|
تراگېدىيەگە يوشۇرۇنغان ترگېدىيە JzuP AI تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي QeipfK+me ( مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە) ]:F?k#c يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ 2002-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئارمان» ناملىق رومانىنى قولۇمغا ئىلىپ زورقېزىقىش ئىچىدە ئوقۇشقا باشلىدىم. (ئىلگىرى باشقىلاردىن بۇ رومان توغرىسىدا كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن بەگۈنگە قەدەر ئوقۇشقا مۇيەيسسەر بولالمىغان ئىدىم.) ئوقۇغانسېىرى ئىختىيارسىز ھالدا رومان ئىچىگە كىرىپ كىتىپ باراتتىم... fGMuml?[ e سۆيگۈنۈم سېنى، سېنى تاللايدۇ f
l*O)r يۈرەكتە ھېچ ئارمان قالمايدۇ... &1,{.:@e يانفۇنۇمنىڭ سايرىشى بىلەن كىتاپتىن ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم. ]8ob`F`m, ــ قورسىقىڭىز ئاچمىدىمۇ؟ ئادەتتە قورسىقىڭىز بىردەم ئاچ قالسا چىدىيالمايتىتىڭىز،بۈگۈن كۈن غەرپتىن چىقتىمۇ نېمە؟ شۈنچە ساقلىساممۇ تاماققا چىقايلى دېمىدىڭىز ئاخىر ئۆزۈم تېلىفۇن قىلدىم. 5R/k8UZ بىر يەرلىرىدىن سۇس قىيداش ماراپ تۇرغان بۇ ئاۋاز قىز دوستۇمنىڭ ئىدى. تېلىفۇننى قويۇپلا سائەتكە قارىدىم. تاماق ۋاقتى خېلىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ھاپىلا-شاپىلا سىرىتقا قاراپ ماڭدىم. fD ?w!7f-1 بايا قاتلاپ قويغان بەتنى ئېچىپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم. شۇ تاپتا ياتاقداشلىرىمنىڭ پاراڭلىرىمۇ، كىرىپ-چىققاندا ئىشىكنىڭ ئېچىلىش-يېپىلىشىدىن چىققان يېقىمسىز ئاۋازمۇ قۇلىقىمغا كىرمەيىتتى.لېكىن، رومان ئىچىدىكى كىچىككىنە بىر چۆپنىڭ يەڭگىل تەۋرىنىشىدىن چىققان ئاجىز ئاۋازمۇ قۇلىقمىغا ئىنىق ئاڭلىنىۋاتاتتى. مەن ئۇ ئاۋازنى قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم دېگەندىن كۆرە، يازغۇچىنىڭ يارقىن تەسۋىرلىرىگە ئەگىشىپ تەسەۋۇرۇم ئارقىلىق ئاڭلىدىم دېسەم تېخىمۇ توغرا بولاتتى. vN3uLz'< ئوقۇپ-ئوقۇپ ئون بەتچە قالغاندا چىراغنىڭ تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قېلىشىدىن كەچ سائەت ئون يىرىم بولغانلىقنى بىلدىم. چۈنكى، ياتاقلىرىمىزنىڭ توكى ھەر كۈنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىر تۇتاش ئۆچۈرۈلەتتى. چىراغنىڭ ئۆچۈپ قېلىشى مېنى سەل جىلە قىلىپ قويغان بولسا، ياتاقدېشىم بورھاننىڭ ئۈستەل چىرىغىنى ياندۇرۇپ كىتاپ كۆرۈشكە تۇتۇش قىلىشى بايىقى ناچار كەيپىياتىمنى يىراقلارغا قوغلىۋەتتى. ئاستا ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ چىراغ يورۇقىدىن تەڭ پايدىلىنىپ داۋامىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم. +a}>cAj* ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ رومان كاللامغا كېرىپلاۋالدى. ئىختىيارسىز رومان توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم. كېچىنىڭ تەڭدىن ئاشقانلىقى ئىنىق،لېكىن ھېچ ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس.ئويلا-ئويلا قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىم ئېسىمدە يوق. &)#bdt[ ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا ماڭدىم. كاللامدا يەنىلا شۇ رومان توغۇرلۇق خىياللار ھۆكۈمران ئىدى. ئۇ خىياللىرىمنىڭ ئىچىدە روماننىڭ ئۇتۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىرىمۇ، يېتەرسىزلىكلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدىغان خېلى ۋەزىنلىك تەنقىدى پىكىرلەرمۇ بار ئىدى. ئەنە شۇنداق ئوي-پىكىرلەرنىڭ ئىچىمنى تاتىلاپ كۆڭلۈمدىكىنى ئوبزور شەكلىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاشقا ئۈندىشى بىلەن قولۇمغا قەلەم ئالدىم، ئالدىم-يۇ، سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم.چۈنكى تەنقىد ئىكولوگىيىمىز تەڭپۇڭسىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاسان ھەم ئوبزورچىنىمۇ، يازغۇچىنىمۇ خۇشال قىلىدىغان ئىش بولغان بىلەن، تەنقىدى پىكىرنى ئوتتۇرغا قويۇش يوق يەردىن كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلىك مەسىلە ئىدى.يازماي دېسەم كۆڭلۈم ئۇنىماي، يازاي دېسەم كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋىلىشتىن ئەنسىرەپ، يېزىش-يازماسلىق توغرىسىدا ئىنىق بىر قارارغا كىلەلمەي قاتتىق تىت-تىت بولدۇم. بىر ھازادىن كىيىن مەزكۇر روماننىڭ ئاپتۇرى مۇھەممەتئېلى ھېلىمنىڭ «كۈسەن مەدەنيىتى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان« ‹سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت› ئەمەس» ناملىق سۆھبەت خاتىرسىدە تەنقىد ھەققىدە ئېيىتقان:« ‹ئاتقا مىنگەشمەسلىك كېرەك، مىنگەشكەن ئىكەن، بەرداشلىق بېرىش كېرەك› دېگەندەك ئىجادىيەت سېپىگە قېتىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىز خەلقنىڭ مەنىۋى مۈلكىگە ئايلانغاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ بولۇشى نۇرمال ئەھۋال. بىر قەلەمكەشنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ھەققىدە ماختاش پاراڭلىرىنىلا تەمە قىلىپ يۈرۈشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى كىيىنكى كۈنلۈكتە مەغلۇبىيەت بىلەن خارەكتىرلەيدۇ.» ، «ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ بىر پارچە ئەسەرنى تەھلىل-تەتقىق قىلىپ، ئۇنى ھەر تەرەپتىن باھالاپ چىقمىقى ئاسان گەپمۇ؟ بۇنى ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئاپتۇرغا كۆيۈنۈشى، ئۆز ئەدەبىياتىغا مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىغانلىقى دەپ چۈشىنىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ تەنقىدچىلەرنى ‹كالتەكچى›، ‹قۇسۇرچى›، ‹چوماقچى›... دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىماسلىق كېرەك. گاھىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدكە بولغان قارىشى دوگما ھەم چولتا بولغاچقا، تەنقىدتىن قورقۇش ‹كېسىلى› ئېغىرلاپ، راكقا ئايلاندى ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئىجادىيىتى سۇسلاپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، سۈپەتسىز ئەسەرلەر ئاۋۇپ قالدى.» دېگەن سۆزلىرى تۇيۇقسىز ئېسىمگە كىلىپ بىر تەرەپتىن كۆڭلۈمدىكى تىت-تىلىق تۇمانلىرىنى تارىتىۋەتسە يەنە بىر تەرەپتىن ماڭا ئىلھام، غەيرەت ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن روھىم ئازادىلىككە ئېرشىپ بىر خىل جۇشقۇن كەيپىياتتا قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدىم. 0rj50$~$] *** *** *** A,#a?O6m M5 بۇ رومان نۇرئەلى بىلەن لۇتىفىيەنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىنى ئاساسىي سىيۇژىت لىنىيەسى، قاھار، زاھىر، ئىرشادلارنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى تارماق سىيۇژىت لىنىيەسى قىلىپ ،تەنقىدى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا يېزىلغان بولۇپ؛ ئۇنىڭدىكى ئاچچىق تراگېدىيە ۋە تەسۋىردىكى خاسلىق، روماندا باشتىن-ئاخىر ئاساسىي ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلغان ئازاپلىق كەيپىيات كىتاپخاننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كۈچلۈك سىلكىنىش ھاسىل قىلىپ، كىتابخاننى ئۆز روھىيىتىگە سوغۇققانلىق بىلەن نەزەر سېلىشقا ۋە جەميەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. روماننىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئالاھىدە تەسىر قىلىشىنى ئەسەرنىڭ تۆۋەندىكى مۇۋەپىققىيەتلىرى بەلگىلىگەن: {;E]#=| -VO* P 1.رومان ماۋزۇسىنىڭ چۇڭقۇر مەنىلىك قويۇلىشى
_)=eE (YKkJ ماۋزۇ بەزىدە ئەسەر يېزىلىشتىن بۇرۇن قويۇلسا، بەزىدە ئەسەر يېزىلىپ بولغاندىن كىيىن قويۇلىدۇ. ماۋزۇنى قانداق ۋاقىتتا قويۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىق كېرەك. ماۋزۇ قويۇشمۇ بىر خىل سەنئەت بولۇپ، ئۇ يازغۇچىدىن ئەستايىدىللىق ھەم يۇقىرى بەدىئى دىت تەلەپ قىلدۇ. ئەگەر ماۋزۇ جايىدا قويۇلمىسا بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە ھەم ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەننى جەلىپ قىلىش كۈچىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ماۋزۇغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.مەزكۇر روماننىڭ ماۋزۇسىنى ئالاھىدە بەدىئى دىت بىلەن قويۇلغان ياخشى ماۋزۇ دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى بۇ ماۋزۇ ئىككى ياشنىڭ ۋىسال تاپالماي ئارماندا قېلىشىدىن ئىبارەت تېيىز مەنىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاپتۇرنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئەسەرنىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىگە سىڭدۈرىۋەتكەن چىن مۇھەببەت، گۈزەل ئەخلاققا ئىنتىلىپ ھەقىقىي ئادىمىيلىك قىممەت يارىتىش ۋە ئەمەلدارلىق كۇرسىدا ئولتۇرغانلارنى چېرىكلىكتىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندەش شۇنداقلا مائارىپقا جۈملىدىن ئەۋلادلارغا مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مىللەتنى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئارمىنىنى ئىپادىلەشتەك چۇڭقۇر مەنىگە يۈزلەنگەن. c},wW@SF2W )2mvW1M=7; 2.تراگېدىيەگە يوشۇرۇنغان تراگېدىيە \:|"qk ;/=6~% بۇ روماننى ئوقۇغۇنىمىزدا ئەڭ دەسلەپ كۆزىمىزگە چىلىقدىغىنى نۇرئەلى بىلەن لۇتفىيەنىڭ ھەم قاھار، زاھىرلارنىڭ يالىڭاچ ھالەتتىكى مۇھەببەت تراگېدىيەسى بولىدۇ.ئۇلارنىڭ تراگېدىيەلىرى قەلب تارلىرىمىزغا زەخمەك ئۇرۇپ، بىزنى ئىختىيارسىز ھالدا ئازاپ دېڭىزىغا غەرق قىلدۇ.ئازاپلاردىن مەسىت بولغان ھۇشىمىزنى يىغىپ، باشقا بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق: ئەنە شۇ يالىڭاچ تراگېدىيە نېپىز پەردىدەك توسۇپ تۇرغان غاپىللىق پاتقىقىغا پېتىپ جانسىز ئىڭراۋاتقان مىللىي روھىمىزنى قىسقا، ئىخچام دېتاللار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن باشقا تراگېدىيەلەرنىمۇ كۆرۈپ سوغۇق تەرگە چۆمىمىز. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرېۋىلىشقا بولىدۇكى يازغۇچى بۇروماندا مۇھەببەت تېراگېدىيەسىنى ئىپادىلەشكە قانچىلىك كۈچىگەن بولسا ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان باشقا تراگېدىيەلەرنىمۇ ئىپادىلەشكە شۈنچىلىك ياكى ئۇنىڭدىن بەكرەك كۈچىگەن ھەم ئۇنى ماھىرلىق بىلەن «پەردە» ئارقىسىغا يوشۇرۇپ ئىپادىلىگەن.ئەگەر بۇرومان نۇقۇل ھالدا مۇھەببەت تراگېدىيەسىنىلا ئىپادىلىگەن بولسا ئىنىقكى،ھازىرقىدەك قىممەتكە ئىگە بولالمىغان بولاتتى. رومانىنڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان بۇ تراگېدىيەلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئىككى نوقتىغا بۆلۈش مۇمكىن. ?fmW'vs *e}1KcJ 1) يالىڭاچ ئىپادىلەنگەن تراگېدىيە –مۇھەببەت تراگېدىيەسى d
