-
تىزىم نۇمۇرى:11997
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-09-28
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-06-16
- تور ۋاقتى:1872سائەت
-
- تېمىسى114
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى5620
- ياخشى باھا196
- تۆھپىسى258
- سودا پۇلى0
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
(خىزمىتى يوق قىزغا چۈشىدىغان قانداق كۆڭۈلكەن ئۇ.......) h;lg^zlTb تېخى يېقىندىلا بىر دوستۇم ماڭا: «ھازىر مۇھەببەتلەشتىم دېگەن بىلەن خىزمەت ئىشىڭ ئوڭغا تارتمىسا بىكار ئىكەن، خىزمەت، مۇھەببەت ۋە نىكاھقا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يىگىتىم خىزمەتكە چۈشكىلى ئىككى يىل بولدى. لېكىن مېنىڭ خىزمىتىم مۇقىم بولمىغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق يۈرگۈم كەلمەي قالدى. ئۇنىڭ مۇئامىلىسىمۇ بۇرۇنقىدەك قىزغىن ئەمەس» دېدى. dln1JZ! نەچچە كۈن ئۆتۈپ، مەلۇم ئىدارىدە ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتقان دوستۇم ماڭا تېلېفوندا دەردىنى تۆكۈپ خىزمىتىم مۇقىم بولمىغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. بىر كۈنى بولمىسا بىر كۈنى خىزمىتىمنىڭ يوقلۇقى پىشانەمگە توقماق بولامدىكىن دەپ قورقتۇم. (لايىقىڭ قەيەردە ئىشلەيدۇ) دېسە، (پالانى ئىدارىدە ) دەرمەن، (سەنچۇ) دېسە نېمە دەيمەن». "gQ-{ W قوشنىمىزنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن قىزى، مەمۇرلۇق ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتى، لېكىن ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل مۇھەببەتلەشكەن يىگىتى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قالدى. قوشنىمىز قىزىنى مەجبۇرىي ھالدا خىزمىتى بار باشقا بېرىگە ياتلىق قىلىۋەتتى. بىچارە قىز توي كۈنى زار-زار يىغلىدى. ئويلاپ بېقىڭە، سىزنىڭچە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەختلىك بۇلارمۇ؟ 3%0ShMFP@ ھازىرقى ياشلارغا نىسبەتەن خىزمەت ھەممىنى بەلگىلەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرۇپتۇ. بوۋام ئەينى چاغدا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى بولۇپ، قىزلىرىنى «يېتىم-ئاجىزلارغا بېرىمەن» دەيدىكەنتۇق ھەمدە ئوقۇتقۇچى ئاپامنى خىزمەتچى لايىقلارغا بەرمەي، ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك يېتىم قالغان دېھقان ئاتامغا ياتلىق قىلغانىكەن. ئاپام مەكتەپتىن كېلىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلسا، ئاتام ئېتىز ئىشلىرىدىن ئېشىنغان ۋاقىتلىرىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلىمىزنىڭ ئاساسلىق يۈكىنى كۆتۈرۈپ مۇشۇ كەمگىچە كەپتۇ. ئۇلار ئۈچىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتتى، ئىكى ئاكامنىمۇ ھۈنەرسىز قويمىدى. بىز بەش بالا ئاتا-ئانىمىزنىڭ تەربىيىسى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېتەكلىشى ئاستىدا خۇددى بىر پەنچىدىكى بەش بارماقتەك ئىجىل-ئىناق چوڭ بولدۇق. بىزنى تەربىيلەپ بۈگۈنكىدەك ئىستىقباللىق قىلغان ئاشۇ قەدىناسلارنىڭمۇ بېرى دېھقان، بىرى ئوقۇتقۇچىغۇ؟ ئەتراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق نۇرغۇن ياشلارنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولمىغانلىقى ياكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىرىنى ياخشى ككرۈشكە، توي تەكلىپى قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىر قىسىم كىشىلەر ھازىر بىر ئائىلىدە ئەر-خوتۇن بىرىنىڭ خىزمىتى بولمىسىلا، ئۇ ئائىلىنى نورمال قامداپ كەتكىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىكەن. توغرا، ھازىرقى رىقابەت دەۋىرىدە خىزمەت مۇھىم. لېكىن مۇھەببەتچۇ؟ مېنىڭچە مۇھەببەت رىشتى مۇستەھكەم بولسا، ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئىناق ئۆتۈپ، ھەر جەھەتتىن ئۆز-ئارا ماسلاشسا، خىزمىتى يوق تەرەپمۇ، ئىرادە كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ، ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئۆزىگە يارىشا يول تېپىپ، ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈشسە، بۇنداق نىكاھ يەنىلا بەختلىك بولىدۇ. yd>b2 M ئاخىرىدا ئىككىلىنپ تۇرغان ياش دوستلىرىمىزغا شۇنداق سوئال قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: سىز قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى خىزمىتىنىمۇ؟ سىز خىزمەتنى دەپ ۋاپادار سۆيگىنىڭىزدىن ۋاز كېچەمسىز؟! |3:e$ شۇنداق ھازىر خىزمەت راسلا بەك مۇھىم، خىزمەتنى دەپ ئۆزى چۈشەنمىگەن، قىلچىمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم بىلەن توي قىلغانلار كۆپ، لېكىن ئىشلارنىڭ كەينى خەيرىلىك بولغىنى ناھايىتىمۇ ئاز. توي قىلىش ئالدىدا تۇرغانلار چوقۇم ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ئىش قارايمەن. MKPw;@- مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى. EG
&97lb ئاپتورى: رابىيە مايىت zcrM3`Zh =mQdM]A)2 _ mJP=+i
|
|
|
|
|
تېما تەستىقلىغۇچى : Nazar. تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-04, 16:31
|