|مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       938 
  •    ئىنكاس 
       26 

شاھنامە  (رومان)

قەۋەت ئاتلاش
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1088 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9512 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   318  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2622
 سائەت
دەرىجىسى:
2622 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 24- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 08:08

زەھھاك شۇ كۈنى ھۇشىغا كېلىپ تەخىتكە چىققان مىنۇتتىن باشلاپ پۈتۈنلەي باشقىچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.ئۆسەك قىلغۇچىلارنىڭ تىلى بويىچە ئېلىپ ئېيتساق ئۇنڭغا ‹‹پەرىدۇن ئاتلىق جىن چاپلاشقان›› ئىدى.پەرىدۇن ئۇخلىسا چۈشىدىن ،ئويغاقلىقىدا خىيالىدىن چىقمايتتى.خۇددى چۈشىدىكى ئىش راستىنلا ئەمەلىيەتتە يۈز بېرىپ پەرىدۇن  ھېلىلاكالا بشلىق نەيزىسىنى ھەيۋەت بىلەن شىلتىپ ئوردا سارىيىغىلا باستۇرۇپ كىرىپ بېشىنى يانچىۋېتىدىغاندەك قورقۇپ تۇراتتى.تەرېەپ تەرەپلەرگە چاپارمەن غالچىلارنى ئەۋەتىپ پەرىدۇن ئىسىملىك  كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلاتتى.كىمنىڭ ئىسمى پەرىدۇن بولسا  تۇتقۇزۇپ كىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتەتتى. دىمەك ئەمدى ھەممىلا قايدا زەھھاك دەستىدىن پەرىدۇن بالاسى تېرىلغان ئىدى.قىسقىغىنە نەچچە  ئاي ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پەرىدۇن ئىسىملىك كىشىلەردىن نەچچە مىڭىنىڭ كاللىسى ئېلىندى.ئەمدى ھىچكىم بالا تۇغسا پەرزەنتىگە بۇ ئىسىمنى قويۇشقا پېتىنالمايدىغان،بۇنداق ئىسمى بارلارمۇ يوشۇرىنىۋېلىپ ئادىمىزاتقا كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ كېتىشتى.شۇنداقتىمۇ قانخور شاھ نىڭ كۆڭلى ئىمىن تاپماي پەرىدۇن ئىسىملىكلەرنى ئىزدەشنى تا نەچچە يىللارغىچە بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى.ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە گېلىدىن تۈزۈكرەك غىزامۇ ئۆتمەيتتى. قورقۇنۇشلۇق چۈشلەرنى تولا كۆرۈپ كېچىلىرى تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمايتتى.‹‹توخۇ داڭگال چۈشەپتۇ›› دىگەندەك ئويلاۋەرگەنسېرى چۈشلىرىدىمۇ پەرىدۇننىلا چۈشەيتتى.بەزىدە جۆيلۈپ ېارقىراپ ئويغۇنۇپ كەتسە،بەزىدە يەنە تەىتىدىن دومىلاپ كېتەتتى.يېنىدىكىلەرنىڭ بۇ ئشلاردىن كۈلكىسى قىستاپ كەتسىمۇ ئۆلۈمدىن قورقۇپ كۈلۈشكە پېتىنالماس ئىدى. ovohl 
}u&JX  
كۈن ئايلار بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى.زالىم زەھھاكنىڭ ھاياتىنىڭمۇ ھالاكەت كۈنلىرى يېقىنلاشتى.پەرىدۇن تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ بەىتى ئىقپالى تۈپەيلى جاھان ىۇددى يەنە بىر قۇياش كۆتۈرۈلگەندەك قايتا نۇرلۇنۇپ كەتتى.ئۇ تۇغۇلغاندا 2-3 ياشلىق بوۋاقلاردەك چوڭ تۇغۇلغان بولۇپ تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ باشقا بوۋاقلار بىر يىلدا بىر ياشقا كىرسە پەرىدۇن خۇددى ھەر ئايدا بىر ياشقا كىرگەندەك  تېز ئۆسۈپ ئاينىشقا باشلىدى.ئۇ شۇنداق بىر ئۇلۇغ يارالغان ئىدىكى،ئۇلۇغلۇقتا جەمشىدنى،نۇر چېچىشتا كۆكتىكى قۇياشنى بېسىپ چۈشىدىغاندەك  چىرايلىق ۋە قاملاشقان ئىدى.ئۇنىڭ دەۋرى يېتىپ كەلگەن بولغاچقا پەلەكمۇ ئۇنىڭغا مىھىر شەپقەت كۆرسىتەر،ھەر بىر ئىشتا غايىۋى ياردەملەرگە مۇيەسسەر بولار ئىدى. پەرىدۇننىڭ يۇرتىغا يېقىن بىر جايدىكى پادىدا  بەرمايە ئىسىملىك ئاجايىپ بىر ئىنەك نامايەن بولدى.ئۇ خۇددى يېڭىلا تۇغۇلغان تاۋۇستەك كىلىشكەن،ھەر جەھەتتىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك قاملاشقان ئىنەك ئىدى.كىشىلەر نەگىلا بارسا شۇ ئىنەكنىڭ پارىڭىنى قىلىشاتتى.بۇ مىش-مىش پاراڭلار ئاخىرى  زەھھاكنىڭمۇ قۇلىقىغا يەتتى.ئۇ بۇرۇن مۇبەدلەردىن (تەبىرچىلەردىن)  پەرىدۇن ۋە بۇ كالا ھەققىدە ئاڭلىغان بولغاچقا جېنى سىرقىرىغاندەك بولۇپ دەرھال بۇ ئىنەكنى ئىزدەپ تېپىپ يېنىغا ئېلىپ كىلىش توغرىسىدا  پەرمان چۈشۈردى. OTm`i>rB  
+R_U  
ئەمدى گەپنى پەرىدۇۇننىڭ ئاتىسى ئاتىبىندىن ئاڭلايمىز،كۈنلەردىن بىر كۈن ئەجدىھالارغا يەم بولۇش نۆۋىتى ئاتىبىنغا كەلدى.ئەجدىھا شاھنىڭ چاپارمەنلىرى ئۇنى تۇتۇپ ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كىسىپ مىڭە قېتىقىنى ئەجدىھالارغا بېرىشتى.پەرىدۇننىڭ ئانىسى پەرانەك جىگەرلىك ۋە پەم پاراساتلىك ئايال ئىدى. ئۇ زالىم شاھنىڭ ئېرىنى ئۆلتۈرش بىلەنلا توختاپ قالمايدىغانلىقىنى پەرىدۇننى تۇتقىلىمۇ چوقۇم جاللات كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا بۇ قەيسەر ئانا پەرانەك ئوغلىنى يوشۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن دالدا جاي ئىزدەپ بىر توقايلىققا كەلدى.ئۇ يەردە بىر چارۋىچى كالا بېقىۋاتاتتى.بۇ دەل بەرمايە بار كالا توپى ئىدى.پەرانەك چارۋىچىنىڭ يېنىغا كىلىپ  ئۇنىڭغا يالۋۇردى: Yem\`; *  
*O;N"jf  