gRTV E{W(5.kb;i بۇ تراگېدىيە بىر تەرەپتىن ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا ئىشەنمەسلىكى ھەم قىزلارنىڭ ناپاك بولۇپ چىقىشىدا ئىپادىلەنسە يەنە بىر تەرەپتىن مۇھەببەتنى شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇشنىڭ نىقابى قىلىۋىلىشتا ئىپادىلىنىدۇ. Egr'IbB G0&'B6I> نۇرئەلى، قاھار، زاھىرلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قىز دوسىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇلارغا ئۆزى زار بولغان «قىزىل رەڭ» نى كۆرسىتەلمەيدۇ. (نۇرئەلىنىڭ قىز دوستى لۇتفىيەنىڭ ئۇنىڭغا «قىزىل رەڭ» نى كۆرسىتەلمەسلىكى ئۇنىڭ ناپاكلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس ئىكەنلىكىگە بىز شەكسىز ئىشىنىمىز، لېكىن نۇرئەلى بۇنداق ئىكەنلىكىگە باشتا ئىشەنمەيدۇ.) ئۇلار ئەنە شۇ سەۋەپتىن قىز دوسىتلىرىدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. نۇرئەلى لۇتفىيەدىن ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنى ئۇنتۇش ئۈچۈن، گەرچە چولپانغا كۆڭلى بولمىسىمۇ چولپان بىلەن ئارلىشىدۇ. چولپان بىلەن ئارلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر تەرەپتىن شەھۋانىي نەپسى قىستىسا، يەنە بىر تەرەپتىن «قىزىل رەڭ»نى كۆرۈش ئىستىكىدە چولپانغا چاڭ سالىدۇ. ئەپسۇس! ئۇ «قىزىل رەڭ» نى كۆرەلمەيدۇ. ئۇ خىزمەتكە چىقىپ خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەندىن كىيىن يەنە شۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن خىزمەتدىشى ماھىرەگە ھۇجۇم قىلىدۇ. مىڭ ئەپسۇس! بۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ئىلگىرىكىگە ئوپمۇ-ئوخشاش بولۇپ چىقىدۇ. h(MS>= 1G62Qu
$O قاھار مىجەز-خارەكتىر جەھەتتىن ئېغىر-بىسىق، ئۆزىنى تۇتىۋالغان يىگىت بولغاچقا ئىككىنچى قېتىملىق سۆيگىنى زۇلپىيەگە قەتئىي يامان نىيەتتە بولمايدۇ. ھەتتا، زۇلپىيە ئەتەي پۇرسەت يارتىپ بەرگەندىمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ. لېكىن، توي كېچىسى ئۇمۇ ئوخشاشلا «قىزىل رەڭ» پاجئەسىگە دۇچ كىلىپ چىدىغۇسىز خورلۇق، كۆتۈرگىسىز ئازاپلارنى ئىچىگە يۇتىۋېتىپ زۇلپىيە بىلەن داۋاملىق ئۆي تۇتىۋېرىدۇ. Z&Ao;=Gp1 |dI,4Z\Qb زاھىر خىزمەتكە چىقىپ ئۇزاق ئۆتمەي بىر سېستىرا قىزنىڭ كەينىدىن يۈگرەپ ھېرىپ قالغاندىن كىيىن چولپان بىلەن تونۇشىدۇ ۋە مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولىدۇ. ئۇ قىزلارغا ئىشەنمىگەچكە ئاۋال «چاقماق سىلىپ» بېقىپ ئاندىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى ئويلايدۇ. ئۇ چولپاننى سىناپ باققاندا ساختا «قىزىل رەڭ» نى كۆرۈپ بېشى كۆككە يېتىدۇ. (ئۇ بۇنىڭ چولپاننىڭ پاراتتېن ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ھېلىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتى.) k*Vf2O3${ A.@Af+ بۇ ئۈچ يىگىتنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسىگە نەزەر سالساق: ئۇلار ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ لۇتفىيە، تۇنساقىز، گۈلجەننەت، چولپان (بۇ باشتا نۇرئەلى بىلەن، كىيىن زاھىر بىلەن ئارلىشىدۇ) ماھىرە، زۇلپىيە قاتارلىق 6قىز بىلەن ئارلىشىدۇ. بۇ قىزلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت لۇتفىيەلا پاك، قالغان بەشى ناپاك قىزلار. بۇ نېمىدېگەن ئاچچىق تراگېدىيە ھە!؟ تېخى زاھىرنىڭ «قىزىل رەڭ» نى كۆرگەندىكى خۇشاللىقىچۇ؟! ئۇ خۇددى «قىزىل رەڭ» توي قىلمىغان قىزلاردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە ئەمەس بەلكى، كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان گۆھەردەك، ئۆزى بولسا ئالاھىدە ئىلتىپاتقا ئېرىشپ، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئۇچرىمايدىغان ياخشى بىر مۆجىزىگە يولۇققاندەك ھېسسىياتقا كىلىپ خۇشاللىقىتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي كىتىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن چولپانغا بولغان مۇھەببىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئايرىلالمايدىغان ھالەتكە كىلىپ قالىدۇ. يازغۇچى زاھىرنىڭ كۈلكىسىگە يوشۇرغان بۇ تراگېدىيە يىگىتلەرنىڭ جېنىنى چىقىرىدۇ. ئەسلى، توي قىلمىغان قىزلاردىن «قىزىل رەڭ» نى كۆرۈش تەبىئى ئەھۋال يەنى ئادەتتىكى ئىش بولۇشى كېرەك ئىدىغۇ! لېكىن ئەمدىلىكتە ئۇ نېمە ئۈچۈن؟ زادى نېمە ئۈچۈن؟! شۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ! بۇ ھەممىمىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلە. بەلىكم، « بۇ بەك مۇبالىغە بولۇپ كېتىپتۇ» دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن.توغرا، بۇ دېگەن ئەدەبىي ئەسەر بولغاندىن كىيىن گەرچە مەنبەسى ئىجتىمائى تۇرمۇش بولسىمۇ لېكىن، بەدىئىي پىششىقلاش، تىپىكلەشتۈرۈش ئارقىلىق رېئاللىقتىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ھېچقايسىمىز «رېئاللىقتا بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس» كېسىپ ئېيتالمايمىز. o dTg.m JwMFu5 @ ئۇلار ھە دېسىلا شەھۋانىي نەپسىگە مۇھەببەتتىن ئىبارەت مۇقەددەس توننى كىيدۈرۈپ قويۇپ، مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ ھەم قۇدرەتلىك كۈچىنى ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. مۇھەببەتكە مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. مەسىلەن: نۇرئەلى چولپان بىلەن يۈرۈپ يەنى مۇقەددەس تونغا ئىگە بولىۋىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي شۇنداق قىلىدۇ. ئۇ ماھىرە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىمۇ ئوخشاشلا شۇ ئۇسۇلنى تەكرارلايدۇ. ? =a, oq3{q «ــ مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟ـــ ماھىرە بوش ئىڭرىدى. ?7CHHk U**v'%{s ــ ھەئە ... ـــ نۇرئەلى پەرۋاسىزلارچە شۇنداق دېدى. GYM6 ` D|rcSa.M ــ تەلەپ قويمىدىڭىزغۇ؟ ـــ دېدى ماھىرە ئەركىلەپ. Qpaan SP
