مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » مەشھۇر شەخىسلىرىمىز » نەسىردىن ئەپەندى
tughrul
تۇغرۇل _ بۈركۈت سەردارى !
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


تىزىم نۇمرى : 4610
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 264
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە264دانە
شۆھرىتى: 137 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 606 سوم
ياخشى باھا: 344 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:356 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

84 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-11-07
يېقىندا كىرگەن:2009-01-03

 نەسىردىن ئەپەندى

0


نەسىردىن ئەپەندى



  نەسىردىن ئەپەندى تەخمىنەن 1208 -يىلى تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاناتولىيە ئۆلكىسى كونيا ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئاقشەھىرىدىكى سەرۋىھسار قەلەسىنىڭ خورتۇ يېزىسدا تۇغۇلغان .دادىسى ئابدۇللا ئەپەندى ،ئانىسى سەدىكا خانىم شۇ دەۋرنىڭ ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىدىن بولغان .ئۇ دادىسىدىن باشلانغۇچ مەلۇمات ئېلىپ ،سەرۋىھسار مەدىرىسەسىدە ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتكۇزگەن مەزگىللىرىدە قازا قىلغان دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ،بىر مەزگىل خورتۇدا ئىمام بولغان .ئۇ ئىلىم ئېلش ئارزۇسى بىلەن مەھمۇد ئىسملىك خوجىغا ئىماملىقىنى ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ، ئەينى دەۋردە ئاناتولىيىنىڭ ئىلىم ئوچىقى ھېسابلانغان كونيا شەھىرىگە بېرىپ ،مەۋلانا جالالىدىن رۇمى (1207-1274) مەدرىسەسىدە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ، شائىر ۋە ئالىم سەئىد مەھمۇد ھەيرانىدىن دەرس ئالغان مەدرىسەنى تاماملاپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ،ئاتىكە ئىسملىك قىزغا ئۆيلەنگەن ،ئۇنىڭىدىن تۇغۇلغان پاتىمە ئىسىملىك قىزى 1226-يىلى 8-ئايدا كىسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان .كېيىن يەنە بىر قىز پەرزەنىت كۆرۈپ ،ئۇنىڭغىمۇ پاتىمە دەپ ئىسىم قويغان .شۇ مەزگىللەردە كىر شەھىرىنىڭ مەشھۇر ئۆلىماسى ،ئالىم ۋە شائىر ھاجى بەگىتاش (1210-1261) نىڭ تەۋسىيىسى بىلەن نەسىردىن ئەپەندى كونيادىن ئاقشەھىرگە كېلىپ مەدرىسە ئاچقان ، سەئىد مەھمۇد ھەيرانى ئۇنى ئاقشەھىر جامەسىنىڭ مۇدەررىسىلىكىگە تەكلىپ قىلغان .1237 -يىلى باھاردا ئائىلىسى بىلەن ئاقشەھىرگە كۆچۈپ كەلگەن نەسىرىن ئەپەندى شەھەر ھاكىمى سەئىد ئىبراھىم سۇلتان ھەدىيە قىلغان ئۆيدە ئولتۇراقلاشقان .نەسىردىن ئەپەندى كېيىنچە يەنە بىر خوتۇنلۇق بولۇپ ،ئۇنىڭىدىن دۇررى مەلىكە ئىسملىك قىز ، چوڭ ئايالىدىن جالالىدىن ئىسىملىك ئوغۇل پەرزەنىت كۆرگەن ۋە ئىككى ئايالى بىلەن ئىناق ،تۇرمۇشتا خاتىرجەم ئۆتكەن .ئۇ ھەراخشىمى < قوران كەرىم > ، تەپسىر ،ھەدىس ، <دەدە قۇرقۇت مەسىلىلىرى > ، < كەلىلە -دەمىنە > ، < باتتالنامە > (ھىنىدى مەھەللىرى ) ، ۋەلىد يازغان < مەرىپەتنامە > ، نىزامىلۇلمۈلۈك يازغان <سىياسەتنامە > ، شەيخ سەئىدى يازغان < بوستان > ۋە <گۈلىستان > قاتارلىق مەشھۇر كىتابلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن .ئۇستازى سەئىدى مەھمۇد ھەيرانىدىن ۋە تۈرك شائىرى ئاشىق پاشانىڭ دىلكىشى بابا ئىلياستىن تەلىم ئالغان . بۇش ۋاقىت تاپىسلا ، <گۈدەك مۇنارى مەدرىسە > ، < فەرۇخ شاھ مەدرىسە > ،< ئالتۇن قەلەم مەدرىسە > قاتارلىق ئاقشەھىردىكى ئوتتۇرا ئاناتولىيە بويىچە مەشھۇر مەدرىسەلەرنى زىيارەت قىلغان. ھەتتا ئىلىم ئىزدەپ ،كۆپ كېتىم كونيا شەھىرىگە ئېشەك مىنىپ بارغان .شۇنداق قىلىپ ، ئەينى دەۋردە تۈرك دۇنياسىغا مەشھۇر مۇتەپەككۇر ، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ دىنىئې مۇراسىملارنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى ئېقىمىغا مەنسۇپ كامىل دىنشۇناس ۋە تەڭداشسىز سۆز سەنەتكارى بولۇپ يېتىلگەن نەسىردىن ئەپەندى سانسىزلىغان لەتىپە -چاقچاق ، شېئىر ۋە باشقا تۈردىكى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان .ئۇ تەخمىنەن 1285-يىلى ئاقشەھىردە ئالەمدىن ئۆتۈپ ،ئۇستازى سەئىد مەھمۇد ھەيرانى قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپىنە قىلىنغان . بۇ جاي كېيىنچە ، <خوجا نەسىردىن مازىرى > دەپ ئاتىلىپ ، مازار يېنىغا <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > تەسىس قىلىنغان .
XIV ئەسىردە ئاناتولىيىگە بېسىپ كىرگەن مۇغۇل ھۆكۈمدارى ئەمىر تېمۇر (1336-1405) دەۋردە ئاقشەھىر ئېغىر ۋەيرانچلىققا ئۇچىرىغان ،نۇرغۇن يادىكارلقىلار كۆيدۈرۈۋېتلىگەن .شۇ قاتاردا نەسىردىن ئەپەندىنىئو شېئىر دىۋانلىرى ۋە باشقا قوليازما ئەسەرلىرىمۇ يوقالغان .
ئابدۇلھەمىدخان (1876_19090-يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان )زامانىدا كونيا ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيىسى فايىك بەگ ئاقشەھىرنى ئوراپ تۇرغان سۇلتان تېغىنىڭ باغىرىدىكى باغچە ئوتتۇرىسىغا خوجا نەسىرىدىن مەقبەرسىنى ئەسلىئې شەكلى بويىچە مەرمەردىن ياساپ ، 1905-يىل 7-ئايىنىڭ 12-كۈنى پۈتكۈزگەن . مەقبەرە يېنىدىكى <خوجا نەسىردىن مەدرىسەسى > ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ، ئاقشەھىر مەركىزىگە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئېشەككە مىنىپ تۇرغان مەرمەر ھەيكلى تىكلەنگەن .ھازىر ئىستانبۇل مۇزېيىدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۇزۇن ساقال -بۇرۇت قويغان ، كىچىككىنە ئېشەككە مىنگە قىياپەتتىكؿسۈرىتؿ؛ ئاقشەھىردىكى <خوجا نەسىردىن مۇزېيې > دا ئۇنىڭ ھاياتىغا دائىر ماددىئې بۇيۇم ۋە خاتىرىلەر بار . ئەنقەرە دۆلەتلىك كۇتۇپخانا ،ئىستانبۇل ئەدرنە تارىخىئې مۇزېئې ۋە بەزى چەت ئەل مۇزېيلىرىدا نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە 500 پارچىدىن ئارتۇق تارىخىئې كىتاپ ساقلانماقىتا .ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئوسمانىيە دەۋردىكى جەم سۇلتاننىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەبۇلغازى رۇمى 1480-يىلى يازغان < سالتۇقنامە >دېگەن ئەسەردە ،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ XIII ئەسىردىكى مەشھۇر تۈرك ئالىمى سارى سالتۇق بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقى ،ئۇنىڭ نامى ۋە لەتىپلىرى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان .
نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆز ئىسمى خوجا نەسىردىن بولۇپ ، < موللا نەسىردىن > ، <نەسىردىن ئەپەندى > دېگەن ئىسمىلا كېينچە ئۇنى ھۆرمەتلەپ قويۇلغان ۋە سىڭىپ كەتكەن . < ئەپەندى > دېگەن سۆز تۈركىچە < مۇئەللىم > ، <ئۇستاز > مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ۋە نوپۇزلۇق ئەرلەرگە قارىتىلىغان ھۆرمەت نامى .
نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ئۇنىڭلا ئەمەس ، بەلكى ئەرەبلەر ئارىسىدا تارقىلىپ ، ئىسلامىيەتتىن كېين تۈركىيگە ئېقىپ كىرگەن ھاجراد ،ئەشاپ ، ئەبۇ نەۋۋاس ،جۇھا ،ھاپىز ئىبراھىم قاتارلىقلارنىڭ قىزىقارلىق گەپ -سۆزلىرى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ۋە ئۇنىڭ نامىدا ئاتىلىپ ، ئاناتولىيە يېرىم ئارىلىدىن ئوتتۇرا -يېقىن شەرق ، بالقان يېرىم ئارىلى ،.ئەرەپ ئەللىرى ،ئوتتۇرا ئاسيە ،ھەتتا تارىم ۋادىسى ئەتىراپلىرىغىچە كەڭ تارقالغان .نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى XVI ئەسىردە تۈركىيە يازغۇچىسى ۋە شائىرى رامىن تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم يىغىلىپ ۋە تەھىرىرلىنىپ توپلام قىلىنغان . XVII ئەسىردە ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان ، XVIII رەسمىئې كىتان بولۇپ شەكىللەنگەن . XIX ئەسىردە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى > تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە مىسىرنىڭ قاھىرە شەھەرلىرىدىكى تاش مەتبەئەدە تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغان .تۈركىيە ئالىمى ۋىلتائىز بوداق تۈزۈپ ،1909 -يىلى نەشىر قىلىنغان < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >غا 392 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن . XX ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە ، < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلمى > نىڭ ئالىتە خىل نۇسخىسى نەشىر قىلىنىپ ، 445 پارچە لەتىپە كىرگۈزۈلگەن .ئۇنىڭ فىرانسۇزچە نۇسخىسى 1978 -يىلى ئىتسانبۇلدا نەشىر قىلىنغان . ئەنگلىيىدە 1966-يىلى ،1973-يىلى ۋە 1978-يىلى ئۈچ خىل نۇسخىدىكى < ئەپەندى لەتىپلىرى توپلىمى >نىڭ تەرجمىسى نەشىر قىلىنغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا <نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > 1936-يىلى تۇنجى قېتىم ،1957-يىلى ،1959-يىلى ۋە 1963-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان. 1959-يىلى تاشكەنىت <شەرق ھەقىقىتى > نەشىرىياتى ﯿسولۇيىۋنىڭ < خوجا نەسىردىن ھەققىدە قىسسە > ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلغان ، بۇ كىتاپ كۆپ خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان . ياپونىيىدە < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > نىڭ تەرجىمىسى 1965 -يىلى تۇنجى قېتىم ،1977-يىلى قايتا نەشىر قىلىنغان . دۆلىتىمىزدە 1958-يىلىدىن كېيىن ،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى ھەر مىللەت تىلىدا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان .ئۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىغان < نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى > بىر قەدەر تولۇق . جاۋ شىجې ئەپەندى تەرجىمە قىلىپ تۈزگەن ،دۇنخۇئاڭ ئەدەبىيات -سەنەت نەشىرىياتى 1990 -يىلى لەنجۇدا خەنزۇچە نەشىر قىلغان <ئۇيغۇر لەتىپە -چاقچاقلىرىدىن تاللانما > ناملىق توپلامغا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ 217 پارچە لەتىپىسى كىرگۈزۈلگەن .
ئۇيغۇر خەلقى يىپەك يولى مەدەنىيتىنىڭ بۈيۈك ئەلچىسى ،دۇنياۋى فولكلۇر قەھىرىمانى ،ھازىر جاۋاپ سۆز سەنەتكارى ،ئۆتكۇر پىكىرلىك ۋە ساغلام ئەقىللىق نەسىردىن ئەپەندىنى ئۆزىنىڭ قىزىقچىسى دەپ بىلىدۇ . خەلقىمىز ئۆز ئەقىل - پاراستى ،تەپەككۇر جەۋھەرلىرىنى قوشۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز بېيتىپ ،ھەرخىل زامان -ماكان شارائىدە ئۇنىڭ نامىدا تارقىتىپ ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن لەتىپلەر 2000 پارچىدىن ئاشىدۇ . چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىرىگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى لەتىپلىرى تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىگە ئىنتايىن باي بولۇپ ،ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مەڭگۈ ئۆلمەس دۇنياۋى بەدىئې ئوبراز ھېسابلىندۇ .

مەنبە : خاتىرەم


تېما تەستىقلىغۇچى : tughrul
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2008-12-08
-سىز كۆرۋاتقان تىما نەسىردىن ئەپەندى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز دەرجىڭىز ئۆزىلىكىن ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-12-08 03:37 PM |
parhat007
پاك تۇغۇلۇپ، ئۇيقۇدا ياشاپ. گۇناھ بىلەن كېتىمىز!!!
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا مىسرانىم مەستانىسى
دەرىجىسى : جان ئەزا


تىزىم نۇمرى : 753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1028
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1028دانە
شۆھرىتى: 458 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 4416 سوم
ياخشى باھا: 3156 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:8 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:390 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

50 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

مەن تېخى نەسىردىن ئەپەندىنى شىنجاڭدا  تۇغۇلغان  دەپ  يۈرەتتىم،
ئەسلىدە  ئوتتۇرا ئاسىيالىقكەندە.................
مىسرانىم  ئۈچۈن  ھەممىمىز تىرىشايلى .............
مىسرانىم سىز نىڭ  ، شۇنداقلا  ھەممىمىزنىڭ.............
http://blog.9saray.com/4586
http://blog.retim.cn/725990
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 05:53 PM |
karwan0997
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 1738
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 802
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە802دانە
شۆھرىتى: 182 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 5509 سوم
ياخشى باھا: 1525 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:148 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

52 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-08-15
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ھە ئەسلى مۇنداقكەندە،،،مەنمۇ شىنجاڭدا توغۇلغان دەپ يۈرگەن،،
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 07:34 PM |
musilina
سىز نېمە ئۈچۈن ياشايسىز ؟
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


تىزىم نۇمرى : 2838
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 826
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە826دانە
شۆھرىتى: 356 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 2909 سوم
ياخشى باھا: 1054 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:7 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:333 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

17 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-09-14
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

    بۇ تېمىنى ياخشى يوللاپسىز ، نۇرغۇن كىشىلەر نەسىردىن ئەپەندىمنى شىنجاڭلىق دەپ ئويلايدۇ ، چۈنكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە ئىسىملار بولغاچقا  شۇنداق قاراش شەكىللىنىپ قالغان .
اللا كأڭلىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسذن.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-08 09:56 PM |
МaJnцN
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 3137
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 197
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە197دانە
شۆھرىتى: 23 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 793 سوم
ياخشى باھا: 203 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:72 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

18 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-10-02
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

ياخشى  يۇللاپسىز   بۇنى  بىلۋالدىم.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-09 06:08 PM |
takdirim
مەڭگۈ سەن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا؟
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئون بېشى


تىزىم نۇمرى : 115
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1814
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1814دانە
شۆھرىتى: 788 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 6822 سوم
ياخشى باھا: 2498 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:5 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:168 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

32 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-05-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-01

 

مەنمۇ  بۇنداقلىقىنى  خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن .........ئۇنىڭ  ئۇيغۇرلىقىدىن باشقا  ئ.ىشىنى  ئۇخمايدىكەنمەنتۇق  ئەمەسمۇ مەن ..........رەھمەت
ئەل سورىسا سىنىڭدىن،
سەن تانمىساڭ مىنىڭدىن.
سويۈپ سىنى بىر ئۆمۈر،
مەڭگۈ  ھەمرايىڭ بولاي.
لىكىن..........................
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 08:44 AM |
sulayman15
دەرىجىسى : رەسمىي ئەزا


تىزىم نۇمرى : 5704
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 211
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
شۆھرىتى: 41 نومۇر
مۇنبەر پۇلى: 868 سوم
ياخشى باھا: 214 نۇمۇر
تور دەرىجە: توردىكى دەرىجىسى:3 -دەرىجە:
 توردىكى ۋاقتى:64 سائەت،
دەرىجە ئۆسۈشكە كېتىدىغان ۋاقىت:

26 سائەت
تىزىم ۋاقتى:2008-12-01
يېقىندا كىرگەن:2009-01-02

 

نېمىدېگەن بىلىملىك ئەپەندىدۇ بۇ  
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-12-10 10:41 AM |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
مىسرانىم مۇنازىرە مۇنبرى » مەشھۇر شەخىسلىرىمىز
مىسرانىم تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ،مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .
مىسرانىم تورى مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلفونى : 13899164687 تور چاقىرغۇ:QQ:364103

Total 0.119757(s) query 8, Time now is:01-03 02:37, Gzip disabled 新ICP备08000436
Powered by Misran V6.3.2Certificate Code ©Beta 5 2008-12 Misran Corporation