-ئەي مىھرىبان ئىنسان،غايەت بىر مۈشكۈللۈككە ئۇچراپ ساڭا ھاجەتمەن بولۇپ يېنىڭغا كەلدىم.مىنىڭ ئېرىم بىر زالىم بىلەن ئۆچەكىشىپ قېلىپ زالىم ئېرىمنى ئۆلتۈرۈۋاەتتى.ئەمدى بولسا بالامنىمۇ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن  ئۇنى ئىزدەپ يۈرىيدۇ.كىچىك بالىدا نىمە گۇناھ، سەندىن ئۆتۈنەي ،مۇشۇ بالامنى بىر قۇتۇلدۇرۇپ قېلىپ  بىرنەچچە زامان ئۆز بالاڭ سۈپىتىدە بېقىپ بەرسەڭ.بۇ ھەققىڭ ئۈچۈن نىمە تەلەپ قىلساڭ ئىلكىمدە بارنى ئايىمايمەن،ھەتتا جېنىمنىمۇ بالام ئۈچۈن قۇربان قىلىشقا تەييارمەن، ?Y9 ?x,x  
_=MWt_A '3  
بۇ چارۋىچى رەھىمدىل ،ئاقكۆڭۈل ياخشى ئادەم ئىدى. بىر ئايال،بىر ئۇلۇغ ئانا كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلارنى ئېقىتىپ تۇرۇپ پەرزەنتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنى ئۆتۈنىۋاتسا  قانداقمۇ رەت قىلالىسۇن؟ شۇڭا ئۇ دەرھال: 8vo} .JIl  
|`nVr>QF&  
  -بولىدۇ،تەلىپىڭىزنى ئورۇنلايمەن، سىزنىڭ بالىڭىز ئوخشاشلا مىنىڭمۇ بالام،ئەنسىرىمەي بالىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ.مەن ئۇنى جېنىمنى قوغدىغاندەك قوغداپ،كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىپ چوڭ قىلىمەن، كىيىنكى كۈنلەردە خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كىلىپ بالىڭىزنى كۆرۈپ كېتەرسىز. yi OF&  
Ir'f((8:  
پەرانەك چارۋىچىغا مىڭبىر رەھمەت تەشەككۇرلارنى ئېيتىپ پەرىدۇننى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىپ قايتىپ كەتتى.چارۋىچى پەرىدۇنغا مۇقەددەس كالا بەرمايەنىڭ سۈتىنى بىرىپ باقتى. بۇ سۈت ئۇنىڭغا شۇ قەدەر خىل كەلدىكى جېنىغا جان،قېنىغا قان قوشۇپ كەلگۈسىدىكى تەڭداشسىز كۈچ قۇۋۋىتىگە ئاساس بولدى. بۇمۇ تەڭرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى.تەڭرى قوغداپ قالغاننى پۈتۈن دۇنيا دۈشمەن بولسىمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ.تەڭرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغاننى پۈتۈن دۇنيانىڭ پالۋانلىرى زىچ قورشاپ مۇھاپىزەت قىلسىمۇ قوغداپ قالالمايدۇ. تەڭرىنىڭ قۇدرەت كامالى بىلەن پەرىدۇن  خەتەردىن قۇتۇلۇپ بۇ چارۋىچىنىڭكىدە تۇرۇپ قالدى. Go|65Z\`7M  
d1-p];&  
پەرىدۇن چارۋىچىنىڭكىدە بەرمايەنىڭ سۈتى بىلەن ئوزۇقلىنىپ بەدىنىگە خىسلەتلىك قۇۋۋەتنى جەم قىلىپ  ئۈچ يىل تۇرۇپ قالدى.لىكىن زالىم ئەجدىھا پادىشا تېخىچە پەرىدۇن بىلەن خىسلەتلىك ئىنەكنى ئىزدەشنى توختاتمىغان ئىدى.‹‹پوكۇنى يۇرتتىكى پۇستانچىنىڭ  ئۆيىدە مۇقەددەس ئىنەك بارمىش›› دىگەن خەۋەر بىر كۈنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ دەرھال ئۇ ئىنەكنى تېپىپ كىلىشكە ئادەم ماڭدۇردى. پەرانەك بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يايلاققا يۈگرەپ كىلىپ چارۋىچىغا  ئاڭلىغان خەۋەرلەرنى سۆزلەپ بەردى ھەمدە  بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى.چارۋىچىمۇ كىچەيۇ كۈندۈز ئۇنىڭ غېمىنى يەۋاتقان تۇرسا ئۇنىماي قالسۇنمۇ  دەرھال پەرىدۇننى ئانىسىغا قايتۇرۇپ بېرىپ ئۇلارنى بىخەتەر بولغان ئەلبۇرس تېغىغا يولغا سېلىپ قويدى. v4$,Vt:7  
zYL^e @  
قەيسەر ئانا پەرانەك  ئوغلىنى قۇچاقلاپ خۇددى ئۇچقۇر كىيىكتەك ھارغىنىنى تۇيماي تېز يۈگرەپ ئاخىرى تاڭ سەھەردە  كۆزلىگەن تاققا يىتىپ كەلدى.بۇ تاغدا بىر ياشانغان تەقۋادار كىشى تەنھا ياشايتتى.ئۇنىڭ كىچەيۇ كۈندۈز قىلىدىغان ئىشى ئاللاھ ئىگەمگە ئىبادەت قىلىش ئىدى.پەرانەك  پاك دىل بوۋاي بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن ئۇنىڭدىن بالىسىنى بېقىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ شۇنداق دىدى: gm DC,"Y<  
5glGlD6R  
  -ئەي پاك دىن كىشى،مەن بولسام مۇشۇ ئىران زىمىندىكى بىر غېرىپ ئانا،بۇ بولسا مىنىڭ ھاياتىمدىنمۇ قىممەتلىك بولغان بارلىقىم ،ئوغلۇم پەرىدۇن بولىدۇ.ھازىر زالىم شاھ زەھھاك ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلەپ تەرەپ تەرەپلەردىن ئىزدەۋاتىدۇ.ئەگەر بىز ئۇنى مۇشۇ قېتىمقى نبالا قازادىن قوغداپ قالالىساق ئوغلۇم كەلگۈسىدە  ئەلنىڭ پاسىبانى بولۇپ، زالىم شاھنىڭ ئىپلاس بېشىنى  ئۆز قولى بىلەن كىسىپ دۇنيانى ئەجدىھا شاھنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.شۇڭا سەن بىر مەزگىل ئوغلۇمغا ھامى بولۇپ بېقىپ بەرگەن بولساڭ. oB9m\o7$  
Vz*'^=(o&  
پاك دىل كىشى ئانىنىڭ ئۆتۈنىشىنى قوبۇل قىلىپ  پەرىدۇننى قۇچىقىغا ئالدى.پەرىدۇن تاغقا شۇ كەلگەنچە تاكى ئون ئالتە ياشقا كىرگۈچە پاك دىل كىشىنىڭ ئاتىلارچە غەمخورلىقىغا مۇيەسسەر بولۇپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدى. 67x^{u7  
YC'~8\x3z  
ئەمدى گەپنى مۇقەددەس كالا بەرمايە ۋە چوپاندىن ئاڭلايمىز،زالىم پادىشاھنىڭ ئىگىسىنى تارتقان قانخور چاپارمەنلىرى يايلاققا كەلگەندىن كېيىن سۈرشتۈرۈپ يۈرۈپ ئەسكىلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن پەرىدۇننى باققان ئاقكۆڭۈل چوپاننىڭ ئۆيىگە كىلىپ ئېغىل قوتانلارنى كۆيدۈرۈپ  كالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.كالىلارغا چىدىماي قارشىلىق قىلغان ئاقكۆڭۈل چوپاننىمۇ ئۆلتۈرىۋېتىشتى.ئاخىر ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس ئىزلىرىدىن باشقا ھىچنىمە قويماي قايتىپ كېتىشتى. m##=iB|;  