|R4*KY ــ ئەمدى قويساممۇ كېچىكمەيمەن، بىز يۈرۈپ قالايلى بولامدۇ؟ VG+WVk Z/>0P* F ــ ماقۇل، مېنى ئالامسىز؟ `GD>3- ]\_T ــ بويتاقچىلىق جېنىمغا مىختەك پېتىۋاتسا ئالمامدىغان. U&<Nhh E?+MM0 ــ مۇشۇ يەردە ئۆي تۇتامدۇق ... ـــ ماھىرە ئېزىلىپ سۆزلىدى. kW=GFj)L ]{<`W5b/ ــ بۇ يەردە تۇتماي، تاشقى پلانېتىدا تۇتامدۇق ئەمىسە؟ [# '38 7~V,=WEe ــ دەيمىنا ...» (رومان 246-بەت) ئۇلار مۇشۇ دىئالوگدىن كىيىنلا ئىشنى باشلايدۇ. +s'qcC #+-
/0{HT زاھىر بىلەن چولپانمۇ ئوخشاشلا شۇ مۇقەددەس توننى كىيىپ بولۇپ ئاندىن مەقسىتىگە يېتىدۇ. a|x1aN0 <
+QX Gz1 بىزنى يەنە مۇنۇ بىر ئىشمۇ ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. چولپانمۇ، ماھىرەمۇ نۇرئەلى بىلەن ئىلگىرى-كىيىن بىر مەزگىلدىن ئارلىشىپ خېلى ۋاقىتلارغىچە ھايۋانى نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرىدۇ. كىيىن نۇرئەلىدىن ئايرىلىپ كېتىش تەلىپىنى ئاڭلىغىنىدا بولسا، ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىلچىمۇ ئازاپلانماستىن پەرۋاسىز ھالدا ئايرىلىپ كېتىدۇ. ئۇ ئىككسى يەنە ئوخشاشلا نۇرئەلى بىلەن ئاتالمىش مۇھەببەت مۇناسىۋېتىنى ئۈزگەندىن كىيىنمۇ يەنىلا خىلى بىر مەزگىللەرگىچە جىنسىي مۇناسىۋېتىنى ئۈزۈپ قويمايدۇ. خۇشاللىقنى پەقەت ئەنە شۇ مۇناسىۋەتتىن ئىزدەيدۇ. ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن پەرقى بولمىغان بۇ خىل ئېڭى بىر تەرەپتىن بىزنى يىرگەندۈرۈپ غەزەپ-نەپرىتىمىزنى قوزغىسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇھەببەتكە مەسئۇليەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، جىنسىيەت ھېڭىدىن نېرى تۇرىشىمىز كېرەكلىكىنى تەخىرسىز ھالدا ئېسىمىزگە سالىدۇ. WD^!G;} rK%A=
Q 2) «پەردە» ئارقىسىدىكى تراگېدىيە - باشقا تراگېدىيەلەر ByrK|lVM0 b
nz2\C9^ «مىللەتنىڭ كەلگۈسى مائارىپقا باغلىق»، « دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاساسى ــــ مائارىپتا» دېگەن ھېكمەتنى تونۇپ يەتكەن ئاپتۇر، مائارىپىمىز ھەققىدە چۇڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ،مائارىپ سېپىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئېچىپ تاشلايدۇ. ئاپتۇرنىڭ مائارىپ سېپىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى بىرنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە پاش قىلىپ بېرەلىشى بەلكىم، ئۇنىڭ مائارىپچى بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. روماندا مائارىپىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەر توغۇرلۇق خىلى كۆپ تەپسىلاتلارنى ئۇچرىتىمىز. مەسىلەن: مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەكرەمنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى، ئادالەتسىز، تەكەببۇرلۇقى ھەققىدە بىر-نەچچە تەپسىلاتلار بېرىلگەن. ئەكرەم يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا ئادىل بولمايدۇ، يۇقىرنىڭ سىياسەتلىرىنى توغرا ئىجرا قىلمايدۇ. نۇرئەلى ھال ئېيتىپ كەلسە كۆزىگە ئىلىپمۇ قويماي ناھايتى قوپال مۇئامىلە قىلىدۇ. نەتىجىدە نۇرئەلىنڭ غەزىپى تېشىپ، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ سۆزلەپ ئۆزى ئويلىغان ھەققانىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇ باشلىق(ئەكرەم)نىڭ شالتىقى بولغاچقا سەل پەسكۇيغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭغىچە ئەكرەمگە خۇشامەت قىلىدىغان بىرسى كىلىپ نۇرئەلىنى سالا قىلغان بولۇپ نۇرئەلىنى سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئەكرەم توغۇرلۇق يەنە بىر تەپسىلات: چولپان ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن ئىشخانىسىغا ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ ناز-كەرەشمە بىلەن سۆزلەيدۇ. ئەكرەم بولسا خۇددى ئۇنى ھازىرلا تىرىك يەپ كېتىدىغاندەك، كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتقان پېتى ئۇنىڭغا قارايدۇ. چولپان ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىپ قويۇش بەدىلىگە شەھەردىكى بىر مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ. ئەگەر ئەكرەم ھەقىقىي ئادىل بولۇپ خىزمەتكە بۆلگەن بولسا، قورسىقىدا ئۇمىچىنىڭ تايىنى بولمىغان چولپان ھەرگىزمۇ شەھەردە قالالمىغان بولاتتى. ^0/FZ)V8 \tj7Jy « ‹ئاھ خۇدا،ـــ دەپ نىدا قىلاتتى ئۇ، ـــ شەكلىي مائارىپ بىر پۈتۈن مىللەتنى ۋەيران قىلىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا مىللەتنىڭ قىيامىتى باشلىنىدۇ.توغرا، ھازىر نەق قىيامەت شەپىلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. قىيامەت ھەر بىر قوۋمنىڭ ئۆزىنى تونۇماسلىقىدىن بولىدۇ. مىللىي مائارىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىنى تاپالمايۋاتىدۇ. مائارىپتىن ئايرىلغان مىللەتنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ...› » ( رومان 224-،225-بەت) ئاپتۇر نۇرئەلىنىڭ يۇقارقى مونۇلوگى ئارقلىق مائارىپىمىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېىتۋاتقان ھالىتىنى كۆرسىتىپ بەرسە، تۆۋەندىكى دىئالۇگى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلاردا ساقلانغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ' {L5 3cH= t?:} bw+m «ــ مۇدىر بىز شەكىلۋازلىققا بەكرەك ئېتىبار بېرىپ كېتىپ بارىمىز، ياسالمىلىق، بىغەملىك ھامان بىزنى ھالاك قىلىدۇ. ئۆتكەندە شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر سۈپەت تەكشۈرۈش ئىمتىھانى ئالغىلى چىققاندا، سىز ئۇلارنى ئاشخانىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتىڭىز، بىز بولساق ئوقۇغۇچىلارنى ئاشكارە كۆچۈرۈشكە ئاتلاندۇردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرس پىرسەنتى ئۆزلەشمىسە تۇتىدىغان تۇتىدىغان پۇلدىن قورقۇپ، بىر-بىرلىرىگە بەكرەك غەيرىي مېھرىبانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھازىر ئوقۇغۇچىلار بەكمۇ خاتىرجەم، ئىمتىھان دېسە قورقۇپمۇ قويمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار كىتابنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلۈك ھالدىلا ئوقۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى گاللاشتۇرۇپ قويىۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ...» (رومان 225-بەت) يۇقارقى بايانلار ھەرگىزمۇ روماندىكى بىر پىسۇناژ (نۇرئەلى)نىڭ ئاددى ھالدىكى بايانى بولماستىن بەلكى، ئاپتۇرنىڭ ۋىجدان ئوچىقىدا تاۋلىنىپ، مىللىتىمىز ئۈچۈن گۈپۈلدەپ سوقىۋاتقان يۈرىكىنىڭ دادىل خىتابى! بۇ سۆزۈمگە ئاپتۇرنىڭ مەزكۇر روماننى پۈتتۈرۈپ 9يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە يازغان « رەيھان ئاپپايغا ئوچۇق خەت»ئى ( «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» نىڭ 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.) پاكىت بولالايدۇ.بۇ روماندا پاش قىلىنغان بىر قاتار مەسىلىلەر بىلەن ئۇ خەتتە ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلەردە ئوخشاشلىق بار. ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ئاپتۇر ئۆز پىكىرىنى روماندا ئوبرازلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋاستىلىك ئەكىس ئەتتۈرسە، خەتتە لوگىكىلىق تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق بىۋاستە ئوتتۇرغا قويغان. ئاپتۇر يەنە مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ئادالەتسىزلىك، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى ساپاسىزلىقنى تۆۋەندىكى بايانلار ئارقىلىق نەزىرىمىزگە سۇنغان. Lbka*@ cY|?iEVs) « نۇرئەلى ئۆز-ئۆزىگە قايناپ سۆزلەپ ئىچ ئاغرىقى تارىتتى. ئۇنىڭ دەردىگە دەرمان بولغۇدەك ئادەم چىقمايۋاتاتتى. شەكىلۋازلىق خارەكتېرىنى ئالغان ئورۇنسىز، نەتىجىسى يوق پىلانلار، دەرس قالدۇرغان، ‹سىيماسى› دېگەن سۆزنى ‹ سىياسىي› دەپ، <Ⅹئەسىر> دېگەننى ، ‹ئېكىس ئەسىر› دەپ دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇدىرغا يىقىن بولغانلىقى، گېلىغا تىقىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا مۇنەۋۋەر سايلىنىشلىرى، تەڭسىز تۈزۈملەر، بولىۋاتقان ناھەقچىلىكلەر ئۇنى ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك قىلدى.»(رومان 228-بەت) بىز يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا بىر تەرەپتىن مۇدىرنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە ئېچىنساق يەنە بىر تەرەپتىن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىزلىقىغا تېلىقىپ كۈلىمىز. BULf@8~( )T1U!n?^x « ئۇنىڭ (بىر ئوقۇتقۇچىنى دېمەكچى) چېچى ‹بالىلارنى قانداق قىلسام ياخشى تەربىيىلەيمەن› دېگەن غەمدىن ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىشنىڭ غېمىدە چۈشۈپ كەتكەندى.» ،(رومان 298-بەت) «ــ ئۆزۈڭمۇ ئېتىراپ قىلدىڭ ئاينا، مىللەت، ۋەتەن دەپ ساراڭ بولۇۋېلىپ نېمە كەپتۇ ئەمدى، قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز پۈتۈن تۇرسا ئايمۇئاي مائاشىمىزنى بېرىۋاتسا، تېخى مائاشىمىزنى ئۆستۈرىۋاتسا،يەنە نېمە دەرد، ئۇلار راسىت ساراڭكەن.» (رومان 299-بەت) يازغۇچى يۇقارقى بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەۋلاد تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ماددى مەئىشەتكى بېرىلگەن، پۇل- مالنى خىزمىتىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى قىلىۋالغان بىر ئوقۇتقۇچىنىپ پروتوتىپىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىدۇ. بىز ئۇ ئوقۇتقۇچىغا قاراپ چۇڭقۇر «ئۇھ» تارتىپ، بىر ئۈمىدسىزلىنىش ھېسسىياتىدا باش چايقايمىز.ئەنە شۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئادەم قانداقراق بولۇپ يېتىشىپ چىقماقچى؟ بۇنىڭ جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان.
`.dX@<
+*2 ]R~"M ئاپتۇر مائارىپىمىزدىكى يۇقارقىدەك بىر قاتار ئاجىز ھالقىلارنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن باشقا يەنە جەميىتىمىزدە ئەدەپ كەتكەن ھەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك، خۇنۇكلەشكەن ئەركەكلىك روھى، ئاياللاردىكى ئەبجەشلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەرنى شۇنداقلا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا بولمىغان پەرزەنىت تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى كۆزىنى مىت قىلماستىن تەنقىدلىگەن. 4+ BWHV )[d?&GK نۇرئەلىنىڭ «ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئۆلىۋاتقان ئىتقاد» دېگەن كىتابى نەشىردىن چىققاندىن كىيىن، جەميەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ئىچى تار، ھەسەتخۇر بىر قىسىم كىشىلەر «كۆچۈرمىچى» دېگەندەك پىتنە-ئىغۋالارنى تارقىتىپ نۇرئەلىنىڭ ئۈستىدىن گەپ ئۈستىدىن گەپ تاپىدۇ. بۇ روماندا بەزى كىشىلەر قەلبىدە ياۋا شاختەك باراقسانلاپ كەتكەن ھەسەتخورلۇقى نۇرئەلىنىڭ چۈشى ئىچىدىكى تۆۋەندىكى كارتىنا ئارقىلىق بېشارەتلىك ئىپادىلىنىدۇ. WoVPp*zlX vUEG0{8l « بىر چاغدا قورۇ ئىچىگە ئۇنىڭ بىر بۇرادىرى ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى سۆرەپ كىردى. ‹ـــ بۇنى يەۋىتەيلى، ـــ دېدى ئۇ ۋەھشىي ھەم مەغرۇر ھالدا، ــئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭ شۆھرىتى مېنىڭدىن ئېشىپ ، باشقىلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ھازىرمۇ ئۇنىڭ نامىنى كىشىلەر تىلغا ئىلىپ يۈرۈيدۇ.› ئۇ شۇنداق دەپلاگۆشكە ئۆزىنى ئاتتى » (رومان 426-بەت) hk
=nXv2M +gZg7]!Z ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا بولمىغان پەرزەنىت تەربىيەلەش ئۇسۇلى مىللىتىمىزنىڭتەرەققى قىلىشىدا پاسسىپ رول ئوينايدىغان يەنە بىر ئامىل. نۇرئەلى مۇنۇ سۆزلىرى ئارقىلىق ئانىسىنىڭ پەرزەنىت تەربىيەلەشتىكى نا توغرا ئۇسۇلىغا ئىتراز بىلدۈرىدۇ. `SdvXn Y$3 &?LA « ــ ئاپا، ـــ دېدى نۇرئەلى يىغلىغۇدەك بولۇپ، ـــ سەن ماڭا خۇشامەتقىلىپ، باشقىلارغا كۈچۈكلىنىپ ياشاشنى ئەمەس، بەلكى پاك ۋىجدان، ئىمان،ئېتىقاد بىلەن ياشاشنى ئۆگەت.» (رومان 291-بەت) J!O{.v k9>2d' Q نېمە ئۈچۈن جەميىتىمىزدە قىز- يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى بىنۇرمال مۇناسىۋەت ئەۋىج ئالىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەڭ دەسلەپ ئاتا-ئانىلاردىن ئىزدەش كېرەك. بۇ دېگىنىم ھەرگىزمۇ ھەممە مەسئۇليەتنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەپ قويۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن ئاتا-ئانىلار كۆپرەك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەنلىك. چۈنكى ئائىلە تەربىيەسىمۇ مەكتەپ تەربىيەسى ھەم جەميەتنىڭ بىۋاستە تەسىرىگە ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.ئەسلى ئانىسى قىزىغا، دادىسى ئوغلىغا مۇھەببەت، جىنسىيەت تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇلار «پەردىشەپ» دەپ ئولتۇرۇپ كۆپىنچە ئائىلىلەردە بالىلارنى شۇ خىل تەربىيەدىن مەھرۇم قىلىپ قويدى. نەتىجىدە بالىلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنىڭ توغر،ا ئىنىق بولۇشىى ئەمەلگە ئاشمىدى. ئۇلاردا بۇ خىل ئاجىزلىق بولغاچقا، يات جىنىسقا قېزىقىشتىن باشلانغان ۋەسۋىسە جەميەتنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى قوبۇل قېلىۋىلىش بىلە يۇقىرى پەللىگە يىتىپ، قىز –ئوغۇللارنى جىنسىيەت ھېڭىغا غۇلىتىۋەتتى. ئاپتۇر بۇ تەرەپنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماي، روماندا تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىگەن: 5*M3sN }I3 ZNd « ئاجايىپ ئىش، نېمە ئۈچۈن ئاتا-بالىلار مۇھەببەت قاراشلىرىنى ئۆز-ئارابىمالال ئورتاقلىشالماي، ئۇ گەپنى دېيىشسە خۇددى پۈتۈن ئەپتى – بەشىرىسى ئېچىلىپ كېتىدىغاندەك قىلىشىدۇ؟ مانا مۇشۇنداق ساختىلىقلار تۈپەيلى قىزلار يىگىتلىرى تەرىپىدىن تاشلىنىپ ياكى ئائىلىسى بۇزۇلغاندىن كىيىن، بىر سىقىم پۇل ئۈچۈن يامان يولغا كىرىپ قالىدۇ. ئوغۇللار قىزلارغا ياۋايى ھەۋەستە قارايدىغان، تۇرمۇشلۇق بولغاندىن كىيىن، خوتۇن- بالىلىرىنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قالغىنى بىلەن كارى يوق، سەتەڭلەرنىڭ كەينىدىن لالما ئىتتەك سوكۇلدايدىغان ھەم ئۇلارغا ئايىماي پۇل خەجلەيدىغان ھايۋانسىمان ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ ...» (رومان397 -بەت) Y nD_:ZK >3{#S: جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئەر –ئاياللار ئۆزىنىڭ كىملىكنى ئۇنتۇپ، خارەكتىرىدىكى ئالىيجاناپلىقنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئاياللار ئاياللىق لاتاپىتىنى يوقاتسا، ئەرلەر ئەرلىك سالاپىتىنى يىتتۈرۈپ، ئەركەكلىك مىجەز – خارەكتىرنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. تۆۋەندىكى كىچىك –كىچىك كارتىنىلار ئارقىلىق بۇنى چۈشىنىپ يېتىش مۇمكىن. DGR[2C)@N 0\qLuF[) « مۇزىكا باشلانغاندا ئەرلەر ئاچ قالغان بۆرىدەك پاتپاراق بولۇشۇپ، ئاياللارغاتاشلاندى.بىرقىسىم ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە بۆشۈك تەۋرىتىپ قالغان ئەرلىرى ئاياللىرىنىڭ ئىچىشۋازلىق قىلىپ، كىملەر بىلەن كۆز قىسىشىۋاتقانلىقىدىن، ئۆزىگە تەۋە بەدەنلەرنى قانداق قوللار سىيلاپ ئۆزىگە تارتىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى.» (رومان 343-بەت) ئاپتۇر بەزى ئەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەسلى بولۇشقا تېگىشلىك ئەرلىك خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ، ئايالىنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا قاتتىق ئىچىنىدۇ. Y^ Of g8=j{]~C « يامان خوتۇن باشقا بالا، ھازىرقى ئەرلەر تاپقىنىنى خوتۇنىنىڭ ئۇچىسىغا ئارتىپ، ئۆزلىرى مۈكچىيىپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. كۆرىۋاتىمىزغۇ، خوتۇن دەستىدىن ئاتا-ئانىسىنى ئۆيىگە بىر قېتىم چىللاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئەرلەرنى. ئەينى ۋاقىتتا مەن – مەن دەپ يۈرۈيدىغان ئوغۇل بالىلار ھازىر خوتۇنىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، خېنىم مىجەز بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. بەزىلىرى خوتۇنىنى دەپ ئاتا – ئانىسىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ. بىر قىسىم ئەرلەر خوتۇنى تالادا نايناقشىپ يۈرسىمۇ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرىشىۋاتىدۇ. بەزى ئەرلەر خوتۇنى چايغا كەتكەندىلا ئاغىنىلىرىنى ئۆيىگە باشلاپ كىرىدۇيۇ، لېكىن سائەتكە تولا قاراپ بىسەرەمجانلىق ئىچىدە ئولتۇرىدۇ.بىرەرسى ئاغىنىلىرىنى ئۆيىگە باشلىغاندا، دوسىتلىرى ‹خوتۇنۇڭ بارمۇ؟› دەپ سورىشىدۇ، ‹يوق› دېسە، ‹ ئۇھ› دېيىشىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىدۇ، مۇشۇمۇ كۈن بولدىمۇ؟ ...» ( رومان 267-، 268-بەت) « ئايالىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ياشىغان ئەر ئۆز گۆرىنى ئۆزى قېزىۋاتقان ئەردۇر. سەن ئايالىڭنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمىساڭ، تۇرمۇشۇڭ بەخىتلىك بولىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى خوتۇنلار ئەر، ئەرلەر خوتۇن بولىۋاتقان جاھاندا ...» (رومان 378-، 379-بەت) ئاپتۇر بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدىكى ئەنە شۇنداق روھى ئاجىزلىقلارنى مۇھاكىمە تۈسى قويۇق، مەسخىرە، تەنە خارەكتىرىنى ئالغان ئاچچىق بايانلار ئارقىلىق شەپقەتسىزلىك ئېچىپ بېرىدۇ. '?j[hhfB- tu4-##{ بىز ئادەتتە دېھقانلارنى ئاقكۆڭۈل، ساددا دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن تەرىپلەيىتتۇق. لېكىن بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،جەميەتتىكى پاسسىقلىقلار ئۇلارنىڭ روھىيىتىگىمۇ قارا قولىنى سوزۇپ ئۈلگۈردى. %4bGI/\/ ,@\$PyJ « ــ ئۇنى ئۇرسا ساڭا نېمە دەز كەتتى. نېمانچىلا ۋارقىرايسەن؟ ئىچىسەك نەچچە رومكا ھارىقىڭنى ئىچتۇق ... مەھەللىگە بېرىپ ئۇنىڭ خوتۇنىنى جايلايمىز قانداق، شۇ تاپتا مېنى قوتاندا ساقلاپ تۇرامدۇ تېخى ...» ( رومان 151-بەت) A7`+XqG [6ycs[{! نۇرئەلى ئىرشاد، ياسىن قاتارلىق بىر – نەچچە دېھقان يىگىت بىلەن بىللە ھاراق ئىچىدۇ. ئۇلار ئازراق تەڭشەلگەندىن كىيىن ئىرشاد بىلەن ياسىن ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. ياسىننىڭ تاياق يېگىنىنى كۆرۈپ ، نۇرئەلى زەردە بىلەن گەپ قىلغاندا، يۈسۈپ بايىقى گەپنى قىلىدۇ. QPD[uJ
(I "dkDT7 دېھقانلار ھەققىدە يەنە مۇنداق بايانلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. «ئۇلار شۈنچە نامرات بولسىمۇ، سېخىي، مەرد. بەزى شەھەرلىكلەردەك ئالدامچى، ۋاپاسىز، كاززاپ ئەمەس، بىراق ئۇلارنىڭ قولى ئازراق پۇل كۆرسە قىمار ئوينايدىغان، شەھەردىكى ئويۇنچى خېنىملارنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈيدىغان قاملاشمىغان قىلىقلىرى پەقەتلا دىتىمغا يەتمەيدۇ.» ( رومان 154-بەت) بىز يۇقارقى بايانلاردىن بىر قىسىم دېھقانلاردىكى بولمىغۇر ئىللەتلەرنى كۆرىۋالالايمىز.
h!~Qyb>W ]QJN` ;b0 3.ئىنسان روھىنى قېزىشقا تىرىشقان F
`4a0~? 6L/` بىزدە: « بىرسى بىلەن بىر تاغار تۇزنى بىللە يېسەڭمۇ ئۇنى چۈشىنىپ بولالمايسەن» دەيدىغان گەپ بار. مېنىڭچە بۇ سۆز ناھايتى توغرا ئېيتىلغان. چۈنكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنى ئاسانلىقچە چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئىلگىرىكى بىر قىسىم پروزا ئەسرلىرىمىزدە ئىنسان روھىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلماستىن ئەسەردىكى پىرسۇناژنى ئىجابى ھەم سەلبىيدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ تەسۋىرلەشتەك مەسىلە ساقلانغان ئىدى. بۇنداق تەسۋىرلىگەندە قارىماققا ئەسەرنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرغاندەك، پىرسۇناژنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەندەك قىلغان بىلەن لېكىن ئەسەرنىڭ چىنلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ ھەقتە مول-ھوسۇللۇق، پىشقەدەم ئوبزورچىمىز ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئاكا « ئىنسان خارەكتېرى قىلىپقا چۈشەمدۇ؟» دېگەن ماقالىنى يېزىپ، پىرسۇناژنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ تەسۋىرلەشكە رەددىيە بەرگەن ئىدى. vY"i^a`f ZRy'lW ئاپتۇر بۇ روماندا خۇددى ئۆزى ئېيىتقاندەك « جېنى بار ، قېنى بار» پىرسۇناژلارنى يارىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۇ، ئۆز پىرسۇناژلىرىنى قىلىپتىن ئازاد قىلىپ، پىرسۇناژلار ئىچىكى دۇنياسىنى مۇۋاپىققىيەتلىك ھالدا يورۇتۇپ بەرگەن. نۇرئەلى، لۇتىفىيە، چولپاندىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي پىرسۇناژ بۇنىڭ تېپىك مىسالى بولالايدۇ. P
\rA>ZY ;irAq| نۇرئەلىنىڭ لۇتىفىيەگە ئىشەنمەي ئاخىرى ئۇنىڭ ئىپپىتىگە تېگىشى، لېكىن ئۆزى ئىزدىگەن «قىزىل رەڭ» نى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا لۇتىفىيەنىڭ ھەر قانداق قەسەملىرىگە، يېلىنىشلىرىغا قىلچىمۇ پىسەنىت قىلماي ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىشى. ئايرىلىپ كەتكەندىن كىيىن لۇتىفىيەنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە باشقا قىزلار بىلەن بىنۇرمال مۇناسىۋەت قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرۈشلىرى، لۇتىفىيەنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەت دەستىدىن ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولۇشى ئۇنىڭ سەلبىي تەرىپىنى ئىپادىلەپ كۈچلۈك نەپرىتىمىزنى قوزغايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ روھىيىتدە ئىجابىي ئامىللارمۇ بار. ئۇ مەيلى قانداق ۋاقىتتا، قانداق شارائىتتا بولسۇن لۇتىفىيەدىن باشقا ھېچقانداق بىر قىزغا كۆڭۈل قەسىرىدىن ئورۇن بەرمەيدۇ. بىر تەرەپتىن لۇتىفىيەدىن گۇمانلىنىپ تۇرسىمۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك قەلبى بىلەن تەلپۈنىدۇ. ئۇنىڭ پاكلىقغا كېچىكىپ بولسىمۇ ئىشىنىدۇ. ?*/1J~<(@ 7Eo;TNbb لۇتفىيە باشتىن-ئاخىر ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولىدۇ. مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ. بېشىغا قانچىلىك ئېغىر كۈنلەر كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ئەنە شۇ پاك مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەممىگە بەرداشلىق بېرىپ ياشايدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئىجابى خارەكتىرى ئوقۇرمەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرىدۇ. لېكىن، بۇنىڭمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەرىپىمۇ بار. ئۇ نۇرئەلى بىلەن ئەخلاقىمىزغا مۇخالىپ ئىشنى قىلىدۇ. ئۇ بىرىنچى قېتىمقىسىنىغۇ « ئامالسىزلىقتىن، نۇرئەلىگە ئۆزۈمنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىلدىم» دەپ ئۆزىنى ئاقلار. ئەمما كىيىن تالاي قېتىم تەكرارلانغان ئۇ ئەخلاقسىز قىلمىشىدىن ئۆزىنى ئاقلاپ چىقالمايدۇ. ئۇ ھەر قېتىم نۇرئەكى بىلەن كۆرۈشە-كۆرۈشمەيلا شۇ ئىشقا زار بولىدۇ، ئالدىرايدۇ.مانا بۇ ئۇنىڭ خارەكتېرىدىكى پەسكەشلىك يەنى سەلبىي تەرەپ. -)%gMD~z1 2[X\*"MQ2 چولپانغا كەلسەك، ئۇ ئوغۇللارغا قاش-كۆزىنى ئوينىتىپ ئۆز ئىپپىتىنى ئۆزى دەپسەندە قىلىپ ياشايدىغان،تېنىنى ياخشىراق كۈن كۆرۈشنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغان شاللاق قىز. بىز يازغۇچىنىڭ تەسۋىرلىرىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ روھىيىتىگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭدىمۇ ئازراق بولسىمۇ قىممىتىنى قەدىرلەش روھىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىمىز. مەسىلەن: زاھىر (چولپاننىڭ يولدىشى) نىڭ ئىدارە باشلىقى سايىم، زاھىرنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ چولپانغا يامان نىيەتتە بولىدۇ، بۇ چاغدا چولپان ھەر خىل چارە-ئاماللار بىلەن سايىمدىن قۇتۇلۇپ قەدىر-قىممىتنى ساقلاپ قالىدۇ. كىيىنكى قېتىم ئۇ سايىمنىڭ بىر تۇتام پۇلىغا ئالدىنىپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلىدۇ. لېكىن سايىم كەتكەندىن كىيىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىپ، تېزىنى قۇچاقلىغىنىچە يېغلاپ كېتىدۇ. دېمەك چولپاندا سەلبىي خارەكتىر بولۇپلا قالماي ئىجابىي خارەكتىرمۇ بار. &C |