ئىشقا خۇشال بولماي ئۇرۇشقان نەدە بار؟ نېمە دەپ يازغان ھېكايىگە؟ >` 
-ئايالىمنى يازغان. OG0r4^6Ly  
-نېمە، ئايالىڭىزنىما؟ ھېكايە قىلىپ يازغۇدەك نېمە قىلغان ئايالىڭىز؟ /p[|DJo M  
-نېمە قىلاتتى، مىڭ بىر جاپادا تاپقان بىر ئايلىق مائاشىم بىر ھەپتە يەتمەيدۇ، ھېلى توي دەۋاتقان، ھېلى چاي دەۋاتقان، ھېلى ئولتۇرۇش دېسە، ھېلى يوقلايمەن، سورايمەن دەۋاتقان. شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم تۇتۇپ «ئۆي تۇتامدۇق، ئاجرىشامدۇق» دەپ بىر پارچە ھېكايە يازغان. Y'tqm&}  
-ئوبدان قىپسىز، مېنىڭ ئايالىممۇ دەل شۇنداق. ئاندىن قانداق بولدى؟ 5oV Lv4Z9u  
-قانداق بولاتتى، ئاجراشساڭ ئۆيدىن چىق دەپ ھەيدەپ چىقاردى، شۇ. KC&H*  
-«ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرۇپ قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي» دەپ، قارا ئايالىڭىزنىڭ بىشەملىكىنى، خېتىنى بېرىپلاۋېتىڭە بولدى. ST[2]   
-ئەمەلىيەتتە، ئايالىمدا ھېچقانداق گۇناھ يوق. 'CP/ymf/a  
-گۇناھ يوق، نېمىشقا؟ aR`_h =a  
-مەن جەمئىيەتتىكى ئاشۇ بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرنى ئايالىمنى ۋاستە قىلىپ ئىپادىلىگەن. _<Hb(z  
-نېمە، ئايالىڭىزغا قارا چاپلىغانما؟ ئۇنداقتا، سىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ياخشى قىپتۇ. FZ[@])B  
-نېمە؟...ھەي... بولدى، سىز بەرىبىر چۈشەنمەيسىز. \[Sm2/9v  
-ھېكايىنى ئەمدى يازىدىكەنسىز-دە؟ 4^ d+l.F  
-ياق، ياق... ئەمدى ھېكايە يازمايمەن. 4yA9Ni  
-ئەمىسە، مەن يازاي. -@EBbM&  
-سىزمۇ ھېكايە يازامسىز؟ 4+ASw N9  
-يازمامتىكى، ئاۋۇ ئىسمىمنىڭ ئاخىرىدىكى «تاش» مېنىڭ تەخەللۇسۇم جىما. تۇغۇلساملا باركەن بۇ تەخەللۇس. Ss"|1]acP  
-ئالە شەرىڭنى، ھە، ئانىڭىزنىڭ قورسىقىدىلا ھېكايە يېزىپتىكەنسىز-دە؟ ئەمىسە دادىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟ AzLbD2Pl  
-دادامنىڭ ئىسمىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن. ئانام تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىپتىكەن. مېنى چوڭ ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان. دادامنىڭ كىملىكىنى سورىغىدەك بولغاندا چوڭ ئاناممۇ قازا قىلىپ كەتتى. يىراقراق بىرقانچە تۇغقانلىرىمىزدىن سورۇدۇم، ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. MgJ%26TZ  
ئۇنىڭ تۇغۇلماي تۇرۇپ كۆرگەن قىسمەتلىرىگە ئېچىنىپ يەنە بىر رومكا قۇيدۇم. W0+gfg  
-ھە، ئەمدى دەڭە،-دېدى ئۇ ئاغزىدىكى ھاراق يۇقىنى يېڭى بىلەن ئېرتىۋېتىپ. ?z\q Mu  
-نېمىنى؟ Tf&f`/  
-ئۆيدىكى ھېلىقى جىدەلنىچۇ. dWzDSlP&  
-دېدىمغۇ بايا. 8ktjDs$=.:  
-ھەممىنى بىر باشتىن تەپسىلى دەيسىز. ئاڭلىغانمۇ؟ رىياللىق ھېكايىنىڭ جېنى. HGP%a1RF#  
-ھەممىنى مەن دەپ بەرسەم، سىز نېمە ئىش قىلىسىز؟ M iP[UCh  
-مەن يازىمەن. b xk'a,!S  
-ما ئىشنى كۆرۈڭ. نەدىمۇ شۇنداق ئىش بار؟ ھېكايە يېزىش شۇنداق ئۇڭايمىكەن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنىڭ يازغۇدەك نېمىسى بار؟  
تۆۋە! مۇشۇنداق ئىشمۇ بارمۇ دۇنيادا. يېزىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى يازالمايۋاتقان، ياخشى يازغانلارنى كۆرەلمەيۋاتقان، ئەھمىيەتسىز تېمىلار بازا تېپىۋاتقان... پەقەت چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. يۈرىكىمنى بىرنەرسە تاتىلاۋاتقاندەك بىئارام بولدۇم. تۇيۇقسىز تېلىفۇنۇم سايراپ كەتتى. قارىسام ئۆينىڭ نومۇرى، تىزلا ئالدىم. TIK/%T  
-ۋەي...ۋەي. G"T;l"TAt8  
-دادا، نەدىسىز؟ R`Ys;g/!  
-مەن...مەن مۇشۇ قورونىڭ ئالدىدا، بالام. _1w.B8Lyz@  
-دادا، سىزنى بەك كۆپ ساقلاپ كەتتۇق. قاچان كىرىسىز؟ r+{!@`dYi  
-مانا، ھازىرلا بالام. خوش... [M7iJcwt  
-ھوي، نەگە بارىسىز؟ ھېكايە قالدىغۇ، ھېكايە. ({d,oU$>y  
-بولدى بەس، قالسا قالسۇن ئۇنداق ھېكايە. خوش، مەن كەتتىم. GsP@ B'  
}<5\O*kX4  
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-07, 13:27
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +717
tiwep مۇنبەر پۇلى +10 06-08 بارىكاللاھ...
musilina مۇنبەر پۇلى +200 06-08 -
دەقيانوس مۇنبەر پۇلى +307 06-07 ئىسىل ھىكايە!
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +200 06-07 ياخشى يېزىلىپتۇ. تەشەككۈر!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
mangkurt
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41048