6K}=K?3Z  
ئەمدى پەرىدۇن ھەققىدىكى مەشھۇر  قىسسە رەسمى باشلىنىدۇ. بۇ قىسسە شاھنامىدىكى ۋەقەلىكلىرى جىددى ۋە ئاجايىپ  قىسسىلەرنىڭ باشلىنىشى.پەرىدۇن يەنە  نامى پۈتۈن دۇنيادا مەشھۇر بولغان  بۇ كىتاپتىكى ئەڭ كاتتا جاھان پالۋىنى ،بۇيۈك قەھرىمان رۇستەمى داستاننىڭ  ئۇلۇغ بوۋىسىدۇر. S41>VbtEp  
"=.|QKC1`  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ئەگەر سىز بۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكلىرىگە داۋاملىق قىزىقسڭىىز دىققىتىڭىز داۋاملىق بۇ سەھىپىمىزدە بولسۇن.ئىشىنىمەنكى بۇنىڭدىن كىيىنكى جىددى ھەم قىزىقارلىق ۋەقەلىكلىرى مىنى جەلىپ قىلغاندەك سىزنىمۇ ھەم جەلىپ قىلىپ ئەڭ بۈيۈك قەھرىمانلارنىڭ  مىڭ يىللاپ داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇلۇغ قىسسىلىرى بىلەن سىزنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ! qgNK!(kWpr  
I .!/R`  
?miM15XI  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1088 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9512 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   318  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2622
 سائەت
دەرىجىسى:
2622 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 25- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 03:21

پەرىدۇن 16 ياشقا كىرگىچە ئانىسى ئۇنى تاغدىن ئېلىپ كەتمىدى.چۈنكى ئانىسى ئۇنى تېىخى كىچىك دەپ ئويلايتتى.لىكىن پەرىدۇن ئۆزىنىڭ چوڭ بولۇپ قورامىغا يەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ  بۇ يەردە داۋاملىق تۇرىۋېرىشنى خالىمىدى. يىتىلگەن شىر قەپەستە داۋاملىق تۇرىۋېرىشكە تاقەت قىلسۇنمۇ؟!،ئۇ تاغدا ئۆزىنى باققان تەقۋادار كىشى بىلەن خوشلىشىپ  ئۆزى ئانىسىنى ئىزدەپ يۇرتىغا قايتتى. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئانىسىنى تاپقاندىن كىيىن ئانىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەجدادىنى،نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى باقماي چەت يەرلەردەخەققە باقتۇرۇپ يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى: =v$s+`cP  
-ئەي ئانا،جاھاندا سەۋەپسىز ئىش يوقتۇر،ھىچقانداق ئانا ئۆز ئوغلىنى ئۆزىدىن نېرى قىلىپ باشقىلارغا باقتۇرمايدۇ.ۋە ئۇنى چەت يەرلەردە يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەمما سىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز؟! ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ سۇئاللار مېنى قىيناپ كەلدى.باققان ئاتامدىن سورىسام  ‹‹چوڭ بولغىنىڭدا ئاناڭ ئۆزى سۆزلەپ بېرىدۇ›› دەپ مەندىن قىسمىتىمنى يوشۇرۇپ كەلدى.بۈگۈن سەۋرى قاچام يېرىلىپ ئاخىرى سىزنى ئۆزۈم ئىزدەپ كەلدىم.مەندىن ھىچنىمىنى يوشۇرماي بولغان ئىشلارنى ۋە ئەجدادىمنى ئېيتىپ بېرىڭ! Z !25xqNCd  
ئانا ئوغلىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ھىس قىلدى.ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرمىشلىرىنى يوشۇرىۋېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئوغلىغا ئۇنىڭ سورىغانلىرىنى دەپ بېرىشكە باشلىدى: %%cSvPcz  
-ئەي جېنىم ئوغلۇم،يۈرەك پارەم،توغرا ئېيتىسەن،بىر ئانا ئۈچۈن ئوغلىدىن ئايرىلىپ ياشاش دۇنيادا ھەممىدىن ئېغىر،ھەممىدىن ئازاپلىق،مەن  سېنىڭ بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن  سېنى ئۆزۈمدىن ۋە ئادەملەر ئارىسىدىن يوشۇرۇپ قويۇشقا،سەن بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا پېتىنالمىدىم.چۈنكى ھازىرقى زالىم پادىشاھ زەھھاك سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا يامان چۈش كۆرۈپ سېنى ئۆزىنىڭ ئەبەدىلىك دۈشمىنى ۋە يوقاتقۇچىسى دەپ تونىۋالغان ئىكەن.شۇڭا قانچە يىللاردىن بېرى سەن بىلەن ئىسىمداش نەچچە مىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈردى.شۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي كىچەيۇ كۈندۈز سېنى ئىزدەشنى تاپقان ھامان ئۆلتۈرىۋېتىشنى  قەستلەپ يۈردى.شۇڭا مەن سېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ئەمدى سېنىڭ ئاتاڭغا كەلسەك ئاتاڭنىڭ ئىسمى ئاتىبىن ئىدى،ئۇ ئىران زىمىنىدىكى قەدىمى ئۇلۇغ پادىشاھلاردىن تەھمۇرەسنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن بولىدۇ.ئۇ ناھايىتى باتۇر،ھۇشيار ۋە قەھرىمان ئادەم ئىدى،قەيەردە ناھەقچىلىك بولسا شۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلاتتى.زالىملار بىلەن دۈشمەنلىشەتتى.لىكىن مۆمىن كىشىلەر بىلەن قىلچە ئازارلاشمايتتى.ھەممە ئۇنى چوڭ كۆرەتتى.ھۆرمەتلەيتتى.پادىشاھىمىز زەھھاكنى كىشىلەر ئەجدىھا پادىشاھ دەپ ئاتايدۇ... Tv,.  
ئانا ئوغلىغا زەھھاكنىڭ ئەھۋالىنى ئاتىسىنىڭ ئەقدىھالارغا يەم قىلىنىپ ناھەق ئۆلتۈرۈلگەنلىكنى ۋە كىيىنكى ئىشلارنى بىر بىرلەپ ھىكايە قىلىپ بەردى.بۇ ئىشلار ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇش بولغاچ ئانىنىڭ سۆزلىگەن ھىكايىلىرى تەپسىلاتىدىن ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئازاد قىلدىم. >"g<-!p@  
پەرىدۇن ئانىسىدىن ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلارنى ئاڭلاپ بولۇپ شۇنداق قاتتىق غەزەپلىنىپ كەتتىكى ئاچچىقىدا شۇ ھامان شاھ ئوردىسىغا بېرىپ  زەھھاكنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭ بىلەن سوقۇشماقچى ئۆچىنى ئالماقچى بولدى.ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇمكى تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن ئەينى چاغدا پەرىدۇن 16ياشقا كىرى كىرمەيلا كۈچ ۋە ئەقىلدە تولۇپ كامالەتكە يىتىپ دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك باتۇر پالۋانغا ئايلانغان،ھىچنىمىدىن قورىقمايدىغان ،ھىچبىر يامان كىشىدىن تەپتارتمايدىغان ئەزىمەت بولۇپ ئۆسكەن ئىدى.لىكىن ئۇ ھەرقانچە باتۇر بولسىمۇ بىر ئۆزى پۈتۈن جاھانغا ھۆكمىرانلىق قىلىۋاتقان نئادىمىزات ۋە دىۋە ئالۋاستىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈزمىڭ ئەسكىرى، نەچچە مىڭ داڭلىق قوماندان سەركەردىلىرى بولغان زەھھاكقا تاقابىل كېلەلمەيتتى.شۇڭىمۇ ئەجداتلىرىمىز:‹‹ياش ئوغۇل قىزىققان،سۆزمەن كىلۇر،لىكىن كېڭەشكە يارىماس›› دىگەن ئەقلى يەكۈننى قالدۇرغان ئىدى.پەرىدۇننىڭ بۇنداق قاراملىقىغا ئانىسى يول قويسۇنمۇ نۇرغۇن پەندى نەسىھەتلەرنى قىلىپ،سەۋرىنىڭ تەڭداشسىز كۈچىنى،كېڭەشلىك ئىشنىڭ خەيرىيىتىنى،ھەر بىر ئىشنىڭ پۇرسىتى پىشىپ ۋاقتى سائىتى يىتىپ كەلگەندە قىلىنسا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىنى يىغلاپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ ئۇنى ئاران تەستە پەيلىدىن ياندۇرۇپ توسۇپ قويدى. y<%.wM]-J  
ئەمدى گەپنى باشقا ياقتىن ئاڭلايمىز.بۇ دۆلەتتە كاۋە ئىسىملىك بىر تۆمۈرچى بار ئىدى.ئۇنىڭ 18 ئوغلى بار بولسىمۇ،لىكىن يىللاردىن بېرىقى زەھھاكنىڭ ياش ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ مىڭىسىنى  بەدىنىدىكى ئەجدىھالىرىغا يەم قىلىپ بېرىش زۇلمى تۈپەيلىدىن قالغان 17 ئوغلى بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ ئاخىرقى بىرسى قالغان ئىدى.زەھھاك ۋە ئۇنىڭ چاپارمەنلىرىدە قىلچىمۇ رەھىم شەپقەت دىگەن نەرسە يوق ئىدى.دەل شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇربانلىق نۆۋىتى كاۋەنىڭ 18-ئوغلىغا كىلىپ ياۋۇز چاپارمەنلەر ئۇنىمۇ ئەجدىھالارغا يەم قىلىش ئۈچۈن تۇتۇپ كەتتى.بۇ گەپ مەشەدە تۇرۇپ تۇرسۇن ئەمدى گەپنى زالىم زەھھاكتىن ئاڭلايمىز. مىڭ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان غايەت زور زۇلۇم ،ئەجدىھالارنىڭ  تويماس نەپسى زەھھاكنى پۇتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغ شاھىغا ئەمەس بەلكى ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.ئۈمىدسىزلەنگەن خەلىق زەھھاكنىڭ پەرىدۇنغا  ئالاقىدار چۈشى ۋە چۈش تەبىرىدىن خەۋەر تېپىشقاندىن بېرى پۈتۈن  ئۈمىدىنى پەرىدۇنغا باغلىشىپ ،پەرىدۇننىڭ تېزراق دۇنياغا كىلىشىنى،زەھھاكقا قارشى قوزغۇلۇپ چىقىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈشمەكتە ئىدى.زەھھاك بۇنى بىلمەي قالمايتتى.ئۇ خەلىقنىڭ رايىنى ئۆزىگە قارىتىش،  رايىنى پەرىدۇندىن سوۋۇتۇش مەقسىدىدە ،ئۆزىنى ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ دانا،ئەڭ ئادىل پادىشاھ،پەرىدۇننى بولسا ياۋۇز مەخلۇق،ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش ئالۋاستىسى،ئۇنىڭ مەيدانغا كەلگەن كۈنى ئىنسانلارغا ئاپەت ياغىدىغان كۈن  قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىرئۆزىنى ماختاش،پەرىدۇننى ئەيىپلەش پەرمانىنى يازدۇرۇپ ئۇنى ئەل ئىچىگە تارقاتماقچى خەلىق ۋەكىللىرىگە ئىمزا قويغۇزۇپ ئەلنىڭ كۆزىنى بويىماقچى بولۇپ تۇرىۋاتاتتى.بۇرۇنقى زالىم بىپەرۋا قىياپىتىنى يوشۇرۇپ ئۆزىنى ئادىل ھەققانى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىۋاتاتتى. شۇڭا ئەمدى ھەر كۈنى ئوردىسىغا چىقىپ پۇخرالارنى قوبۇل قىلىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان،ئەرىز دات ئېيتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئەرزىنى سورايدىغان بولىۋالدى.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە تكمۈرچى كاۋە ئۇنىڭ ئالدىغا دات پەرياد سېلىپ ئەرىز ئېيتىپ كىرىدى: GL =XiBt  
-دات پادىشاھى ئالەم!ماڭا ئېغىر زۇلۇم قىلدى! Nwl RPyt  
-ساڭا كىم زۇلۇم قىلدى؟قورىقماي ئېيت،مەن ئۇنى قاتتىق جازالاپ ئەنتىڭنى ئېلىپ بېرەي! |;u%JW$4  
-ئەي ئۇلۇغ شاھ،سەن  ماڭا زۇلۇم قىلغۇچىنى جازالاشقا سەن   ئاجىزلىق قىلىسەن! d3=6MX[c  
-نىمە دىدىڭ؟!مەنمۇ جازالاشقا پېتىنالمىغۇدەك،مەندىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك كىمكەن ئۆزى؟! 7M#$: Fdb  
-كىم بولاتتى،باشقا بىرى ئەمەس دەل سەن ئۆزۈڭ زۇلۇم قىلدىڭ! ?V)C9@bp  
- سەن زاد كىم؟نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلەمسەن؟!  مەن ئەزەلدىن سېنى كۆرۈپ باقمىسام، قانداقسىگە ساڭا زۇلۇم قىلغان بولىمەن؟ +>:_kE]?nX  
-ئەي شاھ،مىنىڭ ئىسمىم كاۋە،كەسپىم تۆمۈرچى،ئەزەلدىن بىر چۈمۈلىەىمۇ زىيان سالماي يۇۋاشلىق بىلەن ھۈنىرىمگە تايىنىپ  ياشاپ كىلىۋاتقان ھۈنەرۋەن ئادەم ئىدىم،تەڭرى ماڭا 18 ئوغۇل ئاتا قىلغان،جاھاننى مىنىڭ بالىلىرىم بىلەن ئاۋات قىلغان ئىدى.لىكىن سەن زالىملىقتا رەھىمسىزلىكتە چىكىگە يېتىپ يىللاردىن بېرى 17ئوغلۇمنى بىر بىرلەپ  تۇتقۇزۇپ كىلىپ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ مىنى جانجىگەرلىرىم يۈرەك پارىلىرىمدىن ئايرىدىڭ. شۇنداق بولسىمۇ قالغان بىر ئوغلۇمغا شۈكۈر قىلىپ  زۇلمۇڭغا چىداپ ياشاپ كەلگەن ئىدىم.بۈگۈن قول ئاستىڭدىكىلەرگە بۇيرۇپ قالغان ئەشۇ بىر ئوغلۇمنىمۇ تۇتقۇزۇپ كىلىپ  ئەجدىھالىرىڭغا يەم قىلىپ بەرمەكچى بولدۇڭ.مەن ئەمدى سەۋرى قىلىپ تۇرالماي ئالدىڭغا دات ئېيتىپ كەلدىم.سەندىن باشقا ھىچنىمىنى تەلەپ قىلمايمەن،ئەشۇ بىر ئوغلۇمغا بولسىمۇ رەھىم قىلىپ ئۆزۈمگە قايتۇرۇپ بەرسەڭ.ئەگەر بولمايدۇ ماڭا ئادەم كەللىسى كېرەك دەپ تۇرىۋالساڭ مانا مەن ئوغلۇمنىڭ ئورنىدا  ساڭا قۇربانلىق بولسام. a3dzok  
زەھھاك كاۋەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئادەتتىكى تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپ چاپارمەنللىرىگە بۇيرۇپ كاۋەنىڭ ئوغلىنى سولاقتىن بوشاتقۇزۇپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بىرىپ دىدى: AK s39U'  
-ئەي تۆمۈرچى،مانا ساڭا ئوغلۇڭنى قايتۇرۇپ بەردىم. ئەرزۇ ھالىڭغا يەتتىم،ئەمدى سەنمۇ مىنىڭ بىر تەلىپىم بار شۇنى ئورۇنلاپ بېرەلەمسەن؟ D PS1GO*  
-بولىدۇ ئورۇنلاپ بېرەي! /=YqjZTCq  
-ياخشى،مەن بۈگۈندىن تارتىپ  سەن بىلەن دوست بولماقچى،يېقىن ئۆتمەكچى،سەندىن كۈتىدىغان تەلىپىم شۇكى،بىزدە بىر مەدھىيەنامە بار،سەن شۇنىڭغا قول قويۇشۇڭ،ۋە ئۇنى ئېلىپ چىقىپ خەلىققە تەشۋىق قىلىشىڭ،كېرەك. mj~N]cxB  
-قېنى مەدھىيەنامىنى كۆرۈپ باقاي! 3aE[F f[  
چاپارمەنلەر مەدھىيەنامىنى كاۋەگە بەردى.كاۋە ككردىكى بۇ مەدھىيەنامىدا دۇنيادا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىغان،پۈتۈن ئىنسانلارغا ئاەت ياغدۇرغان مەشھۇر زالىم شاھ زەھھاك مەدھىيەلەنگەن،ئەڭ ئادىل،ئەڭ قۇدرەتلىك،ئەڭ مىھرىبان قىلىپ كۆرسۈتىلىپ مەدھىيەلەنگەن،تېخى مەيدانغا چىقمىغان پەرىدۇن بولسا ئالۋاستىدىنمۇ ۋەھشى، قەبىھ، ئەڭ ياۋۇز،بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى قىلىپ كۆرسىتىلىپ ئەپسانە تىللار بىلەن سۆكۈلگەن ئىدى.بۇنى كۆرگەن كاۋەنىڭ بەدىنىىنى تىترەك باستى.غەزىپىدىن قانلىرى شۇۋۇلداپ ئاققاندەك بولۇپ كۆزلىرى چەكچەيدى.ئۇ  مەدھىيەنامىنى يىرتىپ نەچچە پارچە قىلىپ زەھھاكقا  تاشلاپ بەردى ۋە  ئاۋازىنى گۈلدۈرمامىدەك چىقىرىپ شۇنداق دىدى: cbu nq"  
  -ئەي زالىم،قىلغان ئىشلىرىمنى ئاللاھ بىلمەيدۇ،جىنايەتلىرىمنى ئەلدىن يوشۇرۇپ قالىمەن دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟!سەن ھازىر بىر پادىشاھ ئەمەس،جىن ئالۋاستىغا ئايلىنىپ قاپسەن.بەلكى ئىنسان قىياپىتىدىكى دىۋە ئەھرەمەنگە ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنيانى زۇلمەتكە تىقماق بولىۋېتىپسەن.سېنىڭ قىلغىنىڭ خاتا،كەچۈرگۈسىز جىنايەت،سەن ئەمدى داۋاملىق خەلىق بىلەن دۈشمەنلىشىمەن،بېشىغا دەسسەيمەن،زۇلۇم غا تايىنىپ جاھان سورايمەن،دەپ ئويلاۋاتقانسەن،ئەمدى سېنىڭ دەۋرىڭ تۈگىدى.سەن ئەمدى ھاياتىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈزۈپ دوزاخقا كىرىشكە،جىنايەتلىرىڭدىن ھېساپ بېرىشكە تەييارلان! uO_,n  
كاۋە گېپىنى تۈگىتىپ يەرگە بىرنى تۈكۈرىۋېتىپ  ئوغلىنى باشلاپ خۇددى بازاردىن قايتقان دىھقاندەك  بىخارامان ھالدا ئوردىدىن چىقىپ كەتتى.  زەھھاك زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپ قىلالمىدى.ھىچكىم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇشقا پېتىنالمىدى. Q3Z%a|3W  
كاۋە چىقىپ كېتىپ بولغاندىن كېيىن شاھنىڭ قول ئاستىدىكىلەر  بۇ ئىشتىن نارازى بولۇپ شاھقا بولغان ساداقىتىنى،كاۋەگە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن  شاھقا ئېغىز ئېچىپ كاۋەنى ئەيىپلەشتى ۋە شاھتىن نىمە ئۈچۈن ،كاۋە شاھقا ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ ھەددىدىن ئېشىپ ھاقارەتلىسە   كاۋەگە كەڭچىلىك قىلىپ غەزەپلەنمىگەنلىكى،ئۆلۈمگە بۇيرىمىغانلىقى،لام جىم دىمەي چىقىپ كېتىشىگە يول قويغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سوراشتى.زەھھاك ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى: %EVV-n@  
-ئاقايىپ ئىش،بۈگۈن كاۋە ئىشىكتىن كىرىپ  ئالدىمدا تۇرۇشى،ئاۋازىنى قۇلۇقۇم ئاڭلىشى ھامان  ئارىمىزدا خۇددى غايىۋى تۆمۈر تام پەيدا بولغاندەك، ئىككى يەلكەمدىن ئىككى زور تاغ بېسىپ تۇرغاندەك تۇيۇلۇپ ئۇنىڭغا قوپاللىق قىلالمىدىم،زىيان يەتكۈزۈشكە پېتىنالمىدىم،نىمە ۋەقە بولغانلىقنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. .kbr?N,'  
قول ئاستىدىكىلەر قانداقتۇر بىر بىشارەتنى چۈشەنگەندەك بولۇشۇپ قايتا ئېغىز ئاچماي قىم بولۇشتى. qJ X+[PJ  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن ناھىيەمىزدە  توك يوللىرىنى رەتلەش،رىمۇنىت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن  ئىككى كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7دىن كەچ سائەت 23كىچە توك يوق بولۇشتەك ناچار قىيىن شارائىت پەيدا بولۇپ قالغان بولغاچقا كىتاپنىڭ كۆپ يەرلىرىنى نەسرىلەشتۈرۈپ  ۋاقتىدا دىققىتىڭىزگە يوللاشقا  ئامالسىز قالدىم.بۈگۈنمۇ كەچ سائەت 23تىن كىيىن ئىشقا كىرىشىپ كىچە سا.ئەت بىرگىچە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بۇ يازمىلارنى يوللىيالىدىم.بۇ ناچا ر شارائىت قاچانغىچە داۋاملىشىشىنى بىلمەيمەن،.شۇڭا ۋاقتىدا ھەم كۆپرەك  يوللىيالمىسام كەچۈرگەيسىزلەر. ~.W=  
كاۋە ئوردىدىن چىقىپلا شاھتىن يۈز ئۆرۈپ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىدىكى پەرتۇقىنى نەيزە ئۇچىغا سانچىپ بايراق قىلىپ خەلىقنى زەھھاكقا قارشى جەڭ قىلىشقا، پەرىدۇننى تېپىپ شاھ قىلىپ تىكلەپ  زەھھاك خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرىق قىلىدۇ.بۇ ئىشلارنىڭ كىينكى ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەك بولسىڭىز دىققىتىڭىز داۋاملىق سەھىپىمىزنىڭ ھەر كۈندىكى داۋامىدا بولسۇن! a81!~1A  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
Qabiljan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17099

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1088 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9512 (سوم)
 ياخشى باھا:   226 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   318  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2622
 سائەت
دەرىجىسى:
2622 سائەت 128 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-10
ئاخــىرقىسى:2011-06-16
ئاپتورنىڭلا 26- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 15:27

تۆمۈرچى كاۋە پادىشاھنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىققان ھامان ئاۋام خەلق ئۇنى كوچىدىلا ئورىۋېلىشتى.غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچەيگەن،مۇشتلىرى چىڭ تۈرۈلگەن كاۋە ئادەملەر توپى،ئالامانغا تىنماي ۋارقىراپ باراتتى: ?vZWUWa  
  -ئەي خالايىق،پادىشاھ زەھھاك ئادەم ئەمەس بەلكى دىۋە ئەھرەمەن ئىكەن،ئۇ شەيتان ئىبلىس بىلەن بىرلىشىۋېلىپ  بىزگە زۇلۇم قىلىپ، قىزلىرىمىزنى ئوغۇللىرىمىزنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ كاللىسىنى كېسىپ مىڭىسىنىڭ قېتىقى بىلەن مۈرىسىدىكى شەيتاندىن بولمىش ئەجدىھالىرىنى بېقىپ كەلدى.ئۇ ئۇنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى بىگۇناھ ئۆلتۈرگەن ئادەملىرى ھەددى ھېساپسىز،مانا مىنىڭمۇ 18 ئوغلۇم بار ئىدى . ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ تويماس ئەجدىھالىرىنى بېقىپ يۈرەك باغرىمنى چىدىغۇسىز ئازاپلىدى.مەن بۈگۈن جاندىن تويدۇم،سەۋرى قاچام توشتى.يەنە چىداپ تۇرىۋەرسەم  ئۇ ھەممىمىزنى ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكۈدەك، زالىمغا بوزەك بولۇپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتقاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىپ  مەرتلەرچە ئۆلگەن مىڭ ئەۋزەل. ھەممەيلەنگە مەلۇم،زەھھاكنىڭ  ئۆلۈم تەقدىرى پەرىدۇنغا باغلىنىشلىق،بۇ زالىم پەرىدۇننى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلمىغان ئەسكىلىكى  قالمىدى. نەچچە مىڭ بىگۇناھ كىشىنى  گۇمان بىلەن ناھەق ئۆلتۈردى.لىكىن، پەرىدۇننى يوقۇتالمىدى. ھازىر پەرىدۇن مەيدانغا كىلىپ زالىم زەھھاكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتىدۇ.ئۆلۈمىنى كۈتۈپ يېتىۋېرىشنى خالىمايدىغان، ،ناھەق ئۆلگەن قەۋمى- قېرىنداشلىرى   ئۈچۈن قىساس ئېلىشنى ئىستەيدىغان مەرتلەر مىنىڭ بىلەن يۈرۈڭلار.مەن بۈگۈنلا بېرىپ پەرىدۇننىڭ سېپىگە قېتىلىپ ئاخىرقى نەپسىمگىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇللىرىمنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىمەن. \3%W_vU_  
كاۋەنىڭ  بۇ چاقىرىقنامىسى تازا قۇرۇپ بىنزىن چېچىلىپ ئوت يېقىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئوتۇن دۆۋۈسگە تۇيۇقسىز ئوت يېقىلغاندەك،ئوقنى بەتلەپ كىرىچنى راسا تارتىپ ئېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئوقينىڭ ئوقىنى قويۇۋەتكەندەك،ۋەياكى پارتلاشنى كۈتۈپ تۇرغان زور يانار تاغ ۋاقتى سائىتى كېلىپ بىردىنلا  پارتىلاپ چىققاندەك غايەت زور تۇترۇقلۇق رول ئوينىدى.ئۇنى كۆرگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغانلا كىشى ھەممە ئىشىنى تاشلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى. ئۇ تۆمۈرچىلىك دۇكىنىغا بارغۇچە تارام -تارام ئېقىنلاردىن دەريا ھاسىل بولغاندەك ئۇنىڭ كەينىدە خۇددى دەھشەتلىك كەلكۇن سۇيىدەك دەۋرەپ كىلىۋاتقان  قوزغالغان خەلىق توپى ھاسىل بولدى.بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن،قزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلق نەچچە ئونمىڭدىن ئېشىپ كەتتى.خەلىق توپى يەنە داۋاملىق دەۋرەپ كىلىپ سەپكە قېتىلماقتا ئىدى. %'{V%IXQ  
بۇنداق زور ئالامانغا يولباشچى ۋە بايراق بولمىسا بولمايتتى.تۆمۈرچى كاۋە دۇكىنىغا يۈگرەپ كىرىپ تۆمۈرچىلىك قىلغاندا كىيىۋالىدىغان خۇرۇم پەرتۇقىنى ‹‹شارت›› قىلىپ ئېلىپ بىر نەيزىنىڭ ئۇچىغا باغلىدى دە ئۇنى بايراق قىلىپ توپنىڭ ئالدىدا كۆتۈرۈپ قوزغالغان خەلىقنى ئەگەشتۈرگىنىچە پەرىدۇننىڭ يۇرتى ۋە ئۆيىنى تەخمىنى نىشانلاپ باشلاپ ماڭدى. ]{K5zSK  
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئەتراپقا تارقاپ كەتتى.زەھھاكنىڭ چاپارمەنلىرى بۇ خەۋەرنى دەرھال ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشتى.زەھھاك تۇيۇقسىز قوزغالغان بۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ تېزلىكى ۋە شىددىتىدىن مەڭدەپ قالدى.شۇنداقتىمۇ تەدبىر كۆرۈش ئۈچۈن لەشكەرلىرىنى قوزغىلاڭچىلارغا قارشى چىقىرىپ قوزغىلاڭنى دەھشەتلىك باستۇرماقچى بولدى. خەلىق شۇنداق كۆپ قوزغالغان ئىدىكى توسقۇنسىز دېڭىز دولقۇنىغا ئايلانغان ئىدى.ئۇلار قوللىرىغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن قوراللىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرلەپ بارماقتا،قەدەمسىرى غەيرەت جاسارىتى ھەسسىلەپ  ئاشماقتا ئىدى.بۇنداق زور ئالامانغا قارشى قەڭ قىلىش كۈچلۈك بوراننى ئاجىز شامال بىلەن توسىمەن دىگەندەك ئەخمەقلىق ھېساپلىناتتى.شۇڭا بىردەملىك ئۇرىشا ئۇرۇشمايلا پادىشاھ لەشكەرلىرى تەڭ كىلەلمەي چىكىندى. X!U]`Qh  
كاۋە باشلاپ ماڭغان قوزغىلاڭچى قوشۇن پەرىدۇننىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىپ ئۇنى ئۆزلىرىگە يېڭى شاھ قىلىپ تىكلەشتى. كاۋە بولسا چوڭ لەشكىرى سەركەردىلەر سېپىدىن ئورۇن ئالدى.كاۋە ئېلىپ بارغان پەرتۇق بايراقنى يىپەككە ئوراپ،زەردىن بېزەپ ئەتراپىغا گۆھەر ياقۇت  ئالماسلارنى قاداپ  قايتىدىن بېزەپ ‹‹شاھ بايرىقى›› قىلىشتى. بىر تەرىپى سېرىق ۋە كۆك،يەنە بىر تەرىپى قىزىل بولغان بۇ بايراقنى شاھ پەرىدۇن ‹‹كاۋە بايرىقى›› دەپ ئاتىدى.شۇندىن كېيىن ئىران زىمىنىدا بۇ بايراق ئەڭ ئەتىۋارلىنىدىغان بايراققا ئايلاندى.بەىت ئامەتكە زەپەرگە سىمۋول قىلىنىدىغان بولدى. ھەم شۇندىن كېيىنكى دەۋرلەردە كىمىكى تەختكە ئولتۇرۇشقا مۇيەسسەر بولۇپ تاج كىيسە تاج كىيىش مۇراسىمىدا بۇ بايراقنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى ئۈنچە مەرۋايتلار بىلەن يېڭىدىن بىزىتىدىغان بولدى. }7iUagN  
بىر كۈنى شاھ پەرىدۇن شاھانە كۇلاھىنى كىيىپ زەھھاكقا قارشى يۈرۈش قىلىش نىيىتىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ۋە مەسلىھەتىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى: r@|R-Binz  
-ئەي ئانا،ئەمدى ماڭا رۇخسەت قىلىڭ،قوشۇنلىرىمنى باشلاپ زالىم زەھھاكقا قارشى يۈرۈش قىلىشنى، ئاتامنىڭ ۋە بىگۇناھ ئۆلگەن  كىشىلەرنىڭ   قىساسىنى ئېلىشنى باشلاي،ئەمدى سىز مىنىڭدىن ئەنسىرەشنىڭ ئورنىغا ھەر كۈنى ماڭا دۇئا قىلىپ، ئۇلۇغ ئاللاھتىن مىنڭ غەلىبە قىلىشىمنى دۈشمەننىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشۇمنى تىلەڭ. ئەجداتلار‹‹ ئانا دۇئاسى ئوق›› دىيىشىدىكەن.سىزنىڭ دۇئايىڭىز بەركاتى بىلەن ئاللاھ ئىگەم قىساسىمىزنى ئېلىشقا ،زالىم زەھھاكنى دەۋزەخكە يوللاشقا نىسىپ ئەتسە ئەجەپ ئەمەس. Z -pyFK\  
ئانا ئ ۇنىڭ بەختى ئىقپالى جەڭدىكى غەلىبە نۇسرىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىپ ئۇنىڭغا رازىلىق بەردى.پەرىدۇن دۈشمەننىڭ ئاڭلاپ قېلىپ پۇىتا تەييارلىق قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئانچە جار سېلىپ كەتمەي بۇ چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئۈنسىز تەييارلىق قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. =RQ )$ %  
پەرىدۇننىڭ يەنە  بەىتى پىشانىسى ئوڭ،باتۇر ۋە ئاقىل  ئىككى ئۇكىسى بار بولۇپ، بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى كەيانۇش،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى پۇرمايا ئىدى.پەرىدۇن ئۇلارغا دىدىكى: {udrT"h  
ئەي ئەزىز ئىنىلىرىم،تەقدىر قىسمەت بىزگە كۈلۈپ قاراپ ،بەخت ئىقپالىمىزنى ئوڭ قىلماقتا.سىلەر تېزراق چوڭ بولۇپ مىنىڭ ئىشلىرىمغا يار -يۆلەك بولۇڭلار. ھازىر مەن سىلەرگە مۇھىم ۋەزىپە تاپشۇرىمەن.شۇ ئىشنى بىجىرىپ بەرگەيسىلەر. a;56k  
شۇ سۆزدىن كىيىن ئىنىلىرى ۋە باشقا سەركەردىلەر تەرەپ تەرەپتىن  ئۇستا تكمۈرچىلەرنى چاقىرىپ كېلىپ كاۋەنىڭ قوماندانلىقىدا  جىددى ئۇرۇش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كىچەيۇ كۈندۈز نەيزە قىلىچ گۈرزە،يالمان دىگەندەك جەڭ قوراللىرىنى  ياساشقا،لەشكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.تۆمۈرچىلەر  پەرىدۇننىڭ سىزىپ شەكىل نۇسخا كۆرسىتىپ بېرىشى بىلەن ناھايىتى چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك  كالا باشلىق بىر گۈرزە ياساپ چىقىشتى.بۇ گۈرزىنى پەرىدۇندىن باشقىلار قىمىرلىتالماس ئىدى.بۇ دە ل زەھھاك  بۇرۇن چۈشىدە كۆرگەن كالا باشلىق  گۈرزە ئىدى.ئۇنىڭ كالا باشلىق قىلىپ ياسىلىشى خاسىيەتلىك كالا بەرمايەگە سىمۋول قىلىنغانلىق ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىغانلىق ئىدى.گۈرزە پۈتكەندىن كېيىن پەرىدۇن ئۇنى ياسىغان ئۇستىكارلارغا كاتتا مۇكاپاتلارنى بېرىپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋەتتى. بارلىق تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن خاسىيەتلىك بىر كۈننى تەيىنلەپ قوشۇنلىرى بىلەن زەھھاكقا قارشى يۈرۈش باشلىۋەتتى. ])N|[|$  

قەلبىمدە ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى پىنھان ساقلاپ كەلگەن نۇرغۇن يۈرەك مۇڭلىرىم بار.. تۆكىۋېلىپ يىنىكلەپ قېلىشنى خالايمەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى