مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 1389 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تىما : ئـــــازغـــۇن بــەنــدە (پوۋېست)

دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1237
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ئۆسۈش: 1.5%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 75
  ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1016 سوم
  تۆھپىسى: 4 كىشى
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  ۋاقتى: 109(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-28
  كىرىشى: 2010-07-23

0

 ئـــــازغـــۇن بــەنــدە (پوۋېست)



باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى Misranim تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-07-14)
ئازغۇن بەندە


 

ئۇنىڭ قاڭشارلىق ئىگىز بۇرۇنلىرىنى، قاپقارا قوي كۆزلىرىنى، قۇيۇق قاشلىرىنى كۆرگەنلا كىشىلەر چوڭ بولسا چوقۇم سۇباتلىق يىگىت بولىدۇ دەپ ماختىشاتتى. مەريەمخان ئانا بولسا ئۆزىنىڭ باغرىنى يېرىپ چىققان سەكپارىسىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىراپ ھەم ئاتا ھەم ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى تۇللۇق ئادا قىلىپ، ئۇنىڭ ساغلام ئەقىللىق بولۇپ يىتىلىشىگە دەسلەپكى ئۇلنى ھازىرلىغان ئىدى. باھادىرمۇ ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىققا تىرىشپ ئەقىللىق ھەم چىچەن چوڭ بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بىرجۈپ كۆزلىرىدىن ھۇشيارلىقى، تىرىشچانلىقى، ھايا-ئەخلاقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ باشلانغۇچ ۋە تۇللۇقسىزدىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى. تېخى نەچچە قېتىم ناھىيە ۋە شەھەردە ئۆتكۈزىلگەن تەبىئىي پەن زىھىن سىناش مۇسابىقىلىرىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشىپ، ئانىسىنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىشىغا ئىرىشكەن. ئۇ ھەر قېتىملىق مۇكاپاتلىرىنى بىرىنچى بولۇپ ئانىسىغا كۆرسىتەتتى. ئانىسى ئۇنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان ھالدا ئۆتمۈشنى ئەسلەيتتى. كىرىماخۇننىڭ ئۆز قۇچىقىدا  جان ئۈزۈش ئالدىدا ‹‹خوتۇن، بالىلارنى ياخشى تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىش سېنىڭ زىممەڭگە يۈكلەندى. ئالدىڭدا ئىنتايىن خىجىلمەن شۇنچىۋالا ئېغىر يۈكنى ساڭا تاشلاپ قويۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغان بولدۇم. ئۆزەڭنى ئاسرا، بالىلارنى چوقۇم ياخشى تەربىيلىگىن›› دىگەن سۆزلىرى جاراڭلايتتى.

 

 

ئېچىنىشلىق پاجىئە
 

 تەبىئەت يېشىللىقا پۈركىنىپ، ئېتىز قىرلاردا قىزغىن ئەمگەك ناخشىلىرى جاراڭلايتتى. 15 مو يەرگە بېقىنىپ بىر ئائىلىدىكى 4 جاننى گۈلدەك تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىۋاتقان پاراسەتلىك، ئەمگەكتىن يۈزلىرىگە ۋاقىتسىز قورۇق چۈشكەن، چىكىسىدىكى كۈپۈشۈپ تۇرغان قان-تۇمۇرلاردىن، يوغان ھەم يىرىك قوللىرىدىن ، قامەتلىك گەۋدىسىدىن كۆكرىكىدىن بۆرتۈپ چىققان كۆكسىدىن تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنى بىلىۋالغىلى بولىدىغان كىرەم شۇ مەھەللىدىكى ئەرلەرنىڭ ئالدى ئىدى. مەرىيەم مەھەللىدىكى بايلارنىڭ قىزى بولىشىغا قارىماي ئەمگەكچان، تىرىشچان، ۋاپادار ئەخلاقلىق قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئويماقتەك ئىغىزلىرى، بۇلاقتەك كۆزلىرى، ئىلىپتەك بۇرۇنلىرى، سۈزۈك چىرايلىرى، گۈزەل بەدەن قۇرلىشىغا ئالاھىدە ھۆسۈن قوشقان كۆينىكىنى كۈتىرىپ تۇرىدىغان ئالمىدەك كۆكسىلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر يىگىت ئۇنى كەلتۈرىۋىلىشىنى ئويلىماي قالمايتى. مەريەم بىلەن كىرەم كىنولاردىكىدەك تاتلىق ئاشىق-مەشۇقلاردىن ئىدى. مەريەم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ‹‹ئۇنىڭغا تەگسەڭ بىر ئۆمۈر جاپادا قالىسەن، تۇرمۇشنىڭ راھىتىدىن قېچىپ ئاشۇنداق بىر يالاڭتۆشكە تىگىمەن دەپ ئۆزەڭنى تۈگەشتۈرمىگىن، بىز تاپقان يىگىت بىلەن توي قىلساڭ بىر ئۆمۈر راھەت بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىسەن›› دىگەن نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، ئاخىرى ئاتا-بالىلىقتىن كىچىپ كىرەم بىلەن توي قىلىشنى قارار قىلدى. چوڭلار قۇشۇلمىغان توي ئاخىرى ئۆتكۈزىلدى.كىرەمنىڭ ئىشچانلىقى، ئەمگەك سۈيەرلىكى ۋە ئۆتكۈرلىكى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن بەخىتلىك ھەم خاتىرجەم ئۆتۈشكە باشلىدى. مەھەللىدىكىلەردىن ئۇلارغا ھەۋەس قىلمايدىغىنى يوق ئىدى. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. كىرەمنىڭ تىرىشچانلىقىمۇ بىكارغا كەتمىدى. تېرىغان قىسقا تالالىق پاختىسى مولھۇسۇل بىرىپ ناھىينىڭ شىياڭگاڭ بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان زاۋۇتىنىڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋىلىشى بىلەن ھاللىنىپ قالدى. ئېتىزلىرىغا باشقا مەسھۇلاتلارنى تېرىشقانلار بولسا لىۋىنى چىشلەپ كىرەمنىڭ تېپىنىپ كەتكىنىگە چىداشماي كۆزلىرىنى قىزارتىشاتتى.

 مەلۇم بىر كۈنى مولھۇسۇل شاتلىقىدىن خوشاللانغان كىرەم بىلەن  مەريەم باللىرىنى ناھىيگە ئويناتقىلى ئېلىپ چىقتى. باغچىلارغا بېرىپ بالىلىرىنى ئوينىتىپ بىر ۋاق تاماق يىيىش بىلەن ئاشخانا ئىزدەپ يۈرگەن كىرەمنىڭ سول قاپىقى تارتىپ، ئەنسىزلىك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالدى. مۇشۇ دەقىقىدە باھادىر يىغلامسىراپ:

- ئانا مەن شىيىمەن، دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى. مەريەمخان يۈرەك پارىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاممىۋى ھاجەتخانا ئىزدىمەكچى ھەم كىرەم بىلەن مۇشۇ يەردە كۈرۈشمەكچى بولۇپ بالىنى ئېلىپ ماڭدى. باھادىرنى تەرەتكە ئاپىرىپ يېنىپ كىرەم ساقلاپ تۇرغان ئۇرۇنغا كەلدى. بۇ يەردە كىرەم كۈرۈنمەيتى. ئاللا بۇرۇن كۈن پېتىپ ئايدىڭ بولۇپ قالغان كوچىدا ، كىشلەر ئاندا ساندا ئۇچىراپ تۇراتتى. مەريەم كىرەمنى ئىزدەشكە باشلىدى. مەريەمنىڭ كۆزى  يولنىڭ قارشى تەرىپىدە 30-40مېتر نېرىدا سونايلىنىپ ياتقان، پۈتۈن بەدىنى قانغا مىلىنىپ جان تالىشىۋاتقان بىرسىگە تاشلاندى. مەريەمنىڭ يۈرىكى ئەنسىزلىك بىلەن سۇقۇشقا باشلىدى ھەم پۇت قوللىرىنى باشقۇرالمىغان ھالدا  يولنىڭ قارشى تەرىپىگە مەستەك دەلدەڭشىپ ماڭدى. كەينىدىن ئەگىشىپ كىلىۋاتقان7 ياشلىق قىزى مەستۇرە بىلەن 3 ياشلىق ئوغلى باھادىر ناھايىتى غەمسىز كۈرىنەتتى. ئانا بالىلارنى شۇ جايدا ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ داۋاملىق ئالدىغا ئىنتىلەتتى. كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، يىغا باسقاندەك بولدى.

-كىرەم ؟ ... مەريەم يەردە قانغا مىلىنىپ ياتقان كىرەمگە تاشلاندى. بۇ چاغدا كىرەمنىڭ نەپىسى تېخى بار بولۇپ مەريەمنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە خوتۇنىغا:

-خوتۇن بالىلارنى ياخشى تەربىيلەپ ياراملىق ئادەم قىلىش سېنىڭ زىممەڭگە يۈكلەندى. ئالدىڭدا ئىنتايىن خىجىلمەن شۇنچىۋالا ئېغىر يۈكنى ساڭا تاشلاپ قويۇپ بۇ دۇنيادىن خوشلىشىدىغان بولدۇم. ئۆزەڭنى ئاسىرا، بالىلارنى چوقۇم ياخشى تەربىيلىگىن. باقى دۇنيادا كۈرىشەيلى!!!! ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈزىلىپ-ئۈزىلىپ چىقاتتى.كىرەمنىڭ يانچۇقلىرى كىسلگەن يۈز-كۆزلىرى كۆك ئىدى. كىرەمنىڭ نەپسى بارا-بارا تىزلىشىپ مەريەمنىڭ قوللىرىنى چىڭ قىسقان قوللىرى بارغانچە بوشىشىپ كەتتى.

-كىرەم ... دەپ قاتتىق چىقىرىغان ئاۋازدىن غەلىتىلىك ھېس قىلغان سەبىي بالىلار ئانسى تەرەپكە ئاتلاندى.

-ئانا ... ئانا ... نىمە بولدى؟ مەستۇرەنىڭ سۇزۇپ توۋلىغان ئاۋازى تۇيۇقسىز سۇقۇلغان يۈك ماشىنىسىنىڭ قاتتىق تۇرمۇز قىلىشى بىلەن توختاپ قالدى.

- مەستۇرە ...  مەريەمنىڭ يۈرىكى بۇغۇزىغا قاپلىشىپ، ئاغزىغا گەپ كەلمىدى. قىسقا ۋاقىت ئىچدە يۈز بەرگەن بۇ تىراگىدىيدىن مەريەم ھۇشىدىن كەتتى. ھۇشىغا كەلگەندە بولسا ئۆزىنى دوختۇرخانىدا كۆردى. ئۇنىڭ يېنىدا كىرەمنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى شىرەم تۇققىنى ھاشىماخۇن بىلەن سەبىي بالىسى باھادىر يىغلامسىراپ تۇراتتى. مەريەم ھاشىماخۇنغا :

-ھاشىمكا ‹‹بۇ سىزنىڭ چۈشىڭىز، ھېچ ئىش يۈز بەرگىنى يوق دەڭا؟›› دەپ كۆزلىرىگە تەلمۈردى ۋە كۆزلىرىدىن ئۈنچىدەك ياشلار سىرغىپ چۈشۈپ نەپسى سىقىلدى. ھاشىماخۇننىڭ ساقاللىرى تىتىرىگەن ھالدا ئاغزىنى ئۆمەللىشىگە كۆزلىرىدىن تۇيۇقسىز تامچىلىغان ئىككى تامچە ياشتىن ھەممىنى سەزگەن مەريەم ‹‹ياق!!!›› دىگىنىچە يەنە ھۇشىدىن كەتتى. شۇ ھۇشسىزلانغانچە بىر ھەپتىگىچە ئەسلىگە كىلەلمىدى.

كىرەم بالىلارنى ئويناتقاچ بۇيىل ئالغان ھۇسۇلنىڭ مېغىزىنى بانكىغا سلىۋىتىش ئۈچۈن يانچۇقىغا سېلىۋالغان ئىدى. بالىلارنىڭ خوشال ئويناۋاتقىنىدىن ھۇزۇرۇلىنىپ ئايالى بىلەن بالىلىرىدىن ئايرىلىپ بانكىغا بېرىشقا رايى بارمىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى تالاپەتتە ئۇلارنىڭ بۇ يللىق بارلىق ھۇسۇلى يوق بولۇپ بىريىللىق ئەمگىكى بىكار بولدى. مەريەم دوختۇردىن چىقىدىغاندا تۆلەيدىغان پۇلى بولمىغاچ 5مو ئېتىزنى سېتىۋىتىپ، كىرەم بىلەن مەستۇرەنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشىنى بىجىرمەكچى ھەم كىلەر يىللىق تېرىقچىلىققا ئۇل ھازىرلىماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى خوشاللىق بىركۈن ئىچىدە ماتەمگە ئايلىنىپ مەريەمگە پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئېغىرچىلىقى يۈكلىنىپ بەللىرى مۈكچىيىپ، بىر ئاي ئىچىدە نەچچە ياش قېرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى. مەريەم نەچچە قېتىم ئۈلىۋىلىشنى ئويلىدى، لىكىن نارسىدە، دادىسىز قالغان باھادىرنىڭ قارا يتىىم بولۇپ قېلىشىنى خالىماي، چىشىنى-چىشلەپ تىرىكچىلىك قىلىشقا باشلىدى.

 

ھاياجانلىق مىنۇتلار
 
-ئانا ... ئانا... قەددى قامىتى كىلىشكەن، قۇيۇق قاش-كىرپىكلەر ئارىسدىكى بىر جۈپ كۆزلىرىدىن چىچەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان، لاتاپەتلىك بىر يىگىت قوللىرىدا تىز پوچتا يوللانمسىىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە باراڭ ئاستىدا دوپپا تىكىۋاتقان مەريەمخانغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگىرىپ كىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ۋە ھاياجان بىلىنىپ تۇراتتى. مەريەمخان ئوغلىنىڭ بۇنچىۋالا ھاياجانلانغىنىدىن بىر خوشاللىقنى سەزگەندەك بولۇپ قولىدىكى ئىشىنى تاشلاپ باھادىرغا قاراپ:

-ۋاي جېنىم بالام ! نىمانچە خوشال بولۇپ كەتتىڭ؟ ئارزۇيىڭدىكى مەكتەپتىن تەكلىپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ دەپ سورىدى. ھاياجاندىن ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باھادىر جايىدا دەرھاللا توختاپ قولىدىكى تىز يوللانمىنى كەينىگە تىقىۋالدى ھەم شۈكلىگىنىچە ئۈندىمىدى. بۇرۇندىن ئىرىشكەن خوشاللىقىنى ئانىسى بىلەن بىرلىكتە بەھىرلىنىشكە كۈنۈپ كەتكەن باھادىر ‹‹شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى قانۇن كەسپىدىن›› كەلگەن تەكلىپنى كۈرۈپلا ئۆيگە قاراپ ئۇچقاندەك چاپقان ئىدى. لىكىن ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىقى ئۇنى بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەربىلىنىشتىن ۋاز كەچتۈرگەن بولۇپ ئانىسغا قاراپ مەيۈسلەنگەن ھالدا:

- ياق ... دىگەن بىر ئېغىز گەپنى ئارانلا دىيەلىدى. ئانا ئاچچىقلانغان ھالدا بالىنىڭ قولىدىن تىز يوللانمىنى تارتىپ ئېلىپ، ئۇنىڭدىكى ‹‹شىنجاڭ ئونۋىرسىتى›› دىگەن خەتنى ئوقۇغاندىن كىيىن باھادىرغا قارىغىنىچە رازىمەنلىك ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى. باھادىر يۈگرەپ كىلىپ ئانىسىنى قۇچاقلىغىنىچە :

-ئانا بولدى مەن ئوقۇماي، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى ماڭا ئايان. سىزنى يەنە قىيناپ قويغۇم يوق، مېنى كەچۈرۈڭ! ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، سىزنىڭ كۈتكەن يىرىڭىزدىن چىقالمىدىم. دەپ يىغلاپ كەتتى. مەريەمخان مىھرىبانلىق بىلەن باھادىرنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ: 

-بالام بۇنداق دىمىگىن، سەن بۇنداق قىلساڭ مەن رەھمەتلىك داداڭغا يۈز كىلەلمەيمەن. سەن چوقۇم ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولمىساڭ بولمايدۇ. يەنە شۇنداق دىسەڭ مەن سېنى باققىنىمغا، بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس. مەن قانداقلا قىلمىسام سېنى ئوقۇتۇشۇم كىرەك. چوقۇم ئوقۇيسەن دەپ ئۈنسېلىپ يىغلاپ كەتتى.

ئۇنىڭغىچە كەنت باشلىقى سادىراخۇن بىرنەچچەيلەننى باشلاپ قوروغا ئۈسسۈپلا كىردى.

-مەريەمخان ... ھوي مەريەمخان... سەينادىن ئايلىنىپ باراڭ ئاستىدا ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى ياش ھالدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن سادىراخۇن ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ سۆزلەشكە باشلىدى:

-مەريەمخان مۇشۇنداق ۋاپادار، ئائىلىسىدىكىلەرگە كۈيىنىدىغان كۈيۈمچان پەرزەنتىڭىزدىن پۈتۈن كەنىتتىكىلەر پەخىرلىنىدۇ. ئۇ كەنىتتىن تۇنجى بولۇپ شىنجاڭ ئونۋىرسىتىغا ئۆتكەن ئوقۇغۇچى. شۇڭا بىز كەنت پارتىيە گۇرۇپپىسىدىكىلەر مەسلىھەتلىشىپ باھادىرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەنت مالىيەسىدىن كۆتىرىدىغان بولدۇق. ئەمدى غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. باھادىر سەنمۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كىيىنچە كەنتىمىزگە ئۆزەڭنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشساڭ كەنتتىكىلەر سېنى ئوقۇتقىنىدىن چوقۇم رازى بولىدۇ. سېنىڭمۇ ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىڭغا ھەممەيلەن ئىشىنىمىز دىگەچ مالىيە كادىرىغا ئىشارەت قىلدى. مالىيە كادىرى ئالدىن تەييارلىۋالغان 5000 مىڭ يۈەن پۇلنى مەريەمخانغا سۇندى ھەم :

-بۇ كەنىتتىكىلەرنىڭ ئازغىنە كۆڭلى مەريەمخان ھەدە! بۇنىڭدىن خوشاللانغان باھادىرنىڭ چىرايىغا كۈلكە يامىشىپ، ئۆزىنىڭ چوقۇم ياخشى ئوقۇيدىغانلىقىنى، ياراملىق ئادەم بولۇپ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەريەمخان ھاياجانلانغان ھالدا كونۋىرىتنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي باھادىر لازىمەتلىكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ ئوقۇشقا مېڭىش تەييارلىقىنى پۈتكۈزدى. ئانا بالىنىڭ ئەتىراپىدا پاي پىتەك بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كەينىدىن ناھىيگىچە ئۇزاتقىلى باردى.

-ئانا ئاپتۇبۇس يەنە يېرىم سائەتتىن كىيىن يولغا چىقىدىكەن، سىز قايتىۋىرىڭ. مەندىن ئەنسىرىمەڭ ! :

-ياق بالام ماشىنا قوزغالغاندا ماڭساممۇ كەچ قالمايمەن، بىردەم بولسىمۇ سەن بىلەن تۇرىۋالاي، چوقۇم ياخشى ئوقۇغىن.  مەن ساڭا ئىشىنىمەن، تىرىشقان يەردە قالمايدۇ. داداڭنىڭ روھى سەندىن رازى بولىدىغان بولدى. مەريەمخان گېپىنى ئۈزۈپ، كۆز چاناقلىرىغا توشۇپ قالغان ياشنى يۇشۇرماقچى بولۇپ قارشى تەرەپكە قارىۋالدى.

-ئانا خاتىرجەم بولۇڭ ! مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ سىلەرنىڭ ئۈمۈدىڭلارنى ئاقلايمەن. مەريەمخان يېنىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان يۈرەك پارىسى ئوغلىنىڭ يىراق، ناتۇنۇش بولغان شەھەرگە قاراپ يولغا چىقماقچى بولغانلىقىغا چىدىمىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولىدىغانلىقىنى، مەرھۇم كىرىماخۇننىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئويلاپ لىۋىنى چىشلەپ چىداشقا مەجبۇرى بولدى.

- ماشىنغا چىقىڭلار ماشىنا ھازىر قوزغىلىدۇ. شوپۇر ئۇستامنىڭ سوغۇققىنە قىلغان سۆزلىرىدىن ھەممەيلەن بىر بىرىلەپ ماشىنغا چىقىشتى، ماشىنا ئاستا-ئاستا قوزغىلىشقا باشلىدى. مەريەمخان ماشىنا كەينىدىن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئوغلىنى ئۇزاتقاچ كۆزلىرىگە ياش ئالدى ۋە ئېغىر قەدەملىرىنى يۆتكەپ مەھەللىگە قاراپ يول ئالدى.

باھادىرنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشى بولغاچقا، ماشىنىدا پەقەتلا ئۇيقۇسى كەلمىدى. كۆزلىرىنى مەجبۇرىي يۇمۇپ شەھەردىكى ئاسفالىت يوللار، ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتتى، خىيالىدىكى ھازىر جاۋاپ ئوقۇتقۇچىلارنى ئويلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئېسيادى ئازادە سىنىپلار ئىگىز بىنالاردا بولۇپ ئۆز ئۆزىگە پىچرلاپ ‹‹ مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن، ئاتا-ئانامنىڭ، مەھەلىدىكىلەرنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلايمەن دەيتتى››.

 14 سائەتلىك يول ئازابدىن كىيىن باھادىر ئۈرۈمچىگە چۈشتى. ‹‹ئۈچتاش›› بىكەتتە شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش ماشىنىسى بار بولۇپ، يوغان قىلىپ لوزۇنكا ئېسىۋالغان ئىدى، باھادىر تەكلىپنامىنى كۆتەرگىنىچە ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى. ئۆزى بىلەن بىرگە ئوقۇشقا كەلگەن نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپكە قايتتى. بۇ مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغنىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ ئىچىدە  چېنىقىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تۇللۇق ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ ھاياجانلانغانلىقىدىن خوشاللىقى ئىچىگە پاتماي قالدى. ئۇ ياتاققا كىرىپ نەرسىلىرىنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىنلا ئاممىۋى تىلفۇن ئىزلەپ ئانىسىغا تىلفۇن قىلدى.

-ئانا ... مەن مەكتەپكە كىلىپ ئۇرۇنلىشىپ بولدۇم. بۇ مەكتەپ ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن، مەن بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. سىزنىڭ مېنى مۇشۇنداق ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلىگىنىڭىزگە رەھمەت دىگنىچە مەكتەپ مۇھىتى ۋە شارائىتلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. مەريەمخان باھادىردىن خاتىرجەم بولغان ھالدا ئارتۇق گەپ قىلماي:

-بەك ياخشى بولۇپتۇ بالام. مەن ساڭا ئىشىنىمەن، بىزنى يەرگە قارىتىدىغان ئىشنى قىلمىغىن، پات-پات ماڭا تىلفۇن قىلىپ ئەھۋالىڭنى يەتكۈزىپ تۇرغىن. مەن سەندىن ئەنسىرەپ قالماي ئۇماق بالام. تىلفۇن پۇلۇڭ جېق كىلىپ كەتمىسۇن. مۇشۇ يەرگىچە پاراڭلىشايلى! ئاللاھقا ئامانەت. ئۆزەڭنى ئاسىرا دەپ خوشلاشقاندىن كىيىن تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى.

ھەش-پەش دىگۈچە 2 يىل ئۈتۈپ كەتتى. باھادىر ئىقتىسادچانلىقى ۋە ئىلگىركى تىرىشچانلىقى بىلەن پاكۇلتىت ۋە مەكتەپتىكىلەرگە تىزلا تۇنۇلۇپ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىنى ئالغاندىن كىيىن ئۆيگە ئەۋەتكەندە بولسا ئانىسى مەريەمخاننىڭ :

-جېنىم بالام! ساڭا كۆز تەگمىسۇن! سەندەك بالام بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن! ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ كەتمىگىن! ھەممىنىڭ كۆزى سەندە! مېنى يەرگە قارىتىدىغان ئىشنى قىلمىغىن دەپ ئۈنسىلىپ يىغلاپ كەتتى. باھادىر بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن مەكتەپ ئاشخانىسىدا بىر كىشىلىك خىزمەت قىلىپ ئوقۇشىنى مەنىلىك ھەم جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتاتتى. مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ كۆزى باھادىردا بولۇپ ئۇنىڭ كىلىشكەن قامىتىگە، تىرىشچانلىقىغا ئاشىق ئىدى.

بىر كۈنى باھادىر جىنايى ئىشلار قانۇنىدىن ئېلىندىغان ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن كىتىپىنى ئالدى. كىتاپ ئىچىدىكى بىر پارچە كىچىك باغاقچە ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. باھادىر باغاقچىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا يېزىلغان ‹‹باھادىر ! مەن سىزگە قايىل، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز، ئەخلاقىڭىز مېنى لال قىلىۋالدى. ۋاقتىڭىز بولسا ئايىرىم پاراڭلاشساق. ۋاقتىنى سىز بىكىتىڭ! تىلفۇن نۇمۇرۇم 13********* ئايپەرىدىن ...›› دىگەن گەپلەرنى كۈرۈپ يۈرىكى سېلىپ، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئايپەرى قارىمايدىن بولۇپ، تىرىسى سۈزۈك ئاق ، ياپۇن كارتونلىرىدىكى ئۇماق پەرىشتىلەرگىلا ئوخشايدىغان، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قوي كۆزلۈك قىز بولۇپ مەكتەپ گۈزىلى ئىدى. باھادىر ئۇنى ئۇچىراتقان ھەم بىر نەچچە قېتىم ئۇچىراشقاندا خۇمالىق كۆزلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ، پۇت-قوللىرى قولاشماي يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالغان ئىدى. ئايپەرى ئىنتايىن ئۇچۇق چىقىشقاق بولۇپ باھادىر ئىلگىرى ساۋاقداشلىرىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى ھىسىياتچان ئىكەنلىكىنى، ھەم مەكتەپتىكى نۇرغۇنلىغان يىگىتلەرنىڭ ئۇنى قوغلىشىپ يۈرگەنلىكىنى، مۇھاببەتتىن بىر قېتىم ئازار يەپ ھازىرغىچە بويتاق يۈرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى.

 باغاقچىنىڭ قانداقلارچە كىتىپىغا كىرىپ قالغىنى ئويلاپ يىتەلمىگەن باھادىرنىڭ يىگىتلىك نەپسى ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم كۈرۈشۈپ بېقىشقا ئۈندەيتتى. باھادىر مۇشۇنداق بىر گۈزەلنىڭ مېنى ئىزدىگىنى قىزىقتە! يا بىرەرسى مېنى ئەخمەق قىلىۋاتقانمىدۇ؟  تىلفۇن قىلىپ باقايمۇ يە؟ مەندەك بىر سەھرالىقنىڭ نەرىنى ياخشى كۈرۈپ قالغاندۇ؟ توۋا!!! دەپ ئۆزىگە ئىشەنمەستىن توختىماي سۇئال قۇياتتى. بىرەر دوستلىرىغا مەسلەھەت سېلىپ بېقىشنى ئويلايتتىيۇ لىكىن ئىش ئويلىغىنىدەك بولماي قالسا باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قېلىشدىن قورقۇپ بۇ نىيىتىدىن يالتايدى. تىگى يوق خىياللار بىلەن باھادىر ئۇيقۇغا كەتتى. ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە‹‹ ئايپەرى بىلەن قولتۇقلىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئايپەرىنىڭ بەدىنىدىن كەلگەن خۇشبۇي ھىدلاردىن ھۇزۇۇرلانغاچ ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئايپەرى مەن سىزنى سۈيىمەن! سىز مېنىڭ بارلىقىم! دەپ پىچىرلايتتى››:

-باھادىر ... قوپە ئورنىڭدىن ئەتىگەنلىك دەرىسكە كىچىكىپ قالىسەن ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالدى دەپ توۋلىدى ياتاقدىشى نىجات. باھادىر شىرىن چۈشىنى بۇزغان نىجاتقا سەت ھومايغانچە بېشىنى ھۇرۇنلۇق بىلەن كۆتىرىپ :

-ھە ئۇقتۇم دەپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى. 1-سائەتلىك دەرىس باشلاندى. باھادىر ئۆزى سىنىپتا بولغان بىلەن پۈتۈن خىيالى ئايپەرىدە ئىدى. ئۇ ئاخىرى بۈگۈن كەچتە ئايپەرىگە تىلفۇن قىلماقچى بولدى.

كەچ سائەت 8لەردە باھادىر تىلفۇننى قولىغا ئېلىپ ئايپەرىنىڭ نۇمۇرىنى بېسىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، ئېغىزىغا بىرنەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى. دۇت... دۇت... قىلغان ئاۋازدىن كىيىن بىر قىز تىلفۇننى ئالدى:

-ۋەي...

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سىز ئايپەرىمۇ؟

-ياق... مەن ئەمەس، ھازىر ئۇنى چاقىرىپ قوياي. باھادىر ئۇ ئاۋازنىڭ ئايپەرىنىڭ ئەمەسلىگىنى  سەزگەندىن كىيىن يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەك بولدى. ئۇزۇن ئۆتمەي باھار شامىلىدەك يېقىملىق ئاۋازدا :

-ۋەي مېنى ئىزدەمتىڭىز دەپ بىر قىز تىلفۇننى ئالدى.

-ھە... شۇ... باھادىر گېپىنى تاپالماي قالدى بولغاي ئاخىرىنى دىيەلمەي قالدى.

-نىمە ؟ نىمە دەيسىز! مەن تاماق يەۋاتقان گىپىڭىز بولسا تىزراق دەڭ!  قىزنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن نارازىلىق بىلىنىپ تۇراتتى. باھادىر چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالغاندىن كىيىن :

-مەن باھادىر. سىز مېنىڭ كىتىپىمغا...دىيىشىگە قىز گەپنى ئۈزۈپ:

-ھە باھادىرمۇ سىز. سىزنى قاچان تىلفۇن قىلاركىن دەپ شۇ ساقلاپ ئولتۇرغان. مەن تېخى سىزنى خەتنى كۆرمىگەن ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن دەپ نازلىق بىلەن سۆز قىلىشقا باشلىدى. باھادىر ئۇنىڭ ئايپەرى ئىكەنلىكىنى مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن :

-شۇ ۋاقتىڭىز بولسا سىز بىلەن بىر كۈرىشەي دىگەن ئىدىم. دىگەن گەپنى ئارانلا دىيەلىدى.

-ئۇنداق بولسا يېرىم سائەتتىن كىيىن كۈتۈپخانا ئالدىدا كۈرىشەيلى! شۇ يەردە سىزنى ساقلايمەن دەپ جاۋاپ قايتۇردى. باھادىرمۇ خوشاللىقىدىن :

-بولىدۇ ئەمسە شۇ يەردە كۈرىشەيلى! دەپ تىلفۇننى قۇيىۋىتىپ ھاياجانلانغانلىقىدىن ياتاق ئىچىدە نەچچىنى سەكرىۋەتتى. ھەم تىزدىن تەييارلىق قىلىپ كۈتۈپخانا ئالدىغا چاپتى. كىچە ئاسمىنىدا غۇبارسىز ئاي ئۆزىنىڭ يۇرۇقلۇقى بىلەن زىمىننى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. تېخى بالدۇر بولغاچ ياتاق ئالدىدىكى مەجنۇن تال ئاستىدىكى تاش ئۇرۇندۇقلاردا ئاشىق-مەشۇقلارنى ئۇچىراتقىلى بولاتتى. باھادىر خوشاللىقىنى زورىغا بېسىپ، يوللاردىكى مەنزىرلەردىن ھۇزۇرلانغاچ ئايپەرىنى خىيال قىلاتتى. ھەي ... ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى ئۇچىرىشىشىم، نىمىلەرنى دىسەم بولا؟ نىمە گەپلەر بولىنار؟ ئىككىمىز راستىنلا يۈرۈپ قالساق ‹‹ئالتۇن ئۈزۈككە، ياقۇت كۆز ›› دىگەن مانا شۇدە! ھەممەيلەننىڭ ئېغىزلىرى ئېچىلىپلا قالاتتى دە... ئۇنىڭ شىرىن تاتلىق لەۋلىرىگە، لىۋىمنى تەككۈزۈش پۇرسىتىمۇ بولارمۇ ھە! باھادىرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ھايا-ئەخلاقى ئۇنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ خىيال قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدى.

 نەچچە ۋاقىتتىن شۇنچە ئۇزاق ھەم زىرىكىشلىك تۇيىلىدىغان بۇ يول بۈگۈن باھادىرغا ئىنتايىن قىسقا، ھەم مەنلىك تۇيىلدى. كۈتۈپخانا ئىشىكىدىن كىرىپ چىقىۋاتقانلار خېلى كۆپ بولۇپ، ئاسانلا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايتتى. باھادىر ئىچىدە : ‹‹مۇشۇنداق ئادەم كۆپ يەرگە تەكلىپ قىلغۇچە، ۋاسكىتبول مەيدانى بولامدۇ ياكى ماۋۇ كۆلنىڭ ئەتىراپى بولامدۇ؟ مۇشۇنداقراق يەرگە تەكلىپ قىلماي›› دەپ غودىرىغاچ ئايپەرىنى ساقلىدى.

-ھۇي !!! باھادىر...  يىراقتىن يېقىملىق بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى! بۇئاۋازدىن باھادىرنىڭ يۈرىكى سېلىپ، پۇت قوللىرىدا جان قالمىدى. ئۇ تەسلىكتە ئارقىغا ئۆرىلىپ قارىدى.

-گۈلنۇر... باھادىر جىددىيلىكىنى بېسىپ، ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن ئۇدۇلىدىن كىلىۋاتقان گۈلنۇرغا سالام قىلدى.

-ۋاي سىزمۇ؟ نىمە قىلىۋاتىسىز بۇ كىچىدە؟ بىرەر تۇمۇچۇقنى ساقلاپ تۇرىۋاتمىغانسىز ھە! ھى ھى ھى ... گۇلنۇرنىڭ بۇ سەت ھىجىيىشىدىن ئوڭايسىزلانغان باھادىر ئاران تەسلىكتە ئەسلىگە كىلىپ بىرسىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئالدىراپ گۇلنۇر بىلەن خوشلاشتى. ‹‹ھەجەپ كەلمەيدا ما خان!!! ئادەمنى جىددىيلەشتۈرۈپ››. ئەزەلدىن قىزلارنى ساقلاپ باقمىغان باھادىرغا بۇ قېتىملىق ساقلاش ئېغىر كەلگەن ئىدى. جىددىيلەشكەنلىكتىن ئاغزىلىرى قۇرۇپ، تاماقلىرى چاپلىشىپ كەتتى. تۇيۇقىسىز مۈرىسىگە تەككەن يىنىك شاپلاقتىن يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، تۆۋەنكى بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالغىلى تاس قالدى.

-ھۇي باھادىر نىمە بولدى؟ جانسىز كۈرىنىسىزغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ نىمە؟ چىرايىڭىزمۇ تاتىرىپ كىتىپتۇ؟ بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە؟ ئارقا ئارقىدىن سورالغان بۇ سۇئاللاردىن ئۇنىڭ جىددىيلىكى تېخىمۇ كۈچىيىپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى...

-ئايپەرى! مەن ... مەن ... ھېچنىمە بولمىدىم، شۇ ئازراق ...

-مىجەزىم يوق دىمەكچىمۇ سىز؟ مەن قارىساممۇ شۇنداقتەك قىلىدۇ. يۈرۈڭ ئەمسە كۈتۈپخانا ئارقىسىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغاچ پاراڭلىشايلى ! ئايپەرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرىدىن، باھادىر ئۆزىنى بېسىۋىلىپ، ئۆزىدىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىشكە تىرىشتى.

 

 

قىزغىن مۇھاببەت قاينىمى
 
ياتاقتا قىزغىن پاراڭ بولىۋاتاتتى...

-باھادىر دىگەن سولتەكنى كىتاپتىن باش كۆتەرمەي ئۆگىنىش قىلىپ، قىزلارغا قارىمامدىكىن دىسەك مانا ئەمدى  مەكتەپ گۈزىلىنى قولغا كەلتۈرىۋىلىپ قولتۇقلاپ مېىڭىپ كەتكىنىنى كۈرۈڭلا!!! 

-خۇدايىم نىمىشقا تەڭشەپ بەرمەيدىغاندۇھە! ئۇنىڭغا چىراينىمۇ، تىرىشچانلىقنىمۇ، يەنە گۈزەل پەرىزاتنىمۇ بەردى. بىزچۇ؟ دەرىسلەرنى بىلمەيمىز. يا بىر چىرايلىق مۇھاببەتلىرىمز يوق، نىمە دىگەن تەڭشەلمىگەن دۇنيا بۇ!

- ۋاي بولدى قاقشىمىغىنە، سېنىڭمۇ پىشانەڭ بىر يەردە باردۇر، باشقىلارنى كۈرەلمەسلىك مۇشۇ بىز خەققىلا قالغان ئوخشايدۇ. باھادىر بولسىمۇ مۇشۇنداق بەخىتتىن بەھىرلەنسۇن، بىز ئۇنىڭدىن خوشاللىنايلى! تارىختا ئۆتكەن ئاشۇق-مەشۇقلارمۇ شۇ زامانىسىدا ساناقلىق 1-2 بولغاچقىلا ئاندىن بىزگىچە ياتلىنىپ كەلگەن...

-ۋاي ۋۇي نىجات ئاداش بولدى قىلە، بىزمۇ شۇ مۇنداقلا چاقچاقلىشىپ ساۋاقدىشىمىز، ياتاقدىشىمىز باھادىرغا ئىچىمىز كۈيۈپ گىپىنى قىلىپ قويدۇق. ئۇنىڭغا راستلا مەستلىكىمىز كىلىدۇ . شۇنداقمۇ يا ئاغىنىلەر ...

-ياتاقداشلار بىردىن شۇنداق دىيىشىپ ئاۋاز قوشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىملىق مۇنازىرە ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.

باھادىر بىلەن ئايپەرىنىڭ يۈرىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تىزدىن پۈتۈن مەكتەپكە تارقالدى. ھەممەيلەننىڭ ئۇ ئىككىسىگە ھەۋىسى كىلەتتى. باھادىرغا كۈيۈپ يۈرگەنلەرنىڭ ئىچى ئېچىشىپ ئايپەرىگە ھەسەت قىلىپ، يامان گەپلىرىنى قىلىپ يۈرىشەتتى. باھادىرغا پات-پات پارچە قەغەزلەردە خەت-چەكلەرمۇ كىلىپ تۇراتتى. باھادىر پەرۋاسىز بولۇپ دەرسخانا بىلەن ئايپەرىنىڭ ياتىقى ئارىلىقىدا ئالدىراشلا يۈرەتتى. ئايپەرىنىڭ كۈندە ھەرخىل كىيىملەرنى كىيىشلىرى، چاچلىرىنىڭ پاسونلىرىنى ھەپتىدە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشلىرى، ھەر بىر يۈرۈش كىيىملىرىگە ماسلاشتۇرۇپ قىلىنغان گىرىملىرى، زىلۋا بويلىرى باھادىرنى چەكسىز ھاياجانغا سالاتتى،  مۇھابىتىنىڭ گۈزەل ھۆسنىدىن ھۇزۇرلىناتتى. تاتلىق گەپلىرىدىن خوشال كۈلەتتى. ئۆزىنى دۇنيادا ئەڭ بەخىتلىك ھىساپلايتتى. بارا-بارا ئانىسىغا قىلىدىغان تىلفۇن قېتىم سانى ئازىلاپ قالدى. ئانىسى تىلفۇن قىلغاندا بولسا ‹‹ ئوقۇشۇم ئالدىراش تىرىشمىسام ساڭا، يۇرتتىكىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن›› دەپ ئانىسىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايتتى. يۈرەك پارىسغا چەكسىز ئشىنىدىغان ئانا ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇپ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ئىشى ئۈچۈن جاپادىن قورقماي دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى.

كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئايپەرىنىڭ ئۈرۈمچىدە سودا قىلىدىغان يۇرتدىشىنىڭ تويى بولدى. ئايپەرى باھادىر بىلەن ۋىسال رىستۇرانىدىكى كەچلىك توي مەرىكىسگە قاتنىشىش ئۈچۈن چىرايلىق ياسىنىپ، ياتاق بىناسى ئالدىدا باھادىرنى ساقلاۋاتاتتى.

-باھادىر... مەن سىزنى سۈيىمەن، سىز مېنىڭ بارلىقىم، سىزسىز مېنىڭ كۈنلىرىم مەنىسىز، مەن كۈندە سىزنىڭ ماڭا مىھىر بىرىشىڭىزگە، پەپىلىشىڭىزگە مۇھتاج، سىز ئۈچۈن مەن ھەرقانداق نەرسىدىن كىچىشكە رازى... ئايپەرى باھادىرنى قولتۇقلاپ مېىڭىپ قۇلاق تۈۋىدە پىچىرلايتتى. باھادىر ھاياجاندىن يۈرىكىگە پاتمىغان خوشاللىقنى زورىغا بېسىپ ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتىلىك كىشى ھىساپلاپ ئايپەرىنىڭ يۇمشاق قوللىرىنى چىڭ قىساتتى. ئايپەرىنىڭ بەدىدىن كەلگەن ئىسسىق ھارارەت باھادىرنىڭ يۈرىكىگە بېرىپ توختىدى:

-مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن جېنىم. سىز ئۈچۈن جاندىن كىچىشكە رازىمەن. بەختىمىزگە كۆز تەگمىسۇن. سىز پەقەت ۋە پەقەت مىنىڭلا. باشقىلارنىڭ ھەققى يوق دەپ جاۋاپ قايتۇردى باھادىر. تاتلىق پاراڭلار، شىرىن ھىسلار قاينىمىغا چۆمگەن بىر جۈپ بىردەمدىلا رىستۇران ئالدىغا يىتىپ باردى.

 رىستۇران ئالدىدا توختىتىلغان ماشىنىلار ھەم كىرىپ چىقىۋاتقان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ سودىگەرنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالماق تەس ئەمەس ئىدى. باھادىر بۇنداق چوڭ سورۇننى تۇنجى كۆرگەن بولغاچقا ئازراق قورۇنۇپ قالدى. رىستۇران ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكى، ئۈستەللەرگە چىقىرىلغان سەيلەرنىڭ رەڭدارلىقى باھادىرغا ئانچە ياقمىغان ئىدى. ئىچىدە‹‹ بۇنچىۋالا ھەشەمەت قىلىپ نىمىمۇ قىلار، ئۈستەللەردىكى سەيلەر شۇ پېتى ئېشىپ قالىدىغان بولدى دە! بىزنىڭ مەھەللىدىكى بالىلارنى باشلاپ كەلگەن بولسام بىرنىمۇ قويماي سۈپۈرۈپ، ئۇزۇن ئېچىرقىغان ئىشتىھالىرىنى خوشال قىلاتتىكەن›› دەپ ئويلىدى. رىستۇران خوجايىنىنىڭ تويى بولغان يىگىت قىزغا بەخىت تىلىىشى بىلەن توي رەسمى باشلىنىپ ساز چېلىندى. كاستىيۇم كىيىگەن سىمىز كومزەكتەكلا بىر ئەر ھاراق تارقىتىۋاتاتتى. باھادىرنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ۋە ئايپەرىگە قاراپ:

-پەرى ئاۋۇ ھاراق ماۋۇ سورۇنغا كەپ قالماس ھە؟ مەن تېخى بۇ كەمگىچە ھاراق ئىچىپ باقمىغان... دەپ سورىدى. پەرى كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ:

-ئىچىپ بېقىڭە !  شۇنداق ياخشى نەرسە ئۇ! سەل تۇرۇپ قىزىپ توي دىگەندىن چاڭ چىقىرىۋىتىسىز. ھېچنىمە بولمايدۇ. دەپلا ياندىكى دوستىلىرى بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

باھادىر ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. ھېلىقى ھاراق قۇتىسىدەك قورسىقى يوغان، بوينى يوق دىيەرلىك خۇددى مۈرىسىگە يىلىم بىلەن چاپلاپ قويغاندەك كۆرىنىدىغان، مەيدىسىگە يوغان قىلىپ گۈل تاقىۋالغان كىشى سەت ھىجىيىپ كىلىپ :

-ئاغىنىلەر ئەمسە بۈگۈن راسا ياشايمىز. دوستمىزنىڭ تويىنى بىز قىزىتمىساق كىم قىزىتىدۇ. شۇڭا تارتىنماي ئولتۇرۇپ، ھاراق دىگەننى چاينىڭ ئورنىدا ئىچىپ كەيپىياتنى يۇقىرى كۈتەرگەيسىلەر. ھاراق تۈگىسە مەن بار دىگىنىچە تۆت بوتۇلكا ئاق ھاراقنى سورۇندىكىلەرگە سۇندى. شۇنىڭ بىلەن سورۇندىكى ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كەتتى. باھادىرنىڭ مەن ئىچىپ باقمىغان، مەن ئوقۇغۇچىتىم، مەن تېخى كىچىك دىگەن گەپلىرى كارغا كەلمەي زورلىنىپ بىر نەچچە رومكىنى ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ قانلىرى قىزىپ ئايپەرىگە كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ يېنىشلاپ قاراپ كەتتى ۋە ئۇنى بىر قول تاڭسىغا تەكلىپ ئەتتى. ئايپەرىنىڭ يۇمران بەللىرى، ئۇماق قوللىرى، باھادىرغا راھەت بەخىش ئىتىپ بەللىرىنى تۇتقان قوللىرى ئايپەرىنى ئۆزى تەرەپكە تارتاتتى. ئۇلارنىڭ بەدىنى بىر بىرىگە چاپلىشىپ، بىرگەۋدە بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئايپەرىدە تارتىنىش ۋە ئۆزىنى تارتىشتىن ئەسرا يوق ئىدى. باھادىرىنىڭ شەھۋىتى بارغانچە كۈچەيدى. بۇ بىر قول تاڭسا ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن قىسقا تۇيۇلدى. مۇزىكا تۈگىگەندە بولسا ئايپەرىنىڭ بەللىرىنى قاماللىغان قوللار بوشاشماي تۇراتتى. مەيداندا شۇ ئىككىلىسلا قالدى.

-باھادىر مۇزىكا تۈگىدى، ئورنىمىزغا قايتىپ كىتەيلى. ھەممەيلەن بىزگە قارىشىۋاتىدۇ دىدى ئايپەرى تارتىنغان قىياپەتتە. باھادىر بېشىنى سىلكىپ ئايپەرى بىلەن ئورنىغا قايتتى. بۇ جوزىدىكىلەر باھادىرنى ماختاپ ئۇچىرىۋەتتى.

-ئالامەت تەلىيىڭ بار نىمىكەنسەن. قىز دوستۇڭ خام يىگۇدەك قىزكەن ئەمەسما ئىككىڭلارنىڭ بەختى ئۈچۈن، مەڭگۈ تاتلىق ئاشىق-مەشۇق بولۇشۇڭلار ئۈچۈن دەپ تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن بىر قانچە كۆڭۈل رومكسىدا لىقلانغان ئاق ھاراق باھادىرنى بېشىغا چىقتى. باھادىرنىڭ گەپ سۆزلىرىنىڭ ئىلىشىپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئايپەرى ئامالسىز سورۇندىن بالدۇر قايتىشقا مەجبۇرى بولدى. بۇ پېتى ياتاققا قايتساق باھادىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازىغا تەسىر يىتىدۇ. بىز سىرتتا قۇنۇپ قالساق بولغۇدەك دەپ ئويلىغان ئايپەرى ياسىنىشقا ئالدىراپ يانچۇقىغا پۇل سېلىۋالمىغانلىقىنى ئەسكە ئېلىپ باھادىرنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇردى. نەچچە يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ئاران 50نەچچە يۈەن تاپتى. يېقىن ئەتىراپتىكى بىر مىھمانىغا بېرىپ 50 يۈەنگە بىر كىشلىك ياتاق ئېچىپ باھادىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ تەرلەپ كەتكىنىدىن يۇيۇنغىلى مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. باھادىر كارىۋاتتا ئۆزىنى تاشلاپ ياتاتتى. ھاراق تەسىرىدىن ئېغىزىلىرى قۇرۇپ كەتكەن باھادىر ئېغىر باشلىرىنى كۈتىرىپ، سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ مۇنچىغاتاشلاندى. ئايپەرى ئىھتىياتىسىزلىقتىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ قانداق مۇنچا ئىشىكىنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالمىغان ئىدى. باھادىر ئىشىكنى ئېچىپ قىپيالىڭاچ يۇيىنىۋاتقان ئايپەرىنى كۈرۈپ مەستلىكتىكى شەھۋىتى ئەخلاقىدىن غالىپ كىلىپ دەرھال ئايپەرىنى قۇچاقلىۋالدى. ئايپەرى قارشىلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇندىيۇ لىكىن بەدىنىنىڭ بارا-بارا بوشىشىۋاتقانلىقىنى سەزدى. باھادىرنىڭ كالپۇكى ئايپەرىنىڭ بەدىنىدە تىنىمسىز ھەرىكەت قىلاتتى. ئايپەرىنىڭ بەدەنلىرى قىزىشىپ، ئىللىق بىر سىزىم كالپۇكىدىن پەيدا بولۇپ يۈرىكىدە توختىغاندەك بولدى. باھادىر كىيىملىرىنى بىر-بىرلەپ سېلىشقا باشلىدى. تاتلىق سۈيۈشلەر داۋاملاشتى. ئايپەرىنىڭ خۇمالىق كۆزلىرىدىن بىرخىل ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا چاقماق تىزلىكىدە بىر ئەقىل كەلدى دە باھادىرنى كارىۋاتنىڭ يېنىغا بېرىشقا ۋە چىراقنى ئۈچۈرۈشكە بۇيرىدى. باھادىر بۇ چاغدا ئىككى تەننىڭ تىزراق بىرلىشىپ چەكسىز ھۇزۇردىن سۆيگۈنى بىلەن بىللە ھۇزۇرلىنىشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئويلىمايتتى. ئايپەرى كىيىم سېلىش باھانىسى بىلەن ئالدىن تەييارلانغان 5 مىللىلىتىر ‹‹قىزلىق›› قېنىنى يۇشۇرۇن ھالدا قولىغا ئېلىۋالدى.

 قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى ئۇ ئىككىسىگە نامەلۇم ئىدى. باھادىر بىر قولىنىڭ ئېغىرلىشىپ قالغىنىنى سىزىپ، كۆزىنى ئاچقاندا بولسا يالىڭاچ ئايپەرىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا شىرىن ئۇيقىدا ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ چۆچۈپ كەتتى. كىچىدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى خىيالەن ھېس قىلغاندەك بولۇپ كىچىدىن يىتىلگەن خىجىلچانلىقى يۈزىگە تىپىپ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ ئايپەرىنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇشقا جۈرئەت قىلالمىدى ۋە ئاستا سىرىلىپ يوتقانغا بېشىنى پۈركىۋالدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى ياش چەكلەنگەن مىۋىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تېتدى.

باھادىر ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھېس قىلاتتى. چۈنكى ئۆز سۆيگىسىنى، پاك مۇھاببىتىنى بىرىپ، ئۆمۈرلۈك بولۇشقا ۋەدە قىلغان، شىرىن ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان، گۈزەللىكى ۋە شوخلىقىدىن پاك ئەمەستەك تەسىر بىرىدىغان ئايپەرىنىڭ ‹‹قىز›› چىقىشى باھادىرنى ئالەمچە سۈيۈندۈرگەن ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ باھادىر پۈتۈن مىھرى-مۇھاببىتىنى ئايپەرىگە بىرىپ، ئۇنى كۆز قارچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايدىغان بولدى. ئانىسى خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ئايپەرى ياسانچۇق گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان قىز بولغاچقا كىيىم-كىچەك ۋە گىرىم بۇيۇملىرىغا ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كىتەتتى. باھادىرنىڭ ئۆيىدىن كىلىدىغان ئازغىنە پۇل ئۇ ئىككىسىنىڭ خەجىگە ھەرگىزمۇ يەتمەيتتى. ئۇلارنىڭ شىرىن مۇھاببىتىگە ۋاقىت كۆپ كەتكەچكە باھادىر مەكتەپ ئىچىدىكى قۇشۇمچە  خىزمەتتىن ھەيدەلدى. بۇنىڭغىمۇ ئايپەرى سەۋەپچى بولغان ئىدى.

 

مۇھاببەت ‹‹مىۋىسى››
داڭلىق رىستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا جۈپ-جۈپ قىز-يىگىتلەرنىڭ قىقاس چوقانلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. يىگىت -قىزلاردا لىقلاپ قۇيۇلغان رومكىلارنىڭ بىر-بىرىگە سۇقۇلۇپ ئىچىلىشلىرىدىن مەستخۇش بولۇشۇپ ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمى-ھايادىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. باھادىرغا يېقىن چاپلىشىپ ئولتۇرغان ئايپەرىنىڭ باشلىرى قېيىپ ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي قالغان ئىدى. باھادىرنىڭ قوللىرى ئايپەرىنىڭ بەدەنلىرىدە تىنىمسىز ھەرىكەت قىلاتتى. ئايپەرى چەكسىز ھۇزۇر ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنداپ باھادىرغا ھاياسىزلارچە تىكىلەتتى. باھادىر ئۇنىڭ ‹‹ئوتلۇق›› كۆزلىرىدىن كۆزىنى ئۈزمەي لەۋلىرىنى ئايپەرىنىڭ لەۋلىرىگە تەككۈزۈشكە تىرىشاتتى. سورۇندىكى جۈپلەر ئاللا بۇرۇن ئىرماش-چىرماش بولۇشۇپ ھاياسىزلىق باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. ھاراق تەسىرىدىن ئۇ ئىككىسىنىڭ بەدەنلىرى قىزىشاتتى. بىر-بىرىدىن نىجاتلىق تىلىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى بىكىتى ياتاق بولۇپ كىچىچە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشۈپ ئۆزىچە مۇھاببىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتى. بۇ كىچىنىڭ ئىككىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.

تۇرمۇش كىشىنى ھەر كويغا سالاتتى. باھادىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنالغان بولغاچقا دوستلىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن تىلفۇن بازىرىدا كونا تىلفۇن سودىىسى قىلىپ خېلى تىرىلىپ قالغاندەك بولدى. ھەپتىدە ئاز دىگەندىمۇ 100-150يۇەن پايدا چىقاتتى. تۇيۇقسىزلا كەلگەن سودا پۇرسىتى باھادىرنى خوش قىلىۋەتتى. ئايپەرىنىڭ توختىماي باھادىردىن نەرسە تەلەپ قىلىشى، باھادىرنىڭ پۇلى يوقلىقى بىلەن رەت قىلىندىغان بولغاچقا ئىككىسىنىڭ مۇھاببىتى‹‹سۇسلاپ›› قالغاندەك سىزىلىپ باھادىرنى قىينايتتى. مانا ئەمدى بۇ قىيىنچىلىقلار بىر يولى بىلەن ھەل قىلىنىپ ئايپەرىنىڭ ئالدىدا قورقماي پۇل خەجلىيەلەيدىغان ھالغا يەتتى. ئۇلارنىڭ مۇھاببىتى قايتا يېلىنجىغان چوغدەك مۇھاببەت قاينىمىغا قايتىدىن چۆكتۈردى.

شۇنىڭدىن باشلاپ باھادىرنىڭ دوستلىرى كۆپۈيىشكە باشلىدى. مەكتەپ ئىچىدە، تىلفۇن بازىرىدا ئۇنى تۇنىمايدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىدىكى ئېپى ھەممەيلەننى قايىل قىلاتتى. ئۇنىڭ خۇشپىئىللىقى، ئەدەپ-ئەخلاقلىقلىقى، تىرىشچانلىقىدىن ھەم ئۆتكۈر كۆزلىرىدىن مۇئامىلدارلار ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماللىرىىنى ئۇنىڭغا نىسىگە بىرىشەتتى. باھادىر  كۆپ پايدا قوغلاشمىغان بولغاچقا ھەم ئەرزان ھەم سۈپپەتلىك نىمكەش تىلفۇنلارنى تىزلا قولدىن چىقىرىپ مۇقۇم مەبلىغىنى نەچچە مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئايپەرىنىڭ باھادىرغا بولغان ‹‹مۇھاببىتى›› كۈنسايىن كۈچىيىپ ئۇنىڭدىن ‹‹ئايرىلماس›› بولدى.

ئامەت ۋە بەخىت يەنە بىر قېتىم باھادىردىن يۈز ئۆرىدى. باھادىرنىڭ بۇ قېتىملىق سودىسى نەق پۇلغا بېرىپ تاقىشاتتى شۇڭا ئۆزىمۇ ناھايىتى ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. لىكىن ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي قالدى. ئۇنىڭ شىرىكى تىلفۇن ئەكىلىش باھانىسى بىلەن باھادىرنىڭ ئاران تەستە يىغقان 8000يۈەن پۇلىنى پاي قىلىپ قۇشۇپ ئىچكىرگە چىقىپ كەتكەن پېتى 2 ئايغىچە قايتىپ كەلمىدى. باھادىر بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى. باھادىرنىڭ ئىچى پۇشاتتى. ئاران يىغقان پۇلىغا كىچىكىدىن ئۆزى يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ كۆز قارىچۇقىنى ئاسىرىغاندەك ئاسىراپ كەلگەن ئانىسىغا 1 كىلو گۆش سېتىۋىلىپ ‹‹ئانا مانى يىگىن›› دىمەيلا يوق بولغىنىدىن يۈرىكى ئېچىشاتتى. ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكار ھىساپلايتتى. ئانىسىنىڭ باققان ئەجىرىنى بىر ئۆمۈر قايتۇرالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتى.

بىر كۈنى باھادىرنىڭ يانفۇنى تۇيۇقىسز سايراپ قالدى. تىلفۇننى نەق ئۇنىڭ ئىچكىرگە تىلفۇن ئالغىلى چىقىپ كەتكەن شىرىكى قىلغان ئىدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش! قانداق ئەھۋالىڭ؟ تىلفۇندىكى ئاۋازدىن ئۈمۈتسىزلىك تۈكىلىپ تۇراتتى. باھادىر ئاچچىقتىن تىتىرەپ مۇشتلىرى ئىختىيارسىز تۈگۈلگەن، چىشلىرى غۇچۇرلىغان ھالدا ئۆزىنى زورىغا بېسىپ:

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! ئۆزەڭچۇ يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ ئادەمنى ئەنسىرىتىپ، بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە؟ تىلفۇندىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.

-ئاداش مەن قۇيمىچىغا ئۇچىراپ شىنجاڭغىمۇ قايتالماي يا پۇلنى تاپالماي يۈرىمەن. يىغا ئارىلاش چىققان ئاۋازدىن غەزەپلەنگەن باھادىر ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولدى. ئۇ شىرىكىنىڭ دىيىشىچە گۇۋاڭجۇدىكى تىلفۇن سودىگىرى قىياپىتىدىكى قۇيمىچى ئىچكى باھادا ئەرزان تىلفۇن ئۇقۇشۇپ بىرىش باھانىسى بىلەن نەچچە ئون دانە تىلفۇننى كۆرسىتىپ باھاسى ئەرزان بولغاچقا پۇلنى ئالدىن تاپشۇرىسەن دەپ بىر تىلفۇن شىركىتىنىڭ ئالدىدا ساقلىتىپ قويۇپ شۇ پېتى پۇلنى ئېلىپ قېچىپ كەتكەنمىش، مۇناسىۋەتلىك ساقچى دائىرلىرىگە دىلو مەلۇم قىلغان بولسىمۇ ھازىرغىچە جاۋابى يوق ساقلاۋاتقانمىش. باھادىرنىڭ بۇ گەپلەرگە ئىشەنگۈسى كەلمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئامال يوقتە... شۇ ئاچچىقىدا بىرنەچچە ئۈلپەتداشلىرىنى چاقىرىپ سورۇن تۈزۈشۈپ ھۇشىنى بىلمىگۈچە ئىچىشتى. كۆڭلىدە ئەتە مەستلىكىمدىن يىشىلسەم بايا ئاڭلىغانلىرىم چۈشۈم بولۇپ قالسا دىگەنلەرنى ئويلايتتى.

كىچىدىن ئىچكەن ھاراق تەسىرىدىن گاللىرى قۇرۇپ يان تەرىپىگە قۇيۇپ قويغان يېشىل چاينىڭ قۇتۇسىنى قولىغا ئېلىپ بىر–ئىككى ئوتلام ئىچكەندىن كىيىن ئېغىر باشلىرىنى ھۇرۇنلۇق بىلەن كۆتىرىپ سائىتىگە قارىدى. سائەت ئىستىرىلكىسى9:20 دىگەن ساننى كۆرسىتىپ تۇراتتى. بۈگۈن يەنە ئىككى سائەت دەرىستىن قۇرۇق قاپتىمەن دەپ ئويلىدى ئىچىدە. ئورۇندىن تۇرۇش خوشياقماي يەنە ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتتى. تۇيۇقسىز سايرىغان تىلفۇن ئاۋازى باھادىرىنى چۆچىتىۋەتتى. تىلفۇننى ئالماي دىدىيۇ لىكىن سىنىپ مۇدىرى ياكى فاكولتىت مۇدىرىنىڭ بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كارىۋاتتىن ئاستا چۈشۈپ توك قاچىلىۋاتقان يانتىلفۇننى قولىغا ئالدى:

-ۋەي باھادىرما؟  تىترەپ چىققان ئاۋازدىن باھادىر ئەنسىزلىك ھېس قىلىپ:

- ئايپەرى ساڭا نىمە بولدى ؟ مىجەزىڭ يوقمۇ نىمە ؟ جىددىيلىك ئىچىدىن سورالغان سۇئالغا ئايپەرى يىغلامسىراپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى:

-ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا كۈرىشەيلى! تىزدىن چۈشكىن دەپلا تىلىفۇننى قۇيىۋەتتى. باھادىرنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ دەرھال جابدۇنۇپ قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىغا چاپتى.

ئايپەرى يالغۇز ئۇرۇندۇقتا غەمكىن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قولىدا ئاياللار بۆلىمىنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزى تۇراتتى. تىگى يوق خىياللار ئايپەرىنى قىينايتتى. شۇنچىۋالا ئىھتىيات قىلسام بۇ نىمە بولغىنى ئەمدى. ھەر قېتتىم بىللە بولغاندىن كىيىن جىددىي ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستىمال قىلاتتىمغۇ؟ ئەجىبا بۇ دورىمۇ كار قىلمىغاندىمۇ؟ قانداقمۇ قىلارمىز. بالىنى ئالدۇرۋىتەي دىسەم بۇ باھادىر دىگەن نىمىنىڭ جېق پۇلى بولمىسا! مەن چىقىراي دىسەم تېخى تۇرىدۇ. كونىلارنىڭ ‹‹كۇزا كۈندە سۇنماس، سۇنسا بىلىپ بولماس›› دىگىنى ھەق گەپكەن جۇمۇ! ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى! تۇغۇش تېخى مۇمكىن ئەمەس. مەكتەپ بىلىپ قالسىلا ئىككلىمىزنىڭ بەختى يوق بولىدۇ. تىگى يوق خىياللار ئايپەرىنى قىينايتتى.

-پەرى !!!  يىراقتىن ئاڭلانغان باھادىرنىڭ ئاۋازى ئايپەرىنى خىيالدىن ئويغاتتى. باھادىر ئايپەرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە بولسا ئۇنىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان چىرايى كۈرۈپ بايامقى ئەنسىزلىك تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. ئۇ ئالدىراش:

-پەرى ساڭا نىمە بولدى؟ ئاغىرىپ قالمىغانسەن ھە! چىرايىڭ سۇلغۇن كۆرىنىدىغۇ دەپ ئايپەرىگە تىكىلدى. ئايپەرىنىڭ ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى. ئايپەرى باھادىرغا قارىيالماستىن قولىدىكى دىئاگىنوز ئىسپات قەغىزىنى ئۇنىڭغا سۇندى.

-بۇ نىمە؟ باھادىرنىڭ سورالغان سۇئالى جاۋاپسىز قالدى. باھادىر قەغەزدىكى ‹‹ ئىسمى ئايپەرى ، 23ياش، ھامىلدار بولغىنىغا 7ھەپتە 5كۈن بولغان ›› دىگەن خەتلەرنى كۈرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. باھادىرنىڭ چىرايى تاتىرىپ، پۈتۈن ئەزايى تىترەپ بىرتال ئوق مىڭىسىدىن كىرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئايپەرى بىلەن بولغان ناشايىن ئىشلىرى كىنو لىنتىسىدەك بىر-بىرىلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.

ھاملىدار بولغىنىنى بىلگەن ئانىنىڭ پۈتۈن ھۇجۇدى مىھرىبانلىق بىلەن بالىغا ئىنتىلەتتى. لىكىن ئايپەرىدە بۇ خىل مىھرىبانلىق ۋە خوشاللىقتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ئىدى. خۇددى ئايپەرىمۇ شۇنداق تۆرەلگەندەك! ئاكام توي قىلىپ 5 ئايدىن كىيىن يەڭگەمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى خەۋىنى دادام ۋە ئانام بىلگەندىن كىيىن بىزنىڭ ئائىلىمىز بەخىت كۈلكىسىگە تۇلۇپ، ئانام جىددىي يىڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان نەۋرىسىگە ئاتاپ كىيىملەرنى ۋە تەرەت لاتىسىنى تىكىشكە باشلىغان ئىدى. لىكىن بۇ ئىككى ياشچۇ؟ ئاتا-ئانىلىرىچۇ؟ ئۇلار بۇنداق خوشاللىقتىن مەھرۇم ئىدى. نەۋرىلىك بولۇش خىيالى پەرزەنتلىرىنىڭ بىردەملىك ھىسيات كەينىگە كىرىپ قىلغان ئەخمىقانە قىلمىشىنىڭ تەسىرىدە گۆرگە كۈمۈلگەن ئىدى. ئەقىلسىزلىك ۋە ھايۋان كەبى قىلمىشلىرى ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئازاپتا قالدۇرغان ئىدى. بىردەملىك سۈكۈتتىن كىين باھادىر ئايپەرىگە قاراپ كەسكىنلىك بىلەن

- بالىنى ئالدۇرۋىتەيلى! بۇ گەپ ئايپەرىگە قانداق تەسىر قىلدى بۇنىسى نامەلۇم ئىدى.

-نىمە؟ ئالدۇرۋىتەيلى؟ سېنىڭ تېخى بۇ بالىنى ئېلىش نىيىتىڭمۇ بارمدى. ۋۇ يالاڭتۆش، مېنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىمغا سەن سەۋەپچى... ئايپەرىنىڭ زۇۋانى ئېچىلىپلا كەتتى. باھادىر باشتا چاقچاق قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى كىيىن كەينى-كەينىدىن قىلىنغان ھاقارەتكە چىداپ تۇرالماي ئايپەرىنى تەستەك بىلەن بىرنى سالدى. شاپلاق تەسىرىدىن ئايپەرى كەينىگە 3-4چامدام داجىپ كەتتى.

-ۋۇ ۋاپاسىز! سەن ئىشەكچىلىكمۇ بۇلالمايدىكەنسەن. ھايۋان جېنىدا ئۆزىنىڭ تاپقان بالىسىغا ئىگە بولىدۇ. لىكىن سەنچۇ؟ قىلىدىغاننى قىلىپ قويۇپ يەنە مېنى ئۇرىۋاتىسەنغۇ؟ سەنمۇ ئادەممۇ؟ ۋۇ ھايۋان!  باھادىر تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى. ئايپەرى يىغلىغان پېتى يۈگۈرگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەتتى. ئايپەرىنىڭ ‹‹ھايۋان›› دىگەن سۆزى باھادىرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلايتتى. راست مەن ھايۋان، مېنى كىچىكىمدىن دادىسىز بېقىپ ياراملىق تەربىيلەپ چىققان ئانامغا ۋاپا قىلماي، بۇرۇندىن ئەخلاق، شەرمى-ھايا يول قويمايدىغان ئاشۇنداق ناشايىن ئىشلارنى قىلىپ ئىشتان سىرتىدىن ھارامدىن بولغان بالا تېپىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولالمىغان مەندەك نائىنساپنى ھايۋان دىمەي نىمە دىسە بولىدۇ. دادامنىڭ روھى مېنىڭ مۇشۇ ھالىتىمنى كۆرسە لەنەت ئوقىماسمۇ؟ يەرلىكىدە تىنىچمۇ ياتارمۇ ھە!!! ئىسسىت مېنىڭ بىھۇدە ئۆتكەن كۈنلرىم. باھادىر ئۆزىنى نەچچىنى كاچاتلىۋەتتى. بالىنى چۈشۈرۋىتىشكە 5000يۈەندەك چىقىم كىتەتتى. ئۇ بۇ پۇلنى راسلىمىسا ئايپەرىنىڭ قورسىقىدىكى بالا جىم تۇرمايتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بېشىغا بىر غەم چۈشتى.

بەخىتسىزلىك ئۇنىڭ روھىنى سۇندۇرۇپ، بۇرۇنقى تىرىشچانلىقىنى، ئۆتكۈرلىكىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ ئۇنى يارىماس قىلىشقا تىرىشاتتى. ئۇنىڭ ئۆگۈنۈش نەتىجىسى كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ سىنىپ مۇدىرى ۋە فاكولتىتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. فاكولتىت مۇدىرى باھادىرنى چاقىرتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىرلەشتى. باھادىر بولسا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئائىلىسنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىغا ئارتىپ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى. فاكولتىت مۇدىرى ئۇنىڭغا فاكولتىت ئىچىدە ئىئانە توپلاپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فاكولتىت مۇدىرىنىڭ ئەتىراپلىق ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ئىئانە خىزمىتى باشلاندى. دەسلەپكى قەدەمدە سىنىپ ئىچىدە، ئۇنىڭدىن كىيىن فاكولتىت ئىچىدە، بارا-بارا كىڭىيپ پۈتۈن مەكتەپ خاراكتىرگە ئۆزگەردى. بۇ قېتىملىق ئىئانە پائالىيتىدە 10مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل يىغىلغان بولۇپ مەلۇم قىسمىنى ئاخىرقى يىللىق ئۇقۇش پۇلىغا تۇتىۋىلىپ قالغان 5000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى باھادىرنىڭ قولىغا تاپشۇردى. باھادىرنىڭ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغان قوللىرى ئاجىز تىتىرەيتتى. ئۆزىنىڭ قىلغان ناشايان ئىشلىرىنى يۇشۇرۇشقا شىرىك قىلغان پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىدا ئۆزىنى ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن جىنايەتچىگە ئوخشىتاتتى. ئۇنىڭغا يىغا ئولىشاتتى. ئۆزىنى زورىغا بېسىپ فاكولتىت مۇدىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ يېنىپ چىقىپ ياتاققا كىرىپ يوتقانغا بۈركىنىپ قاتتىق يىغلىۋالدى. تىلفۇنىنى ئېچىپ ئايپەرىدىن كەلگەن يۈرىكىگە خەنجەر بولۇپ سانجىلغان، نەچچە كىچىلەر ئۇيقۇسىز قويغان، ئۆزىنى مەڭگۈلۈك ئازاپتا قالدۇرغان قىسقا ئۇچۇرنى ئاچتى. ‹‹5مىڭ يۈەن پۇلنى تاپمىغىچە مەن بىلەن ئالاقىلاشما›› دىگەن خەتنى كۈرۈپ تىلفۇننى چېقىۋەتكۈدەك بولدى. لىكىن ئارتۇقچە زىيان بولىشىدىن ئەنسىرەپ تىلفۇنىنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە يانچۇقىغا سېلىپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!! ئايپەرىمۇ؟ ئاچچىقتىن تىترەپ چىققان ئاۋاز ۋاقىتسىز ئۈزۈلۈپ قالدى.

-ھە مەن، نىمە بولدى يالاڭتۆش، مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق دەپ يەنە تىلفۇن قىلىپسەنغۇ؟ پۇلنى تاپتىڭمۇ؟ ما بالاڭ قوسىقىمدا تۇرىۋىرىپ بەك ئىچىمنى سىقىۋەتتى. تىزرەك يوقات بۇ بىر نىمەڭنى!!! بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان باھادىرنىڭ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. ئايپەرىنىڭ بۇنچە تىز ئۆزگىرىپ بۇ ھالغا يىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئاچچىقتىن يېرىلغۇدەك بولغان باھادىر يەنىلا تەمكىنلىك بىلەن :

- ھەئە 5مىڭ يۈەن تېپىپ كەلدىم. پەسكە چۈشسىڭىز، دوختۇرغا ئاپىراي! مۇلايىملىق بىلەن قىلىنغان بۇ سۆزلەردىن ئايپەرىنىڭ يۈرىكى ئازراق ئېرىدى بولغاي ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ تىلفۇننى قۇيىۋەتتى. باھادىرنىڭ كاللىسىدا چىرماش خىياللار، ئايپەرىنىڭ بۇرۇنقى مۇلايىم، مىھرىبانلىق بىلەن ئەكىلەشلىرى، قوللىرىنى تۇتىۋىلىشلىرى، لەۋلىرىنى لەۋرىگە يېقىشلىرى، ئوتلۇق مىھرى بىلەن قۇچاقلاشلىرى بىردىنلا ئۆزگىرىپ ئالۋاستى كەبى بولۇشلىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيتتى. ئالا ھەزەل 10 مىنۇتتىن كىيىن قورچاقتەك ياسانغان ئايپەرى ياتاق بىناسى ئالدىدا پەيدا بولدى. ئايپەرى يەنىلا شۇنداق گۈزەل تۇراتتى. ئۇنىڭ سىرتقى ھالىتىدىن ئۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ يىتەلمەيتتى.

     مەكتەپ ئىچىدىكى مەجنۇن تاللار ئۇلارنىڭ كىينكى مەنزىلىگە يول ئېچىپ بىرىۋاتقاندەك ئىگىلىشىپ تۇراتتى. كىىچىك ئېرىقتىن شىرىلدىغان سۇنىڭ ئاۋازى كىلىپ تۇراتتى. باھادىرنىڭ ئايپەرىگە شۇنداق گەپ قىلغۇسى كەلدىيۇ لىكىن قاپىقىنى ئاچمىغان ئايپەرى شۇنداق سۈرلۈك بولۇپ تۇيۇلۇپ گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئايپەرى بولسا يەردىن بېشىنى كۆتۈرمەي، خۇددى يولدىن ئالتۇن تېپىۋالدىغاندەك ماڭاتتى. بۇرۇن ئايپەرى بىلەن بىللە ماڭسا ۋاقىت شۇنچە تىز ئۆتكەندەك، ئۇزۇن يوللار قىسقىرىغاندەك سىزىلدىغان بولسىمۇ لىكىن بۇ قېتىم ئەكىسچە كەينىگە مېڭىۋاتقاندەك، دوختۇرخانا نەچچە تاغنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغاندەك، ئۇ ‹‹مەنزىل››گە يەتكىلى بولمايدىغاندەك سىزىلەتتى. ماڭا-ماڭا مەنزىل ئاخىرى كۆرىندى. بۇ ئىككىيلەننىڭ خىيالى ئىككى خىل، باھادىرغا خۇددى ئەزرائىلنىڭ قەسىرىدەك كۆرىنەتتى. ئايپەرىگە خۇددى باھادىر بىلەن بىرگە بولغان مىھمانخانىدەك كۆرىنەتتى. ئامال قانچە ‹‹قاسساپ ياغ قايغۇسىدا، ئۆچكە جان قايغۇسىدا››.  باھادىر كۆز ئالدىدىكى دوختۇرخانىنى كۈرۈپ يۈرىكى سېلىپ، پۈتۈن بەدىنىگە تىتىرىگە ئولاشقاندەك بولدى:

     -مۇشۇ يەر شۇمۇ؟ باھادىرنىڭ بوش ئاۋازدا سورالغان سۇئالىغا ئايپەرى سۇسلا قىلىپ :

     - ھە دەپلا جاۋاپ بەردى. خۇددى بۇ يەرنىڭ دائىملىق ‹‹خېرىدارىدەك››. ئۇلار دوختۇرخانىغا كىرىپ بارلىق رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن سېستىرا قىز كىلىپ باھادىردىن سورىدى:

      -سىز بۇ قىزنىڭ يولدىشى بولامسىز؟

      -نىمە يولىدىشى؟ سورالغان بۇ سۇئالدىن باھادىر تەمتىرەپ ئايپەرىدىن ئۆگىنىۋالغان ‹‹ھەئە مەن يولدىشى›› دىگەن گەپنى ئارانلا دىيەلىدى.

      - ئۇنداق بولسا بۇ يەرگە ئىمزا قۇيۇپ بىرىڭ؟

     -باھادىرنىڭ قەلەم تۇتقان قوللىرى تىتىرەيتتى، يۈرەكلىرى دۈپۈلدەپ سالاتتى. ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دادا مېنى ئۆز قولىڭىز بىلەن ئۆلتۈرۋەتمەكچىمۇ سىز؟ دىگەن ئاجىز ئاۋاز نىدا قىلاتتى. كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان باھادىر چەكسىز ئازاپ ئۇقىبەتنى ئاشۇ قەلەمنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ ‹‹باھادىر››دىگەن ئىسىمنى ئاران تەستلىكتە يازدى. ئۆزىنىڭ تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ‹‹قاتىلى›› بولغان باھادىرنىڭ پۇت-قوللىرى جانسىزلىنىپ كارىدوردىكى تامغا يۆلىنىپ قالدى. ئايپەرى بولسا ئاپراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىتىلدى. باھادىر‹‹5 مىنۇت ئىچىدە ئاغىرتماي ھامىلە چۈشىرىمىز، چالا قالسا ھەقسىز قىرىمىز›› دىگەن ئىلاننى چىڭ سىقىمدىغىنىچە ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. ئۇنىڭ كاللسىى قۇپقۇرۇق بولۇپ، ھېچنىمىنى ئويلىيالمايتتى. پەقەتلا قۇلاق تۈۋىدە نارسىدە، تېخى گۇناھ ئۆتكۈزۈش‹‹شەرىپىگە›› مۇشەررەپ بولالمىغان بالىنىڭ يۇرۇق دۇنيانى كۆرمەي تۇرۇپ گۆر ئىچدە زارلىنىپ يىغلاۋاتقان يىغا ئاۋازى ئاڭلىناتتى.

      ئايپەرى يېرىم ھۇشسىزلانغىنىچە ئاپراتسىيە ئۆيىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە كۈرۈلمەيتتى. خۇددى نەچچە قېتىم بالا ئالدۇرۇپ كۈنۈپ كەتكەن ‹‹تەجىرىبىلىك›› ئاياللاردەك پەرۋاسىز ئىدى. باھادىرنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەندە بولسا ئايپەرىدە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى. باھادىر بۇ قېتىملىق يۈز كۆرىشىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق بولۇشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئايپەرىنىڭ تىلفۇنى قەتتئىيلا ئۇلانمىدى. باھادىرنىڭ يۈرىكى چەكسىز ئازاپقا تولغان ئىدى. ئېھتىمال ئۇ ئانىسى ئۆلگەندىمۇ بۇنچىلىك ئازاپلانماس. ئۇ بۇ ئازاپتىن ئۆزىنى ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك سىزەتتى. لىكىن ئۈلۈم بۇنداق ئاسان ئەمەستە! باھادىر نەچچە قېتىم ئۈلىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ زەئىپلەشكەن يىگىتلىك غورورى كىچىكىدىن پۈتۈن مىھرىنى بىرىپ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىنى داغدا قويۇپ تاشلاپ كىتىشكە يول قويمىدى.

 

ئاھ! ئايپەرى
تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقايلىقى باھادىرنى خېلى كويلارغا سېلىۋاتاتتى. بولۇپمۇ مۇھاببەتتىكى زەربە ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسى بارا-بارا سۇسلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇرۇنقى قەيسەر، تىرىشچان، جاپاغا چىداملىق باھادىردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئايپەرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ھەتتا كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭمۇ بولماسلىقى باھادىرنى ئاجايىپ قىينايتتى. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. باھادىرنىڭ ئۆگۈنۈش، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش... قاتارلىقلارغا رايى بارمايتتى. كىتاپنى ئاچقاندىن كىيىنلا ئايپەرىنىڭ گۈزەل ھۆسىن جامالى كىتاپ بېتىدە نامايەن بولاتتى. ياستۇققا بېشىنى قويغان ھامان ئايپەرى بىلەن مۈرىدىشىپ، ئۆز-ئارا باشلىرىنى قۇيۇشۇپ ئولتۇرۇشقان ھالەتلىرى كۆزئالدىغا كىلەتتى. مەكتەپ ئىچىدىكى مەجنۇن تاللار ئاستىدىكى ئۇرۇندۇقلار، قوغلىشىپ ئوينىغان چىم مەيدانلار، بىللە دەرىس ئۆگەنگەن كۈتۈپخانىلار... ئىشقىلىپ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتى ئايپەرىنى ئەسلىتىپ باھادىرغا زۇلۇم قىلاتتى. باھادىر مۇشۇنداق ھىجراندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن كەلگەن پۇللار ئۇنىڭ خەج-خىراجىتىگە يتىشمەي مەكتەپتىن قىلىنغان ئىئانىلەرنىمۇ تۈگىتىپ، تېخى ياتاقداشلىرىدىن قەرىز ئېلىپ ھاراق-شاراپ، كەيىپ-ساپاغا بىرىلىپ كەتتى. كەچلىرى ياتاققا كىرمەيتتى. كۈندۈزلىرى سىنىپقا كىرمەيتتى.

       مانا ھەش-پەش دىگۈچە قىشلىق تەتىلمۇ توشۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىشتى. باھادىر ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تەتىل بولغاچقا ئائىلىسگە قايتمىغان ئىدى. ئۇ مەلۇم بىر ئارامگاھتا ۋاقتلىق خىزمەت قىلىپ ئانچە-مۇنچە پۇل توپلىۋالدى.

 ياتاقتا يۈك تاقىلىرىنى يۇغۇشتۇرىۋاتقان نىجات باھادىرنى كۈرۈپ يېقىنچىلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراشقا باشلىدى:

      -ۋاي ئاداش قاچان كىلىۋالدىڭ! چىرايلىرىڭ قارىداپ كىتىپتۇ؟ يۇرتۇڭدا جاپا تارتىۋالغان ئوخشىمامسەن، ئاناڭ سالامەتمىكەن؟  باھادىر نىجاتنىڭ سۇئاللىرىغا سوغوققىنە قىلىپ :

      - ئانام ھەر ھالدا ياخشى، مەن بۇ قېتىم يۇرتقا قايتمىدىم. ئەسلىدە قايتىپ كىتىش پىلانىم بار ئىدى. لىكىن بۇ شەھەردە ئاخىرقى قېتىملىق تەتىلىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزەي دەپ ئويلاپ... باھادىرنىڭ سۆزى تۈگەپ بولغۇچە نىجات گەپنى بۆلۈپ :

      - ئاداش ئويلاپ باقە سېنىڭ ئاناڭدىن باشقا يەنە نىمەڭ بار. سېنى خېلى ئەقلى-ھۇشى بار ئەركەك دەپ يۈرسەم ‹‹بۇ شەھەردە ئاخىرقى قېتىملىق تەتىلىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزەي دىدىم›› دەيسىنا. سېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن يۇرتۇڭ، ساڭا پۈتۈن مىھرىنى بىرىپ چوڭ قىلغان ئاناڭ سەن ئۈچۈن بۇ شەھەردىنمۇ ئارتۇقما؟ ئاناڭ ئاشۇ يېزاڭدا نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقاندۇ؟ ئاناڭنىڭ چىرايى ئېسىڭدە بارمۇ يا؟ بۇ ئاچچىق گەپلەر باھادىرنىڭ يۈرىكىگە تەگدى بولغاي كۆز چاناقلىرىدىن ياشلىرى لىغىرلاپ قالدى. نىجات يەنە داۋاملىق سۆزلىسە باھادىرنىڭ يىغلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ گېپىنى توختىتىۋالدى. باھادىر كەيپىياتىنى ئازراق تەڭشىۋالغاندىن كىيىن يانچۇقىدىن بىرتال تاماكىسىنى چىقىرىپ ئوت تۇتاشتۇرغاچ گەپ قىلماقچى بولدى. ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان باھادىرنىڭ قولىدىكى تاماكىنى كۆرگەن نىجات ھەيرانلىقتىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمىدى.

      - تېخى تاماكا چىكىدىغان بولىۋالدۇق دىگىنە؟ ئىش باركەن ھە! بىزنى يانچۇققا زىيان، سالامەتلىككە زىيان دەپ توسىدىغان نوچىنىڭ بۈگۈن ئاقسا تاماكىسىغا ئوت ياققىنىنى. سەن ئۆزگىرىپسەن باھادىر. مەن سېنى بۇنچىلىك بولۇپ كىتەر دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. مەن راستىنلا سېنى تۇنىيالمايۋاتىمەن. بۇ سەنمۇ؟ بۇ قېتىم باھادىر ئۆزىنى زورىغا بېسىپ باققان بولسىمۇ كۆز چاناقلىرىغا توشۇپ قالغان ‹‹ھايا›› ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈپ، مايلاپ كالىنىڭ بۇرنىدەك پارقىرتىۋاتكەن ئايىقىنىڭ ئۇچىدا توختىدى.

      - ئاداش مەنمۇ ئۆزەمنى تۇنىيالمايۋاتىمەن. بۇ يەردە مېنى توسىدىغان ئادەم يوق. ئەسكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ باقتىم. مەن ئايپەرىگە چىدىمايۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلەي دىدىم. نىمە قىلارىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. يىغا ئارىلاش دىيىلگەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان نىجات ئۇنىڭ تەربىيەنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى پەملەپ گەپلىرىنى يۇمشىتىشقا باشلىدى:

      - ئاداش بۇ سەن قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بۇرۇن توسىدىغان ئادەم بولمىسا ھازىر مانا مەن بار. ئۆزەڭنى بۇنداق تۈگەشتۈرمىگىن. مەكتەپنىڭ كۆزى سەندە.  سېنىڭ ئىستىقبالىڭ پارلىق، مەكتەپتىكى ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىرىشەلىشىڭدە گەپ يوق. ئاناڭنى ئويلا ! ئۇ سېنى چوڭ قىلىپ مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە نەچچىلىك جاپا تارتقاندۇ؟ سەن مۇشۇنداق جاۋاپ قىلامسەن؟ داداڭنىڭ روھىي قورۇنمامدۇ ئاداش. ئەقلىڭ بىلەن ئىش قىلغىن. قېنى بۇرۇنقى تىرىشچان، شەرمى-ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ھەممە ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلىدىغان، ئۆتكۈر ھەم ئەستايىدىللىقى بىلەن پۈتۈن مەكتەپتە كۆزگە كۈرۈنگەن باھادىر...

      -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاغىنىلەر !!! تىنىچ ئامان ئۆيگە بېرىپ كىلىۋالدىڭلارمۇ؟ باھادىر بىلەن نىجاتنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەستىن قوشنا ياتاقتىكى بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقداشلىرى بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ۋاقىتسىز ئاخىرلاشتى. ياتاق ئىچى قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىدى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدىن ئەكەلگەن ئىسىل نازۇ-نىمەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئېلىشقا باشلىدى. ياتاق ئىچى بىردەمدە مول داستىخانلىق سورۇنغا ئايلاندى. قۇمۇلنىڭ چوڭ چىلىنى ۋە قۇغۇن قېقى، تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈملىرى، كورلىنىڭ نەشپۈتلىرى، قەشقەرنىڭ بادام،ياڭاق، ئانارلىرى. خوتەننىڭ تۇنۇر كاۋاپلىرى ۋە كۆمەچلىرى، غۇلجىنىڭ قۇرت ۋە قىيزىلىرى، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈر قاقلىرى ۋە مۇراببالىرى... ئىشقىلىپ شىنجاڭ ئىچىدىكى قىشتا تاپقىلى بولدىغان قۇرۇق يىمىشلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. ياتاقتىكىلەر بىرەر قۇردىن ئېغىز تىگىشىپ يۇرتلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. ئىشىك چىكىلدى. ئىشىكتىن ئوتتۇرا بوي، يۈزلىرى سۇزۇنچاق، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ كەتكەن، يوغان بۇرۇتلىرىنى يۈزىنى بىر ئالغان ئۇرۇقلىقىدىن قولىدىكى باكنى ئاران كۆتىرىپ كىلىۋاتقان سەمەت كىردى. ھەممەيلەن جىمىپ خۇددى شۇنىلا ساقلاۋاتقاندەك سەمەتنى قىزغىن كۈتىۋىلىشىتى:

       -ئەزەلدىن سورۇنغا قۇرۇق كەلمەيمىز جۇمۇ بىز. مانا ماۋۇ بىزنىڭ يۇرتنىڭ داڭلىق مۇسەللەسچىسى تۈجۈپىلەپ قايناتقان مۇسەللەس. ئەڭ نوچىسى. قېنى بىر پەيزى قىلمايلىما.

      - ۋاي چاتاق يوق. بېكىڭنىڭ تىگىنى كۆرسىتىپ قويمىساق ھىساپ ئەمەس. ياتاقتىكىلەر بىر-بىرىلەپ ئاۋاز قوشقاندىن كىيىن ياتاق ئىچىدە ئىچىشۋازلىق باشلىنىپ كەتتى. باھادىرمۇ بۇ سورۇندىن كەم قالمىدى. نىمىشقىكىن بۈگۈنكى بۇ مۇسەللەس ئۇنۇڭغا شۇنداق ئىچىشلىك بىلىندى. ھەممىنى ئۆزى يالغۇز سىڭدۈرۈپ كىتەلەيدىغاندەك، مەس بولمايدىغاندەك سىزىم بولاتتى. باھادىر ئالدىغا كەلگەن مۇسەللەس رومكىسىنى توختاتماي كانايگىلا ئۇراتتى. ياتاق ئىچى بىردىنلا ئالقىشقا توشۇپ كەتتى.

       -ۋاھ ما باھادىر ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدى بولاي دەيدىكەن ھە !

       - ياڭزاڭ با  بالاڭزا! ھاراق دىگەننى سەندەك ئىچمىسە بىكا..

       - ئالامەت كۆتىرىپ قويىدىكەنسەن جۇما ئېدىش . مېن سېنى تېخى بۇنچە ئىچەلمەس دەپتىكەنمەن.  تەرەپ-تەرەپتىن قىلىنغان خوشامەت گەپلىرىمۇ ياكى راست گەپلەرمۇ ئەيتاۋۇر ياغلىما گەپلەردىن باھادىر ئۆزىنى يوقىتىپ مۇسەللەسنىڭ ‹‹ئەدىپى››نى راسا بىر بەردى. مۇسەللەس بىردەمدە باھادىرنىڭ بېشىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئىچىنى قىزىتقىلى تۇردى. ياتاق ئىچىدىكى ھاراق-تاماكا بۇسى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇراتتى. توختىماي چىكىلىۋاتقان تاماكا ئىسىدىن باھادىرنىڭ كۆزلىرى ئېچىشتى بولغاي ‹‹ئەدەپ›› دەپ سىرتقا ماڭدى. كارىدورغا چىقىپ تۇرىشىغا ئۆزىدىن بىر قارار تۆۋەن ئايپەرى بىلەن بىر يۇرتلۇق قاسىم ئۇچىراپ قالدى. باھادىر قىسقىغىنە سالاملىشىپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، تۇيۇقسىز ئايپەرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراش ئىسىگە كىلىپ گەپ باشلىدى:

      - قانداق ئۆيدىكىلەر تىنىچ ئامانمىكەن؟ ياخشى بېرىپ كىلىۋالدىڭما؟

      - ھە ھەممەيلەن تىچلىقكەن. ئۆزىڭىزچۇ؟ ئۆيدىكىلەر... دىيىشىگە باھادىر گەپنى ئۈزۈپ:

-  بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ياخشىكەن. راست سەندىن بىرسىنى سوراي دىگەن قانداق بولا ؟ باھادىرنىڭ مەسلىھەت مەنىسىدە تىكىلگەن كۆزلىرى مەيۈسلۈك بىلەن قاسىمغا ئىنتىلەتتى.

-سوراڭ!!!  ھە قاچان ئايپەرىنى سورايسىزغۇ دەيمەن.

- ھە !!! شۇنى ...

- ۋاي ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ بولدى. ئۇ يۇرتقا بارغاندىن كىيىن بىرسى بىلەن يۈرىۋالدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان باھادىرنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ قانلىرى تېخىمۇ قىزىپ، غەززەپ ئوتى كۆزلىرىدىن چاقناپ كەتتى.

-كىمكەن ئۇ؟ تۇنامدىميا؟ سورالغان سۇئالغا قاسىم بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى:

-دىمەي دىگەن ئىدىم. لىكىن بەرىبىر ئۇقۇپ قالىسىز. شۇڭا دەۋىرەي...

-دىگىنە ھە !! تولا ئەزۋەيلىمەي. باھادىرنىڭ گەپلىرىدىن ئۇنىڭ ئۆز سۆيگۈنىنى كەلتۈرۋالغان سولتەكنىڭ قانداقراق نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئالدىرىغانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.

-سىلەر بىلەن بىر قاراردىكى، ئايپەرى بىلەن بىر يۇرتلۇق خەنجەر بىلەن ئارىلىشىۋالدى.

-نىمە؟ ئاشۇ نەشخو بىلەنما؟

-ئۇ نەشخو بولغىنى بىلەن دادىسىنىڭ پۇلى باركەن. ئايپەرىمۇ ھەقاچان...

-بولدى سۆزلىمە... يولۇڭغا مېڭىۋەر. سېنى ئاۋارە قىلدىم. قاسىم باھادىرنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنەتتى. ئايپەرىنىڭ باھادىر بىلەن ئايرىلىپ خەنجەر بىلەن يۈرىۋالغىنىنى ئويلاپمۇ كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيتتى.

خەنجەر ئوتتۇرا بوي، بەدىنى ئۇرۇق، كۆزلىرى ئولتۇرشۇپ، قاپاقلىرى قارىداپ كەتكەن، يۈزلىرى سۇزۇنچاق، ئىڭەكلىرى ئۇرۇقلىقىدىن ئىچىگە كىرىپ كەتكەن. گەپ قىلغاندا چىكە ئارتىرىيەلىرى كۈپۈشۈپ ھازىرلا ئېتىلىپ كىتىدىغاندەك تۇرىدىغان، يول ماڭسىمۇ بىرسى يۆلىمىسە يېقىلىپ چۈشىدىغاندەك ئىغاڭلاپ ماڭىدىغان ئادەم تەلەتى يوق نىمە ئىدى. ئۇ مەلۇم بىر ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇپ كىچىدىن دادىسىنىڭ ئەركە ئۆگىتىشى بىلەن قېلىپتىن چىقىپ يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىغان ئۇچارمەن بولۇپ يىتىشىپ چىققان ئىدى. مەكتەپتىمۇ نەچچە قېتىم جىدەل چىقىرىپ مەكتەپتىن ھەيدىلىدىغان ۋاقتىتا دادىسىنىڭ يۈزى بىلەن مەكتەپتە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بىرىلگەن ئىدى. مەكتەپكىمۇ ئۇنىڭ سېسىق نامى پۇر كەتكەن بولۇپ، ئايپەرىنىڭ مۇشۇنداق بىر يالاڭتۆش بىلەن ئارىلىشىپ باھادىردىن ئايرىلىشى باھادىرغا قاتتىق ھار كەلدى. ياتاق بىناسى ئالدىدا تاماكاسىنى ئاچچىقتىن قاتتىق شوراپ ئولتۇرغان باھادىرغا يىغا ئولىشاتتى. چىگىش خىياللار ئۇنى قىينايتتى. پاك مۇھاببىتىنى بىرىپ، جېنىدىن ئەزىز كۆرگەن سۆيگىنىنىڭ باشقىلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىنى، باشقىلارغا تەبەسسۇم بىلەن قارىشىنى، مىھىرلىك سۈيۈشلەرنى ئاتا قىلىشىنى ئۆزى ئۈچۈن نۇمۇس ھىسابلاپ ئايپەرى بىلەن يۇز تۇرانە كۈرىشىشنى ئويلاپ قىزلار ياتاق بىناسى ئالدىغا قاراپ يول ئالدى.

ياتاق بىناسى ئالدىدىكى تاش ئۇرۇندۇقلاردا بىرەرمۇ ئادەم كۈرىنمەيتتى. باھادىر ئىككى كىشىلىك بىر ئۇرۇنغا كىلىپ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كاللىسى مۇسەللەس تەسىرىدىن قىزىپ، ئايپەرىگە بولغان غەززەپ-نەپرىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ مۇشتۇملىرى چىڭ تۈگۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا ھېچنىمە كىرمەيتتى. پەقەت ئايپەرىدىن ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدىكى ھەممىنى ئۇچۇق قىلىپ، گەپ-سۆزلىرىنى ئېنىق ئايرىشنىلا ئويلايتتى. تۇيۇقسىز كەينى تەرىپىدىن تۇنۇش كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ كۈلكە ئاۋازىنى نەچچە ئاي ئاڭلىمىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرۇن ئالغان، قەدىرلەپ سۆيگەن ئادىمىنىڭ كۈلكىسى ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. باھادىر ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە بۇرۇلدى. 10 مىتىر نېرىدىن بىرسى بىلەن قولتۇقلىشىپ كىلىۋاتقان ئايپەرى كۆزىگە ئوت بولۇپ كۈرىنىپ، بايامقى ئاچچىقى مىڭىسىگە ئۆرلەپ ۋاقىرىدى:

-ئايپەرى! تۇيۇقسىز توۋلىغان ئاۋازدىن ئۇ ئىككىيلەن تەئەججەپلنىپ باھادىرغا قارىدى ۋە ئايپەرى يېنىدىكى خەنجەرگە نىمىلەرنىدۇ پىچىرلىدى.

-ھە نىمە بولدۇڭ! بىرەر ئىشىڭ بارمىدى؟ نىمە يېزىڭدا كالاڭغا توۋلىغاندەك توۋلايسەن سەھرالىق... خەنجەرنىڭ مەنسىتمەسلىك بىلەن قىلىنغان بۇ سۆزلىرى باھادىرغا ئېغىر كەلدى بولغاي:

-ئىشىڭنى قىلە نەشخو! مەن ساڭا گەپ قىلمىدىم. يېنىڭدىكى ۋىجدانىنى ئىت غاجاپ كەتكەن، گىرىمغا ئورىنىۋالغان بۇزۇققا گەپ قىلىۋاتىمەن. باھادىر بۇ گەپلەرنىڭ قانداق ئېغىزىدىن چىققىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى. بەلكى مۇسەللەس ئۇنى مۇشۇنداق يۈرەكلىك قىلىۋەتكەندۇ؟

-نىمە دەيدۇ ماۋۇ ھاراملىق! كىمەڭنى بۇزۇق دەيسەن! قەلەندەر. نىمە ئەرۋايىمنى ئۇچىرىدۇ بۇ يالاڭتۆش. بولدى قىلە خەنجەر كىتەيلى! بۇنداق ساراڭ بىلەن تەڭ بولماي. دىدى ئايپەرى زەردى بىلەن. باھادىر بۇ ئاھانەتكە چىداپ تۇرالمىدى بولغاي ئۇلارنىڭ يېنىغا ئېتىلدى.

-ۋۇ ھۆرمىتىنى قىلغاننى بىلمەيدىغان شۇم! نىمەڭگە نوچىلىق قىلىسەن. ئايپەرى بۇرۇن سېنىڭ بولغان بولسا مانا ئەمدى مېنىڭ! دىدى دە ئايپەرىنىڭ ئىڭەكتىن تۇتۇپ بىرنى سۆيدى. بۇ قېتىم باھادىر ئۆزىنى مۇنۇ ‹‹نەشخو›› تەرىپىدىن خورلانغانلىقىغا، ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ‹‹يىگىتلىك›› غورورىغا ‹‹يۈز›› كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ بايام ئىچكەن مۇسەللەسنىڭ ‹‹كۈچكۈرتىشى›› بىلەن خەنجەرگە ئۇدۇل مۇشتىن بىرنى ئاتتى. خەنجەر ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولغۇچە تەگكەن بۇ ئېغىر مۇشتىن كەينىگە 3-4قەدەم داجىپ كەتتى.

-باھادىر دىگەن لۈكچەك بۇ سېنىڭ نىمە قىلغىنىڭ! جېنىم خەنجەر سىزگە بىرنىمە بولمىغاندۇ؟ ھۇ قەلەندەرنىڭ بالىسى. ئۆزەڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ! ئايپەرىنىڭ يىغا ئارىلاش چىققان ئاۋازىدىن باھادىر قاتتىق يىرگىنىپ تەتۈر شاپلاپ بىلەن ئايپەرىنى بىرنى سالدى:

-ۋۇ بۇزۇق. سېنى ‹‹قىز››كەن. چوقۇم ئۆزەمنىڭ قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇشۇم كىرەك. ئۇنىڭدىن ئايرىلسام نامەرتلىك بولىدۇ دەپ ‹‹قىزلىق ››قېنىڭغا جاۋاپ قىلىمەن دىمىسەم بۇنچە قىلىپ نىمە قىلاتتىم. ئايپەرى ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى ۋە خەنجەر تەرەپكە ئۆزىنى ئېلىپ قاچاتتى. ئايپەرىنىڭ كۆزلىرىگە سۇۋىغان لاكلىرى ياش تەسرىدىن مەڭزىنى بويلاپ قاپقارا يول ھاسىل قىلغان ئىدى. باھادىرنىڭ شاپلىقى يۈزىنى سىپاپ ئۆتتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ تاڭ لەۋسۇرىغى سول ئىڭىكىنى بوياپ چىرايىنى سەتلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. ئايپەرى ياشلىرىنى ئېيتقاچ سۆزلەشكە باشلىدى:

-نىمە قىزلىق، سەندەك سەھرالىققا چۈشۈپ قالغان قىزلىق يوق. ئۇ قاننى مەن 1كۈن بۇرۇن تەييارلىۋالغان. مېنىڭ قىزلىقىم پەقەت خەنجەرگىلا مەنسۇپ خەنجەر مەن سېنى سۆيىمەن! ئايپەرىنىڭ قىلغان بۇ سۆزلىرىدىن باھادىر نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭغىچە خەنجەر يېنىدىكى پىچاقنى چىقىرىپ باھادىرغا تاشلاندى. خەنجەرنىڭ جۇغى كىچىك ھەم كۈچسىز بولغاچقا پىچاق ئۇرغان قولى ھاۋادا لەيلەپ قالدى. باھادىر ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋىلىپ جان ئاچچىقىدا ئۇنىڭغا تىقماقچى بولدى. قاتتىق ئۇرۇلغان پىچاقتىن ئۆزىنى قاچۇرغان خەنجەر ئايپەرىنى ئالدىغا تاتتى. پىچاق سۈڭەككە كىلىپ توختىدى. باھادىر كۆز ئالدىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان ئايپەرىنى كۈرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. خەنجەر بۇ پاجىئەدىن قورقۇپ قۇيرىقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتتى. قىزلار ياتاق بىناسى ئالدى بىردەمدە ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. مەستلىكتىنمۇ ياكى قورقۇنۇچتىنمۇ ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى جانسىزلىنىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئىدى. باشقىلارنىڭ ‹‹دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرايلى›› دىگەن سۆزلىرىدىن ئىسىگە كىلىپ بار كۈچ قۇۋىتى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئايپەرىنى كۆتىرىپ مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا قاراپ يۈگۈردى. پىچاق دەل ئايپەرىنىڭ كۆكسىگە تەككەن بولۇپ قان بەك كۆپ چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ئايپەرى ھۇشسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى. باھادىرنىڭ قوللىرى ئايپەرىنىڭ قىپقىزىل قانلىرى بىلەن بويالغان بولۇپ، باھادىرنىڭ كۆز ئالدىغا ئايپەرىنىڭ قىزلىق قېنى بىلەن بويالغان ئەدىيال كىلىۋىلىپ ئۇنى ئازاپلايتتى. ئالاھەزەل 10مىنۇتتىن كىيىن قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلدى ۋە باھادىرنىڭ ياردىمىدە ئايپەرى ماشىنىغا چىقىرىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىتىلدى.

 كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەدىن باھادىر ئۆزىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ قىلغان ئەقىلسىزلىكىگە قاتتىق ئۈكۈنمەكتە ئىدى. كىيىنكى پۇشمان ئۆزگە دۈشمەن دىگەندەك مەكتەپ ئامانلىق قوغدىغۇچىلىرى باھادىرنى تۇتۇپ ساقچى دائىرلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

 

 

قاباھەتلىك چۈش
 

باھادىر قاپقاراڭغۇ ئۆيگە سولانغان ئىدى. ئۇنىڭ مەستلىكى يىشىلىپ، توختىماي نالە قىلاتتى. ئانىسى ۋە يۇرتداشلىرىنى ئەسلەپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالاتتى. كۆز ئالدىغا ئەمگەكتىن قورۇلۇپ، بەللىرى مۈكچەيگەن، پەرزەنتى ئۈچۈن تىنماي ئەمگەك قلىپ، جاپا-مۇشەققەت دەستىدىن ۋاقىتسىز ئاقارغان چاچلىرىنى تاراۋاتقان مىھرىبان ئانىسى كىلىپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. كۆز ئالدىدا كىچىكىدىن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئەگەشتۈرۈپ ئەمگەكلەرگە چىقىشى، ئورما ئورىۋاتقاندا ئوغاق  نەچچە رەت پۇت-قوللىرىنى كىسىۋەتسىمۇ چىشىنى- چىشلەپ كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىنى ئۇنىڭغا يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ ئەمگەك قىلىشلىرى، جەينىماز ئۈستىدە ئۇزاقتىن-ئۇزاق پەرزەنتىنىڭ بەختىنى تىلەپ ئۈنسىز كۆز ياش تۈكۈشلىرى، ئوغلىنىڭ ھەربىر مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىپ كۈلۈشلىرى، قەھرىتان سوغۇقتا 40سىلسىيە گىرادۇستا قىزىپ ياتالمىغاندا  ئۆزىنى ھاپاش قىلىپ 6كىلومىتىر يىراقتىكى يېزىلىق دوختۇرخانىغا بىر سىكونتمۇ كىچىكتۇرمەي ئاپىرىپ دوختۇر ‹‹يەنە 10مىنۇت كىچىككەن بولسىڭىز بالىڭىزدىن ئۈمۈت يوقتى›› دىگەندە ئىھ ! مىھرىبان ئاللا مېنى مۇشۇ يۆلەنچۈكۈمدىنمۇ ئايرىماقچىمۇ سەن! ياكى مېنى سىنىماقچى بولىۋاتامسەن؟ دەپ نالە قىلىپ يىغلاشلىرى، تەنھەركەت كىيمى ئېلىپ بىرىمەن دەپ ئۆيدىكى بارى يوق پۇلنى خەجلەپ نەچچە كۈن ئاچ قالسىمۇ چاندۇرماي ئۆزىگە ياخشى يىگۈزۈپ شۇنداق جاپا مۇشەققەتتە چوڭ قىلغانلىرى بىر-بىرلەپ كىنو لىنتىسىدەك ئۆتىۋاتاتتى.

جىددىي تۇتۇلۇپ دىلو ئىشلەش نەتىجىسىدە باھادىرغا قەستەنلىك بىلەن ئادەم زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى بىكىتىلىپ 5يىللىق قاماق جازاسى بىرىلدى. مەكتەپتىن ئۇختۇرۇش چىقىرىپ باھادىر ۋە خەنجەرنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىش، ئايپەرىگە مەكتەپتە قالدۇرۇپ سىناش جازاسى بىرىلدى.

نەچچە كۈندىن بۇيان  مەريەمخاننىڭ سول قاپىقى تارتىپ، روھىيىتىنى بىرخىل ئەنسىزلىك چىرمىۋالغان ئىدى. نامازلىرىنى جايىدا ئوقۇپ ئوغلىنىڭ ھەرقانداق يامان كۆزلەردىن يىراق بولۇشىنى تىلەپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ئوغلىنىڭ بەختىنى تىلەيتتى. باھادىرنىڭ ياتاقلاردا، سىنىپتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە، مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت يىغىنلىرىدا چۈشكەن بىرمۇنچە رەسىملىرىنى كۈندە نەچچە قېتىم كۆرۈپ، يۈزلىرىگە سۈرتۈپ كۆزلىرىنى ياشلايتتى. ئۆز كۆڭلىگە تەسەللىي بىرىپ يەنە نەچچە ئايدىن كىيىن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلسە باغرىمغا بېسىپ ھېچقانداق يەرگە بارغۇزمايمەن دەپ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلايتتى. ئەمگەكتىن يېرىلىپ ياغاچتەك قېتىپ كەتكەن قوللىرىنى ھەربىر دۇئاغا كۆتۈرگەندە باھادىرنىڭ بەختىنى تىلەشنى ئۇنۇتمايتتى. تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكى، بىر بالىنى ئۆزى يالغۇز ئىشلەپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇش جاپاسى مەريەمخاننى مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىتىپ، بۇرۇنقى ھەممىنىڭ كۆزى تەگككىدەك گۈزەل ھۆسنى جامالىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. كەنىتتىكىلەر نەچچە قېتىم سىز تېخى ياش، ئۆيلىنىۋىلىڭ كىيىنكى تۇرمۇش سىزنى قىيناپ قويىدۇ دەپ تەربىيە قىلغاندا ۋە  ياخشى يەرلەردىن ئەلچىلەر كەلگەندە‹‹ باھادىر ياتسىراپ قالىدۇ! ئۇنى ئۆگەينىڭ ئالدىغا تاشلاپ قويغۇم يوق›› دەپ قەتئىي يېقىن كەلتۈرمەيتتى. كۆڭلىدە بىر ئۆمۈر تۇل ياشاپ، يات بىر ئەرگە بەرگەن مىھرىنى ئۆز يۈرەك پارىسىغا بىرىپ ئۇنى بەخىتلىك قىلىشنى ئويلايتتى.

 ھويلىغا تۈكۈلگەن بىر توننا كۈمۈرنى مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆيگە تۇشۇپ ھاردۇق ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن مەريەمخاننىڭ ھويلىسىغا كەنىت كادىرى كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىرخىل مەيۈسلۈك ھەم ھىداشلىق چىقىپ تۇراتتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەريەمخان ھەدە! سىزگە يۇقىردىن ئۇختۇرۇش ئىۋەتىپتۇ؟  مۇنۇ يەرگە ئىمزا قۇيۇپ بىرىدىكەنسىز؟

-نىمە ئۇختۇرۇشكەن بۇ؟ نەچچە كۈن بولدى قاپىقىم تارتىپ زادى ئارام بەرمىدى. ياخشىلىقتىن بىشارەت ئوخشىمامدۇ؟ باھادىر چوقۇم بىرەر يەردىن ياخىشى خىزمەت تاپقان گەپ!

-مەنمۇ ئۇقمىدىم؟ قېنى ئېچىپ كۈرۈپ بېقىڭ! ئىككى پارچىكەن تېخى! مەريەمخان كۈمۈر تۇشۇپ قارىداپ كەتكەن قوللىرىنى كۆينىكىگە ئېرتىپ خەتنى قولىغا ئالدى ۋە كونۋىرتنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۆزلىرىگە ئىشەنمىگەن ھالدا يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئاغزىنى جىددىيلىك بىلەن ئاچتى. ئىچىدىكىدى باھادىرنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقىنى كۆرگەندىن كىيىن قوللىرى تىتىرەپ كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكىلىشكە باشلىدى. ئاخىرىدىكى ‹‹5يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى›› دىگەن يەرنى ئوقۇغاندا بولسا پۇت-قوللىرى ھالسىزلىنىپ ھۇشىدىن كەتتى. كەنت كادىرى جىددىي ئادەم تەشكىللەپ مەريەمخاننى دوختۇرغا ئاپاردى. مەريەمخان شۇ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان پېتى قايتىدىن ئورنىدىن تۇرالماي نەچچە ئاي داۋالىنىپ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى.

 مەھەللىدىكىلەر ۋە كەنىت كادىرلىرى بىرلىشىپ مەريەمخاننى يەرلىكىگە قويدى. بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئۈچۈن ياشاپ، پەرزەنت ئۈچۈن جاپا چىكىپ، پەرزەنتىنىڭ بەختىگە دۇئا قىلىپ ئۆتكەن بىر ئانا ۋاپاتىدا ئاشۇنداق ئارزۇ –ئارمانلاپ چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ئوغلىنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىش شەرىپىگە ئىرىشەلمەي، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قېلىپتىن چىققان قىلمىشى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرىشى ئانىنىڭ بۇ دۇنيادىن كۆزى ئۇچۇق ھالدا كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

باھادىر ئانىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن قاتتىق ئازاپلىنىپ ھاياتىدىن ئۈمۈدىنى ئۈزۈپ نەچچە قېتىم ئۈلۈۋىلىشقا ئۇرۇندى. لىكىن مەقسىتىگە يتەلمەي تۈرمە قائىدىسى بويىچە قاراڭغۇ ئۆيگە سولىنىپ، ئىدىيۋى خىزمەت ئىشلەندى. تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ تەمكىنلىك بىلەن چۈشەندۈرىشى، پىسخىكا دوختۇرلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا باھادىر ياخشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى جازا مۇددىتىنى قىسقارتىپ، ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى تىزراق يوخلاش ئىدى. باھادىرنىڭ تۈرمىدىكى ئۆزگىرىش ئىدىيىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىكنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. باھادىر مەھبۇسلارنى يۆتكەش ئاپتۇبۇسى ئىچدە قوللىرىدا كويزا، پۇتلىرىدا كىشەن ھالدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مىھرىبان ئانىسىنىڭ پەرىشتە سۈپپەت ھالىتى كىلىۋىلىپ ئۇنى ئازاپلايتتى.

كىچە ئاسمىنىدا غۇبارسىز ئاي ئۆزىنىڭ يۇرۇقلۇقى بىلەن زىمىننى سۇس يۇرىتىپ تۇراتتى. يۇلتۇزلار خۇددى باھادىرنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالغاندەك بىر-بىرىگە كۆز قىسىشىپ، مىھىرلىك نۇرلىرى بىلەن باھادىرغا يول باشلايتتى. ئاقار يۇلتۇزلار مەريەمخاننى چاقىرماقچى بولغاندەك تۇيۇقسىز ھەرىكەتلىنىپ يىراقلارغا ئاقاتتى. باھادىرنى ئەكەلگەن ماشىنا مەھەللىدىن ئۆتۈپ قەبرىستانلىققا كەلدى. قەبرىستانلىق ۋاپاسىز پەرزەنتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ئازراقمۇ راھەت كۆرمىگەن ئانىنىڭ ئۈلۈمىگە ماتەم تۇتقاندەك سۈكۈتكە چۆمگەندەك قىلاتتى. باھادىرنىڭ يۈرىكى كۈچلۈك سېلىپ بۇغۇزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئۇنىڭغا يىغا ئولىشىپ، ھىجران ئازابى ئۇنى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ماشىنا تۇرمۇز قىلىپ توختىدى. كەنىت مۇدىرى قەبرىستانلىقتا باھادىرلارنى ساقلاۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار باھادىرنى ماشىندىن ئېلىپ چۈشۈپ، پۇت-قوللىرىدىكى كويزا-كىشەنلەرنى ئېلىۋەتكەندە بولسا خۇددىي پۇتلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ قالغاندەك، ئۆزىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاشۇ كويزا-كىشەنلەرمۇ يىنىكلىك قىلىپ قالغاندەك سىزەتتى. كەنت مۇدىرى باھادىر بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن ئۇنى مەريەمخاننىڭ قەبرىسى ئالدىغا باشلاپ باردى. ئاددىيغىنە ياسالغان قەبرە بېشىغا مەريەمخان 1954-يىلى تۇغۇلۇپ 1998-يىلى ۋاپات بولغان دىگەن ئىككى قۇر خەت يېزىلغان ئىدى. باھادىر ئۈن سېلىپ يىغلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تۈكۈلگەن پۇشايمان ياشلىرى مەريەمخاننىڭ قەبرە بېشىغا قۇيۇلدى. باھادىر ئانا!!! مەن ۋاپاسىز! مەن ئۈچۈن چەككەن شۇنچە جاپايىڭىزغا سىزنى بىر كۈنمۇ راھەتكە ئىرىشتۈرەلمىدىم. ماڭا بەرگەن ئاپئاق سۈتلىرىڭىزگە جاۋاپ قىلالمىدىم. بىر پارچە گۆشتىن مۇشۇنچىلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلىگىنىڭىزگە رازى بولماي كىتىپ قالدىڭىز؟ سىزنىڭ يەرلىكىڭىزگە بىر كەتمەنمۇ تۇپا تاشلىيالمىدىم. مەندىن بىر ئىت ياخشىغۇ؟ مېنى كەچۈرۈڭ! كۆڭۈل ۋە ئۇيۇن تاماشىنىڭ كەينىگە كىرىپ، سىزگە ياخشى قارىيالمىغانلىقىمغا قاتتىق ئۆكۈنىمەن! سىزنىڭ ئورنىڭىزغا مەن ئۆلسەم بولمامدۇ؟ دادامغا قىلغان ‹‹مېنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش›› ۋەدىڭىز مېنىڭ ئەقىلسىزلىكىم بىلەن ئەمەلگە ئاشماي قالدىغۇ؟ كىيىنكى دۇنيادا ئىككىڭلارنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارارمەن؟ ئانا............  دەپ ئۈنسىز نىدا قىلاتتى. ئانىسىنىڭ قەبرە تېشىنى قۇچاقلاپ، يۈزلىرىنى سۈرتەتتى. ئۆزىنى كاچاتلايتتى. باھادىر يۈز بەرگەن بارلىق پاجىئەلەرنىڭ بىر قارا چۈش بولىشىنى، چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە يېڭىدىن باشلانغان بولسا دەپ نەقەدەر ئۈمۈت قىلاتتى ھە!!! لىكىن بۇ بىر ئەمىليەتتە. كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.

باھادىر ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا مەرھۇم ئانىسى مەريەمخان ۋە كىرەمگە ئۆز ئىچدە ۋەدە بىرىشكە باشلىدى. ‹‹ئانا خاتىرجەم يېتىڭ، مەن چوقۇم ياراملىق ئادەم بولىمەن. مەھەللىدىكىلەر دادامنى قايتا كۆرگەندەك بولىدۇ. مەن ئۆينىڭ چىرىقىنى ھەرگىز ئۆچىرىپ قويمايمەن. مەن يىقىلغان يېرىمدىن دەس تۇرىشىم كىرەك. سىلەرگە چوقۇم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىلەن باقى ئالەمگە بارىمەن. ياتقان يىرىڭلار جەننەتتە بولغاي ئامىن!!!›› باھادىر دۇئاغا قول كۆتەردى. 

 

 

 

 

 

                            خاتىمە
 
ئېھ! ئانا ... مىھرىبان ئانا بىز سېنىڭ ئوغلۇڭ، بىز سېنىڭ بارلىقىڭ، تىنىچ ياتقىن بۇدۇنيادىن ئارمانسىز كەتتىم دەپ ھەرگىز قايغۇرما! 

ھايات كىشىگە پەقەت بىرلا قېتىم كىلىدۇ. ھاياتنى قەدىرلەش ئىنتايىن مۇھىم. قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى مەنلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئىلىم-مەرىپەت، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمى-ھايا بىلەن بىزەپ، ياخشى نامىمىزنى قالدۇرۇپ كىيىنكىلرگە ئۈلگە تىكلەشنى نىشان قىلىشىمىز كىرەك. ھېچ بولمىغاندا ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇپ، پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشنى قىلماي، مەيدىمىزنى تىك تۇتۇپ ياشىشىمىز كىرەك.

 

تۈگىدى.

 

2010-يىلى 24-ئاپىرىل دىيارى ئاۋاتتا يېزىلدى.
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئـــــازغـــۇن بــەنــدە (پوۋېست),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم)
  • مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى kun^kiz تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-07-13, 15:16

    دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3805
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
    ئۆسۈش: 4.8%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 48
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 146 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 69(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-12
      كىرىشى: 2010-07-24

    بۇنى يېزىپ بولغىچە قوللىڭىز تېلىپ بېرنىمە بولۇپ كەتكەندۇ قېرىندىشىم
    رەخمەت سىز گە~~!
    تىما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش:
    شۇنچىلىك مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت....
         مەنمۇ قىسقىراق تىما يېزىپ سىلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچىرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تىرىشىمەن...  
    ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!
    كەچمىشىمدىن ئۈكۈنمەيمەن !

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 2789
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
    ئۆسۈش: 1.93%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 154
      ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1973 سوم
      تۆھپىسى: 1 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 391(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-16
      كىرىشى: 2010-07-22

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  TATLIK~UYGUR كە 2010-07-13 11:21 PMئەۋەتىلدى  :
    بۇنى يېزىپ بولغىچە قوللىڭىز تېلىپ بېرنىمە بولۇپ كەتكەندۇ قېرىندىشىم
    رەخمەت سىز گە~~!

    سىزمۇ تىز ئۇقۇپ بوپسىز بولمىسا ؟!
    قەدىرلىگىن قەدرىڭگە يەتكەن قەدىرلىكنى

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3687
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
    ئۆسۈش: 1.68%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 84
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 254 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
      ۋاقتى: 80(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-10
      كىرىشى: 2010-07-16

    بەك جىق يېزىپسىز ،مەنمۇ ئوقۇپ بولالمىدىم ، لېكىن مەزمۇنى ناھايىتى چوڭدەك قىلىدۇ چوقۇم ئوقۇيمەن ، بەك كۆپ جاپا تارتىپسىز ، رەخمەت!!
    تىما ئىگىسىگە سۆز قالدۇرۇش:
    ۋاقتىڭىز چىقسا تۇللۇق ئوقۇپ چىققايسىز...    تەكلىپ پىكىرلەرگە تەشنامىز...
    قەدىرلەيمەن قەدرىمگە يەتكەنلەرنى........

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1445
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
    ئۆسۈش: 2.34%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 117
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 764 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 261(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-07-24

    نىمداق جىق  ...  ئوقۇپ بولالمىدىم       ،ئىنكاسنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تەھرىرلەي ...
    خۇشىال ياشايمەن~~
    سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!

    دەرىجىسى: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 1382
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
    ئۆسۈش: 2.86%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 143
      ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 959 سوم
      تۆھپىسى: 6 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 51(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-29
      كىرىشى: 2010-07-23

     Re:ئازغۇن بەندە



      ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن!
        ياخشى ئەسەركەن ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت....
    سەنلا خوشال بولساڭ ماڭا بەخىت دىگەن بەرىبىر!

    دەرىجىسى: تېرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 3137
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە167دانە
    ئۆسۈش: 2.09%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 167
      ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1651 سوم
      تۆھپىسى: 3 كىشى
      ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
      ۋاقتى: 185(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-01
      كىرىشى: 2010-07-15

    ئوججۇن نىمانداق ئۇزۇن تىما بۇ .ئەجرىڭىزگە رەخمەت
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە651دانە
    ئۆسۈش: 4.65%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 651
      ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2322 سوم
      تۆھپىسى: 99 كىشى
      ياخشى باھا: 106 نۇمۇر
      ۋاقتى: 168(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-19
      كىرىشى: 2010-07-24

    شۇنداقمۇ  بەختسىزلىك بولامدۇ ، باھادىرنىڭ ئانسى .......كۆڭلۈم ئەجەپمۇ يىرىم بولدى  ھىچ بولمىسا  باھادىر تۈرمىدە ياتمىغان بولسا  ياكى  مەكتەپتىن ھەيدەلگەن بولسىمۇ كاشكى ، يىزىڭ دېسە  شۇنداقمۇ يازدىكەندىز ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىپ . بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقشىغا تىلەكداشمەن .
    [ بۇ يازما kun^kiz تەرپىدىن 2010-07-15 11:26 PM دە ق ]
    پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!
    ئۇخلاپ قالما!

    دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە275دانە
    ئۆسۈش: 2.5%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 275
      ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2553 سوم
      تۆھپىسى: 5 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 940(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-24

    بىرلا ئېغىز گەپ: نادىر تېما
    ئەي جانان سەنسىز ماڭا مۇنداق جاھانلار نەكېرەك،
    ئايرىلىپ سەندىن يايرىڭ يۇرگەن زامانلار نەكېرەك.
    مېنى بىللە ئېلىپ كەت ، شامال ...

    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 945
      جىنسى: خانىم
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ئۆسۈش: 2.4%
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 120
      ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 1566 سوم
      تۆھپىسى: 4 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 244(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-26
      كىرىشى: 2010-07-24

            ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەشكە ئاجىزمەن.

           ئانا ، كۆز نۇرى ئۆچۈپ، قارا تۇپراق ئۆز قوينىغا ئالسىمۇ، پەرزەنتى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرى، تۆككەن كۆز ياشلىرى ئالدىدا زېمىنمۇ ئۇنى گۇناھكار قىلىشقا ئامالسىزدۇر...  

          ئەسەردىكى "باھادىر" ئوبرازى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. مۇھىت ۋە مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىكى كىشىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. "باھادىر" نىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى زىددىيەت - توقۇنۇشنى جانلىق ۋە يارقىن ئىپادىلەپ بېرەلىگىنى مېنىڭچە ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئەسەردىكى مۇۋەپپىقىيىتى ، دەپ قارايمەن.

         سەمىمىي تەكلىپىم ، ئەسەردىكى باش پىرسوناژ "باھادىر" نىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغان ۋاقتىدىكى پورتىرت تەسۋىرى قىستۇرۇلغان بولسا ، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تېخىمۇ يورۇتقىلى بولىدۇ، دىگەن قاراشتىمەن. مەسىلەن، مودا خېنىم "ئايپەرى" گە ماسلىشىپ ئالاھىدىرەك كىيىنگەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق "باھادىر" نىڭمۇ ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنىڭ چەكتىن ئېشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولاتتى...  

          ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغۇسى ...
    ئۇيۇن بىلەن كۆڭلى خوش،جاپا بىلەن خۇشى يوق....ئەمە ..

    دەرىجىسى: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى
      تىزىم نۇمۇرى: 428
      جىنسى: ئەپەندىم
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە591دانە
    ئۆسۈش: 4.22%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 591
      ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
      مۇنبەر پۇلى: 2667 سوم
      تۆھپىسى: 2 كىشى
      ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
      ۋاقتى: 503(سائەت)
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-05-23
      كىرىشى: 2010-07-22

    ياخشى ئوقۇپ  جىننىڭ ئازدۇرشىغا پىسەنىت قىلمىغان بولساڭ ئاناڭ رەھمەتلىكمۇ ئازاپتىن بۇرۇن كەتمەس ئىدى.
    ئاي پەرى دىگەن جىنمۇ ئادەم ئازدۇرۇشقا بەك ئۇستىكەن.
    ئۇيۇن بىلەن كۆڭلى خوش،
    جاپا بىلەن خۇشى يوق....
    ئەمەس ئۇنداق، لاتا بىز.
    .
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
    «1234»Pages: 1/4     Go