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   276 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 224
 سائەت
دەرىجىسى:
224 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-06-15
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

ياخشى يىزىپسىز ، بۇلۇپمۇ ئالدىنقى ئابزاسلاردىكى تەسۋىرلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۇچىراپ تۇرىدۇ .
غەمدىن خالى ئەمەس ھىچكىم تۇرمۇشتا .
ئاقباش  بولار  دولقۇنمۇ  مەيىن  شامالدا .
turalp
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4338

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   589 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11798 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   312  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1533
 سائەت
دەرىجىسى:
1533 سائەت 167 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

توردىمۇ ئېسىل ئەسەرلەر تۆرگە چىقالايدۇ!
تۇرئالپ
dilbar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   701 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10440 (سوم)
 ياخشى باھا:   236 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   398  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2717
 سائەت
دەرىجىسى:
2717 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

تۇرمۇش......ئەتراپتىكى تۇرمۇشنى يەنە بىر قېتىم ئەينەن ھىس قىلدىم....
ۋەتەن دەپ توۋلىدىڭ ئىمانىڭ قېنى ؟
قەلەملەر تەۋرەتتىڭ ، ۋىجدانىڭ قېنى ؟
تاڭلارنىڭ ئىشقىدا گۈلخانمەن دېدىڭ،
كۆڭلۈڭ ئاسمىنىدا چولپانىڭ قېنى ؟

ئابدۇقادىر جالالىدىن
zulayha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7254

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24 (سوم)
 ياخشى باھا:   739 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1012  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4413
 سائەت
دەرىجىسى:
4413 سائەت 227 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

ياخشى يېزىلغان ئۆچىرىككەن . ئەمدى ھەرگىز قىيداپ چىقىپ كېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ جۇمۇ، بولمىسا سىزمۇ شۇ قاۋاقنىڭ مىھمىنى ، جەمىيەتنىڭ داشقىلى بوپ قالىسىز.
@SAHRAKIZI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39297

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   124 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 354
 سائەت
دەرىجىسى:
354 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-11
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

            قۇلىڭز غادەر بەرمىڭسۇن ياخشى چىقىپ تۇ .......
دەقيانوس
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1760 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8087 (سوم)
 ياخشى باھا:   361 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   323  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4057
 سائەت
دەرىجىسى:
4057 سائەت 283 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

ھىكايە تۇلىمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ، ئىچىگە سىغدۇرۇلغان تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى سەل كۆپرەك بولسىمۇ ، ئىنتايىن مۇۋاپىق جىسىپلاشتۇرۇلغان. ھىكايىدىكى ئايالىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرىۋاتقان ئەرنىڭ يەنە كىلىپ كىچىكرەك بولسىمۇ ئەمەلگە ئىگە ئەرنىڭ تۇيۇقسىزلا(ئۆيدىن قۇغلانغاندىن كىيىن) ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئورنى ۋە ھالىتىنى تۇنۇپ ئازاپلانغانلىقنى، شۇنداقتىمۇ يەنىلا ئايالىنىڭ ئۇنى چاقىرتىشىنى ساقلاۋاتقانلىقى ئۇقۇپ ئويلنىپ قالدىم، غورۇر ۋە رېئاللىق ئالدىدىكى قىسىلىش دىدىم ئۆزۈمچە. ئاخىرىدىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلىڭىزدا ئايالىنىڭ ئۆزى بىۋاستە تېلفۇن قىلماي بالىسى ئارقىلىق چاقىرتىشىنى كۆرۇپ ئايالنىڭ ئۇنىڭغا راستىنلا خاپا بولمىغان بولسىمۇ ئۆينىڭ خۇجايىنلىق روھى ھالىتىنى ساقلاپ قاپتۇ، ئەرمۇ چۇقۇم ئۇرۇن ئۈتمەيلا بۈگۈنكى ھەسرىتىنى ئۇنتۇپ بۇرۇنقى ھالىتىدە ياشىۋېرىدۇ. يەنە مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بەرمىگۈچە ئىسىگە كەلمەسلىكى مۇمكىن. j~> #{"C  
GB Un" _J  
زۇلەيخاغا تەكلىپىم: ئۇچىرىك دىگەن گىپىڭىزنى ھىكايە دىگەن سۆزگە ئالماشتۇرۋىلىڭ.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +50
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +50 06-07 ياخشى ئېنكاس
ayyultuz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   436 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7448 (سوم)
 ياخشى باھا:   192 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   261  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2606
 سائەت
دەرىجىسى:
2606 سائەت 144 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-28
ئاخــىرقىسى:2011-06-13
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

كىچىك، قىسقا دىتاللار ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ ھاقىقى تەرىپىنى يۇرۇتۇپ بىرىپسىز، رەھمەت سىزگە
ئوزگىنى سۇيۇش ئۇچۇن ئۇزەڭنى سويگىن!!!!
albax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6147

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   466 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1275 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   273  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2477
 سائەت
دەرىجىسى:
2477 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

   يېرىم دۇنيا ئەمەسلەر دۇنيادا ھەققىڭلار يوق ! ھازازۇللار يېرىم دۇنيا بۇلالمايدۇ !
كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !
QIQAK0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37445

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   909 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5315 (سوم)
 ياخشى باھا:   43 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   54  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1248
 سائەت
دەرىجىسى:
1248 سائەت 102 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئوتقا سالماي ، مۇشۇنداق ئىسىل ھىكايىلىرىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ .

باشقۇرغۇچىغا سۆز قالدۇرۇش:

خا...خا... خا.... خا...................................................


قالغان ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ . ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام قائىدىسى بۇيىچە تەربىيلەپ، ئاتا_ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىسام دەيمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ نىيىتىمگە يەتكۈزگەي.
KURAX.JAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41664

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   111 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   565 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 534
 سائەت
دەرىجىسى:
534 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-22
ئاخــىرقىسى:2011-06-17
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

تۇربىسى بار سۇيى يوق، qIk6S6  
خۇتۇنى بار ئۆيى يوق .......................... ?TXFOr]g]2  
+5Mx0s(5  
مۇشۇنداق قاخشاپ يۇرۇپ كۇنۇپ كىتىدىغان ئوخشايمىز.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
tiwep مۇنبەر پۇلى +10 06-08 ما بولىدىغان گەپكەن جۇمۇ ھى  ھى  ھى  ھى
كۇرەشجان
xiren0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40474

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   550 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2941 (سوم)
 ياخشى باھا:   10 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   10  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 725
 سائەت
دەرىجىسى:
725 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-12
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-07

تېمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،تېخىمۇ تىرىشىڭ.
يىغلىمايمەن تەنھا ياشاي سەن ئۈچۈن،
مەيلى كەتسەڭ تاشلاپ باشقا يار ئۈچۈن.
ۋىسالىڭگە يېتەلمەيمەن يـــــــــــار،
سەۋدا بولدى غېرىپ كۆڭلۈم سەن ئۈچۈن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى